بىز قانداق چاكىنىلىشىمىز(زۇلپىقار بارات ئۆزباش)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-13 05:36:02

بىز قانداق چاكىنىلىشىمىز: كىملىكىمىز، جەمئىيەتلىشىۋاتقان بىنورماللىقلىرىمىز ۋە شالغۇتلىشىۋاتقان قىممەت قارىشىمىز تاپتىن چىققۇچىلار جەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلاردىكى ئۇنتۇلغان پەرھىز...



    بىز قانداق چاكىنىلىشىمىز:
    كىملىكىمىز، جەمئىيەتلىشىۋاتقان بىنورماللىقلىرىمىز ۋە شالغۇتلىشىۋاتقان قىممەت قارىشىمىز تاپتىن چىققۇچىلار جەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلاردىكى ئۇنتۇلغان پەرھىزلەر ۋە بۇزۇلۋاتقان يوسۇنلار ئۈستىدە ئويلىنىش

    زۇلپىقار بارات ئۆزباش



    -سەن ئىنسانىيلىقنىڭ ئاسىيسى، كامالەتنىڭ قاتىلى، تۇرمۇشنىڭ ئەخلىتى. بۇ تەقدىرىڭنى ئۆزۈڭ تۈزگەن.
    -ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن(1934-1995)«ئۆزۈڭنى تونۇ»ناملىق ئەسىرىدىن
    -بىر ئەخلاقسىز ئادەم ھەركەتكە ئۆتكەندە، نۇرغۇن ئەخلاقلىق ئادەم تەڭلا ئازاپلىنىۋاتقان بولىدۇ.
    -ئىممەنيۇل كانت(گېرمانىيە، 1724-1804)[2]
    -بىر جەمئىيەت كىشىلىرى ئورتاق قىممەت قارىشى ياراتماي تۇرۇپ ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلىيالمايدۇ ياكى قايتىدىن بەرپا قىلالمايدۇ.
    ئېمىل دۇركايىم(فىرانسىيە، 1858-1917)[3]


    1. مۇقەددىمە:تېمىغا كىرىش


    پاكىت تەھلىلى(1)


    تويدا غەرق مەست بولۇۋالغان دادىلار

    قىز كۆچۈرگىلى كەلگەن يىگىتلەر بىرەر مەرتە ئۇسۇل ئويناپ، مەرىكە كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپ سەھنىدىن چۈشكەندىن كىيىن، شۇنچىلىك سالاپەتلىك، قامەتلىك بىر ئادەم قوللىرىنى سارنىڭ قانىتىدەك كېرىگىنىچە ئۇسۇلغا چۈشتى. ئەمما مەيداننى بىر ئايلىنار-ئايلانمايلا دەلدەڭشىپ، ئېگىز-پەس دەسسەشكە باشلىدى. پوكاندەك قىزارغان يۈزى، ئەلەسلىشىشكە باشلىغان كۆزلىرىدىن غەرق مەست بوپقالغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. سەھنىدە ئالدىراش مېڭىپ يۈرگەن، قېنىق گىرىم قىلغان 50ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال(بەلكىم ئۇ كىشىنىڭ ئايالى بولسا كېرەك)بۇ ھالدىن ئەپسىزلىك ھېس قىلدىمۇ، ئىتتىك بېرىپ ئۇ ئادەمنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ چۈشۈپ كېتىشكە ئىشارەت قىلدى. ئەمما ئۇ ئادەم تېرەجەپ تۇرۇۋېلىپ چۈشكىلى ئۇنمىدى. ئۇدۇلۇمدا سەھنىگە قاراپ تۇرغان، ياغلىقىنى ياراشتۇرۇپ چەگكەن تىپىك ئۇيغۇر چىراي بىر ئايال«ئىم»دېگەندەك قىلىپ يۈزىنى قولى بىلەن توسۇۋالدى.


    بولدى قۇيۇپ بېرىڭ، ئوينىسۇن، ئاغىنىسىنىڭ قىزىنىڭ تويىدا ئوينىماي قاچان ئوينايدۇ!-نېرىراقتىكى شىرەدە كەيىپ قىلىپ ئولتۇرۇشقان سالاپەتلىك ئەرلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا شۇنداق دېگىنىچە بېرىپ سەھنىدىكى ئادەمگە ماسلىشىپ ئويناشقا باشلىدى. سەھنىگە چىققان ئايال ئوڭايسىز بىر كەيپىياتتا چۈشۈپ كەتتى.
    -ئىست، مۇقەددەس نىكاھنى ھارام قىلىشتى-دە، رەسۋالار!-دېدى مەن بىلەن بىر شىرەدە ئولتۇرغان، ساقاللىق، پاكىز قېرىغان بىر مويىسپىت كىشى.
    -بۇ كىشى ئۇنىۋېرسىتېتتا مۇئەللىم، ئىنىمغا دەرس بەرگەن، -دېدى يىنىمدا ئولتۇرغان مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىرسى.


    ھايال ئۆتمەي سازچىلارنىڭ تېخىمۇ شوخ ئۇسۇل پەدىسىگە چېلىشى بىلەن بايىقى ئەر قوپقان شىرەدىكى ئەرلەر بىراقلا يوپۇرۇلۇپ سەھنىگە قاراپ ماڭدى. ئېگىز-پەس ئۇسۇللار ئوينىلىشقا، قەدەملەر ئالمىشىپ، پۇتلار كالانپايلىشىشىقا باشلىدى. قىز كۆچۈرگىلى كەلگەن يىگىتلەر بۇ ھالنى كۆرۈپ كۈلۈشكە باشلىدى.  كېيىنكى پەدىگە قىز-يىگىتلەر ئويناپ چۈشۈپ كەتكەندىن كىيىن، سورۇن رىياسەتچىلىكىنى قىلىۋاتقان ئوتتۇرا بوي، يۈزى بەقەمدەك قىزارغان بىر ئادەم مىكرافوننى ئېلىپ سۆزلەشكە باشلىدى. ئەمما، تەڭشىلىپ قالغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر، گېپى قولاشمايتتى. ئۇ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ ئېيتىلغان، قولاشمىغان نۇتۇقىنى ناھايتى ئۇرغۇلۇق ئاۋازدا«جانابىي ئاللادىن قىزىمىزنىڭ بەخىتىنى تىلەيمىز، ئامىن!»دەپ ئاخىرلاشتۇردى ۋە قىزنىڭ يۈزى ئېچىلدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سەھنىگە ئادەم تولۇشقا باشلىدى. سازچىلار پەدىنى يۆتكەپ«جان ئانا»دېگەن ناخشىغا چالدى. يۈز ئېچىش، ئۈزۈك سېلىش، قىزنىڭ بىشىدىن نان ئۆرۈش قاتارلىق رەسمىيەتلەر ناھايتى تېزلا بەجا كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن ھەممەيلەن دۇئاغا قول كۆتۈردى. بادام دوپپىلىق بىر ئادەم ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا دۇئا قىلدى. قىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرى رازىلىق بېرىشكەندىن كىيىن قىز-يىگىتلەر ئاككاردىيون ساداسى ئىچىدە زالدىن ئايرىلىشتى.
    بۇ، 2008-يىلى ئۈرۈمچىدىكى بىر رېستۇراندا ئۆتكۈزۈلگەن مەرىكىدە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن كۆرۈنۈش ئىدى. ئۇ چاغدا يازلىق تەتىل قىلىپ ھونولۇلۇدىن ئۈرۈمچىگە قايىتقىنىمغا بىر ئايچە بولغانىدى.



    ئۇيغۇرلارنىڭ مەرىكە مەدەنىيتىدە يېقىنقى ئون-يىگىرمە يىل ئىچىدە پەيدا بولغان، شەھەرلەردىكى خېلى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق بىر ئىشقا ئايلانغان يۇقارقى كۆرۈنۈش جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىقنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى. بۇ يەردىكى چاكىنىلىق ئىبارىسى يۇقىرىقى ھالغا كۆنۈپ كەتكەن، سوئال قۇيۇپ ئولتۇرمايدىغان ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلىپ، «بۇنچىلىك ئىشنى قانداقمۇ جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىق دېگىلى بولسۇن؟قانداق بولسا چاكىنىلىق جەمئىيەتلەشكەن بولىدۇ؟چاكىنىلىققا ھۆكۈم قىلىشتا ئاساسلىنىۋاتقان ئۆلچەم نىمە؟»دېگەن شۈبھىلىك پىكىرگە تۇتۇرۇق بولۇشى ئېھتىمال. مىنىڭ نەزەرىمدە،  جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىق-بىر ئىجتىمائىي توپتا بىردەك ھىمايە قىلىنىدىغان، ئورتاقلىق تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى پەيدا قىلىدىغان قىممەت قاراشلىرى، ئىجتىمائىي مىزانلىرىغا خىلاپ ھالدا ئومۇملاشقان، ئەمما ئەخلاقسىزلىق ھېساپلانمايدىغان، جىنايەت ئۆلچىمىگىمۇ توشمايدىغان، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شۇ ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرى ئارىسىدا ھەيرانلىق ھېس قىلىنمايدىغان ئىجتىمائىي بىنورماللىقتۇر. ئادەتتە جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىق«تاپتىن چىققۇچىلار جەمئىيەتشۇناسلىقى»(Sociology of Deviance,越轨行为社会学)دائىرسىدە تەتقىق قىلىندۇ.



    يۇقۇرىقى جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىقنىڭ ئىپادىسى دېيىشتىكى سەۋەپ شۇكى، بۇ توي مەرىكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلىق ئەخلاقى ۋە ئادىتىگە، جۈملىدىن مۇراسىم قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىنغان؛ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىختىن بېرى ئورتاق ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ئەخلاق مىزانلىرى دەپسەندە قىلىنغان. يەنى، ئۇيغۇرئەنئەنىسىدە نىكاھ مۇقەددەس، نىكاھ كۈنى ئەتىگىنى تۇزغا چىلىنغان نان يېيىلىدۇ ۋە بۇ نىكاھنى ئۇلۇغلىغانلىق دەپ چۈشىنىلدۇ.  مۇراسىم مەدەنىيتىدە مۇسۇلمانلىق نۇقتىسىدىن ھاراق ئىچىش ئېغىرئېلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئەنئەنىسىگە، مۇراسىم مەدەنىيتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشەنچىلىك ئىلمىي مەنبەلەردىن بۇ بايانغا دائىر دەلىل-ئاساسلارنى كۆپلەپ ئۇچرىتالايمىز. مەسىلەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىرىدىن ئابدۇكېرىم راخمان، شېرىپ خۇشتار، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللالار بىرلىشىپ يازغان«ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادەتلىرى»(1996:187)، ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا يازغان « ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى»(258 -2000:257)، ئەنۋەر سەمەد قورغان يازغان«ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر» (192 -2007:191)قاتارلىق كىتابلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراقتىن پەرھىز تۇتىدىغانلىقى ئېنىق قەيت قىلىنغان. ئۇ مەنبەلەردىكى ئۇيغۇر مۇراسىم مەدەنىيتىگە ئائىت بايانلاردىمۇ مەرىكە بولىۋاتقان سورۇندا ھاراق ئىچىشكە دائىر ھېچقانداق گەپ يوق. دېمەك، يۇقىرقى سورۇندا كەم دېگەندە مۇنداق بىر قانچە نۇقتىدىن جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىقنىڭ ئىپادىلىرى ئوتتۇرىغا چىققان. بىرىنچى، ھاراق ئىچىلىپ نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ھارام ئارلاشتۇرۇلغان؛ئىككىنچى، ياشلارغا قائىدە-يوسۇن ئۆگىتىش، ئۆرۈپ-ئادەتتە ئۈلگە بولۇش مەجبۇرىيىتى بولغان دادىلار شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى تۇيماي ئۇيغۇر ئەنئەنىسىگە ئاڭلىق خىرىس قىلغان؛ئۈچىنچى، ياشلار بىلەن چوڭلار ئوتتۇرسىدىكى پەردىشەپ بۇزۇلغان؛تۆتىنچى، ئۇ دادىلارنىڭ ئۇيغۇر سورۇنلىرىنىڭ ئەخلاق ئەنئەنىسىگە قارا سۈركەيدىغان قىلىقلىرى سورۇندىكى زور كۆپ قىسىم ئادەمنىڭ نەزەرىدە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ئىشقا ئايلانغان؛بەشىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ۋىجدانىغا (Collective Conscience,集体良心)، ئۇيغۇر ئەنئەنىسىنى ياقلاپ كېلىۋاتقان ھەم ئورتاق قىممەت قارىشىنى ئىش-ھەركىتىدە ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ غۇرۇرىغا ھۇجۇم قىلغان.  ئەڭ يامان بولغىنى، بۇنى ئاشۇ دادىلارنى ئۆز ئالغان نۇرغۇن ئادەم تۇيمىغان. بۇ خىل ھادىسە ئۇيغۇرلار ئارسىدا،  جۈملىدىن شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە يىلتىز تارتقان. گېزى كەلگەندە يەنە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ ھادىسىنىڭ نۇرغۇن كىشىگە غەيرىي تۇيۇلماسلىقى ۋە يىلتىز تارتىش، جەمئىيەتلىشىشكە ئۈلگۈرۈشى، بۇ ھەقتە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيتىنى روشەنلەشتۈرىدۇ ۋە ئالدىمىزغا«ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئەنئەنىسىدە چەكلىندىغان ۋە ئاتا-بوۋىلىرى يامان كۆرگەن، ھار ئالغان ئىشلارغا ئوپچە كۆنۈپ كەتتى؟بۇ ئىشلار قانداق جەمئىيەتلەشتى؟»دىگەن سوئالنى تاشلايدۇ. چۈنكى،  جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ بىر ۋەزىپىسى-ئادەتلەنگەن تونۇش(Common Sense,常识)قا جەڭ ئېلان قىلىش.  چاكىنىلىققا دىئاگنوز قويۇشتىكى ئۆلچەم ۋە ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل«بىز كىم؟بىز كىمنىڭ پۇشتى؟يىلتىزىمىزچۇ؟» دەپ سوئال قۇيۇشتۇر. ئەنە شۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىلغاندا، جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىقنى چۈشىنىش بىر ئاز ئاسانلىشىدۇ. بۇ ھادىسىنى ئىنسانشۇناسلىق، فولكلور، ئەخلاقشۇناسلىق، تارىخ، مەدەنىيەتشۇناسلىق ۋە دىنشۇناسلىق  نۇقتىسىدىن كۆزىتىپ باشقىچە تەھلىل قىلغىلىمۇ بولىدۇ. ئەمما بىز بۇ ماقالىمىزدە مەسىلىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن، يەنى ئىنسان ھەركىتى بىلەن جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي سېستىمىلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن چىقىپ كۆزىتىمىز ۋە يۇقىرقى نۇقتىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا«ئۇيغۇرلاردا جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىقلارنىڭ ئىپادىلىرى، سەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى نېمە؟چاكىنىلىشىش قانداق بىر جەريان؟چاكىنىلىشىش قانداق جەمئىيەتلىشىدۇ؟»دېگەن ئۈچ سوئالغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىمىز. ھەربىر نۇقتىئىنەزىرىمىزنى ئۇدۇلىغا ئوتتۇرىغا قۇيۇش بىلەنلا چەكلەنمەي، ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان تىپىك پاكىتلارنى جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيەلىرى بىلەن تەھلىل قىلىپ، ماقالىمىزنىڭ نەزەرىيىۋى چوڭقۇرلۇقىنى يەنىمۇ تىرەنلىتىشكە تىرىشىمىز. پاكىت توپلاشتا قوللانغان مىتودلىرىمىز سۈپەت تەتقىقاتىدىكى ئوبراز ئانالىزى، ئېيتىم ئانالىزى، ياندىن كۆزىتىش ۋە زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن ئىبارەت.


     
    ئىنسان تۇرمۇشتا ئۆزلۈكسىز رەۋىشتە چاكىنىلىشىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى ياشاش پىرىنسىپىغا خىلاپ ئىشلار، ئىدىيلەر، سىمۋوللارغا توختاۋسىز ئۇچراپ تۇرىدۇ. شەھەرلىشىش، زامانىۋىلىشىش،  ئىجتىمائىي كونترول ۋە ھوقۇق مۇناسىۋىتى بۇ جەرياننى تېزلىتىدۇ ھەم شۇ جەرياندا مۇئەييەن بىر ئىجتىمائىي توپ ئىچىدە مۇئەييەن بىر مەسلەك، مۇئەييەن بىر يوسۇنغا ئەمەل قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتقان ھەر بىر ئادەم يېڭى خېرىسلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. بەزىلەر يېڭى خىرىسلارنى بىر مەزگىل مىزان ئەلگەكلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۆز قىممەت قارىشىغا خىلاپلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ھەرىكىتىگە بەزى ئۆزگىرىشلەرنى كىرگۈزىدۇ. يەنى بەزىلەر بولسا يىڭى خىرىسلارغا ئەل بۇلۇپ، يېڭى غىدىقلىنىشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، بىر ئىجتىمائىي توپقا ئورتاق بولغان قىممەت قاراشلاردىن ۋاز كېچىشكە، گۇمانلىنىشقا، سوۋۇشقا باشلايدۇ.  ئىككىنچى خىلدىكى ئادەملەر ئاۋۇغاندا بىر جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشى ئومۇميۈزلۈك خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ كوللېكتىپ ۋىجدانغا خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلىرى جەمئىيەت تەرىپىدىن دەككىلەنمىگەن ۋە رەت قىلىنمىغاندا ياكى كۈچلۈك ئىجتىمائىي ئىنكاس، جامائەت پىكرىگە دۇچ كەلمىگەندە،  ئۇنداقلارنى دورايدىغانلار كۆپىيدۇ ھەم يادرولۇق قىممەت قارىشىغا قارشى ھالدا«Deviance Sbculture,越轨亚文化»شەكىللىندۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ خىل ئەندىزىدە ھەرىكەت قىلىشقا كۆنگەن ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ قىلىقلىرىدىن گۇمانلانمايدىغان، ئۇنىڭغا ئادەتلىندىغان بولىدۇ؛ئۆزلىرىنىڭ قانداق مەسلەكتە چىڭ تۇرۇپ، نېمىگە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنىمۇ چۈشەنمەيدۇ؛ھەتتا يادرولۇق قىممەت قاراش ۋە ئەقىدە-پىرىنسىپلارغا ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز يوسۇندا ئاسىيلىق قىلىۋاتقىنىنى تۇيمايدۇ. ئادەملەر جەمئىيەتتە كۆلەم ھاسىل قىلغاندا تەبىئىي ھالدا ئۇلارنىڭ ھەرىكەت نۇسخىلىرى جەمئىيەتلىشىدۇ، ئىجتىمائىي بىنورماللىق ئومۇملىشىدۇ ۋە كىملىك كىرىزىسىغا پاتقان، زىددىيەتلىك كىملىك ئىسكەنجىسىدە قالغان بىر جەمئىيەت بارلىققا كېلىدۇ. [4] جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىق ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئومۇملىشىۋاتقان ئەنە شۇنداق ئىجتىمائىي بىنورماللىقلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، يىلتىزى ئىجتىمائىي سىستېمىلاردا، سەھنىسى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە، سىمۋوللۇق ئالاقىلەر ۋە ھوقۇق مۇناسىۋىتىدە، جەريانى زامانىۋىلىشىش، شەھەرلىشىش مۇساپىسىدە ئەكس ئېتىدۇ. جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر قانچە ئۇقۇم ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى-قىممەت قارىشى، پەرھىز ۋە ئىجتىمائىي سىستېمىلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى، ئەخلاق ۋەسۋەسىسى بىلەن يادرولۇق ئەقىدە ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى، كوللېكتىپ ۋىجدان، ئېتقاد ۋە ئېتقادسىزلىق ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى، ھالاللىق ۋە بۇلغىنىش ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشىمز كېرەك. جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ يۈز نەچچە يىللىق تارىخىدا بۇ ھەقتە بىر مۇنچىلىغان نەزەرىيە سىستېمىسى تۇرغۇزۇلغان. يەنە شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى، بۇ ئۇقۇملار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىش ئۆز نۆۋىتىدە جەمئىيەتشۇناسلىقتا نۇقتىلىق مۇلاھىزە قىلىندىغان ئىجتىمائىيلىشىش،  جەمئىيەتتىن يۇقتۇرۇش، ئاممىۋى مىدىيەلەر، زامانىۋىلىشىش، شەھەرلىشىش، سانائەتلىشىش، دوراش، زىددىيەت،  ئىجتىمائىي قۇرۇلما، مۇراسىم قاتارلىق ئۇقۇملارنى چۈشىنىشنى تەقەززار قىلىدۇ. بىز بۇ ھەقتىكى تەھلىلىمىزنى ئۇيغۇر جەمئىيتىدىن كونكىرت تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئېمىل دۇركايىم، تالكوت پارسونىس، روبېرت مېرتون، مەرىي دوگلاس، سىتەنلېي كوخېن، ئانتونىي گىددىنىس، ئېدۋارد شىللىس، لېۋ سىتراۋس، گابرېل تاردې قاتارلىق جەمئىيەتشۇناس ۋە ئىجتىمائىي پىسخولوگلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيەلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ماقالىمىزنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى بۆلەكلىرىدە قانات يايدۇرىمىز. نۇقتىئىنەزەرگە دەلىل كۆرسىتىش ئۈچۈن جەمئىيەتتە ئۇيغۇر پاراڭ ئەنئەنىسىگە يات ھالدا ئومۇملىشۋاتقان ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوتلىرىدىن ئۆگىنىپ ۋە بىر-بىرىنى دوراپ مەيدانغا كەلگەن ھەم«ئابدۇكېرىم ئابلىز ماقال-تەمسىللىرى»شەكلىدە تېز سۈرئەتتە يامراۋاتقان«ئالىم بولساڭ ئالەم سىنېڭكى، شوجاڭ(مەكتەپ مۇدىرى)بولساڭ خانىم سېنىڭكى»، «زۈيبا شاڭ خەيپا چۇلەيلې»(ئاغزىمغا قوقاق چىقىپتۇ)قاتارلىق بىنورمال چاكىنا ئېيتىم ھادىسىسىنى، 2007-يىلدىن بېرى شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئۇيغۇر مۇراسىم مەدەنىيتىگە مۇخالىپ ھالدا ئومۇملىشۋاتقان ۋە«دەۋرنىڭ ئېھتىياجى»دەپ . جەمئىيەتلىشۋاتقان توي شىرەسىدە ئولتۇرماي تۇرۇپ، مېھمانغا بىر پىيالە چاي قۇيماي تۇرۇپ پۇل يىغىش ھادىسىسىنى؛مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى تەرىپىدىن 2009-يىلقى بالىلار بايرىمىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن ئۇيغۇرچە سەنئەت پىروگىراممىسىدا10ياشقىمۇ توشمىغان سەبىي ئۇيغۇر قىزلىرىغا كىندىكى ئوچۇق ئوسسۇل ئوينىتىش ھادىسىسىنى؛چەت ئەلدە مەن كۆرگەن بەزى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بالىلىرىغا ئانا تىل چىقىشتىن بۇرۇن ياپونىيەدە تۇرغانلارنىڭ ياپونچە، تۈركىيدە تۇرغانلارنىڭ تۈركچە، ئامېرىكىدا تۇرغانلارنىڭ ئىنگلىزچە ئۆگىتىش ھادىسىسىنى؛ئانا يۇرتىمىزدىكى بىر نامرات دېھقان قىزىنىڭ توي كۈنى ياۋروپا پاسونىدىكى توي كۆڭلىكى كىيىپ«شيالى»پىكاپتا كۆچۈرۈلۈش ئالدىدىكى كۆرۈنۈشنى تەھلىل قىلىمىز. جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىقنىڭ نۇسخىلىرىنى ئۆزىدە يوق كىملىكنى بېزەپ كۆرسىتىش، كوللىكتىپ ۋىجدانغا ئاسىيلىق قىلىش،  ماددىيلىشىش ھەم تاۋار ۋەسۋەسىسى، جاھانسازلىق كويىغا كىرىش، شەھۋەت ۋە كەيىپنىڭ دەيدىيىگە ئۇسۇل ئويناش قاتارلىق نۇقتىلاردىن؛ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئىجتىمائىي ئىنكاس ئىقدارى ئۆلۈش،  ئىجتىمائىي ئۇيۇشچانلىقى ئاجىزلاش، زىددىيەتلىك كىملىك ۋە كىملىك كىرىزىسى پاتقىقىغا پىتىش، يادرولۇق قىممەت قاراشلىرى ۋە ئەخلاق تۇغانلىرىغا چاك كېتىش نۇقتىلىرىدىن مۇھاكىمە قىلىمىز.  


    2. چاكىنىلىقنىڭ ئىپادىلىرى:راست ئىشلار خاتىرسى


    پاكىت تەھلىلى(2)



    كىندىكى ئوچۇق ئوسسۇل ئويناۋاتقان سەبىي قىزلار ۋە باشقىلار


    2009-يىلى ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئانا يۇرتۇمدىكى مەلۇم بىر شەھەردە مەلۇم تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى تەرىپىدىن بالىلار بايرىمىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن سەنئەت پىروگىراممىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش پائالىيتىگە قاتناشتىم.  



    بۇ پائالىيەتنى مەلۇم بىر شىركەت خوجايىنى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەنىكەن، ماڭىمۇ تەكلىپنامىدىن بىرسى تەگدى. پائالىيەتنىڭ بېشىدا ۋەتەننى، كوممۇنىستىك پارتىيەنى مەدھىيەلەيدىغان نۇمۇردىن بىر قانچىسى ئورۇندالغاندىن كىيىن ئۇيغۇر ئۇسۇلىدىن بىر نەچچىسى ئوينالدى.  


    قىزىق يېرى، ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۇسۇل ئوينىغان سەبىي قىزلار قولتۇقى، كىندىكى ئوچۇق سەھنە كىيمى كىيىشكەنىدى. بۇ ئوماقلىرىمىز ئورۇندىغان شوخ ئۇسۇللاردىن خۇرسەن بولغان بولساممۇ، ئۇلار كىيگەن يېرىم يالىڭاچ كىيىملەر كۆڭلۈمنى غەش قىلدى. «بۇلارنى ئاشۇ يىشىدا كىندىكى،  قولتۇقى ئوچۇق كىيىم كىيىشكە مەجبۇر قىلغان نەرسە نېمىدۇ؟ئاتا-ئانىلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە رېژىسسورلار بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغانمىدۇ؟ »دېگەن ئىزتىراپلىق خىياللار كاللامدىن ئۆتتى. قارىشىمچە، ئۇسسۇللارنى سەبىيلەرگە بۇنداق كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ ئوينىتىش ئۇلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئەتراپىمغا قارىدىم.  كىشىلەر كۆزۈمگە پەرۋاسىزدەك، بىر نەرسىگە ھەيران قالمىغاندەك كۆرۈندى. شۇ ئارىدا خىيال ئىكرانىم ئىختىيارسىز ئاممىۋى مېدىيەلەرگە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر كۆرۈنۈشكە كۆچتى.



    2005-يىلنىڭ بىشىدا مەن ئىلگىرى خىزمەت قىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ تەربىيلەش مەركىزى ئۈرۈمچى غەربىي پويىز ئىستانىسىغا يىقىن بىر جايدا يېڭىدىن قۇرۇلدى. خىزمەت ئورنىمىز شەھەر مەركىزىدىن يىراق بولغىنى ئۈچۈن ئىدارىدىن ھەر ئىككى ئادەمگە بىردىن ياتاق بېرىلدى. مەن ئايدا بىر قىتىم نۆۋەتچىلىك كەلگەندە ئاشۇ ياتاقتا يىتىپ قالاتتىم. كۆپ ھالدا كەچ سائەت توققۇز-ئونلارغىچە كىتاب كۆرگەندىن كىيىن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۈندىلىك ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تېپىش مەقسىتىدە تېلىۋزورنى ئاچاتتىم ۋە قانال يۆتكەيتتىم. ئاشۇ يىلى ئۇيغۇر قاناللىرىدا كۆرگەن ۋە ئۆزۈم قەتئىي قۇبۇل قىلالمىغان بىر كۆرۈنۈش تا ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ. يەنى ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ«رىشتە»پروگىراممىسىدا توختىماي ئىچ كىيىم مودېل مۇسابىقىسى كۆرسىتىلەتتى. يەنى كېلىپ، بۇنداق نۇمۇر تەكرار-تەكرار كۆرسىتىلەتتى،  تەكرار-تەكرار تەلەپ قىلىناتتى. سىز بۇنداق كۆرۈنۈشنى كۆرمەي دېسىڭىزمۇ، قانال يۆتكىگەندە ھامان كۆزىڭىزگە چېلىقىىپ تۇراتتى. بۇنداق ئەھۋالنى ئۆزۈم نۆۋەتچىلىك قىلغان كېيىنكى ئايلاردىمۇ ئۇچراتقاندىن كىيىن، ئاخىر بىر كۈنى ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىغا تېلىفون قىلىپ بۇ ھالدىن قاقشىدىم؛بۇنداق قىلىشنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىسىگە مۇخالىپ ئىش ئىكەنلىكى، ياشلىرىمىزنى، سەبىيلەرنى زەھەرلەش دەرىجىسى چوڭقۇر بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم.  تېلفوننى ئالغان قىز ھۆرمىتىم ئۈچۈن گېپىمنى ئاخىرغىچە ئاڭلاپ تۈگەتتى ۋە پىكرىمنى رەھبەرلىككە يەتكۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما، كىيىنكى ئايلاردا بۇنداق نۇمۇرلار بېرىلىۋەردى. ھازىر ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ شۇ خىلدىكى نۇمۇرلارنى داۋاملىق بېرىۋاتقان-بېرىۋاتمىغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق.



    پاكىت تەھلىلى(3)



    «ئابدۇكېرىم ئابلىز ماقال-تەمسىللىرى»مۇ؟ 



    2009-يىلى ئىيۇننىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدىكى بىر نەچچە تونۇشۇم بىلەن بىر سورۇندا تاماقتا بوپقالدىم. ئارىلىقتا قىزىقچىلىققا ئامراق بىر تونۇشىمىز كېچىكىپراق كەلدى. قارىسام، جاۋغىيغا قوقاقتەك بىر نەرسە چىقىپ قاپتۇ.
    -ئاغزىڭغا نېمە بولدى ھوي؟-دېدى يىنىمدىكى بىر بۇرادىرىمىز.
    -زۈيبا شاڭ خەيپا چۇلەيلې، -دېدى ئۇ ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوتلىرىدىكى گەپلەرنى دوراپ.  ئۇ ھېلىدىن ھېلىغا ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئۇيغۇر ئېيتىمىلىرىنى«خەنزۇچە تەرجىمە قىلىپ»سەھنىگە ئېلىپ چىققان گەپلىرىنى ياغدۇرۋەتكىلى تۇردى. بۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ ئاغزى ئىچىلدى. «تۇخۇ داڭگال چۈشەيدۇ،  ئۆچكە جاڭگال»، «دۇستۇمنىڭ كۆڭلىنى دەپ بويۇمدا قاپتۇ»دېگەندەك ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىنىڭ چاكىنىلاشتۇرۇلغان«تەرجىمىسى»كەلسە-كەلمىسىدۇ ئېيتىلىشقا باشلىدى.


    -ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئىتوتلىرىنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز-دە؟-دېدىم مەن بۇ گەپلەرنى باشلاپ بەرگەن بۇرادىرىمىزگە، -مەخسۇس يادلامسىز نېمە بۇ گەپلەرنى؟
    -ئانچە-مۇنچە كۆرۈپ قويىمەن، يادلاپمۇ كەتمەيمەن. ھازىر ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ گەپلىرى مودىغۇ!—دېدى ھېلىقى بۇرادىرىمىز پەرۋاسىز كۈلۈپ تۇرۇپ.
    2009-يىلى 12-ئىيۇن ئەدەبىياتشۇناس ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئوبزورچى يالقۇن روزى قاتارلىق بىر نەچچە زىيالى بىلەن ئۈرۈمچىدىن كۇچاغا لېكسىيە سۆزلىگىلى باردۇق. ئەنجۈمەننى بۇ دىيارنىڭ پىچاق ئۇچى زىيالىيلىرىدىن سانالغان، مائارىپ، سەنئەت ۋە ئىجتىمائىيەت، بويىچە يېتىلۋاتقان ھوسسۇللۇق تەتقىقاتچىلىرىدىن كۇچا ناھىيە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەخمەت كېبىر ئەپەندى بىلەن ج ك پ كۇچا ناھىيەلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەھەد داۋۇد ئەپەندىلەر تەشكىللىگەن ئىدى. ئۈچىنچى كۈنى قالغانلار ئۈرۈمچىگە ئالدىراش قايىتتى، مەن ئەتىسى يۇرتۇم ئۇچتۇرپانغا بېرىشنى پىلانلىغانلىقىم ئۈچۈن كۇچادا بىر كۈن ئارتۇق تۇرۇپ قالدىم ۋە بىر قانچە ئەدەبىيات ھەۋەسكارىنىڭ ھەمراھلىقىدا كوچا ئارىلىدىم. بۇ جەرياندا ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىسىگە مۇخالىپ ھالدا سەھنىگە ئېلىپ چىققان(بۇنىڭ سەۋەبىنى ماقالىنىڭ نەزەرىيەۋى مۇھاكىمە قىسمىدا تونۇشتۇرىمەن)خېلى زور كۆپ قىسىم سۆزى ئوخشىمىغان ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىن ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا چىقتى. بۇ ھالنى ئۇچتۇرپاندىكى ياشلاردىمۇ ئۇچراتتىم. ئەمما، قىزىق يېرى، ئاشۇ ئېيتىمىلارنى ئېيتىشقا زوقمەن ياشلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز يوسۇندا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تۇيمايتتى. چۈنكى بۇ بەش-ئالتە يىلدىن بېرى خېلىلا جەمئىيەتلىشىپ قالغان ھادىسە بولغاچقا، ئۇلار بۇ توغرسىدا ئويلىنىپمۇ يۈرمەيتتى، ھەيرانمۇ قالمايتتى.  2010-يىلى مايدا تور مۇنبەرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن، يېڭىدىن تەستىقلانغان«ئەل كۈيى»مۇنبىرىدە«ئابدۇكېرىم ئابلىز ماقال-تەمسىللىرى»دەپ بىر تېما پەيدا بولدى. چۆچۈپ كەتتىم. چۈنكى مەن بۇ ئېيتىمىلارنى جەمئىيەتلەشكەندىن كېيىنكى ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەپ يۈرەتتىم. دېگەندەك، ئاشۇ گەپكە خۇشتار ياشلار مانا ئەمدىلىكتە ئۇ گەپلەرنى ماقال-تەمسىل دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ رەتلەپ چىققانىكەن. تېمىنىڭ مەزمۇنىنى تۇلۇقلاپ، تۇشمۇ-تۇشتىن چۈشۈۋاتقان ئىنكاسلار ھەيرانلىق ھېسسىياتىمنى كۈچەيتىۋەتتى. مەن ئاڭلاشقا ئۈلگۈرمىگەن ياكى ئاڭلىساممۇ ئۇنتۇپ قالغان«خۇتۇننىڭ قېرىسى تاتلىق، تۇخۇنىڭ تېرىسى تاتلىق»،  «ساراڭ بولساڭ پىرە ئوينا، قېرى خۇتۇندىن نېرى ئوينا»، «ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭكى، شوجاڭ بولساڭ خانىم سېنىڭكى». . . دېگەندەك چاكىنا ئېيتىملار ماقال-تەمسىل دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپتۇ. غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولدۇم. سەۋەبى،  نۇرغۇن ئادەم تۇيمايۋاتقان، كۆنۈپ كەتكەن بۇ پاخال ئېيتىمىلار جەمئىيەتلىشىپ ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلغانىدى. ئىختىيارسىز كاللامدىن:«ئۇيغۇر تىلى بىر كىمنىڭ شەخسىي مۈلكىمۇ؟خالىغانچە دەسسەپ- پىتىقدايدىغان لاي قېرىمىمۇ؟چولپانلىرىمىزغا ئۇيغۇر پاراڭ سەنئىتىدىكى پەردىشەپلەرنى، پەرھىزلەرنى بۇزۇش ھوقۇقىنى كىم بەردى؟تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن چۇقۇم زاڭلىشىش كېرەكمۇ؟»دېگەن خىياللار ئۆتتى.


