شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر(مۇھەممەد تۇرسۇن يۈكسەل

يوللىغۇچى : yabghu يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-18 23:55:13

شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇرمۇھەممەد تۇرسۇن يۈكسەلئۇيغۇر شېئىرىيىتى − ئۆزىنىڭ ئىخچام، جانلىق، نەپىس ۋە ئوبرازلىق بولۇشتەك روشەن ئالاھىدىلىكى بىلەن كىشى قەلبىنى ئۆزىگە ...

     

    شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر
    مۇھەممەد تۇرسۇن يۈكسەل
     
     
     
    ئۇيغۇر شېئىرىيىتى − ئۆزىنىڭ ئىخچام، جانلىق، نەپىس ۋە ئوبرازلىق بولۇشتەك روشەن ئالاھىدىلىكى بىلەن كىشى قەلبىنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلىپ، يېڭى – يېڭى ھېس – تۇيغۇلارنى ۋە يېڭى – يېڭى ھېكمەت دۇردانىلىرىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇيغۇر شېئىرىيىتى نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، خەلق بېيىت – قوشاقلىرى ۋە خەلق داستانلىرىنى ئۆزىگە مەنبە – ئوزۇق قىلىپ، بۈگۈنكىدەك ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە، مۇكەممەل شەكىلگە ۋە بەدىئىي جەھەتتە سىستېمىلاشقان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىغا ئىگە جەزبىدار ئەدەبىيات ژانىرىگە ئايلاندى. شېئىرمۇ ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانىرلىرىغا ئوخشاش بەلگىلىك ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ ماۋزۇ، شەكىل، قاپىيە، بوغۇم، تۇراقتىن ئىبارەت بەش مۇھىم ئامىلدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر بولسا شېئرنى بالاغەتكە يۈتكۈزۈشتە ھەل قىلغۇچ رو ئوينايدىغان بەدىئىي ۋاستىدۇر.
     
    شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر شېئىرىيەت ئىجادىيىتىگە كىرىشكەنلەر ئۈچۈن چوقۇم ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئاددىي ساۋاتلار بولسىمۇ، لېكىن، «قەشقەر» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە ئەۋەتىلىۋاتقان نەزمىي ئەسەرلەردىن قارىغاندا، بۇ ساۋاتلار ھەققىدە يەنە توختۇلۇشنىڭ زورۇرلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر نەچچە ئىشنى مىسال كەلتۈرىمەن:
     
    مانا ئالدىمدا ياش ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىدىن كەلگەن خەتلەر تۇرۇپتۇ. بۇ خەتلەرنىڭ بىرسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «… مەن ئۇزۇندىن بۇيان «قەشقەر» ژۇرنىلىنى سۆيۈپ ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن… يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان يازغان شېئىرلىرىمدىن ئون نەچچە پارچىنى «قەشقەر» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە ئەۋەتسەم بىرەر پارچىسىمۇ بېسىلمىدى. خېلى ياخشى يېزىلغان شېئىرلار ئىدى…»، يەنە بىر پارچە خەت: «… ئۇزۇندىن بۇيان ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. «قەشقەر» ژۇرنىلىغا ياخشى چىققان شېئىرلىرىمدىن يىگىرمە نەچچە پارچىنى تاللاپ ئەۋەتسەم، يېقىنقى سانىدا ئاران بىر پارچىسى ئېلان قىلىندى… قەشقەرگە بېرىپ سىز ۋە باشقا تەھرىرلەر بىلەن تونۇشسام…». يەنە بىر تېلېفون: «مەن خىزمەتتىن پېنسىيەگە چىققىلى ئىككى يىل بولدى. ئانچە – مۇنچە شېئىر يېزىۋاتىمەن… تەھرىر بۆلۈمىگە ئون نەچچە پارچىسىنى ئەۋەتسەم خەۋەر يوق. بىر قانچىسىنى ئۆزلىرىگە ئاپىرىپ بەرسەم، «قەشقەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدۇرۇپ بەرگەن بولسىلا…»، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خەت ۋە تېلېفونلار ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ خىل مەزمۇندىكى خەت، تېلېفون ۋە ھاۋالىلەرگە بىر-بىرلەپ جاۋاب بېرىش ئىمكانىيىتى يوق. ژۇرنالغا ئەۋەتىلىۋاتقان نەزمىي ئەسەرلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنىڭ تەھرىرلىك ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەسلىكى نورمال ئەھۋال. تەھرىرلىك ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەسلىكىدىكى سەۋەبمۇ ھەرخىل، ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب شېئىرىي مۇددىئانىڭ يېڭى بولۇشىدىن باشقا، يەنىلا شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇردىن ئىبارەت ئاددىي ساۋاتنى پىششىق ئىگىلىمىگەنلىكتە. شېئىرىيەتكە قىزىقىش ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ياخشى ئەھۋال.چۈنكى شېئىر يېزىش كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىپادىلەشتىكى ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بەزىلەر ئۈمۈرۋايەت داۋاملاشتۇرۇپ مۇۋاپپەققىيەت قازىنالىشى مۇمكىن، بەزىلەر يېرىم يولدا توختاپ قېلىشى مۇمكىن. ۋاھالەنكى، شېئىر ئىجادىيىتىدە نوقۇل قىزىقىش بىلەنلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. ھەقىقىي بالاغەتكە ۋە ھېكمەت دەرىجىسىگە يەتكەن شېئىرلارنى ئىجاد قىلىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال بىلىملەرگە ۋە مول جەمئىيەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشتىن باشقا يەنە بىرقەدەر يۇقىرى ئىجادىيەت مېتودى بولۇش تېخىمۇ مۇھىم. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا، شېئىرىي ئىجادىيەتتە ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر توغرىسىدا بىرقەدەر پىششىق ساۋاتقا ئىگە بولۇش زۆرۈر.
     
