غايە-ئېيتىقاد ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئەقلىي تەپەككۇر

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-16 07:14:56

غايە-ئېيتىقاد ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئەقلىي تەپەككۇر ئېيتىقاد- كىشىلەرنىڭ مۇئەييەن شەيئى، مەلۇم ئىدىيە-مەسلەك، ئېزىزم، تەشەببۇس، ئىدىيە ئىقىم،ئىدىلوگىيە-پىكىر سېستىمىسى ۋە مۇئەييەن شەي...

    غايە-ئېيتىقاد ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئەقلىي تەپەككۇر


       ئېيتىقاد- كىشىلەرنىڭ مۇئەييەن شەيئى، مەلۇم ئىدىيە-مەسلەك، ئېزىزم، تەشەببۇس، ئىدىيە ئىقىم،ئىدىلوگىيە-پىكىر سېستىمىسى ۋە مۇئەييەن شەيئى ياكى ئۇنىڭ بارلىق تەرەپلىرى ۋە ياكى مۇئەييەن تەرىپىگە (قىسمەن تەرىپىگە) قارىتا چەكسىز ئېشىنىش،تەلپىنىش-ئىنتىلىش،چوقۇنۇش، ھۆرمەتلەش، ئىتائەت قىلىش ۋە شەرتسىز بوي سۇنۇش ئاساسىدا شەكىللەنگەن  تەۋرەنمەس چىن ۋە پاك ئەقىدىنىڭ ئادەم ۋۇجۇدىدىكى ماھىيەتلىك ئىپادىسى ئېيتىقاد دەپ ئاتىلىدۇ.
       ئېتىقاد ئىنساننى مەخلۇقتىن پەرىقلەندۈرۈشتىكى ماھىيەتلىك ھەم تۈپكى بەلگۈلىرىنىڭ بىرى .ئۇ ئىنساننىڭ بارلىق كۈچ قۇردىتىنىڭ قۇۋۋەت مەنبەسى، روھى ئومرۇتقىسى ۋە مەنىۋىي تۈۋرىكى. ئىيىقاد  ئىنساننىڭ ئىجتىمائى خاسلىقى،شۇنداقلا ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى ساماۋىي ئاڭ ۋە غايە. ئادەم ئۇنىڭدىن ئايرىلسا ئىنسانىيلىقتىن ئايرىلغان بولىدۇ.  ئۇنداق ھايات ياشاشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ ھەم كۈچسىز -مەنىسىز بولىدۇ. ئېيتىقاد ئىنساننىڭ مەنىۋىي تۈرۈكى،«ئادىمى بىنا »نىڭ خا- تۈۋرىكى ۋە ئادەمدىن ئىبارەت دەرىجىدىن تاشقىرى  مەخلۇقنىڭ ئۇمرۇتقىسى ھەم يىلىكى، ئادەمنىڭ  ھايات ماياكى كۈچ-قۇدرىتى ھەم ئىنىرگىيىسىنىڭ ئەسلى كىلىش مەنبەسى ۋە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى.
    ئېيتىقاد جەھەتتىكى توغرا تاللاش ۋە ئىدراكى ئاساستا تۇرغۇزۇلغان توغرا ئېيتىقاد كىشى ۋۇجدىنى كۈچ قۇۋۋەتكە تولدۇرۇپ، ئادەمنى پارلاق كىلەچەك ۋە يۈكسەك ئىدىۋىي مەنزىلگە باشلاپ بارسا؛ ئېيتىقاد جەھەتتىكى خاتا تاللاش، ئېيتىقادسىزلىق ياكى خاتا ئېيتىقاد كىشىنى روھى ۋاكوملۇق ۋە مەنىۋىي چۈشكىنلىك، خۈنۈكلىك ۋە ھالاكەتكە باشلاپ بارىدۇ.
    غەيە ئۇ بىر بايراق.يەنى كىشىلەر نىڭ ئۆز ئېيتىقادى ئۈچۈن بەلگۈلىگەن ئىستىراتىگىيەلىك تىرىشىش نىشانى. ئىيتىقاد نىسبەتەن تۇراقلىق غايە بولسا تۇراقسىز-ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە.
       ئادەم نىمىگە ئېيتىقاد قىلىشتىن قەتئى نەزەر ئۆز ئېيتىقادىنى جەزمەن قەدىرلىشى،ئېيتىقادى مۇستەھكەم بولىشى كىرەك. جۈملىدىن كۆڭلىگە بۈيۈكلىك ۋە ئۇلۇغۋار ئىشلارنى پۈككەن،ئىنسانى تاكاممۇللۇققا ئىنتىلگچى ھەرقانداق كىشىدە ئەڭ ئاۋال مۇستەھكەم بولغان تەۋرەنمەس بىر ئېيتىقاد بولىشى كىرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئۇلۇغۋار قۇرۇق گەپتىنلا ئىبارەت، خالاس. غايە-ئېيتىقادنىڭ كىشى ۋۇجدىدىكى مەرەكەزلىك ئىپادىسى. غايە بىلەن ئىيتىقادنىڭ مۇناسىۋىتى جەھەتتە ئېيىتىقاد بىرلەمچى ،غايە ئىككىلەمچى، ئىيتىقاد يىتەكچى غايە بىقىنغۇچى ۋە ئەگەشكۈچىلىك مۇناسىۋەتتە بولۇپ، غايە ئىيتىقاد ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ۋە مۇئەييەن ئېيتىقادنى ئۆزىگە مەنبە ھەم يىتەكچى قىلغان بولىدۇ.يەنى كىشىلەردە ئاۋال مۇئەييەن بىر خىل ئېيتىقاد تۇرغۇزۇلغاندىن كىيىن، ئاندىن شۇ ئېيتىقاد ئۈچۈن كۆرەش قىلىش-تىرىشىشتەك بىر خىل ئۇلۇغۋار ئىستەك ۋە نىشان شەكىللىنىدۇ. دەل مۇشۇ خىل ئىستەك –نىشان ۋە بۈيۈك مەخسەت غايە دەپ ئاتىلىدۇ.
       ئېيتىقادسىز ياكى ئېيتىقادى سۇس-مۇجۈمەل ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ۋىجدانسىز، غۇرۇرسىز، ئىككى يۈزلىمىچى ئادەملەر تىپىدىن بولۇپ، بۇنداق ئادەملەر تولىمۇ قۇرقۇنۇشلۇقۋە خەتەرلىك بولىدۇ. ئېيتىقادسىز ئادەم كۈچسىز-جانسىز، ئەھمىيەتسىز مەنىسىز-زەبۇن ھالدا باشقا تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋاناتلار ياكى دالىدا ئۆسۈۋاتقان بىر تال گىيادەكلا قەدىر-قىممەت ھەم ئاۋۇلۇ نىشانسىز ئۆتىدۇ.  ئادەمدە قانداق ئېيتىقاد بولسا شۇنداق دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قارىشىبولىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش ئەقىدىسى ۋەئۆز ھاياتىدىكى كۆرەش نىشانى ھەم ئىنتىلىشىنى بەلگۈلەيدۇ.  شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بىر ئادەم مۈكەممەل ئادەم بولۇش ئۈچۈن مەيلى نىمىگە ئىشەنسۇن ۋە ئېيتىقاد  قىلسۇن،ھەتتاكى ئۇ بىر تۈپ گىيا چاغلىق نەرسىگە ئېيتىقاد قىلغان تەقدىردىمۇ ئۆز ئېيتىقادىنى جەزمەن قەدىرلىشى ۋە ئۇنىڭدا چىق تۇرىشى، ئۇنىڭغا كۇچلۇق بىر تەلپىنىش ئىنتىلىش روھى بولىشى، ئۆز ئېيتىقادىنى قەدىرلىشى،ئۇنىڭغا ئىدراكى مۇئامىلە قىلىشى، ئۇنىڭغا كەم ئەقىلسىزلىك، ۋاپاسىزلىق، شەخسى ھىسيات ۋە سوبىكتىپ قىزغىنلىق بىلەنلا مۇئامىلە قىلماسلىقى لازىم. ئېيتىقاد سىز لىق ۋە ئېيتىقادى مۇستەھكەم بولماسلىق ئادەم ئۈچۈن  ئوخشاشلا  ھەممىدىن قورقۇنچۇلىق ۋە خەتەرلىك. ئېيتىقادسىز ئادەم ياكى ئېيتىقادى تۆۋەن ئادەم خۇددى چۇشقا قوتىنىدىكى مەخلۇقتىن قىلچە پەرىقلەنمەيدۇ،بۇنداق ئادەملەر خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەككە ،تۇيقۇن سۇغا ئوخشاش جانسىز يىلىكسىز، نىشانسىز ھالدا ئەھمىيەتسىز-مەنىسىز ياشايدۇ،بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھاياتى ئىنتايىن مەنىسىز، تېتىقسىز ئۆتىدۇ. بۇنداقلارنىڭ كاللىسى قۇپ-قۇرۇق ،ئىددىيىسى زەئىپ،روھىيىتى كەمبەغەللىك ۋە قۇرقۇنچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ؛ئۇنداقلارنىڭ دىلى كور، قەلبى قۇل، مەنىۋىيىتى نامراتلىق غۇربەتلىك ئىچىدە  ئۆتىدۇ؛ ئۇنداقلار رەڭدار ۋە مۇرەككەپ،گۈزەللىك ۋە رەزىللىك بىلەن تولغان بۇ دۇنيانىڭ  تۈرلىك سېناقلىرى ئىزىتقۇلىرى ئالدىدا  ئۇتتۇرۇپ قويۇدىۇ ۋە ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇ-دە ،ھاياتى مەغلۇبىيەت ۋە پۇشايمان، ھەسرەت ـ نادامەت ئىچىدە ئۆتىدۇ.
