تۇپراق ھىدى ۋە قىسمەت دېغى

يوللىغۇچى : abdu8 يوللىغان ۋاقىت : 2013-09-28 16:02:02

چىن مەنىدىكى ئەركەكلەرنىڭ ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقى بۈگۈنكى كۈندە پاكىت بولۇپ قالدى. ئەركەك دېگەن ئاتالغۇ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە ئوخشىمىغان مەنىلەرنى ئۆزىگە يۈكلەپ كەلدى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە يولۋاس ، شىر ئوۋلىغانلار باتۇر ئەركەك ئاتالغان بولسا، ئۇرۇش-


    تۇپراق ھىدى ۋە قىسمەت دېغى


    چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە بارمۇ؟ 

     

    چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە بارمۇ؟

    ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا بارمۇ؟

    ئالغۇر بۈركۈتى قولىدا بارمۇ؟

    مىسران قىلىچى قوزۇقتا بارمۇ؟

     

    چىن مەنىدىكى ئەركەكلەرنىڭ ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقى بۈگۈنكى كۈندە پاكىت بولۇپ قالدى. ئەركەك دېگەن ئاتالغۇ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە ئوخشىمىغان مەنىلەرنى ئۆزىگە يۈكلەپ كەلدى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە يولۋاس ، شىر ئوۋلىغانلار باتۇر ئەركەك ئاتالغان بولسا، ئۇرۇش- نىزا قاينىغان دەۋرلەردە جەڭدە قانچە دۈشمەننى ئۆلتۈرگەنلىك ئەركەكلىكنىڭ بەلگىسى بولغان، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ مەدداھلىق ، جاھانكەشتىلىك ، مەجنۇن- ئاشىقلىق ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلىرىدە جانان ئۈچۈن چۆل كەزگەن، پەرھات كەبى تاغ تەشكەنلەر ئەركەكلەرنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىپ، ئەركەكلىكنىڭ باتۇرلۇق، كۈچ- قۇۋۋەتنى بەلگە قىلىشتەك خاراكتىرى سۇسلىشىپ، ئەرلىكنىڭ سېھرىي كۈچى خىرەلىشىپ كەتتى.

    كىشىلەرنىڭ ماددى، مەنىۋىي تەشنالىقى ئاز- تولا قانائەت تاپقان بۈگۈنكى كۈندە «ئەركەك»لىك تېخىمۇ رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى. قىزلارنىڭ نەزەرىدە قولىنى نەگە سۇنسا يېتىدىغان ، يامىنى كەلسە سۆيگۈنىنى ئىككى تەستەك ئۇرۇپ، كەينىدىن كۆڭلىنى ئۇتالايدىغان، سالاپىتى، جەلبكارلىقى شاھرۇھخاندىن قېلىشمايدىغان يىگىتلەر ئەركەك سانالدى. جاھان كۆرگەن، رېستۇرانلاشقان ئۇلپەتلەر نەزەرىدە ھەقىقىي يىگىتنىڭ ئۆلچىمى «قاچانلىكى بولمىسۇن يانچۇقىدا ئىككى يېنىغا قارىماي ئەل- ئاغىنىلىرىگە خەجلىگۈدەك بىرەر تۇتام پۇلى بولۇشى، تۈن نىسبىدە ئاغىنىلىرىنى ئۆيىگە باشلاپ، ئايالىغا دېگىنىنى قىلدۇرالايدىغان بولۇشى، قىرلىق ئىستاكاننى تەمتىرىمەي كۆتۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك».

    ئومۇمەن، بۈگۈنكى دەۋردە ئەركەكلىكنىڭ مەلۇم مەنىدىن بىز ئەگىپ ئۆتەلمەيدىغان ئىقتىسادتىن ئىبارەت شەرتكە باغلانغانلىقىنى تىلىمىز ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، دىلىمىز زىكىر قىلىپ تۇرىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم قالتىس «ئەركەك» لەر پەيدا بولدى. يانچۇقىدا پۇلى بار چاغدا بىر توپ جانجىگەرلەر چىۋىندەك ئەگىپ، «ئىتىڭ بولاي»دەپ قاۋاشقىمۇ تەييار تۇردى. پۇلى توزۇپ، تەئەللۇقاتىدىن ئايرىلغاندا سوغۇقتىن قورقۇپ جەنۇبقا قاچقان قۇشلاردەك غايىپ بولدى.

    غۇرۇر، ۋىجدان، دىيانەت يىپلىرى نائەھلى قوللاردا قىرقىۋېتىلدى. شۇنىڭدەك پۇل تاپقىنىدا ئەقىل كۆزى خىرەلەشمىگەن، ئەركەكلىكنى خەلقىگە چىن مەنىدىن ساخاۋەت قولىنى سوزۇش بىلەن ئىپادىلىگەن، ئەقىدە بوستانلىرىنى  غۇرۇر سۈيى بىلەن سۇغۇرۇپ چىن مەندىن ئەركەك ئاتالغانلارمۇ بارلىققا كەلدى. بۇنداقلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ ئەركەكلىكنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىزگە ھەرقاچان ھېس قىلدۇرۇپ تۇرماقتا. مەن يەنە شۇنداق ئەركەكلەرنى كۆرگەنمەن. تەقى- تۇرقى راۋۇرۇس بولسىمۇ ۋۇجۇدىدىن يىگىتلىكنىڭ ئىزناسى ئەمەس، غىتمەكلىكنىڭ، زەيپانىلىكنىڭ ياپراقلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇنداق «ئەركەك» لەرگە «ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ ئۆلچىمى سالماقلىق، مەردانىلىق، پاراسەتلىك بولۇش، شىياڭگاڭنىڭ زەيپانە ئارتىسلىرىنىڭ رولىنى ئېلىش ئەمەس»دەپ خىتاپ قىلغۇڭىز كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، زامان ئۆزگەردى. چىن تۆمۈرگە ئوخشايمەن، دەپ يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئىزدەپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق. پۇت - قولى مېيىپ تۇرۇقلۇق چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ھاياتنىڭ ئېگىز داۋىنىغا ئېسىلىپ چىقىۋاتقان يىگىتنىڭ ۋۇجۇدىدىنمۇ ئەركەكلىكنىڭ خۇرۇچلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. ئادىل ھوشۇر، ئابدۈشۈكۈر، نۇرتاي ھاجى، «ئارمان» نىڭ روياپچىسى رادىل ئابلالارنى قېنى كىم ئەركەك دېمەيدىكەن؟

