ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە(3)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-07 05:09:46

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە(3) ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى تەرەققىيات مۇساپىسىدا شەكىللەنگەن ھەرقايسى ب...



    ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە(3)
     
     
     
     
          ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى تەرەققىيات مۇساپىسىدا شەكىللەنگەن ھەرقايسى باسقۇچلار ھەم بىر پۈتۈن ئەدەبىيات گەۋدىسىنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسىملىرى ھېساپلانسا،ھەم يەنە نىسبىي مۇستەقىل ئەدەبىيات گەۋدىلىرى ھېساپلىنىدۇ،ئۇلارنىڭ نىسبى مۇستەقىللىقىنى ئالاھىدە تارىخى دەۋرنىڭ ئەدەبىياتى بولۇشتەك تارىخى خاراكتېرىدىن باشقا يەنە،شۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن ھەم شۇ دەۋر ئەدەبىياتىدا تېخىمۇ رۇشەن ئىپادىلىدىغان ئالاھىدىكلەر گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باشلانغاندىن تارتىپ ئاخىرلاشقىچە بولغان قىسقىغىنە تەرەققىيات مۇساپىسىدا،تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە ئاساسلىق ئالاھىدىكلەرنى شەكىللەندۈردى : 1. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى كۈچلۈك دېموكىراتىك خاھىشقا ئىگە ئەدەبىيات بولدى.بۇ باسقۇچتا ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي رولى ھەققىدىكى چۈشەنچە بارغانسېرى ئېنىقلىشىپ،ئەدەبىيات كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئويغىتىش،يېتەكلەشتىكى بىر خىل قورال دەيدىغان چۈشەنچە ئومۇملاشتى، نەتىجىدە ئەدەبىياتنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان مۇناسىبىتى ناھايىتى قويۇق بولدى.ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى مەيدانغا كېلىش بىلەنلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئەركىنلىك، ئازادلىق، باراۋەرلىك ۋە بەختىيار تۇرمۇشقا بولغان كۈچلۈك تەلپۈنىشىنى ۋە بۇ يولدا ئېلىپ بارغان جەڭگىۋار كۈرەشلىرىنى ،شۇنداقلا ۋەتەن-خەلقنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشىنى؛ نامراتلىق،قۇللۇق، نادانلىق ھالىتىدىن قۇتۇلۇش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى ئىپادىلەپ،كۈچلۈك دېمۇكىراتىك خاھىشقا ئىگە بولدى. بۇنداق دېمۇكىراتىك خاھىش ئەينى دەۋردىكى ئالاھىدە تارىخى شارائىتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايىتى ئاكتىپ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. 2. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ۋەتەنپەرۋەرلىك،خەلقچىللىق روھىغا ئەڭ باي ئەدەبىيات بولدى. بۇ ئەدەبىيات مەيدانغا كېلىشى بىلەنلا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقچىللىقتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى تېمىغا ۋارىسلىق قىلدى ھەم ئۇنى يېڭى تارىخى شارائىتتا يېڭىچە مەزمۇنغا ئىگە قىلدى. بۇ دەۋردىكى ئەدىبلەر ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىيات-گۈللىنىشىنى ۋەتەن،خەلقنىڭ تەقدىرى بىلەن باغلاپ قارىدى،شۇڭا بۇ ئەدەبىيات ۋەتەن-خەلقنىڭ تەقدىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاندى ۋە بۇ ھەقتە ئاكتىپ پىكىر قىلدى. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى،ۋەتەننىڭ ئازادلىقىنى،ۋەتەننىڭ قۇدرەت تېپىشىنى ۋە بۇ يولدا كۈرەش قىلىشنى ئاساسلىق تېما قىلدى؛كەڭ خەلق ئاممىسىغا،ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق،قىيىن تۇرمۇش شارائىتىغا،ئۇلارنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىگە بولغان چوڭقۇر ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە يەنە كەڭ ئەمگەكچى خەلق ئاممىسىنى چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەت بىلەن كۈيلىدى.ئۇلارنى تەقدىرگە تەن بېرىپ ئولتۇرماي،ئويغىنىپ كۈرەش قىلىشقا،ئەل-يۇرتنى قۇتۇلدۇرۇشقا ۋە قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشقا سەپەرۋەر قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە خەلقچىللىق – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئاساسلىق روھقا ئايلاندى. 3. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىپ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىنى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن ھەم ئىزچىللىققا ئىگە قىلدى ھەم يېڭىلىدى.ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى مەيدانغا كەلگەندىن تارتىپ تاكى ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى شېئىرىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى؛ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا بولغان ۋارسلىق ژانېر،تېما،ئۇسلۇپ، بەدەئىي ئىپادىلەش ۋاستلىرى، ئەدەبىي تىل قاتارلىق جەھەتلەردە رۇشەن ئىپادىلەندى. ئۇندىن باشقا ھازىرقى زامان ئەدىبلىرى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئابدۇرېھىم نىزارى باشلىغان،موللا بىلال ئىجادىيتىدە يۇقۇرى پەللىگە يەتكەن رېئالىزىملىق خاھىشنى يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلاندۇردى،بۇ ئەدەبىياتتىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقچىللىق ۋە مەرىپەتچىلىك ئىدىيلىرىگە ۋارىسلىق قىلدى ھەم ئۇنى يېڭىچە مەزمۇن چوڭقۇلىقىغا ئىگە قىلدى؛ئۇندىن باشقا بۇ ئەدەبىيات ئەدەبىيات ئەنئەنىلىرىگە ۋارسلىق قىلىش بىلەن ئىجادىي يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇناسىبىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ،يېڭى بىر ئەدەبىيات دەۋرىنى ياراتتى،شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.4.ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا ئەدەبىي ژانېر-تۈرلەر مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۆپ خىللاشتى ۋە ئەڭ زور دەرىجىدە تولۇقلاندى.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىي ژانېرلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق،يىراق قەدىمقى زامانلاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي تۈر – ژانېرلار كۆپ خىل بولغان، كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ،جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن، باشقا ئەدەبىي ژانېرلار-تۈرلەر بارا-بارا قاتاردىن قېلىپ،شېئىرىيەت ئەڭ ئاساسلىق،ھەتتا بىردىن-بىر ئەدەبىي ژانېرغا ئايلانغان. ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىغا كەلگەندە بولسا،دەۋرنىڭ تەلىپى،ئەدەبىيات تەرەققىياتىنىڭ تەقەززاسى، ۈملىدىن باشقا ئەل-مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئەدەبىياتىمىزدا ئەدەبىي تۈر-ژانېرلار كۆپ خىللىشىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىي ژانېر-تۈرلەرنى كۆپ خىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى. كىلاسسىك ئەدەبىياتتا بولمىغان ياكى ئانچە گۈللىنىپ كېتەلمىگەن ھېكايە،رومان، دراما، نەسىر قاتارلىق ئەدەبىي تۈر-ژانېرلار ھەم ئەدەبىياتشۇناسلىق پېنى بۇ باسقۇچتا يېڭىدىن مەيدانغا كېلىپ ياكى قايتىدىن گۈللىنىپ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ژانېر-تۈرلەر ئەڭ مول بولغان بىر ئىجادىيەت دەۋرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. 5. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى جوڭگۇ ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئوزۇق ئالغان ئەدەبىيات بولدى.بۇنداق تەسىر ۋە ئوزۇقنى ئىككى تەرەپتىن تېخىمۇ ئېنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بىرى،تېما ۋە مەزمۇن جەھەتتە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى جەڭگىۋار تېمىلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئىجادىيەتتە جوڭگۇ ئىنقىلابى،ئۆكتەبىر ئىنقىلابى قاتارلىق جەڭگىۋار كۈرەشلەرنى، لېنىن قاتارلىق پورولېتارىيات داھىلىرىنى مەدىھلىگەن بولسا، بەدەئىي ئۇسۇل جەھەتتە شۇ يىللاردىكى جوڭگۇ ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى بولغان رېئالىزىمنى ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى قىلىپ تاللاپ،رېئالىزىملىق ئەدەبىياتقا يانداشتى؛ ئەدەبىي ژانېر-تۈرلەر جەھەتتە روس-سوۋېت ئەدەبىياتى،خەنزۇ ئەدەبىياتى ۋە تاتار ئەدەبىياتى قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىدە دراما،نەسىر،ھېكايە قاتارلىق ژانېرلارنى سىناق قىلىپ قوللىنىپ، گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيتىگە ئېرىشتى. 6. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتـ-لىرىگە ئېرىشتى.ۋاقىت جەھەتتىن ئېيتقاندا،ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى گەرچە 20 يىل ئەتراپىدا بولسىمۇ،ئەمما مۇشۇ 20 يىلدا بۇ ئەدەبىيات غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى.ئالدى بىلەن بۇ ئەدەبىياتتا مەلۇم كۆلەمدىكى،خېلى يۇقۇرى سەۋىيلىك ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنى شەكىللەندى،بۇ قوشۇندىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئەشۇ يىللاردىكى ۋەتەن-خەلقنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان جەڭگىۋار ئىنقىلاپچىلار ئىدى،ئۇلار «قەلەم مېنىڭ قورالىم،نەيزەم بىلەن تەڭ» دەيدىغان قاراش بىلەن قولىغا قەلەم ئېلىپ،مەنىۋى سەپتە ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، خەلقنى ئويغىتىش،خەلقنى تەربىيلەش جەھەتتە نۇرغۇنلىغان كۈرەشلەرنى قىلدى. بۇ دەۋردە ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىدا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن قاينام-تاشقىنلىق ۋەزىيەت مەيدانغا كەلدى،دەسلەپكى شەكىللىنىش باسقۇچىدا ئەدىبلىرىمىز ئويغىنىش چۇقانىنى سېلىپ، كىشىلەرنى نادانلىقتىن،زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشقا چاقىرىپ كەڭ كۆلەمدىكى ئاممىۋى مەدەنىي ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولسا،گۈللىنىش باسقۇچىدا تىياتىرنى ئاساسلىق ۋاستە قىلىپ، ئاممىۋى خاراكتېردىكى مەدەنىي ئاقارتىش ئىشلىرىنى كەڭ تۈردە يولغا قويدى، كېيىنكى جەڭگىۋار باسقۇچتا ئەدەبىياتنى قورال قىلىپ،گومىنداڭ ئەكسىيەتچىـ-لىرىگە قارشى تۇرۇپ،ۋەتەننى ئازاد قىلىش كۈرىشىنىڭ زەپەر مارشىنى ياڭراتتى.بۇ دەۋردە ئەدەبىي ژانېر- تۈرلەر كۆپ خىللاشتى،شېئىرىيەت ئىجادىيتىدىن باشقا يەنە ھېكايە،رومان،نەسىر،دراما قاتارلىق يېڭىچە ژانېرلاردىمۇ كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئىجاد قىلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.