تاھىر ھامۇتنىڭ كىتابى ۋە باشقىلار (Hello Life)

يوللىغۇچى : ilterish يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-10 16:02:00

تاھىر ھامۇتنىڭ كىتابى ۋە باشقىلار ئاپتورى: سالام ھايات (Hello Life) مەن "ئىزدىنىش"نى كۆرگەندىن بېرى پات-پات تاھىر ھامۇتنىڭ گېپى بولۇپ قالاتتى. كېيىن ئۆزى كىردى، شېئىرلار يوللىدى. لېكىن كۆپلىگەن كى...

    تاھىر ھامۇتنىڭ كىتابى ۋە باشقىلار
    ئاپتورى: سالام ھايات (Hello Life)

        مەن "ئىزدىنىش"نى كۆرگەندىن بېرى پات-پات تاھىر ھامۇتنىڭ گېپى بولۇپ قالاتتى. كېيىن ئۆزى كىردى، شېئىرلار يوللىدى. لېكىن كۆپلىگەن كىشىلەر تاھىر ھامۇتنىڭ زادى كىملىكىنى ئانچە بىلمەيدۇ، مەنمۇ تولۇق بىلمەيمەن ھەم بىلسەممۇ بۇ يەردە دەپ ئولتۇرمايمەن. لېكىن ئۇزۇندىن بېرى ئۇنىڭ كىتابى ھەققىدە بىر نېمە دېگۈم بار ئىدى، دېيەلمىدىم، "ئىزدىنىش"تە بولسىمۇ دېگۈم بار ئىدى. دېيەلمىدىم.
        تاھىر ھامۇت، مەمتىمىن ئەلا، داۋۇت ئوبۇلقاسىم ... قاتارلىق بىر نەچچەيلەننىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە توختالغۇم بارتى، لېكىن قىلالمىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى، بىرى، سەۋىيەم يەتمەيدۇ. يەنە بىرى، مەن ئوبزور خاراكتېرلىك ماقالىلارنىڭ قېلىپىغا ماسلىشالمايمەن. كىچىكىمدىن "تارىم"ژۇرنىلىدىكى "مۇھاكىمە ۋە تەقرىز"نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەچكە، چوقۇم شۇنىڭدەك بولۇش كېرەكتەك تۇيۇلىدىكەن. ئۈچىنچى بىر سەۋەب، مەن كىتاب ئوقۇسام تەسىرى قالىدۇ، لېكىن ھېچقانداق بىر كونكىرىت مەزمۇن، جۈملە يادىمدا قالمايدۇ، شۇڭا ماقالىلاردا ئۇنى نەقىل ئالالمايدىكەنمەن، كەمبەغەل بولغاچقا نەقىلگە لازىم بولغۇدەك بىرمۇنچە كىتابلىرىم يوق. شۇڭا نەچچە يىلدىن بېرى يازىمەن دېگەنى يازالماي كەلدىم. بۈگۈن "ئىزدىنىش"تىن تاھىر ھامۇتنىڭ شېئىرلىرىنى كۆچۈرۈۋېلىپ، ئۆيدە كۆردۈم. ئۇنىڭدىكى بەزى ئىنكاسلار مېنى يېزىشقا مەجبۇر قىلدى.
        تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم «بىلىمسىز بولساڭمۇ، باشقىلارنىڭ ئەجرىگە بولغان لىللا بىر باھايىڭ، ھۆرمىتىڭنىمۇ بىلدۈرەلمەمسەن؟». تاھىر ھامۇتنى مەن ئۈرۈمچىدە كۆرگەن. مەن بىرەيلەنگە قويۇلۇپ كەتكەن، پۇلۇمنى ئېلىش كويىدا ئىدىم. تاھىر ھامۇت بۇ ئىشقا غەزەبلەندى، پات-پات ئەھۋال سوراپ تۇردى. ئۇ چاغدا ئۇ بىر خالتا كۆتۈرۈۋاپتىكەن. ئىچىدە مىڭ بەتلىك ئارگىنال باركەن. كېيىن ئۇ مەندىن: "ئۇكام، بىرەر نەشرىيات سودىگىرىنى تونۇمسىز؟" دەپ سورىدى. مەن :"بىرەيلەننى تونۇيمەن، لېكىن ئۇ دىنىي كىتابقىلا مەبلەغ سالىدۇ" دېدىم. "باشقا ئامالىنى قىلارمەن" دېدى. بۇ ئىشقا ياردەم بېرەلمىگىنىمدىن سەل كۆڭلۈم يېرىم بولدى. كېيىن قويمىچىدىن پۇلۇمنى ئالدىم ۋە بىر كومپيۇتېر سېتىۋالدىم ۋە ئۇنىڭغا "كىتابىڭىزنى مەن ئۇرۇپ بېرەي" دېدىم. ئۇ رەھمەت ئېيتىپ رەت قىلدى. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۇ چاغدا كومپيۇتېرنى تۇنجى قېتىم بەش مىنۇتتىن ئارتۇق تۇتۇپ بېقىشىم ئىدى. مەن خەتنى قانداق ئۇرىدىغانلىقى، نېمىدە ئۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم، پەقەت شۇنداق بىر قىزغىنلىقلا بارتى.
        كېيىن باشقىلاردىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم. قەرىز ئېلىپ نەشر قىلغانلىقىنى ئېيتتى. كىتاب  «غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى» دىگەن نامدا نەشردىن چىقتى. مەمتىمىن ئەلا تەھرىرلىك قىپتۇ. تەھرىرلىك، كوررىكتورلۇقمۇ بەك پاكىز بولغانىدى. كېيىن تاھىر ھامۇتنى كەپتۇ دەپ ئاڭلىدىم. ئالدىغا چىقتۇق. قىزغىنلىق ئىچىدە ئۇنى بىر قېتىملىق لېكسىيە، سۆھبەتكە تەكلىپ قىلدۇق. باشقا بىر مەكتەپنىڭ سىنىپىدا لېكسىيە بولدى. دەرۋازا بېقىۋاتقان ئايال «ئەدەبىيات ھەققىدە سۆھبەتمۇ؟ ۋاي ئېسىت، مەنمۇ قاتنىشاتتىم، ئەدەبىياتقا ئامراقتىم، لېكىن مەن بۈگۈن نۆۋەتچىكەنمەن» دەپ قالدى. ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمەيمەن، لېكىن بۇ گەپ ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمدە.
       لېكسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى. بەزى سۇئاللار سورالدى. مەيداندىكىلەر نېشىنى كۆپ چېكىۋەتكەن ياكى كەندىر يېغىدا سالغان قۇيماقنى جىق يەۋەتكەندەك خارامۇش ئولتۇراتتۇق. كۆپ قىسىملارنىڭ كاللىسىدا تاھىر ھامۇت سۆزلەۋاتقان مەزمۇنلارغا نىسبەتەن بىرەر ئىدىيىۋي تەييارلىق يوق ئىدى. سۇئالمۇ يوق ئىدى. ھەر ھالدا سۇئال قوزغاتقانمۇ بولدۇم. لېكىن ھەممەيلەن خۇشال قايتتۇق. ئاخىرىدا مەن تاھىر ھامۇتنىڭ كىتابىنى ساتتىم، ئۇ ئىمزا قويۇپ بەردى. ئۇ ماڭا سوۋغا قىلغان كىتابقا «ھۆرمەتلىك ئىنىم، سىزنى قاتتىق جەلپ قىلغان گەپ-سۆزلەرگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ» دەپ يېزىپ بەردى.