    بىرىنچى، شېئىردىكى 5 مۇھىم ئامىل
     
    1. ماۋزۇ
     
    ماۋزۇنى شېئىرنىڭ گۈل تاجى دېيىشكە بولىدۇ. ئاپتور ئۆزىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلغان، قەلبىنى لەرزىگە سالغان ۋە تاۋلىنىشتىن ئۆتكەن ۋەقە، ھادىسە ياكى ھېكمەتلىك پىكىرلەرنى شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، شېئىرغا قويۇلىدىغان ماۋزۇ جەلپ قىلارلىق ۋە ئىخچام بولۇشى، شېئىردا ئىپادىلىمەكچى بولغان شېئىرىي مۇددىئانى ئىپادىلىيەلىشى كېرەك. «قەشقەر » ژۇرنىلىغا كېلىۋاتقان نەزمىي ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمىدا ماۋزۇ ئۇزۇن بولۇش، شېئىرىي مۇددىئانى تولۇق ئىپادىلىيەلمەسلىك ۋە جەلپكار بولماسلىق ئەھۋالى مەۋجۇت. شۇڭا، ئىشلىتىشكە تەييارلانغان بىر قىسىم شېئىرلارنىڭ ماۋزۇسىنى مۇھەررىرلەر قايتا تەھرىرلەشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ. شېئىردىكى ماۋزۇ ئۈستىدە توختالغاندا، ئۆرنەك سۈپىتىدە ئاتاقلىق شائىر ئابدۇكېرىم خوجانىڭ «تۇپراق، باھار ۋە مەن» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى شېئىرلارنىڭ ماۋزۇلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى: «كەلدى»، «گۈلسۇرۇخ»، « تامغا بولسام »، « سۇمۇرغ ئۇچقاندا »، «دېڭىز − ئانامسەن»، «كۆچەت تاللاش»، «كىشەن»، «يول ئۈستىدە»، «بۇلبۇل ۋە قەپەز»، «ئاچچىق ۋە تاتلىق»، «ئايدىڭدا سەپەر»، «قوڭغۇراق»، «ئاندىن گۈزەل»، «ساۋاق»، «تاغ گۈلى»، «گۈل ۋە مۆلدۈر»، «بۇلۇت»، «قالغاي»، «چېچەك»، «مامكاپ بىلەن ئەنجۈر»، «يۇلتۇز»، «شارلار تېغى»، «قىلدىلا»، «گۈل ۋە شامال»، «تاج ۋە باش» قاتارلىقلار. يۇقىرىقى ماۋزۇلاردا يېزىلغان شېئىرلاردا ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارمۇ، بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلارمۇ، قىسقا يېزىلغان شېئىرلارمۇ، ئۇزۇنراق يېزىلغان شىئىرلارمۇ بار. بۇ ماۋزۇلار ئىخچام ۋە جەلپ قىلارلىق بولۇپ، ئۇزۇن، مۇجىمەل ۋە چۈشىنىكسىزلىكتىن خالىي. ماۋزۇنى ئوقۇپلا ئادەمدە شېئىرنى تولۇق ئوقۇپ چىقىش ئىشتىياقى قوزغىلىدۇ. دېمەك، شېئىرغا ماۋزۇ تاللىغاندا، شېئىردىكى بىرەر مىسرانى كۆچۈرۈپلا بولدى قىلماستىن، ئەتراپلىق ئويلىنىش ئارقىلىق ھەم شېئىرىي مۇددىئانى يىغىنچاق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھەم جەلپكارلىققا ئىگە سۆزلەرنى ماۋزۇ قىلىپ تاللاش شەرت. ئۇنىڭدىن باشقا، شېئىرنىڭ ماۋزۇسى − ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ ماۋزۇسىدەك بىر كۆرۈپلا مەزمۇنىنى بىلىۋالغىلى بولىدىغان «قىسقا خەۋەر» تۈسىدە بولماسلىقى، ئوقۇرمەندە ماۋزۇنى كۆرۈپلا شېئىرنى تولۇق ئوقۇپ چىقىش ئىستىكى قوزغىيالايدىغان بولۇشى كېرەك.
     
