[ئوبزور] «چىڭقى چۈش»تىكى ساختا قىيامەت

يوللىغۇچى : zarda-roh يوللىغان ۋاقىت : 2008-06-28 19:51:00

«چىڭقى چۈش»تىكى ساختا قىيامەت «چىڭقى چۈشتىكى قىيامەت» ساختا قىيامەت ئالىم رىشىت(ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن )ھەرقانداق بىر يازغۇچى يازماقچى بولغان تىما ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلانما...

    «چىڭقى چۈش»تىكى ساختا قىيامەت

        «چىڭقى چۈشتىكى قىيامەت» ساختا قىيامەت ئالىم رىشىت(ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن )ھەرقانداق بىر يازغۇچى يازماقچى بولغان تىما ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلانماي ، نىمىنى يېزىش ، قانداق يېزىش ھەققىدە بىر قارارغا كەلمەي تۇرۇپ ، ئالدىراپ قولىغا قەلەم ئالماسلىقى لازىم . ئەگەر يازغۇچى بىردەملىك ھىسسىياتنىڭ تۈرتكىسىدە ئالدىراپ قولىغا قەلەم ئېلىپ قويسا ئەسىرى ئېلان قىلىنغان تەقدىردىمۇ ئوقۇرمەنلەردىن ئىبارەت ھەقىقى باھالىغۇچىلارنىڭ تەنقىد ئېڭىنى قوزغاپ ، بەس - مۇنازىرىنىڭ ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن . چۈنكى ھازىرقى ئۇقۇرمەنلەر ، يازغۇچى نىمە دەپ يازسا ، قانداق يازسا ئىنكاس بىلدۈرمەي تۇرىۋەرمەستىن ، بەلكى ئەشۇ ئەسەرنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان - چىقمىغانلىقى ئۈستىدە قاراشلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئەسەر ئۈستىدە بەس - مۇنازىرە قىلشىدۇ . ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەردىن كۈتىدىغىنى نوقۇل ھالدىكى ئىددىيە ئىزدەش بولماستىن ئەڭ مۇھىمى ئەدەبىي ئەسەردىن ئىستىتىك زوق ئېلىشتىن ئىبارەت . تۇرمۇشنى كۈزىتىشكە سەل قاراپ ، ۋەقە تەرەققىياتى بىلەن پىرسۇناژ خاراكتىرىنى زىچ بىرلەشتۈرمىگەن ، قۇرۇلمىسى چېچىلاڭغۇ ، ئارتۇقچە تەپسىلات كۆپ بولغان ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن ئاسانلا سىزىلىپ قالىدۇ . «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 2008 - يىللىق 1- سانىدا ئابدۇۋاھىت مۆلجەرىنىڭ «چىڭقى چۈشتىكى قىيامەت» ناملىق ھېكايىسى يۇقارقى قارشىمغا مىسا ل بولىدىغان ھېكايە ، دەپ قارايمەن . مەن بۇ ھېكايىنى ماۋزۇسىنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن ئوقۇشنى باشلىغان ئىدىم . ھېكايىنىڭ بېشىدىكى ئۇزۇندىن -ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەسۋىرنىڭ تۈگۈمەسلىكى ،ئىچىمنى تىت-تىت قىلىپ ، ھېكايىنى تۇلىمۇ زورۇقۇش ئىچىدە ئاران ئوقۇپ تۈگەنتىم . چۈنكى بۇ ھېكايىدا ئاپتور ۋەقەلىكنى ئورۇنلاشتۇرۇش ، پىرسۇناژ ئوبرازىنى يارىتىش ، سۆز –جۈملىلەرنى ئىشلىتىشتىن تارتىپ ، مۇھىتنى تەسۋېرلەشكىچە ئۆزىنىڭ ھېكايە يېزىۋاتقانلىقىنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويۇپ ، ئىزىلەڭگۈ بايان ، تەسۋېرلەرنى زىرىكمەستىن تولىمۇ «مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن» يازغان . ھەر قانداق بىر ئوقۇرمەن ھېكايىنىڭ بېشىدىكى« ‹كىشىدىن ھايا كەتسە ئورنىغا بالا كېلەر . ھەركىم قىلسا ئۆزىگەقىلار › ئۇيغۇر خەلق ماقاللىرىدىن »دېگەن يەردىن 21 - بەتتىكى «ئادىمىيلىكتىن بارغانسېرى يىراقلشىپ كەتتۇق»دېگەن يەرگىچە بولغان تەسۋېر ۋە بايانلارنى ئوقۇۋاتقىنىدا ھېكايە ئوقۇغاندەك ھىسسىياتقا كەلمەستىن بەلكى مەدەنىيەت جۇغراپىيىسى ئوقۇۋاتقاندەك ،ئاتالمىش جاڭگاللىقتىكى ھەر بىر ئوت –چۆپ ، دەل –دەرەخ ، ئۇچار - قۇشلارنىڭ سانى ئېلىنغان ھىساۋات خاتىرىسى ئۇقۇۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىدۇ . ھېكايىدا ئاپتور ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننى جاڭگاللىق ، دەپ يازغان بولسىمۇ لېكىن جاڭگاللىقنىڭ باغچىغا ھەرگىز ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئىسىدىن چىقىرىشقا ئۈلگۈرگەن ، جاڭگاللىقنى خۇددى باغچىدەك تەسۋىرلەپ ، بۇ جاڭگاللىقتا 30دىن ئارتۇق قۇشلارنىڭ ياشايدىغانلىقىنى ، بىر – بىرلەپ ئېرىنمەي ساناپ چىققاندىن كېيىن «يەنە نامىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئاللا قانداق قۇشلار بۇ كەڭرى جاڭگالنى ئۆزىگە ماكان قىلىشقان»دەپ يازغان . ئارقىدىنلا بۇ جاڭگاللىقتىكى ئوت –چۆپ ، مىۋىلىك ۋە مىۋىسىز دەل - دەرەخلەرنى ئېرىنمەي ساناپ جاڭگالدا ، «ئالىقات ، ئاق تېرەك ، سۇۋادان ، سۆگەت ، تال سۆگەت ، مەجنۇنتال ، ھەر يوغان ئۈجمە » قاتارلىقلارنىڭ 13 خىلدىن ئارتۇقىنى ساناپ بولغاندىن كىيىن ، ئوت –چۆپلەردىن 30 ىنى بىر –بىرلەپ ، زىرىكمەي ساناپ چىققان . ئاپتور يۇقارقى ئوت چۆپلەرنى ئېرىنمەي ساناپ بولۇپلا بۇ ئوت چۆپلەر «خۇددى ئۇيغۇر ئۇستىلىرى قولىدا توقۇلغان گىلەملەرگە بېرىلگەن رەڭگا رەڭ گۇل نۇسخىللىرىدەك جاڭگالنىڭ ئىچىنى تېخىمۇ گۈزەل كۆرسىتىدۇ . » دەپ ئوخشاتقان . خوش ، ئۇنداقتا ئاپتورنىڭ تەسۋىرلەۋاتقىنى جاڭگاللىقمۇ ياكى يېرى مۇنبەت ، سۈيى راۋان ، ھاۋاسى مۆتىدىل بولغان ئورمانلىقمۇ ؟ ياكى كەڭرى كەتكەن يايلاقمۇ ؟؟؟ مەن ھېكايە ئاپتورىنىڭ جاڭگاللىقنى يۇقارقىدەك تەسۋىرلىشىدىن بۇ يازغۇچىنىڭ «جاڭگاللىق» دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىنى ئانچە چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم . ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە «جاڭگاللىق» دېگەن سۆزنى: «يۇلغۇن ، سوكسوك ، يانتاق ، كۈرۈك ، توغراق قاتارلىقلار ئۆسىدىغان ئادەم ياشىمايدىغان جاي» دەپ چۈشەندۈرگەن . ئەمما ھېكايە ئاپتۇرى جاڭگاللىقنى بارلىق ئوت –چۆپ ، مىۋىلىك، مىۋىسىز دەل –دەرەخلەردىن تارتىپ،30نەچچە خىل قۇشلار ياشايدىغان ، كۆل ، دەريا ، ماشىنا ماڭىدىغان يول بولغان ئورۇن قىلىپ تەسۋېرلىگەن . ھېكايە ئاپتورىنىڭ جاڭگاللىق ھەققىدىكى تەپسىلى يېزىلغان بايانلىرى ئوقۇرمەنلەرگە ئىستىتىك زوق ئاتا قىلمايلا قالماستىن بەلكى بۇ بايانلار چىنلىق ئاساسىنىڭ تۆۋەنلىكى ، جاڭگاللىق ئۇقۇمىنىڭ توغرا چۈشەندۈرۈلمەسلىكى سەۋەپلىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىد ئېڭىنى قوزغاپ قويىدۇ . ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدا تەسۋىرلىنىۋاتقان ئەر ئوبرازى بولسۇن ياكى قارا قاشلىق ئايال ئوبرازى بولسۇن ئۇلارنىڭ خاراكتىرى سۆز – ھەركەت ، دىئالوگ ، پىسخىك تەسۋىرى ئارقىلىق يورۇتۇلماستىن بەلكى نوقۇل ھالدىكى ئاپتور بايانى ئارقىلىق ئەرنىڭ ناھىيىدىكى ئىدارىنىڭ ئىشچىسى ئىكەنلىكى ، ئۇنىڭ ئاق پىشماق ، ئىشچان خوتۇنى ، ئىڭەككە تاقاشقان قىز - ئوغۇللىرى بارلىقى ، ئەر بىلەن بۇزۇقچىلىق ئۈچۈن ماڭغان ئايالنىڭ يالغۇزچىلىقنىڭ دەردىنى تارتقانلىقى ، شۇنداقلا دائىم خوتۇن خەقكە كۆز سېلىپ ، ھەر قىسما خوتۇنلار بىلەن ئاشنىدارچىلىق قىلىپ ئۈگۈنۈپ قالغان ئەرگە ئايالنىڭ يالغۇزلىقى تازا پۇرسەت بولغانلىقى قاتارلىق ئىزىلەڭگۈ بايانلار ئارقىلىق پىرسۇناژلارنىڭ خارەكتىرىنى يورتىمەن ، دەپ پىرسۇناژلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان . ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى پىرسۇناژنىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىشىنى يېزىشنىڭ ھېكايە ۋەقەلىگىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھىچقانداق زۈرۈرىيتى بولمىغان ئارتۇقچە تەپسىلات خالاس . ئەدەبياتتىكى ئاساسلىق مەسىلە پىرسۇناژلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى ، ئۇلارنىڭ سۆز - ھەركىتى پىسخىك تەسۋىرى ئارقىلىق ، يورۇتۇپ ، ئەسەرنىڭ چىنلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت . ئاپتور ھىكايىدە يەنە پىرسۇناژلار ھەققىدىكى بېىرىۋاتقان بايانلىرىدىن قانائەت ھېس قىلماي ، ھىچقانداق زۈرۈرىيىتى بولمىغان مۇھاكىمىلەرنى ئارتۇقتىن -ئارتۇق يېزىپ ، ھېكايىنىڭ «تەمى» نى تېخىمۇ قويمىغان . مەسىلەن: 20 –بەت پۈتۈن ،21-بەت بىرىنجى ستون ئاستىدىكى ئابزاسقىچە ھېكايە مەزمۇنىغا مۇناسىۋىتى يوق يازمىسىمۇ بولىدىغان بايان ، مۇھاكىمىلەر يېزىلىپ ھېكايە ئاپتورىنىڭ قولىغا ئالدىراپ قەلەم ئېلىپ قويۇپ ، نىمە دەپ ، يېزىشنى ، قانداق يېزىشنى بىلەلمەي قالغانلىقىنى ئاشكارلاپ قويغان . ھېكايە ۋەقەلىكىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق ھېكايە «بۈگۈن ھاۋا تازا ئىسسىپ ، جىگدە چىچىكىنىڭ خۇشھىدى جاڭگالنىڭ ئىچىگە تارالغانىدى . » دېگەن يەردىن باشلانسىمۇ راۋان بولىۋىرەتتى . شۇڭا ھېكايىنىڭ يۇقارقى ستونلارغا يېزىلغانلىرىنى ئارتۇقچە تەپسىلات ، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرسەك ھەرگىزمۇ مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز . بۇنداق بايانلار ھېكايىدە خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ . ھېكايە ئاپتورى ۋەقەلىكنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا باشتىن - ئاخىر سەۋەپ –نەتىجە مۇناسىۋىتى بويىچە يېزىش ئۈچۈن ھەر بىر ۋەقەنىڭ يۈز بىرىش سەۋەبىنى ئۇدۇل بايان قىلىپ ، ئەدەبىياتنىڭ ئوبراز ۋاستىسى ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىدەك ئاددىي ساۋاتنىمۇ ئېىسىدىن چىقىرىپ قويۇشقا ئۈلگۈرگەن . مەسىىلەن : ئايالنىڭ جاڭگاللىققا تۆت ئايلىق بالىسىنى نىمە سەۋەپتىن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى دوستىنىڭ بالىغا قاراپ تۇرۇشقا ئۇنىمىغانلىقىدىن بولغانلىقىنى يازىمەن ، دەپ ئۇ ئايالنىڭ ساۋاقدىشى بىلەن سوقۇشۇپ قالغانلىقىنى تەپسىلىي يېزىشنىڭ ھېچقانداق زۈرۈرىيتى يوق ئىدى . بۇنى ئاز دېگەندەك ھېكايىدە يەنە ئۇخلاۋاتقان بالىنىڭ قېشىغا يىلاننىڭ كېلىشى بوۋاقنى چېقىشقا جۈر ئەت قىلالمىغانلىقىنى يېزىشنىڭ ئۆزىلا ئارتۇقچە تەپسىلات . ئاپتور ھېكايىدا جاڭگاللىققا كىلىپ كىتىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ يوقلۇقىنى يېزىش ئارقىلىق بۇ جاڭگاللىقتا ئادەملەرنىڭ ھەقىقىقەن كۆپلىكىنى يازغانيۇ - ، بۇزۇقچىلىق قىلشىۋاتقان ئەر - ئايالنى قىپيالىڭاچ ھالەتتە بۇزۇقچىلىق قىلشىۋاتقان ، دەپ تەسۋىرلىگەن . كىلىدىغان ئادەمنىڭ سانىنى ئالغىلى بولمايدىغان ئادەم كۆپ يەردە ئۇ ئىككى ئەر - ئايالنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ قېلشىدىن قورقماي قىپيالىڭاچ ھالەتتە بۇزۇقچىلىق قىلىشى مىللەتنىڭ پىسخىكىسىگىمۇ ئانچە ئۇيغىن كەلمەيدۇ ، ئەلۋەتتە . ھېكايە ئاپتورى قىپيالىڭاچ ھالەتتە بۇزۇقچىلىق قىلىشقان ئەر - ئايالنى جامائەت ئالدىدا رەسۋا قىلىش ئارقىلىق ھېكايە ۋەقەلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئەپچىل چارىسىنى تاپالماي بىردىنلا تۆت ئايلىق بوۋاقنى نامەلۇم بىر قۇشنىڭ ئېلىپ ئۇچۇپ كەتكەنلىكىنى