       شۇنىڭدىن سەل ئاۋۋال ھېلىقى قويمىچى پۇلنىلا قويۇپلا قالماي، بەلكى ئىدىيىنىمۇ قاتتىق زەھەرلىگەنىدى. تاھىر ھامۇت مانا موشۇ بىر مەزگىللىك ئىشلارنى كۆزدە تۇتۇپ ماڭا شۇنداق يازغان بولسا كېرەك. مەنمۇ كىتاب تۈزۈپ باققان. بۇ تەس ئىش. تۈزۈلگەن كىتابلاردا كىشىنى ئەڭ قىينايدىغان مەسىلە - كىتابنىڭ سىستېمىسىنى قانداق تۇرغۇزۇش. يەنى، نېمىنى باشتا دېيىش، نېمىنى ئۇنىڭدىن كېيىن دېيىش... دېگەندەك. بۇنىڭ تەييار قېلىپى دائىملا ئۇچراپ تۇرمايدۇ. سىزنىڭ ئالدىڭىزدا مانچە تىلدىكى مانچە ئون پارچە كىتاب بار، يەنە نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ ئۇچۇر كاللىدا قاچىلاغلىق. مانا موشۇلارنى قانداق قىلىپ بىر كىتابقا رەتلىك سىغداشنىڭ ئۆزى بەك تەس ئىش! ئەڭ مۇھىمى بىر ئادەم "ماۋۇنى باشتا ، ماۋۇنى ئۇنىڭدىن كېيىن يازاي" دېگەن بىر ھۆكۈمگە كەلگۈچە بەك ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ۋاقىت- ئۇنىڭ پۈتكۈل تەربىيىلىنىش، ئىزدىنىش مۇساپىلىرىغا سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر مەندىن "خىزمىتىڭ تەسمۇ؟" دەپ سورايدۇ. نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەيمەن. چۈنكى بۇ خىزمەت ئەسلى تەس، لېكىن ماڭا نىسبەتەن پەقەت تەس ئەمەس، لېكىن موشۇ "تەس ئەمەس" دېگەن گەپنى قىلىش ئۈچۈن مەن 17 يىل تىرىشتىم، مېنىڭ بۇنداق ئاسان قىلالىشىم مېنىڭ 17 يىللىق جاپالىق -جاپاسىز تىرىشىشلىرىمدىن كەلگەن. مانا بۇنىڭ ئۆزى- كەسىپ.  بۇنى خەققە چۈشەندۈرۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.
        قىسقىسى، مەن تاھىر ھامۇتنىڭ كىتابىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ھەر قانچە ئويلاپمۇ موشۇنداق بىر كىتابنىڭ بىرەر بابىنىمۇ تۈزەلەيدىغىنىمغا زادىلا ئىشىنەلمىدىم. يەنە كېلىپ «غەرب مۇدېرنىزم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى» دېگەن ئۇقۇمنىڭ بىر سىستېمىسى ئەمەس، شۇ ئۇقۇمنىڭ دائىرىسىمۇ كاللامدا ئېنىق ئەمەس ئىدى. بۇ كىتاب ئاز دېگەندىمۇ 4-5 يۈز پارچە ئەسەرگە چېتىلاتتى، موشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇمىغان تەقدىردىمۇ ئاز دېگەندە بىرەر يۈز پارچە ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بىلەن بولسىمۇ تونۇشقاندا ئاندىن بىر نېمە دەپ تىل چاينىغىلى بولاتتى، يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرچە ئەمەس.
       مانا موشۇنداق جاپالىق ئەمگەك بەدىلىگە تۈزۈلگەن كىتاب ئەدەبىياتخۇمار ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا 3 مىڭ پارچە سېتىلماپتۇ. بىر نەچچە يىل بۇرۇن سورىسام "ئۆيگە بېسىپ قويدۇم، قەرىز تېخى گەدەندە" دېگەنىدى ئۇ.
        بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۆزھالدىن سورىسام "يەنە مىڭ پارچە باركەن" دېدى. بۇ ھەممەيلەن چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك بىر كىتابمۇ ئەمەس، لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ كىتاپئەدەبىيات سېپىدىكى ھەر بىر كىشىدە ھەر بىر زىيالىدا بولۇشقا تېگىشلىك بىر كىتاب ئىدى. بىزدە ئاز دېگەندە 5 مىڭ كىشى مەتبۇئاتلارغا ئەسەر ئەۋەتىشى مۇمكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ئەدەبىياتچى، ھېچ بولمىسا ئەدەبىيات ھەۋەسكارى دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئارىدا ھېچكىممۇ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرمەيلى» دېگەن گەپنى قىلمايدۇ. دۇنياغا يۈزلىنىش دېگەن بەك چوڭ گەپ! بۇ گەپنى قويۇپ تۇرۇپ، دۇنيانى، دۇنيا ئەدەبىياتىنى چۈشىنىش ھەققىدىلا ئېغىز ئاچساقمۇ، بىر ئەدەبىياتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن غەرب ئەدەبياتى بىز بىلىشكە تېگىشلىك بىر ئەدەبىيات ئىدى. ئەگەر بىز غەربنى، غەرب ئەدەبىياتنى بىر دۈشمەن سۈپىتىدە كۆرگەن تەقدىردىمۇ، دۈشمەننىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى، ھىيلە-مىكىرلىرىنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەك ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم تاھىر ھامۇتنىڭ كىتابىغا مۇراجەت قىلىشنىڭ ئورنى يوق، لېكىن ئۇيغۇرلاردا تېخى بۇ ساھەدە ئۇنىڭ كىتابىدىن باشقا كىتابمۇ يوق!
        تاھىر ھامۇتنىڭ "ئۆيگە بېسىغلىق تۇرىدۇ" دېگەندىكى ھالىتى ماڭا بەك تەسىر قىلدى. ھارغىنلىق، ئۈمىدسىزلىك چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئۆز ئەجرىگە لايىق بىر نەرسىگە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، ئەكىسچە بىرمۇنچە يۈكنى يۈكلىۋالغانىدى. دەرۋەقە، داۋۇت ئوبۇلقاسىممۇ بىر مۇنچە ئىلمىي ئەمگەكلەردىن كېيىن قاتتىق ھارغىنلىق ئىچىدە "قانداق قىلىش كېرەك" دېدى، لېكىن زادى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمىدى. كىتابلىرىمۇ تۈزۈك سېتىلمىدى. داۋۇت ئوبۇلقاسىم تەييارلىغان، ھەممەيلەن ئېغىزىغا لىققىدە ئالىدىغان ئىبىن سىنانىڭ "ئەلقانۇن فىت تىب"مۇ كىتابخانىلاردا توپا بېسىپ يېتىپتۇ. تاھىر ھامۇتمۇ كىتابىنى "1-قىسىم" دەپ ئاتىغانىدى، كېيىنكى قىسىملىرى يوق. بەزىلەر مەندىن "2- قىسمىنى قاچان يازىدۇ؟" دەپ سورىدى. مەن "يازمايدۇ، پۇل يوق" دەپلا جاۋاب بەردىم.
