ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-07 05:25:22

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى ھەققىدە قىسقىچە بايان كېيىنكى مەزگىللەردە شېڭ شىسەي ھاكىمىيتىنىڭ مۇستەبىتلىكى،جۈملىدىن ئۇنىڭ ئەدىبلەرگە يۈرگۈ...



    ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى
     
     
     
    ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى ھەققىدە قىسقىچە بايان كېيىنكى مەزگىللەردە شېڭ شىسەي ھاكىمىيتىنىڭ مۇستەبىتلىكى،جۈملىدىن ئۇنىڭ ئەدىبلەرگە يۈرگۈزگەن دەھشەتلىك سىياسىتى سەۋەبىدىن ئەدەبىيات ئىشلىرى بىر مەزگىل پەسكويغا چۈشۈپ قالدى.40-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغا بارغاندا،شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى 10 يىللىق مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەينى شىنجاڭدىن ئېلىپ كەتتى،شۇندىن باشلاپ شىنجاڭغا گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى.بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ سىياسىي-ئىجتىمائىي ھاياتىدا يېڭى بىر تارىخى دەۋر باشلاندى، يېڭى تارىخى دەۋرگە مۇناسىپ ھالدا ھەرقايسى ساھەلەردە ئاز-تولا جانلىنىش مەيدانغا كەلدى؛يەنە بىر تەرەپتىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ زۇلۇم-زورلۇققا قارشى قوراللىق ئىنقىلابىنىڭ غەلبە مىۋىسى سۈپىتىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەسلەپكى غەلبىگە ئېرىشىپ،ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى.مەيلى گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىـدىكى يەتتە ۋىلايەتتە بولسۇن،مەيلى ئۈچ ۋىلايەتتە بولسۇن ئەدەبىيات ئىشلىرى ئۈچۈن خېلى كەڭ مۈمكىنچىكىلىكلەر ھازىرلاندى، بولۇپمۇ بېتىم مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي ھاياتى خېلىلا جانلاندى،ئۆلكە مەركىزىدە ۋە ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە گېزىتلەر،مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى ئەسلىگە كېلىپ،ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى،بۇ ھال تاكى 1949-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ تېنچلىق بىلەن ئازاد بولۇپ،جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلۇپ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋرى – ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى باشلانغىچە داۋاملاشتى.دېمەك، 1944-يىلى شىنداڭدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلگەن،ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلىدىغاندىن تارتىپ،1949-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ تېنچلىق بىلەن ئازاد بولغان،جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەدەبىيات باسقۇچى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى دەپ ئاتلىدۇ.بۇ باسقۇچتا ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە گۈللەندى ۋە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى،بۇ ئەدەبىياتنىڭ زۇنۇن قادىرى، ئەلقەم ئەختەم،ئابلىز نازىرى،سەيپىدىن ئەزىزى،تېيىپجان ئېلىيوپ؛ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،ئەخمەت زىيائى،مەمتىمىن توختايوپ،قۇربان ئىمىن،ئىمىن تۇرسۇن قاتارلىق مەشھۇر ۋەكىللىرى مەيدانغا چىقتى؛ھەرقايسى تۈر ۋە ژانېرلاردا «ماغۇر كەتكەندە»، «غۇنچەم»، «مۇئەللىمنىڭ خېتى»،«بىر ئىز»،«قەشقەر قىزى»،«كۆڭلۈم سەندىدۇر»،«مۇڭلۇق ئالچۇق»، «مىجىلغان ياش يۈرەكلەر»،«شانلىق قۇربان»، «غانلىق غەلبە»،«قەشقەر كېچىسى»،«يېڭى جۇڭگۇ گۈلىستانىغا»،«تاڭ زىياسى يوقمىدۇ»،«باش ئەگىم»،«رابىيە-سەئدىن»،«قانلىق يەر» قاتارلىق كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئىجاد قىلىندى. پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئەينى دەۋردىكى سىياسىي-ئىجتىمائىي سەۋەبلەرگە كۆرە ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ئەدەبىيات ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتى دەپ ئىككى بۆلەككە بۆلۈشكە بولىدۇ.شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭنىڭ دەھشەتلىك زۇلىمى ۋە يولسىزلىقىغا چىداپ بولالمىغان ئىلى،ئالتاي،چۆچەكتىكى ھەر مىللەت خەلقى 1944-يىلىنڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتەردى.بۇ قوزغىلاڭنىڭ مۇقەددىمىسى 1944-يىلى 9-ئايدا نىلقىدا پارتىلىدى، شۇندىن كېيىنكى قىسقىغىنا بىر مەزگىلدە ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قوراللىق قوزغىلاڭلار ئارقا-ئارقىدىن پارتلاپ،ئۈزلىكسىز شانلىق غەلبىلەرگە ئېرىشىپ، بۇ ئۈچ ۋىلايەتنى گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلدى.1945-يىلى 10-ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى رەسمىي قۇرۇلدى.بۇ يالغۇز ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسى بولۇپلا قالماستىن،بەلكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مىللى دېمۇكىراتىك ئىنقىلابتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور غەلبىسى بولۇپ قالدى.خاراكتېر جەھەتتىن ئېيتقاندا،ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى – شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىلى،ئالتاي،تارباغاتاي رايۇنىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچلىرىگە ۋە جاھانگىرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق كۈرىشى بولۇپ،ئۇ «پۈتۈن جۇڭگۇ مىللى دېمۇكىراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى» سۈپىتىدە،شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك تېنچلىق بىلەن ئازاد بولىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىغان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسى بىلەن قويۇق ئالاقىلەردە بولدى.ئىنقىلاپ پارتلاپ ئۇزاق ئۆتمەي،ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ جۇڭگو كومپارتىيسىنىڭ غەمخورلىقىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى.1946-يىلى 12-ئايدا دوڭ بىۋۇ نەنجىڭدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇكېرىم ئابباسوفنى قوبۇل قىلدى.ئابدۇكېرىم ئابباسوپنىڭ تەلىپى بويىچە بىردانە رادىئو بېرىپ،ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ يەنئەندىكى شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ۋاقىپلىنىپ تۇرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.1949-يىلى 8-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيسى ئۈچ ۋىلايەت تەرەپكە دېڭ لىچۈننى ئېۋەتىپ،غۇلجىدا «لىچۈن رادېئو ئىستانسىسى» قۇردى،شۇنىڭ بىلەن جوڭگۇ كومپارتىيسىنىڭ ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىشى كاپالەتكە ئىگە بولدى.بۇلار ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى مۇھىم ۋەقەلەر ھېساپلىناتتى.ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆۈمىتى بىلەن گومىنداڭ تەرەپنىڭ مۇناسىبىتى نىسبەتەن مۇرەككەپ بولدى.ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى غەلبىسىدىن كېيىن،ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى گومىنداڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كېڭىشىش ئارقىلىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى، شۇ ئاساستا11 ماددىلىق تېنچلىق بېتىمى ئىمزالاندى. كېيىنكى مەزگىلدە گومىنداڭنىڭ بېتىمنى ئىجرا قىلماسلىقى سەۋەبىدىن ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى غۇلجىغا قايتىپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى.ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈچ ۋىلايەتنىڭ مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.جۈملىدىن ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى،ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى ئەدەبىيات-سەنئەتنى پۈتۈن ئىنقىلاب ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، خەلقنى تەربىيلەيدىغان،ئويغىتىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى قورال دەپ قارىدى.ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن ئەدىبلەرنى ناھايىتى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتى.ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق ئەدىبلىرىنىڭ ھەممىسىلا دىگۈدەك غۇلجىغا توپلاندى ھەم مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلدى،ئۇلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ئۈچۈن ياخشى ئىمكانىيەتلەر ھازىرلاپ بېرىلدى،ئۆز دەۋرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبى بولغان سەيپىدىن ئەزىزى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتە مائارىپ نازىرى بولدى،زۇنۇن قادىرى،ئەلقەم ئەختەم قاتارلىق ئەدىبلەر ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنڭ ئەدەبىيات-سەنئەت،ئاخبارەت-نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىقىغا قويۇلدى.نىمشېھىت، نۇرمۇھەممەت بۇساقوپ،تېيىپجان ئېلىيوپلار گېزىت-ژورناللاردا ئىشلىدى،يەتتە ۋىلايەتتىن غۇلجىغا كەلگەن نىمشېھىت،ئابلىز نازىرى،نەمەت خەلپەت قاتارلىق ئەدىبلەرمۇ ئالاھىدە ئەتىۋارلاندى،نىمشېھىتنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى يىگانە ئەسىرى بولغان «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» داستانى ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ يارىدىمىدە ئايرىم كىتابچە بولۇپ نەشىر قىلىندى،ئۇندىن باشقا ئەينى يىللاردا غۇلجىدا ۋە ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدە كۆپلىگەن گېزىت-ژورناللار نەشىر قىلىنغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ خېلى كۆپىنىڭ ئەدەبىيات بەتلىرى بار ئىدى.گېزىتلەرنىڭ ئەدەبىيات بەتلىرى،ژورناللارنىڭ ئەدەبىيات سەھىپىلىرى ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيتى ئۈچۈن ناھايىتى كەڭ مۈمكىنچىلىكلەرنى ھازىرلاپ بەردى.«ئىتتىپاق» ژورنىلى ئۈچ ۋىلايەت ئەدىبلىرى ئەسەر ئېلان قىلىدىغان ئاساسلىق سورۇن بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتىنڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىدە ناھايىتى مۇھىم روللارنى ئوينىغان. بۇلاردىن باشقا «ئىتتىپاق» ژورنىلىنىڭ نامىدا ئۈچ ۋىلايەت ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلەر توپلاملىرى —ئالماناخلارمۇ نەشىر قىلىنىپ تۇردى.مانا بۇلار ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق ئىمكانىيەتلەرنى ھازىرلىدى.ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىلا ئەمەس،بەلكى يەنە ھەر خىل ئەدەبىي پائالىيەتلەرمۇ ناھايىتى جانلاندى.بۇ خىل جانلىنىش ئالدى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مەركىزى بولغان غۇلجىغا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ داڭلىق ئەدىبلىرى يىغىلغانلىقىدا،ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت بىلەن ئىنقىلاب ئىشلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ،ھەر ئىككىسىدە گەۋدىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخدىكى ئالاھىدە بىر ئەدەبىيات دەۋرى – ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى دەۋرىنى ياراتقانلىقىدا ئىپادىلەندى.بۇ خىل جانلىنىش يەنە بىر تەرەپتىن ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئەدەبىي ئالاقىلەرنىڭ كۈچەيگەنلىكىدە،ھەرقايسى مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇپ،مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئەدەبىي ئالاقىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنـلىكىدە ئىپادىلەندى.ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە درامىچىلىق ئىشلىرىمۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە گۈللەندى. ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىشى بىلەن غۇلجىدا ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى تىياتىر ئۆمىكى قۇرۇلدى. بۇ ئۆمەك ناھايىتى تېزلا ۋاقىت ئىچىدە ئارتىس،سازەندىلەر بىلەن تولۇقلىنىپ،خېلىلا مۇكەممەللەشكەن تىياتىر ئۆمىكىگە ئايلانغان ۋە شىنجاڭنىڭ باشقا ۋىلايەتلىرىگە ئۈلگە كۆرسەتكەن. بۇ تىياتىر ئۆمىكى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ««پېرىخۇن»،«كىمنىڭ ئىشى تەس»، «قانلىق داغ»،«شانلىق غەلبە»،«خىيالىي تېۋىپ»،«ئۆگەي ئانا»،«رابىيە-سەئدىن»، شاڭخەي كېچىسى»،«گۈلنىسا»،«غۇنچەم» قاتارلىق درامىلارنى ئويناپ، بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرغان بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر درامىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن گەۋدىلىك ھەسسە قوشقان.ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى خاراكتېر جەھەتتە ئىلغار،ئىنقىلابى،جەڭگىۋار ئەدەبىيات بولدى.ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئەدىبلەر ئۆز ئەسەرلىرىدە ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىگەن تېمىلارنىڭ بىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسىگە تەنتەنە قىلىش بولغان بولسا، يەنە بىر تېما،يەنە كېلىپ مۇھىم بىر تېما گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان چوڭقۇر ھېسداشلىق ۋە ئۇلارنىڭ كۈرەش قىلىش روھىغا ئىلھام بېرىش،ئۇلارنى ئۈمىدۋار بولۇشقا چاقىرىش بولدى.ئۈچ ۋىلايەت ئەدىبلىرى ئىجادىيەتتە رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئەينى دەۋر رېئاللىقىنى چىن ۋە ماھىيەتلىك ئەكس ئەتتۈردى.بولۇپمۇ ئەكسىيەتچى كۈچلەر بىلەن كەڭ ئەمگەكچى خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈردى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، ئۈچ ۋىلايەت ئەدىبلىرى ئۆز ئەسەرلىرىدە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈيلىدى، ۋەتەن-خەلققە پۈتمەس-تۈگىمەس زۇلۇم سالغان ئەكسىيەتچىلەرچە چەكسىز غەزەپ نەپرەت ياغدۇردى، مىللى بۆلگۈنچىلەرگە،ئەكسىيەتچى ئىدىيلەرگە بايرىقى رۇشەن،مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا قارشى تۇردى،پۈتۈن مەملىكەت قاتارىدا شىنجاڭنىڭمۇ چوقۇم ئازاد بولىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى رۇس-سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تاتار،ئۆزبېك،قازاق قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەتبۇئاتلىرى رۇس سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنىڭ،سابىق سېۋېت ئەىتتىپاقىدىكى قېرىنداش مىللەتلەر ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇردى. ئۇندىن باشقا روس سوۋېت ئىنقىلابىغا، جۇڭگۇ ئىنقىلابىغا دائىر كۆپلىگەن ئىلمىي نەزەرىيۋى ماقالىلارمۇ تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇلۇپ، ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئاڭ ئىدىيسىدىكى ئويغىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى.ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي تۈر ۋە ژانېرلار مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى.ئەدەبىي تۈر ۋە ژانېرلارنىڭ شەكىللىنىشى،تەرەققىي قىلىشى ۋە پىشىپ يېتىلىشى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى مۇھىم بىر ئەدەبىيات ھادىسسى، شۇنداقلا بۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بىرى ئىدى.ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتىدا ھەقىقەتەن ئەدەبىي تۈر ۋە ژانېرلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ئەمەلگە ئاشتى. ئۇندىن باشقا،بۇ ئەدەبىياتتا ئەدەبىي خاتىرە،ئەدەبىي ئاخبارات، شېئىرىي مەسەل قاتارلىق ئەدەبىي تۈرلەردىمۇ خېلى ياخشى سەۋىيدىكى ئەسەرلەر يېزىلدى.دېمەك،ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ئەدەبىيات بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىي ژانېر-تۈرلەرنىڭ تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك ھەسسىلەرنى قوشتى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئەدىبلەر ناھايىتى كۆپ.ئۇلارنىڭ ئاساسلىقلىرى : زۇنۇن قادىرى،ئەلقەم ئەختەم،ئابلىز نازىرى،سەيپىدىن ئەزىزى،تېيىپجان ئېلىيوپ،نىمشېھىت،قاسىمجان قەمبىرى ،نەمەت خەلپەت،ئەنۋەر ناسىرى،نۇرمۇھەممەت بۇساقۇپ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

     

     

     

     


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.