    پاكىت تەھلىلى(4)


    ماددىيلىشىش ھەم تاۋار ۋەسۋەسىسى:بۇ ئادەت قاچانلاردا ئومۇملاشتى؟ ھەر قىتىم تەتىلدە ۋەتەنگە قايىتقىنىمدا ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئومۇملىشىشقا ياكى پەيدا بۇلۇشقا ئۈلگۈرگەن بىرەر يېڭى ئادەتنى، بىرەر يېڭى ئىشنى بايقايمەن. تويغا كەلگەن مېھمانلارغا بىرەر پىيالە چاي قۇيماي تۇرۇپ پۇل يىغىش-مەن 2007-يىلى دىكابىردا ئۈرۈمچىگە قايىتقاندا بايقىغان ئاشۇ خىلدىكى ئىشلارنىڭ بىرى. بىر كۈنى تەكلىپكە بىنائەن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ئازادلىق يولىدىكى بىر رېستۇرانغا قىز-يىگىت تويىغا بېرىپ قالدىم. بىر نەچچە تونۇشۇم بىلەن رېستۇران بىناسى ئالدىدا ئۇچرىشىپ زالغا چىقىش ئۈچۈن ئۈستىگە ماڭدۇق. مەرىكە زالىنىڭ بىر تەرىپىدە مېھمانلارنى كۈتۈۋىلىش ئۈچۈن تۇرغان ساھىبخانىلارنى، يەنە بىر تەرىپىدە شىرەدە دەپتەر-قەلەمنى تەييار قىلىپ ئولتۇرغان ئىككى قىزنى كۆردۈم.  ساھىبخانىلار بىلەن كۆرۈشۈپ بۇلۇشىمىزغا، ئالدىمىزدا ماڭغان بۇرادىرىمىز «يارىشىقىمىزنى قۇيۇۋېتەيلى»دەپ قالدى. مەن شۇندىلا بايىقى ئىككى قىزنىڭ رېستۇرانغا كەلگەن مېھمانلاردىن پۇل يىغىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئاتىغىنىمنى قۇيۇپ زال ئىچىگە كىردىم. رېستۇران ئىچىگە قەدەم باسماي تۇرۇپ پۇل قويىدىغان ئىشنى تۇنجى قىتىم كۆرۈۋاتقاچقا ھەيران بولماي تۇرالمىدىم ۋە بىر ئورۇنغا جايلىشىۋالغاندىن كىيىن بوش ئاۋازدا پىچىرلاپ باياتىن بىللە كەلگەن بىر بۇرادىرىمىزدىن سورىدىم: 
    -قاچانلاردا ئومۇملاشتى رېستۇرانغا كىرمەي تۇرۇپ پۇل يىغىدىغان بۇ ئادەت؟
    -خېلى بوپقالدىغۇ، سەن ئەمدى كۆرۈۋىتىپسەن-دە!-دېدى ئۇ.
    -مەن ئوقۇشقا مېڭىشتىن بۇرۇن بۇنداق ئادەت يوقتەك قىلغان، -دېدىم مەن.
    دېمىسىمۇ مەن2007-يىلى ئىيۇندا ئامېرىكىغا ئۇقۇشقا مېڭىشتىن بۇرۇن بۇنداق ئادەتنى ئۇچراتمىغان ئىدىم.
    ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇرۇن زالغا كەلگەن مېھمانلار چاي قۇيۇلۇپ، تاماق تارتىلىپ بولغاندىن كىيىن توي ئېگىسىگە ئاتىغىنىنى قوياتتى. بىلىشىمچە، بىر پىيالە چاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئادەتلىرىدە تۇتىدىغان رولى زور ئىدى. شۇ خىلدىكى سورۇنلاردا كەلگەن مېھماندىن ھال سوراش مەقسىتىدە ئاۋۋال چاي قۇيۇلغاندىن كىيىن ئاندىن باشقا رەسمىيەتلەر بىجا كەلتۈرۈلەتتى. ئەمدى كۆرۈۋاتقىنىم ئاشۇ ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزگە پۈتۈنلەي يات ھالدا پەيدا بولغان بىر كۆرۈنۈش ئىدى. ئەتراپىمدا ئولتۇرغان تۇنۇشلىرىمدىن بۇ ئىشقا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدىم.
    -ئىشقىلىپ مەن قۇبۇل قىلالمايمەن، -دېدى بىر ئوقۇتقۇچى تونۇشۇم، -ئۈتۈپ كەتكەن چاكىنىلىق، ئاچ كۆزلۈك بۇ.
    -قانداق قىلىسەن ئەمدى، -دېدى بىر مەمۇرىي ئىدارىدە ئىشلەيدىغان يەنە بىر تونۇشۇم، -بۇ دېگەن دەۋرنىڭ ئېھتىياجى. بۇنداق قىلمىسا پۇل قويماي چىقىپ كېتىدىغان قېلىنلار ئاۋۇپ كېتىدۇ.
    -نېمىلەرگە كۆنمىگەن خەق بىز، -دېدى مەن تۇنۇمايدىغان يەنە بىرەيلەن، -بۇ ئادەتكىمۇ كۆنۈپ كەتتۇق. ئەمما،  بۇ ئىشنى پەقەت ئىدىيەمدىن ئۆتكۈزەلمەيمەن. ئوغلۇمنىڭ خەتنە تويىدا ھەرگىز بۇنداق قىلمايمەن.  بۇ ئىشنى ئۇزۇن ئويلاندىم. شۇ ئىشتىن كېيىن ئۈرۈمچىگە يەنە ئۈچ قىتىم قايىتتىم. ھەر قېتىم قايىتقىنىمدا بىر-ئىككىدىن توي باغىقىنى تاپشۇرۇۋالاتتىم. كۆزىتىشىمنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى، بۇ ئادەت ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرىدا،  مۇراسىم مەدەنىيتىمىزدە ئاللىبۇرۇن ئومۇملىشىپ، جەمئىيەتلىشىشكە ئۈلگۈرۈپتۇ ۋە باشقا بەزى شەھەرلەرگىمۇ تارقىلىپ بوپتۇ. ئاشۇ كۆزىتىشلىرىم داۋامىدا ئۆز-ئۆزۈمدىن:«بىر جەمئىيەتتە ئومۇملىشىپ بولغان ئىش بولسىلا توغرا بولامدۇ؟بۇ، زامانىۋىلاشقانلىقنىڭ، تەرەققىياتنىڭ بەلگىسىمۇ؟دەۋرنىڭ ئېھتىياجىمۇ؟»دەپ سورىدىم. (بۇ ھەقتىكى تەھلىللىرىم ۋە بۇ ئادەتنى نېمە ئۈچۈن جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىق دائىرىسىگە كىرگۈزگەنلىكىمنىڭ سەۋەبىنى ماقالىنىڭ نەزەرىيەۋى مۇھاكىمە قىسمى بولغان3-، 4-بۆلەكلىرىدىن كۆرۈڭ).


     
    پاكت تەھلىلى(5)



    بالىلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەربىيەلەمدۇق؟



    ئوغلۇمنى ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەن يىلى ئايالىم بىلەن بىللە ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلدىم. مېڭىشتىن بۇرۇن بەزىلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ:«ئوغلىڭىزنىڭ تىلى ئىنگىلىزچە تېزلا چىقىپ كېتىدىغان بوپتۇ-دە!»دېيىشتى زوقلىنىپ.  «ياق -دېدىم مەن، -ئانا تىلى تولۇق چىقىپ بولمىغۇچە ئىنگلىز تىلى ئۆگەتمەيمەن. مەنمۇ ئىنگلىزچىنى 23يىشىمدىن، خەنزۇچىنى11يىشىمدىن باشلاپ ئۆگەنگەن، كىيىن ئۆگىنىۋالىدۇ ئىنگلىزتىلىنى!»ھاۋايغا كەلگەندىن كىيىن دېگىنىمدەك قىلدىم. ئۇ يەرنىڭ يەسلى مائارىپىدا بالىلارنى ئىككى ياشقا توشقاندىن تارتىپ قۇبۇل قىلدىكەن؛ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان يەسلىلىرىمۇ بار ئىكەن. لېكىن مەن ئوغلۇمنى يەسلىگە بەرمىدىم. ئوغلۇم ھازىر تۆت ياشقا قاراپ ماڭدى. ئۇ ھازىر ئۇيغۇر تىلىنى بېرىلىپ ئۆگىنىۋاتىدۇ. تىلى راۋان چىقىپ بولمىغۇچە باشقا تىل ئۆگىتىش نىيتىم يوق.  بىر كۈنى ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنژىنىرلىق ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر تۈرۈك تونۇشۇم بىزنى ئائىلە بويىچە مېھمانغا چاقىردى. ئۇ، كالفورنىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكتورلۇقتا ئۇقۇش داۋامىدا ئۇ يەردىكى بىر قانچە ئۇيغۇر بىلەن ياخشى يېقىن ئۆتكەنىكەن. گەپتىن گەپ چىقىپ، پاراڭنىڭ تېمىسى كالفورنىيەدە ياشاۋاتقان بىر نەچچە ئۇيغۇرنىڭ ياشاش ئەھۋالى توغرۇلۇق بوپقالدى.



    -ئۇ يەردىكى بىر نەچچە ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ بالىلىرىغا قاراپ ھەيران قالدىم، ئۇيغۇر بالىلار ئانا تىلدا سۆزلىمەيدىكەن، ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن ئىنگلىزچە سۆزلىشىدىكەن. بەزىلەر بالىلىرىغا داۋىد دېگەندەك چەت ئەلچە ئىسىم قۇيۇپتۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۆگەتمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنەلمىدىم.
    لېكىن، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ سەۋەبىنى سورىمىدىم، -دېدى ئۇ ئېھتىيات بىلەن قۇشۇپ قويدى، -بەلكىم كالفورنىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار باشقىچە يول تۇتۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
    ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، ھونۇلۇلۇدا ئوقۇش، ئىشلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرۇپ قالغان بىر نەچچە ئۇيغۇر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئايدا بىر قىتىم ئوپچە دالا تامىقى يەيدىغانغا كېلىشتۇق. شۇئارىدا 2004-يىلدىن2008-يىلغىچە تۈركىيىدە تۇرغان بىر جۈپ ياش ئەر-خۇتۇنمۇ كەلدى. دالا تامىقىغا ئۇنىمۇ تەكلىپ قىلدۇق. شۇڭغىچە مەن چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ بالىلىرى توغرۇلۇق تۈزۈكرەك چۈشەنچىگە ئىگە بولماپتىكەنمەن. تۇنجى قىتىملىق پائالىيتىمىزدە بىر ئىشنى ھەريانلىق ئىچىدە بايقىدىم. يەنى تۈركىيەدە تۇرغان قېرىندىشىمىزنىڭ ئۈچ ياشلىق ئوغلىنىڭ تىلى تۈرۈكچە، بەش يىلدىن بېرى ئىزچىل ھونۇلۇلۇدا تۇرۋاتقان ۋە ئۇقۇۋاتقان يەنە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ تىلى پۈتۈنلەي ئىنگلىزچە چىقىپتۇ. بۇ بالىلار ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، ئاتا-ئانىسى بىلەن باشقا تىللاردا سۆزلىشىدىكەن. ھەيرانلىقىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئىچىدە ھىچقايسىسىنىڭ چەت ئەلدە تۇرغان ۋاقتى بەش يىلدىن ئاشمىغان ۋە ئۇ ئاتا-ئانىلار چەتكە چىقىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان ۋە ياشىغانىدى. تۈركىيەلىك دوستىمىزغا ئوخشاشلا مەنمۇ بۇ بالىلارغا ئانا تىل ئۆگىتىشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان كۈچنىڭ نېمىلىكىنى بىلەلمەي ھەيران قالدىم. كىيىن باشقا دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم قېرىندىشىمىزنىڭ ئارىسىدىمۇ بالىلىرىغا شۇ دۆلەتلەرنىڭ تىللىرىنى ئۆگىتىش قىزغىنلىقىىنىڭ يۇقىرىلىقىنى سىزىپ قالدىم. بۇنداق ئەھۋال خېلىلا ئومۇملاشقانمۇ ئەيتاۋۇر، كىيىنچە چەت ئەلدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان بىرەيلەن«بۇ بالىلارنى كىم ئۈچۈن تەربىيەلەۋاتىمىز؟»دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى.
    بۇ ماقالە ۋەتەن ئىچىدىكى ئىنتېر تورلىرىدىمۇ بېسىلدى. دېمەك، چەت ئەللەردە بالىلىرىغا ئانا تىل ئۆگەتمەسلىك خېلىلا ئومۇملاشقان ھادىسە بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ يىغىسىنى يىغلايدىغان قېرىنداشلىرىمىز يەنىلا ئاز ئىكەن.



    پاكت تەھلىلى(6)



    «چۈش كۆرۈۋاتقان»قىزلار


    
    قۇلۇمدا شىنجاڭ فوتوسۈرەت-گۈزەل سەنئەت نەشىرىياتى نەشىر قىلغان«شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرى»ناملىق كىتاب تۇرۇپتۇ. كىتابنىڭ«ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۈكۈن ئادىتى»دېگەن قىسمىدا ئالاھىدە بىر سۈرەت كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. سۈرەتتە ياۋروپاچە توي كۆڭلىكى كىيگەن بىر دېھقان قىزى توي كۈچۈرۈلۈشتىن بۇرۇن«شيالى»ماركىلىق پىكاپقا چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر كۆرۈنۈش بار. سۈرەتتە«شيالى» ماركىلىق پىكاپ بىلەن ياۋروپاچە توي كۆڭلىكى روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىنغان.  2009-يىلى دېكابىردا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئاممىباب ژۇرناللاردىن بىرى بولغان«دۆلەت جۇغراپىيەسى»دە ئانا يۇرتىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك بەدىئىيلىكى، سەۋىيەسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان سۈرەتلەر بېرىلدى. سۈرەتلەر داڭلىق فوتوگرافلار تەرىپىدىن تارتىلغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خوتەن شەھرىدە تارتىلغان بىر سۈرەت بۇلۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق كۆرۈنۈش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛چىراغلار غۇۋا يىنىپ تۇرغان رومانتىك تۈس ئالغان بىر دىبا(ئېلېكتىرونلۇق تۈنەكخانا)دا بىر چۈپ ئۇيغۇر قىز-يىگىت تانسا ئويناۋاتىدۇ .
    كومېدىيەلىك يېرى شۇكى، يۈز تەرىپىدىن تارتىلغان ئۇيغۇر قىزىنىڭ بىشىدا ياغلىق، پۇتىدا ئۈتۈك بار. بۇ بىر جۈپنىڭ چىراي ئىپادىسى دىبادا تانسا ئويناۋاتقان، ئىچىشىپ ئولتۇرغان باشقا ئۇيغۇرلارنىڭكىدەكلا بىپەرۋا تۈس ئالغان.  سۈرەتتىكى ئوبراز ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، فوتوگرافنىڭ قىزنىڭ ياغلىقى بىلەن زال ئىچىدىكى باشقا ياۋروپاچە كۆرۈنۈشنى ئالاھىدە سېلىشتۇرما قىلىپ سۈرەتكە ئالغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.