        مەيلى بۇ ئەمگەكلەر قانچلىك قىممەتكە ئىگە بولمىسۇن، ئىشقىلىپ ئەجىرلەر تېگىشلىك جاۋابلارغا ئېرىشەلمىدى. مانا بۇ- بىزنىڭ ئىزدىنىشچان زىيالىيلىرىمىزنى ھارغۇزۇۋەتكەن، ئۈمىدسىز قىلىۋەتكەن، سەپرا قىلىۋەتكەن سەۋەبلەرنىڭ بىرى. يەنىلا موشۇ ساھەدىكىلەر بولسىمۇ بىر-بىرىمىزنىڭ قەدرىنى، ھۆرمىتىنى قىلىشمىساق بولمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن قەلەم تۇتقانلار يەنىلا جان بېقىشتىن ئىبارەت ئەقەللىي مەسىلىنىڭ ئالدىدا تەمتىرەپ قالدى. بەزىلەر يا كەسىپ ئۆزگەرتتى، يا يېزىقچىلىقنى ئاساسلىق كەسىپ قىلىمايدىغان بولدى. تاھىر ھامۇتمۇ شۇنداق. مەنغۇ ئېغى بىلەن بېغىنىڭ تايىنى يوق بىر ئادەم، لېكىن مەن جېنىمدا نۇرغۇن ئىشلارغا قورساق كۆپۈكى بولۇپ يۈرۈيمەن، بەلكىم باشقا نۇرغۇنلارمۇ شۇنداقتۇ.
        "ئىزدىنىش" تىكىلەرنىڭ نەسىھىتى بىلەن مەتبۇئاتلارغا ئەسەر ئەۋەتتىم. بۇ نەسىھەتلەر ئارىسىدا مېنى ئەڭ قايىل قىلغىنى نىجات قاتارلىقلارنىڭ "ئاداش، قەلەم ھەققىنى بولسىمۇ ئالغىن" دېگەن گېپى بولدى. مەن قانداقتۇر مىللەت ئۈچۈن ياكى باشقا بىرەر ئۇلۇغ غايە ئۈچۈن يېزىقچىلىق قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىمايمەن. سەۋەب بەك ئاددىي: بىرى،بۇ- مېنىڭ كەسپىم؛ ئىككىنچىسى، مېنىڭ ھازىرچە موشۇنىڭدىن باشقا قىلالايدىغان ئىشىممۇ يوق؛ ئۈچىنچىسى، مەن بۇ ئارقىلىق مەنپەئەتكە، خۇشاللىققا ئېرىشىشىم مۇمكىن. چوڭ گەپنى باسمىدى، سەۋەب بىرلا- "باسالمايمىز". تەرجىمىگە چۈشتۈم، چوڭراق مەزمۇننى يەنا باسمىدى. بىر نەرسىنى تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتسەم ئۇنى باسماي، باشقا بىركىمنىڭ نۇسخىسىنى بېسىپتۇ، يەنە كېلىپ جىق يەرلىرى خاتا. بىر ئاغىنەمدىن "نېمىشقا باسمايدىكەن، سوراپ باق" دېسەم، ئۇلار "بىز ئەسەرلەرنى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇپ بولغان، ھېلىقى ئاغىنىڭىزنىڭ تەرجىمىسى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بىز باشقىلارغا بېرىۋەتكەچكە شۇڭا ئۇنى ئىشلەتمىدۇق" دەپتۇ. "كىملەرگە ئۇيۇشتۇرىدىكەن؟" دېسەم، "ئۆزىنىڭ تونۇش-بىلىشلىرىگە" دەيدۇ. ئاچچىقىمدا ۋارقىرىۋەتتىم: "خەلقتىن ئالغان باجغا چىقىرىۋاتقان ژۇرنالنى ئەل-ئاغىنىلىرى بىلەن بۆلۈشىۋالىدىغانغا ئانىسىنىڭ ھەققى بارمىكەن ئۇ نېمىلەرنىڭ! ؟"
       بىزنىڭ گېپىمىزنى ئۇلار ئاڭلىمايدۇ. بۇ تار كوچا تېخىمۇ تارلىشىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشتىكى تۈكى يوق ئۇششاق-چۈششەك گەپلەر، پەن-تېخنىكا ساۋاتلىرى، دېھقانچىلىق ئۇچۇرلىرى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئەۋەتتىم، ناھايىتى ئوبدان باسىدىغانلار باركەن. لېكىن يەنە ھېلىقى ئاغىنەم بىركۈنى مەست ھالدا: "ئاداش، پوبلىستىك ئەسەرلەرنى يازمىغىن، ئەدەبىي ئەسەر ياز، تەرجىمە قىل" دەپ نەسىھەت قىلىپ تېلېفون قىپتۇ. "تەرجىمىنى نەگە بېرىمەن؟ ئىش ھېلىقىدەك تۇرسا" دېسەم، "ئۇغۇ شۇ" دېدى ۋە "يىگانە ئادەم" دەك يازغىن، دېدى. بۇ ساھەدە ناھايىتى كۆپ ئۇچۇر توپلىغان بۇ دوستۇم ئابېرىت كامۇدىن كۈتكەن تەلەپنى قويۇۋاتاتتى. بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكىگە ئانچە ئىشەنمىسەممۇ، لېكىن كۆڭلۈمدە رەھمەت ئېيتتىم ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرى ھەققدە ئويلىنىپ قالدىم. لېكىن يىلان چاققان كىشى ئارغامچىدىنمۇ قورقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ "ئەل-ئاغىنىلەرنى ئىزدە، ئاز دېگەندە تۆت-بەشى ژۇرنالدا ئىشلەۋاتىدىغۇ" دەپ "ئەقىل" ئۆگەتتى. ھەيييييييي، ئەمدى بىزمۇ پاخاللاشتۇرامدۇق؟
       بۇرۇن مەن تاھىر ھامۇت بىلەن كۆرۈشمەستە باشقىلاردىن "تاھىر ھامۇت ئىچكىرىدە خەنزۇچە شېئىر يېزىپ 100 مەشھۇر شائىرنىڭ بىرى بوپ باھالىنىپتۇ" دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغانىدىم. بۇ راستمۇ؟ راست بولسا قايسى ئورگان باھالىغان؟ قانچىلىك دائىرىدە؟ مەن بۇلارنى بىلمەيمەن. كىشىلەر تور بەتلىرىگە ئامراق. بۇ يەردە ئەسەر ئېلان قىلغىلى بولىدۇ، قەلەم ھەققى يوق، لېكىن توك، تور ھەققى يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە زىيان بولىدۇ. لېكىن بۇ بىر خۇماركەن. بۈگۈن تاھىر ھامۇتنىڭ "ئىككى ئادەمنىڭ ئەپسانىسى" دېگەن شېئىرىنى ئوقۇدۇم. كاللامدا "چۈشىنىش" دېگەن ئۇقۇم ئېنىق ئەمەس، لېكىن مەن بۇنىڭدىن ئانچە قىينىلىپمۇ كەتمىدىم، ئۆزۈمنى دۆتلۈكتە ئەيىپلەپمۇ كەتمىدىم. چۈنكى بەزى شېئىرلارغا "چۈشىنىش" دېگەن ئۇقۇم ماس كېلىدۇ، بەزىلىرىگە پەقەت "ھېس قىلىش" ماس كېلىدۇ. مەن ھېس قىلغانىدىم. ئارقىدىن "يۇلغۇنجان" مۇنداق بىر ئىنكاسنى يېزىپتۇ: "مەن مۇنداق ئويغا كەپ قالدىم ، بولسا مۇشۇ ئۇسلۇپتا يېزىلىۋاتقان نەرسىلەرنى شېئىر دەپ ئاتىماي يېڭىچە بىر نام بەرسەڭلار بوپتىكەن، ماڭا ئوخشاش سەۋىيىسى تۆۋەنلەر بۇنى شېئىر قىلىپ ئوقۇيالماي، ماقالىدەك ئوقۇپ چۈشۈنەلمەيدىكەنمىز." دەرۋەقە، يۇلغۇنجاننىڭ چۈشىنەلمىگەنلىكى راست، ئۇ سەمىمىي گەپ قىپتۇ. مېنىڭچە بۇ كىشى بىر ئەمەلىيەتچىل ئادەم. لېكىن بۇنى زادى چۈشىنىش مۇھىم ئەمەس. چۈشەنمىسىمۇ بولىدۇ ياكى تاھىر ھامۇت ئېيتقاندەك :" بۇنداق " نەرسىلەر " نى ئوقۇپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ پەقەتلا زۆرىيىتى يوق". مېنىڭچە بۇ تەنە گەپ ئەمەس. شۇنداقلا مەن يەنە تاھىر ھامۇتنىڭ "پروكايىن ئوكۇلى"، "ھېيتكاھ ئالدىدا سېتىلىدىغان پارچە نېشە" دېگەن سۆزلەرنى نېمىشقا شېئىر ئىچىدە يازغانلىقىنى چۈشەنمەيمەن. لېكىن مەن تاھىر ھامۇتنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىدىن چىقىش قىلىپ، بۇ سۆزلەرنىڭ بىھۇدە قوشۇلغان دەپمۇ قارىمايمەن.
        مېنىڭچە شېئىرنى بۇخىل يېزىش بىزگە نىسبەتەن بىر يېڭىلىق بولسا كېرەك. نېمىلا بولمىسۇن، بىز تېخى تۈنۈگۈنلا "ئۇلۇغ پرولىتارىيات مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى"نى ئۇزاتتۇق. تاكى مىڭ يىللارغىچە تەتقىق قىلىشقا، تاشلارغا ئويۇپ يوللارغا قاداپ قويۇشقا تېگىشلىك بۇ ئىنقىلاب بىزگە ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە ھۆرمەت قىلىش، ھېچ بولمىسا سۈكۈت قىلىشنى بىر خىل جىنايەت سۈپىتىدە مەجبۇرىي تاڭدى. بۇ خىل تېڭىلىش تاكى كېيىنكى ئەسىرگىچە ئۆز تەسىرىنى يوقاتماسلىقى مۇمكىن. يۇلغۇنجان ھەققىدىكى گەپ باياتىن تۈگىدى. خۇلاسسىمىز : ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوخشىمىغان زوقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك، شۇنداقلا ئەدىبلەرنىڭ ھەرخىل يېزىش ئۇسۇللىرىغىمۇ ھۆرمەت قىلىش كېرەك. بۇ ئارىدا كېلىشەلمىگۈدەك ئىش يوق. كىشىلەر نېمىشقا ھەرخىل يازدىدۇ؟ نېمىشقا چۈشىنىكسىز سۆز -ئاتالغۇلار دائىملا يولۇقۇپ تۇرىدۇ؟ بۇ گەپنى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىدىن سورىغان ياخشى. چۈنكى ھەركىمنىڭ خىيالى ھەرخىل. بۇ يەردە بىز بۇنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلالىشىمىز مۇمكىن.
        ئۆتكەندە ئەكبەر داۋۇت تەنھا تېلېفون قىلىپ «ئۇكا، سىزدە بىر ئەسەر بار دەپ ئاڭلىدىم، شۇنى بىر نېمە قىلساق» دېدى. بۇ ئىشتىن رايىم قايتقان ئىدى. لېكىن ئويلىسام شۇ كىشى ئەدەبىياتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ مېنى ئىزدىگەنىدى. تەسىرلەندىم. شۇنىڭ بىلەن 6-قېتىم "قىرقىش"نى باشلىدىم. شۇ ئارىدا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم «ئاكا، دەۋىر بىزنى ماھارەت جەھەتتىن تاۋلاپ، ئىپادىلەشكە ئۇستا قىلىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ» دېۋىدىم، ئۇ كۈلۈپ كەتتى. ئۇمۇ شۇ خىيالىدىكەن.
        "تەڭرىتاغ"ژۇرنىلى بىر قاتار سۆھبەتلەرنى باشلاپتۇ. بۇ قېتىم قۇربان ياسىن بىلەن ئادىل مۇھەممەت تۇراننى زىيارەت قىپتۇ. بۇلارنىڭ ئالدىنقىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كېيىنكىسى ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى ئوقۇپ تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ئىككەيلەن شىنجاڭنىڭ ئىدىئولوگىيە نەشرىيات ئالدىنقى سېپىدىكى كوماندىرلار ھېسابلىنىدۇ. قۇربان ياسىننىڭ تېگى-تەكتىنى بىلمەيمەن. ئادىل تۇران تارىخ تەتقىقاتچىسى، تىرىشچان، بىلىم خۇمار ئادەم. بىز نېمىلا بولمىسۇن ئۆز رەھبەرلىرىمىزنى كۆزگە ئىلىشىمىز كېرەك! گەپلىرىنى ئىلىك ئېلىشىمىز كېرەك! "تەڭرىتاغ" ژۇرنىلى ياخشى قىلدى. بىز رەھبەرلىرىمىز بىلەن سەمىمىي مۇڭدىشالايمىز. قۇربان ياسىن پارتىيىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت فاڭجېىنى تەكىتلەپ، نېمىنى يېزىش، نېمىنى يازماسلىق ھەققىدە ئېنىق تەلەپلەرنى دېدى. ئادىل تۇران بۇنى دېيىشتىن سەل نېزىقاپ «بىزنىڭ ئەدبلىرىمىز پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ قەلەم تۇتقانلاردىن زادى نېمىلەرنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ»، «بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز نېمىنى يېزىش، نېمىنى يازماسلىقنى بەك ئوبدان بىلىدۇ!» دېدى.
