ئابدۇكېرىم خوجا ۋە شېئىرىيەت (غالىب مۇھەممەد قارلۇق)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-10 23:40:09

ئابدۇكېرىم خوجا ۋە شېئىرىيەتغالىب مۇھەممەد قارلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئەسلىدىن شېئىرىيەت ئەنئەنىسىنى ئاساس قىلغان قەدىمىي، مول سەمەرىلىك ئەدەبىيات بولسىمۇ، كلاسسىك شائىرلىرىمىز ئىچىد...



    ئابدۇكېرىم خوجا ۋە شېئىرىيەت


    غالىب مۇھەممەد قارلۇق




    ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئەسلىدىن شېئىرىيەت ئەنئەنىسىنى ئاساس قىلغان قەدىمىي، مول سەمەرىلىك ئەدەبىيات بولسىمۇ، كلاسسىك شائىرلىرىمىز ئىچىدە يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرىدىغانلار ساناقلىقلا. بۇ، شېئىرىيەتنىڭ تولىمۇ زىل، قىيىن ئىجادىيەتلىكىدىن دالالەت. ئەجدادلارنىڭ شېئىرىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزىدىكى تۇغما گېن بىلەن تىرىشچانلىق، ئۆگىنىش روھىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا خەلقىمىزنىڭ شائىرلىق تونىنى كىيدۈرۈشىگە مۇيەسسەر بولغان شائىر ئابدۇكېرىم خوجا «ئون باھار»، «باھار ناخشىسى»، «باھار يامغۇرى» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى بىلەن زامانىمىز شېئىرىيىتىدە چاقنىغان يۇلتۇزلاردىن بىرى بولالىغان. شائىرنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە 20 يىل بولغان دەملەردە شائىرنىڭ شېئىرىيەت قەسىرىدە سەيلە قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭ شائىرلىق دۇنياسى ھەققىدە ھاياجانلىق تەسىراتلىرىمنى بايان قىلىپ بېقىشنى لايىق كۆردۈم.


    ئابدۇكېرىم خوجا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق ئەدەبىي تەرجىمان ۋە قوش تىللىق شائىر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تىلى ئاممىباب، يەڭگىل، شەكىل جەھەتتىن كلاسسىكلارغا يېقىن. ئۇ، ئاساسەن، پەلسەپىۋى، تارىخىي، ئىجتىمائىي خۇرۇچلارنى لىرىك تۈستە ئىپادىلەش ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادىمىيلىك چۇقانلىرىنى رېئاللىققا سادىق ھالدا مىسرالارغا سىڭدۈرۈۋېتىشكە ماھىر ئىدى. بۇنى ئۇنىڭ «شارلار تېغى» ناملىق شېئىرىدىكى مۇنۇ مىسرالاردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن:

     



    چۈشتى شارلار تېغىنى كۆرگەندە مەن،
    جان ئانام يادىمغا، خوي كۆيدى يۈرەك.
    . . . . . . . . . . . .
    قارىسام، تا كونا ئوقلار ئىزىدىن قاپتۇ،
    گۈللەپ ھۈپپىدە مىليون چېچەك.
    . . . . . . . . . . . .
    ئەلمىساقتىن كەلدى كۆپ ئىشنى كۆرۈپ،
    تىلغا باي ئۇ، تىلى بار بىزدىنمۇ بەك.

     



    قاراڭ، بۇ مىسرالاردىكى شېئىرىي تىل، شېئىرىي گۈزەللىككە، ئۇنىڭ قات - قېتىغا سىڭىپ كەتكەن تارىخ، ۋەتەن، ئەنئەنە ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى خۇش زۇۋان تۇيغۇلارغا! بۇ مىسرالار ئاممىباب، يېنىك خەلق تىلى ئارقىلىق ئالەمچە سىر - ھېكمەتكە تويۇنغان. بۇنىڭدىن شائىرنىڭ شېئىرىيەتتە ئۆگىنىشتە غەۋۋاس، ئىزدىنىشتە ئارخېئولوگ، تۇيغۇدا مۇتەپەككۇر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.


    شېئىر يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىخچام تىل سەنئىتى. ئۇ كىچىك جۇغى بىلەن بىر پاتمان مەنە ۋە ھېسسىياتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەيدۇ. شېئىردىكى ئىخچاملىق دەل ھېسسىيات ۋە مەنە جەھەتتىكى ئىخچاملىقتۇر. بۇنداق دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ھېسسىيات ۋە مەنىنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى ئەمەس، بەلكى شۇ ھېسسىيات ۋە مەنىنىڭ ئاجايىپ ماھارەتتە پىرىسلىنىشى، دېگەنلىك. شۇڭا شېئىر يازماق ئاسان ئەمەس، شائىر بولماق تېخىمۇ شۇنداق. ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ شېئىرلىرىدا شائىرلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەنە شۇ قىممەتلىك روھ روشەن ئەكس ئەتكەن، بىر قىسىم شېئىرلىرىدا ئانچە - مۇنچە قاپىيە ئوينىتىش، قۇرۇق مەدھىيە تۈسىنى ئېلىپ قېلىشتەك نۇقسانلار بولسىمۇ، بىراق ئومۇمىي نۇقتىدىن ئۇنىڭ شېئىرلىرى شائىرلىق مەسئۇلىيەت ۋە شېئىرلىق سۈپەتكە ئۇيغۇن گۈزەل شېئىرلاردۇر. بولۇپمۇ شائىرلىق مەسئۇلىيەت، دەۋر بۇرچكارلىقى جەھەتتىن شائىر ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ دادىللىقى ئادەمنى بەكمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ. «ئىككى ھەيكەلنىڭ ئۇچرىشىشى»، «دەرەخ ۋە ياپراق»، «سايە» قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئوقۇساق، بۇنى روشەن ھېس قىلالايمىز. دېمەك، ئۇ خەلق ئالدىرىغانغا ئالدىرايدىغان، خەلق يىغلىغانغا يىغلايدىغان شائىر ئىدى. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى» دېگەن كىتابتىمۇ بۇ خۇسۇستا مۇنداق دېيىلگەن: «ئابدۇكېرىم خوجا شېئىرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سىياسىي لىرىكىلار بولۇپ، ئۇلاردا دەۋر روھى روشەن چاقناپ تۇرىدۇ». ئۇ بىر شېئىرىدا مۇنداق يازغان:

     



    ھەمىشە ھەقىقەت يولىنى ئىزدە،
    كۆرگەندە ناھەقنى يۈرەكلىك سۆزلە.
    ھەر ئىشتا خەلقنىڭ پايدىسىن كۆزلە،
    شۇ يولدا ماڭساڭلا ئامان بولۇرسەن.

     



    ئابدۇكېرىم خوجا شېئىرلىرى يەنە بىر مەنىدىن پەلسەپە خامىنى. بىز بۇ «خامان» دا ھاياتنىڭ دوقاللىرىدا ئوڭ - تەتۈر تاسقىلىپ پىشىپ يېتىلگەن ئىنسانىي قەلبكە ئىگە بىر شائىرانە يۈرەكنىڭ تىرىكلەر ھاياتى ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتقان پىكىر غەمزىسىنى كۆرىمىز. شائىر تۇرمۇش، ھايات بىلىملىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن ھاسىلاتلىرىنى ئاددىي ھالدىكى ئۇقۇملاشقان بەدىئىي فورمۇلىلار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئاممىباب شېئىرىي تىل بىلەن ۋايىغا يەتكەن شېئىرىي گۈزەللىك ئىچىدە لىرىك ھېسسىيات ئارقىلىق ئىخچام ئىپادىلەيتتى، پەلسەپىۋى پىكىر بىلەن شېئىرىي ھېسسىياتنى تولىمۇ سەنئەتلىك ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك جىپسىلاشتۇراتتى.

     


    لاپ قىلىپ ياندى گۈگۈت، ئۆچتى بىراق،
    قالدى تۈن ئىلكىدە ئاندىن شام - چىراغ.
    بۇ ئۆمۈرنىڭ لەززىتى، قىممىتى شۇ،
    بولمىسا ھاجەت نېمە ياشاش ئۇزاق.

     



    مېنىڭچە، رۇبائىيغا خاس پىكرى تېرەنلىككە، گۈزەل شېئىرلارغا خاس شېئىرىي لاتاپەتكە ئىگە بۇ پارچىدىن ئوقۇرمەن يېقىشلىق تىل، تاتلىق ھاياجان ئىلكىدە ھايات ۋە ئۇنىڭ مەنىسى ھەققىدە شېرىن ھەم ئاچچىق ئويلىنىشقا ئىختىيارسىز بەند بولىدۇ. بۇ يەردىكى پەلسەپە تولىمۇ يارقىنكى، ئۇنىڭغا ئىچكىرىلىگەنسېرى ئۇ شۇنچە پايانسىزلىشىدۇ. مانا بۇ شېئىردىكى پىكرىي قۇدرەت، شائىردىكى بەدىئىي ئستېدات! شائىر ئۆزگىچە كۆزىتىش كۈچى بىلەن تارىختىن بۇيان تولا مۇھاكىمە قىلىنىپ كېلىۋاتقان ھايات ھەققىدە باشقىچە تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ئوقۇرمەننى تۇيغۇلار قاينىمىغا مەجازى مەنىلەر ئارقىلىق يېتەكلەيدۇ. شائىرلىق دېگىنىمىز ئەنە شۇ!


    ئابدۇكېرىم خوجا شېئىرلىرىنى ئوقۇساق، «مەن»دىن ئىبارەت بىر لىرىك قەھرىمان سىمۋوللۇق شېئىرىي ئوبراز كۆزگە چېلىقىدۇ. شائىر «مەن» ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك شېئىرىي مۇھىت، بەدىئىي شەكىل ئىچىدە ئاكتىۋال تېمىلارنى يورۇتاتتى، بۇ، ئەمەلىيەتتە، شائىر قەلبىنىڭ «مەن» دىن ئىبارەت تەسىرلىك شېئىرىي ئوبراز ئارقىلىق تۈرلۈك ئۇسلۇبتا ئىپادىلىنىشى ئىدى. بۇنى ئابدۇكېرىم خوجا شېئىرلىرىدىكى كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى دېيىش مۇمكىن. ئۇنىڭ شېئىرىي تىلىدىكى ئىستىلىستىك ئامىللارنىڭ قويۇقلۇقى ۋە بۇ ئامىللارنىڭ بىمالال قوللىنىلىشى شائىر ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ شېئىرىيەت ئېستېتىكىسىدىن مۇكەممەل خەۋەردارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.


    ئابدۇكېرىم خوجا بىلەن شېئىرىيەتنى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ قاراش بىزگە شېئىرىيەتكە ساداقەتمەن ئوت يۈرەك، جەڭگىۋار بىر سىمانى ئەسلىتىدۇ. ئۇ شېئىرىيەتكە قوش تىلدا يۈزلىنەلىگەن شائىر ئىدى. ئەمەلىيەتتە شېئىرىي ئىجادىيەتكە قوش تىلدا يۈزلىنىش كلاسسىكلىرىمىزدىكى يارقىن ئەنئەنە. بۇ نۇقتىدىن ئابدۇكېرىم خوجا بىزنىڭ تەبىئىي ھۆرمىتىمىز ۋە سېغىنىشىمىزنى قوزغايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.