       غايە-ئېيتىقاد كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىنى، ئادىمى مىزانى ۋەتۈپكى خاراكتىرنى بەلگۈلەيدۇ. ئادەمدە قانداق ئېيتىقاد بولسا شۇنداق دۇنيا قاراش، كىشىلىك قاراش ۋە قىممەت قارىشى بولىدۇ.
      ئېيتىقاد كىشىلەرنىڭ بىلىش پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاپ بارىدۇ. ئىنساننىڭ ئىلمى قانچىكى چوڭقۇرلىغانسىرى ئەقلىمۇ شۇنچە ئىچىلىدۇ، ئەقىل ئىچىلغانسىرى دىلى شۇنچە يورۇپ، ئېيتىقادى شۇنچە مۇستەھكەملىنىپ بارىدۇ. ئېيتىقادنىڭ چىڭىشى ئىنسانغا كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلىپ تەپەككۇرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىش پائالىيىتىنىى يەنىمۇ يۇقىرى چەكسىزلىك ۋە يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ، ئادەمنى روھى ئەركىنلىك ۋە قەلىب ھۆرلىكىگە ئېرىشتۈرىدۇ. ھۆر قەلىبلىك كىشىلەرگە باشقىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى ۋە توغرا-خاتا، ھەق-نەھاقنى ئايرىپ، ھۆكۈم قىلىپ بىرىشنىڭمۇ زۆرۈيىتى يوق. چۈنكى ئۇنداق كىشىلەر ئۆزىگە ئۆزىگە ئۆزى قازى ۋە يول باشچى بولالايدۇ.
        ئېيتىقاد بىلەن ئەقىلنىڭ دىيالىكتىكىلىك مۇناسىۋىتى جەھەتتىن قارىغاندا ئەقىل بىرلەمچى ئېيتىقاد ئىككىلەمچى ئورۇندا تۇرىدۇ.  چۈنكى ئېيتىقاد ئەقىلدىن ئايرىلسا خۇراپاتلىق ياكى بىدئەتلىككە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا كىم ۋە نىمىگە ئېيتىقاد قىلىشتىن قەتئى نەزەر ئۆز ئېيتىقادىغا ئىدراكى مۇئامىلە قىلىشى، بولۇپمۇ ئېيتىقاد شەكىللىنىشنىڭ دەسھلاپقى باسقۇچلىرىدا ھەرقانداق نەرسىگە قارىغۇلارچە_ ئەسىبىلەرچە چوقۇنماسلىقى،ئىدراكى تەنقىدى يوسۇندا سېلسىشتۇرما  تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ئەقىل نۇرىنىڭ سېنىغىدىن ئۆتەلىگەندىن، كۈچلۈك ئىملىي ئاساس ۋە ئىدىۋىيلىككە ئىگە، كۈچلۇك قايىل قىلىش ۋە جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىدىۋىي مەسلەك يا تەشەببۇسنى بايقىغاندىن كىيىن ئاندىن ئۆز ئېيتىقادىنى تۇرغۇزىسى،مۇئەييەن ئېيتىقاد شەكىللىنىپ بولغان ھامان ئۇنى چوقۇم قەدىرلىشى، دىلىدا تەستىلاپ، تىلىدا ئىتراپ قىلىپ،ئەمىلىيىتىدە كۆرسىتىشى لازىمدۇر. بۈگۈنكى  دۇنيادا يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى ئۇلارنىڭ زادى نىمىگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە ئېيتىقادىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئەسلا بۈلىپ بولمايدۇ. ئۇلار بىر ئۆمۈر خۇددى لاي سۇنىڭ كۆپۈكىدەك غۇبارسىز تىڭىرقاپ ھەممىگە تەڭ قىززىقىپ شاختىن شاخقا قونۇپ ئۆتۈپ كىتىدۇ. ھەتتا سىز ئۇلارنى ئېيتىقادىنى بىلىپ باقماقچى بولسىڭىز ھەتتا ئۆزىمۇ زادى نىمىگە قانداق ئېيتىقاد قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئەسلا دەپ بىرەلمەيدۇ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھاياتى تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق ۋە يىرگىنىشلىك ، تولىمۇ بىچچارىلىك ئىچىدە قىممەتسىز ئۆتىپ كىتىدۇ.