        ئادىل تۇران زادى نېمىنى يازماسلىقنى دېمىگەن بولسىمۇ، لېكىن نېمىنى يېزىش كېرەكلىكىنى دېدى. ئۇ بەزى سۇئاللارغا خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلى ئەمەس، بەلكى موشۇ ساھەنىڭ ئادىمى بولغانلىقى ئۈچۈن جاۋاب بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. دەرۋەقە، يازغۇچىلىرىمىز بۇ تەلەپلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. كۆرەشچاندەك قاپاقباش مۇھەررىرلەرمۇ بارغانسىرى ئازلاپ كەتتى. ئادەملەر بەزىدە ئۆزىنىڭ قانداقتۇر بەزى ئىشلارنى كېلىشتۈرۈپ قىلغانلىقى تۈپەيلى ئەمەس، بەلكى دۆتلۈكى تۈپەيلىمۇ خەقنىڭ ئېغىزىدا "ۋاھ" بولۇپ قالىدۇ. بىز بىر ئادەمگە باھا بېرىشتە يەنىلا ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بىرەر تاساددىبىيلىقنى ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ئەمگىكىنى تارازىغا سالغىنىمىز ئەۋزەلرەك. گەپ دائىم قېيىپ كېتىپ تۇرىدۇ. تاھىر ھامۇتنىڭ شېئىرلىرىمۇ قېيىپ تۇرىدۇ. گەپنى بەك ئېنىق يازالايدىغانلار قازا قىلدى.
       رەھمەتلىك روزى سايىتنى ئىسمايىل ئەمەت ياخشى كۆرەتتىكەن، رەھمەتلىك زوردۇن سابىر مىجىت ناسىر بىلەن ئاغىنىكەن. بۇنداق كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان ئامەت ئەلۋەتتە ھەممىمىزگە نېسىپ بولىۋەرمەيدىكەن. گەرچە مەن بۇ يەردە يەنىلا "پروكايىن ئوكۇلى"نىڭ زادى قانداق نېمىلىكىنى بىلمىسەممۇ..... بىز باشلانغۇچتىن تارتىپ «مەركىزى ئىدىيىسى» ئېنىق بولغان ئەسەرلەرنى، جۈملىدىن شېئىرلارنى ئوقۇپ چوڭ بولغان. يەنە كېلىپ ئۇنىڭدىن «مەجبۇرىي چۈشىنىش» ھاسىل قىلمىساق بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل «چۈشىنىش»نىڭ قېلىپى بولاتتى. بىز تەربىيىلەنگەن ئەدەبىيات چۈشەنچىسى بويىچە بولغاندا، ھەرقانداق ئەسەردىن چوقۇم بىر چۈشىنىش ھاسىل قىلىش كېرەك ئىدى. مەن ئارقىدىن «تىمور» نىڭ بۇ شېئىر ھەققىدىكى تەھلىلىنى ئوقۇدۇم، مەن بۇخىل «ئوپراتسىيە»نىڭ زادى دەل جايىغا چۈشكەن-چۈشمىگەنلىكىگە ئېنىق بىر ھۆكۈم كېسەلمىسەممۇ، لېكىن مېنىڭ 2- ۋە 3- قېتىم بۇ شېئىرنى ئوقۇشۇمغا "تىمور"نىڭ چۈشەنچىسى سايە تاشلىدى. مەن شۇ قېلىپتىراق تۇرۇپ چۈشىنىشكە باشلىدىم. 4- قېتىممۇ كاللامدا تولىمۇ روشەن بىر "چۈشىنىش"ئەكىس ئەتمىدى، لېكىن 1- قېتىمقىدىن ياخشىراق ئىدى. لېكىن مەن ئاساسەن ھېس قىلىش بىلەن كۇپايىلەندىم، تاھىر ھامۇتنىڭ تالانتىغا ئاپىرىن ئوقۇدۇم. چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ چۇڭقۇر ھېس قىلىشىم، تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىشىم مۇمكىن، ھازىر زورۇققىنىم بىلەن ئۇ مەقسەتكە يېتەلىشىم ناتايىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نۆۋەتتكى ئەڭ جىددى ئىشمۇ ئەمەس. بۇ يەردە ئەدەبىيات ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالىدىغاندەك قىلىمىز.
       ئېسىمدە قېلىشىچە، مۇندىن نەچچە ئايلار بۇرۇن" ئەر تۈرك" نىڭ باشلىشى بىلەن "چىرىك ئىدىيىنىڭ ئىجادىيەتتىكى تەسىرى" ناملىق بىر مۇنازىرە بولۇپ ئۆتكەن. بۇ يەردە ئەدەبىيات ھەققىدە خېلى كەڭ بىر سۆھبەت بولغانىدى. ئويلىسام خېلى كۆپ گەپلىرىمنى شۇ يەردە دېگەندەك قىلىۋىدىم، ھېلىغىچە شۇنى چاپلاپ قويارمەن. ئاڭغىچە مۇنبەردىكى بىر قىسىم قەلەمكەش دوستلىرىمغا دەيدىغان گەپلىرىمنى دەۋالاي. مەن بىرەر كىتاب ياكى ژۇرنالنى پۇلغا سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن تۈزۈك بىر نېمىنى كۆرەلمەي قالسام ئاچچىقىم كېلىدۇ. چۈنكى ژۇرنالمۇ، يازغۇچىمۇ بىزگە "ياخشى ئەسەر بىلەن تەمىنلەيمىز" دەپ ۋەدە بەرگەن. لېكىن تور بەتلەر بىزدىن پۇل ئالمايدۇ. ئالىدىغىنى تېلېگراف تارماقلىرى بىلەن ئېلېكتىر شىركەتلىرى. شۇڭا "ئۇنىڭدا ياخشى ئەسەرلەرنى باسمىدىڭ، يازمىدىڭ" دەپ بىرەر كىمدىن خاپا بولغىلى بولمايدۇ. "شۇڭىمۇ پالانچىنىڭ ئەسەرلىرى بەك ناچاركەن" دېگەن خۇلاسسىگە كەلسەك، دەرھال شۇ كىشىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇمىغان ياخشى.
        بولسا ئەسەر يازغانلار ماڭا ئوخشاش ماۋزۇسىغىلا توردىكى ئىسمىنى قىستۇرۇپ قويغان ياخشى. مۇنداق بولغاندا سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ياقتۇرىدىغانلار شۇ ئىسىمغا قاراپلا ئاچىدۇ، ياقتۇرمايدىغانلار شۇ ئىسىمغا قاراپ "ھېلىقى بىر نېمىنىڭكەنغۇ" دەپلا يانداپ ئۆتىدۇ، ۋاقتىنى تېجەيدۇ، زېھنىنى تېجەيدۇ، ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان بىر نېمىلەرنى كۆرۈپ كۆڭلىنى ئەسكى قىلىۋالمايدۇ. لېكىن مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، بەزى قەلەمكەش دوستلىرىمىزدا، بولۇپمۇ بىر قىسىم شائىر دوستلىرىمىزدا ئىلگىرىلەش كۆپ ئەمەس، ھەتتا بەزىلەردە ئىلگىرىلەش پەقەت يوق، يەنە شۇ قېلىپ. مەن بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بەك ئېنىق بىلىپ كەتمەيمەن. ئەدەبىي ئەسەرلەر يېزىقچىلىقى تۇغما تالانت ئارقىلىق بولىدۇ دەپ قارايمەن. بۇ يەردىكى تۇغما تالانت سىز تۇغۇلۇپ تا ھازىرغىچە بولغان مۇھىتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىزنىڭ ھۆجەيرە، قان تومۇر... ۋەھااكازالىرىڭىزنىڭ باشقا بىرەيلەننىڭكى بىلەن ئوپ-ئوخشاش بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، قاننىڭ ئايلىنىشى ئوخشىمىسا ھېسمۇ ئوخشىمايدۇ. مەن ناھايىتى جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق شائىر، يازغۇچى بولغىلى بولىدۇ، دېسە ئانچە ئىشەنمەيمەن . بۇ ھۆنەر ئەمەس. شۇڭا كۆپلەپ يېزىش ئارقىلىق تاشقى (تىل) ماھارىتى ئۆسۈشى مۇمكىن، لېكىن ئىچكى ماھارەتنىڭ ئۆسۈشى ناتايىن.
        يېقىندا مەلۇم بىر داڭلىق يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇپ قالدىم. ئەسلىغۇ ئوقۇمايتتىم، لېكىن "بۇ ئادەمدە ئىلگىرىلەش بارمىدۇ؟" دېگەن گۇمان بىلەن ئوقۇدۇم، ئىلگىرىلەش يوق. بارغانسىرى چېكىنگەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. شېئىر- ئۇ بىر تۇيغۇ. مەن شائىرنى پەيغەمبەر ياكى يەنە باشقا بىرەركىملەرگە ئوخشىتىشنى توغرا تاپمايمەن. ئۇنچە سىرلىقلاشتۇرۇشنىڭ، مۇقەددەسلەشتۈرۈشنىڭ ھېچبىر ئورنى يوق. شۇنداقلا سادام بىلەن بۇش شېئىر ئوقۇغان بولسىمۇ، ھەتتا شائىر بولغان بولسىمۇ، يەنىلا بولىدىغان ئۇرۇش بولىۋېرەتتى. نوبېل مۇكاپاتى سەھنىسىدە دېيىلگەن بۇ گەپنىڭ سىياسىيدا ھېچقانچە قىممىتى يوق. چۈنكى شېئىرنىڭ ئۇنچىۋالا ئۇلۇغ قۇدرىتى يوق. شۇنداقلا مەن يەنە "خەلق ئۈچۈن شېئىر يازدى" دېگەن باھالارغىمۇ ئانچە ئېرەن قىلغۇم كەلمەيدۇ. بۇ بەك چوڭ گەپ! ئۇنى كۆتۈرەلەيدىغان ئادەملەر تارىخىمىزدا ئانچە كۆپ ئەمەس. گەپ يەنە قېيىپ كەتتى، مەن بۇ يەردە تىلىمنى چايناپ بىر گەپنى زادىلا دېيەلمەيۋاتىمەن. ئەسلى بۇ گەپنى دوستانە بىر تەكلىپ سۈپىتىدە دەي دېگەنتىم، لېكىن مېنىڭ تىلىم زەھەر، پىشانەم شورلۇق بىر ئادەم. گەپ يامىنىغا كېتىپ قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ يەنە ئازراق دەي: بىر قىسىم شائىر دوستلار: سىلەر جىق گەپ قىلماڭلار، ئېنىرگىيە شۇ گەپلەرگە خۇراپ كېتىدۇ؛ جىق نەرسە يازماڭلار، ئەسەر بارغانسىرى پۈچەكلىشىپ كېتىدۇ؛ بەك جىق تور بەتلىرىگە كىرمەڭلار، كاللا ئېلىشىپ، كىشى شۆھرەت تاماسىدا سوكۇلداپ قالىدۇ؛ شېئىرنى ، شېئىرىي تۇيغۇنى قەدىرلەڭلار. ئىلھام، مۇقەددەس ھېسلار ھەرگىزمۇ كۈندە كېلىۋەرمەيدۇ، لېكىن سىلەر كۈندە شېئىر يازىدىكەنسىلەر، بۇ ھەرگىزمۇ تازا جىرىڭلاپ تۇرغان، يازمىسا بىر يېرىدىن تېشىپ چىقىدىغان شېئىرىي تۇيغۇ ئەمەس، بەلكى يېزىش ئۈچۈنلا يېزىلغان نەرسىلەر بوپ قالىدۇ؛ شائىر دېسە "ئەرتۈرك"نىڭ باش سۈرىتىدىكى كىشى ئېسىمگە كېلىدۇ ياكى پاختىلىق چاپىنىغا چىڭ يۆگىنىپ، قايناق بازارغا سوغۇق نەزەر سېلىپ، ئۈنسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر سەرگەردان ئېسىمگە كېلىدۇ. لېكىن بىر قىسىم شائىر دوستلىرىم بۇنداق ئۇلۇغۋار تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپ كېتىۋاتقان سەرگەردان ئەمەس، بەلكى شۇ قايناق بازاردىكى مەدداھقا، ھەتتاكى شۇ بازاردىكى بەگ-بوجاڭغا ئوخشاپ قالدىڭلار ۋە ياكى تازا ئاغزى ئىتتىك ساتارمەنگە ئوخشاپ قالدىڭلار. شائىر سۈرەن-شاۋقۇنلار ئىچىدە ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئۇلۇغ ھېسلارنى يوقىتىپ قويىدۇ، شېئىرنىڭ مۇقەددەس شىرىلداشلىرىنى ئەرزىمەس غەۋغالار ئارىسىدا يوقۇتۇپ قويىدۇ. قۇرۇق گەپلەر بىزدەك شېئىرىيەت كوچىسىدىن چىقىپ قېلىپ، قايتا كىرەلمىگەنلەرگە قالسۇن، سىلەر چوڭ سۈپەتلىك بىلەن ناھايىتى ئاز ۋە ساز يېزىڭلار. ساز يازمىساڭلارمۇ مەيلى، لېكىن چوقۇم زادى يازمىسا بولمايدىغان تۇيغۇلارنى يېزىڭلار. مەن بۇ يەردە مىسال ئالسام بۇنى ئوقۇۋاتقانلار كۈلكىدىن دۇمىلاپ كېتىدۇ، دېمەك، سىلەر مانا موشۇنداق مازاققا تۇتۇرۇق بولىدىغان نەرسىلەرنىمۇ بازارغا سالدىڭلار. بۇ ھەرگىزمۇ ئەدەبىيات ۋە شېئىرىيەت ئەھلىگە مۇناسىپ ئىش ئەمەس. ئەمدى چوڭ بولۇڭلار، بىزمۇ سىلەرگە ئەگىشىپ چوڭ بولايلى. كىشىلەرنىڭ ئەدەبىياتقا، ئەدىبلەرگە ھۆرمىتى ئاشسۇن. بۇ نەسىھەت ئەمەس، قۇرداشلار بىلەن سەمىمىي سۆزلىشىش، كۆڭلۈمدىن چىققان گەپلەر. زادىلا دېگۈم يوق ئىدى. لېكىن موشۇ مۇنبەردە نەچچەيلەن ماڭا شەخسىي ئۇچۇرلارنى يوللاپ "سەنمۇ بىر ئەدەبىياتچى بولغاندىكىن گەپ قىلمامسەن!" دەپ تولا قىستاپ كەتتى. ئەڭ مۇھىمى، "ئىزدىنىش"تە يېزىقچىلىق قىلىۋاتقانلارغا چۇڭقۇر ھۆرمىتىم بار. موشۇ ھۆرمەت، دوستانە مۇھەببەت مېنى ئۇلار بىلەن سىردىشىشقا قىستىدى. دوستانە تەكلىپ شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى.
       ئەمدى نېمىشقا تاھىر ھامۇت ۋە باشقىلار ھەققىدە گەپ ئاچقىنىمنىڭ سەۋەبى چىقىدۇ. ئۆتكەندە بىر گېزىتخانىنىڭ باشلىقى "قەشقەر گېزىتنىڭمۇ ئۇيغۇرچىسى بارمۇ؟" دەپ سوراپ قالدى. مەن دەرھاللا "قەشقەردە ئۇيغۇر گېزىت چىقىۋاتقىلى 80 يىلدىن ئاشىتى، ئازادلىقتىن بۇرۇنمۇ بارتى" دەپ جاۋاب بەردىم. بۇ ئىشقا قاتتىق ھەيران قالماي بولمايدۇ! كېيىن بىر ئاشخانىدا تاماق يېدىم. بۇ ئاشخانىغا نىم شېھىت بىلەن لۇتۇپۇللا مۇتەللىپنىڭ رەسىمى ئېسىقلىق ئىدى. بىرنەچچە خەنزۇلار تاماق ساقلىغاچ رەسىمنى كۆزەتتى. ل.مۇتەللىپنى "ماۋۇسى خەنزۇدەك قىلىدۇ"،" ياق ئۇيغۇردەك قىلىدۇ"، "بۇ كىمدۇ؟" دېيىشىپ قالدى. بىركەمدى بىرى ئۆزى تونۇيالايدىغان بىردىنبىر بەلگە بولغان ئەرەب رەقىمىنى ئوقۇدى. ۋە "بۇ ئادەم 20 نەچچە يېشىدىلا ئۆلۈپ كېتىپتۇ، نېمە دېگەن كىچىك! زادى كىمدۇ؟" دېيىشىپ قالدى. چۈشەندۈرگۈم كەلدى. لېكىن بىز بىر ئۈستەلدە ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشخانا بەك بېسىق ئىدى. تۇرۇپ غېرىبلىق ھېس قىلىپ قالدىم. كىشىنى بۇنىڭدىنمۇ غېرىبلىق ھېس قىلدۇرىدىغان دىئالوگلار بار.
        - ھە قېىنى، ماۋۇ سورۇنغا ئاتاپ بىر شئىېر-قوشاق توقۇمامسەن؟ - بۇ گەپلەرنى يېزىۋالما جۇمۇ. - "ئەجەبمۇ چىرايلىقكەن يارىم بەرگەن ئىشتانباغ" دەپ يازغاندەك... - ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئەدەبىيات بىلەن كارى يوق. چوقۇم كارى بولۇشىمۇ زۆرۈر ئەمەس. ھەركىمنىڭ ئۆز تىرىكچىلىكى بار. قەلەم ھەققىنىڭ ئەرزانلىقى، تۈرلۈك بېسىم، يۈرەك كېسىلى، نېرۋا كېلىسى، سەپرالىق.... مەن تا ھازىرغىچە سەپرا ئەمەس زىيالىيدىن بىرەرنىمۇ ئۇچراتماپتىمەن. بىرنەچچىنى ئۇچاراتقانىدىم. كېيىن بىر ئاغىنەم "مانا بۇ تىپىك جۇڭگوچە ماگىستىر" دېدى. دەرۋەقە، ئۇنى مەن بۇنداق ئېنىق تەبىرلىيەلمەي قىينالغانكەنمەن. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا مەمتىمىن ھوشۇرنى يوقلاپ باردىم. ئۇ چاغدا مەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دېگەننى بىر ھوقۇق دەپ بىلەتتىم. ئۇ كىشى بۇنى چۈشەندۈردى. مەن ئۇنىڭغا "سىز بولمىسىڭىزمۇ باشقا بىركىم رەئىس بولسا بولىۋېرىدۇ، لېكىن سىز ماختاشلار ئارىسىدا تۈگىشىپ كەتسىڭىز بولمايدۇ، بىزگە سىزدەك يازغۇچىلار كېرەك" دېگەنىدىم.
        بىز ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش مەسىلىسى، نوبېل مۇكاپاتى، ئىزلەنمە ھېكايىلەر، يېڭىچە شېئىرلار، ياشلارنىڭ ئىجادىيەت خائىشى... قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە پاراڭلاشتۇق. شۇ ئارىدا زوردۇن سابىرنىڭ گېپى بولدى. مەمتىمىن ھوشۇرنى بۇ گەپكە ئانچە قىزىمىدى دەپ ئويلىدىم. كېيىن يەكەندىكى بىر يىغىنغا مەمتىمىن ھوشۇرنى بىر شەخسىي ئىش بىلەن ئىزدەپ باردىم. "ياتاق، تامىقىڭ ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن بولىدۇ، تۆت كۈنلۈك يىغىنغا قاتنىشىپ كەت" دەپ تۇتتى. مەن ئۇنىماي بىر كېچە قونۇپ ئەتىسى كەتتىم. شۇ ئارىدا پاراڭلىشىپ قالدۇق. گەپ قەيۇم تۇردى ئۈستىدە بولدى. مەمتىمىن ھوشۇر "زوردۇنىكام رەھمەتلىك ئاكىمىز ئىدى، تۈگەپ كەتتى. ئەمدى قەيۇمكامنى ئاكىنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ ھۆرمەتلەيمىز. " دېدى. بۇ گەپ مېنى سەل ھەيران قالدۇردى. دەرۋەقە، مەن ئۇ چاغدا ئەمدىلا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، قان دېگەن قىزىپ تۇرغان چاغ ئىدى. بۇ ئادەمنىڭ گېپى مېىنى سەل بۇرۇن بىر ئاغىنەمنىڭ قىلغان تېلېفونىنى ئەسلەتتى:
        - ۋاي ئاداش، قەيۇم تۇردى ئۆلۈپتۇ. بىز ھاراق ئىچىۋاتىمىز....
        مەن قەيۇم تۇردىنىڭ زادى قانداق ئەسەر يازىدىغانلىقىنى چورتلا بىلمەيمەن. ئۇنىڭ بىرەر ئەسىرىنى ئوقۇغانلىقىم زادى ئېسىمدە يوق. لېكىن بۇ يەردە گەپ ھېلىقى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تارقىلىپ يۈرگەن "خەت" ئۈستىدە كېتىۋاتاتتى. دېمەك، شۇ گەپ راست بولسا، ئاخىرىدا ھېچكىم ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىدى. قەيۇم تۇردى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. ئۆلدى، كەتتى.