    2. شەكىل
     
    شەكىلنى شېئىرنىڭ تون – لىباسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر شېئىرىيىتى نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات داۋامىدا، ئۆزىگە خاس شەكىللەرنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئارۇز ۋەزىنلىك، بارماق ۋەزىنلىك بولسۇن ياكى چاچما شېئىر بولسۇن ناھايىتى كۆپ خىل شەكىلگە ئىگە. نۆۋەتتە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان شېئىرلارغا قارايدىغان بولساق، گەرچە مەزمۇن جەھەتتە كۆپ خىل، رەڭدار ۋە جەلپكار بولسىمۇ، لېكىن، قوللىنىۋاتقان شېئىر شەكىللىرى يەنىلا ناھايىتى ئاز. مەسىلەن: مۇسەللەس  ( ئۈچ مىسرالىق شېئىرىي شەكىل ) ،مۇرەببە(تۆت مىسرالىق شېئىرىي شەكىل)، مۇسەببە  ( يەتتە مىسرالىق ئۇدا قاپىيەلىك شېئىرىي شەكىل )، مۇسەددەس  ( ئالتە مىسرالىق شېئىرىي شەكىل )، مۇسەببە  ( يەتتە مىسرالىق شېئىرىي شەكىل )، مۇسەممەن  ( سەككىز مىسرالىق شېئىرىي شەكىل )، مۇتەسسە  ( توققۇز مىسرالىق شېئىرىي شەكىل )، تەرجىبەنت  ( قايتۇرما مىسرالىق شېئىرىي شەكىل )، مۇستەھزات  ( بىر ئۇزۇن، بىر قىسقا مىسرالىق شېئىرىي شەكىل )، مۇۋەششەھ، مۇختەمىلات، تەجنىس، مۇئەمما  ( شېئىرىي تېپىشماق )، ئىقتىباس… دېگەندەك شەكىللەردە يېزىلغان شېئىرلار يوق دېيەرلىك. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياش ھەۋەسكارلار شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، شەكىل مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىشى زۆرۈر. ئاپتورلار بىرەر يېڭى ئوي – پىكىرنى شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغاندا، ئالدى بىلەن شۇ مەزمۇنغا لايىق، ماس كېلىدىغان شېئىرىي شەكىلنى تاللىشى شەرت. شېئىردىكى شەكىل مۇۋاپىق تاللانمىسا، خۇددى كىچىك بالىغا چوڭ چاپان، چوڭ ئادەمگە كىچىك چاپان كىيدۈرۈپ قويغاندەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ – دە، ئىپادىلىمەكچى بولغان پىكىر ھەرقانچە يېڭى بولسىمۇ جەلپ قىلارلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقمايدۇ. ھالبۇكى، ئىپادىلىمەكچى بولغان شېئىرىي پىكىرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان شېئىرىي شەكىلنى تاللاشمۇ بىر خىل بەدىئىي دىت ۋە ئىجادىيەت ماھارىتى ھېسابلىنىدۇ.
     
    بۇلبۇل ئېيتۇر گۈلزارىمدىن ئايرىما،
    لاچىن ئېيتۇر: قاناتىمنى قايرىما.
    مەن ئېيتۇرمەن: بېلىق سۇسىز نە قىلسۇن،
    مېنى خەلقىم قۇچاقىدىن ئايرىما.
     
     ( ئابدۇرېھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر )
     
     
    شېئىرىيەت ئۇستازى، داڭلىق ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يۇقىرىقى بىر كۇبلېت رۇبائىي شەكىللىك شېئىرى، قەدىمكى خەلق قوشاقلىرى شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، شېئىرىي پىكىر ئىخچام، جانلىق ۋە ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن، شەكىل بىلەن مەزمۇن ئۆزئارا ماسلىشىپ، جەلپكارلىققا ئىگە قىلىنغان.
     
    شېئىرىيەتتىكى شەكىل مەسىلىسى تىلغا ئېلىنسا، بەزى يولداشلار: «ئوخشىغان مەززىلىك تائامنى ئالتۇن تاۋاقتا بەرسىمۇ، ھىجىر-ئاياقتا بەرسىمۇ ئوخشاش» دېيىشى مۇمكىن. لېكىن مەن بۇ خىل قاراشقا قوشۇلمايمەن. كونىلاردا: «ئادەم سەتى سەت ئەمەس، كىيىم سەتى سەت» دېگەن ھېكمەتلىك ماقال بار. شۇنىڭغا ئوخشاش شېئىرىيەتتىكى شەكىل مەسىلىسى، مەزمۇن مەسىلىسىگە ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
     
    3. قاپىيە
     
    قاپىيەنى شېئىرنىڭ جەزبىدار زىننىتى دېيىشكە بولىدۇ. شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىدىكى سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ ئاھاڭداش بولۇپ كېلىشى قاپىيە دېيىلىدۇ. قاپىيە شېئىر مىسرالىرىدا مەزمۇت ئېتىبارى بىلەن بەلگىلىك ئورۇننى ئىگىلىگەن تەڭداش ئاھاڭلىق سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ تۈگەللىمىسى بولۇپ، كۆپىنچە شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىدا كېلىدۇ. قاپىيەنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: توق قاپىيە، ئاچ قاپىيە، يانداش قاپىيە  ( رادىف )، ئىچ قاپىيە، ئالماش قاپىيە، باش قاپىيە،ئۇدا قاپىيە، ئەركىن قاپىيە، جورا قاپىيە، شەكىلداش قاپىيە دېگەندەك. شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىدا مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۇت. بىرى نوقۇل قاپىيە قوغلىشىپ، شېئىرىي مۇددىئاغا، ئاساسىي مەزمۇنغا سەل قاراش، مەزمۇننى قاپىيەگە ئەگەشتۈرۈش ۋە بويسۇندۇرۇش. يەنە بىرى، شېئىرىي مۇددىئانى، مەزمۇننى ئاساس قىلىش، لېكىن قاپىيەگە سەل قاراش. شېئىر − نەزمە بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى ئۆزىگە خاس ئىندىۋىداللىققا ئىگە سۆز دۇردانىلىرىدىن رەتلىك تىزىلغان «ئۈنچە – مەرۋايىت». قاپىيە شېئىر – نەزمىنى نەپىسلىككە، جەلپكارلىققا ئىگە قىلغۇچى جۇلالىق «كۆز مۇنچاق». شېئىر ئاشۇ «كۆز مۇنچاق»لار ئارقىلىقلا تۈرلىنىدۇ، رەتلىنىدۇ ۋە بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولىدۇ. قاپىيەسىز شېئىرنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. قاپىيە شېئىردىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئارۇز ۋەزىنلىك، بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلاردا، ھەتتا نەسر شەكىللىك شېئىرلاردىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىلدۇر.
     
