ئەركەكلىك زىمىنىدىكى سېغىنش(ھاياتنۇپۇس مۇھەممەت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-11 23:30:23

ئەركەكلىك زىمىنىدىكى سېغىنشھاياتنۇپۇس مۇھەممەت ( جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمىئىيتى ۋە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى تەھرىراتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ھەرمىللەت قەلەمكەشلىرىنىڭ 76-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغانل...



    ئەركەكلىك زىمىنىدىكى سېغىنش
    ھاياتنۇپۇس مۇھەممەت

     

     


    ( جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمىئىيتى ۋە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى تەھرىراتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ھەرمىللەت قەلەمكەشلىرىنىڭ  76-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغانلىرىدىن ۋەكىللىك ھالدا 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىچكى مۇڭغۇلغا كىلىپ، ئۇ يەردە بىر قانچە كۈن، مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق مەدەنىيەتشۇناس ۋە ئەدەبىياتشۇناس مۇتەخەىسسىسلەرنىڭ لىكسىيەلىرىنى ئاڭلاش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ساياھەت پائالىيەتلىرىدە بولدۇق. بۇ نەسىرنى چىڭگىزخان تۇپرىغىدا، ئۇنىڭ تارىخىنى ۋاراقلاپ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرىنى كۈرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆز زىمىنىدا قالدۇرغان روھى ئىزنالىرىنى ھىس قىلىپ تۇرۇپ يازدىم...)

     

     

    ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئاپتۇماتىك قەدەملىرىدە ھالسىرىغان بىر توپ ئەجنەبىلەر، تالجىققان روھى چاڭقاقلىغى بىلەن مۇقەددەس زىمىنىڭغا تىمتاسقىنە ئۈزىنى تىڭشىغىلى كەلدى چىڭگىزخان...بۇلار ساڭا ئوخشاش ساۋۇت دۇبۇلغىلىرىنى شاراقلىتىپ، قېلىچىنى ئوينىتىپ، ئات تۇياقلىرىدا زىمىن باغرىنى تىترىتىپ ئەمەس، كاستىيۇم-بورولكىلىرىنى قاتۇرۇپ كىيىپ، پارقىراق گالاستۇكلىرىنىڭ قاتلاقلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن، ھىلىلا مەلھەم سۈرۈپ قاتۇرغان چاچ پاسۇنلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرىگەن سىپايىلىق بىلەن پويىزدا ئۇخلاپ، ئايروپىلاندا ئۇچۇپ، ئاستا قەدەملىرى بىلەن ئۈن- تىۋىشسىز  كىلىۋالدى. ئىس-تۈتەك، شاۋقۇن-سۆرەن قاپلىغان، مەنپەئەتلەشكەن ئىجتىمائىلىق ئىچىدە، سەمىيمى كۈلكە، مەردانە غەزەپنىڭ ئورنىغا، كۈلۈپ تۇرۇپ شۇملۇق ئويلاش، تۇيدۇرماي ئورا كولاش، نامەرتلىك پىلانى ئىچىدە گەۋدىسى تىخىمۇ كىچىكلەپ، نىرۋىسى تىخىمۇ تالجىققان مۇھىتتىن زىرىكىپ، سىنىڭ بۈيۈك ئادىمىيلىك، يۈكسەك مەردانىلىق ئوزۇق بەرگەن تۇپرىغىڭدا روھىنى پاكىزلىغىلى كەلدى...

     

     

