موماي بوينىغا قەغەزدىن ياسالغان گۈلچەمبىرەك ئېسىلغان ھالەتتە تەختىراۋاندا تىككىدە ئولتۇراتتى. چېركاۋنىڭ سايىسىدا يانچۇقىغا سېلىۋالغان يېمەكلىكلىرىنى ئاغزى بېسىقماستىن يەيىتتى. چاپىنىنىڭ ئىچىگە بېرزىنتتىن تىكىلگەن جىلىتكە كىيىۋالغان بولغاچقا، بېلىنىڭ ئۈستۈنكى قىسىمى يەنە سەمىرىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى، جىلىتكىسىگە زىخچە ئالتۇنلارنى ئوق تاسمىسىغا ئوخشىتىپ قاتىرىسىغا ئېسىۋالغانىدى. ئايدەك ياسانغان ئېلوندىرا مومىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى، پۇتى بىلەن بوينىغا يەنە ھېلىقى ئىت باغلايدىغان زەنجىر سېلىقلىق ئىدى. - تولا زارلانما،- چېگرا شەھەردىن قوزغالغاندا موماي قىزغا شۇنداق دېدى،- سېنىڭمۇ خانىشلارنىڭكىدەك كىيىملىرىڭ، ياسىداق كارىۋىتىڭ بار بولىدۇ، ئۆزۈڭگە تەئەللۇق ئوركېستېرىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ تاشايىنىدا يەنە 14 ئىندىئان خىزمىتىڭنى قىلىدۇ. سېنىڭچە بۇ قالتىس ئىش ئەمەسمۇ؟ - شۇنداق موما. موماي گېپىنى يەنە داۋام قىلدى: - كۆزۈم يۇمۇلغاندىن كېيىن، ئەرلەرنى كۈتۈپ يۈرمەيسەن، چوڭ شەھەرلەردە ئۆزۈڭگە خاس ئۆيۈڭ بولىدۇ، تولىمۇ ئەركىن، بەختلىك ياشايسەن. بۇ گەپلەر ئۆز ئىستىقبالى ھەققىدە زىنھار ئويلىنىپ كۆرمىگەن ئېلوندىرا ئۈچۈن يېڭىچە بىر مەنزىل ئىدى. موماي قەرزنىڭ گېپىنى تىلغا ئالمايدىغان بولۇپ قالدى، ئوقەت يۈرۈشۈپ بەرگەنسېرى موماينىڭ قەرز ھەققىدىكى چوتلىرىمۇ سۇسلاپ قالغانىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئېلوندىرا كۆڭلىدە ئويلاپ يۈرگەنلىرىنى تېشىغا چىقارمىدى، ئۇ بۇ خورلۇقلارغا جىممىدە سۈكۈت قىلماقتا ئىدى. موماي گويا بىر پالچىدەك، قىزنىڭ ئالدىدا كەلگۈسى ئىستىقبالى ھەققىدە توختىماي ۋالاقلايىتتى. بىر كۈنى ئۇلار كۈن چۈشتىن قايرىلغان مەھەل بىلەن دىمىقلىقىدىن كىشىنىڭ نەپسىنى قىينايدىغان بىر جىلغىنىڭ ئايىقىغا چىقىپ قالدى، ئۇلار بۇنىڭدىن قەۋەتلا خۇش بوپ كەتتى، يامايكا يايلاق توخۇسىنىڭ قىچقارغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قەلبىنى بېسىپ كېلىۋاتقان بىر تال تاش ئىرغىتىپ تاشلانغاندەك بولدى، ئۇلار ئاخىرى دېڭىز بويىغا يەتكەنىدى. موماي قوياش نۇرىدا ئالتۇندەك پارلاپ تۇرغان كارىپ دېڭىزىنى كۆرۈپ، قاقاسلىقتا ئۆتكەن يېرىم ئۆمرىنىڭ ئەمدى ئاخىرلاشقانلىقىنى تونۇپ يەتتى- دە، ھەسرەتلىك ئۇھ تارتىپ قويۇپ دېدى: - ئەنە ئاشۇ يەردە سېنىڭ ھەممە نەرسەڭ بار بولىدۇ، خوش بولۇۋاتامسەن؟ - شۇنداق موما. ئۇلار چېدىرنى تىكتى. موماينىڭ ئاغزى گەپتىن ھېچ توختاي دېمەيىتتى، تۇرۇپ- تۇرۇپ ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمىلەرنى كەلگۈسىدىكى ئارمانلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قوياتتى. شۇ كېچىسى موماي ئادەتتىكىدىنمۇ راھەت ئۇخلىدى، دېڭىز شاۋقۇنىنىڭ ھۆركىرەشلىرى ئارام بەرمىگەندىلا ئاندىن ناھايىتى كېچىكىپ چۆچۈپ ئويغاندى. ئېلوندىرا ئۆزىنى يۇيۇندۇرۇپ قويۇۋاتقاندىمۇ كەلگۈسى ئىستەكلەر ھەققىدە سۆزلەشنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىدى، ئۇنىڭ ئەسەبىي تۇيغۇلار بىلەن تويۇنغان گەپلىرى چۈشتەكلا تۇيۇلاتتى. - كەلگۈسىدە ئېسىلزادە خېنىمغا ئايلىنىسەن،- دېدى موماي قىزغا،- ھىمايەڭگە ئالغان كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە سەن ھۆرمەتكە سازاۋەر خوجايىنغا ئايلىنىسەن، يوقىرى دائىرىلەرنىڭ ھىممىتى ۋە ھۆرمىتىگە نائىل بولىسەن، ھەربىي پاراخوتلارنىڭ كاپىتانلىرى دۇنيانىڭ جاي- جايلىرىدىكى پورتلاردىن ساڭا ئاتكىرىتكا ئەۋەتىشىدۇ. مومىسىنىڭ گەپلىرى ئېلوندىرانىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى. ئىسسىق سۇ يۇيۇنۇش دېسىغا بىر تال شىلانكا ئارقىلىق كىرىپ تۇراتتى، داسقا خۇشپۇراق ئوت- چۆپلەر چىلاقلىق ئىدى. قىز بىر قولىدا چۆمۈچ بىلەن مومىسىغا سۇ قۇيغاچ، يەنە بىر قولىدا مومىسىنىڭ بەدىنىگە سوپۇن سۈرەتتى. موماي تېخىچە ئاغزى بېسىقماي ۋالاقلىماقتا ئىدى: - ئائىلەڭنىڭ شۆھرىتى ئاندىلىس تاقىم ئاراللىرىدىن ھالقىپ گوللاندىيە پادىشاھلىقىغىچە بېرىپ يېتىدۇ. شۆھرىتىڭ زۇڭتۇڭ جەمەتىنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. بىلىپ قالغىنكى، زۇڭتۇڭنىڭ جەمەتىدە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ- چوڭ ئىشلار ھەققىدە سوقا- سۆھبەتلەر بولۇپ تۇرىدۇ. شىلانكىدىكى سۇ تۇيۇقسىز توختاپ قالدى، ئېلوندىرا چىقىپ قاراپ بېقىۋېدى، شىلانكىغا سۇ يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئىندىئاننىڭ ئوتۇن يېرىۋاتقىنىنى كۆردى. - سۇ ئىسسىپ بولدى، سەل سوۋۇۋالسۇن،- دېدى ئىندىئان. ئېلوندىرا ئوچاقنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئوچاققا يوغان بىر داش قازان ئېسىقلىق ئىدى، قازاندا خۇشپۇراق ئوت- چۆپلەر قايناۋاتاتتى. قىز بىر پارچە ئەسكى لاتا بىلەن قولىنى يۆگەپ، قازاننى كۆتۈرۈشكە تۇتۇندى ۋە ئىندىئانغا: - ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ، سۇنى مەن تەڭشەي،- دېدى. ئىندىئان ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى، قىز