يىگىت يىغلىمىسۇن(ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتقا ئۇچۇق خەت)

يوللىغۇچى : muzatocli يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-24 03:25:00

يىگىت يىغلىمىسۇنئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتقا ئۇچۇق خەتجېلىل ئاۋۇت ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەرقۇت ئەپەندى، تېنچ- ئامان تۇرىۋاتامسىز! مەن1990-يىللىرىدىن باشلاپ سىزنىڭ ئىسىل ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇپ كېلىۋاتقان ...

    يىگىت يىغلىمىسۇن
    ئۆمەر ئابدۇللا  ئەرقۇتقا ئۇچۇق  خەت
    جېلىل ئاۋۇت

        ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەرقۇت ئەپەندى، تېنچ- ئامان تۇرىۋاتامسىز! مەن1990-يىللىرىدىن باشلاپ سىزنىڭ ئىسىل ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇپ كېلىۋاتقان ئاددىي بىر ئوقۇرمەن ئىدىم.  بۇ قېتىم سىزنىڭ شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2005-يىل6-ئايدا 2- قېتىم قايتا بېسىلغان«تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى» دېگەن كىتابىڭىزنىڭ ماۋزودىكى مەنىسىنى تازا ئېنىق چۈشەنمىگەن بولساممۇ، سىزنىڭ تونۇش ئىسمىڭىزنى كۆرۈپلا روماننى ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم. روماننىڭ ئالدىنقى بەش بابىنى ئوقۇش جەريانىدا ئون يېشىدىن باشلاپلا ئۆز دادىسى تۈگەپ كېتىپ ئۆگەي دادىسىنىڭ ئائىلىسىدە يەتكۈچە خورلىنىپ چوڭ بولغان باش پىرسۇناژ قەيسەرگە كۆڭلۈمدە ئىزچىل ھالدا ھېسداشلىق قىلدىم. ئەمما، روماننىڭ ئالتىنچى بابىدىن توغىرسى، قەيسەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يېرىدىن باشلاپ ئۇنىڭغا بولغان ھېسداشلىقىم ئاستا-ئاستا يوقىلىشقا باشلىدى.
        قەيسەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ھەم ئون سەككىز ياشقا كىرىپ قالغان بىر يىگىت تۇرۇپ ئۆزىنى سەككىز يىل خورلاپ يۈرىكىنى داغلىغان ئۆگەي دادىسى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ.  ئەمما دادىسى ئاخىر ئۇنى ئائىلىسىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.  قەيسەر بۇ ھاقارەتلەرگە چىدىماي ئاستا- ئاستا ھاراققا ئۆگىنىپ قالىدۇ.  ئاچ قوساق ئىچىلگەن ھاراق ۋە سوغۇق ئۇنىڭ تېنىنى زەئىپلەشتۈرۈپ جېنىنى ئالىدۇ.
        ئەرقۇت ئەپەندىم، سىزنىڭ271 بەتلىك بۇ رومانىڭىزدا «نى بالالار كېلىدۇ، ئوغۇل بالىنىڭ بېشىغا.  سايدا تۈگمەن چۆرگىلەر، كۆزدىن ئاققان يېشىغا» دېگەن دېگەن ناخشا تېكىستنى جەمئىي يەتتە قېتىم تەكرارلىشىڭىز ھەرگىز بىكاردىن-بىكار بولمىسا كېرەك.  خەلقىمىزدە يەنە يوقارقىغا ئوخشاش مەزمۇندىكى مۇنداق قوشاقمۇ بار.  «ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن، ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى.  كۆز يېشىم دەريا بولۇپ، بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى. » گەرچە يوقارقى ئىككى كوبلىت تېكستتە مۇبالىغە قىلىش ئۇسۇلى قولىنىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن يەنە، بىر ئاجىز بەندىنىڭ زەئىپ روھى نى ئىپادىلەپ بېرىدىغان چۈشكۈن ناخشا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس.