      چىڭگىزخان، سەن پۈتۈن زىمىن سىغقۇدەك كەڭ باغرىڭ، ئاجايىپ كەسكىنلىك ۋە مەردانىلىق يۇشۇرغان مىھرىبانلىقىڭ بىلەن دىللاردا ئىختىيارسىز مىھىر دولقۇنى پەيدا قىلىسەن. سەن رەقىپلىرىڭ بىلەن يۈزمۇ-يۈز، يەكمۇ-يەك تۇرۇپ ئېلىشقىنىڭدا، كەلگۈسىدىكى يەنە بىر ئەۋلات ئادەملەرنىڭ يۇشۇرۇن قەست ۋە ھىلە-مىكىرگە تولغان نامەرتلىك ئىچىدە، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى دىپلوماتىك سوغۇق موناسىۋەتلەر ئورۇشى ۋەھىمىسىدە تۇنجۇقتۇرۇپ قۇيىدىغانلىغىنى ئويلىمىغان بولغىيتتىڭ؟...ئات تۇياقلىرىڭ بىلەن زىمىننىڭ ھەر بىر ئوچۇم توپىسىغا ئۆزئىسمىڭنى بىردىن بىر قېنىڭ، روھىڭ بىلەن ئويۇپ ماڭغان ئىدىڭ. شۇ چاغلاردا بۈگۈنكىدەك، پۈتكۈل  يەر شارىنىڭ كىچىك كەنىتكە ئايلىنىپ، ئات تۇياقلىرىڭ قار بۇراندا، شىۋىرغان يامغۇردا كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ھەر بىر قەدەملىرىڭدە، ھاياتىڭ بىلەن ئەجىر قىلىپ ئىرىشكەن زىمىن خاتىرلىرىدىكى جەڭگڭۋارلىق، مەردانىلىقنىڭ، بۈگۈنكى كىشلەرنىڭ ياسىداق ئىشخانىسىدا راھەت كىرىسلودا كىرىلىپ ئولتۇرۇپ ھىلە-مىكىرگە تولغان نىگاھلىرىدا نىشانلىغان نەزەرلىرى بىلەن، كومپىيوتىر ئىكرانىدىكى نۇر توچكىلىرىنىڭ مونوپول قىلىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىغىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيتتىڭ؟...سىنىڭ ئولۇغلىقىڭ ئەنە شۇ يەردە!. سىنىڭ باتۇرلىغىڭ، قەيسەر روھىڭ، يىراقلارغا دادىل تىكىلەلەيدىغان مەردانە نىگاھلىرىڭ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت قەددىنى تىترىتىپ تۇرۇپ، ئالدىڭدا بىر ئۆمۈر تىزلاندۇرغىدەك ئەركەكلىك قەددىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تاۋاپگاھ، ئۆمۈرلۈك سېغىنىش ۋە ئاداققى غالىبىيەت...

     

     

     ئەركەكلىك...بۈگۈنكىدەك مەدەنىيلەشكەن تۇرمۇش ئىچىدىكى سىپايى رېتىملارغا ئاسمىلاتسىيە بۇلۇپ كىتىۋاتقان، ئادەملەر روھى بىر غايىۋى چاڭقاقلىقتا تەلمۈرۈپلا ياشايدىغان ئادەمىياتنىڭ غۇرۇرى، قەددى!. سەن ھەقىيقى ئەركەكسەن چىڭگىزخان!، سىنىڭ ئەركەكلىكىڭ ئالدىدا ئاسمان، زىمىن زىلزىلىگە كىلىپ، تاغلار تىترىگەن، ئىنسانلار قەددىڭ ئالدىدا قايتىدىن تۇغۇلۇپ، ئادىمىيلىگىڭ ئالدىدا قايتىدىن پاكىزلىنىپ، ئەركەكلىكنىڭ يارىلىش زىلزىلىسى ئىچىدە، ساڭا تىزلىنىپ سەجدىگە باش قويغان!...

     

     

     -ئەرلەر، ئاياللارنىڭ قەددى، ئەرلەر ئىنسانىيەتنىڭ غۇرۇرى. سەندىكى ئەرلىك قەد، قىز- ئاياللىرىڭنى خاتىرجەملىك ئىچىدىكى توقلۇق بىلەن تىخىمۇ يۈكسەكلىككە ئۈندىگەن. سەندىكى ئەرلىك قەد قىز-ئاياللىرىڭغا ئەخلاق، نازاكەت ۋە ئاياللىق سىھرى كۈچ ئاتا قىلغان. سەندىكى ئەرلىك قەد، قىز-ئاياللىرىڭغا ھەقىيقى ئاياللىق، ئەرلىرىڭگە ئەركەكلىكتىن ئۆرنەك ئېلىپ كەلگەن... سەندىكى ئەرلىك قەد ئانىلارغا غۇرۇر، ئىپتىخار مەسئۇلىيەت ئېلىپ كىلىپ، ئانىلارنىڭ بۈيۈكلىگىنى ئائىلىدىن جەمىيەتكە، شەخىستىن ئىنسانىيەتكە، بىر ۋۇجۇتتىن ئادەمىيات روھىغا ئەكىرەلىگەن، ئۇلارنىڭ نەزەرلىرىنى يىراق-يىراقلارغىچە تەلەپچان نىگاھ مىھرىبانلىغىدا ئىنسانىيەتكە پەرۋىشكار روھتا باقتۇرالىغان!..