    ئېيتىقاد چوڭ جەھەتتىن  ئاڭلىق ئېيتىقاد ۋە ئاڭسىز ئېيتىقاد دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئاڭلىق ئېيتىقاد- ئېيتىقاد ئوبىكتىنى ئەقەللى جەھەتتىن چۈشۈنىش ۋە تونۇش ئاساسىدىكى ئىدراكى ئېيتىقاد بولۇپ، بۇ خىل ئېيتىقاد ئاڭلىق ئېيتىقاد دەپ ئاتىلىدۇ. ئاڭلىق ئېيتىقاد چىن ۋە ھەقىقى ئېيتىقاد دىيىلىدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئېيتىقاد ئەقلىلىققا يىقىن، مول بىلىم ۋە كۈچلۇق نەزەريەۋىي ئاساسقا،  مۇئەييەن خاسلىق ۋە ئىدىۋىلىككە ئىگە بولغان بولىدۇ.  بۇ خىل ئېيتىقادتىكى كىشىلەردە تەۋرەنمەس مۇستەھكەم ئېيتىقاد بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن  ئۇلار ئۆز ئېيتىقادى ئۈچۈن بارلىغىنى ئاتىۋەتكەن بولىدۇ؛ھىسسى بىلىش ئاسادا تۇرغۇزۇلغان ئېيتىقاد ئاڭسىز ئېيتىقاد دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئېيتىقادتىكى كىشىلەر ئاساسەن  باشقىلار ۋە ئەجداتلار- بۇرۇنقىلار مۇشۇنداق ئېيتىقاد قىلىپ كەپتىكەن ياكى بولمىسا كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۇشۇ خىلشەيئى ياكى ئېزىمغا ئېيتىقاد قىلىدىكەنغۇ دەپلا قارىغۇلارچە چوقۇنۇش، دوراش، تەقلىد قىلىش ،ئەگىشىش ئارقىلىقلا تىكلەنگەن ئەقىلدىن ئايرىلغان ئېيتىقاد ئاڭسىز ئېيتىقاد دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئېيتىقادنىڭ مول بىلىم ۋە نەزەريەۋىي ئاساسىكەمچىل ئىددىۋىيلىكى يوق، ئىلمى دەلىلى بولمىغانلىقتىن كۇچلۇق قايىل قىلارلىقى بولمايدۇ. بۇ خىل ئېيتىقاد خۇددى ئۇلى ئاجىز تامدەك تەۋرەپلا تۇرىدۇ، بۇ خىل ئېيتىقادتىكى كىشىلەرنىڭ ئېيتىقادى تولىمۇ سۇس، ئاجىز ۋە تۇراقسىز بولۇپ، ئاسانلا ئۆز ئېيتىقادىدىن ئاسانلا تەۋرىنىدۇ ياكى يىنىۋالىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئېيتىقادتىكى كىشىلەر گە دائىم غايە ئېيتىقاد تەربىيەسى ئىلىپ بىرىش ،ئۈگۈنىشنى كۇچايتىش تولىمۇ زۆرۈر.
       ئادەتتە غايە بىلەن ئېيتىقاد تومۇرداش قوش كىزەكلەردىن بولۇپ،بىر ئادەمنىڭ غايىسى دەل ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مۇئەييەن ئېيتىقاد ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياش ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ئىلىپ بىرىلىدىغان غايە ئېيتىقاد تەربىيەسىنبى داۋاملىق كۇچايتىپ، ياش –ئۆسمۈرلەرنىڭ كىچىگىدىن باشلاپ توغرا بولغان دۇنيا قاراش،كىشىلىك قاراش ،مۇكەممەل ۋە قەتئى بولغان غايە –ئېيتىقاد  تۇرغۇزۇش، ئۆز ئېيتىقادىنى قەدىرلەيدىغان روھ، ئالى جاناپ غايە ،مۇستەھكەم ئېيتىقادقا ئىگە تۇرغۇزۇش تۈپ نىشان قىلىنغان توغرا بولغان غايە –ئېيتىقاد تەربىيىسىنى پۇختا ۋە ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇشلازىم. بۇ جەھەتتەىكى خىزمەتنى يالغۇز مەكتەپكىلا يۈكلەپ قويماستىن ئاتا-ئانىلارمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئادا قىلىشى كىرەك. بولۇپمۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقلى يىتىلىشكە باشلىغان دەسلاپقى مەزگىللەردە بۇ خىل تەربىيەنى كۇچايتىش لازىم.
    ئېيتىقاد تۇغما بولمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئجتىمائىلىققا ئىگە. ئېيتىقاد ھىس قىلىش،قىززىقىش،چۈشۈنىش، تەربىلەش ۋە يىتەكلەش ئارقىلىق تەدرىجى شەكىللىنىدۇ. ئەڭ ئاخرىدا كىشىنىڭ  دىلى-قەلبىدىن تەستىقلاش، تىلى بىلەن ئتراپ قىلىش ۋە ئەمىلىيىيتىدە  سادىقلىق بىلەن كۆرسىتىشدىن ئىبارەت ئۈچ قەدەم باسقۇچدىن كىيىن ئاندىن مۇستەھكەم بىر ئېيتىقاد سېستىمىسى بولۇپ شەكەللىنىدۇ. شۇڭا ھەر قانداق ئېيتىقاد تەربىلەش، يىتىشتۈرۈشكە ۋە ئەمىلىيەت ئارقىلىق چېنىقتۇرۇشقا ھەم تاۋلاشقا مۇختاج.
    سادىق بولۇش ئېيتىقادنىڭ يادروسى، ئېيتىقاد قا ئىدراكى مۇئامىلە قىلىش ئېيتىقادنىڭ جىنى ،شۇنداقلا  ئېيتىقادنىڭ جۇشقۇن ھاياتى كۈچكە ئىگە بولۇشنىڭ ئاساسى.
         دۇنيادا تۈرلۈك تۈمەن دىن، ئىدىيە-مەسلەك، ئېزىزم، شۇنداقلا ھەرخىل شەيئىلەر ۋە تەشەببۇسلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئېيتىقاد قىلىشىدۇ. بىراق بۇنىڭ ئىچىدە پۈتىن دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئىنسانلار نى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ئېيتىقاد قىلدۇرۇپ كىلىۋاتقانلىرى: خىرىيىستىيان دىنى،بۇددا دىنى ،ئىسلام دىنى، كوڭزى تەلىماتى،كتالوگ دىنى ،ماركىسىزىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت تۈرلىك تەلىمات ۋە ئىزىملار بولۇپ كەلمەكتە. بىراق پۈتىن دۇنيادىكى كىشىلەرنى تەنقىدى نەزىرىمىز بىلەن كۈزەتكىنىمىزدە ھازىرقى جاھان ئەھلى ئېيتىقاد كىرزىسىدىن ئىبارەت بىر خىل كىسەلگە گىرىپدار بولىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئىنسانلاردىكى بۇ خىل: ئۆز ئېيتىقادىنى قەدىرلىمەسلىك ، ئېيتىقادقا ئدراكى سەمىمى مۇئامىلىدە بولماسلىق، ئۆ ئېيتىقادىغا سادىق بولماسلىقتەك خائىشلار مەۋجۇتتەكلا قىلىدۇ.بۇخىل ھالەت تۈزىتىلمىسە،ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەڭگۈلىك سىجىل، تەڭكەش ۋە ئومۇمى يۈزلىك ماس تەرەققى قىلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
        جەزمەن ئىتراپ قىلىشقا تىگىشلىك شۇنداق بىر ھەقىقەت بارىكى، ئېيتىقاد كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىدا ئىنتايىن موھىم ئورۇن تۇتقان بولۇپ، ئېيتىقاد ئىنساننىڭ مەنىۋىي ھۆكۈمرانى ۋە ئابىستىراكىتلىقى بىلەن ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىگە ئۆزلۈكچى تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، تارىخ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. شۇ ۋەجخدىن ئېيتىقاد نىڭ كۈنى ھەرگۈز تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى ۋە ئۇنىڭغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ.ئىنساننىڭ ماھىيىتىدىن قارىغاندا ئۇنىڭدا ئېيتىقاد بولمىسا بولمايدۇ. ھەر قانداق ئېيتىقادنىڭ كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش،ئالغا ئىنتىلدۈرۈش، ئۆز ھەركىتىنى چەكلەش ۋە قىلىپلاشتۇرۇش، ئادىمىلىك تەربىلىشىنى كۇچايتىپ روھىنى پاكلاپ ۋە ساپلاشتۇرۇش،گۈزەل ئەتە ۋە كىلېچەك ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتاش ۋە بارلىغىنى تەقدىم قىلىش يولىدا ئاداققىچە كۆرەش قىلىش(تىرىشچانلىق كۆرسىتىش)كە يىتەكلەشتەك ئورتاق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساندا مەيلى نىمىگە ئېيتىقاد قىلىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇنىڭدا جەزمەن كۈچلۇق بىرەر ئېيتىقاد بولىشى ۋە ئۆز ئېيتىقادىنى قەدىرلىشى لازىمدۇر. مۇبادا ھەر قانداق بىر مىللەت ۋە ھەر بىر ئىنسان ئېيتىقادتىن ئايرىلىپ قالىدىكەن ئۇ روھى تۈۋرىكىدىن ۋە ئادىمى خسىلىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئۇ ئىنساننىڭ ئىجاتچانلىقى ۋە ھايات دەرىخى ئۆزلۈكسىز قۇرۇپ قالىدۇ.
       تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، دۇنيا نوپۇسى 2008-يىلى 10-ئاينىڭ12-كۈنى 6 مىليارتتىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭدىن 5 مىليارتتىن كۆپرەك ئادەم ھەر خىل دىنغا ئېيتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، بۇ پۈتىن دۇنيا ئاھالىسىنىڭ82%دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. 2مىليارت 140مىليۇن كىشى(دۇنيا ئاھالىسىنىڭ33%) خىرىستىيان دىنىغا ؛1مىليارت 300مىليۇنچە ئادەم ئىسلام دىنىغا(دۇنيا ئاھالىسىنىڭ19.2%)؛ 1مىليارت130مىليۇن( دۇنيا ئاھالىسىنىڭ 17.4%)كىشى كاتىلوگ دىنىغا؛ 548مىليۇن560مىڭ ئادەم بۇددا دىنىغا؛ يەنە 600مىليۇنچە ئادەم تەرىقەت دىنلىرىغا ئېيتىقاد قىلىدىكەن. يەنە باشقا يەنە باشقا ئېزىم ۋە يىڭى شەكىللەنگەن ئۇششاق دىنلارغا ئېيتىقاد قىلىدىغانلارمۇ بار. (خىرىستىيان، ئىسلام ۋە بۇددا دىنىدىن باشقا  دىنلارغا ئېيتىقاد قىلكىدىغانلار سانىدا ئۆز ئارائارىلىشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولغانلىقتىن سانللىق مەلۇماتلاردا ئۆز ئارا قىسمەن كىرىشىپ-گىرەلىشىپ كىتىش قوشۇلۇپ قىلىش ئەھۋاللىرىمۇ بولىشى مۈمكىن. )
         دىيارىمىزدا 10 نەچچە مىللەت ئاھالىسى ۋە پۇخلالىرى  ئىسلام(伊斯兰教,Islam،دىنىغا ئېيتىقاد قىلىدۇ.بۇ دىنئەڭ ياش دۇنياۋىي دىن بولۇپ، 1430يىلچە تارىخقا ئىگە )؛ خەنزۇ خەلقى ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ بىر قىسمى بۇددا دىنى(佛教,Buddhism،تەخمىنەن2500يىللىق تارخقا ئىگە) ۋە كوڭزى-مىڭزى تەلىماتى (儒       家,Confucianism) غا ئېيتىقاد قىلىدۇ(كوڭزى-مىڭزى تەلىماتى گەرچە بىر مۇنتىزىم بىر دىن دەپ ئىتراپ قىلىنمىغان بولسىمۇ، قەدىمى جوڭگۇدا ئۇنىڭ ئاساسى ئەقىدە ۋە تەشەببۇسلىرىنى بىر خىل دىنى تەلىماتدەكلا چوڭ بىلىپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ كەلگەن)، يەنە بىرقىسمى كاتىلوگ (天主教,Catholic)،تەرىقەت(道教,Taoism ،تەخمىنەن 1900يىللىق تارىخقا ئىگە) ۋە خىرىستىيان (基督教Christian ،تەخمىنەن 2000يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە) دىنلىرىغا ئېيتىقاد قىلىدىغانلارمۇ بار؛ كومۇنىزىم(马列主义,Marxism-Leninism)غا ئېيتىقاد قىلىدىغانلار تەخمىنەن يۈزمىليۇندىن ئازراق بولىشى مۈمكىن.جوڭگۇدا ھەر قايسى مىللەتلەردىن بولۇپ 70مىليونغا يېقىن كىشى ماركىسىزىمغا ئېيتىقاد قىلىدۇ. 
    ئېيتىقاد ئۆز ئىچىدىن دىنى ئېيتىقاد،سېياسى ئېيتىقاد ۋە مەدەنىيەت ئېيتىقادى دەپ بىر قانچە تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.   ئۇيغۇر تىلىدا ئېيتىقاد دىگەننى بەزىدە ئىمان دەپ ئاتايدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇت ، سەۋەبى"ئىمان " دىگەن سۆز ئەرەبچىدىن كىرىپ ئۆزلىشىپ قالغان بولۇپ، ئېيتىقاد بىلەن ئىمان ماھىيەتتە بىر پۈتىن ئورگانىك گەۋدە. ئىسلام پەلسەپىسىدە يۇقارقىدەك پاك ۋە چىن ئەقىدە ئىمان دەپ ئاتىلىدۇ.ئىسلامدا 6ئىمان، 5پەرىزنى ئادا قىلغان ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرغان ئادەملەرنى ئېيتىقاد (ئىمان)لىق ئادەم دەپ قارايدۇ. ئەمما ئىسلام ئەقىدىسى ئالاھىدە بىر خىل تۇرمۇش شەكلى ۋە ھايات  تەشەببۇسى سۈپىتىدە ئىخچام ۋە پاساھەتلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇشبۇ 6 ئىمان، 5 پەرىز  ئىنسانلار تۇرمىشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە  ھەتتا پۈتكىل كائىنات،ئىنسان، تەبىئەت ،جەمئىيەت، ھاياتلىق،ماددى ۋە مەنىۋىي دۇنيانىڭ بارلىق تەرپلىرىگە بىرىپ تاقىلىدۇ. 
    نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەردە ئېيتىقاد كىرزىسىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى بۇنداق ئىككى تەرەپتە مەركەزلىك  ئىپادىلەنمەكتە. بىر قىسىم كىشىلەرئۆزى ئىشىنىۋاتقان ياكى مەن ئىشىنىمەن دەپ  ئىيتقاد قىلىپ كىلىۋاتقان تەشەببۇس ، ئىزىم ياكى دىنغا سادىق بولماسلىق، ئىدراكى مۇئامىلكە قىلماسلىق(ئىلمىي ئېيتىقاد تۇرغۇزماسلىق)، سۆزى بىلەن ھەركىتى بىردەك بولماسلىق، باشقىلارنىڭ رېسقىغا چاڭ سالماسلىق، ۋەتەننى -يۇرت ماكاننى  قىزغىن سۆيۈش، ئىلىم-پەننى ئەمگەكنى ئىجادىيەتنى قەدىرلەش، بىلىمگە بىلىملەكلەرگە ھۆرمەت قىلىش،يامان ئىشلارغا، رەزىللىككە، ئەسكى ئادەم ۋە يامان ئىشلارغا ياردەم قىلماسلىق قاتارلىق بىر تالاي ئاساسى ئەقىدىلەرنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئۇنى ئۆز ئەمىلىيىتىدە كۆرسەتمەسلىك خائىشلىرى مەۋجۇت. ھەتتا بەزى كىشىلەر بۇ  تەشەببۇسلارنى ئىغىزىدىن چۈشۈرمەي جار سالىدۇ يۇ ،بىراق ئۆز ئەمىلىيىتىدە بۇلارنىن قىلچە  ئەسەر يوق؛ يالغان ساختا ئىبادەت قىلىپ ئاللاھنى ئالداپ،يالغانچىلىق ۋە ساختاپەزلىك،كاززاپلىق بىلەن ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ئالداپ ،ئۆز ئېيتىقادىغا ھاقارات كەلتۈشىۋاتىدۇ؛ يەنە ئىتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بارىكى ئۇلار  ماركىسىزىمغا ئىشىمەن_ئېيتىقاد قىلىمەن،مەن بىر مۇنەۋۋەر كومۇنىسىت دەپ جار سالىدۇ. بىراق جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش،«ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» موھىم ئىدىيىسى،ھەممىدە ئادەمنى ئاساس قىلىدىغان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ  تۈپ تەلىپىنى،پاك دىيانەتلىك ،ئىنتىزامچان بولۇپ پارتىينىڭ تۈرلىك فاڭجېن سىياسەتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاڭلىق ھالدا، توغرا  ۋە ئومۇمىي يۈزلىك كەمكۈتۈسىز ئجرا قىلىش جەھەتلەردە سادەقەتسىزلىك،  سەمىيەتسىزلىك قىلىش،مەسئۇلىيەتسىزلىك ،ھەتتاكى  ئەلگە ھەقىقى نەپ بىرەلەيدىغان ياخشى سىياسەتلەرنى ئۈزىل-كىسىل تولۇق، توغرا ئجرا قىلماي سىياسەتلەرگە خىيانەت قىلىش ئەھۋاللىرىمۇ يوق ئەمەس. مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللار دەل  بىر قىرىم كىشىلەردىكى ئېيتىقاد كىرزىسىنىڭ كونىكىرىتنى ئىپادىلىرى بولسا كىرەك!