    مۇشت ئاتقۇچىدىن مۇشت يېگۈچى نوچى چىقىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سورۇندا پونىڭ چوڭىنى ئېتىپ، ياۋاشلارغا بىر -ئىككى مۇشت كۆتۈرەلىگەنلەر ئەركەك ئەمەس، بىر قىزنىڭ كەينىدىن نەچچە يىل مېڭىپ گەپ يېگۈزەلمەي، يىغلاپ تۇرۇپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ، قىزنىڭ ھۈرمىتىگە ئەمەس لەنىتىگە، توغرىسىنى ئېيتقاندا لەنىتىگە ئېرىشكەن يىگىتنى ئەركەك دېيەلەمسىز؟! ئەكسىچە «كۆتۈر قاسقىنىڭنى، ھۇ يارىماس. نوچى بولساڭ يېشىڭ بىلەن ئەمەس، ئەقلىڭ بىلەن، ساپ غۇرۇرۇڭ بىلەن قىز كەلتۈر» دەپ كۆتىگە تەپكۈڭىز كېلىدۇ. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە «ئەركەك» ئاتالغۇسىغا «ئەر جىنسىغا مەنسۇپ كىشى، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان، قورقماس، مەرد، راستچىل» دەپ تەبىر بېرىلگەن. تۈرلۈك خىمىيىلىك تەركىبلەر پۈچەكلەشتۈرىۋاتقان، تاش    ئورمان(بىنالار)ئىچىدە زەئىپلىشىۋاتقان، لىرىك مۇزىكا، ئەۋرىشىم بەدەن، نازۇ- كەرەشمىلەر، ساختا سۆيگۈ قۇچىقىدا بارا- بارا تەمىنى يوقىتىۋاتقان ئەركەكلىك ئاشۇ يىراق قەدىمكى زامانلاردىكى پاك غۇرۇرىنى، نامىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىككىلەنمەي ئۆلۈمگە يۈزلىنەلىگەن، تەبىئەت قۇچىقىدىن قۇۋۋەت ئالغان، قوپال لېكىن گۈزەل، ساپ، چىن سۆيگۈگە تويۇنغان، ئەپسانىگە باي ھايات كارتىنىلىرىنى، چىن تۆمۈردەك ئەركەكلەرنى سېغىندۇرىدۇ. ئەرلىك نۇرلىرى ئەمەس، توخۇ يۈرەكلىك، تەمە، زەھەرخەندىلىك ئارلىشىپ كەتكەن، مۇرەككەپ تۇيغۇلار ئىچىدە چاقناۋاتقان كۆزلەرگە، شۈمشەيگەن ئادەملەر توپىغا قاراپ «چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە بارمۇ » دەپ ۋارقىرىغۇم كېلىدۇ.

     

     

    تۇپراق ھېدى ۋە قىسمەت دېغى

     

    ياشانغانلار بىلەن بىرگە بولۇپ قالسام:« ھازىرقى ياشلار ئازراق قېقىۋالمىسا ، ئۈچ قىزنىڭ ئالدىدىن ئۆتەلمەيدىغان، سورۇنلاردا بىرەر قىزنى ئۇسسۇلغىمۇ يۈرەكلىك تارتالمايدىغان بولۇپ قالدى، ياشلار دېگەن ھاراقسىزمۇ ھەر مىنۇت 100 گىرادۇس قايناپ تۇرالىشى كېرەك، ھەي... بىز سىلەردەك ..چاغلاردا... » دېگەندەك گەپ -سۆزلەرنى تولا ئاڭلاپ قالاتتىم.

    قايسىدۇر بىردانىشمەن:« مىلتىق دورىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ئەركەكلىك دەۋرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى» دەپ ئېيتقانىكەن. ۋۇجۇدنىڭ بۇزۇلۇشى، مىكرو ۋە مەنپەئەت ئۇل قىلىنىغان ئىنسان مۇناسىۋىتى، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش غېمىدە يۈرۈپ ياشلا كېتۋاتقان كىشلىرىمىز، ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان غەلىتە كېسەللىكلەرنىڭ يامراپ كېتىشى، سۈنئىي مەھسۇلاتلار، زور مىقداردىكى خىمىيىۋى تەركىبلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن پارنىك كۆكتاتلىرى ھەقىقەتەنمۇ ھاياتلىق دەرىخىنىڭ شاخلىرىنى قىرقىماقتا. «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىچىلەر ماكانى» دەپ نام ئالغان دۇنيادىكى تۆت چوڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش رايونىنىڭ بىرسى بولغان ئاپتۇنۇم رايونىمىزنى ئالساق، 100ياشتىن ئاشقانلارنى يېزا قىشلاقلىرىمىزدا ئاز ساندا ئۇچراتقىلى بولسىمۇ، بۇلغانغان شەھەر مۇھىتىدا 90 ياشتىن ئاشقان ئادەملەرنى تېپىش تەس بولۇپ قالدى. ئاۋايلىغانسېرى كېسەلمەن بولۇپ ، دورا خالتىسىغا ئايلىنىپ قېلۋاتقان پەرزەنتىلىرىمىز ئۆزىمىز چايناپ بېرىپ تەمى قالمىغان ناننىڭ ئورنىغا تۈرلۈك قۇۋۋەت تالقانلىرى ۋە «جيا جيا گەي» ئىچىۋاتسىمۇ يەنىلا ئىرادىسى مېيىپ ئەۋلادلارغا ئايلىنىپ قېلۋاتىدۇ. ياپونىيىدىكى مەلوم تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، ھازىرقى ئادەملەرنىڭ يۈز تېرىسى ئىلگىرىكىدىن 1.1 مىللىمېتىر قېلىنلاپ كەتكەن. بۇ پاكىتنى كۆرگەن ئادەم «ئادەملەردە شەرم-ھايا كۆتۈرۈلۈپ ،قېلىنلىقنىڭ ئۇموملىشىپ كېتىشى بىكار ئەمەس ئىكەن-دە» دېگەنلەرنى ئويلايدۇ. بۇنىڭدىن يەنە مۇھىتنىڭ بولغىنىشى ۋۇجۇد بولغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ-قانداق؟ دېگەن قىياسقا كېلىشى مۇمكىن.

    بىر قانچە يىلدىن بۇيان يوقىرى تېخنىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش نەتىجىسىدە مېۋە-چىۋىلىرىمىز پەسىل تاللىماي پىشىدىغان بولۇپ قالدى. ساننى قوغلاشقان ، تەبىئەت قانونىيتىگە خىلاپ بۇ «ئىجادىيەت» مېۋە-چىۋىلىرىمىزنى تەبئىي ، شېرىن تەمدىن يىراقلاشتۇرۇۋەتتى. بۇيا بىلەن ئۇغۇتلىغان، مەھەللىۋىي ئۇغۇت ئىشلىتىلگەن، ئۈزلۈكىدىن يېرىلىپ پىشىدىغان قوغۇنلارمۇ چۈشكە ئايلىنىپ قېلۋاتىدۇ. «تۇپراقسىز» دېگەن سۆزدىكى «سىز» قۇشۇمچىسى مەھرۇملۇقنى ئىپادىلەيدۇ. دەل مۇشۇ تۇپراقسىز مەھسولاتلار بىزنى نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلماقتا. ئەسلىي بىزنىڭ تېنىمىزمۇ ،قېنىمىزمۇ تۇپراقتا ئېدى. كونىلاردا «يەر قوينىغا ئالماپتۇ» دېگەن گەپ بار. ئۆزىنىڭ ھاياتلىق يىلتىزىنى ئىنكار قىلىش،ماھىيەتتە بىزنى «تۈۋى يوق قامغاق»لىق قىسمىتىگە دۇچار قىلىدۇ.

    يەۋاتقان نانلىرىمىزمۇ سۈنئىي خېمىر تەسىرىدىن ئەسلىي تەمىدىن يىراقلىشىپ كەتتى. ئىستىمال قىلۋاتقان بارلىق نەرسىلىرىمىز بىزنى غەلىتە كېسەللىكلەر ۋە روھىي مېيىپلىكنىڭ قاينام بۇلىقىغا تاشلاپ قويماقتا. «دۇنيادا بىرلا يەر شارى بار» دەپ جېنىمىزنىڭ بارىچە شۇئار توۋلاۋاتقان بولساقمۇ ، يەر شارىنى ،ھاياتىلىق ماكانىمىزنى ۋەيران قىلىشىمىز مۇسابىقە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. ئالىملار ئاتموسفىرانى قوغدىغۇچى قەۋەتنىڭ تىشىلگەنلىكىنى جاكارلاپ بىزنى ئاگاھلاندۇرۋاتقان بولسىمۇ، ئىنسان ئۆزىنىڭ ھالاكەت دۇمبىقىنى چېلىشنى تۇختاتقىنى يوق. بەرھەق، كىشلەر يېڭىدىن يېڭى پەيدا بولۇۋاتقان كېسەللىكلەرگە داۋا ئىزدەش كويىدا ئالدىراش يۈرگەن كۈنلەردە بىر نەرسىگە سەل قارىدى. ئۇ بولسىمۇ تەبئىيلىكنى ساقلاش، قۇشلار ئۆز ئۇۋىسىنى قۇغدىغاندەك قوغداش.

      تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشى، يېمەكلىكلەردىكى زەھەرلىك خىمىيىلىك تەركىبلەرنىڭ مىقدارىنىڭ كۇنسايىن ئېشىپ بېرىشى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۆڭۈل بولىدىغان قىلىۋەتتى. ئەمەلىيەتتە ئورگانىك يېمەكلىك ئىستېمال قىلىش ئەجدادلىرىمىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بىر تۈرلۈك ئەنئەنە بولۇپ بۇ خىل تۇرمۇش ئادىتى ئۇلارنىڭ ساغلاملىقى ھەم ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىل سۈپىتىدە رول ئوينىغان. ھازىرمۇ ھەم يېزىلاردا ھېچقانداق خىمىيىۋىي ئوغۇت بېرىلمىگەن كۆكتات، مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان دېھقانلار بار. شەھەردىچۇ؟ ئەپسۇسلىنارلىقى، كۆپلىگەن ئائىلىلەردە كۆكتاتلارنىڭ رەڭگىگە قاراپ سېتىۋالىدىغان ، ھەتتا ساختا ئۇن، ساختا مايلارنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان كىشىلەر بار. بۇ خىل پەرۋاسىزلىق كىشىلىرىمىزنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت سېلىپ تۇرماقتا. يەنە ئاز بىر قىسىم شەھەر ئاھالىلىرى شارائىتىغا قاراپ ئىمكانقەدەر ئورگانىك يېمەكلىكلەرگە يۈزلەنمەكتە.

      يېقىندا، بىر نەپەر ئايال ئوقۇتقۇچى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ يولدىشى دوختۇر بولۇپ ئۇلار بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىمىيىلىك تەركىبى بار يېمەكلىكلەر ۋە ئىچىملىكلەرنى تۇرمۇشىدىن سىقىپ چىقىرىشقا تىرىشىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇلار چاي دەملەپ ئىچىدىغان سۇنى ھەر شەنبە كۈنى ماشىنىسى بىلەن قوراي تاغلىرىدىكى ئىلانبۇلاقتىن ئەپكېلىدىكەن. يېمەكلىك ماينى باركۆلگە بېرىپ نەقمەيداندا تارتىلغان قىچا مېيىنى ئەپكېلىپ ئىستېمال قىلىدىكەن. قىشتىمۇ رەڭدار پارنىك كۆكتاتلىرىغا ئېسىلىۋالماي يېزىلاردىن سېتىۋالغان تۇرۇپ ، يېسىۋېلەك قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدىكەن. ئومۇمەن ھەرقانداق يېمەكلىكنىڭ  تەركىبىنىڭ ساپ بولۇشىنى قوغلىشىدىكەن. بۇ خىل تۇرمۇش ئادىتى مېنى تولىمۇ قايىل قىلدى.

      ھازىر كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيىسى كۆتۈرىلىۋاتىدۇ. ئورگانىك يېمەكلىكلەرنى تېپىش ھەم ئىستېمال قىلىش ئانچە قىيىن مەسىلىمۇ ئەمەس. ئورگانىك يېمەكلىكلەرنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۇشى بىلەن يېزىلىرىمىزدىكى كەڭ دېھقانلار ياخشى ئىقتىسادىي مەنبەگە ئېرىشىدۇ. بۇ ئىككى تەرەپلىك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ياخشى ئايلىنىش.

      ھەر بىرىمىز تۇرمۇشىمىزنىڭ ساپ بولۇشى ، يۇرەك پارىلىرىمىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۇچۇن ئورگانىك يېمەكلىكلەرنى قايتا تېپىۋالايلى. "ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇيدىغان" قىسمەتكە قېلىشتىن ساقلىنايلى.

    تۇپراق ئۈنسىز خىتاپ قىلماقتا: سۆيۈملۈك پەرزەنتلەر ،سىلەر يىراقلارغا ئۇزۇتۇپ قويغان ۋاپا،كۈيۈمچانلىق،ئادەم ئاتىدىكى ئۇلۇغلۇق،ھاۋا ئانىدىكى لاتاپەت سىلەرنى سېغىنماقتا، پىروبېركىدا يېتىشتۈرۈلگەن قوزىلار ئانىسىنى ئېمىش ئۈچۈن ئەمچەك ئىزدىمەكتە، ئويغۇنايلى! ئاتوم توزانلىرىدا ئېرىپ كېتۋاتقان ھاياتلىق شامىنى، ياپراقلىرى سارغىيىۋاتقان ۋە سارغايغان مۇھەببەت دەرىخىنى ، ئەتراپىمىزدىكى بارغانسېرى تارىيۋاتقان يېشىللىقنى، كۆزلىرى مۆلدۈرلەپ تۇرغان، ھالاكەت لېۋىگە يېقىنلاپ كېلۋاتقان ھايۋانلىرىمىزنى، ساقايماس كېسەل، ئىللەتلەر چىرماپ ياتقان ۋۇجۇدىمىزغا ئىلگىركى ساپ،تەبئىي رۇخسارىمىزنى قايتۇرۋالايلى! بەرىكەت گۈللىرى قايتا پۇرەكلىسۇن!

     

    نەرقىمىز ۋە پەرقىمىز

     

    «ئېشەككە مۇراببا بەرسەڭمۇ ئېشەكتۇر ئېشەك،كېسەككە ئالتۇن يالاتساڭ كېسەكتۇر كېسەك.» پەقەت تىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا بىز بۇ سادىق جانىۋارنى خالىغانچە ھاقارەتلىيەلەيمىز.پەقەت تىلى بولمىغانلىق ئۈچۈنلا ئۇلارغا قانۇن تۈزۈپ بەرمىدۇق.سۈت بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا كالىنى دۆتلەرنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇق.ئىنسان بالىلىرىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىتى ئاسىيلارنىڭ ئەزىز ، مۆئىمىنلەرنىڭ خارۇ-زارلىقى بىلەن خۇلاسىلەندى.ئىنسانغا خۇشامەت قىلىشنى بىلگەنلىكى ئۈچۈنلا شاتۇتى ئىگىز قونداققا چىقالىدى.ھەيرانمەن،قەدىرلىك ئەقىدىنىڭ خەسە ئورنىدا ئەۋرەز كۆلچەكلىرىدە سۇنايلىنىپ ياتقىنىغا! كۈنسېرى ئىگىزلىگەن بىنالار ئارىسىدىن چەكسىز غېرىبلىقنىڭ قوللىرى سوزۇلۇپ تۇراتتى.مەئىشەت قاينىغان كىچىككىنە دۇنيانىڭ ھەر بىر خىلۋەتلىرىدە تۈرلۈك كارتىنا ،تۈرلۈك رەڭ....چىرايلىق كىيىملەر ئىچىدە سوقۇپ تۇرغان،مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغان قانلىق يۈرەكلەر دەرۋەقەبىز ئۈچۈن چۈش ئەمەس.بۇزۇلغان ئېكولوگىيىلىك مۇھىت،ئەلەملىك نالە پەرياتلارنى ئەمەلىيەتتە ئىت-مۈشۈكلەر ئەمەس،بەلكى ئاشۇ
    «مەدەنىيەتلىك» ئىنسانلار كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.ماقال-تەمسىللىرىمىزدىكى«ئىت ۋاپا،خوتۇن جاپا»،«ئادەم بالىسىنى باقساڭ ئاغزى-بۇرنۇڭنى قان ئېتەر،ھايۋان بالىسىنى باقساڭ ئاغزى بۇرنۇڭنى ماي ئېتەر» .....دېگەن ھېكمەتلەر بىزنىڭ ساداقەت بابىدا ئىتچىلىكمۇ بولالمىغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇرىدۇ.ئەتراپىمىزغا دېققەت قىلساق،بىز قوغلاندى قىلىۋەتكەن،خارلاۋاتقان قۇشلار،ئىت-مۈشۈكلەر بىزگە ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ.توشقان ئۆز ئۇۋىسى ئەتراپىدىكى چۆپنى يېمەيدۇ.ئېشەك جېنىدا بىر قېتىم پۇتى كىرگەن ئورەككە قايتا دەسسىمەيدۇ.قارلىغاچ بىر ئۇۋا سالغان ئۆيدىن ئىككىنچىلەپ تەزمەيدۇ.بىر تال قۇرت تاپسىمۇ جۈپتى بىلەن تەڭ يەيدۇ.بۇ بىزدىكى«تۇزىنى يەپ تۇزلۇقنى چاقىدىغان» ئايرىم كىشىلەر بىلەن روشەن سېلىشتۇرما.«خام سۈت ئەمگەن» ئىنسان بالىلىرى كەينى -كەينىدىن خاتالىقلارغا يول قويماقتا.ئادەم ئاتىدىن باشلانغان ئازغۇنلۇق ئىنسان ئۆزىنى ئەقىل بابىدا تاكامۇللۇق تاجىغا مۇناسىپ كۆرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ تەكرارلانماقتا.خىيانەتكار زاماندا تۇغۇلغان پەرزەنتلەرنىڭ ئەپتىگە قاراپ باقايلى.تىلى چىقا -چىقمايلا ئاتا-ئانىسىنى قانداق بابلاشنى بىلىدۇ.باشقىلارنىڭ قولىدىكى ناننى قانداق تارتىۋېلىشنى بىلىدۇ.نەسلىك قۇتراپ تۇرغان ۋۇجۇدىمىزدىن تامغان بۇ نارەسىدىلەرنىڭ ئەتىكى تەقدىرى بىزئۈچۈن تېپىشماق.ئۆزىنى يارالمىشىدىن شەھەرلىك سانايدىغان ئايرىم كىشىلىرىمىز مىللىتىمىزنىڭ جان تومۇرىنى تەشكىل قىلغان،تېنىدىن ئانا تۇپراقنىڭ ھېدى كېلىپ تۇرىدىغان ئاشۇ دېھقانلىرىمىزنى كۆرسەك «تومپايلار» دەپ بۇرنىمىزنى تۇتىمىز.سېمونت ھېدى،سۈنئىي بېزەكلەر بىلەن قورشالغان خانىمىزگە مۇبارەك قەدىمىنى ئەيمىنىپ تۇرۇپ باسقىنىدا چىرايىمىز پۈرۈشىدۇ.ۋاپا ھەققىدە سۆز ئېچىلسا كۆپىنچىمىز قۇرتلاپ كەتكەن ۋىجدانىمىزنى پەش قىلىپ سۆزلەيمىز.«ئانا»دەپ سەھنىلەردە ،دىلبۇزۇرلاردا چىشلىرىمىز كىرىشىپ قالغۇدەك سۆزلىدۇق.ناخشا ئېيتتۇق.ئاشۇ ناخشىچىلىرىمىزدىن بىرەرسى بېرىپ جاپاكەش ئانىسىنىڭ قولىدىن ئوغاقنى ئېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرمىدى.كاستيۇم -بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيىپ تىلىمىز بىلەن دىلىمىز بىرلەشمىگەن ھالدا ئېيتقان ناخشىلىرىمىزنىڭ ئەبجەش مىسرالىرى ئارىسىدا كۆيۈمچان ئانىلىرىمىزنىڭ مىسكىن ۋۇجۇدى خىرەلىشىپ كەتتى.قۇمۇلدا ئۆتكەن  شامەخسۇت ۋاڭ ئۆلگەندە كىشىلەرنى«ھايۋانلارمۇ ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە نالە قىلىۋاتىدۇ .»دېگەن تەسىراتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوتىلاق ئانىسىدىن،قوزا قويدىن،موزاي ئىنەكتىن ئايرىۋېتىلىپ «ھازا تۇتقۇزۇلغان»ئىكەن.مۈشۈك ئىتنىڭ ئۆتۈكىنى تىكىپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈنلا قېچىپ يۈرەرمىش.پۇلى بولمىسىمۇ گۆشكە خۇمارى بار بۇ جانۋارمۇ ئاقىۋەت بىزنىڭ تۇخۇمنى دەپ مىكىياننى ئۆلتۈرىدىغان كالتە پەملىكىمىز تۈپەيلى قىرىلىپ تۈگەيلا دېدى.مەن نەچچە يىل بۇرۇن خوشنا ۋىلايەتكە ئوغرىلىنىپ كېتىپ ئاخىرى ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئۆينى ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ تاپقان،ھەم بوسۇغا تۈۋىدە ئۆلۈپ قالغان مۈشۈكىمىزچىلىك ئەقىدىسى،ئىرادىسى بار ئادەملەرنى كەمدىنكەم ئۇچراتتىم. «چۆجىنىڭ شۇملۇقىدىن ئانىسىنىڭ ئەمچىكى يوق» دېيىشىمىز.ئاشۇ غەلۋىچى مىكىيان جېنىدا پوق يېسىمۇ تۇخۇم بېرىدۇ.7-8چۈجىنى ئەقىدە بىلەن بېقىپ قاتارغا قوشالايدۇ.بىزنىڭ قىسمەن ئانىلىرىمىز بىر بالىغىمۇ مېھرىنى يەتكۈزەلمەي كىچىككىنە پەرزەنتىنىڭ سەبىي قەلبىنى جۇت ھۇۋلاپ تۇرغان قارا جاڭگالغا ئايلاندۇرۇپ قويماقتا.بىز پەس كۆرگەن چوشقىنىڭ تېرىسىدىن پايدىلانغىلى ،تۈكىدىن چوتكا ياسىغىلى بولىدۇ.بىراق،ھۇشى بىلەن ياشىيالمايۋاتقان،كاللىسىنى پۇتىغا يۈك قىلىۋالغان بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ تۈكى بىلەن تېرىسىنى نېمىگە ئىشلەتكىلى بولار؟!دەرھەقىقەت،خۇددى ئەختەم ئۆمەر ئېيتقاندەك ئۆز ئېغىلىنى تاپالمايدىغان پىشانىسى شور قوي گۆشىنى تولا يېگەنلىكىمىز سەۋەبىدىنمۇ ئەيتاۋۇر كاللا قېيىپ،تىلىمىز بىلەن دىلىمىزغا ئىگە بولالمايدىغان ھالغا چۈشتۇق.ئېيتىلىشىچە،بۆرە تەگكەن قوتاندىكى قويلارغا كېسەل تەگمەيدىكەن.بىزنىڭ «قوتان»لىرىمىزغىمۇ «بۆرە»تېگىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدىمۇ-قانداق؟

     

    ئۆچكە گۆشىدىن شاخلىغان خىياللار

     

     

    قوي گۆشى ئالىمەن دەپ بېرىپ 3-قېتىمدىمۇ ئۆچكە گۆشى ئېلىۋالغاندىن كېيىن قاتتىق ئەپسۇسلاندىم.ھېلىقى قاسساپ گۆشنى «يەرلىك قوينىڭ گۆشى،ئوغۇل بالىمەن.ئىشەنمىسىڭىز قايتۇرۇپ كېلىڭ.» دەپ پو ئاتقانىدى.نېمە ئامال؟ ئۆزۈمنىڭ گالۋاڭلىقىمدىن ،«ئوغۇل بالا » قاسساپنىڭ ئەقىللىقلىقىگە تەن بەردىم.تېخى بەزى تىجارەتچىلەر «شۇ بويۇڭ بىلەن باھا تالىشامسەن؟» دەيدىكەن،خۇددى بويى ئىگىز ئادەم مىليونېر بولىدىغاندەك. ساددىلىق بولغاچقا قويمىچىلىققا،سەدىقە بولغاچقا تىلەمچىلىككە يول ئېچىلغان.ئادەم بۇرنىغا سۇ كىرگەندىن كېيىن ئاندىن ئىككىنچى قەدىمىنى ئاۋايلاپ باسىدىكەن.ئاۋايلاپ يۈرۈپ يەنە ئويلىمىغان «تىكەن» لەرگە دۇچ كېلىدىكەن.دۇنيادا زىيان تارتىشنى خالايدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىسا كېرەك.زىيان ئاچچىق،شۇنداق بولغاچقا بار دەسمايىسىغا ﻻتارىيەبېلىتى سېتىۋېلىپ ھېچنىمە چىقمىغان بىرەيلەن بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋاپتۇ.ئەكسىچە،يەنە بىرەيلەنگە مىليون يۈئەنلىك مۇكاپات چىقىپتىكەن ئېلىشىپ قاپتۇ.شۇنىڭدىن قارىغاندا زىيادە خۇشاللىقمۇ ئادەمگە ياراشمايدىغان ئوخشايدۇ.پۇلنى دەپ دېڭىزغا ئۆزىنى تاشلىغانلار بىزدە خېلى كۆپ بولدى.بەزىلىرى گاھ لەيلەپ گاھ چۆكۈپ ئاز تولا «بېلىق» تۇتقان بولسىمۇ بەزىلىرى بىرەر تال پاخالغىمۇ ئېرىشەلمەي يەنىلا لەيلەپ يۈرىۋاتىدۇ.«چۆچەكتە چاي ئىچسە تۈۋى كۆرۈنەر،پۇلى يوق ئەر خوتۇنىغا جىن كۆرۈنەر.» دېگەندەك ھېچكىمنىڭ ئايالىغا جىن كۆرۈنۈپ قالغۇسى كەلمەيدۇ-دە ! پۇل دېگەن يىگىتنىڭ غۇرۇرى ھەم سۆلىتى.بىراق،پۇلدىن ئىبارەت بۇ نەرسىگە قانچە ھېرىسمەن بولغانسېرى شۇنچە قاچىدىكەن.بەزىلەر ھېچقانچە كۈچىمىسىمۇ پۇل خازاندەك ئۇچۇپ كىرىۋېرىدىكەن.بەزىدە تېخى كاللىسى ئانچە ئىشلەپ كەتمەيدۇ،دېگەنلەرگە قارىسىڭىز مىليونېر.بەزى «ئەقىللىق يىشىيۇ» لار قورساق ھەلەكچىلىكىدە ئۆتىۋاتىدۇ.جاھان شۇنداق ئىكەن.پۇل ئەسلى پاكىز نەرسە ئىدى.پاسكىنا قول ئۇنى تۇتقاندىن كېيىن كىرلىشىدىكەن.ئادەملەر ئۆزىنىڭ قولى كىرلىشىپ كەتكىنىنى ئويلىماي پۇل پاسكىنا نەرسە،دېيىشىدۇ.نامراتلارغا،مېيىپلارغا،يىتىم -يىسىرلارغا ياردەم قىلىنغان،مەكتەپ سالغان پۇللارنى كىم پاسكىنا دېيەلەيدۇ؟ پۇل ھەممىگە زۆرۈر.يېسىۋېلىكىنى ئېشەك ھارۋىسىغا بېسىپ بازار باشقۇرغۇچىلاردىن قېچىپ پارتىزانچە سېتىپ يۈرگەن،بالىلىرىغا قىشلىق كىيىمنىڭ غېمىنى قىلىۋاتقان دېھقانغا پۇل كېرەك.دەز كەتكەن تېمىغا تىرەك قويۇلغان ئۆيىدە قىسىنىپ ،خۇدۇكسىرەپ ئولتۇرغان تۇل خوتۇنغا ھەم پۇل كېرەك.ساختا ماللىرى بىلەن قويمىچىلىق قىلىۋاتقان،ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىكلەرنى چىرايلىق ئوراپ باشقىلارنى زەھەرلەۋاتقان قىزىلكۆزلەرگىمۇ كېرەك ،ئەلۋەتتە.پۇل تېپىش قىيىن .خەجلىمەك تېخىمۇ قىيىن.چۈنكى ئۇنى خەجلەشتىن ئاۋال پىلانلاشقا توغرا كېلىدۇ.يانچۇقىڭىزدا پۇلىڭىز بولسا ئاندىن سىز ئالىي مەكتەپلەرنى،بىنانى،كومپىيۇتېر ۋە چىرايلىق پىكاپلارنى خىيال قىلالايسىز.خىيال بولىدىكەن،ئادەمدە ئۇنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا كۈچەيدىغان ئېنىرگىيە ھاسىل بولىدۇ.ھەممىمىزگە پۇل ھەم ساپ دىل نېسىپ بولسۇن.كېيىنكى قېتىم «ئۆچكە گۆشى» سېتىۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ.

     

    مەدەنىيەتنىڭ ئازابى مىللەتنىڭ ئازابى

     

    بىر ماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە، پارىژلىقلار لوۋېر سارىيىدىكى مونالىزانىڭ رەسىمىنى ئۆزلىرىنىڭ پەخرى دەپ ھېسابلايدىكەن. 1911 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۇنى مۇنالىزانىڭ رەسىمى ئوغرىلىنىپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئاشۇ كۈن فرانسىيىلىكلەرنىڭ ماتەم كۈنى بولۇپ قالغان، 40 مىڭدىن ئارتۇق پارىژلىق كوچىلارغا چىقىپ ئازابلىنىپ يىغلىغان. ئىككى يىل ئوتكەندە بۇ رەسىمنى ساقچىلار مەلۇم ئوغرىلىق گۇرۇھىنىڭ قولىدىن قولغا چۈشۈرگەن. مۇشۇ ئىشنى تەبرىكلەش ئۇچۇن پارىژ شەھەر ئاھالىسى كوچىلارغا چىقىپ ئوزىنىڭ خۇشاللىقىنى ئىپادىلىگەن، شەھەردىكى بارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى

     %  40 چۇشۇرۇپ سېتىلغان. بەلكىم، بۇ جۈملىلەرنى ئوقۇغان چېغىڭىزدا فرانسۇز مىللىتىنىڭ سەنئەتكە، مەدەنىيەتكە بولغان ئاجايىپ چوڭقۇر ھېسسىياتىدىن گۇمانلىنارسىز. لېكىن دەل مۇشۇ خىل سەمىمىي ئازاب ۋە سەمىمىي كۈلكە، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىگە بولغان ئورتاق تىل، ئورتاق سۆيگۈ فرانسۇزلارنى ھازىرغىچە دۇنيانىڭ كۆزىدە ياشنىتىپ كەلدى. دېمەك، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەدەنىيەت ئۇلارنىڭ جېنى ھەم قېنىغا ئايلانغان. بىر پارچە رەسىم بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بىر پارچە قەغەز بولسا باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ مىللەتنىڭ بارلىقى دېمەكتۇر. بىر پارچە تارىخىي ئاسار ـ ئەتىقە ئۇچۇن قان تۆكۈلىدىغان ئىشلار تارىختا كۆپ كۆرۈلگەن.

    جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئاجايىپ ئېسىل سوۋغىلارنى تەقدىم قىلغان، «ئۇيۇشقاق» تىن ئىبارەت چىرايلىق سۇپەت سوزىنى مىللەت نامى قىلىپ قويغان مىللىتىمىزنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىغا نەزەر سالساق، مەدەنىيىتىمىزنىڭ يارىتىش بىلەن ۋەيران بولۇش، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يوقىتىشنىڭ قىسىلچىلىقىدا ئۆز جۇلاسىنى گاھ ئاشكارە قىلىپ، گاھ يوقىتىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئاپئاق غوجىنىڭ لەنەتگەردى دەۋرىدىن باشلاپ مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ ھالاكەتلىك تەقدىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس. بۈيۈك بىرىتانىيە، بېرلىن موزىيلىرىدا ئاشۇ ئەللەر ئۇچۇن ھېسابسىز ئىقتىسادىي قىممەت ۋە ئىجتىمائىي قىممەت يارىتىپ بېرىۋاتقان، ئەپسۇس، ئۆزلىرىنىڭ ھالال ئىگىسى بولمىش خەلقىمىزگە ناتونۇش بولغان قەدىمىي پۇتۇك، ئەتىقىلەر، تام رەسىملىرى، لېكوك، ستەيىن قاتارلىق مەدەنىيەت ئوغرىلىرىنىڭ يېنىنى توم قىلغان، قانچىلىغان قېچىر، تۆگىلەرگە ئارتىلىپ يات ئەللەردە مۇساپىر بولغان ئۇيغۇر مەتبەئەچىلىكىنىڭ ناماياندە ئۇلگىلىرى نېمىنى چۈشەندۇرىدۇ؟ ئىنساننىڭ قەلبى كور بولسا ئۆزىنىڭ ھالاكەت دۇمبىقىنى ئۆزى چالىدۇ. ئالىم ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ كىتابىغا قىستۇرما قىلىنغان سۈرەتلەردىكى ستەيىن، لېكوكلارغا يولباشچى بولغان، مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ كولىنىپ، بۇلىنىپ ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىغا ھاماقەتلەرچە قاراپ تۇرغان زەئىپ، قۇللارچە قىياپەتتىكى كىشىلەر دەل ئاشۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ ياراتقۇچىلىرى ئەمەسمىدى؟! _تارىختىكى بىر قانچە قېتىملىق مەدەنىيەت يوقىتىشلار، بولۇپمۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دېگەن چىرايلىق قالپىقى بار مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىش ئىنقىلابى مىللەتنىڭ مىللىي روھىغا يىلىك ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان ئاخىرقى بىر تۈركۈم مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى ھالاكەتكە دۇچار قىلدى. كەينىدىنلا پۇل دېسە ئېشەككە ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشتىن يانمايدىغان نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ جېنىغا جان قوشۇپ ئوتكەن ئېسىل ئاسارە ـ ئەتىقىلەرنى ئەسكى ـ تۈسكى باھاسىدا سېتىشقا باشلىدى. بەزىلەر ھەتتا قەلب كۆزىنى نەپسانىيەتچىلىك توسۇۋالغانلىقتىن ئالتۇن بۇيۇملارنى بىلمەي مىس ئورنىدا ساتتى، ھازىرمۇ بىر قىسىم جايلاردا سېتىلماقتا. نۇرغۇن گۆرلەر كولىۋېتىلدى، كېپەنلەر ئوغرىلاندى، ئاخىرى نېمىگە ئېرىشتۇق؟ ھاراققا زاكۇسكا قىلغۇدەك ئازغىنە پۇل ۋە باشقىلارنىڭ مەسخىرىلىك تىكىلىشىدىن باشقا ھېچنېمىگە... نوۋەتتىكى ئەھۋال ھېلىھەم شۇنداق. بالىلىرىنى سېسىق سۇ قاچىلانغان خەلق باغچىسىدىكى ئەخلەتلەرنى تاماشا قىلدۇرىدىغانلار كۆپكى، موزېي ياكى كۇتۇپخانىلارنى كۆرسىتىدىغانلار يوق. مەدەنىيەتكە ئېتىبارسىزلىق يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئومۇملىشىۋاتقان شارائىتتا كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى دەپ ئۇمىد كۇتۇۋاتقان پەرزەنتلەرنىڭ تارىختىن، مەدەنىيىتىمىزدىن خەۋەرسىز قېلىشى يەنە بىر قېتىملىق مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىكىگە ئېلىپ بارىدۇ. ھازىرقى مەدەنىيەت ئاتالغۇسىدا داۋاملىشىۋاتقان پائالىيەتلەردىكى مىللىي پۇراقنىڭ سۇسلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن ئۇمىدسىزلەندۇرىدۇ. دۇنيادا يىلىغا مۇنچە تۈرلۈك نەسىل يوقاپ كېتىۋاتقاندەك، بىزدىمۇ نۇرغۇن مەدەنىيەت دۇردانىلىرى يوقاپ كېتىش گىردابىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ناۋادا ھەر بىرىمىزدە فرانسۇزلاردىكىدەك دەرىجىدە بولمىسىمۇ، مەدەنىيەتنى سۆيۈش، قەدىرلەش، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئويغانغان بولسا ئۈمىد كۈتكۈدەك ئەۋلادى، پەخىرلەنگۇدەك ئەجدادى بار قەۋم سۇپىتىدە نامىمىز دەۋرلەردىن دەۋرلەرگىچە ئۇلاشقان بولاتتى.

     

    «مۈشۈكنىڭ بوينىغا قوڭغۇراق ئېسىش» ھەققىدە

                                            
    كۆپ يىللار ئىلگىرى «مۈشۈكنىڭ بوينىغا قوڭغۇراق ئېسىش» ناملىق بىر مەسەلنى ئوقۇغۇنۇم يادىمدا. مەسەلدە بىر توپ چاشقاننىڭ دائىم مۈشۈكنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكتىن سەۋر قاچىسى توشۇپ، مۇشۇكنىڭ ئەدىپىنى بېرىش توغرىلىق چوڭ يىغىن ئاچقانلىقى يېزىلىدۇ. يىغىندا بىر دانىشمەن چاشقان مۈشۈكنىڭ بوينىغا قوڭغۇراق ئېسىپ قويسا مۈشۈك كەلگەن ھامان قوڭغۇراق جىرىڭلاپ، چاشقانلارنىڭ خەۋپتىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بۇ پىكىر ھەممە چاشقاننىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. ئەمما، ئارىدا بىر چاشقان قوڭغۇراقنى مۈشۈكنىڭ بوينىغا كىم ئاسىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەنلا ھەممە چاشقاننىڭ دېمى ئىچىگە چۇشۇپ كېتىدۇ. بۇ گەرچە بىر مەسەلدەك قىلسىمۇ، بۇ خىلدىكى ئىشلارنى ئەتراپىمىزدا يوق ئېيتالامسىز؟ ساختا ماللار ئەدەپ كېتىش بىلەن تەڭ، ساختا ماللارنى يوقىتىش شۇئارى جاھاننى قاپلىدى. شۇئار ھەرقانچە دەبدەبىلىك بولسىمۇ ھەرىكەتكە ئايلىنالمىغانلىقى سەۋەبلىك، ساختىلىقنىڭ ھازىرغىچە بازىرى چىقىۋاتىدۇ. ساختا دوكلات، ساختامال ھەتتا ساختا ۋەدە قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرغاچقا، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئىشەنچ، ساداقەت نۇرى سۇسلىشىپ، بىر ـ بىرىگە ئىشەنمەيدىغان ھالەت شەكىللىنىشكە باشلىدى. بىر قانچە يىل ئىلگىرى تويغا كېچىكىش، تويلارنى ھەشىمەتلىك ئوتكۇزۇش مەسىلىلىرىنى چورىدىگەن غۇلغۇلىلار بولدى، لېكىن قۇرۇق غۇلغۇلا ئەقىدە بىلەن بىرلەشمىگەنلىكتىن، يۇقىرىقى مەسىلىلەردە ماھىيەتلىك ئوزگىرىش بولغىنى يوق. يېقىندىن بۇيان ھەشىمەتچىلىكنىڭ يېڭى دەسمايىلىرى كەينى ـ كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىقتىسادتىن ئىبارەت مىللەت مەۋجۇدلۇقى ئۇچۇن كېرەكلىك يىلىك خوراپ بارماقتا. مىللىتىمىزدە ئوغۇل پەرزەنت يەتتىگە كىرگەندە رەسىم ـ قائىدە بويىچە ئاددىيلا نەزر بېرىلىپ كەلگەن خەتنە تويلارنىڭ ھازىر قىز ـ يېگىت تويىدىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە ئۆتكۇزۇلىۋاتقانلىقى بىر پاكىت. قارىسىڭىز پەرزەنت سۇلياۋ گۈللەرنى قۇچاقلاپ، ياسىداق كىيىملەر بىلەن شۇمشىيىپ ، بولۇۋاتقان رەسۋاچىلىق بىلەن ھەشىمەتخورلۇققا كۆزىنى چىمچىقلىتىپ تۇرىدۇ. ئاتا ـ ئانىدىن ئىبارەت «قارىمۇق» لار پەرزەنتىدىن ئىبارەت «بۇغداي» نىڭ باھانىسىدا راۋرۇس بىر قېتىم ئويۇنغا، كىيىمگە، پۇل خەجلەش مۇسابقىسىگە قېنىۋالغىنىغا خۇش. پەرزەنتنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن مەبلەغ سېلىشقا تېگىشلىك ئىقتىساد شۇنداق مەنىسىز بىر ئاخشام ئۇچۇن خازاندەك توزۇپ كېتىدۇ. ھازىرمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن «ھەشىمەتخور بولۇپ كەتتۇق، قەرز ئاۋۇپ كەتتى» دېگەن ئىبارىلەر ئۇزۇلمەي تورۇكلاپ چۈشىدۇ ـ يۇ، يۇقىرىقى ھالەت قىلچە ئۆزگەرمىدى. بىز يەنە ۋىجدانى ئويغاق قىسمەن كىشىلەرنىڭ خەتنە تويغا تەييارلىغان پۇللىرىنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ ئەتكىنىنىمۇ ئاڭلاپ تۇردۇق. كىمدۇر بىرى «بىر ئادەم ئىش ـ ھەرىكەتتە ئەتراپىدىكى 3 ئادەمگە تەسىر كۆرسىتەلمىسە، مەۋجۇدلۇقىدىن سۆز ئاچمىسۇن» دېگەن ئىكەن. بىر ئادەم جەمئىيەتنى ئۆزگەرتەلمەسلىكى مۈمكىن. لېكىن ئۆزىنى ھەم ئائىلىسىنى ئۆزگەرتىش قولىدىن كېلىدۇ. ساختىلىق، ھەشىمەتچىلىكتىن ئىبارەت بۇ «مۈشۈك» نىڭ بوينىغا كىم «قوڭغۇراق» ئاسالايدۇ؟ «قوڭغۇراق» نىڭ ئېسىلمىغانلىقى بىھۇدە قۇربان بېرىشنىڭ داۋاملىشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. تۇرمۇشتا بىراۋنىڭ ھاي دېمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئومۇملىشىۋاتقان غەيرى ئادەتلەر ساماندەك تولا. ئۆز ئەتراپىدىكى ناتوغرا كەيپىيات، قىلمىشلارغا نىسبەتەن ئاغزىدا بولمىسىمۇ، دىلىدا نەپرەت ئويغانمىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشى بىر قەۋمنىڭ ھالاكىتىنى تېزلىتىدۇ. ئەگەر ھەممە غەيرى ئادەت، ساختىلىق ئىللەتلىرى ئاۋام تەرىپىدىن رەت قىلىنماي سۇكۇت ھالىتىدە قوبۇل قىلىنىۋەرسە، «مۈشۈكنىڭ بوينىغا قوڭغۇراق ئېسىش» مەڭگۇ مەسەل ھالىتىدە ئەۋلادمۇ ـ ئەۋلاد ئېيتىلىۋېرىدۇ.

     
     


    « بايرام كەلكۈنلىرى»دە...

     

    رېستۇراندا ئىشلەيدىغان بىر تونۇشۇم: ـ خېرىدارلار ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن رېستۇران تىزىملىتىشقا باشلىدى. ئۇلار بالدۇرراق تىزىملاتمىسا ئايرىم خانىلەر قالمايدۇ، دېگەن چېغىدا بىر قىسىم تەبرىكلەش ئادەتلىرىمىزنىڭ ئاللىقاچان چاكىنىلىق دەرىجىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم. ئاڭلىشىمچە، ئاياللار بايرىمى، يېڭى يىل مەزگىللىرىدە نۇرغۇن كىشىلەر بوش ئورۇن بولمىغانلىقتىن، شەھەر چېتىدىكى ئاشخانىلارغا يۇرۇش قىلغان، بىر قىسىم دېھقانلار يېڭى يىلنى شەھەردىكى رېستۇرانلاردا ئۆتكۈزۈش ئۇچۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ كېتىشكەن. ۋاھالەنكى بۇ بايراملاردا ئۆزگە مىللەتلەردىن بىرەرسىنىڭمۇ رېستۇراندا داغۋازلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەمدىلا تويۇنۇشقا باشلىۋىدۇق، ئەركىلىكىمىزمۇ چىققىلى تۇردى. ھېلىمۇ كالىندارنىڭ ھەممىلا بېتىدە بىرەر ئىككىدىن بايرام بار ئىكەن. بولمىسا ئىچى پۇشۇشتىن ئېلىشىپ قالىدىغان ئادەملىرىمىزمۇ چىقار بولغىيتتىمىكىن، دەيمەن. رېستۇرانلار شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتىدۇ، مايلاشقان، غەيۋەت ـ سۇخەن تۇرۇكلاپ چۇشۇۋاتقان ئېغىزلاردىن بىرمۇ ئىلمىي مۇلاھىزىنى كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس .بىزدەك ماددىي جەھەتتە ئەمدىلا تويۇنۇشقا باشلىغان ،مەنىۋىيىتىدىكى ئاچلىق بولسا كۈنسېرى ئاشكارىلىنىپ قېلىۋاتقان بىر قەۋم ئۈچۈن يەپ ئىچىشكە ،داغۋازلىققا باھانە قىلىۋېلىنغان «ئەھمىيەتلىك كۈن » يلغۇز يېڭى يىللا بولمىسا كېرەك.«8- مارت»،«تۇغۇلغان كۈن»،«4-ماي»،«ئاشىق- مەشۇقلار بايرىمى» (مىللىتىمىزدە ئەزەلدىن مۇنداق بايرام بولغان ئەمەس.) ئۆستۈرۈلۈش چېيى ھەتتا خىرىستىيان مۇرىتلىرىنىڭ روژدېستوۋا بايرىمىمۇ بىز ئۈچۈن ئوخشاشلا خىزمەت قىلىۋېرىدىغان بولۇپ قالدى.يەپ-ئىچىشكە باھانىمىزنىڭ كۆپلىكىدىن چاغانلارنىمۇ تەبرىكلەپ كۈلكىگە قېلىشقا ئازلا قېلىۋاتىمىز. شۇ سەۋەبلىك بىرەر ئىش قىلىشقا ئۆزگىلەر مىنۇتنى بىرلىك قىلسا بىز كۈن، ھەپتىلەرنى بىرلىك قىلىمىز. ۋاقتىمىزنىڭ «كۆپلىكى» دىن دوقمۇش ـ دوقمۇشلىرىمىز قۇرۇق پاراڭ بىلەن ئاۋۇپ تۇرىدۇ.مىللەت ئۇچۇن، ئەۋلادلىرىمىز ئۇچۇن سەرپ قىلىشقا تېگىشلىك پۇللار قولىمىزدىن بىر ئاخشاملىق ھاياجان بىلەن توزۇپ كېتىدۇ.بايراملارنى تەبرىكلەش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. لېكىن تەبرىكلەۋاتقان بايرىمىمىزنىڭ مەنىسىنى، قىممىتىنى دەڭسەپ كۆرۈشىنىمۇ بىلىشىمىز كېرەك.

    يېڭى يىلنى ئېيتساق، ئالدى بىلەن ئالدىنقى بىر يىلدا نېمە ئىشلارنى قىلالىدۇق؟ ئاياللار بايرىمىدا بولسا ئاياللار «مەن يولدىشىم ۋە ئائىلەم ئالدىدا ئاياللىق، ئانىلىق قىممىتىمنى نامايان قىلالىدىممۇ ـ يوق؟» دېگەندەك سۇئاللارنى قويۇپ بېقىپ ئۆكۇنۇشكە تېگىشلىك بولسا ئۆكۈنسۇن.تەبرىكلەشكە تېگىشلىكىنى تەبرىكلەيلى. باشقىلارغا داملاش ئۇچۇن رېستۇرانلارغا بارمىساقمۇ، ئائىلىمىزدە ئىللىق كەيپىيات ئىچىدە ئولتۇرۇپ تەبرىكلەشكە بولىدۇ. مەن باشقا مىللەتتىن بولغان خىزمەتداشلارنىڭ رېستۇرانلارغا بىزدەك قاترىغىنىنى كۆرمىدىم، ئۇلار خاتىرە كۇنلىرىنى ئىقتىسادچىل، ئىلمىي كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزىدىكەن. شۇڭا ئۆي سېتىۋالغاندا سارغىيىپ تۇرماي كاللەكلەپ پۇللارنى تاپشۇرالايدىكەن، قەرز دەپ بانكىغا ھال ئېيتمايدىكەن، بىزدىچۇ؟ كىيىم ئېسىل بولغىنى بىلەن تېگى ـ تەكتىمىزدىن مۇھتاجلىق تۆكۇلۇپ تۇرىدۇ. پۇل خەجلەشكە كەلگەندە «6 كۇنلۇك ئالەمدە ئوينىۋالغىنىمىز قالىدۇ» دەيمىز، كەلگۇسىگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىزنىڭ سۇسلىقىدىن پاراڭلىرىمىزمۇ قورساقنىڭ نېرىسىغا ئوتمەيدۇ؛ باتۇر روزى ئېيتقاندەك «3 ۋاقلىق تاماق يەپ تەرەت قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان» ئادەملىرىمىز كۆپەيگەنسېرى ئىستىقبالىمىزنى خىرەلەشتۇرىدىغان مانان شۇنچە كۆپىيىدۇ. خۇلاسە كالام، ماڭقۇرتلارچە تەبرىكلەۋاتقان بايراملىرىمىزنىڭ قىممىتى بولسۇن. قېرىغىنىمىزدا ئۆتكەن ئۆمرىمىزنى ئەسلەپ بىرەر ئەھمىيەتلىك خاتىرىنى تاپالمايدىغان قىسمەتكە قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەيلى!

    «يېڭى يىل قوڭغۇرىقى چېلىنىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا ھەممىلا نەرسىنى مەنىسى ،ئەھمىيىتى بىلەن قەدىرلەيدىغان ھەم قەدىرلەشنى بىلىدىغان چەتئەللىكلەر بىر يىللىق ھاياتىدىن خۇلاسە چىقىرىۋاتامدىغاندۇ ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپ بەخت پەيزىنى سۈرىۋاتقانمىدۇ؟»دەپ سوراپ قالدى ھاراقنىڭ تەسىرىدە قېنى ماگما بولۇپ ئېقىۋاتقان بىر يىگىت.

    ئەتراپتىكىلەر شالىنى چېچىشقا باشلىدى؛

    «يېڭى يىل ئۆتكۈزۈشنى بىلەمتى چەتئەللىك دېگەن؟ بىر ئۇلاردەك قورۇنۇپ ،قىسىنىپ يەپ ،بۇلۇڭ -پۇچقاقلاردا تۆۋەن ئاۋازدا گەپلىشىپ ،تۆۋەن گىرادۇسلۇق ھاراق ئىچىپ يۈرسەك ئىچىمىز سىقىلىپ پارتىلاپ كېتىمىز."ھاراق زورى بىلەن،تاماق ھورى بىلەن" دېگەن گەپ بار بىزدە.شۇڭا بىز ئوينايمىز.بىزدە ۋاقىت دېگەن كەڭتاشا .ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا....»قارىغاندا ،ئۇلار ھايات ھەققىدىكى خۇلاسىنى ئالدىرىماي چىقارماقچىدەك قىلاتتى.

    بىر يل ئۆتۈپ كەتتى.بىزدە بىر ئۆمۈرلۈك ،ئەدناسى بىر يىللىق ئۆمرىدىن خۇلاسە چىقارغان،ئۆكۈنۈشكە تېگىشلىككە ئۆكۈنۈپ،شادلىنىشقا تېگىشلىككە چىن يۈرىكىدىن شادلىنالىغان ئادەم قانچىلىكتۇ؟رېستۇرنلارنىڭ ئايرىم خانىلىرىدىن ئاڭلىنىۋاتقان قىقاس -كۈلكىلەرنىڭ قانچىلىكى يۈرەكنىڭ چوڭقۇرىدىن ئېتىلىپ چىققاندۇ؟

    سائەت دەل نۆلگە داڭ ئۇردى.بىراق دەل مۇشۇ پەيتتە رېستۇراندا ھاراق -تاماكىنىڭ تەسىرىدە كاللىسى گاراڭلاشمىغان،ئەقىل كۆزى خىرەلەشمىگەن بىرمۇ ئىنسان قالمىغان ئىدى...

    مەنبە : ئوسمانجان زاھىر (مەڭگۈ تاش)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تۇپراق