    3. قىممەت قارىشىمىز، يۇسۇنلىرىمىز ۋە ئەخلاق ئىستېلاسى


    ئەمدى بىز ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان يۇقىرىقى تۇرمۇش كارتىنلىرىنى پاكىت سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ سوئال قويايلى:نېمە ئۈچۈن يۇقىرىقى كۆرۈنۈشلەرنى جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىقنىڭ ئىپادىسى دېيىشىمىز كېرەك؟ئاساسلىندىغان ئۆلچەم نېمە؟بۇ نۇقتىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسكەرتىپ ئۆتىمىزكى، ئادەم توختاۋسىز چاكىنىلىشىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ چاكىنىلىشىۋاتقانلىقىنى، ئومۇملاشقانلا ئىش بولسا، توغرا بوپكەتمەيدىغانلىقىنى تۇيمايدۇ. مۇئەييەن بىر ھەرىكەت ئەندىزىسىدىكى چاكىنىلىق جەمئىيەتلەشكەندە بولسا، شۇ ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرىنى بىلىپ-بىلمەي كۆنۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، سوئال قۇيۇش بىزگە ئۆزىمىز كۆنۈپ كەتكەن ئىش ۋە ھادىسىلەرگە قايتىدىن قاراپ چىقىدىغان بىر كۆز ئاتا قىلىدۇ. جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىقنى چۈشىنىش بىزدە ئۆزىمىز كۆنۈپ كەتكەن ھەرىكەت ئەندىزىسى ۋە ئادەت چەمبىرىكىدىن تاشقىرى يېڭىچە نەزەردە قاراشتا لازىم بولىدىغان ئاشۇنداق بىر كۆزنىڭ بۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.



    ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆيىدە، ئۆزىگە مۈلۈك سۈپىتىدە تەۋە خاس ماكاندا ۋە ياكى يالغۇز قالغاندا ئۆزخاھىشى بويىچە ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئەركىنلىكىگە ئىگە. ئەمما، ئىجتىمائىي مىزان تۇتۇپ تۇرغان ئاممىۋى سورۇنلاردا، ئۆرۈپ-ئادەت ، قائىدە-يۇسۇن كۈچىنى كۆرسىتىدىغان مۇراسىملاردا بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ قىممەت قارىشى، ئېتقادى، كوللېكتىپ ۋىجدانغا چىتىلدىغان ئەھۋاللاردا ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى، ئۆرۈپ-ئادەت، قائىدە-يۇسۇن، كوللېكتىپ ۋىجدان ئومۇمىيلىققا ئىگە بۇلۇپ، بىر كىمنىڭ شەخسىي مۈلكى ئەمەس. ئۇنى بىر ياكى بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئۆز خاھىشى،  ئۆز نەپسى ۋە قىزىقىشى بويىچە بۇزۇش، دەپسەندە قىلىش ھوقۇقى يوق. شۇ ۋەجىدىن، ھەربىر مىللەتنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا كوللېكتىپ ئەقىدە پىرىنسىپلىرىغا خاس ھالدا پەرھىزلەر، مۇقەددەس سىمۋوللار ئېنىق ئايرىلغان؛ئومۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا قىلىشقا، چىقىلىشقا بولمايدىغان، يامان كۆرىدىغان ئىشلارنىڭ دائىرىسى، چېكى بىكىتىلگەن؛ ئىجتىمائىي ئالاقىدە، ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈرگۈزۈشكە بولىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ نۇسخىلىرى ئۆرپ-ئادەت شەكلىدە ئومۇملاشقان بولىدۇ. بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ مەنىۋى مەۋجۇدلۇقىنى بىر ئىمارەتكە ئوخشاتساق، ئۇھالدا ئۇنىڭ دىنىي ئېتقاد، جامائەتچىلىك ئېڭى، ئۆرپ-ئادەت ، مۇقەددەسلىككە ئىگە خاس سىمۋول،  كوللېكتىپ ۋىجدان ۋە پەرھىزدىن ئىبارەت ئالتە تۈۋرۈكى بولىدۇ. بۇ ئالتە تۈۋرۈك كۆرۈنمەس زەنجىرلەر بىلەن بىر-بىرىگە باغلانغان بولىدۇ ۋە بىر ئجتىمائىي توپنىڭ قىممەت قارىشىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى، مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئېمىل دۇركايىم(1858-1917)نىڭ«جەمئىيەت بىر خىل روھىي تەرتىپتۇر» دېيىشى ئاساسسىز ئەمەس. بىر جەمئىيەتنىڭ روھى تەرتىپىگە دەخلى قىلىدىغان ئىشلار ئومۇملاشسا ۋە شۇ ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرى ئۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇش، ئىنكاس قايتۇرۇپ توسۇشقا تىرىشمىسا، ئىجتىمائىي بىنورماللىق جەمئىيەتلىشىدۇ. جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىق ئەنە شۇنداق بىر ئىجتىمائىي بىنورماللىق تۇغۇندىسى.



    يۇقىرىقى تۇرمۇش كارتىنىلىرى جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىق دېيىشىمدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلاردا ئۇيغۇر مەنىۋى مەۋجۇدلۇقى، قىممەت قارىشىنىڭ ئالتە تۈۋرۈكى بولغان دىنىي ئېتقادىغا، جامائەتچىلىك ئېڭىغا، ئۆرپ-ئادەتىگە،  خاس سىمۋوللىرىغا،  كوللېكتىپ ۋىجدانغا ۋە پەرھىزلەرگە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ھۆرمەتسىزلىك قىلغان، سەل قارالغان، قاتتىقىراق قىلىپ ئېيىتقاندا، ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز يۇسۇندا ئاسىيلىق قىلىنغان. تېخىمۇ يامان بولغىنى، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىلىرى ئۇيغۇرلار ئارسىدا، بولۇپمۇ شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئادەتلىشىشكە يۈزلەنگەن؛كۈچلۈك قارشىلىققا دۇچ كەلمىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىنى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرايدىغان ئادەملەر كۆپ تۇرۇپ بۇ ھادىسلەرنى توسۇشقا ئاجىز كەلگەن. بۇ ھال ئۇ ھادىسلەرنىڭ جەمئىيەتلىشىش خاراكتېرىنى روشەنلەشتۈرگەن. مىسالەن، توي مۇراسىمىدا غەرق مەست بولۇۋالغان دادىلار مۇسۇلمانلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ھارامنى ئارلاشتۇرغا؛مەرىكە مۇراسىمىدىكى پەرھىزلەر ۋە ياشلار بىلەن بولغان پەردىشەپنى بۇزغان؛يەنى كېلىپ، شۇنچە جىق ئادەمنىڭ ئالدىد سەتلىشىشتىن ئۇيالمىغان. ئۇسسۇل ئوينىغان سەبىي قىزلارنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە توختىماي ئىچ كىيىم مودېل مۇسابىقىسى تېلېۋزوردا بېرىلۋاتقان تۇرمۇش كارتىنىسىغا كەلسەك ، مىللەتنىڭ شەرم-ھايا قارىشىغا ھاقارەت قىلىنغان. ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئۆزى تۇيماستىن جەمئىيەتلەشكەن بىر قىسىم چاكىنا ئېيتىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ۋىجدانى ۋە تىل بايلىقىنىڭ ساپلىقىغا بىھۆرمەتلىك قىلىنغان. (مىسالەن، سىز ئايالى يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىشلەيدىغان ۋىجدانلىق بىر ئەر ياكى ئايال بولسىڭىز ۋە ياكى ئۆزىنى پاكىز تۇتۇپ، خىزمىتىنى بىجانىدىل قىلۋاتقان بىر مەكتەپ مۇدىرى بولسىڭىز، « ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭكى، شوجاڭ بولساڭ خانىم سېنىڭكى»دېگەن ئىبارىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا ئەخلاقىڭىزغا تاجاۋۇز قىلىنغاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى سورۇندىكى پاراڭ سەنئىتىگە دەخلى قىلىنغاندەك تۇيغۇدا بولامسىز-يوق؟)تويدا چاي قۇيماي تۇرۇپ پۇل يىغقان كۆرۈنۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق يۇسۇنلىرى ۋە مەرىكە ئادىتى نەزەرگە ئېلىنمىغان. ھېچقانداق چەكلىمە ۋە بىسىم بولمىسىمۇ بالىلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش ھوقۇقىنى تارتىۋىلىنغان چەت ئەللەردىكى ئاشۇ جاھانساز، پۇرسەتپەرەس ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار بولسا بىر مىللەتنىڭ ئورتاق بايلىقى بولغان تىلىنى ئۆزلىرى ئاڭلىق يەكلەپ، مىللىي بۇرۇچقا مۇخالىپ ئىش تۇتقان. كەچلىك بەزمىخانىدا ياغلىق چېگىپ تانسا ئويناۋاتقان ئۇيغۇر قىزى مۇسۇلمانلىققا خاس سىمۋوللۇق بەلگىلەردىن بىرى بولغان باش كىيىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان ۋە ئىنتايىن چاكىنا، كومېدىيەلىك بىر رېئاللىقنى روياپقا چىقارغان. ياۋروپاچە توي كۆڭلىكى كىيىپ«شىيالى»ماركىلىق پىكاپتا كۆچۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان قىز بولسا ئۆزىدە يوق كىملىكنى بېزەپ كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىگە شۈبھەلىك سوئال تۇغدۇرغان. يۇقىرىقى تۇرمۇش كارتىنىلىرىدىكى بىر ئورتاقلىق شۇكى، ئۇلار ئۇيغۇرلار ئېغىر ئالىدىغان ئىشلار تۇرۇپ، ئۇيغۇر قىممەت قارىشىغا مۇخالىپ بولۇشىغا قارىماي كۆلەم پەيدا قىلغان، جەمئىيەتلەشكەن ۋە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلانغان(مەسلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشى نۇقتىسىدىن كۆزىتىشىمىزدىكى ئاساسىمىزنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ بىلىشكە قىزىققۇچىلار ئابدۇكېرىم راخمان قاتارلىق ئۈچ ئاپتور بىرلىشىپ يازغان«ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادەتلىرى»ناملىق كىتابتىكى«ئۇيغۇرلاردا پەرھىز ئادەتلىرى»(136-بەت)، «قىز-يىگىت تويى»(127-بەت)، «مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان ئادىتى»(114-بەت)قاتارلىق تارماق مەزمۇنلارغا ۋە ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا يازغان«ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى»ناملىق كىتابتىكى«دىنىي ئېتىقاد»(370-بەت)، «ئەقىدە-ئېتىقاد ئادەتلىرى»(383-بەت)، «تىل سەنئىتى»(417-بەت)، «ماقال-تەمسىل»(425-بەت)، «جامائەتچىلىك ئادىتى»(501-بەت)، «مېھمان ئۇزىتىش ئادەتلىرى»(517-بەت)، «يامان كۆرىدىغان ئادەتلەر»(528-بەت)قاتارلىق تارماق مەزمۇنلارغا مۇراجئىەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن). تۆۋەندە بىز يۇقىرىقى نۇقتىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا كوللېكتىپ ۋىجدان، قىممەت قارىشى، پەرھىز، دىنىي ئېتقاد، قائىدە-يۇسۇنلارنىڭ بىر جەمئىيەتتە نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس مەنىۋى كۈچ ئىكەنلىكى ۋە جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ بۇنىڭغا نېمىدەپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىمىز. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، مەشھۇ مۇتەپەككۇر سامۇئېل خانتىڭتون( Samuel Hantington,1927-2008)دۇنيادا كۈچلۈك زىلزىلە پەيدا قىلغان«مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى»ناملىق كىتابىدا كىشىلەرنىڭ ئۆز كىملىكىنى، ئۆزىنى تونۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق يازىدۇ:«بىز ئۆزىمىزنىڭ كىم ئەمەسلىكىمىزنى ۋە كىمدىن مۇداپئىە قىلىدىغانلىقىمىزنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن كىم ئىكەنلىكىمىزنى بىلەلەيمىز. »(ئۇيغۇرچە نەشرى11:2003، ئىنگلىزچە نەشرى21:1997)ئۆز كىملىكىنى تونۇش بىر ئىجتىمائىي توپ كىشىلىرىنىڭ نىشانى، كۈرەش ئوبيېكتى، ئۆزىنى چۈشەپ تۇرغان ئاسارەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىر ئىجتىمائىي توپ ئىچىدە ياشاش دېگەنلىك، كىملىكلىشىپ(认同化,Identification)ياشاش دېگەنلىكتۇر. كىملىكلىشىپ ياشاش دېگەنلىك سىمۋول ئىچىدە، مۇئەييەن بىر ئورتاقلىققا ئىگە بۇلۇپ ياشاش دېگەنلىكتۇر. بىز كۆنۈپ كەتكەن ئىجتىمائىي بىنورماللىقلارنى چۈشىنىشتىن بۇرۇن«بىز كىم ئەمەس؟»دەپ سوئال قويساق، ئاندىن«بىز كىم؟»دەپ سوئال قويساق، ئۆزىمىز كۆنۈپ كەتكەن ئىجتىمائىي بىنورماللىقلارنى چۈشىنىش بىر ئاز ئاسانلىشىدۇ. بىز دىنىي كىملىك نۇقتىسىدىن خىرىستىئان، كاتولىك ياكى بۇددىسىت ئەمەس؛مىللىي كىملىك نۇقتىسىدىن ئامېرىكان، فىرانسۇز ياكى ئىنگلىز ئەمەس؛دىنىي كىملىكىمىز مۇسۇلمان، مىللىي كىملىكىمىز ئۇيغۇر. شۇڭا ھەر بىر ئۇيغۇر چاكىنا ئېيتىمىلارنى،  نىكاھ مۇقەددەسلىكى دەپسەندە قىلىنغان مۇراسىم شەكلىنى، ياۋروپاچە كىيىم سىمۋوللىرىنى، ئۇيغۇر تىلىنى خارلاۋاتقان پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ جاھانسازلارچە تۇرمۇش يولىنى قۇبۇل قىلالماسلىقى، ئۇنداق ئىشلارغا قارشى تۇرۇشى كېرەك ئىدى. قارشى تۇرالمىغانىكەن، قۇبۇل قىلالىغانىكەن، دېمەك، ئۇ-جەمئىيەتلىشۋاتقان ئىجتىمائىي بىنورماللىقنىڭ ئاكىتىپ ئىشتىراكچىسى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىق ئۇقۇمى بىلەن كىملىك ئۇتتۇرىسىدىلا ئەمەس، قىممەت قارىشى،  ئىجتىمائىي يۇسۇن ئۇقۇملىرى ئوتتۇرسىدىمۇ چەمبەرچاس باغلىنىش بولىدۇ.



    قىممەت قاراش دېگەن نېمە؟يۇسۇن دېگەنچۇ؟ئۇلار بىلەن جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇدلىقىدا قانداق رول ئوينايدۇ؟ھەربىر جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قىممەت قاراشلىرى، يۇسۇنلىرى بولىدۇ. قىممەت قاراش(Values,价值观)دېگىنىمىز-بىر جەمئىيەت كىشىلىرى نېمىنىڭ خاتا، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ ياخشى ۋە نېمىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى ھەققىدە ئورتاق مايىلللىققا ئىگە بولغان ئابستراكىت ئىدىيە سىستېمىسىدۇر. قىممەت قاراش مەدەنىيەتنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولۇشى سۈپىتى بىلەن ئادەملەرنىڭ ھەرىكىتى، ھېسياتى ۋە ئوي-پىكرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يۇسۇن( Norm,规范)دېگىنىمىز بىر مەدەنىيەتنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ۋە گەۋدىلەندۈردىغان ھەرىكەت قائىدىلىرىدۇر. بىر جەمئىيەتتە قىممەت قاراش بىلەن يۇسۇن تەڭ ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ، مەدەنىيەت ئەزالىرى ئارىسىدا ھەرىكەت قىلىپلىرىنى مۇقۇملاشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەمما، ئوخشىمىغان جەمئىيەتتەئوخشىمىغان قىممەت قاراشى ۋەيۇسۇنلار بولىدۇ.  بىزنىڭ ھەر كۈنلۈك ھەرىكىتىمىز ۋە ئادىتىمىز قىممەت قارىشى ۋە يۇسۇنلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئەمما بۇ دېگەنلىك قىممەت قارىشى ۋە يۇسۇنلارنلاردا ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىش بولمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس.  قىممەت قاراشلىرى،  يۇسۇنلاردىمۇ يېڭىلىنىشلار بارلىققا كېلىدۇ. مىسالەن، شەھەرلىشىش داۋامىدا ئەسلىدىكى ئۇيغۇر ئەنئەنىسىدە يۈز ئاچقۇ، توي شەكلىدە بىر نەچچە كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەرىكىلەر بىرلا كۈندە ئۆتكۈزۈلىدىغان،  مېھمانلار توي ئىگىلىرىگە ئاتىغان كۆڭلىنى رەخت-پەخت ئەمەس، نەقپۇل بىلەن ئىپادىلەيدىغان بولۇشتى. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا، دىنىي مۇراسىم شەكىللىرىدە زامانغا لايىق بەزى ئۆرۈپ-ئادەتلەرمۇ شەكىللەندى. بۇنى ياخشى سۈپەتلىك ئۆزگىرىش دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما، ئىجتىمائىي كونترول، شەھەرلىشىش، زامانىۋىلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە ئەسلىدىكى قىممەت قارىشى بىلەن توقۇنۇشىدىغان بەزى ئادەتلەرمۇ پەيدا بولدى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ماقالىمىزنىڭ خام ماتېرىيا بۆلىكىدە تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم بىنورماللىق شەكلىدە پەيدا بولدى. بۇ ھادىسىگە تۈرتكە بولغان كۈچلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە كېيىنكى بۆلەكتە تەھلىل يۈرگۈزىمىز.



