ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، مومايمۇ خېلى جىق پۇل يىغىۋالدى. ئېشەكتىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئورۇن يۆتكەپ تۇردى، چالا قالغان زىيانلىرىنى تولدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بازار قىلىشقا ئەپلىك جاي ئىزدىدى. مومىسى ئېشەككە ئارتىلغان جاھازا ئۈستىدە ئولتۇراتتى، ئېلوندىرا ياندا مومىسىغا كۈنلۈك تۇتۇپ ماڭاتتى. كەينىدىن تۆت ئىندىئان ئۇلارنىڭ جىمى مەنقۇلاتلىرىنى- ئۇخلىغاندا سېلىپ ياتىدىغان بورا، ئورۇندۇق، گەژدە قاتۇرۇلغان پەرىشتە ھەيكىلى ۋە ئامادىسنىڭ جەسەت كۈلى قاچىلانغان ساندۇقنى كۆتۈرۈپ كېلەتتى. ھېلىقى فوتوگرافمۇ ۋېلسىپىتىگە مىنىۋېلىپ ئۇلار بىلەن مەلۇم ئارىلىق تاشلاپ ئەگىشىپ ماڭاتتى. ئوت كەتكەن ئىشقىمۇ ئالتە ئاي بولۇپ قالدى، موماينىڭ ئوقىتىمۇ ئوبدانلا يۈرۈشۈپ بەردى. بىر كۈنى ئۇ ئېلوندىراغا دېدى : - ئوقىتىمىز مۇشۇنداقلا يۈرۈشۈپ بېرىدىغان بولسا ، يەنە 8 يىل 7 ئاي 8 كۈندە جىمى قەرزلىرىڭنى تۆلەپ بولغۇدەكسەن. ئەلۋەتتە بۇ ئىندىئانلارنىڭ ئىش ھەققى، يېمەك- ئىچمىكى ۋە باشقا ئۇششاق چىقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئېلوندىرا ئېشەكنىڭ كەينىدىن قالماي كېلەتتى، ئىسسىقنىڭ دەستىدىن ھېچ ھالى قالمايۋاتاتتى، مومىسىنىڭ ھېساب سوقۇشلىرىغا ئىنكاس بىلدۈرمىگىنى بىلەن، سەللا ئۆزىنى تۇتۇۋالمىسا پاڭڭىدە يىغلاپ تاشلايدىغاندەكلا قىلاتتى. - ئۇستىخانلىرىم ئۈگە- ئۈگىلىرىگىچە ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ،- دېدى ئېلوندىرا. - ئەمىسە بىردەم ئۇخلىۋالغىن. - بولىدۇ موما. قىز كۆزلىرىنى يۇمۇپ چوڭقۇر نەپەس ئالدى- دە، كېتىۋېتىپلا ئۇيقۇغا كەتتى. لىققىدە سىۋەت بېسىلغان بىر قارا ماشىنا يىراقتىن توپا- چاڭ توزىتىپ كېلىۋاتاتتى، ماشىنىدىن ئۈركۈگەن بۆكەنلەر تەرەپ- تەرەپكە پېتىراپ كەتتى. سىۋەتتكى مەھكۇم قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاپ سايراشلىرى ئېغىر بۇرۇقتۇرمىلىق قاپلىغان يەكشەنبە كۈنىدە، گويا سۈزۈك بۇلاقتىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان بۇلدۇق- بۇلدۇق سۇ ئاۋازىنى ئەسلىتەتتى. ماشىنىنى ھەيدەپ كېلىۋاتقىنى يەل بېرىپ قويغان توپتەك سەمرىگەن گوللاندىيىلىك دېھقانچىلىك فېرما خوجايىنى ئىدى، بوران- چاپقۇندا تولا يۈرگەچكىمىكىن، تېرىلىرى قاتاڭغۇرلىشىپ كەتكەنىدى. خېنە رەڭ ساقال- بۇرۇتلىرىنىڭ قايسى بوۋىسىدىن ئېرسىيەت قالغىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيىتتى. يېنىدا ياشلىقىنىڭ تازا ئالتۇن پەسلىدە تۇرۇۋاتقان ئوغلى ئۇلىسېس ئولتۇراتتى. ئۇ كۆزلىرى دېڭىز سۈيىدەك يېشىل، مەرۋايىتتەك نۇرلۇق، بوي- بەستى قاملاشقان زىلۋا يىگىت ئىدى. ئېلوندىرالار تىككەن چېدىر دېھقانچىلىق فېرمىسى خوجايىنىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، شۇ يەردە تۇرۇشلۇق بىر ئارمىيىنىڭ جىمى ئەسكىرى چېدىرنىڭ ئالدىدا ئۆچرەت بوپ كەتكەنىدى. ئەسكەرلەر بىر بوتولكا ھاراقنى بوتولكىسى بىلەنلا ئايلاندۇرۇپ ئىچىپ ئولتۇراتتى، ھەممىسىنىڭ بېشىدا شاپتۇل شېخىدىن ياسالغان سەللە، گويا ھېلىلا ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغاندەك ھالەتتە تۇراتتى. گوللاندىيىلىك كىشى گوللاند تىلىدا ئوغلىدىن سورىدى: - ئاۋۇ يەردە نېمە سېتىۋاتقاندۇ؟ - بىر قىزنى دەپ شۇنداق ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتقانلار ئۇ،- ئۇدۇللا جاۋاب بەردى ئۇلىسېس،- ئۇ قىزنىڭ ئىسىمى ئېلوندىرا. - بۇنى سەن قانداق بىلىسەن؟ - بۇ قاقاسلىقتا بۇنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق،- دېدى ئۇلىسېس. گوللاندىيىلىك كىشى بازاردىكى بىر كىچىك مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئۇلىسېس ماشىنىدا قېپقېلىپ، دادىسىنىڭ ئورۇندۇققا قويۇپ قويغان ھۆججەت سومكىسىنى تېزلىك بىلەن ئاچتى ، ئىچىدىن بىر تاتازا پۇلنى ئالدى- دە، ئارىسىدىن بىر نەچچە ۋارىقىنى سۇغۇرۇپ يانچۇقىغا سالدى، ئاندىن قالغىنىنى يەنە ئۆز جايىغا قويۇپ قويدى. جاھاننى قاراڭغۇلۇق ئۆز قوينىغا ئالدى، ئۇ دادىسىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، مېھمانخانىدىن ئاستاغىنە سۇغۇرۇلۇپ چىقتى- دە، ئۇدۇل بېرىپ ئۆچرەتتىكىلەرنىڭ سېپىگە قېتىلدى. بايرام تۈسىنى ئالغان بىر شادىيانىلىك تازا ئەۋجىگە چىققانىدى، ئوبدانلا مەست بوپ قالغان ياشقا چوڭراق بىر ئەسكەر بىكارلىق مۇزىكىنىڭ رېتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى، فوتوگراف پاراسلىتىپ سۈرەت تارتىش بىلەن مەلەك ئىدى. موماي خېرىدار كۈتكەچ، ئېتىكىگە ئۈزۈلمەي چۈشۈۋاتقان پۇللارنى سانايىتتى. يەنە 12 ئەسكەر نۆۋەت ساقلاپ تۇراتتى، چۈشتىن كېيىن بىر نەچچە كىشى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قېتىلدى. ئۇلىسېس ئۆچرەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇراتتى. نۆۋەت چىرايىنى مۇڭ باسقان بىر ئەسكەرگە كەلگەندە، موماي ئۇنى كىرگۈزمىدى، پۇلىنىمۇ قايتۇرۇۋەتتى. - بولدى بالام،- دېدى موماي ئەسكەرگە،- مورلارنىڭ جىمى ئالتۇنلىرىنى بەرسەڭمۇ ساڭا ماقۇل دېمەيمەن. ئەپتىڭگە قارىسا ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلىدىكەن. ئەسكەر ھەيرانلىق ئىلىكىدە سورىدى: - نېمىشقا ئەمدى؟ - سەندە بىر پېشكەلچىلىك باردەك تۇرىدۇ. بۇ، چىرايىڭدىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرۇپتۇ. موماي كەينىڭدىكىگە يول بوشات دېگەن مەنىدە ئەسكەرگە قولىنى شىلتىدى. - سەن كىرگىن پالۋان،- دېدى موماي مۇلايىملىق بىلەن يەنە بىر ئەسكەرگە،- بالدۇرراق چىقارسەن، ۋەتەن ساڭا مۇھتاج. ئەسكەر كىرىپ كېتىپ ھايالشىمايلا يېنىپ چىقتى، چۈنكى ئېلوندىرا مومامغا گېپىم بار دەپ ئۇنى چىقىرىۋەتكەنىدى. موماي پۇل سېلىنغان سىۋەتنى قولتۇقىغا قىستۇرغىنىچە چېدىرغا كىردى. چېدىرنىڭ ئىچى ناھايىتى تار بولۇشىغا قارىماي تولىمۇ رەتلىك، پاكىزە ئىدى. چېدىرنىڭ بۇلۇڭىدا– تاغاردا راسلانغان تۆشەكتە ياتقان ئېلوندىرانىڭ بەدىنى دىر- دىر تىتىرەيىتتى، ئۈستىبېشى ئەسكەرلەردىن ساقىغان تەر بىلەن چىلىق- چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن، ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقان خېرىدارلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىمەن دەپ ھالىدىن كەتكەنىدى. قىز ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى: - موما، زادىلا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. موماي قولىنى قىزىنىڭ پىشانىسىگە قويۇپ قىزىمىغانلىقىنى بىلدى- دە، تەسەللىي بېرىپ ئېيىتتى: - چىدىۋەتكىن بالام، يەنە 10 ئەسكەرلا قالدى. ئېلوندىرا گويا قاپقانغا چۈشكەن جانۋاردەك ئېسەدەپ يىغلايتتى. قىزنىڭ بولالمايۋاتقىنىنى بىلگەن موماي باشلىرىنى سىيلاپ، قىزنى يىغىدىن پەس قىلدى. - بەك ئاجىزلاپ كېتىپسەن. بولدى، يىغلىمىغىن! تۇز سۈيى بىلەن ئوبدان يۇيۇپ بەرسەڭ ياخشى بوپ قالىسەن . . . ئېلوندىرا جىمىپ قالدى. موماي چېدىردىن چىقىپ، نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان بايىقى ئەسكەرگە پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىۋېتىپ دېدى: - بۈگۈن ئوقىتىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولىدۇ. ئەتە كەلگىن، نۆۋەتنى بىرىنچى بولۇپ ساڭا بېرەي،- ئارقىدىن موماي ئۆچرەتتە تۇرغانلارغا ۋارقىرىدى: - قايتىڭلار يىگىتلەر، ئەتە سائەت 9 دا كېلىڭلار. خېرىدارلار بىردىن – ئىككىدىن تارقىغاچ غۇدۇرۇشۇپ قويدى. موماي ھاسىسىنى شىلتىپ ئۇلارنىڭ ئاغزىنى ئاچۇرمىدى: |