يېزىپ ھېكايىنىڭ رىئالىستىك خۇسىۇسىيتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، رۇمانتىك خۇسۇسىيىتىنى ئاشۇرماقچى بولغان بولسىمۇ لېكىن ۋەقەلىكنى ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مادارى يەتمىگەن . ئاپتورنىڭ نىمىنى يېزىشى ، قانداق يېزىشى ئۆزىنىڭ ئىشىدەك قىلسىمۇ لېكىن بىر مىللەتنىڭ پىسخىكىسى ، ئەدەبىياتىغا بېرىپ تاقىشىدىغان تەپسىلاتلارنى ئۆزىنىڭ بىلىشىچىلا يېزىپ قويسا مىللەتنىڭ پىسىىخىكىسى ۋە ئەدەبىياتىغا زور دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق بولۇپلا قىلغانلىق بولىدۇ . ئۇيغۇر مىللىتى ھەر قانچە ئىشقىۋاز مىللەت ، دەپ قارالغان تەقدىردىمۇ ئادەم ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ئاتالمىش «جاڭگاللىق» تا ئەر –ئايال ئىككەيلەننىڭ قىپيالىڭاچ بولۇپ ئىنسانىي ئار -نۇمۇسنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان ھالدا ، ئايالنىڭ تۆت ئايلىق بالىسىنى قېشىدا ياتقۇزۇپ قويۇپ ئەر بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىشى ئاپتور تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىلغان ساختا تەپسىلات خالاس . تۆت ئايلىق بوۋاقنى نامەلۇم قۇشنىڭ ئېلىپ ئۇچۇپ كىتىشدىن ئىبارەت ۋەقەلىكنى ئوقۇغانلىكى ئوقۇرمەن ئاپتورنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش ماھارىتىنڭ ھەقىقىتەن تۆۋەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مازاق قىلماي قالمايدۇ . « بۈركۈتمۇ ، قارچۇغىمۇ ، شۇڭقارمۇ ئەمەس ، چوڭلۇقى تۆگە قۇشىدەك كېلىدىغان ناھايىتى يوغان ، قاپقارا بىر قۇش سەت چىقىراپ ، ئاسماندىن ئوقتەك ئۇچۇپ ، چۈشۈپ توخۇنىڭ پۇتىدەك يوغان تىرناقلىرى بىلەن بوۋاقنى يۆگەك بىلەن قوشۇپ قاماللاپ كۆتەردى-دە ،يەنەچاقماق تېزلىكىدەھاۋاغا كۆتۈرۈلدى»دەپ يازغان . خوش ئۇنداقتا ھېكايە ئاپتورىنىڭ تەسۋىرلەۋاتقان قۇشى زادى تۆگەقۇشىچىلىك چوڭلۇقتىكى قۇشمۇ ياكى ناھايىتى يوغان قۇشمۇ ؟ ئاپتۇر بۇ يەردە ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا مەنتىقىلىق خاتالىققا يول قويغان . ھېكايە ئاپتورى ھېكايە دېگەندە تۇقۇلمىنى قانداق توقىسام بولىۋېرىدۇ ، دەپ قاراپ ، رىئالىستىك ۋەقەلىكىنى بىردىنلا رومانتىك ۋەقەلىككە ئۆزگەرتمەكچى بولغان بولسىمۇ لىكىن ئۆزى تەسۋېرلەۋاتقان ئورۇننىڭ جاگگاللىق ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقىرىپ ،جاگگاللىققا دەرھال بىر كۆلنى پەيدا قىلىپ ، بولغۇسى ۋەقەلىكتىن بىشارەت بېرىشنى ئويلىغان . شۇڭا تۆت ئايلىق بوۋاقنى بىر قۇشنىڭ يۆگەك بىلەن قاماللاپ ئاستا ئۇچۇپ ، ئانىنى