     

     

     چىڭگىزخان، بىلەمسە ن، ھەر بىر ئايال سەندىكى قەيسەرلىككە، غۇرۇرغا، مۇھاببەت، مەردانىلىق ئۇخچۇپ تۇرغان دادىللىققا، تۈگىمەس-پۈتمەس ئەركەكلىك دەۋرەپ تۇرغان قەددىڭگە، ئاياللىقنىڭ ئەڭ پاكىزە، ئەڭ ساپ ۋە ئەڭ مىھرىبان پەرۋىشكار مۇھاببىتى بىلەن قايىل بۇلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئاياللىق چاڭقاقلىغى بىلەن سۈيۈنىدۇ...ھۈجەيرە-ھۈجەيرىلىرىدىن سىنى سېغىنىدۇ! مەدىنىيلەشكەن دەۋىردە ئۈزىمىزنى ئۇنتۇغان ھالدا، روھىمىزنى تىڭلاشقا، ئەسلىمىزنى ئويلاشقا ھەپسىلىمىز يوق ھالدا پالاقشىپ ياشاۋاتىمىز...ئەنە بىر يىگىت ئۈزىگە ئەقىدە قىلغان ۋاپادار سۆيگىنىدىن يۈز ئۆرۈپ ئىقتىسادى ئالۋۇنلارنىڭ ئېزىقتۇرىشى بىلەن راھەت-پاراغەت قوغلىشىپ، مەنپەئەت قوغلىشىپ، قىزنى قان-قان يېغلىتىپ، پىشىنى قېقىپلا باشقا بىرىنىڭ كەينىدىن كىتىپ قالدى... ئەنە بىر ئەر خۇتۇن-بالىلىرى بىلەن كارى بولماي ئايالىنى قاخشىتىپ، ئۆيدىكى دادا ھەم  ئەرلىكىنى ئۇنتۇپ، ھەممە ئېغىرلىقىنى ئايالىغا تاشلاپ بىرىپ، تىنىمسىز ئادەملەر قاينىمىدىكى ئازدۇرۇشلارغا غەرىق بولدى... ئەنە چېچىنى ئاق ئارىلىغان بىر ئەر قىزى سۈپەت قىزلارغا كۆز قىزارتىپ، ئۇلارنى ئالداپ-سىلاپ، قىزلارنى ئاياغ-ئاستى قىلىپلا يۈرمەكتە... ئەنە ئەمەل تاماسىدا، بايلىق تاماسىدا يۈرگەن بىر ئەر ئۆز قىزىنى سايە قىلىپ، ئايالىنى كوزور قىلىپ چىرىگەن روھى بىلەن نەپ ئىزدەپ يۈرىۋاتىدۇ. ئەرلىك چىرىمەكتە، ئەركەكلىك يۇقالماقتا!... ئاياللار ئەرسىراۋاتىدۇ...قىزلارنىڭ قەلبى بوش، ئاياللار پەرۋىشسىز، ئۇلار ئۆكسىمەكتە!... ئاياللار پاناھسىز، ئائىلە تۈۋرۈكسىز، پەرزەنىتلەر ئۈزىگە ئاتىدىن ئالىدىغان ئوزۇقسىز، ئۆرنەكسىز قېلىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قاپلىغان، ئەرسىرىغان، ئاتاسىرىغان ئاياللىق روھ، ئانىلىق زىمىن قات-قېتىدىن  چاك-چاك يېرىلىپ، روھىنىڭ قاتلام-قاتلاملىرىدىن، ھۈجەيرە-ھۈجەيرىلىرىدىن تۈكۈلمەكتە... سىلكىنمەكتە... ئۇلار يەر شارىنى تىترىتىپ تۇرۇپ نىدا قىلماقتا!... ئۇلارنىڭ نىداسىدا گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ، كۆك يېرىلىپ، ئاسماننى پارچە-پارچە قىلىپ تۈكۈلدۈرگىدەك قەھرى-غەزەپ ۋە چاڭقاقلىق بار!... ئۇلار تەڭرى ئىشىكىنى قېقىۋاتىدۇ!...