ئوچاقتىن قازاننى ئالدى- دە، ئىنجىقلاپ كۆتۈرگىنىچە شىلانكا تەرەپكە ماڭدى. قىز قايناقسۇنى تۆكەي دەپ تۇرۇشىغا، موماي چېدىرنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ۋارقىرىدى: - ئېلوندىرا! قىزنىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى، گويا بىرى ئىچىدىكى خىياللىرىنى بىلىپ قالغاندەك، ئالدىراپقىنا جاۋاب بەردى: - موما، مەن سۇ تەڭشەۋاتىمەن، قېشىڭىزغا ھازىرلا كىرىمەن. شۇ كېچىسى قىزنىڭ كۆزىگە خېلى بىر كەملەرگىچىمۇ ئۇيقۇ بارمىدى، قىز كارىۋىتىدا ئولتۇرۇپ خىيالغا چۆككەنىدى. موماي ئۈستىدىكى چوكا ئالتۇنلار بىلەن لىق توشقان جىلىتكىسىنى سالمايلا ئۇيقۇغا كەتكەن، ئۇيقۇدا تۇرۇپمۇ بىر ناخشىلارغا ھەدەپ غىڭشىماقتا ئىدى. ئېلوندىرا ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلاپ مومايغا چەكچەيگىنىچە قاراپ تۇردى، قاراڭغۇدا قىزنىڭ كۆزلىرى بەئەينى مۈشۈكنىڭ دۈپدۈگىلەك كۆزلىرىدەك پارقىرايىتتى. قىز كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ سوزۇلۇپ ياتتى، ئىككى قولىنى جۈپلەپ كۆكرىكىگە قويدى- دە، ۋۇجۇدىدىكى جىمى قۇدرىتىنى توپلاپ ئىچىدە قاتتىق نىدا قىلدى: - ئۇلىسېس! ئاپېلىسىنزارلىقتىكى ئۆيىدە ئۇخلاۋاتقان ئۇلىسېس چۆچۈپ ئويغاندى، ئۇ ئېلوندىرانىڭ نىداسىنى ئېنىق ئاڭلىغانىدى. ئۇ ئەتراپتىكى گۆرنى ئەسلىتىدىغان قاپقاراڭغۇ ئۆيلەرگە قاراپ قويدى- دە، بىر پەس ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتى، ئاندىن ئىگىنلىرىنى، ئايىقىنى كۆتۈرگىنىچە پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ھوجرىسىدىن چىقتى، پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقاندا، كەينىدىن دادىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى: - نەگە ماڭدىڭ؟ ئۇلىسىېس ئاينىڭ يورۇقىدا دادىسىنىڭ سايىسىنى ئېنىق كۆردى. - جاھان كۆرگىلى ماڭدىم،- جاۋاب بەردى ئۇلىسېس. - بۇ دورەم ئەمدى سېنى توسۇمايمەن،- دېدى دادىسى،- لېكىن شۇنى دەپ قوياي، مەيلى قەيەرگىلا بارما، قارغىشلىرىم ھامان سەن بىللە. - بەلكىم شۇنداق بولار،- دېدى ئۇلىسېس. دادىسى ھەيران بولغىنىدىن تۇرۇپلا قالدى، توغرىراقى ئوغلىنىڭ قارارىدىن ئىپتىخارلاندى. ئۇ ئوغلىنىڭ كەينىدىن خېلىغىچە قاراپ تۇردى ۋە چېھرىدە ئاستا- ئاستا كۈلكە جىلۋە قىلدى. ئاپىسى ئىندىئان گۈزەللىرىگە خاس لاتاپىتى بىلەن ئېرىنىڭ كەينىدە جىممىدە تۇراتتى. ئوغلى باغنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەر ئايالىغا دېدى: |