    ئادەتتە بىر جەمئىيەتنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئۈچ يادرولۇق سىستېما بولىدۇ. ئۇلار ئىجتىمائىي سىستېما، مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە خاراكتېر سىستېمىسىدىن ئىبارەت. بىر جەمئىيەتتە زىددىيەتلىك، پەرقلىق خاراكتېر سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەت سىستېمىسى تەڭ مەۋجۇد بولغاندا، پاسسىپ ئورۇندا تۇرغان ئىجتىمائىي توپنىڭ قىممەت قاراشلىرى خىرىسقا ئۇچرايدۇ. سەۋەبى، ئامېرىكىلىق مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس، فونكسىيىزم نەزەرىيسىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى تالكوت پارسونىس(Talcott Parsons,1979-1902)نىڭ 1951-يىلى نەشىردىن چىققان«ئىجتىمائىي سىستېمىلار»ناملىق نوپۇزلۇق كىتابىدىكى قاراشلار بويىچە قارىغاندا، ئىجتىمائىي سىستېمىلار ئادەلەر ئارىسىدىكى ئالاقىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە داۋامىدا چەكلىك ئىمكانىيەتلەر ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا ھامان زىددىيەتلەر كۆرۈلىدۇ. خاراكتېر سىستېمىسى بولسا ئىجتىمائىي سىستېمىلار نىڭ يۈرۈشۈشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان خۇلۇق-مىجەزلەردىن ئىبارەت. ئۆز نۆۋىتىدە ئارزۇ-ئىستەك، ھەۋەس ۋە ئېھتىياجلارمۇ بىر جەمئىيەتنىڭ خاراكتېر سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. مەدەنىيەت سىستېمىسى تالكوت پارسونىس يۇقىرىقى كىتابىدا ئەڭ جىق توختالغان ئۇقۇمدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەدەنىيەت سىستېمىسى بىر جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئالاقە چەمبىرىكىگە ئېلىپ كېلىدۇ ۋە ئورتاق قىممەت قارىشى ئاساسىدا ھەمكارلاشتۇرىدۇ. ئورتاق قىممەت قارىشى ئاساسىدىكى بىردەك تونۇش بولسا بىر جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ ئۇمۇرتقىسى بۇلۇپ ھېسابلىندۇ .  مەدەنىيەت سىستېمىسى بولسا بىر جەمئىيەتنىڭ خاراكتېر سىستېمىسىنى يارىتىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ رول ئۆتىشى داۋامىدا ئۇلارنىڭ روھىيتىگەسىڭىپ كېتىدۇ(تالكوت پارسونىس، 1951-يىل). قىممەت قارىشىنىڭ بىر ئىجتىمائىي توپنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى رولى ئۇ ئەسەرلىرىدە ئەڭ كۆپ مۇلاھىزە قىلغان بىر تېمىدۇر.  بىز جەمئىيەتشۇناس تالكوت پارسونىسنىڭ فۇنكسىيىزم نەزەرىيسىنىڭ ئۇلىنى سېلىپ بەرگەن يۇقىرىقى مەشھۇر كىتابىدىكى بۇ نۇقتىئىنەزەرلەرنى ماقالىمىزدە جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىق سۈپىتىدە تەھلىل قىلۋاتقان تۇرمۇش كارتىنلىرىغا باغلاپ چۈشەنگىنىمىزدە، مۇنداق بىر نۇقتا روشەنلىشىدۇ. قىممەت قاراش-بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ رىشتىسىنى باغلايدىغان زەنجىر، تەرتىپنى تۇتۇپ تۇرىدىغان، مەنىۋى مەۋجۇدلۇقنى تىرەيدىغان تۈۋرۈك. بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكى، ھەرىكەت قىلىپلىرى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ خاراكتېر سىستېمىسىنى بەلگىلەيدۇ. دېمەك، بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان پاكىتلاردا ئاشۇ كىشىلەر ئۇيغۇر قىممەت قارىشىنىڭ بايا تىلغا ئېلىنغان ھەرخىل تارماق تۈۋرۈكىگە دەز كەتكۈزىدىغان ئىشنى قىلىشتىن ئايانمىغان ھەم ئۆز ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاشمىغان. نەتىيجىدە، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر قىممەت قارىشىدا ئەسلىدىنلا ھار ئېلىنغان، يەكلىندىغان قىلىقلىرى يەنە بىر مۇنچىلىغان كىشىنىڭ روھىي دۇنياسىنى غىدىقلاپ ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي ئىنكاس ئىقدارى ئۆلگەن، ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قارىشىغا نېمە خىرىسلارنىڭ يېتىۋاتقانلىقىنى ئويلاشقا ئۈلگۈرمىگەن بىر ئىجتىمائىي گاس توپنى بارلىققا كەلتۈرگەن. باشقىچە سۆز بىلەن ئېيىتقاندا، ئەسلىدە ھار ئېلىندىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى بىر بۆلۈك كىشىنىڭ خاراكتېرىنى چاڭلاشتۇرغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ كىملىكى، نېمىنى ھىمايە قىلىپ، نېمىدىن مۇداپئەلىندىغانلىقىنى تۇيمايدىغان ئىجتىمائىي بىنورماللىق پەيدا بولغان.  



    يۇقىرىقى ھەرىكەتنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاشماسلىقنىڭ نېمە ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى قىسقىچە تىلغا ئېلىندى. بۇنى ئۇيغۇر تۇرمۇشى نۇقتىسىدىن قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟جەمئىيەتشۇناسلار بۇنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟ئېيتىش كېرەككى، بىر ئىجتىمائىي توپقا مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلەرنى كۆزەتكىنىمىزدە ئاشۇ ھەرىكەتلەرنىڭ كۈتكەن نەتىجىسى ۋە كۈتمىگەن نەتىجىسىنى نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك. بۇ يەردە نۆۋىتى كەلگەندە كۇلۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، فۇنكسىيزملىق پىكىر يولىنىڭ يەنە بىر غوللۇق ۋەكىلى،  تالكوت پارسونىسنىڭ ئۇقۇغۇچىسى روبېرت مېرتون(Robert Merton,2003-1910) نىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئارتۇقچە ئىش بولمىسا كېرەك. روبېرت مېرتون ئۆزىنىڭ«جەمئىيەت نەزەرىيسى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلما»ناملىق نوپۇزلۇق كىتابىدا ئېنىق ئاقىۋەت(Manifest Consequences,明显的后果)،  يىپىق ئاقىۋەت(Latent Consequences,潜在的后果)دېگەن ئىككى ئۇقۇمنى پەرقلەندۈرۈپ تەھلىل قىلىدۇ.  بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئېنىق ئاقىۋەت(يەنە«كۈتكەن ئاقىۋەت»«Intended Consequences»دەپمۇ ئاتىلدۇ)كۈتكەن، پىلانلىغان ئاقىۋەتتۇر. يىپىق ئاقىۋەت بولسا(يەنە«كۈتمىگەن ئاقىۋەت»«Unintended Consequences»دەپمۇ ئاتىلدۇ)بىر ئىجتىمائىي سىستېمىنىڭ يۈرۈشۈش داۋامىدىكى پىلاندىن، نىشاندىن سىرت پەيدا بولغان ئاقىۋەتتۇر(روبېرت مېرتون، 65:1957-64)دەل مۇشۇ سەۋەپتىن، جەمئىيەتشۇناسلىق ھەرىكەتنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى بەكرەك تەھلىل قىلىدۇ ۋە ئادەتلەنگەن تونۇشقا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. روبېرت مېرتون مۇراسىملارنى مىسال كەلتۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىر ئىجتىمائىي توپ ئىچىدە كىملىك تۇيغۇسىنى مۇقىملاشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ ۋە يەنە مۇراسىملاردىكى ئەقىلسىزلىك ۋە ھېسياتنىڭ تۈرتكىسىدە ئورۇندىلىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىدۇ. بىز ئەمدى مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ، بايا تىلغا ئېلىنغان تۇرمۇش كارتىنىلىرىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋەتلىرىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى. شۇنىسى ئايان بۇلۇپ تۇرۇپتۇكى، توي مۇراسىمىدا غەرق مەست بولۇۋالغان دادىلارنىڭ مەقسىتى كۆڭلىنى خۇش قىلىش ياكى ئۆزلىرىنىڭ قارىشىچە توينى قىزىتىش. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتى ئويغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشىنى، جۈملىدىن پەرھىزلىرىنى، مۇقەددەس سىمۋوللىرىنى، كوللېكتىپ ۋىجدانىنى يەرگە ئۇرۇش بولغان. ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوتلىرى پەيدا قىلغان كۈتمىگەن ئاقىۋەت مەسلىسىگە كەلسەك، بۇ ئارتىسنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈش ياكى پاراڭ سەنئىتىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرۈش ۋە ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى ئىللەتلەرنى قامچىلاش. ئەمما ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئاممىۋى مېدىيەلەرنىڭ ياردىمىدە كۈتمىگەن ئاقىۋەت پەيدا قىلغان-دە، ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك زۆرۈرىيەتسىز ئېيتىملار ئۇيغۇر تىلىدا«ماقال-تەمسىل»شەكلىدە ئومۇملىشىشقا يۈزلەنگەن ۋە پاخال گەپلەر جەمئىيەتلەشكەن. دېمەك، ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىللەتلەرنى قامچىلايمەن دەپ يېڭى بىىر ئىللەتكە يول ئاچقان؛ئەمما ئۆز ھەرىكىتىنىڭ بۇ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى ئويلاشمىغان. [6]كىندىكى ئۇچۇق ئۇسسۇل ئوينىغان سەبىي قىزلار كۆرۈنىشىگە كەلسەك، تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشىغا ھۇجۇم قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۈسمۈرلىرىمىزنىڭ بايرىمىغا كونسېرت تەييارلاپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش. ئەمما، مەيلى رېژىسسورلار بولسۇن، ئاتا-ئانىلار بولسۇن ياكى ئۇقۇتقۇچىلار بولسۇن سەبىي قىزلارغا ئوچۇق كىيىم كىيگۈزىشنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى، يەنى بۇنداق قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشىغا، نۇمۇس مەدەنىيتىگە زىت بولىدىغانلىقى، بۇنداق نومۇرلار تېلېۋىزىيە ئارقىلىق تارالسا قانچىلىغان سەبىي قىزنىڭ ئېڭىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئويلاشمىغان. رېستورانغا كىرمەي تۇرۇپ پۇل يىغىش ئىشىدا بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق ئادىتىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىش ئەسلىي مۇددىئا ئەمەس. ئەمما، كىرگەن مېھمانغا«قولايلىق يارىتىش»، «دەۋىرگە ماسلىشىش»، قېلىن مېھمانلارغا چەك قۇيۇش مەقسىتىدە ئومۇملاشقان بۇ ئىشتا شەھەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر ئەخلاقىنى، مېھماندارچىلىق يۇسۇنىنى نەزەرگە ئالمىغان. بۇنى ھەرگىزمۇ دەۋىرنىڭ تەرەقىياتى ياكى ئۇيغۇر ئادەتلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرغانلىق دېگىلى بولمايدۇ. ياغلىق چېگىۋېلىپ ئېلېكتىرونلۇق تۈتەكخانىلاردا تانسا ئويناۋاتقان قىز ۋە ياۋروپاچە توي كۆڭلىكى كىيىپ «شيالى» ماركىلىق پىكاپقا چىقىش ئالدىدا تۇرغان دېھقان قىزى، ئېنىقكى، تېلېۋىزور قاتارلىق ئاممىۋى مېدىيەلەردە كۆرگەن كۆرۈنۈشلەردىن زەرەتلەنگەن. ھېچقانداق چەكلىمە بولمىسىمۇ، بالىلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىنغان ھېلىقى پۇرسەتپەرەس ئاتا-ئانىلار بولسا بىر مىللەتنىڭ روھى ۋە غۇرۇرىنىڭ سىمۋولى بولغان، ئورتاق مۈلكى ۋە بايلىقى ھېساپلىندىغان تىلىنى بۇيۇن قىستۇرغان. رېئاللىقنى ئادەم پەيدا قىلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا نەچچە مىڭلىغان ئاتا-ئانا ئاشۇ پۇرسەتپەرەسلىك قىلغان ئاتا-ئانىلاردەك ئويلىسا ۋە ھەرىكەتكە ئۆتسە، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشى، جۈملىدىن كوللېكتىپ ۋىجدانىغا ئۆزلىرى خالاپ تۇرۇپ ئاسىيلىق قىلىدىغانلىقى ئئېنىق. يۇقىرىقى تەھلىللەردىن بىز مۇنداق بىر قانچە نۇقتىنى ئېنىق چۈشىنەلەيمىز:بىرىنچى، كوللېكتىپقا، ئىجتىمائىي توپقا مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلەردە ئەقىلسىزلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، شۇ توپنىڭ قىممەت قارىشى تاجاۋۇزغا ئۇچۇرىماي قالمايدۇ. ئىككىنچى، ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى شۇ ئىجتىمائىي توپ تاشقى تەسىرلەر تۈپەيلى ئەمەس، بەلكى ئۆزى خالاپ تۇرۇپ ئاياغ ئاستى قىلسا ۋە بۇ ھال كوللېكتىپ-جامائەت پىكرىگە دۇچ كەلمىسە، شۇ توپتىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھەرىكەت بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئۆلگەن، چاكىنىلىق جەمئىيەتلەشكەن بولىدۇ. ئۈچىنچى،  بۇنداق جەمئىيەتتە ئاشۇنداق ئىشلارغا سۈكۈت ئىچىدە شاھىت بولغان ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ كېسەل جەمئىيەتتە ياشاۋېرىپ ئىجتىمائىي ئاغرىققا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى تۇيمايدۇ. دېمەك، بىز جەمئىيەتتە ئۆزىمىز بىلىپ-بىلمەي، ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا چاكىنىلىقنىڭ جەمئىيەتلىشىگە يول قويىمىز ۋە ئۆزىمىزمۇ چاكىنىلىشىمىز.



    بۇ يەردە يۇقىرىقىدەك كەسكىن بىر ھۆكۈمنى ئۇتتۇرغا قويۇشىمىزدىكى ئاساسىمىز نېمە؟سەۋەب شۇكى، يۇقىرىقىدەك چاكىنىلىقلارنىڭ جەمئىيەتلىشىشى تۈپ نۇقتىسىدىن ئېيىتقاندا دىن، ئەقىدە، ھالاللىق، مۇقەددەس سىمۋول، مۇراسىم ۋە ئەخلاقنىڭ مۇھىم رولىغا سەل قارالغانلىقتا ياكى چۈشنىلمىگەنلىكتە(يەنى كېلىپ بۇ ھەقتە گەپ چىقسا بىشى ئاغرىيدىغانلارنىڭ ئاۋۇپ كېتىشى، چاكىنىلىقلارغا كۆنۈپ كەتكىنىمىزدە ئۆزىمىزدىن قانچىلىك دەرىجىدە يىراقلىشىدىغانلىقىمىزنى دەلىللەيدۇ). بۇ «خىيىم-خەتەر»دە مۇنداق يازىدۇ:«بىر ئىجتىمائىي توپتا ھالاللىق ۋە ھاراملىق ئۆلچەملىرىنى ۋە باشقا پاسىلسىمان يۇسۇنلارنى تىرەپ تۇرىدىغىنى شۇ ئىجتىمائىي توپنىڭ يۇشۇرۇن رىشتىسىدۇر. مۇراسىم پائالىيەتلىرىدىكى تاۋار، يىمەكلىك، ئىچىملىك ئىستىمالى بىر ئىجتىمائىي توپنى يەنى بىر ئىجتىمائىي توپتىن پەرقلەندۈردىغان ئاساسلىق بەلگىدۇر. »(مەرىي دوگلاس، 45-1966:44)لېكىن بىزنىڭ پاكىت تەھلىللىرىمىزدە تىلغا ئېلىنغان دادىلار بولسا ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرنىڭ ھالاللىق ئۆلچىمىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ.



    مەرىي دوگلاسقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىگە ئاساس سالغان فىرانسىيەلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئېمىل دۇركايىم خەلقارا ئىجتىمائىي پەنلەر ساھاسىدە يۈز نەچچە يىلدىن بېرى تەسىرىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان«دىنىي ھاياتنىڭ دەسلەپكى شەكىللىرى»، «ئۈلۈۋېلىش»قاتارلىق مەشھۇر ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرىدە ئىمان-ئېتقاد، دىن، ئەقىدە ۋە ئەخلاقنىڭ بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاشتىكى رولىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىر ئىمان-ئېتقاد جەمئىيەتتە كىشىلەر ئارىسىدا ئىجتىمائىي ئۇيۇشۇشچانلىقنى كۈچەيتىش، ئايرىم بىر قىممەت قاراش ۋە خاس ئىجتىمائىي ھايات يارىتىش قۇدرىتىگە ئىگە.



    ئېمىل دۇركايىم كارل ماركىستىن پەرقلىق ھالدا جەمئىيەتتىكى زىددىيەت ۋە، مەسلىنىڭ يىلتىزىنى كاپتالىزىم ياكى ئىقسادقا باغلاپ چۈشەنمەيدۇ، بەلكى شۇ جەمئىيەتتىكى ئەخلاقىي تەرتىپلەرنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن كۆرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىر جەمئىيەتتە ئاساسلىق تۈزۈلمە شەكىللىرى ئورتاق بىر قىممەت قارىشى ۋە ئىجتىمائىي مىزاننى ئومۇملاشتۇرالمىغاندا زىددىيەت ۋە قالايمىقانچىلىق كۆرۈلىدۇ. ئىجيىمائىي مەۋجۇدلۇقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەخلاققا مۇراجئىەت قىلىش كېرەك. دۇركايىمنىڭ نەزەرىدە دىنىي ئىتقاد جەمئىيەت ئەزالىرىنى بىر يەرگە ئەكېلىدىغان، ئۇيۇشتۇرىدىغان ئىجتىمائىي بىلىمدۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئېمىل دۇركايىم كارل ماركىسنىڭ «دىن-ئەپيۈن»دېگەن قارىشىدىن پەرقلىق ھالدا، گىگانت پەيلاسوپ ئىممەنيۇل كانت ئەسەرلىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن«بىلىملىرىمىزگە ئازراق چەك قۇيۇپ، ئەقىدىگە ئورۇن بېرەيلى»[7]قاتارلىق دىنىي ئىتقادنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى قاراشلارغا جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن يانداشقان. ئېمىل دۇركايىمنىڭ قارىشىچە، ھەر قانداق دىندا مۇقەددەس سىمۋوللار بىلەن چەكلەنگەن نەرسىلەر ئېنىق ئايرىلغان بولىدۇ، «بىر جەمئىيەت كىشىلىرى ئورتاق قىممەت قارىشى ياراتماي تۇرۇپ ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلىيالمايدۇ ياكى قايتىدىن بەرپا قىلالمايدۇ. »(ئېمىل دۇركايىم، 1968:422)ئۇنىڭدىن باشقا، ئېمىل دۇركايىم سىمۋول ۋە مۇراسىملارنىڭ رولىغىمۇ يۇقىرى باھا بېرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىر جەمئىيەتتە كىشىلەرنى بىر يەرگە ئەكېلەلەيدىغان، ئۇيۇشتۇرالايدىغان سىمۋوللار بولىدۇ ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئۇزۇنغىچە ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بايراق، دۆلەت شئېرى، مىللىي قەھىرىمانلار، سەنئەت مىراسلىرى، تارىخىي يادىكارلىقلار ۋە ئابىدىلەر مانا مۇشۇندا مۇھىم سىمۋوللاردۇر. دۇركايىم مۇنداق يازىدۇ:«بىر جەمئىيەتتە مۇراسىم شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى، ئۇ بىر ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرىغا ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى قەرەللىك يۇسۇندا تونۇتۇپ تۇرىدۇ. »(ئېمىل دۇركايىم، 1968:427)كىشىلەر مۇراسىملاردا ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس سىمۋوللىرىنى ئەسلەپ، ھېس قىلىپ تۇرىدۇ ۋە بۇ جەرياندا ئۆزلىرىنى قايتىدىن يارىتىدۇ؛ ئۆزىگە ئورتاق بولغان ھېسياتلارنى، رىشتىلەرنى ۋە مەنسۇبىيەت تۇيغۇسىنى تېپىۋالىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ:«ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرى ئارىسىدا ئورتاق ھېس-تۇيغۇ، ئورتاق ئىدىيە ئارقىلىق ئۇيۇشۇشچانلىق،  ئىناقلىق ۋە خاسلىق پەيدا قىلالمىغان جەمئىيەت مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرالمايدۇ. ئورتاق ھېس-تۇيغۇ، ئورتاق قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئەسلىنىپ تۇرۇشى ئۈچۈن مۇراسىملار ۋە يىغىلىش سورۇنلىرىنىڭ بۇلۇپ تۇرۇشى ھەم زۆرۈر ۋە تەبئىي ئەھۋالدۇر. »(ئېمىل دۇركايىم، 1968:427). ئېمىل دۇركايىمنىڭ يەنە بىر ۋارىسى، ئامېرىكلىق فۇنكسىيىزمچى جەمئىيەتشۇناسلاردىن بىرى ئېدۋارد شىلىس(Edward Shils,1915-1995)«مەركەز ۋە گىرۋەك»ناملىق ئەسىرىدە:«ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ كوللېكتىپ كىملىكىنى رىشتە بىلەن باغلايدىغان، بىر يەرگە ئەكېلىدىغان بىر مۇقەددەس مەركەز(Sacred Center)بولىدۇ، كىشىلەر ئاشۇ مەركەز ئەتراپىغا ئولىشىپ مەۋجۇدلۇقىنى ساقلايدۇ»دەپ يازىدۇ(ئېدۋارد شىلىس، 1975:3). بىز يۇقىرىقى ئۈچ مۇتەپەككۇرنىڭ مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنى ماھىيتىدىن چۈشەنگىنىمىزدە، مەرىكە، نەزىر-چىراغ قاتارلىق مۇراسىم سورۇنلىرىنىڭ، مۇقەددەس سىمۋوللارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئەمما تويدا غەرق مەست بولۇۋالغان دادىلار كەبى كىشىلەرنىڭ مەرىكە-مۇراسىم ئەخلاقىمىزغا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكىنى، ئۆز نۆۋىتىدە بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزغا تاجاۋۇز قىلىنغان بىھۆرمەتلىك ۋە ھاقارەتلەرگە لايىقىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ تۇرۇش مەجبۇرىيتىمىزنىڭ بارلىقىنى تۇنۇپ يېتىمىز.
    بىز ئۇيغۇرلاردا جەمئىيەتلىشىۋاتقان چاكىنىلىقلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشقان چېغىمىزدا، ئېمىل دۇركايىمنىڭ كوللېكتىپ ۋىجدان، مىزانسىزلىق(Anomie,失范)ئۇقۇملىرى مەسلىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئېمىل دۇركايىمنىڭ«دىنىي ھاياتنىڭ دەسلەپكى شەكىللىرى»دېگەن ئەسىرىدە، قارىشىچە، بىر جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكلەردىن باشقا پىرىنسىپلارغىمۇ ئەمەل قىلىپ ياشاشقا ئۈندەيدىغان ئەقىدە يىلتىز تارتقاندا، ئورتاق قىممەت قاراشلىرى، ئەخلاقىي مىزانلىرى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە ئەكس ئەتكەندە، ئۇنىڭ نەتىجىسى كوللېكتىپ ۋىجدان شەكلىدە ئىپادىلىندۇ. بىر ئەخلاقسىز قىلمىش سادىر بولغاندا ، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال شۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ كوللېكتىپ ۋىجدانىغا تاجاۋۇز قىلغان بولىدۇ ۋە ئەخلاقلىق ئادەملەرنىڭ ۋىجدانىغا ئازار بېرىدۇ. شۇ ۋەجىدىن كوللېكتىپ ۋىجدان جامائەت ئەخلاقىغا چىتىلىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن شەخسنىڭ ۋىجدانىدىن پەرقلىندۇ. مىزانسىزلىق-ئېمىل دۇركايىم تەرىپىدىن«ئۆلۈۋېلىش» دېگەن كىتابىدا نەزەرىيەلەشتۈرۈلگەن يەنە بىر ئۇقۇم بۇلۇپ، بىر جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئالاقىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىجتىمائىي مىزانلارنىڭ يوق بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇقۇم كارل ماركس تەرىپىدىن نەزەرىيەلەشتۈرۈلگەن ياتلىشىش(Alienation,异化)ئۇقۇمىغا ئوخشاشلا جەمىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە كەڭ كۆلەملىك مۇنازىرە ۋە ئىزدىنىشكە سەۋەب بولغان. دۇركايىمنىڭ قارىشىچە، ئادەملەر قىلۋاتقان ئىشلىرى ئۆز ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە تۇلۇق ماس كەلگەن چاغلىرىدا ئاندىن خۇشھال بولالايدۇ. ئەمما، ئادەمنىڭ ئارزۇ-ئىستىكىنىڭ چېكى بولمايدۇ؛ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىمكانىيەتلەر بولسا تولىمۇ چەكلىك بولىدۇ. ئارزۇ-ئىستەكلىرى قانمىغاندا ئادەم قاتتىق چۈشكۈنلىشىدۇ ۋە ئەڭ ئاخىر مىزانسىزلىق يولىغا قاراپ ماڭىدۇ. بىر جەمئىيەتتە ئۇيۇشۇشچانلىق،  بىردەك قىممەت قارىشى كەمچىل بولسا ۋە تاشقى قىممەت قاراش بىر جەمئىيەت ئەزالىرىغا تېڭىلسا، مىزانسىزلىق جەمئىيەتلىشىدۇ.



    4. چاكىنىلىقنى جەمئىيەتلەشتۈرۋاتقان تاشقى تەسىرلەر ۋە جەريانلار 



    ئاممىۋى مېدىيەلەر، ئىجتىمائىيلىشىش ۋە ئىجتىمائىي كونتىرول بىر جەمئىيەتتە ئومۇملىشۋاتقان چاكىنىلىققا شۇ توپ كىشىلىرىنىڭ قىممەت قارىشى، يوسۇن ۋە كوللېكتىپ ۋىجدانىنى ئوپچە دەپسەندە قىلىشلا ئەمەس، تېڭىلغان ئىدىيەلەر، مەجبۇرلانغان تاشقى تەسىرلەرمۇ سەۋەبچى بولىدۇ ۋە شۇ قىممەت قارىشىنى ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ئەخلاق ساراسىمىسى پەيدا قىلىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئەخلاق ساراسىمىسى(Moral Panic,道德恐慌)دېگىنىمىز-«بىر ياكى بىر توپ ئادەم بىر جەمئىيەتنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئورتاق قىزىقىشلىرىغا خىرىس قىلىش نەتىجىسىدە شۇ توپتىكى باشقا ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولغان ئەنسىرەش، راھەتسىزلىنىش ھادىسىسىدۇر»(ستەنلېي كوخېن، 1973:9). جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدىغان ئەخلاق ساراسىمىسى ئاتالمىسى ئەنگلىيەلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ستەنلېي كوخېن(1925-)تەرىپىدىن ئومۇملاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ«ئاۋام ئارىسىدىكى مەلئۇنلار ۋە ئەخلاق >ساراسىملىرى»ناملىق كىتابىدا ئەخلاق ساراسىمىسىنىڭ غول مەدەنىيەتكە قارشى ئىككىلەمچى مەدەنىيەتلەر، زەھەر ،  چېكىش، جىنايەت، بۇزۇقچىلىق ھادىسلىرىنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولىدىغانلىقى، ئاممىۋى مېدىيەلەر بىلەن ئەخلاق ساراسىمىسى ئارىسىدا زىچ باغلىنىش بارلىقىنى، دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ، تۈزۈلمىنىڭ بۇنىڭغا جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ، 1970-يىللارنىڭ بېشىدا ئەنگلىيەدە پەيدا بولغان ئەخلاق ساراسىمىسىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تۆۋەن تەبىقىدىكى ئاۋامنىڭ دىققىتىنى مەۋجۇد، ئاساسلىق مەسىللەردىن بۇراش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللار پىلانلاپ ئوتتۇرغا چىقارغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئەخلاق ساراسىمىسىنى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مېدىيە ۋاستىلىرىنىڭ تەسىرىدە بۇرمىلانغان رېئاللىقنىڭ نەتىجىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بىز تېلېۋىزىيە ئىستانىسلىرىدا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ بېرىلۋاتقان ئىچ كىيىم مودېل مۇسابىقىسى قاتارلىق پروگراممىلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئەخلاق ساراسىمىسى پەيدا قىلمىدى. دەپ ئېيتالمايمىز.



    30يىل بۇرۇن جۈملىدىن تېلېۋىزور ھاياتىدا پەيدا بۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار كىندىكى ئوچۇق كىيىم كىيگەن قىزلار تۈگۈل، قىسقا يوپكا كىيگەن قىزلارنىمۇ كۆزىگە سىغدۇرالمايتتى. مانا بۈگۈن خېلى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزى تېلېۋىزور، كىنو، سىنبار قاتارلىق ئاممىۋى مىدىيەلەردىكى ئاشۇ كۆرۈنۈشلەرگە كۆنۈپ كەتتى. ھەتتا تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئىچ كىيىم مۇسابىقىسى كۆرسىتىدىغان ئەھۋالمۇ مەيدانغا كەلدى. «زۈيبا شاڭ خەيپا چۇلەيلې»،  «ئەر كىشى ئۆيگە كىرسە بىرنىڭ، تالاغا چىقسا مىڭنىڭ»دېگەندەك تېتىقسىز ئىبارىلەر ئاۋام ئارىسىدا ھېچ ئايانماي تارالدى. قانداقسىگە بۇنچىۋالا بوپكەتتى؟چاكىنىلىقلار، ئىجتىمائىي بىنورماللىقلارنىڭ ئومۇملىشىشىدا ئەڭ ئاۋۋال تېلېۋىزور، كىنو، سىنبار قاتارلىق ئاممىۋى مىدىيەلەر«زەربىدارلىق»رولىنى ئوينىدى. بۇ جەرياندا ئىكران ئالدىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي دۇنياسى ئۆزگە مەدەنىيەتلەر بىلەن بولۇپمۇ قىممەت قارىشى ۋە دىنىي ئېتقادى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان غەرب مەدەنىيتىنىڭ ۋە شۇ مەدەنىيەتلەرگە خاس سىمۋوللارنىڭ، ئىماگلارنىڭ، ئوچۇرلارنىڭ ئوۋ نىشانىغا ئايلاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسى تاشقى تەسىرلەرنىڭ تەجىرىبە ئېتىزىغا ئايلىنىپ قالغىلى تۇردى.



    نەتىجىدە ئۇيغۇر قىممەت قارىشىغا زىت، ئۇيغۇر ئەخلاقىغا مۇخالىپ بولغان ئىشلاردىن ئاممىۋى مۇراسىملاردا كوللېكتىپ، يۇشۇرماي كەيپ قىلىش، قىزلار ئارىسىدا ئوچۇق كىيىم كىيىش قاتارلىق بىر قاتار بىنورمال ھادىسە پەيدا بولدى ۋە يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ئادەتلەرگە ئايلاندى. ھەتتا بۇنداق قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار مەسخىرە قىلىندى ياكى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. چاكىنىلىق جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئېقىمىغا، جاھانسازلىق ۋە پۇرسەتپەرەسلىك ياشاش دەسمايىسىگە، ئىجتىمائىي بىنورماللىق ئادەتلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلاندى. بۇنىڭدىن بىر ماكرولۇق سەۋەب شۇنىڭدىكى، ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي كونتىرولنىڭ ۋاستىسى بولغان ئاممىۋى مىدىيەلەر قەلبلەرنى ئوۋ نىشانى قىلدى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە كوللېكتىپ ۋىجدانىنى ھەر خىل ئېزىتقۇ سىمۋول ئارقىلىق ئاستا-ئاستا چىرىتىشكە باشلىدى. مەجبۇرلاش ۋاستىلىرى ھەل قىلالمىغان ئىشلارنى ئاممىۋى مىدىيەلەر ھەل قىلغان بولدى.



    ئاممىۋى مىدىيەلەر بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ قىممەت قارىشىنى چىرىتىشتە نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا زور قۇدرەتكە ئىگە؟
    جەمئىيەتشۇناسلار بۇنى قاندا چۈشەندۈردۇ؟بىرىنچى، ئاممىۋى مىدىيەلەر ئاخىرىقى ھېسابتا، سىياسىي ئىگلىك،  ئىجتىمائىي كونتىرول ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ئاپپاراتلارنىڭ تەشۋىقات پىلانى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا،  ئاشۇ مىدىيەلەردىكى ئۇچۇرلارنى، ئىماگلارنى، مەزمۇنلارنى، سىمۋوللۇق بەلگىلەرنى كونتىرول قىلىش ھوقۇقى پاسسىپ ئورۇندا تۇرغان توپنىڭ ئىلىكىدە بولمايدۇ. ئىككىنچى، زامانىۋىلىق، يەرشارىلىشىش مۇساپىسىدە تۇرغان ھەر بىر ئادەم ئۇچۇر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان ئادەمدۇر. بۇنى فىرانسىيە جەمئىيەتشۇناسى، مەشھۇر مۇتەپەككۇر ژان بۇردىلليار(1929-)گىپى بويىچە ئېيىتقاندا، تېلېۋزور قاتارلىق زامانىۋى مىدىيەلەرنىڭ ئادەملەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەر قانداق تېخنىكىنىڭكىدىن زور ۋە چوڭقۇر. تېلېۋزور ئەتراپىمىزدىكى دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەنلا قالماي، بارغانچە بىز ياشايدىغان دۇنيانىڭ يۆنىلىشىنى ۋە دائىرسىنىمۇ بەلگىلەپ قويدى(مۇراسىملاردا ھاراق ئىچىپ سەتلىشۋاتقانلىقىنى تۇيمايۋاتقان دادىلار، كىندىكى ئوچۇق كىيىم كىيگەن قىزلار ۋە ياغلىق چېگىپ ئېلېكتىرونلۇق تۈنەكخانىدا تانسا ئويناۋاتقان قىزلارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ). ھازىر بىزنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىز ئاممىۋى مىدىيەلەردىكى زىيادە جىق ئىماگ ۋە ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرىدە نۇسخىلانغان ۋە پەيدا بولغان سۈنئىي رېئاللىق(Hyperreality,虚拟现实)دۇر. ئۈچىنچى، ئاممىۋى مىدىيەلەر ۋە ئاۋام مەدەنىيتى كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىش، تەنقىدىي ئويلىنىش، گۇمانلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇ نۇقتا جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى فرانكفورتچىلار پىكىر ئىقىمىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن تېئىودور ئادورنو(Adorno Theodor,1969-1903) ۋە ماكس خوكخېمېر(1895-1973)نىڭ«ئاقارتىش دىئالېكتىكىسى»ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.  



