ئۇيغۇر ئايال ئەدىبلەر قوشۇنى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە(ئارزۇگۈل تۇراپ)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-12 00:37:15

ئۇيغۇر ئايال ئەدىبلەر قوشۇنى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدەئارزۇگۈل تۇراپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 30 يىلدا ئەدەبىياتىمىزدا تارىخىي خاراكتېرلىك گۈللىنىش بولدى. ئايال يازغۇچى – شائ...



    ئۇيغۇر  ئايال  ئەدىبلەر قوشۇنى ۋە  ئەسەرلىرى ھەققىدە
    ئارزۇگۈل تۇراپ


     

     

    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 30 يىلدا ئەدەبىياتىمىزدا تارىخىي خاراكتېرلىك گۈللىنىش بولدى. ئايال يازغۇچى – شائىرەلەر قوشۇنىمىزمۇ زورىيىپ، ئۇلارمۇ ئەدەبىياتىمىزدا شانلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.

     


    يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاياللارنىڭ جەمئىيەت ۋە ئائىلىدىكى ئورنىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. بۇ خىل ئۆزگىرىش ئەدەبىياتىمىزدىمۇ ئىپادىلەندى. 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن كېيىن شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئايشەم ئەخمەت، نۇرىيە ئېلاخۇن، تۇرسۇنئاي ھۆسەيىن قاتارلىق يازغۇچى – شائىرەلەر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ پارلاق دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئالايلى، ئايشەم ئەخمەتنىڭ 1983 – يىلى نەشردىن چىققان‹‹ئۆچمەس ئىزلار›› رومانى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى. ئىزچىل شېئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان تۇرسۇنئاي ھۆسەيىنمۇ ئۆز ئىستېداتىنى جۇلالاندۇرۇپ، شېئىرىيەت گۈلزارىدىكى بىر بۇلبۇلغا ئايلاندى. ئۇ 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىلا ‹‹گىلاس››، ‹‹بۇلبۇللار سايرىغاندا››، ‹‹ گۈلنىسا››، ‹‹ چىغىر يول›› ناملىق شېئىر توپلاملىرىنى ئارقا – ئارقىدىن جامائەتكە سۇندى. مەرھۇم شائىرىمىز تىيپجان ئېلىيۇپ تۇرسۇنئاي ھۆسەيىنگە: ‹‹ تۇرسۇنئاي ھۆسەيىن شېئىرىيەتتىكى ئۆزگىچە مول ھوسۇلى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. ئۇ شېئىرلىرىدا ھازىرقى زامان قىز – ئاياللىرىنىڭ روھىي قىياپىتىنى، ئاياللارنىڭ ئىنچىكە، مۇرەككەپ روھىي ھالىتىنى ئىپادىلەپ، بەردى›› دەپ يۇقىرى باھا بەرگەنىدى. دەرۋەقە، ئۇ شېئىرلىرىدا ئىپادىلىگەن نازۇك ھېسسىيات، چوڭقۇر ئوي – پىكىر، لىرىكىلىق تەسەۋۋۇرلىرى ئارقىلىق كىشىگە رىۋايەتلەردىكىدەك گۈزەل تۇيغۇنى، سەمىمىي ساداقەتنى، دوستلۇق – مۇھەببەتنى، ئادىللىق، ھەققانىيەتنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

     


    1985 – يىلىدىن كېيىن ئايال ئەدىبلەر قوشۇنىغا يەنە بىر تۈركۈم ئۈمىدلىك ياش قەلەمكەشلەر قوشۇلدى. ئۇلار ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى ۋە سەمىمىيىتى بىلەن تۈرلۈك ژانىرلاردا يازغان نادىر ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلدى. بۇلاردىن دىلبەر قەييۈم پروزا ژانىرىغا دادىل تۇتۇش قىلىپ، مەدەنىيىتىمىزدىكى ئېسىل ئەنئەنىلەرنى قېزىپ، خەلقىمىزدە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئويغىتىشنى ئىجادىيىتىدىكى ئاساسلىق يۈزلىنىش قىلدى. ‹‹ئانا›› ناملىق پوۋېستىدا مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئانىسىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئانىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى. ‹‹ھەقىقەتنىڭ ئوغلى››ناملىق ئەسىرىدە 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى يېزىپ، خەلقىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ پەخىرلىك ئوغلانىغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى، ‹‹تىتىرەۋاتقان قەلب›› ناملىق ئەسىرىدە ئەنئەنىۋى ئوبراز يارىتىش ئۇسۇلىدىن ھالقىپ، پېرسوناژلارنىڭ مۇرەككەپ ئىچكى ھېسسىياتىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشتى.

     


    تۇرسۇنئاي يۇنۇس ئاخباراتچىلىقتىن باشقا يەنە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ئوقۇرمەنلەرگە نۇرغۇن ياخشى، تىلى چۈچۈك ئەسەرلەرنى سۇندى. ئۇنىڭ ‹‹چولپاننىڭ تويى››، ‹‹دىرېكتور ئىشخانىسى››، ‹‹ئاقىۋەت››، ‹‹نەپرەت››، ‹‹تۇرمۇش سىنىقى›› قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئىجتىمائىي رېئاللىق ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئەسەرلەردىن ئاپتورنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەت ئىقتىدارى جەھەتتە پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. دىلدار ئەزىز‹‹ يېڭى يىللىق تەبرىك ››، ‹‹مېنىڭ ياشلىقىم››، ‹‹ئېزىققان ئادەم›› قاتارلىق پوۋېستلىرىدا تۇرمۇشقا، گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلىدى. تولاراق ئاياللار خىزمىتى ساھەسىدە ئىشلىگەن غەلىبە مۇھەممەتنىڭ ئەسەرلىرىدە ئاياللارنىڭ تۇرمۇشتىكى بەخىتسىزلىكى، ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىش روھى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

     


    20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىكى شائىرەلەرنىڭ ئەسەرلىرىمۇ پروزا ئەسەرلىرىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى گۈلزارلىقىدىكى كۆركەم گۈلدەستىلەردۇر. دىلبەر قەييۇم ‹‹چولپان كۈلگەندە›› ناملىق شېئىرىدا ئوت يۈرەك شائىر ل. مۇتەللىپكە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىسە، ‹‹ شائىر ›› ناملىق شېئىرىدا، چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان موماينىڭ ‹‹مەن››گە قىلغان نەسىھىتى ئارقىلىق، خەلقىمىزنىڭ كەلگۈسىگە، تەقدىرىگە بولغان ئۈمىدى ۋە ئويلىنىشىنى ئىپادىلىدى. بۇنىڭدىن باشقا قۇندۇز مۇھەممەت، بىلىقىز سۇلايمانلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى قايناق ھېسسىيات ۋە نەپىسلىك، ئايگۈل ھەمدۇللا شېئىرلىرىدىكى ئاياللارنىڭ بەخىتسىزلىكىگە بولغان چۇقان ۋە پاك سۆيگۈگە بولغان ئىنتىلىش، رەشىدە سېيىت شېئىرلىرىدىكى ئۆزگىچىلىك ئەدەبىياتىمىزغا يېڭى ھاۋا ۋە ساپ تۇيغۇ ئاتا قىلدى.

     


    20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، خالىدە ئىسىرائىل، مايىگۈل پەخرىدىن، ئايگۈل مۆيدىن، گۈلجامال داۋۇت قاتارلىقلار ئايال يازغۇچىلار قوشۇنىغا يېڭى قان بولۇپ قوشۇلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن خالىدە ئىسىرائىلنىڭ ئىجادىيىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. 1987 – يىلى تۇنجى ئەسىرى ‹‹ئېھ، ھايات›› بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ ئۆز تالانتىنى نامايان قىلغان خالىدە ئىسرائىل 1989 – يىلى يازغان ‹‹قۇملۇقنىڭ چۈشى›› ناملىق پوۋېستى بىلەن ھەممىگە تونۇلدى. بۇ پوۋېست ئالاھىدە تەپەككۇر شەكلى، ئىچكى تۇيغۇنى ئىپادىلەش ۋە ئاياللارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش جەھەتتە ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىدا يېڭى بىر يولنى ياراتتى. ئاپتور بۇ ئەسىرىدە ئاياللارنىڭ نىكاھ مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئاياللارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتى، دۇنيا قارىشى ۋە ئاياللىق تۇيغۇسى، ئاياللارنىڭ ئارزۇ – ئارمىنى، مەغلۇبىيىتى، غەزەپ – نەپرىتى، قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان نىكاھ تراگېدىيىسى قاتارلىقلارنى ناھايىتى چوڭقۇر ۋە ئەينەن ئەكس ئەتتۈردى. گۈزەل نەرسىلەرنىڭ ئۆمرى نېمە ئۈچۈن قىسقا بولىدۇ؟ نېمىشقا ئاجىز بولىدۇ؟ باشقىلارنىڭ كۆيۈنۈشىگە موھتاج بولغان ئاياللار بۇ ئاجىزەلەرتوپى نېمىشقا دائىم ئۆزى ئىشىنىدىغان ئەرلەر تەرىپىدىن دەپسەندە بولىدۇ؟ بۇ تراگېدىيىنى كىم كەلتۈرۈپ چىقارغان؟ بۇ دەل بۇ ئەسەردىكى كىتابخاننى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلىلەردۇر. پوۋېستتىكى ھەۋزىخان ۋە ھەمراخان ئوبرازلىرى ھەقىقەتەن مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان ئوبرازلاردۇر. بۇ ئوبرازلارنىڭ شۇنچىلىك ئۇتۇقلۇق يارىتىلىشىدىن ئالغاندا، خالىدە ئىسرائىلنى ئايال يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پەخرى، بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى ۋەكىللىك يازغۇچىلارنىڭ بىرى دېيىشكە ھەقلىقمىز.

     


    20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىغا كەلگەندە رىزۋانگۈل يۈسۈپ، باھارگۈل ساۋۇت، ئالتۇنگۈل رەجەپ، غۇنچەم سەمەت، زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىت، چىمەنگۈل ئاۋۇت، پاشاگۈل ئىسمائىل قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئايال يازغۇچى – شائىرەلەرنىڭ بۇ سەپكە كىرىشى بىلەن، ئايال يازغۇچى – شائىرەلەر قوشۇنى يەنىمۇ زورايدى. بۇ مەزگىلدە ئېلىمىزدە ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشى، زامانىۋىلىشىشنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ ئاياللارنىڭ نەزەر دائىرىسىمۇ كېڭىيىپ، ئايال يازغۇچى، شائىرەلەرنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىچىلىكىمۇ بارغانسېرى گەۋدىلەندى. بۇ مەزگىلدە يېزىلغان ھېكايە – پوۋېستلاردا بەدىئىي ئىجادىيەتتە ئەنئەنىۋىلىكتىن زامانىۋىلىققا يۈزلىنىشتەك ئالاھىدىلىك ئايان بولدى. خالىدە ئىسرائىل ‹‹ئوربىتا›› پوۋېستىدا ھېكايە ئىجادىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى قۇرۇلمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەركىن ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئىنسان خاراكتېرىنىڭ قېلىپقا چۈشمەيدىغان كۆپ قىرلىقلىقىنى ئىپادىلىسە، زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىت ‹‹پەردىسىز دېرىزە›› پوۋېستىدا ئوخشاشلا ئاياللار مەسىلىسىنى چوڭقۇرلاپ تۇتتى. رىزۋانگۈل يۈسۈپنىڭ ‹‹سىرلىق ئالما››، ‹‹ئېزىتقۇ››قاتارلىق ئەسەرلىرىدە رېئاللىق بىلەن خىيال، ئادەم بىلەن تەبىئەت، سۇبيېكتىپ قاراش بىلەن ئوبيېكتىپ رېئاللىق ئۆز ئارا كىرىشتۈرۈلۈپ تەسۋىرلىنىپ، ئاياللارنىڭ روھىي دۇنياسىدا ئەكس ئېتىدىغان مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر ئىپادىلەپ بېرىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئايال قەلەمكەشلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە يەنە ئاياللارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى، باراۋەرلىك ئېڭى، ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى قەدىرلەش ئېڭىنى ئويغىتىش ئاساسىي تېما قىلىندى. بۇ نۇقتىنى خالىدە ئىسرائىلنىڭ ‹‹ھاڭگىرت كۆلى›› ناملىق ئەسىرىدىكى بەختسىز نىكاھ ئىچىدە ياشاشتىن كۆرە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سۆيگۈ – مۇھەببىتى، بەختى ئۈچۈن ئوتقا كىرىشكە رازى بولغان زىيالىي ئايالنىڭ ئوبرازىدىن، غەلىبە مۇھەممەتنىڭ ‹‹بۇ مۇھەببەت ئۈچۈن ئەمەس›› ناملىق ئەسىرىدىكى ئاياللارنىڭ قانداق قىلىپ ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلماقچى بولغانلىقىغا دائىر ئىزدىنىشلىرىدىن، گۈزەلنۇر مۇتەللىپنىڭ ‹‹كەچۈر، سېنى سۆيەلمەيمەن›› ناملىق ئەسىرىدىكى ھازىرقى قىز – ئاياللارنىڭ سۆيگۈ قارىشى، قىممەت قارىشىدىن، ئالتۇنگۈل رەجەپنىڭ ‹‹لەيلىگۈل›› ناملىق ئەسىرىدىكى ئۆزىنىڭ بىر جۈپ قولى ۋە ئەقىل – پاراسىتىگە تايىنىپ ئۆزىگە – ئۆزى خوجا بولۇش يولىغا ماڭغان قىزنىڭ ئوبرازىدىن، گۈلنىسا جامالنىڭ ‹‹شادىيە›› ناملىق ئەسىرىدىكى كەسىپ ۋە ئەخلاق جەھەتتە ئوڭۇشسىزلىق ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىغان ئايالنىڭ ئۆز ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۆزىنى كۈچەيتىش ئارزۇسى يولىدىكى ئىنتىلىشلىرىدىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.

     


    يۇقىرىقىلاردىن ئايال ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئاياللار تېمىسىدا يازغان ئەسەرلىرىدىكى ئۆزگىچىلىك، خاسلىقنى كۆرگەن بولساق، چىمەنگۈل ئاۋۇت، زۆھرەگۈل ئەھەت، رىسالەت مەردان قاتارلىق ياش شائىرەلەرنىڭ شېئىرلىرىدىن ئەر – ئاياللار باراۋەرلىكىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاياللارنىڭ ئىنسانىي قەدىر – قىممىتىگە، كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پۈكۈلمەس ئارمان، ئوتلۇق نىدا، يالقۇنلۇق تىلەكلەرنى ھېس قىلالايمىز.
    دېمەك، ئاخىرىدا شۇنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىزكى، كۈنسېرى زورىيىۋاتقان ئايال ئەدىبلەر قوشۇنىغا يېڭى يۈكسىلىش يار بولغاي! ئۇلارنىڭ تەپەككۇر گۈلشەنىدىن ئەلگە سۇنۇۋاتقان گۈلدەستىلىرىگە ئىپاردەك ھىد، ئۆڭمەس رەڭدارلىق ھەمراھ بولغاي!

     


    مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.