شېئىر ۋە شائىر توغرىسىدا(ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-15 06:44:02

شېئىر ۋە شائىر توغرىسىداھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن شېئىر -مەۋھۇم ھادىسە، شەكىلسىز جىسىم. ئۇنى كۆز بىلەن كۆرۈش، قول بىلەن تۇتۇش مۇمكىن ئەمەس. پەقەت ئىچكىي سېزىم ئارقىلىقلا ھېس قىلغىلى بولىدۇ. سېزى...



    شېئىر ۋە شائىر توغرىسىدا
    ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن

     

     

      شېئىر -مەۋھۇم ھادىسە، شەكىلسىز جىسىم. ئۇنى كۆز بىلەن كۆرۈش، قول بىلەن تۇتۇش مۇمكىن ئەمەس. پەقەت ئىچكىي سېزىم ئارقىلىقلا ھېس قىلغىلى بولىدۇ. سېزىمچانلىقى ئۆتكۈر كىشىلەرلا شېئىرنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە بەخش ئېتىدىغان ھوزۇر-لەززىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

     


      ھەقىقى شېئىر مۇستەھكەم ئېتىقاتتىن تۇغۇلىدۇ. غۇر-غۇر شامال تەبىئەت دۇنياسىنى چاڭ-توزاندىن خالاس ئەتكەندەك، ئېتىقادمۇ شېئىرنى غۇباردىن تازىلاپ پاكلاشتۇرىدۇ. شېئىرنىڭ جىسمىغا جان، تومۇرىغا قان بەخش ئېتىپ، ئۇنى چەكسىز ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. ئېتىقاد سىڭدۈرۈلمىگەن شېئىر دەھرىنىڭ مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن قىلغان ئىبادىتىگە، تەرەتسىز ئوقۇلغان نامازغا ئوخشايدۇ. مۇنداق ئىبادەت تەڭرىگە مەقبۇل بولمىغاندەك، ئۇنداق شېئىرلارمۇ كىتابقا مەقبۇل بولمايدۇ.

     

     

      شېئىر- ئۈزۈلۈپ قالغان چۈش، ئۇنىڭ داۋامى ئوقۇرمەننىڭ شېرىن چۈشىگە ئۇلىنىدۇ. شېئىر- ئاخىرىغا يەتمىگەن خىيال، ئۇنىڭ ئاخىرى ئوقۇرمەننىڭ خىيال-ئارزۇلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كېتىدۇ. شېئىر-ئاخىرىلاشمىغان ناخشا، ئۇنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇرمەننىڭ ئۆزى داۋاملاشتۇرىدۇ. شېئىر-چېكىپ بولۇنمىغان تاماكا، ئۇنىڭ قالغىنىنى ئوقۇرمەن چېكىپ تۈگىتىدۇ.

     

     

      شېئىر سۆيگۈسى- شائىر قەلبىدىكى ئىشق -مۇھەببەتنىڭ تۇنجى تۇغۇمى، ئەۋجى ۋە تۈگللىمىسىدۇر. چۈنكى ئۇنىڭدا چىنلىق بىلەن گۈزەللىك، ھەقىقەت بىلەن ھۆرلۈك، قۇت بىلەن ئەزگۈلۈككە ئوخشاش ئۇلۇغ سۈپەت ۋە پەزىلەتلەر ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ ھەمدە تەڭرىنىڭ بۇيۈك تەرىپ-سىپاتلىرىدەك مۇقەددەسلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بولىدۇ.

     

     

      شېئىر- ھەقىقەت ۋە ئەزگۈلۈك ئاسمىنىدا چاقنىغان نۇر، شائىر-يولچى يۇلتۇز.

     


      شائىر ئۆزىنىڭ بارلىقى بىلەن ئىشقىۋاز بۇلبۇلغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ قان قۇسۇپ ناۋاغا چۈشكىنى- كۆڭلىدىكى قايناق سۆيگۈسىنى تىل بىلەن ئىزھار قىلىۋاتقان پەيتى. بىھۇش بولۇپ سۈكۈتكە چۈمگىنى- ئۆزى ھەققىدىكى تەپەككۇرىنى دىل بىلەن ئىزھار قىلىۋاتقان پەيتىدۇر.

     

     

      شائىر- ئۆز ئېتىقادىنىڭ قۇلى، ئېتىقاد ئۇنىڭغا ئۇلۇغۋار غايە، جەسۇر ئىرادە، ئالىي پەزىلەت،مەردلىك، ھىممەت بەخش ئېتىدۇ. پەقەت چىن ئېتىقادلا ئۇنى ھەقىقى شائىرلىق لاياقىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.