بوۋاق، ئېشەك ۋە مۇشتۇمزور سايلامدا

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-04 15:40:24

بوۋاق، ئېشەك ۋە مۇشتۇمزور سايلامدا-«ئۇنى-بۇنى ئوقۇش خاتىرىلىرى»نىڭ داۋامى ئابلاجان تۇردى1ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانىنى ئوقۇغانلارنىڭ يادىدا...



      

    بوۋاق، ئېشەك ۋە مۇشتۇمزور سايلامدا



     

    -«ئۇنى-بۇنى ئوقۇش خاتىرىلىرى»نىڭ داۋامى

                                         ئابلاجان تۇردى
     

    1


     

    ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانىنى ئوقۇغانلارنىڭ يادىدا بولسا كېرەك، روماندا بىغەملەر شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن كارامەت بىر سايلام ھەققىدە رىۋايەت بار. بۇ روماننى ئوقۇمىغانلار سايلام ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى قۇرلاردىن بىلگەي:

    _ ھاي خالايىق،-دېدى سۈپۈرگە كىمدۇر بىرى شۇ يەرگە چىقىرىپ قويغان ھارۋىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ،_ بىزنى نېمە دەپ باشقىلار ئەۋەتكەن ھاكىم باشقۇرغۇدەك ؟ بىزنىڭ ئۆز ئاقساقاللىرىمىز قېنى ؟

    _ راست ئېيتىسەن ،_ دەپ چۇرقىراشتى خەلق ،_ يانتاق ئاقساقالنى ئۇلار قەيەرگە ئەكەتتى ؟ بىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئاقساقاللىرى باشقۇرسۇن .

    _ ئەلنىڭ بىر بېشى بولۇشى كېرەك-دە،_ دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى سۈپۈرگە ،_ بولمىسا ياتلار كېلىپ بۈگۈنكىدەك كانىيىمىزنى سىقىدىغان ئىش بولىدۇ. يانتاق ئاقساقال قايتىپ كەلگۈچە ئۇنىڭ ئورنىغا ئارىمىزدىن بىر ئاقساقال كۆرسىتەيلى .

    _ بىزگە خەلقنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە قېچىپ كېتىدىغان ئۇنداق ئاقساقالنىڭ نېمە كېرىكى ؟_ دەپ سۈپۈرگىنىڭ يېنىغا سەكرەپ چىقتى ئاۋازلىرى گۈرۈلدەپ چىقىدىغان بىر ياش يىگىت،_ بىزنىڭمۇ باشقىلارنىڭكىدەك ئۆز پادىشاھىمىز بولۇشى كېرەك . مانا ، شەھەرنىڭ پۈتۈن جامائىتى مۇشۇ مەيداندا تۇرۇپتۇ . بىز نەق پادىشاھنىڭ ئۆزىنى سايلاپ چىقايلى .

    _ نېمە دەۋاتقاندۇر ماۋۇ خەق؟!_ دەپ ھەيران بولدى ھېلىقى ۋىجىك مەدداھ. ئۇ تېخىچە بايا ھاكىم كېلىپ سىققان بوينىنى سىلاپ تۇراتتى ،_ مەن ئوقۇغان جەڭنامىلەردىن قارىغاندا پادىشاھلار دېگەننىڭ ئۆزىگە يارىشا ئوردا-سارايلىرى بولىشى كېرەك-دە .

    _ سەن ئاۋال كىمنىڭ پادىشاھ بولىدىغانلىقىنى كۆرسەت، بىز ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭكىدىنمۇ كاتتا سارايلارنى سېلىپ بېرىمىز ... قېنى كىم پادىشاھ بولىدۇ ؟

    _ سۈپۈرگە بولسۇن!_ دەپ ۋارقىرىدى بىرى ،_ ئۇ جاھان ئارىلاپ كۆپ ئىشلارنى كۆرگەن .

    _ بولمايدۇ ، بولمايدۇ ،_ دەپ دەرھال رەت قىلدى سۈپۈرگە ،_ مەن ئەلنىڭ مۇنداق چوڭ ئىشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن .

    _ ئۇ راستىنى ئېيتتى ،_ دېدى بىر مويسىپىت ،_ سۈپۈرگىگە ئوردا ئىچىگە قامىلىپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر ئازاب. ئۇ بولغۇسى پادىشاھىمىزنىڭ قوشنا ئەللەرنى كېزىپ يۈرىدىغان ئەلچىسى بولسا بولىدۇ .