    بۇ يەردە پېشقەدەم بىر شائىرنىڭ يېقىندا ژۇرنالغا ئەۋەتكەن ئىككى پارچە شېئىرىنىڭ قاپىيەسىگە نەزەر سېلىپ باقايلى: بىر پارچە شېئىرنىڭ قاپىيەسى مۇنداق تۈزۈلگەن: كىيگەن، سۆيگەن، كۆرگەن، ئىچكەن، يۈرگەن، قىلغان، تۇرغان، قورغان، تۈرگەن، ئۇرغان. ئىككىنچى پارچىسىنىڭ قاپىيەسى مۇنداق تۈزۈلگەن: دىنارغا، دىيارغا، باھارغا، بىمارغا، چىنارغا، نىگارغا. ھەر ئىككى پارچە شېئىر ئارۇز ۋەزىنلىك غەزەل شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، شېئىرىي مۇددىئا ۋە مەزمۇنى يېڭى، ئاكتىۋاللىققا ئىگە. لېكىن، بۇ شېئىرلارنى كۆرسىڭىز بىر ئاپتورنىڭ شېئىرى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي قالىسىز. چۈنكى، ئالدىنقى شېئىردا ئىشلىتىلگىنى ئاچ قاپىيە بولسىمۇ، بەكرەك ئاچ – سۇس بولۇپ قالغان. قىسقىسى، قاپىيە بۇزۇلغان، چۈشمىگەن. كېيىنكى شېئىردا توق قاپىيە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، شېئىرنىڭ مەزمۇنى بىلەن زىچ بىرىكىپ، شېئىرنىڭ جەلپ قىلارلىقى ۋە نەپىسلىكىنى ئاشۇرغان. مۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ.
     
    قاپىيە ئىشلىتىش، قاپىيە بىلەن شېئىرىي مۇددىئانى، مەزمۇننى يۇغۇرۇپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرش جەھەتتە، ئابدۇرىھىيىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئىلىيىۋ، مۇھەممەت رېھىم، نۇرمۇھەممەت ئېركى، مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائىي، ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن ،تۇرسۇن نىياز قاتارلىق شېئىرىيەت ئۇستازلىرى بىزگە ناھايىتى ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن. مۇھەممەتجان راشىدىن، ئوسمانجان ساۋۇت، ۋاھىتجان غۇپۇر، ئابدۇللا سۇلايمان،ياسىن زىلال، ئابلەت ئىسمائىل ئوغلان،تاھىرتالىپ، تۇرغۇن يىلتىز قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىمۇ ئۆلچەملىك،جەلىپ قىلارلىق ۋە پاساھەتلىك بولۇپ، ئوقۇرمەننى ئۆزىگە ماگىنىتتەك تارتىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىنى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا بىر خىل زوقلىنىش ھېسسىياتىغا كېلىمەن. مىسال ئۈچۈن مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائىنىڭ ئارۇز ۋەزىنىنىڭ بەھرى ھىزەج شەكلىدە يېزىلغان «مەشرەپ» ماۋزۇلۇق شېئىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
     
     
    ئانا يۇرتۇم ئارا تۆھپە، مىراسى بىباھا مەشرەپ،
    بوغۇلغان دەم – نەپەسلەرگە شىپالىق ساپ ھاۋا مەشرەپ.
     
    كامالەت تاپتى قوينۇڭدا مۇقام – ئەلنەغمە، جانبازلىق،
    ئەزەلدىن زاتى ئۇيغۇرغا ئىجازەتسىز راۋا مەشرەپ.
     
    بېغى سەن قان – قېرىنداشلىق، ئىناقلىق، جان كۆيەرلىكنىڭ،
    ھوسۇل-بەھرىڭ ئاداۋەتلىك جاراھەتكە داۋا، مەشرەپ.
     
    يەنە سەن كاتتا سەيناسى ئۇلۇغ ئىنسانىي خىسلەتنىڭ،
    سېنىڭدە ئەنئەنە، رەسمى – يوسۇن شەرمى – ھايا، مەشرەپ،
     
    يەنە يۈكسەل، قۇياشتەك پارلىسۇن پاك روھى مىللەتنىڭ،
    باخاش ئەتسۇن بۇ ئالەمنى ئېسىل نەغمە – ناۋا، مەشرەپ.
     
     
    بۇ شېئىردىكى قاپىيە-مەشرەپتىن ئىبارەت مىللىتىمىزنىڭ سەنئەت بېغىدىكى تارىخى، بىباھا گۈلتاجىنى چوڭقۇر، تەسىرلىنەرلىك ۋە ئوبرازلىق ئىپادىلەش -سۈرەتلەشتە تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇش، جۇلالاندۇرۇش رولىنى ئوينىغان. شېئىردا ئىشلىتىلگەن بىباھا، ھاۋا، راۋا، داۋا، ھايا، ناۋادىن ئىبارەت قاپىيەلەر پۈتۈنلەي توق قاپىيەلەر بولۇپ، شېئىردىكى مەزمۇن بىلەن زىچ ماسلىشىپ، شېئىرنىڭ تەسىرچانلىقى ۋە جەلپكارلىقىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن.
     
    4. بوغۇم ( رىتىم ).
     
    بوغۇم  ( رىتىم ) ياكى ۋەزىن بىر خىل مىقداردىكى سۆز بۆلەكلىرى ياكى بوغۇملارنىڭ شېئىر مىسرالىرىدا بىر خىل تەكرارلىنىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئاھاڭ سىستېمىسىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ مەلۇم ساندىكى بوغۇملار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. شېئىرلاردا بوغۇم  ( رىتىم ) نىڭ رولى گەۋدىلىك بولۇپ، ئۇ شېئىرنىڭ ئاساسىي كۈچى، ئېنېرگىيەسىدۇر. بوغۇم  ( رىتىم ) خۇددى مۇزىكىدىكى قانۇنىيەتلىك تەكرارلىنىدىغان ئۇدارغا ئوخشايدۇ. ئۇ شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقى ۋە باغلىنىشچانلىقىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەيدۇ. شېئىر قانۇنىيەتلىك تەكرارلىنىدىغان بوغۇم  ( رىتىم ) ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغان شېئىرىي مۇددىئا، ھېسسىيات ۋە بەدىئىي مۇھىتنى بىۋاسىتە تەسىرچانلىققا، ھاياجانلىققا ۋە مايىلچانلىققا ئىگە قىلىدۇ. ئارۇز ۋەزىنلىك، بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلاردىلا ئەمەس، بەلكى چاچما شەكىللىك شېئىرلاردىمۇ مۇئەييەن قانۇنىيەتلىك بوغۇم  ( رىتىم ) مەسىلىسى مەۋجۇت.
     
    شېئىردا شەكىل ۋە بوغۇم  ( رىتىم ) مۇقىملاشقاندىن كېيىن، بوغۇم  ( رىتىم )نىڭ ئىزچىل بولۇشى شېئىرنىڭ بەدىئىيلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالقىلىق مەسىلە ھېسابلىنىدۇ، ياش ھەۋەسكارلارنىڭ شېئىرلىرىدا بوغۇم  ( رىتىم ) ئۆلچەملىك، قانۇنىيەتلىك ۋە ئىزچىل بولماسلىق ئەھۋالى بىرقەدەر گەۋدىلىك ھالدا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ھەتتا قەلىمى خېلى پىشقان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىمۇ بەزىدە بوغۇم  ( رىتىم ) ئۆلچەملىك، ئىزچىل بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال تەھرىرلىك خىزمىتىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. مۇشۇ خىل يېتەرسىزلىك تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ئاپتورلارنىڭ شېئىرلىرى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، مەيلى قايسى خىل شەكىلدە يېزىلغان شېئىر بولسۇن، چوقۇم بوغۇم  ( رىتىم ) مەسىلىسىگە سەل قارالماسلىقى كېرەك. يېتۈك كىلاسسىك شائىر ئەلىشىر نەۋايى شېئىرلىرىنىڭ بوغۇم  ( رىتىم ) ى ئۆلچەملىك، قانۇنىيەتلىك ۋە ئىزچىل بولۇشتا نەمۇنىلىك خاراكتېرگە ئىگە بولغاچقا، ئالتە ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە يۈكسەك ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە.
     
    يارۇتماس قۇياش تىرە شامىم قاراسى،
    كى بۇ شام ئېتەر تىرە ئانىڭ زىياسىن.
     
    ئاچار شاھ ئۆزى بەند قىلغاننى لېكىن،
    خەلاس ئەيلەي ئالماس ئۆزى مۇپتەلاسىن.
     
    گەر ئەييوپ سەبىر ئەتتى تۈرلۈك بەلادا،
    ۋەلى كۆرمەدى ھەجىر شامىن بەلاسىن.
     
    بۇلۇت بولدى ئاھىمكى، ئول ئاينى ياپقاي
    ئولۇستىن، قىلىپ تىرە ئىشقى ھەۋاسىن.
     
    دىرەم ئورنىغە بەرسەڭ ئەنجۈمنى تاشلار،
    ئەگەر ئىمتىھان قىلساڭ ئول ئاي گەداسىن.
     
    قانى رايى مۇندىن سەۋاب، ئەي كۈڭۈلكىم،
    كىشى قابىل ئۆلسە بىلىپ ئۆز خەتاسىن.
     
    نەۋايى ئىرۇر بۇلبۇلۇڭ، لېكىن، ئەي گۈل،
    ئۇنۇتتۇردى ھىجرىڭ خەزانى نەۋاسىن.
     
     ( ئەلىشىر نەۋايى «غەزەللەر» 517-بەت ).
     
    ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان بۇ غەزىلى باشتىن – ئاخىر 12 بوغۇم ئۆلچىمىدە يېزىلغان بولۇپ، 15-ئەسىردىكى خۇراسان دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ھۈسەيىن بايقارا ئوردىسىدا، ئۆزىنىڭ باش ۋەزىرلىكتىن ئىبارەت ھەم جاپالىق ھەم شۆھرەتلىك ۋەزىپىنى جان پىدالىق بىلەن ئىشلىسىمۇ، مۇناسىپ قوللاش ۋە ئەتىۋارلاشقا ئىگە بولالماي، ئەكسىچە ئوردىدىكى ئايرىم رىياكار ۋەزىر – ۋۇزرالارنىڭ پىتنىسى تۈپەيلى ئۇۋالچىلىققا قالغانلىقى، پادىشاھنىڭ ئادىل بولمىغانلىقى تۈپەيلى ئۇنىڭدىن ئازار يېگەنلىكى، كۆڭلى قاتتىق رەنجىگەنلىكى ناھايىتى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئىپادىلەنگەن. شېئىرنىڭ ۋەزنى شۇنچە پاساھەتلىك ھەم كۈچلۈك ئاھاڭدارلىققا ئىگە قىلىنغان.
     
    5. تۇراق
     
    شېئىر مىسرالىرىدىكى بوغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە گۇرۇپپىلىنىشى تۇراق دېيىلىدۇ. ئۇ شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، مسىرا ئارىلىقىدىكى قانۇنىيەتلىك توختاش  ( پائۇزا ) دېمەكتۇر. تۇراقنى مۇددىئا يىپىغا رەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن ھېكمەت ئۈنچىلىرىگە ئوخشىتىش مۇمكىن. شېئىر مىسرالىرىنى شەكىللەندۈرگۈچى تۇراقلار، گۇرۇپپىلاشقان سۆز تۈركۈملىرىنىڭ ئاز – كۆپلىكىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. يەنى شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى تۇراقلارنىڭ قانچىلىك بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ، مەيلى قايسى خىل شەكىلدە يېزىلغان شېئىر بولسۇن، تۇراق ئۆلچىمى باشتىن – ئاخىر ئوخشاش بولىدۇ. مىسرالاردا تەكرارلانغۇچى تۇراقلارمۇ ئۆزئارا گۇرۇپپىلىشىپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ تۇرىدۇ. مىسرالارنى ئىككىگە بۆلگۈچى تۇراق ئادەتتە باشقا تۇراقلاردىن ئېنىقراق ئاڭلىنىدۇ ۋە مىسرالارنىڭ رىتىمىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئەگەر مىسرالاردىكى تۇراقلار ئۆلچىمى بىر – بىرىگە تەڭ بولسىمۇ، تۇراقلار ئۆزئارا ماس كەلمىسە، شېئىردىكى ئاھاڭمۇ بۇزۇلىدۇ. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلاردا سۆزلەر ۋەزىن ئېتىبارى بىلەن بوغۇملارغا پارچىلىنىپ تۇراقلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلاردا بولسا، تۇراقلار سۆزلەملەرنىڭ مەنەسىنى ئاساس قىلىپ شەكىللىنىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «قەشقەر قىزى» ماۋزۇلۇق شېئىرىنى بۇ جەھەتتە بىر ئۆرنەك دېيىشكە بولىدۇ. غەزەل شەكلىدە يېزىلغان بۇ شېئىرنىڭ باشلانما مىسرالىرى مۇنداق يېزىلغان:
     
    ئاي جامالىڭنى كۆرۈپ، ئاينىڭ قىزىكەنغۇ دېدىم،
    نۇر چېچىپ تۇرسا يۈزۈڭ، كۈننىڭ ئۆزىكەنغۇ دېدىم.
     
    بۇ شېئىردىكى مىسرالار باشتىن – ئاخىر 15 بوغۇم ئۆلچىمىدە يېزىلغان بولۇپ، تۇراقلار باشتىن – ئاخىر ئوخشاش ئۆلچەمدە داۋاملاشتۇرۇلۇپ، شېئىرنىڭ بەدىئىيلىكى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈلگەن. بۇ شېئىرنى شېئىرىي مۇددىئا جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى بەدىئىيلىك جەھەتتىمۇ كامالەتكە يەتكەن ئۆرنەك ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ.
     
    «قەشقەر» ژۇرنىلىغا ئەۋەتىلگەن نەزمىي ئەسەرلەر ئىچىدىن مەلۇم بىر ئاپتورنىڭ «چوغدان قىلۇر» ماۋزۇلۇق شېئىرىغا قاراپ باقايلى: بۇ شېئىرنىڭ ئىككىنچى كۇبلېتى مۇنداق يېزىلغان:
     
    ئاھ نىتەي ھىجرىڭ ماڭا بەردى زەھەر،
    يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ كۆزلىرىم خۇنى پۈتەر،
    ئىزلىرىڭنى تاپمايىن يۈرىكىم قان – ياش تۆكەر،
    ساڭا تەشنا يۈرىكىم چۆل كەبى پەرياد قىلۇر.
     
    مۇخەممەس شەكلىدە يېزىلغان بۇ شېئىردا تۇراقلار گۇرۇپپىسىدا ئېگىز – پەسلىك بار بولۇپ، ئەستايىدىل ئوقۇغاندا ۋەزىن جەھەتتە تازا راۋان ئەمەسلىكى سېزىلىدۇ. يۇقىرىقى كۇبلېتتا تۇراقلاردىكى سۆزلەرنىڭ بوغۇم سانى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، بىرىنچى مىسرا 11 بوغۇم، ئىككىنچى مىسرا 15 بوغۇم، ئۈچىنچى مىسرادىن بەشىنچى مىسراغىچە 14 بوغۇمدىن تەركىب تاپقان. مۇشۇ بىر كۇبلېتتىلا ئەمەس، بەلكى شېئىردىكى بەش كۇبلېتنىڭ ھەممىسىدە تۇراقلار گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆلچەملىك ۋە ئىزچىل بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. شۇڭا، بوغۇم ۋە تۇراقلارنىڭ ئۆلچەملىك بولماسلىقى بۇ شېئىرنىڭ بەدىئىيلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە نۇقسان يەتكۈزگەن.
     