قوغلىغىلى سالغانلقىىدەك ساختا تەپسىلاتنى ئويدۇرۇپ چىقارغان . تۆگە قۇشىچىلىك چوڭلۇقتىكى قۇشنىڭ تۆت ئايلىق بوۋاقنى ئېلىپ ئۇچۇپ كېتىشى ۋە ئايال قوغلىسا ئاستا ئۇچۇت بىرىشى مەيلى رىئاللىق نوقتىسىدىن بولسۇن مەيلى تەسەۋۋۇر نوقتىسىدىن بولسۇن ئەقىلغا ئانچە سىغمايدىغان تۇرمۇش ئاساسى يوق ساختا تەپسىلات . قۇشنىڭ بالىنى قاماللاپ كۆلنى بويلاپ ئاستا ئۇچقانلىقى ، ئانىنىڭ قۇشنى تىللاپ قوغلىغانلىقى ئاخىرىدا قۇشنىڭ بالىنى كۆلگە تاشلاپ ئۇچۇپ كەتكەنلىكى يېزىلغان . بۇ ئاتالمىش تەپسىلاتلار ئۇستىلىق بىلەن قۇراشتۇرۇلۇپ ھېكايە ۋەقەلىكى جىپسىلاشقاندەك قىلسىمۇ ئەمما ھېكايىنى كۈڭۈل قويۇپ ئۇقۇغانلارغا ئايان بولىدىغىنى «سۈنئى» تەپسىلات . شۇڭا ھېكايە ئاپتورىنىڭ جاڭگاللىق ھەققىدىكى ئۇزۇندىن –ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەسۋېرى بولسۇن ، مەيلى بايانلىرى ياكى مۇھاكىمىلىرى بولسۇن ئۇقۇرمەنلەرگە چىنلىق ئاتا قىلالمايلا قالماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ تەنقىت ئېڭىنى قوزغايدىغان ھېكايە جۈملىسىدىندۇر . ھېكايە ئاپتورى ۋەقە يۈزبەرگەن ئورۇننى جاڭگاللىق ، دەپ تەسۋېرىگەن بولسىمۇ ھەمدە بۇ جاڭگاللىققا كېلىپ كىتىدىغانلارنىڭ 5- ئايدىن 10- ئاينىڭ ئاخىرغىچە تېخىمۇ كۆپلىكىنى يازغان بولسىمۇ ئەمما ئايالنىڭ يالڭاچ ھالدا نامەلۇم قۇشنى قوغلاپ يۇرگەندىكى ھالىتىنى جاڭگالغا كىلىپ كىتىدىغانلار كۆرمەكتە يوق بەلكى مىيىتنى قۇيۇپ يانغان جامائەت كۆرگەن قىلىپ تەسۋېرلىگەن . ئۇنداقتا بۇ جاڭگاللىققا كىلىپ كىتىدىغانلارنىڭ ئايىغىنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىنىڭ چىنلىق ئاساسى بارمۇ - يوق ؟ قىزىق يىرى شۇكى بۇ جاڭگاللىقتا بىردىنلا چوڭ يول پەيدا قىلىنغان . ئەركىشىنى چوڭ يولغا قاراپ موتسىكلىت بىلەن قاچقان ، دەپ تەسۋېرلەش ئارقىلىق ئۇنىڭمۇ ماشىنىدىن قېچىپ ستولبىغا ئۈسسىگەنلىكىنى يېزىپ ، ھەر ئىككىلى پىرسۇناژنىڭ ھالاكەتلىك تەقدىرىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان بولسىمۇ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق بايانلار ھېكايىنىڭ چىنلىق كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان ، بۇلار ئوقۇرمەنلەرنى زورمۇ - زور كۈلكىگە قىستايدۇ . شۇڭا ئوقۇرمەنلەر بۇ ھېكايىنى باشتىن ئاخىر ساختا تەپسىلات بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ھىچقانداق ئىستىتىك زوق ئاتا قىلالمايدىغان پۈچەك ، ساختا ھېكايە ، دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىدۇ .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق