ھەشەمەتلىك ئۆي ۋە كىتاب ئۆيى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-23 20:36:49

ھەشەمەتلىك ئۆي ۋە كىتاب ئۆيىئىككى ئايدىن بېرى ئادىلە يېڭى ئۆيگە كۆچۈش، بېزەش، زىنەتلەش ئىشلىرى بىلەن كۈنلىرىنى ئالدىراشلا ئۆتكۈزدى، بۇ ئارىلىقتا دوستلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكۈدەك پۇرسەت چىقىرال...

                              ھەشەمەتلىك ئۆي ۋە كىتاب ئۆيى

     

    ئىككى ئايدىن بېرى ئادىلە يېڭى ئۆيگە كۆچۈش، بېزەش، زىنەتلەش ئىشلىرى بىلەن كۈنلىرىنى ئالدىراشلا ئۆتكۈزدى، بۇ ئارىلىقتا دوستلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكۈدەك پۇرسەت چىقىرالمىدى، مانا بۈگۈن ئۇ ھەممە تەييارلىقلىرىنى پۈتكۈزۈپ، داچىلاردەك بېزەلگەن يېڭى ئۆيىگە داستىخان سېلىپ دوست- بۇرادەرلىرىنى ئۆيگە چاقىرىپ، ئۇلارغا يېڭى ئۆيىنى كۆز – كۆز قىلىش مەقسىتىدە جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، تەييارلىقلارمۇ پۈتۈپ قالدى، ئادىلە ئۆزىنى قاتتىق پەردازلاپ، يېڭى ئۆيىگە زوق بىلەن قارىغىنىچە مېھمانلارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردى.

    مانا ئۇنىڭ دوستىلىرىمۇ بىر- بىرلەپ كېلىشكە باشلىدى،ئۇلار قوللىرىغا ھەر خىل يېمەكلىك كۇرۇپكىلىرى ۋە چوڭ – كىچىك پەتنۇسلار كۆتۈرۈشىۋالغانىدى، قىزغىن سالاملىشىشلاردىن كېيىن، ئۆيلەرنى بىر قۇر كۆرۈشتى ۋە ئاغزىلىرىدىن شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىشىپ: "ۋىيەي..ئاداش،  ئۆيۈڭ بەڭ چىرايلىق بېزىلىپتۇ،  بۇ سافانى قەيەردىن ئالدىڭ،   پەردەڭنى فرانسىيەدىن كىرگۈزدۈڭمۇ؟ .... خىرۇستال قاچىلىرىڭچۇ.........؟....؟" دېگەندەك سۇئاللارنى ياغدۇرىۋەتتى، قايسىدۇر بىرى: "ھەي ئاداش، راست بەختىڭ بار جۇمۇ، بىزنىڭمۇ سېنىڭدەك باي ئېرىمىز بولغان بولسا، مۇشۇنداق ئېسىل ئۆيلەردە ئولتۇرار بولغىيتتۇق، ھەي تەلەينى ساڭىلا بېرىپتىكەن، خۇدايىم!..................."

     ئىشىك چېكىلدى، بىر سومكا كىتاب كۆتۈرۈۋالغان مۇخلىسە ئالدىراپ- تېنەپ ئۆيگە كىرىپ، مېھمانلار بىلەن بىر قۇر سالاملاشقاندىن كېيىن، ھاسرىغان ھالدا: "ۋوي ئاداش، ئۆيۈمگە كىتاب ئۆيى قىلدۇرغانىدىم، شۇلارنىڭ ئاخىرىنى بېسىقتۇرىمەن دەپ كېيىن قالدىم، مېنى كەچۈر" دېدى،  ئارىدىن كىمدۇر بىرى:"ۋاي ئاداش... ئۇ كاتەكتەك ئۆيۈڭنىڭ نەرىگە كىتاب ئۆيى قىلدۇردۇڭ، ئۆگزىسىگىمۇ؟" ئۆي ئىچىنى كۈلكە ئاۋازى بىر ئالدى. مۇخلىسە قورۇنغاندەك بولدى، ۋە قولىدىكى ئېغىر كىتابلارنى تېخىچە كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلىپ: "ئاداش، بۇ كىتابلارنى ، يېڭى ئۆيۈڭنى مۇبارەكلەپ ئالغاچ كەلگەن، ئاز بولسىمۇ قوبۇل قىلغىن، بۇنى ھازىرلا تىزىۋېتەيلى، قەيەرگە تىزىمىز؟.... " ھەممەيلەن ئادىلەگە قارىدى، ئۇ ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي داڭقېتىپ تۇرۇپ قالغانىدى.

     

     

    مەنبە:  ئۆزۈم

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-25 11:14:13]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.