ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە(2)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-07 05:07:15

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە(2) ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرىئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەيدانغا كېلىپ، 20-ئەس...



    ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە(2)
     
     
      
        ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەيدانغا كېلىپ، 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە تەخمىنەن يېرىم ئەسىر داۋاملاشقان،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا سېلىشتۇرغاندا تەرەققىيات تارىخى نىسبەتەن قىسقا بولسىمۇ،ئەمما تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ قىسقىلىقىغا قارىماي،گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيتىگە ئېرىشكەن،رۇشەن دەۋر ئالاھىد-ىلىكى شەكىللەندۈرگەن،يېڭىچە بىر ئەدەبىياتنى ياراتقان ئالاھىدە بىر تارىخى دەۋرنىڭ ئەدەبىياتى بولدى.كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا،ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى 1900-يىللىرى يېڭى ئەسىر باشلىنىپ ئۇيغۇرلاردا ئاڭ،مەدەنىيەت ئويغىنىشى باشلانغاندىن تارتىپ 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تەخمىنەن يېرىم ئەسىرلىك ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ. يېرىم ئەسىر داۋاملاشقان بۇ ئەدەبىيات ئۆز تارىخى تەرەققىياتى داۋامىدا دەسلەپكى شەكىللىنىش باسقۇچى،ئوتتۇرا مەزگىلدىكى گۈللىنىش باسقۇچى ۋە ئاخىرقى جەڭگىۋار باسقۇچتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەققىيات باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەن. بۇ ئۈچ تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ گەۋدىلىك ئىجادىيەت نەتىجىلىرىدىن باشقا يەنە،نىسبىي مۇستەقىل باسقۇچ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرى بار. 1) دەسلەپكى شەكىللىنىش باسقۇچى 1900-يىللارنىڭ باشلىرىدىن 1933-يىلىدىكى «12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىر- ىشى»گىچە بولغان ئارىلىق ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى شەكىللىنىش باسقۇچى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.بۇ باسقۇچتا مەيدانغا كەلگەن ئەسەرلەردە خەلقىمىزنىڭ دېمۇكىراتىك تەلەپلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولغاچقا، بۇ ئەدەبىيات  باسقۇچى بەزىدە يەنە «دېمىكىراتىك ئەدەبىيات دەۋرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ باسقۇچتىكى ئەدەبىيات كىلاسسىك ئەدەبىياتتىن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى،ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپلا قالماستىن،بەلكى يەنە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى گۈللىنىش ۋەزىيتىنى ياراتتى.ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مەدەنىيەت ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ سەركەردىلىرىدىن بولغان ئابدۇقادىر داموللا،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، قۇتلۇق شەۋقىي،نەزەر غوجا قاتارلىق زىيالىيلار ھەم ئابدۇللا ھاپىز،ئىسمايىل ھاجى قاتارلىق ئەدىبلەر بۇ ئەدەبىيات باسقۇچىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى بولدى.2) ئوتتۇرا مەزگىلدىكى گۈللىنىش باسقۇچى 1933-يىلىدىكى «12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى»دىن 1944-يىلى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» پارتىلىغانغىچە بولغان ئارىلىق ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك تەرەققىيات باسقۇچى،يەنى گۈللىنىش باسقۇچى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرى ئىنتايىن گۈللەنگەن بولغاچقا، بۇ دەۋر ئەدەبىياتى بەزىدە يەنە «ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىش باسقۇچى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ دەۋردە ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇردى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ،مەمتېلى ئەپەندى،نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى،زۇنۇن قادىرى،قاسىمجان قەمبىرى،ئابدۇللا روزى قاتارلىقلار بۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرى ھېساپلاندى.3) ئاخىرقى مەزگىلدىكى پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى 1944-يىل 11- ئايدا پارتىلىغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىن 1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانغىچە بولغان ئارىلىق ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ باسقۇچتا مەيدانغا كەلگەن ئەسەرلەردە خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق يولىدىكى جەڭگىۋار كۈرەشلىرى ۋە قەيسىرانە روھى قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولغاچقا، بۇ دەۋر ئەدەبىياتى بەزىدە يەنە «جەڭگىۋار ئەدەبىيات باسقۇچى» دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ دەۋردىكى ئەدەبىياتنىڭ ژانېرلىرى كۆپ خىل،ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيتى گەۋدىلىك،بەدەئىي سەۋىيسى ئۈستۈن بولغاچقا،«پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى ئەدەبىيات »دەپمۇ ئاتىلىدۇ.زۇنۇن قادىرى،ئەلقەم ئەختەم،ئابلىز نازىرى،سەيپىدىن ئەزىزى، ئەھمەد زىيائى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،مەمتىمىن توختايوپ قاتارلىقلار بۇ باسقۇچتىكى ئەدەبىياتنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرى ھېساپلىنىدۇ.پىشىپ يېتلىشى باسقۇچىدىكى ئىجادىيەتتە ئاساسلىق قىلىپ زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىپ ئەركىن،بەختىيار زامانغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك تەلپۈنۈش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان،ئىجادىيەت ئۇسۇلى جەھەتتە رېئالىزىم تېخىمۇ پىشىپ،ئۇنىڭ خېلى يۇقۇرى سەۋىيسى يارىتىلغان،ئەدەبىي تۈر-ژانېرلار كۆپ خىللاشقان،جۈملىدىن ھەرقايسى ژانېر-تۈرلەردە ھازىرقى زامان ئەدەبي ئىجادىيتىنىڭ يۇقۇرى مۇۋەپپەقىيتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئىجاد قىلىنغان،ھەتتا «قانلىق يەر»گە ئوخشاش رومانلارمۇ ئىجاد قىلىنغان. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ ھەر بىر تەرەققىيات باسقۇچىدا ئۆزلىكسىز تەرەققىي قىلىپ،يېڭىدىن-يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ھەم نىسبىي مۇستەقىل ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولدى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.