ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە(1)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-07 05:04:31

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە(1) ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى چۈشەنچىسى .20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە،بالدۇر ئويغانغان بىر قىسىم زىيالىي ئەدىبلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ...



    ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە(1)


    ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى چۈشەنچىسى . 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە،بالدۇر ئويغانغان بىر قىسىم زىيالىي ئەدىبلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا،رېئالىزىمنى ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى قىلغان،جاھانگىرلىككە، فېئودالىزىمغا،مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا، نادانلىق-جاھالەتكە قارشى تۇرۇشنى،ئويغىنىپ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى، ئازادلىق-ئەركىنلىككە تەلپۈنۈشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان، دېمۇكىراتىك ئىدىيگە،جەڭگىۋار كۈرەش ئىرادىسىگە ۋە شۇنداقلا مەرىپەتچىلىك روھىغا باي بولغان يېڭى بىر ئەدەبىيات – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى مەيدانغا كەلدى. بۇ ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ تەخمىنەن يېرىم ئەسىرلىك تارىخى تەرەققىيات مۇساپىسىدە كۆپلىگەن ئىجادىيەت مۇۋەپپە-ىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى قېتىپ،ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ،ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى يەنە بىر «ئالتۇن دەۋر»نى ياراتتى.ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى – ئۇيغۇر خەلقى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىجاد قىلغان ئەدەبىيات بولۇپ،ئۇ ئەقىل-پاراسەتلىك، ئىجادكار،مېھنەتكەش ئۇيغۇر خەلقى ئالاھىدە تارىخى دەۋردە ئىجاد قىلغان قىممەتلىك ئەدەبىي مىراس،شۇ دەۋر رېئاللىقىنىڭ بەدەئىي خاتىرىسى، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى.خەلقىمىز ئۆزىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى تەخمىنەن يېرىم ئەسىرلىك ئەقلىي ئىزدىنىشلىرىنى، ئىجتىمائىي ھاياتىنى،جاپالىق كۈرەشلىرىنى،گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىنى مانا مۇشۇ ئەدەبىياتتا چىن،جانلىق، ئوبرازلىق ئىپادىلىدى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى – جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېڭى دېموكىراتىك ئىنقىلاپ مەزگىلىدە ياراتقان ئەدەبىياتى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن جوڭگۇ ئەدەبىياتىنىڭ، جۈملىدىن جوڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئايرىلماس،مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ھېساپلىنىدۇ. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمۇ جوڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئوخشاش 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن شۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرسىغىچە بولغان تەخمىنەن يېرىم ئەسىرلىك تارىخى تەرەققىيات باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى،جوڭگۇ ئەدەبىياتىنىڭ فېئودالىزىمغا، جاھانگىرلىككە،مىللى زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ تېمىسىغا يېقىندىن يانداشتى،جوڭگۇ ئىنقىلابىنى كەڭ ۋە ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ،خەلقنىڭ كۈرەش روھىغا ئىلھام بەردى،ئەڭ مۇھىمى جوڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئوخشاش رۇشەن دېمۇكىراتىك خاراكتېرى،كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقى ۋە رۇشەن ئىنقىلاۋىلىقى بىلەن شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان دېمۇكىراتىك ئىنقىلابلارنىڭ مۇھىم كۈرەش قورالىغا ئايلاندى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى،ئازادلىق-ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشنى،شۇنداقلا ۋەتەن-خەلقنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى قىزغىنلىق بىلەن كۈيلىدى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى.ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تارىخى تەرەققىياتى داۋامىدا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى دەۋرى»، «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى دەۋرى» ۋە «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى دەۋرى»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تەرەققىيات دەۋرىنى بېسىپ ئۆتكەن.ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى – ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا، دەۋر تەلىپىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، رېئاللىققا ئەدەبىي ياندىشىشنى ئاساسلىق ئالاھىدىلىك قىلىپ مەيدانغا كەلگەن يېڭىچە،زامانىۋى ئەدەبىيات بولۇپ، بۇ ئەدەبىيات 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئەسىر ئوتتۇرلىرىغىچە – 1949-يىلى 10- ئايدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانغىچە – بولغان ئارىلىقتىكى تەخمىنەن يېرىم ئەسىرلىك ئەدەبىيات باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى– 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تەخمىنەن يېرىم ئەسىرلىك ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ.شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئالاھىدە تارىخى دەۋرنىڭ ئالاھىدە ئەدەبىياتى.بۇ دەۋر فېئودالىزىمغا، جاھانگىرلىككە،مىللى زۇلۇمغا قارشى كۈرەشنى، ئىدىيە-مەدەنىيەت جەھەتتىن ئويغىنىشنى ئاساسلىق مەزمۇن قىلغان بولۇپ، دەۋرنىڭ بۇ خىل مەزمۇنى ئەدەبىياتتا ناھايىتى گەۋدىلىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى ۋە بۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى بەلگۈلىدى.يەنە بىر تەرەپتىن،بۇ دەۋر ئەدەبىياتى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جاھانگىرلىككە،فېئودالىزىمغا،زۇلۇم-مۇستەبىتلىككە،نادانلىق-قالاقلىققا قارشى تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشتىكى ئۆتكۈر كۈرەش قورالى بولدى،تېخىمۇ مۇھىمى بۇ ئەدەبىيات ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى زامانىۋى ئەدەبىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئەدەبىياتنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىدە ماھىيەتلىك يېڭىلىقلار،ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، كېيىنكى ئەدەبىيات تەرەققىياتلىرى ئۈچۈن ناھايىتى ناھايىتى ياخشى ئاساسلار سېلىندى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئىلغار،ئىنقىلابى ھەم يېڭى ئەدەبىيات بولدى.بۇ ئەدەبىيات مەيدانغا كەلگەندىن تارتىپلا ئىلغار،ئىنقىلابى دېمۇكىراتىك ئىدىيلەرنى ئىپادىلىدى،دەۋر رېئاللىقىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى، ئىنقىلابنىڭ مۇھىم قورالىغا ئايلىنىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈرەش روھىغا ئىلھام بەردى،ئۇلارنى ئىدىيە-مەدەنىيەت جەھەتتىن ئويغاتتى.ئەڭ مۇھىمى،ئەدەبىياتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، دەۋرنىڭ يېڭىچە ئەدەبىياتى قىلىپ يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ،دەۋرگە خاس ئۇسلۇپ ياراتتى، يېڭى ئەدەبىي شەكىل-تۈرلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى،شۇنىڭ بىلەن بۇ دەۋر ئەدەبىياتى دەۋرنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا يېقىندىن ياندىشىپ،ھەقىقىي مەنىدىكى «جەڭگىۋار ئەدەبىيات»قا ئايلاندى،شۇنىڭ بىلەن بۇ دەۋر ئەدەبىياتىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن قاينام-تاشقىنلىق ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى – ئۆتكۈنچى دەۋر ئەدەبىياتى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كىلاسسىك  ئەدەبىياتتىن زامانىۋى  ئەدەبىياتقا  ئۆتۈشىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپلا قالماستىن،بەلكى يەنە زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئورۇنلىدى. بۇ ئەدەبىيات ئۆز نۆۋىتىدە يەنە زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن كۆپ تەرەپلەردىن ئاساس سېلىپ،بۈگۈنكى زاماندىكى رېئالىزىملىق ئەدەبىياتقا ئۆتۈشتىكى مۇھىم بىر ئۆتكۈنچى دەۋر بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى خاراكتېر جەھەتتىن ئىلغار دېمۇكىراتىك ئىدىيلەر ئىپادىلەنگەن،رېئالىزىمنى ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى قىلغان،كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولغان،كۆپ ژانېرلىق ئەدەبىيات بولدى.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى زامان باسقۇچى گەرچە 50 يىلغا يېقىن قىسقىلا داۋاملاشقان بولسىمۇ،ئەمما ئۇ ناھايىتى گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېرىشتى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى يېڭى بىر تارىخى دەۋرگە ئېلىپ كىردى،ئەدەبىياتنى رېئاللىققا يانداشتۇردى،ئەدەبىياتنى كۈرەش قورالىغا ئايلاندۇرۇپ،بۇ قورال ئارقىلىق فېئودالىزىمغا، جاھانگىرلىككە، مىللى زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلدى،خەلقنى ئويغاتتى،رېئالىزىمنى ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى قىلدى،جوڭگۇ ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىدىن تەسىر قوبۇل قىلىپ،ئەدەبىي تۈر-ژانېرلارنى كۆپ خىللاشتۇردى ۋە ئىجادىيەت تېمىسىنى كېڭەيتتى.قىسقىسى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى – ئالاھىدە بىر تارىخى دەۋردىكى ئەدەبىيات بولۇپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ،شۇنداقلا ئۇ يەنە ناھايىتى يۇقۇرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.  

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.