     

     

     -ئاياللار ئەرسىراپ كەتتى، پەرزەنىتلەر ئاتاسىراپ كەتتى. تۇرالغۇمىز ئۆرۈلۈپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى... چۈنكى ئۇندا تۈۋرۈك يوق... ئاياللار روھى ئاقماقتا، پەرزەنىتلەر روھى چۆلدەرەپ كەتتى... ئاھ، چىڭگىزخان، ئاڭلاۋاتامسەن؟!، زامانىۋى دەۋىرنىڭ ئادەملىرى مانا مۇشۇ پاجىئەدە قالدۇق. روھلار قۇرۇق، نىگاھلار مۇزلۇق... رېتىملار تىز، ئەرلىك قەد يوق... تۇرمۇش رەڭدار، پاكىزە روھ يوق. يىلمان تەبەسسۇم بار، سەمىيمى مەنا يوق...

     

     

     سىنىڭ روھىڭغا تىۋىنىپ، قەددىڭگە تاۋاپ قىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز. ئەنە سەھنىدە مۇڭغۇل يىگىتلىرى شىردەك ھۆركىرەپ، يولۋاستەك تاشلىنىپ، سىنىڭ ھايات مۇساپەڭنى بىزگە سۈرەتلەپ بىرىۋاتىدۇ. مۇڭغۇل قىزىنىڭ جەزبىدار ئەمما تولدۇرۇپ، سوزۇپ ناخشا ئېيتقان ئاۋازىدا ياسالمىلىق يوق. ئۇ تەبىئى سېغىنىشلىق، ئەسەبى ئاۋازى بىلەن سەن ۋە ئەتراپىڭدا جەڭ قىلىۋاتقان مەردانە يىگىتلىرىڭگە مەدەت، ئىلھام بىرىپ، دادىل، قەيسەر بىر جەڭگىۋار روھتا سىلەرنى سېغىنىۋاتىدۇ. ئۆز شەخسىيىتىدىن ھالقىغان مەردانە بىر سۆيگۈ كۈچى بىلەن سىلەرگە مەدەت بىرىۋاتىدۇ...

     

     

     ئۇلۇغ ئەركەكلىك، مەردانە ئەرلىك ۋەزىنىدە، پەرۋىشكار ئاياللىق روھ، توقلۇق ئىچىدىكى ساداقەتمەن مەڭگۈلۈك سۈيۈش بۇلىدۇ. بۇنى سەن ئىنسانىيەت سۆيگۈسىگە، ئىنسانىيەت قەددىگە ئۆز قېنىڭ، ئۆز روھىڭ ۋە ئەركەكلىكىڭ بىلەن قالدۇردۇڭ ئەزىمەت!...

     

     

     ...بۇ بىر توپ كىشىلەر، سىنىڭ زىمىنىڭدىن جىسمىمىزغا مادار ئالغىلى، روھىڭدىن ئادەمىيلىگىمىزنى يۇيۇندۇرغىلى، قەددىڭدىن غۇرۇرىمىزنى تاۋلاپ، مۈكچەيگەن كىشلەرنى يۈلىگىلى، ئۇلارغا جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىق ئۈچۈن مەدەت بەرگىلى كەلدۇق ئەركەك!، بىزگە مەدەت بەرگىن!... ئەرلەر سۈكۈناتتا سەجدىدە... ئاياللار پەرۋىشكار ئىسەدەش بىلەن تىلاۋەتتە... چىڭگىزخان، ھەقىيقى ئەركەكلىكنى سېغىنغان بىر قەۋىم، قەددىڭگە تىزلىنىپ روھىڭغا سەجدىدە!... ئېچىرقاشتا ئۆز تەبىئىتىگە يادلىشىۋاتقان بىر ئازغۇنلۇقتىكى ئادىمىيلىك ئىتىقاد ساڭا ئەسىر...ئىگىلمەس قەد بىلەن ئۈزىمىزنى تېپىۋېلىشىمىزغا، روھلىرىمىزنى پاكىزلاپ، ئىنسانىيەتكە مەردانە غۇرۇردا مەسئۇلىيەتكار،   پەرۋىشكار تىكىلىشكە ھەممىمىزگە مەدەت ۋە مۇھاببەت بەرگەيسەن چىڭگىزخان!...

     

    ئاپتۇر: خوتەن ۋىلايەتلىك رادىئو-تىلىۋىزىيە ئۇنۋىرستىتىدا ئوقۇتقۇچى

     


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.