بۇ گەپتىن ھەيران قالغان شوپۇر مال توشۇغۇچىغا لاپپىدە قارىدى، مال توشۇغۇچى راسىت شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قول ئىشارىسى قىلدى. شوپۇر كابىكىغا چىقتى، كابىنكىدا بالا كۆتۈرۈۋالغان، چىرايىنى مۇڭ باسقان بىر ئايال ئولتۇراتتى، قۇچاقتىكى بالا قىرقىراپ يىغلايىتتى. مال توشۇغۇچى زور ئىشەنچ بىلەن مومايغا دېدى: - ماقۇل كۆرسىڭىز، ئېلوندىرا مەن بىلەن كەتسە. بۇ گەپلەرنى مەن چىن كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ دەۋاتىمەن. - بۇ گەپنى ئۇنىڭغا مەن ئۆگەتمىدىم جۇمۇ!- دېدى ئېلوندىرا قورقۇمسىراپ. - دېگەنلىرىم راست،- دېدى مال توشۇغۇچى. موماي زادى قانچىلىك بىر نېمىسى باردۇر، دېگەن نەزەردە مال توشۇغۇچىنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە بىر قۇر قارىۋېتىپ دېدى: - زىيىنىمنى تۆلىيەلىسەڭ، باشقا گېپىم يوق. چۈنكى شۇ زىيانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنىڭ كاساپىتىدىن بولدى. جەمئىي بولغان زىيان 862 مىڭ 315 پىسو، ئۇنىڭدىن 420 پىسونى چىقىرىۋەتكەندە، يەنە 861 مىڭ 890 پىسو قالدى. ماشىنا قوزغالدى. - ماڭا ئىشىنىڭ، ئەگەر مەندە شۇنچىلىك پۇل بولغان بولسا، سىز بىلەن ھەرگىز تالىشىپ ئولتۇرمايىتتىم،- دېدى مال توشۇغۇچى تەمكىنىنى بۇزماي،- بۇ قىزنىڭمىغۇ شۇنچىلىك پۇلغا يارىغۇچىلىكى بار بولمىسا. موماي مال توشۇغۇچىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ مەمنۇنىيەت بىلەن دېدى: - چاتاق يوق بالام. ھازىرچە كېتىپ، ئاشۇ پۇلنى تاپقان كۈننىڭ ئەتىسى كەلگىن. ھېسابلاپ كېلىدىغان بولسام، سەن ماڭا يەنە 10 پېسو قەرز بولغان بولىسەن تېخى! مال توشۇغۇچى ماشىنىنىڭ تەكچىسىگە پۇتىنى ئالدى، ماشىنا ئاستا- ئاستا ئۇزاپ كەتتى. ئۇ قولىنى پۇلاڭلىتىپ ئېلوندىرا بىلەن خەيرىلەشتى، مومىسىدىن قورقۇپ ئاران تۇرغان ئېلوندىرا ئۇنىڭ قول ئىشارىسىگە دىققەت قىلمىدى. ماشىنا ئۇلارنى ئاشۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى. ئېلوندىرا بىلەن مومىسى قاڭالتىر ۋە گىلەم پارچىلىرى بىلەن قوياش نۇرى تىككىدە چۈشۈپ تۇرغان ئوچۇقچىلىققىلا بىر چېدىر تىكتى، ئاندىن داق يەرگىلا ئىككى پارچە بورىنى سالدى- دە، بەئەينى ياسىداق ئۆيىدە ياتقاندەك تولىمۇ تاتلىق ئۇخلىدى، قوياش چېدىرنىڭ تورۇسىدىكى تۆشۈكتىن قىزىق تەپتىنى يۈزلىرىگە سەپكەندىلا ئاندىن كۆزىنى ئاچتى. ئۇ كۈنى مومىسىنىڭ پوزىتسىيىسى باشقىچىلا يۇمشاپ قالدى، ئەتىگەندىلا ئېلوندىرانىڭ چاچلىرىنى تۈجۈپىلەپ تارىدى، چىرايلىق