    ئۇلار مەدەنىيەت تىجارىتىدىكى ئاقارتىش شوئارىنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ مۇنداق يازىدۇ:«ئېكران ئادىدا ئولتۇرغان تاماشىبىنلاردىن مۇستەقىل تەپەككۇر قابىلىيتىنى كۈتكىلى بولمايدۇ. »(1972:144). تۆتىنچى، فرانكفورتچىلار پىكىر ئىقىمىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد مەشھۇر ۋەكىلى، گېرمانىيە مۇتەپەككۇرى يۈرگېن خابېرماس(1929-)نىڭ قارىشىچە بويىچە ئېيتقاندا، بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ جامائەت پىكرىنى پەيدا قىلىدىغىنى تەشۋىقات قاتارلىق كونتىرول ۋاستىلىرى. (يۈرگېن خابېرماس، 1989) .  ئاممىۋى مىدىيەلەرنىڭ تەسىرى، ئىجتىمائىيلىشىش، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشاش داۋامىدا ئادەملەر دوراش ۋە جەمئىيەتتىن يۇقتۇرۇش ئارقىلىق ئىجتىمائىي بىنورمالىققا كۆنۈپ كېتىدۇ. بۇ نۇقتا ھەققىدە ئىجتىمائىيەت پىسخولوگى، ستانفورت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى ئالبېرت باندۇرا(1925-Albert Bandura) ۋە فىرانسىيە مۇتەپەككۇرى گابرىئىېل تاردې(Gabriel Tarde,1904-1843)نىڭ مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيەلىرىدە ئېنىق چۈشەنچە بېرىلگەن. ئالبېرت باندۇرانىڭ«جەمئىيەتتىن ئۆگىنىش نەزەرىيەسى»ناملىق كىتابىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، كىشىلەر يېڭى ھەرىكەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مۇھىتلىرىدىكى ئىجتىمائىي ئىلمېنتىلارنى ئۆگىنىش ئارقىلىق يۇقتۇرىدۇ. بۇنداق يۇقتۇرۇش جەريانى دوراش دەپ ئاتىلدۇ. بۇ دېگەنلىك كىشىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاس دوراش ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ دېگەنلىكتۇر(پاكت تەھلىلىدىكى ياۋروپاچە توي كۆڭلىكى كىيگەن دېھقان قىزى ۋە« ئابدۇكېرىم ئابلىز ماقال-تەمسىللىرى»شەكلىدە ئومۇملىشۋاتقان ئېيتىملارنى تەمتىرىمەي دەۋاتقان كىشىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ). كىشىلەر ئۆرنەك ھەرىكەتلەرنى كۆزىتىدۇ ۋە ئاندىن ئوخشاش ياشاش ئۇسۇلىدا قاندا ھەرىكەت قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. بۇ خىل دوراش جەريانى ئىختىيارىي، تاشقى كۈچلەرنىڭ مەجبۇرلىشىسىز ئىشقا ئاشىدۇ.



    دوراش-ئىجتىمائىيلىشىش جەريانىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى(ئالبېرت باندۇرا، 1977). فىرانسىيەلىك جەمئىيەت پىسخولوگى گابرىئىېل تاردې«دوراش قانۇنىيىتى»ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھادىسىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:« ھەر قانداق جەمئىيەت ئاز ساندا ئىجادچى ۋە يىڭىلىق ياراتقۇچىدىن ۋە كۆپ ساندا ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى دورايدىغان ئەگەشكۈچىدىن تەركىب تاپىدۇ. دوراش-مەدەنىيەت تارقىتىش جەريانىنىڭ بىر ۋاستىسى.  يېڭى بىر ھەرىكەت قېلىپى بىر جەمئىيەتتە دوراش ئارقىلىق تارقىلىدۇ. »(گابرىئىېل تاردې، 1977)دوراش ۋە يۇقتۇرۇش قانۇنىيتى ھەققىدە چۈشىنىش ھاسىل قىلغىنىمىزدا، جەمئىيتىمىزدە ھەرخىل چاكىنىلىق نۇسخىسىنى ئومۇملاشتۇرغان تۇنجى ئىجادچىلارنىڭ ئۇيغۇر قىممەت قارىشىغا ھوجۇم قىلغان ھەرىكەت قېلىپلىرى ئۈچۈن جاۋاپكار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا تېلېۋزور پەيدا بولغاندىن تارتىپ ھېساپلىغاندا، ئېكرانغا تۇنجى بولۇپ يېرىم يالىڭاچ كىيىم كىيىپ چىققان ئايال كىمدۇ؟مېھمانغا چاي قۇيماي تۇرۇپ پۇل يىغىش ئادىتىنى تۇنجى بولۇپ«كەشپ قىلغۇچى»ئۇيغۇر كىمدۇ؟يەنە. . . ىلغان كىمدۇ؟. . . بۇ سوئاللار گۆدەكلىكتە، داڭقان پۇتىدەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، بۇ سوئاللار ھەرىكىتى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن ئېغىر دەرىجىدە كۈتمىگەن ئاقىۋەتلەرنى سادىر قىلغانلارنىڭ جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدىغان سوئاللاردۇر. يەنە مۇنداق بىر سوئالمۇ ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك:جەمئىيەتتەئۈزلىكسىز چاكىنىلىشىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن ئىجتىمائىي بىنورماللىققا سۈكۈت ئىچىدە شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدىغان ھەم ئويلىنالايدىغان ئۇيغۇرلىرىمىز زادى قانچىلىكتۇر؟



    جەمىئيەتلەشكەن چاكىنىلىق ئۈزلىكىدىن پەيدا بوپقالىدىغان ھادىسە ئەمەس. بىر ئادەم بوۋاق ۋاقتىدىلا چاكىنىلىقنى يوقتۇرۇۋالمايدۇ، بىر پاھىشە تۇغۇلۇشىدىنلا پاھىشە بولۇپ تۇغۇلمايدۇ. بىر ئوغرى ئوغرىلىقنىڭ ھەرىكەت قائىدىسىنى ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىن ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ مەھسۇلى. چىركىن ئىجتىمائىي سىستېمىلار، كېسەل مەدەنىيەت مۇھىتلىرى-جەمىئيەتلەشكەن چاكىنىلىقنىڭ پارنىكلىرى. مېڭە يۇيۇش(brain washing)، روھ ئۆلتۈرۈش(menticide)، ئوي تىزگىنلەش(thought control)قاتارلىق ئىجتىمائىي كونترول ۋاستىلىرى جەمىئيەتلەشكەن چاكىنىلىقنىڭ تۈرتكە كۈچلىرى. بۇ ھال ئىجتىمائىي كونترول ۋاستىلىرىنىڭ بىنورماللىق پەيدا قىلىشتىكى رولىنى چۈشىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىجتىمائىي كونترول دېگەن نېمە؟ئىجتىمائىي كونترول-كىشىلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇسى، ئوي-پىكرى، يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە سۆز-ھەرىكىتىنى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي سىستېمىلارغا ماسلاشتۇرۇش، قىلىپلاشتۇرۇش جەريانىدۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ئىجتىمائىي كونترول مەۋجۇد ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغدايدىغان ۋاسىتىدۇر. ئىجتىمائىي كونترول ھەر خىل مەجبۇرلاش ئۇسۇلى ۋە ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. نەتىجىدە ئادەملەر مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت قوينىدا ئىجتىمائىيلىشىش ئارقىلىق شۇ جەمئىيەتتىكى يېتەكچى ئورۇندا قىممەت قاراشلارنى، پوزىتسىيەلەرنى ئۆگىنىدۇ ۋە شۇ ئىجتىمائىي سىستېمىغا نىسبەتەن ئۆزىدە مەنسۇبىيەت تۇيغۇسى(sense of belonging,归属感)يېتىلدۈرىدۇ. مىسالەن، كىشىلەردىكى «خەق نېمىدەپ قالار»دېگەن پوزىتسىيە دەل ئىجتىمائىي كونترول ۋاستىلىرىنىڭ ئۇلارنى مەۋجۇد سىستېمىلار ۋە ياشاش شەكلىگە كۆندۈرۈۋالغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئىجتىمائىي كونترولنىڭ تەسىرىدە ئىدېئولوگىيلىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىدۇ. بىر يېرىم ئەسىر ئىلگىرىلا كارل ماركس:«ھەرقانداق جەمئىيەتتىكى يىتەكچى ئىدىيە-تەشەببۇسكار ئورۇندىكى توپنىڭ ئىدىيەسىدۇر»(1972:136)دېگەنىدى. بۇ نۇقتىنى ئاممىباب تىل بىلەن چۈشەندۈرگەندە، بىر ئىجتىمائىي توپ كىشىلىرىنىڭ ئىدىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىدىيەلەر ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، بەلكى ھوقۇقنىڭ كۈچى بىلەن تاراش ئارقىلىق ئۆگىنىلىدۇ. ئىتالىيەلىك ماركىسىزمچى پەيلاسوپ ئانتونئىو گرمشى(Antonio Gramsci,1891-1937)نىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «ئىدېئولوگىيە ئادەملەرنىڭ ھەرىكەت قىلىش دائىرىسى ۋە يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ قويىدۇ»(ئانتونئىو گرمشى، 1972). ھەمىشە دېگۈدەك قولىدا ھوقۇق بولغان ئىجتىمائىي توپ ئىدېئولوگىيەلىك سىناقتا پاسسىپ ئورۇندىكى ئىجتىمائىي توپتىن بەكرەك ئاكىتىپ ئورۇنغا ئۆتىدۇ.  ئىدېئولوگىيە شەكىللىرى ئىچىدە سىياسىي ئىدېئولوگىيە بر جەمئىيەت ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.  سىياسىي ئىدېئولوگىيە بىر جەمئىيەتتىكى ئادەملەر ھەرىكىتىنىڭ، كەڭ مەنىدىن ئېيىتقاندا ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەنبەسىدۇر. ئادەملەرنىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيەگە بىقىنىش دەرىجىسى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلما ھەققىدىكى تونۇشى، رېئاللىق ھەققىدىكى چۈشەنچىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەملەرنىڭ ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.  چاكىنىلىشىش ۋە جەريان:زامانىۋىلىشىش، شەھەرلىشىش ئاممىۋى مىدىيەلەر ۋە ئىجتىمائىي كونترولنىڭ بىر جەمئىيەتتىكى رولىنى چۈشىنىش ئىجتىمائىي بىنورماللىقنى جەمئىيەتلەشتۈردىغان ۋاستىلەرنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بەرسە، زامانىۋىلىشىش ۋە شەھەرلىشىش ئۇقۇملىرىنى چۈشىنىش بۇ ئارىدىكى جەرياننى چۈشىنىشىمىزگە قولايلىق تۇغدۇرىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر جەمئىيتىدە پەيدا بولۇۋاتقان بىنورماللىقلار ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بىلەن زامانىۋىلىق، شەھەرلىشىش مۇساپىسى ئۇتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ۋە ماسلىشالماسلىق ھادىسىسىنىڭ نەتىجىسىدۇر. سەۋەبى، تېخىچە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۇتى زامانىۋى جەمئىيەتتە، يەنە بىر پۇتى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە. بىز ئۆمەرجان ئىمىننىڭ«تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت» ناملىق كىتابىدا يېزىلغان ئۇيغۇر تۇرمۇشى بىلەن شەھەر تۇرمۇشىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا بۇ نۇقتىنى روشەن ھېس قىلالايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر ئەنئەنىسىدە، ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادەتلىرىدە زامانىۋىلىقنىڭ نۇرغۇرن ئىلمېنتى قۇبۇل قىلىنمايدۇ. يېرىم-يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيىش، ئاممىۋى سورۇندا كەيپ سۈرۈش غەربلىكلەر ۋە باشقىلار ئۈچۈن ھېچنىمە بولمىغىنى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر مەسىلە. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر جەمئىيتىدە پەيدا بولۇۋاتقان نۇرغۇن بىنورماللىقنى دەۋرنىڭ ئېھتىياجى ، زامانىۋىلاشقانلىقنىڭ نەتىجىسى دېگىلى بولمايدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە زامانىۋىلىشىش ئۇقۇمىنى يېتەرلىك چۈشەنمىگەنلىكنىڭ مەھسۇلىدۇر.



    زامانىۋىلىشىش دېگەن نېمە؟جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرى بولغان«ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش»ناملىق ئەسىرىدە ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس ستېۋېن ۋوگ(Steven Vago)زامانىۋىلىشىش ئۇقۇمىغا مۇنداق تەبىر بېرىدۇ:«زامانىۋىلىشىش-يىرىك ئىشلەپچىقىرىش جەمئىيتىنىڭ سانائەت جەمئىيتىگە ئايلىنىش جەريانىدۇر. بۇ جەريان ئىلغار سانائەت تېخنىكىسىنىڭ بولۇشىنى ۋە شۇ تېخنىكىنى ئىشلىتىش، يىتەكلەش،  ساقلاشقا دائىر سىياسىي، مەدەنىي، ئىجتىمائىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى تەقەززا قىلىدۇ. زامانىۋىلىشىش جەريانىنىڭ مەقسىتى ئىقسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان، نىسبىي مۇقۇم بولغان جەمئىيەت بەرپا قىلىشتۇر. »(ستېۋېن ۋوگ، 2004:103) يەرشارىلىشىشنىڭ تەسىرىدە زامانىۋىلىشىش ھەر بىر ئىجتىمائىي تۈزۈلمىگە، ھەر بىر جامائەتچىلىككە،  ھەر بىر ھايات شەكلىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، زامانىۋىلىشىش جەريانى غەربچە تېخنىكا، مەھسۇلات ۋە ھەرىكەت نۇسخىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەردە ئۆگىنىلىش، دوراش ۋە تارقاش جەريانى بولدى. بۇ دېگەنلىك غەرب مەدەنىيتى باشقا مەدەنىيەتلەرگە سىڭىپ كەتتى دېگەنلىكتۇر. بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى ھىندى قان سىستېمىسىدىن بولغان مەشھۇر مەدەنىيەت تەنقىدچىسى ئارجۇن ئاپپادۇراي(Arjun Appadaurai,1949)«زامانىۋىلىقنىڭ تەسىرى»ناملىق نوپۇزلۇق كىتابىدا:«يەرشارىلىشىش مۇساپىسى زامانىۋىلىقنى يېڭىچە تۈسكە ئىگە قىلدى؛يېڭىچە ئالاقە شەكىللىرى، يېڭىچە ياشاش ئۇسۇللىرى، يېڭىچە كىيىم ۋە يېڭى ئىستېمال شەكىللىرى ئومۇملاشتى. تەرەققىي تاپمىغان ياكى تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەت كىشىلىرى زامانىۋىلىقنى غەربچە بولۇش دەپ چۈشەندى»دەپ يازىدۇ. (ئارجۇن ئاپپادۇراي، 1996). پاكىت تەھلىلىدىكى ياۋروپاچە توي كۆڭلىكى كىيگەن، ياغلىق چېگىپ بەزمىخانىلاردا تانسا ئويناۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ۋە يېرىم يالىڭاچ سەنئەت كىيمى كىيگەن سەبىيلەرنىڭ مىسالىدىن ئاپپادۇراي نۇقتئىنەزەرىنىڭ ئىپادىسىنى ھېس قىلالايمىز.  ئەلۋەتتە، زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكى شەھەرلىشىش داۋامىدا ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى. بۇ دېگەنلىك زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى سانائەتلىشىش جەريانى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى شەھەرلىشىش جەريانى بىلەنمۇ زىچ باغلانغان دېگەنلىكتۇر. ستېۋېن ۋوگ يۇقىرىقى كىتابىدا شەھەرلىشىش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:« شەھەرلىشىش ئاھالىلەرنىڭ يېزىلاردىن شەھەرلەرگە ئېقىشى ۋە ئىقسادىي پائالىيەت، مەمۇرىي، سىياسىي ئورگان، خەۋەر-ئالاقە تورىنىڭ شەھەرلەرگەمەركەزلىشىشى دېگەنلىكتۇر»(ستېۋېن ۋوگ، 2004:111).