       مەن ئىزچىل تۈردە مەمتىمىن ھوشۇرنى يوقلاش، ياشلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان سەمىمىي ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈش كېرەك دەپ قارايمەن. بۇلتۇر مەمتىمىن ھوشۇر جۈدەپ قالغاندەك، نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. كوچىدىلا ئۇچرىشىپ قالدۇق. مەمتىمىن شىپە كىتابىمنى تەھرىرلىگەن، ماڭا قارىشى بەكلا ياخشى ئىدى. شۇ ئارىدا بۇ ئىككەيلەن مەن توغرىلىق سۆزلىشىپتۇ. بۇ مېنىڭ ئۈستۈمدىكى گەپ ئەمەس، بەلكى كېيىنكى بىر ئەۋلاد ئىزدەنگۈچىلەر ئۈستىدىكى گەپ ئىدى. مەمتىمىن شىپە: "بىز قېرىدۇق، ئۆلۈپ كېتىمىز. ئەدەبىياتىمىز سىلەرگە قالىدۇ. مەن سىزنىڭ ئەسىرىڭىزگە قايىل بولدۇم، تەھرىرلىگۈدەكمۇ يېرى يوقكەن. مەن يازسام بۇنداق يېزىشىم ناتايىن، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن سىلەرنىڭ ئۇسلۇبىڭلارنى چۈشەنمىسەك، يەكلىسەك بولمايدۇ. سىلەر بىزدىن جانلىق..." دېگەنىدى.

        مانا بۇ بىزدىن بۇرۇنقى قەلەمكەشلەرنىڭ بىزگە بولغان ئېتىراپى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى. كىتاب چىقمىدى، مەمتىمىن شىپە خىجىل بولدى، مەن جىق زىيان تارتتىم، لېكىن مېنىڭ مەمتىمىن شىپەگە، ئاشۇ بىر ئەۋلاد ئەدىبلەرگە بولغان تونۇشۇم، ھۆرمىتىم ئاشتى. رەھمەتلىك زۇنۇن قادىرىينى ھەممىلا ئادەم ئۇستازىم دەيتتى. ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتنىڭ يولباشچىسى دەيتتى. مەن بۇنى ئانچە چۈشەنمەيتتىم. كېيىن زۇنۇن قادىرينىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. زۇنۇن قادىرىي پەقەت "ماغدۇر كەتكەندە" ناملىق ھېكايىسى بىلەنمۇ ناھايىتى كاتتا بىر ئەدىبكەن. بۇ يەردە يەنە تاھىر ھامۇتنىڭ "ئۇلار ئۆتمۈشتە پەقەت ئەسەر يازغانلىقى ئۈچۈنلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان" دېگەن گېپىنى ئەسلەپ قالىمەن. ئۇ قانداق دەۋىر ئىدى؟ نېم شېھىت يېڭى زامانغا قوشاق توقۇپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي جەسىدى قىغ دۆۋىسىدە قالدى؛ زۇنۇن قادىرىي ئېغىر ئەمگەك بىلەن قىينالدى، كۆزىگە سىياھ تۆكۈلۈپ يەكچەشمە بولدى؛ ئەھمەد زىيائىي زىنداندىن چىققاندا پۇت-قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالدى؛ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يۈرەك كېسىلى زادىلا ساقايمىدى؛ زوردۇن سابىرنى "ئانا يۇرت" ئەجەلگە سۆرىدى.....
        ئويلاپ باقساق بىز تېخى ھېچ ئىش قىلمىدۇق. ھاپىلا-شاپىلا پەشنى قېقىپلا چوڭلارنى تىللىغۇدەك ھالىمىز يوق. ئۆلۈم ۋە كۆرۈم ھەققىدە شېئىرلار توقۇلغان بىلەن، ۋاقتى كەلگەندە "ۋاي دات! مەن نېمىشقىمۇ تۇغۇلغان بولغىيتتىم!" دەپ سالىمىز. دەرۋەقە، خۇجا نىياز ھاجىدەك پالىۋانلارمۇ مانا شۇ يەردە "مەن ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ غالچىسى!" دەۋەتكەنىكەن....
        ھېيت نامىزىدىن ئەمدىلا چىقىپ تېلېفوننى ئاچسام بىر تەبئىي پەنچى بۇرادەر تېل قىلدى:
        - سەن نەدە؟ - ئەمدى مەسچىتتىن چىقتىم. - مەن ئەمدى تېخى قاۋاقتىن چىقتىم. دەرھال پالان يەرگە كەل! مەن باردىم. ئۇ مەست، قاپاقلىرى يېرىلغانىدى. "ماڭ، پالانچىنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى يوقلايمىز" دېدى ئۇ مېنى سۆرەپ. "بۇ قاق سەھەردە بارمايلى، يەنە كېلىپ سەن مەستكەنسەن" دېسەم ئۇنىمىدى. مەن ئۆيگە كەتتىم. كۆڭلۈم يېرىم بولدى. بۇ كىشى ئەينى چاغدا تاھىر ھامۇتنى يوقلىغانىدى. ئۇ تاھىر ھامۇتنى كۆرۈپ باقمىغان، پەقەت شېئىرلىرىنىلا ئوقۇغانىدى. پەقەتلا ئەدىبلەرنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش ئۈچۈنلا شۇنداق قىلغان. ۋەھالەنكى، بىز بۈگۈن قانداق قىلىشىمىز ھەققىدە تەمتىرەيمىز. چۈنكى جان بېقىش ۋە جان ساقلاش ھەلەكچىلىكىدە قالدۇق. لېكىن نېمىلا بولمىسۇن، ھەر ساھەنىڭ ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى، قەدرىنى قىلىش كېرەكلىكىنى بارغانسىرى چۇڭقۇر ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن........
         سوئال : باشقىلاردىن "تاھىر ھامۇت ئىچكىرىدە خەنزۇچە شېئىر يېزىپ 100 مەشھۇر شائىرنىڭ بىرى بوپ باھالىنىپتۇ" دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغانىدىم. بۇ راستمۇ؟ راست بولسا قايسى ئورگان باھالىغان؟ قانچىلىك دائىرىدە؟ مەن بۇلارنى بىلمەيمەن.
         Tahir Hamut  - مېنىڭ خەنزۇچە يازغان " ياز _ بىر سۈيقەست " ۋە " ئارىلىق " دېگەن ئىككى پارچە شېئىرىم خېيلوڭجىياڭ خەلق نەشرىياتى 1994- يىلى نەشىر قىلىنغان " ئەسىر ئاخىرى: جۇڭگودىكى غوللۇق 500 شائىر " دېگەن كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن ، بەلكىم شۇ ئىش بولسا كېرەك.


     

    [admin تەستىقلىدى . 2010-8-16 10:35:15]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ﺗﺎﻫﯩﺮ ھامۇت