    _ ئاۋۇ تۇردى سەرراپ قانداق؟_ دەپ ۋارقىرىدى توپ ئىچىدىن بىرى ،_ ئۆزى شەھىرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ بايلارنىڭ بىرى . قاراڭلار ئۇنىڭ شاپ بۇرۇتى ، كېلىشكەن بەستىمۇ پادىشاھقا لايىق .

    _ بولمايدۇ ،_ دەپ ماقۇل كۆرمىدى بىر نەچچەيلەن،_ ئۇ تۆتىنچى خوتۇنىنىڭ ئۈستىگە يېقىندا بەشىنچى خوتۇننى ئالماقچى، شۇمۇ مۇسۇلمانچىلىق بوپتۇمۇ؟

    _ سودا قىلىپ بارغان ھەر بىر يېرىدە ئېلىپ تاشلاپ قويغان مەخپىي خوتۇنلىرىچۇ تېخى ...

    _ ئىنساپ كېرەك-دە، ئەنە ئاۋۇ سۈپۈرگىنڭ ھازىرغىچە بىرمۇ خوتۇنى يوق .

    ئادەملەر ئارىسىدا كېرىلىپ تۇرغان تۇردى سەرراپ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بېشىنى ئىچىگە تىقىپ كىچىكلەپ كەتكەندەك بولدى -دە، كۆزدىن غايىپ بولدى .

    _ ھوي خالايىق، مۇنۇ تاشئاخۇن تىۋىپچۇ؟. ... ھەر قانداق كىشىنىڭ كېسىلىنى تاپالايدۇ ....

    _ بىر شىپاخانا ئاچمايمىز _ دە،_ دېدى زەردە بىلەن بىرى .

    _ لايىق ئەمەس، _ دەپ چۇرقىراشتى باشقىلارمۇ،_ ئۇنىڭ كېسەل كۆرىمەن دەپ كىرىپ ، ئېرى يوق خوتۇنلارنىڭ ئۆيىدە نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىنى كىم بىلمەيدۇ.

    _ ئىنساپ بىلەن سۆزلەڭلار ، مۇسۇلمانلار ، مېنى سايلىمىساڭلارمۇ سايلىماڭلار، مېنىڭ شەنىمگە ئۇنداق نالايىق گەپلەرنى قىلماڭلار،_ دەپ غودۇراپ كەتتى تىۋىپ .

    _ ماۋۇ سادىق تامچىچۇ ؟

    -ئۇمۇ بولمايدۇ، ئۆتكەن يىلى قوشنىسىنى قولىدىكى كېسەك چوقۇيدىغان كەكە بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاسلا قالغان.

    _ ھەي ئىمىر قاسساپ سەنچۇ ؟ بازاردا ۋار-ۋار ۋارقىرايسەن ، پادىشاھ قىلىپ قويساق ئەپلەشتۈرەلەرسەنمۇ ؟

    _ قويۇڭلار ئۇ قاسساپنى ، تارازىدا ئادىل ئەمەس ، قىپقىزىل ئوغرى .

    _ ماۋۇ تۇراق كەسكەكچىچۇ ؟

    _ شۇمۇ گەپمۇ ؟ ئادەم تېپىلمىغاندەك بىر كەسكەكچىنى پادىشاھ قىلىۋالساق خەق نېمە دەر ؟

    _ نىمانچە ئاھانەت بۇ ؟ ... سىلەرگە مېنى پادىشاھ سايلاڭلار دېدىممۇ؟......كەسكەكچىلىك شۇنچە يامان ئىشمىكەن ؟ مەن سۈننەتنى ئادا قىلىپ قويمىغان بولسام ھېلىقى بىر نىمىلىرىڭنى ....،_ دەپ تېرىككىنىدىن ئاغزىدىن ئەپسانە گەپلەرنى چىقىرىۋىتىپ قالدى كەسكەكچى .

    _ بىز نېمە ئۈچۈن مۇنۇ توختى دوكارنى كۆرسەتمەيمىز ؟_ دەپ ۋارقىرىدى بىرى تازىمۇ يوغان قورساق سالغان كىشىنى شەرەتلەپ تۇرۇپ ، _ ماللىرىنى ئەرزىنىغىلا توپ ساتىدىغان ، ناھايىتىمۇ ئاق كۆڭۈل ئادەم، پادىشاھ بولۇشقا تازا باب كېلىدۇ .