    مۇستەھكەم بولغان ئېيتىقاد ۋە ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ رۇشەن ھالدا ئىسىل ۋە ئالىجاناب، ئالغا ئىنتىلىشچان بولىدۇ. مەسىلەن: ئەڭ  كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىڭىدا ئاممىۋىي سورۇنلارغا ئەخلەت تاشلىسا،تۈكۈرسە باشقىلار  كۆرۈپ قالسا سەت بولىدۇـ ئەدەپسىز كەن دەپ قالىدۇ ،دەيدىغان قاراش بولغانلىقتىن ئادەتتە ئاممىۋىي سورۇنلارغا تۈكۈرمەيدۇ، مىۋە شوپۈەگى ،تاماكو قالدۇقى دىگەنلەرنى تاشلىمايدۇ. بىراق باشقىلار كۆرمىگەندە چۇ ؟! ئۇنىڭغا ھىچكىم كاپالەتلەىك بىرەلمەيدۇ؛ مۇستەھكەم بولغان ئېيتىقاد ۋە ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە كىشىلەر بولسا ئادەتتە جامائەت سورۇنلىرىنىڭ پاكىزلىكى  ئىجتىمائى ئەخلاق شۇنداقلا ئۆز ئېيتىقادىنىڭ ئابرۇيى ئۈچۈن بولسىمۇ باشقىلار كۆرمىگەن ئەھۋالدىمۇ ھەرگۈز يۇقۇردا تىلغا ئىلىنغان ئەخلاق ۋە پەزىلەتكە زىت -مۇخالىپ ئىشلارنى ئەسلا قىلمايدۇ.  ئالايلۇق كاتتا ئالىم ،داھى،ئالى رەھبەر-پرزىېدنت ۋە ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئېيتىقادلىق كىشىلەرنىڭ كوچىدا سېمىشكا چاققىنىنى،  قالايمىقان تۈكۈرگىنىنى ھىچكىم كۆرەلمەيدۇ. لىكىن ئۇلاردىمۇ ئادەتتىكى بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارمۇ يەدي، ئىچىدە ،چىىرىدۇ، تاشلايدۇ؛دىمەك باشقا ئادەملەردىكى خۇسۇسىيەت -ئالاھىدىلىكلەر ئۇلاردىمۇ بولىدۇ ، بىراق ئۇلار ھەر ئىشنىڭ ۋاختى –سائىتى ۋە سورۇنىنى تىپىپ مەشخۇل بولىدۇ-خالاس. ئۇندىن باشقا، غايە –ئېيتىقادى كۇچلۇق ۋە مۇستەكەم كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى سۆز ھەركىتىمۇ  ئادەتتىكى كىشىلەردىن كۆپ ئەۋزەل بولىدۇ. ئالايلۇق، ئۇلار كۆز ئالدىدىكى ھەر بىىر ئىشقا جىددى ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، پۇختا ۋە ئىنچىكە ئىشلەيدۇ،تىرىشىپ ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە نىشانىدىكى ھەر بىر ئىشنى سەرخىل ئىشلەشكە ئۇرىنىدۇ، جامائەت  سورۇنىنىڭ تەرتىپى ۋە ئاممىۋىي تازىلىققا، ئىجتىمائى ئەخلاققا ئاڭلىق رىئايە قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە بىر خىل ئىجتىمائى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇريىتى ــ بۇرچى دەپ قارايدۇ. ئەكسىچە، خىلى كۆپ ساندىكى ئادەتتىكى كىشىلەر بولساچۇ باھانە،پۇرسەت ئىزدەپ مەسئۇلىيەتتىن قېچىش، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۋىتىشنىڭلا  كويىدا يۈرۈشىدۇ.
    توغرا ۋە مۇستەھكەم بولغان ئېيتىقاد، ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ئالەمچە كەڭرى، دىلى پاك، ئەقلى ھۆر، قەلبى مېھرى-مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقان ئالىجاناب، ئىجاتكار، تەدبىركار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا بىر خىل شەخسىيەتسىز ئالىجانابلىق يۇشۇرۇنغان، ئىددىيىسى، نىيىتى ۋە ئىستىلى دورۇس بولۇپ، خاتالىق ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش دىگەنلەر ئۇلاردىن نېرى. شۇڭا غايە ئىيتىقادلىق كىشىلەرنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزىشى ۋە جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىشى، تۈرلىك ‹‹شەيتان››لارنىڭ ئازدۇرۇشلىرىدىن ئۈنىملىك ساقلىنالىشى قىلچە ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى بۇ خىل كىشىلەرنىڭ قەلىب تۆرىدە مەنىۋىي«ئەخلەت»كە ئورۇن يوق،دىلى پاك ۋە ئالىجاناپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلىب  تۇپرىقىدا پەقەت ئۆزى تاللىغان ئەنە شۇ مۇستەھكەم ئېيتىقاد ۋە ئۇلۇغۋار غايە ئاساسىدىكى توغرا ۋە ئىلمىي  بولغان كىشىلىك قارىشى ۋە قىممەت قارىشىلا چوڭقۇر يېلتىز تارتقان بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى ئىنساننىڭ سەرخىلى، ئادەمنىڭ «خۇۋاينىسى»، تەقۋا، بۈيۈك-مۇنەۋۋەر ئادەم دەپ ئاتايمىز. ئەمىلىيەتتە، دۇنيادىكى بارلىق بۈيۈك ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇنداق  توغرا ۋە مۇستەھكەم بولغان ئېيتىقادلىق ، ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە كىشىلەر تەرىپىدىنلا روياپقا چىقىدۇ، تارىخ چاقى دەل شۇلار تەرىپىدىن ئالغا سىلجىتىلىدۇ ۋە ئۆزلۈكسىز  يېڭى تارىخى سەھىپە يارىتىلىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.