    شەھەرلىشىش كۆپ خىللىق ۋە رەڭگارەڭلىكىنى تەقەززا قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئورتاق قىممەت قارىشى تىكلىمەك تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەرلەردە پۇل ۋە باشقا كاپتاللار ھەممە نەرسىنىڭ ئۆلچىمى بوپقالىدۇ. گېرمانىيەنىڭ ئاتاقلىق جەمئىيەتشۇناسى گېئورگې زىممېل(George Simmel,1918-1858)ئۆزىنىڭ« مەدەنىيەت ھەققىدە»ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن«شەھەرلەر ۋە مەنىۋى ھايات»ناملىق ماقالىسىدە زامانىۋىلىشىش داۋامىدىكى شەھەر ھاياتىنىڭ ئادەملەرنى ياتلىشىش خەۋپىگە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ ۋە شەھەر ھاياتىنىڭ باشقا ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدىمۇ مولاھىزە يۈرگۈزىدۇ. گېئورگې زىممېلنىڭ قارىشىچە، «چوڭ شەھەرلەردە بىز ھەمىشە دېگۈدەك ئۇچۇرلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا ئۇچرايمىز، نېرۋا-ئەسەبلىرىمىز ھەمىشە دېگۈدەك غېدىقلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. . . ئادەملەرنىڭ خىرىسلىق ئىجتىمائىي ئېلمېنىتلارنىڭ قورشاۋىدا خاسلىقنى قانداق ساقلاپ قېلىشى زامانىۋى شەھەرلەردىكى ئەڭ چوڭ مەسىللەرنىڭ بىرى»(1998:174). ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىشىش قەدىمى1978-يىلدىن كىيىن، بولۇپمۇ، 1990-يىللارنىڭ بېشىدا باشلانغان بازار ئىگلىكى ئىسلاھاتى داۋامىدا تېزلەشتى. ئادەملەر ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە ئەنئەنىۋى يېزا تۇرمۇشىنىڭكىدىن كەسكىن پەرقلىندىغان ياشاش شەكلىگە، رىتىمى تېز ھاياتقا ۋە يەنە ئۇيغۇر قىممەت قارىشى بىلەن تۇقۇنىشىدىغان ئىماگلارغا، سىمۋوللارغا، ئۇچۇرلارغا ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. كۈندە دېگۈدەك ئېلان-ئۇچۇرلار، تەشۋىقات قورشاۋىدا يۈرۈش ئۆزلۈك تۇيغۇسىغا، خاسلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى، مەنىۋىيتىگەئارامچىلىق بەرمىدى. ئىجتىمائىي ئالاقىدە پۇل ھەر ۋاقىت ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ، خاسلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى خېلى زور كۆپ قىسىم دائىرىدە ئەمەلىيەتچانلىق ۋە مېھىرسىزلىك ئىگىلىدى. شەھەرلەردىكى خېلى زور كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭى ماددىيلىشىپ، پۇل، تاۋارغا چوقۇنۇش خاھىشى ئەدەپ كەتتى. پاكت تەھلىلىدە تىلغا ئېلىنغان رېستۇرانغا كەلگەن مېھمانغا چاي قۇيماي تۇرۇپ پۇل يىغىش ئادىتى زامانىۋىلىشىش، شەھەرلىشىش مۇساپىلىرىنىڭ ئاشۇ خىلدىكى ئەكس تۇغۇندىلىرىدىن بىرى. بۇ يەردە دېيلىۋاتقان ئاڭنىڭ ماددىيلىشىشى دېگەن ھادىسە ھەققىدە ماركسىزمچى مۇتەپەككۇر، تۆتىنچى، فرانكفورتچىلار پىكىر ئىقىمىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد ۋەكىلى، ئاۋسترىيە جەمئىيەتشۇناسى گېئورگې لۇكاس(Georg Lukasc,1975-1885)ئۆزىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە زور تەسىرگە ئىگە«تارىخ ۋە سىنىپىي ئاڭ»ناملىق ئەسىرىدە كارل ماركسنىڭ بازاردا، پۇل ئوبوروتىدا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ تاۋارلىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى نەزەرىيەسى بىلەن ماكس ۋېبىرنىڭ زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ بۇلۇپ-پۇچقاقلىرىغىچە ئەقلىيلىشىش ئىلمېنىتلىرىنىڭ تارايدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىدا مۇئەييەن بىر باغلىنىش بارلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇ ئىككى مۇتەپەككۇرنىڭ ئىدىيەلىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشتى ۋە كارل ماركسنىڭ« تاۋارغا چۇقۇنۇش»(Fetishism of Commodity,拜物教)ئۇقۇمىنى يۇغۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ تاۋارغا ئايلىنىش جەريانىنى ماددىيلىشىش(Reification,物化)دەپ ئاتىدى. گېئورگې لۇكاس ئاڭ ماددىيلاشقان جەمئىيەت ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ:«ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئەخلاقىي مىزانلار تاشلىۋېتىلدۇ؛ئىجتىمائىي ئۇيۇشۇشچانلىقنىڭ ئورنىغا چۇۋالچاقلىق پەيدا بولىدۇ؛پۇلنىڭ، بازارنىڭ كۈچى زورىيدۇ.  بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەقلىيلەشكەن كىشىلەر ھېساب-كىتاب قىلىشقا ئۇستا، شەخسىيەتچى بوپكېتىدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قىممەت ئالماشتۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ماددىغا ئايلىندۇ»(گېئورگې لۇكاس، 1968). گېئورگې لۇكاسنىڭ قاراشلىرى ئۇيغۇر شەھەر جەمئىيتىدە تاۋارغا، ماددىغا مۇناسىۋەتلىك چاكىنىلىقلارنىڭ نېمە سەۋەپتىن پەيدا بولغانلىقى ۋە قانداق جەمئىيەتلەشكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئىجتىمائىي كونترول، ئاممىۋى مىدىيەلەر ۋەزامانىۋىلىشىش، شەھەرلىشىش مۇساپىسىنىڭ نەتىجىسىدە بىر بۆلۈك ئۇيغۇر ئارىسىدا ئۆزىگە خاس پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر ۋە پوزىتسىيلەر يېتىلدى. كىشىلەر ئارىسىدا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى رىشتە ۋە ئۇيۇشۇشچانلىق ئاجىزلىدى. ئۆزلۈكى يىمىرىلگەن، ئەقىدىسىزلىك كىرىزىسى، كىملىك كىرىزىسى ۋە زىددىيەتلىك كىملىك ئىسكەنجىسىگە پاتقان، ياتلاشقان بىر توپ كىشى پەيدا بولدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىسىدە ئىزچىللىقىنى ساقلاپ كەلگەن ھايا قارىشى، ئەخلاقىي ئۆلچەملەر، مۇقەددەس سىمۋوللار دەپسەندە قىلىندى؛ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشى قاشاسىز تامغا ئوخشاپ قالدى؛ئەڭ يامان بولغىنى، كاززاپلىق، ئىمان-ئىتقادسىزلىق ، جاھانسازلىق بازار تېپىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشىنى قوغداشنى بۇرچى دەپ بىلىدىغان كىشىلەر، ھالال ئەقىدىسى بار كىشىلەر چەتكە چىقىپ قالدى. ئاۋام ئارىسىدا ئۇيۇشۇشچانلىق ئاجىزلاپ، ئىدېئولوگىيەلىك بۈلۈنۈش ئېغىرلاشتى.  ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنگىچە ھەرخىل بوران-چاپقۇندا ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلىيالىشى، مەدەنىيەت گېنىدىكى ئىممۇنت كۈچىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە بۇ مىللەتنىڭ پەرقلىق، ئۆزىگە خاس قىممەت قارىشى ۋە ئەقىدە يېتىلدۈرگەنلىكىدىن بولغانىدى. ئەنگلىيەلىك مەشھۇر پەيلاسوپ بېرتراند رۇسسېل( Bertrand Russel,1970):«بەزىلەر ئۆلۈپ كېتىشكە رازىكى، ھەرگىزمۇ پىكىر قىلىشنى خالىمايدۇ»دەپ يازىدۇ. ئەللامە زمەخشەرىي بولسا:«دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان، شۇنداقلا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان»دەيدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز يۇسۇندا چاكىنىلىقلارنى ئومۇملاشتۇرۋاتقان ئاشۇ بىر بۆلۈك كىشى دەل ئەنە شۇنداق پىكىر قىلمايدىغان، نېمە قىلىۋاتقىنىنىمۇ تۇيمايدىغان ھەم تارىخىي ۋە مەۋجۇد ساۋاقلاردىن ئىبرەت ئالمايدىغان كىشىلەردۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشىنى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرايدىغانلار جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىقلارغا ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە ئىجتىمائىي بىنورماللىقلارنى ئومۇملاشتۇرۋاتقانلارغا «بەس»دېيىشى لازىم. بولمىسا، تېز سۈرئەتتە جەمئىيەتلىشۋاتقان ھەرخىل چاكىنىلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلغىلى بولمايدۇ ھەمدە ياخشىلارمۇ چاكىنىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرغان بوپقالىدۇ. ماقالىمىزدە«بىز ئۈزلۈكسىز تەرزدە چاكىنىلىشىش خەۋپىگە دۇچ كېلىمىز»دېگەن قاراشنىڭ سۈرۈلۈشى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن.  تۈگەنچە بىز تارىخنىڭ ھەر قانداق ۋاقتىدىكىدىن بەكرەك چىن ئۆزلۈكىمىزنى ئىزدەش ۋەزىپىسىگە دۇچ كېلىۋاتمىز.  -ئانتونىي گىددېنىس:«زامانىۋىلىق ۋە ئۆزلۈك»ناملىق ئەسىرىدىن بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئومۇملىشۋاتقان بىر قىسىم چاكىنىلىقنىڭ ئىپادىلىرى، سەۋەبلىرى، جەريانلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىندى. جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىق-بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئەسلىدە ھىمايە قىلىندىغان، ئورتاقلىق تۇيغۇسى ۋە مەنسۇبىيەت ئېڭى پەيدا قىلىدىغان قاراشلىرى، ئىجتىمائىي مىزانلىرىغا خىلاپ ھالدا ئومۇملاشقان، ئەمما ئەخلاقسىزلىق ھېسابلانمايدىغان ھەم جىنايەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شۇ ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرى ئارىسىدا ھەيرانلىق ھېس قىلىنمايدىغان ئىجتىمائىي بىنورماللىقتۇر. ئادەتتە جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىق«تاپتىن چىققۇچىلار جەمئىيەتشۇناسلىقى»(Sociology of Deviance,越轨行为社会学)دائىرىسىدە تەتقىق قىلىندۇ. ئۇيغۇر جەمئىيتىدە جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىقلار ئۆزىدە يوق كىملىكىنى بېزەپ كۆرسىتىش، ماددىيلىق ۋەسۋەسىسىگە باش ئېگىش، كوللېكتىپ ۋىجدانغا ئاسىيلىق قىلىش، مۇقەددەس سىمۋوللىرىمىزغا بىھۆرمەتلىك قىلىش، جاھانسازلىق كويىغا كىرىش شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. چاكىنىلىق جەمئىيەتلەشكەندە، شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئادەم پۇچەكلىك قورشاۋىدا قالىدۇ؛ئادىمىيلىكى سوئالغا دۇچ كېلىدۇ؛ئومۇمنىڭ قىممەت قارىشى دەپسەندە قىلىندۇ. كىملىك كىرىزىسى، ئەقىدە كىرىزىسى ۋە زىددىيەتلىك كىملىك ئىسكەنجىسىگە پاتقان بىر توپ پەيدا بولىدۇ. بۇ ھال بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە مىللىي روھ ئۈچۈن پايدىسىز.



    جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىققا دىياگنوز قۇيۇشتىكى ئۆلچەم نېمە؟بىز قانداق چاكىنىلىشىمىز؟بۇ ھادىسىگە دىياگنوز قۇيۇشتىكى ئۆلچەم «بىز كىم؟كىمنىڭ پۇشتى؟قىممەت قارىشىمىز نېمە؟»دەپ سوئال قۇيۇشتۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىق ھەققىدىكى ئويلىنىش كىملىكىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىز ھەققىدىكى قايتا ئويلىنىشتۇر.  كىملىكىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىز ھەققىدىكى ئويلىنىش بولسا ئۆزىمىزدىن ۋە ياشاش ئۇسۇلىمىزدىن گۇمانلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.  يېشىندا، بوران-چاپقۇندا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئىمارەتكە ئوخشاتساق، قىممەت قارىشى ئاشۇ ئىمارەتنىڭ ئۇلىدۇر؛كىملىك ئاشۇ ئىمارەتنىڭ قاشاسىدۇر. قاشاسىنى ياخشى قوغدىيالمىغان ئىجتىمائىي توپ ئاشۇ ئىمارەت ئۇلىنىڭ لېڭشىپ قېلىشىغا سەۋەبكار بولغان توپتۇر. بىز ھازىر ئۆزىنى ياخشى دەۋاتقانلار ئۆزلىرىدىن گۇمانلانمىسا، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلمىسا بولمايدىغان، ئەتراپىمىزدىكى نورمال بىلىنىپ كەتكەن نەرسىلەر ۋە ياشاش شەكىللىرىگە سوئال قويمىساق بولمايدىغان بىر دەۋرگە كىرىۋاتىمىز. چۈنكى بىز چاكىنىلىقنى ئىجتىمائىيلىشىش ئارقىلىق يۇقتۇرىمىز ۋە دوراش، سۈكۈت قىلىش يولى بىلەن بارا-بارا جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىقلارغا كۆنۈپ كىتىمىز؛ئەسلىي ئۆزلۈكىمىزدىن يىراقلىشىپ، ئىجتىمائىي بىمارلارغا ئايلىنىش ئېھتىماللىقىغا دۇچ كېلىمىز؛ئىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىمىزمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆلىدۇ. چاكىنىلىق جەمئىيەتلىشۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتتىكى ئادەم ئۆزىگە ئىجتىمائىي ئاغرىق دەپ مۇئامىلە قىلغاندا، ئاندىن ئۆزىدىكى چاكىنىلىشىش يۇقۇندىلىرىنى ھېس قىلالايدۇ. ئۆزىگە سوئال قۇيۇشنى ئۆگەنگەندە، ئاندىن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆزىگە نورمال بىلىنىپ كەتكەن ياشاش ئۇسۇللىرىنىڭ گۇمانلىنىش ئوبيېكتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.



    چاكىنىلىق قورشاۋىدا تۇرغان بىر ئادەم ئۆزىگە«مەن كىم؟» دەپ سوئال قۇيۇشتىن باشقا يەنە ھەققە يېقىنلىشىش ئارقىلىق، ئۆز مەدەنىيتى ۋە تارىخىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، توختاۋسىز پىكىر قىلىش، ئىزدىنىش ۋە ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىقمۇ ئۆزلۈك ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلىنالايدۇ. بۇ، ئىنسان ھاياتىغا مەنە ئاتا قىلالايدىغان ئەھمىيەتلىك روھ سەپىرىدۇر.



    ئىزاھلار:

    [1] بۇ نەقىل ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئمىننىڭ«ئۈزۈڭنى تۇنۇ»ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.
    [2] ئىممەنيۇل كانت(Immanuel Kant)-غەرب پەلسەپە تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان گېرمانىيەلىك مەشھۇر پەيلاسوپ. ئۇنىڭ ئەخلاق پەلسەپەسى باشقا كۈچلۈك پەلسەپە سىستېمىلىرىغا ئوخشاشلا غەرب پەلسەپە تارىخىدا چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن«نوقۇل ئەقىلگە تەنقىد»قاتارلىقلار بار. بۇ نەقىل روبېرت سولومون ۋە كەسېلېن خىگىنىس بىرلىشىپ يازغان«پەلسەپىنىڭ قىسقىچە تارىخى»ناملىق كىتابتىكى كانتقا ئاتاپ يېزىلغان بابتىن ئېلىندى. ئوكسفورد:ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1996-يىل، 112-بەت.
    [3] ئېمىل دۇركايىم(Emile Durkheim)-فىرانسىيەلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. بۇ نەقىل ئۇنىڭ«دىنىي ھاياتنىڭ دەسلەپكى شەكىللىرى»ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.
    [4] «كىملىك كىرىزىسى»ھادىسىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاپتورنىڭ«شىنجاڭ مەدەنىيتى»ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىل3-سانىغا بېسىلغان«شەھەرلىشىش ۋە كىملىك كىرىزىسى»ناملىق ماقالىسىگە، «زىددىيەتلىك كىملىك» ھادىسىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاپتورنىڭ«شىنجاڭ مەدەنىيتى»ژۇرنىلىنىڭ2009 -يىل6-سانىغا بېسىلغان«مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىك»ناملىق ماقالىسىگە قارالسۇن.
    [5] بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە«كىملىك»سۆزى«سالاھىيەت»دەپ ئېلىنىپ قالغان. ئەسلىي تېكىستتىن بىۋاستە نەقىل ئېلىندى ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىكى بەت نومۇرىمۇ قۇشۇپ قويۇلدى.
    [6]بۇ مىسالنى ئېلىشىم مېنىڭ ئابدۇكېرىم ئابلىزنى تەنقىد قىلغانلىقىمدىن ياكى چۆكۈرگەنلىكىمدىن، ئىتوت ژانىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ ماقالىدە ئۇنىڭ ئىتوتلىرىدىكى ئايرىم سۆزلەرنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتى تەھلىل قىلىندۇ. ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوتلىرىغا باھا بېرىش بۇ ماقالىنىڭ مەقسىتى ئەمەس.
    [7] كانتنىڭ بۇ قارىشى1-ئىزاھاتتىكى كىتابنىڭ 213-بېتىدىن ئېلىندى.
    [8]بۇ نەقىل ئەنگلىيەلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئانتونىي گىددېنىس(Anthony Giddens,1938)نىڭ« زامانىۋىلىق ۋە ئۆزلۈك»ناملىق مەشھۇر كىتابىدىن ئېلىندى. گىددېنىس ئىلگىرى كامبرچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، لوندون ئىقساد ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تونىي بلايرنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان.



    ئاپتور: ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى
    مەنبە:شىنجاڭ مەدەنىيتى 2010-يىللىق5-سانىدىن ئېلىندى.


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.