         ئەرقۇت ئەپەندىم ، سىزچە ئۇيغۇر يىگىتلىرى شۇنچىۋالا بەك يىغلاڭغۇ مۇ ؟! تۇرمۇشتا ئادەملەرنىڭ، بولۇپمۇ ئوغۇللارنىڭ قەيسەرگە ئوخشاش ئاتا- ئانىسى تەرىپىدىن ھاقارەتلىنىشى ۋە سۆيگەن يارى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىشى كۆزىدىن ئاققان يېشىدا سايدا تۈگمەن چۆرگىلگىدەك«نى بالا»ھېساپلىنامدۇ؟ «كۆزيېشىم دەريا بولۇپ، بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى»- بۇ بولسا روھى غالىبىيەتچىلەرنىڭ ئۆزى ئالالمىغان قىساسىنى ئەۋلادلىرىغا ئەمەس، تۆرەلمىگەن بېلىقلارغا قالدۇرغان ئەخمىقانە تەسەللىسى. تۇزلۇق ياشتىن ھاسىل بولغان دەريادا بېلىقلار قانداقمۇ ياشىيالىسۇن!
       18ياش-بىزنىڭ تۇرمۇش ۋە سەنئىتىمىزدە ئاتا-ئانا بەرگەن تەييار پۇلنى خەجلەپ، تەييار تاماقنى يەپ يۈرۈپ يۈرىكىمىز مېھىر-مۇھەببەت ئوتىدا «كۆيۈپ كۈل بولۇش»تىن دېرەك بېرىپ كەلدى. غەرپلىكلەردە بولسا 18ياش- ئاتا-ئانىسغا تايانماي مۇستەقىل تۇرمۇش قاينىمىدا ئۆزئەقلى ۋە كۈچىگە تايىنىپ ياشاپ تاۋلىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ.  ئومۇمەن، رومانىڭىزدا سىز قەيسەر خاراكتېرگە ئىگە قىلىپ تەسۋىرلىمەكچى بولغان باش پىرسۇناژىڭىز - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت-سەۋىيسىگە ئىگە بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى شەھەر مۇھىتىدا جېنىنى باقالماي، زورلىغاندەك ئۆزىگە كېسەل چاپلاشتۇرۋېلىپ ئۆلۈپ كېتىشى مېنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى.  ھازىر بولسۇن ياكى ئاشۇ دەۋىرلەردە بولسۇن18 ياشلىق يىگىت تۇرماق ، قىز بالا بولسىمۇ ئازراقلا كاللىسىنى ئىشلەتسە ئىش تېپىپ ئىشلەپ «جېنىنى بېقىش»لا ئەمەس، يامان ئەمەس ياشاپ كېتەلىشى تامامەن مۇمكىن.
        مەن سابىق ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا فىزىكا ئوقۇتقۇچىمىز مۇتەللىپ خۇرسەندىنىڭ «ئوغۇل بالىنىڭ كۆزىدىن ياش ئاقسا بولمايدۇ» دېگەن بىر جۈملە سۆزى ھازىرغا قەدەر يادىمدا تۇرۇپتۇ.  يىگىتلەرنىڭ يىغلايدىغان ۋاقىتلىرىنى تۇرمۇشىمىزدا پەقەتلا يوق دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەدەبىيات -سەنئەت ئەسەرلىرىمىزدە بەك گەۋدىلىنىپ كېتىشى روھىمىزنى چۈشۈرسە چۈشۇرىدۇكى خەلقىمىزگە روھى جەھەتتىن قىلچىمۇ كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلالمايدۇ.    ئۆتكۈر ئەپەندىم ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ، شىياڭگاڭ ۋە ھىندىستان كىنوفېلىملىرنىڭ كىشىلەرگە بەك يېقىشىدىكى «سىر» : ئۇ ئەسەرلەردىكى ئۈمىدۋارلىق ۋە جەڭگىۋار روھتور.
        ئەرقۇت ئەپەندىم، بۇندىن بۇندىن كېيىنكى ئەسەرلىرىڭىزدە يىگىتلەرنىڭ بېشىغا ھەر-ھەر بالالار كەلسىمۇ، ئۇلار يىغلىمىسۇن!كۆزىدىن ياش تۆكمىسۇن! يىغا يىغىنى قوزغايدۇ.  كۆز ياش تۇپراقنى شورلاشتۇرۋېتىدۇ. ئاخىردا يازمىلىرىمدىكى ئارتۇق كەتكەن ۋە مۇۋاپىق بولمىغان تەنقىد پىكىرلەرنى ئەپۇ قىلىشىڭىزنى ھەم توغرا تەلىملىرىڭىزنى بىزدىن ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

     باي ناھىيە توقسۇن يېزا ئوتتۇرا مەكتەپتىن جېلىل ئاۋۇت 2008-يىل2-ئاينىڭ 23-كۈنى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر جېلىل ئاۋۇت ئوبروز