    _ توختى دوكارغۇ ياخشى ئادەم ، بىراق، بىر قېتىم مەسچىلىكتە ئىشتىنى تىزىغىچە سىيرىلىپ چۈشۈپ كېتىپ جامائەت ئالدىدا رەسۋا بولغان.

    مەيداندىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى . خەلق بارغانسىرى چۇرۇلدىشىپ تەرتىپ بۇزۇلۇشقا باشلىدى. كىملەردۇر بىر بىرى بىلەن پادىشاھ نامزاتى ئۈستىدە گەپ تالىشاتتى . بەزىلەر تېلىقىپ كۈلۈپ بۇ ئىشنى چاقچاققا ئايلاندۇراتتى . ئۇياتچانراق كىشلەر مىنىڭ ئىسمىم ئاتىلىپ قالمىسىكەن ، دەپ قورۇنۇپ ئۆزىنى دالدىغا ئالاتتى. شاھلىقتىن تەمەسى بارلار خەقنىڭ كۆزىگە چۈشۈش ئۈچۈن ئەتەي ئاۋازىنى چىقىرىپ سۆزلەپ، ھەدەپ ئەتراپقا قاراپ بويۇندايتتى . ئەگەر ئۆزىنىڭ ئەمەس ، باشقىلارنىڭ نامى ئاتىلىپ قالغۇدەك بولسا ، دەرھاللا ئۇنىڭ ئۈستىدىن گەپ تېپىشاتتى . دۇنيادا نۇقسانسىز كىم بار ؟ خۇدا « بىغەملەر شەھىرى»گە پادىشاھ بولۇشقا ئاسماندىن پەرىشتىنى چۈشۈرۈپ بەرمەيدۇ –دە.

    _ ھاي خالايىق ، تېنچلىنىڭلار!،_ دەپ ۋارقىرىدى سۈپۈرگە ،_ ئەيىبسىز ئادەمنى ئىزدەيدىغان بولساق ئەنە ئاۋۇ چوكاننىڭ قولىدىكى بالىنىلا سايلىمايلىمۇ ،_ دېدى ئۇ توپنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىر ئايالنىڭ قولىدىكى بوۋاقنى كۆرسىتىپ. بالىنىڭ ئانىسى گەپنىڭ كىم ئۈستىدە كېتىپ بارغانلىقىنى ئاڭقىرالماي، كىم گەپ قىلسا شۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇراتتى .

    _ پادىشاھلىققا دەمسەن؟....ئۇ تېخى بوۋاققۇ ؟_ دەپ ھەيران بولدى ئادەملەر.

    _ ھە، شۇ بوۋاقنى دەيمەن، قېنى كىم ئۆزىنى مەن ئاشۇ بوۋاقتىن پاكمەن دىيەلىسە ئوتتۇرىغا چىقسۇن! .

    مەيداننى بىردىنلا جىمجىتلىق باستى . شۇ تاپتا ھەركىم ئۆزىنىڭ پەزىلىتى ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدى . پاكلىقتا ھېچكىممۇ ئۆزىنى تېخى ئانا سۈتىنى ئىمىۋاتقان سەبىي بالىغا تەڭلەشتۈرەلمەيتى .

    _ توغرا ئېيتتىڭ ،_ دەپ ۋارقىرىدى بىرى ئاۋازىنى بولۇشىغا قويىۋىتىپ ،_ پادىشاھلىققا ئاشۇ نارسىدىدىن ئارتۇق ئادەم يوق ....قېنى سىڭلىم ، بالىنى ماڭا بەر.

    ئانا ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغۇچە ئادەملەر ئۇنىڭ قولىدىن يۆگەكتىكى بوۋاقنى ئېلىشتى -دە، چوقان سۈرەن ئىچىدە بېشىدا كۆتۈرۈپ كېتىشتى . .

    _ ھاي توختاڭلار ،_ دەپ كىشلەرنىڭ ئارقىسىدىن يۈگرەيتى چوكان،_ ئۇنى نىمە قىلماقچىسىلەر؟ نەگە ئاپىرىسىلەر؟ بالىنى يەنە مەن ئىمىتىپ چوڭ قىلىشىم كېرەكقۇ؟ تېخى دادىسى نىمە دەيدۇ؟......

    سۈپۈرگە بولىۋاتقان ئىشلارغا ھەيران بولغىنىچە ھارۋا ئۈستىدە يالغۇز قالدى . ئۇ ئۆزىنىڭ تەنە بىلەن ئېيتقان : ئەگەر نۇقسانسىز ئادەمنى ئىزدەيدىغان بولساق ، ئاشۇ بوۋاقنى پادىشاھ قىلساق بولىدۇ شۇ، دىگەن مەنىدىكى سۆزىدىن مۇنداق نەتىجە كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى زادى ئويلاپ باقمىغان ئىدى .[1]



     

    2


     

    غەلىتە سايلاملار بۈگۈنكى دەۋردىمۇ بولۇپ تۇرىۋېتىپتۇ. بۇلغارىيەنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدا ۋارنا دەيدىغان بىر شەھەر بارىكەن. شەھەر خەلقى شەھەر باشلىقىنىڭ خىزمىتىدىن رازى ئەمەسكەن. يېڭى شەھەر باشلىقى سايلاشنىڭ تەييارلىقى باشلىنىپتۇ. يېڭى بۇلغارىيە پارتىيىسى بىر ئېشەكنى بۇ پارتىيىنىڭ نامزاتى سۈپىتىدە شەھەر باشلىقى سايلام رىقابىتىگە قاتناشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. سەۋەبى ئېشەك پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك قىلمايدىكەن، يالغان سۆزلىمەيدىكەن، ئەكسىچە تىرىشىپ خىزمەت قىلىدىكەن. بۇ ئېشەكنىڭ ئىسمى ماركو بولۇپ، «سىياسىي ھاياتى» باشلانغاندىن كېيىن، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرمەي، تىرىشىپ خىزمەت قىلىدىكەن.



     

    3


     

    موشۇلارنى ئوقۇۋېتىپ، ئىلگىرى كەنتىمىزدە كەنت باشلىقى سايلىغان ئىشلار خىيالىمدىن كەچتى: كەنت ئەزالىرىغا ئۆزۈڭلارنىڭ باشچىسىنى ئۆزۈڭلار سايلاڭلار، دېگەن يارلىق چۈشكەندىن كېيىن، سايلام بولدى. سايلام بولغاندىمۇ كارامەت سايلام بولدى. كەنتتە جىمى ئەسكىلىكنى قىلىپ يۈرۈيدىغان بىر مۇشتۇمزور بار ئىدى. خۇدايا توۋا دەپ قالدىم، شۇ ئادەم كەنت باشلىقى بولۇپ سايلاندى. بر نەچچە يىل ئۆتتى، كەنت باشلىقى بولغان ھېلىقى مۇشتۇمزور كەنت خەلقىنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچتى، دېھقانلارنى قاقشاتتى. چىداپ بولالمىغان دېھقانلار توپ-توپ بولۇپ ئەرزگە ماڭدى. ھېلىمۇ ياخشى، جاھاندا ھەققانىيەت بارىكەن، مۇشتۇمزور كەنت باشلىقى خىيانەتچى بولۇپ چىقتى، قىلمىش-ئەتمىشىگە جاۋابكار بولدى.

    كەنت دېھقانلىرى يېڭى كەنت باشلىقى سايلىماقچى بولدى، «يىلان چېقىۋالغان ئادەم ئارغامچىدىنمۇ قورقىدۇ» دېگەندەك، ئەسكىنى باشچى سايلىغانغا تويۇپ كەتكەن دېھقانلار بۇ قېتىم كۆپ ئېھتىيات قىلىشتى، «سەمى يۇۋاش» دەيدىغان بىر ئادەم بولىدىغان، ھېچ كىشىگە قاتتىق گەپ قىلمايتتى، يول ماڭسىمۇ، يەرنىڭ جېنى ئاغرىپ كېتىدىغاندەك ئاۋايلاپ دەسسەپ ماڭاتتى. شۇ كىشى كەنت باشلىقى بولدى. كۈنلەر ئۆتتى، «سەمى يۇۋاش» كەنتنىڭ ئىشلىرىنى ئاقتۇرالمىدى، دېيىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقىسىنى سايلىدى. ئاڭلىسام، بەزىلەر ئۆزى سايلىغان كەنت باشلىقىنىڭ ئۈستىدىن يەنە ئەرز قىلىۋاتقىدەك. كىمنى، نېمە ئۈچۈن سايلايدىغانلىقىنى تېخىچە بىلىپ يېتەلمىگەن بولسا كېرەك.



     

    ئىزاھات:

    [1] مەمتىمىن ھوشۇر. 1996-يىل. «قۇم باسقان شەھەر» 126-بەت، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى.



     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.