ياساندۇردى. ياشلىقىدا ئۆزىنى قانداق ياساپ يۈرگەن بولسا، يەنە شۇ پەدىدە قىزنىڭ قاش- كۆزلىرىنى بويىدى، يالغان كىرپىك تاقىدى، چاچلىرىنى كېپىنەكنىڭ قانىتىغا ئوخشىتىپ چىرايلىق بانتىلىدى. - نېمە ئۇ بايامقى تۇرۇقۇڭ، ئادەمنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرۈپ،- دېدى مومىسى رازىمەنلىك بىلەن،- مانا ماۋۇ تۇرۇقۇڭ بولدى. ئەر كىشى دېگەن ئەر – ئاياللىق ئىشىدا تولىمۇ ياۋايىلىشىپ كېتىدۇ. يىراق بىر يەرلەردىن قېچىرنىڭ تىكىسلاپ مېڭىپ كېلىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى. مومىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەڭ، ئېلوندىرا گويا تۇنجى رەت سەھىنىگە چىقىۋاتقان ئارتىستقا ئوخشاش ئۆزىنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈرۈپ بولۇپ، تۆشەككە كىرىپ ياتتى. مومىسى ھاسىسىغا تايانغىنىچە چېدىرنىڭ ئالدىغا چىقتى- دە، ئورۇندۇققا ئۆزىنى تاشلاپ قېچىرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى. بىر پوچتالىيون يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى. پوچالىيون 20 ياشلار چامىسىدىكى يىگىت بولسىمۇ، خەت توشۇيمەن دەپ كەچكىچە سوكۇلداپ يۈرگەچكىمىكىن، ئوزايىدىن خېلىلا قېرى كۆرۈنەتتى. ئۇچىسىغا قىپقىزىل كىيىم، پۇتىغا ئۇزۇن قونجىلىق ئۆتۈك، بېشىغا يوغان گىرۋەكلىك شىلەپە كىيگەن، بېلىدىكى تاسمىسىغا ھەربىيلەرنىڭ تاپانچىسىنى قىستۇرۇۋالغان بۇ يىگىت پوچتا تاغىرى ئارتىلغان قاۋۇل قېچىرنىڭ ئۈستىدە چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ موماينىڭ ئالدىغا كەلگەندە، قول ئىشارىسى بىلەن سالام قىلىپ قويۇپ يولىنى داۋام ئەتتى. موماي ئۇنىڭغا چېدىر ئىچىگە قاراپ بېقىپ ماڭمامسەن دېگەن مەنىدە شەرەت قىلدى. پوچتالىيون قېچىرىنى توختىتىپ، ئۇچىسىغا گىرۋەكلىرىگە گۈل تۇتۇلغان توق بىنەپشە رەڭلىك كۆڭلەك كىيگەن، كۆزنىڭ يېغىنى يېگۈدەك چىرايلىق ياسىنىۋالغان بىر قىزنىڭ تۆشەكتە ياتقىنىنى كۆردى. - قانداق، يارىدىمۇ؟- سورىدى موماي. موماينىڭ گېپىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلغان پوچتالىيون كۈلۈپ قويۇپ دېدى: - نېمە دەۋاتقانلىقىڭىزنى ھېچ چۈشىنەلمىدىم. - 50 پىسو،- دېدى موماي. - بەللى، زەھەردەك قىممەتچىكەنسىزغۇ سىز!- دېدى پوچتىكەش،- 50 پىسوغا مەن دېگەن بىر ئاي تاماق يەيمەن. - نېمانچە پىخسىق نېمە سەن، ئاۋىئاتسىيە پوچتىكەشلىرىنىڭ مائاشىنىڭ باستېرلارنىڭكىدىنمۇ يوقىرى ئىكەنلىكىنى مېنى بىلمەيدۇ دەمسەن؟ - مەن دېگەن يەرلىك پوچتالىيون، ئاۋىئاتسىيە پوچتالىيونلىرى كىچىك تىپتىكى قارا ماشىنا ھەيدەيدۇ. - دەۋاتقان گېپىڭنى قارا، كۆڭۈل ئېچىشمۇ تاماققا ئوخشاشلا موھىم ئەمەسمۇ. - لېكىن ئۇ ئىشنى قىلغانغا قورساق تويمايدۇ- دە! موماي بۇ يالاڭتۆش پوچتالىيون بىلەن باھا تالىشىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنى خالىمىدى. - قانچە پۇل بېرەلەيسەن؟- سورىدى موماي. پوچتالىيون قېچىرىدىن لىككىدە سەكرەپ چۈشتى- دە، كولاشتۇرۇپ يۈرۈپ يانچۇقىدىن پۇرلىشىپ كەتكەن بىر نەچچە ۋاراق پۇلنى ئېلىپ مومايغا تەڭلىدى. پۇلنى كۆرسە يىرتقۇچ قۇشتەك ئېتىلىشقا ئارانلا تۇرىدىغان موماي ئاچكۆزلۈك بىلەن پۇلغا كاپپىدە ئېسىلدى: - پۇلۇڭ سەل ئازكەن، بوپتۇ دەي. لېكىن بىر شەرتىم بار، بارغانلا يېرىڭدە بۇ ئىشنى داۋراڭ قىلىسەن. - چاتاق يوق، جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە داۋراڭ قىلىسەن دېسىڭىزمۇ قىلالىغۇچىلىكىم بار مېنىڭ،- دېدى پوچتالىيون. ئېلوندىرادا مومىسىنىڭ قارارىغا قارشى قوپقۇدەك جۈرئەت يوق ئىدى. ئۇ كۆزلىرىگە قادىۋالغان يالغان كىرپىك، يالغان كۆزلىرىنى ئېلىۋېتىپ، تۆشەككە ئۆزىنى تاشلىدى- دە، نېرىسىغىراق سۈرۈلۈپ پوچتالىيونغا ئورۇن راسلىدى. پوچتالىيون چېدىر ئىشىكىدىن پۇتىنى ئېلىشىغىلا موماي ئىشىك پەردىسىنى يېپىۋەتتى. راست دېگەندەك، پوچتالىيوننىڭ داۋرىڭى ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى، ئېلوندىرانىڭ باغرىغا قېنىش ئۈچۈن 20 ئەر يىراقنى يىراق دېمەي كېلىشتى. كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا لاتارىيە ساتقۇچىلار، ئۇششاق يېمەكلىك ساتقۇچىلارمۇ بار ئىدى. كېيىن، ۋېلىسىپىت مىنىۋالغان بىر فوتوگرافمۇ كەلدى، ئۇ چېدىرنىڭ ئالدىغا سۈرەت تارتىش ئاپپاراتىنىڭ جاھازىسى تىكلىدى، ئاققۇنىڭ كۆلدە لەرزان ئۈزۈپ يۈرگەن رەسىمى چۈشۈرۈلگەن دېكوراتسىيە تارتتى. موماي گويا بۇ يەر ئۆزىنىڭ شەخسىي بازىرىدەك، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇۋېلىپ ئۆزىنى يەلپۈيىتتى، قاياقتىن خېرىدار كېلەركىن دەپ ھاياجان ئىلىكىدە ئىڭەك تۇتۇپ ئولتۇراتتى. موماي دەسلەپتە بەك چىڭگىزلىك قىلىپ تۇرۇۋالدى، بىر قېتىم ھەتتا بەش پېسونى دەپ بىر كونا خېرىدارىنى رەت قىلىپمۇۋەتتى. ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى، مومايمۇ خېلى تەجرىبىلىك بوپ قالدى، مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئىزنىكى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى، تويلۇق ئۈزۈك، ئالتۇن دېگەندەك نەرسىلەرگىمۇ ماقۇل دەۋېرىدىغان بولدى. |