    ئىككىنچى، ئوبرازلىق تەپەككۇر.
     
    ئوبرازلىق تەپەككۇرنى كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشنىڭ قانىتىغا سىمۋول قىلىش مۇمكىن. شېئىر ئىجادىيىتىدە كۈچلۈك ھېسسىيات، مول رەڭدارلىققا ئىگە شېئىرىي مۇھىت ۋە ئاكتىۋال شېئىرىي مۇددىئانى ئىپادىلەش ئوبرازلىق تەپەككۇرغا تايىنىش ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر كىشىلىك ھايات ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. ئۇ، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىلىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر ئارقىلىق خام ماتېرىياللارغا قارىتا تاللاش، ئۆزگەرتىش ۋە گەۋدىلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ بەدىئىي ئوبراز يارىتىلىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇرسىز ئۇرغۇپ تۇرغان قايناق ھېسسىياتقا تولغان ھەقىقىي شېئىرنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس، نۇرغۇن ياش شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىجادىيىتىدە دەل مۇشۇ ئوبرازلىق تەپەككۇر كەمچىل. ئوبرازلىق تەپەككۇرسىز يېزىلغان شېئىرلارنى ئادەتتىكى جۈملە شەكلىگە كەلتۈرسىلا ئۇلارنىڭ شېئىر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەنلىكى مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ قالىدۇ، چاسا شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن مۇنداق قاپىيەلىك سۆزلەر تۈركۈمىنى تەھرىرلەپ، ئىش قوشۇپ ھەقىقىي شېئىر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ھەقىقەتەن باش قاتۇرىدىغان ئىش. بىز ئوبرازلىق تەپەككۇر ۋاسىتىسىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا قانداق ئىپادىلەنگەنلىكىگە قاراپ باقايلى:
     
    ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ،
    ئەرسىز ئاژۇن قالدىمۇ،
    ئۆزلەك ئۆچىن ئالدىمۇ،
    ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر.
     
    خاقان ئەفراسىياپ ئۆلدىمۇ؟ بىۋاپا دۇنيا ئۇنىڭدىن قۇتۇلدىمۇ؟ پەلەك ئۇنىڭدىن ئۆچىنى ئالدىمۇ؟ ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچۈن زامانغا نەپرەتلىنىپ، يۈرەكلەر پارە – پارە بولماقتا.
     
     ( «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم، 59-بەت )
     
    ھاۋانى تۇمان باستى،
    ئاينى كۆرگەلى بولماس.
    كۆڭلۈمگە گۇمان چۈشتى،
    يارنى سۆيگەلى بولماس.
     
     
     
    ھاۋادىكى لاچىننى،
    تور بىلەن تۇتاي دەيمەن.
    كۆڭلۈمدىكى يار بولسا،
    سۇ بىلەن يۇتاي دەيمەن.
     
     
    − گوننار ياررىڭ  ( شىۋېتسىيە ) : «ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى»، 115-بەت.
     
    يۇقىرىقى كىلاسسىك خەلق قوشاقلىرىدا ئوبرازلىق تەپەككۇردىن ئىبارەت بەدىئىي ۋاسىتىنىڭ ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە نەزەر سالساقمۇ، ئوبرازلىق تەپەككۇر ۋاسىتىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلانغانلىقى ۋە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز:
     
    … …
     
    ۋە لېكىن ۋەتىنىم سەن باشقا دۇنيا،
    مېھرىڭدىن تاشقىمۇ بەردىڭ سەن سەزگۈ.
    مەن سېنىڭ پەرۋانەڭ، ئورناتتىڭ ئۆزۈڭ،
    ئالمىدەك يۈرەككە ئالەمچە سۆيگۈ.
     
     ( ئوسمانجان ساۋۇت: «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ»، 9-بەت ).
     
    بۇ شېئىردىكى «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، ئوقۇرمەنگە جۇشقۇن، يېقىملىق ۋە چىن ھېسسىيات ئاتا قىلىدۇ. ئەمدى يېتۈك ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئارۇز ۋەزىنىنىڭ بەھرى رەمەل شەكلىدە يېزىلغان تۆۋەندىكى بىر كۇبلېت رۇبائىسى بىلەن سۆزىمىزنى تۈگەللەيمىز:
     
    تۇرىدۇ قورقۇنچ سېلىپ، تەنھا ھەشەمەتلىك تېرەك،
    شاخلىرى گويا دىۋە ئەلپازىدىن بېرىپ دېرەك…
    يۈزلىگەن شاپتۇل، ئاناردىن، ئاشسىمۇ گەر ھەيۋىتى،
    ئىچى پور بولغاچ ئوتۇندىن ئۆزگىگە بولماس كېرەك.
     
     ( ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «رۇبائىيات» 08-بەت )
     
    بۇ رۇبائىيدىكى شاپتۇل، ئانارلار ئارقىلىق مەرىپەتلىك، ئىلىم سۆيەر ئادەملەر ئوبرازى، ھەشەمەتلىك پور تېرەك ئارقىلىق مەرىپەتسىز، نادان ئادەملەر ئوبرازى يارىتىلغان بولۇپ، ئوبرازلىق تەپەككۇر ۋايىغا يەتكۈزۈلگەن. بۇ رۇبائىي ئوقۇغان ئادەمگە بىر خىل ھەققانىيەت تۇيغۇسى ۋە ھېكمەت سوۋغىسى ئاتا قىلىدۇ.
     
    شېئىرنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم ئامىللارنى ئۆگىنىش ۋە ئىگەللەشتە ئۇنى شېئىر ئەمەلىيىتىگە تەدبىقلاش تېخىمۇ مۇھىم. مەن بەزى ياش ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكىنىمدە، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىگە ئانچە ئىتبار بەرمىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن ئۇلارغا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان شېئىرلار فۇرقەتنىڭ «سەيدىڭ قۇيابىر سەيياد»، ئەھمەت شا قارىقاشنىڭ «نەزەر مۇپتىغا خەت»، نىم شىھېتنىڭ «بىلىم ئىشقىدا»، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز»، تىيىپچان ئىليىۋنىڭ «ۋالاقتەككۇرنىڭ ئۆلۈمى»،«ۋەتەن ھەققىدە غەزەل» ، «يۇخۇاتەيگە زىيارەت»، ئەلقەم ئەختەمنىڭ «تاڭ ئاتقاندا»، مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائىنىڭ «ئېيتقىنا قەشقەر» قاتارلىقلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، بۇ شېئىرلار ياش ۋاقىتىمدا سۆيۈپ ئوقۇغان ۋە پىششىق يادقا ئالغانلىقىمنى بۇ شېئىرلارنىڭ تەسىرىدە، شېئىرىيەت قاينىمىغا كىرىپ قالغانلىقىمنى سۆزلەپ بەرگىنىمدە، ئۇلار شېئىر يادقا ئېلىش، ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش ھەققىقەتەن مۇھىم ئىكەن، دېيىشتى.
     
     دېمەك شېئىرىي ئىجادىيەت مېتودىنى ئىگەلەش ۋە ئۆستۈرۈشتە، شېئىرنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم ئامىللارنى پىششىق ئىگەللەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىلاسسىك شېئىرلار، خەلق قوشاقلىرى ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى شېئىرلار ئىچىدىكى نادىر ئۆرنەك شېئىرلارنى تاللاپ، ئۆگىنىش ۋە يادقا ئېلىش كېرەك. قانچىلىك كۆپ يادقا بىلسە شۇنچە ياخشى. مۇنداق قىلغاندا بىرىنچىدىن، سۆز بايلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىپادىلەش مېتودىنى تېز ئۆستۈرگىلى، ئىككىنچىدىن، ئۆزى يېزىۋاتقان شېئىرنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى ھەم شۇ ئەسەرنىڭ بالاغىتىنى توغرا مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش دېگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە.
     
    دېمەك، شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر ئۆز – ئارا ئورگانىك ھالدا زىچ بىرىكىپ، بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر – بىرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە بىر – بىرىنى شەرت قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق بىر پۈتۈن ئۆلچەملىك شېئىرنى شەكىللەندۇرىدۇ.ھەقىقى بالاغەتكە يەتكەن شېئىرنى مەنىۋىيەت ئاسمانىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان گۇل تاجلىق،تالماس قاناتلىق ،رەڭدار لىباسلىق، مەڭگۇ قېرىمايدىغان قېقىنۇس قۇشىغا سىمىۋول قىلىش مۇۋاپىقتۇر.   
     
    يۇقىرىقىلار مېنىڭ 2001-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان توپ – توغرا 10 يىل جەرياندا، «قەشقەر»(قەشقەر ئەدەبىياتى) ژۇرنىلىنىڭ 60 سان ئاخىرقى ئارگىنالىنى بېكىتىش ۋەزىپىسىنى ئىشلەش جەريانىدا، دۇچ كەلگەن، ھېس قىلغان مەسىلە ۋە تەجرىبىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ،  ( بەزى ئاچچىق ساۋاقلارمۇ بار، ئەلۋەتتە ) پەقەت شېئىرىي ئىجادىيەتتىكى ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىش ئاساسىدا يەكۈنلەپ چىققان تەسىراتلىرىمدىن ئىبارەت.
     
     
    ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
    پايدىلانمىلار:
    1.ئۆمەر ئوسمان: «يېزىقچىلىق بىلىملىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1985 – يىل نەشرى.
    2. ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن: «ئۇيغۇر شېئىرىيتى توغرىسىدا»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1982 – يىل نەشرى.
    3. ئابدۇللا سۇلايمان: «يېزىقچىلىق بىلىملىرىدىن 636 سوئال – جاۋاب»،قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1989 – يىل نەشرى.
    4. مەمەتئىلى قادىر: «ئەدەبىيات نەزەرىيەسىدىكى ئاتالغۇلارغا ئىزاھات» قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىسىتتۇتى 1981 – يىل باسمىسى 
    5. خۇڭ باڭچۈەن: «شېئىرىيەت سەنئىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش» گۇيجۇ خەلق نەشرىياتى، 1986 – يىل نەشرى  ( خەنزۇچە )
     
    «قەشقەر» ژۇرنىلى نىڭ 2011-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى.
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.