ياشانغان ياش غەزەللەر(مۇھەممەد رەھىم)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-08 06:40:04

ياشانغان ياش غەزەللەرمۇھەممەد رەھىم ئىلاۋىسى: «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى 2004-يىللىق 6-سانىدىكى مۇسا ئەھەتنىڭ «مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى كۆپ يازىدىغان بوۋاي» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى مەنمۇ ئوقۇدۇم. ئاپتور بۇ م...

    ياشانغان ياش غەزەللەر
    مۇھەممەد رەھىم


       ئىلاۋىسى: «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى 2004-يىللىق 6-سانىدىكى مۇسا ئەھەتنىڭ «مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى كۆپ يازىدىغان بوۋاي» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى مەنمۇ ئوقۇدۇم. ئاپتور بۇ ماقالىسىدە مېنىڭ شېئىرىي ئىجادىيەت يولۇمنى ۋە تەھرىرلىك خىزمىتىدىكى ئەستايىدىللىقىمنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن يورۇتۇپ بېرىپتۇ. بۇ ماقالىنىڭ ئومۇمىي روھى رېئاللىق بىلەن جىپسىلاشقان بولسىمۇ، بەزى ئابزاسلاردىكى ماڭا بېرىلگەن يۇقىرى باھا مېنى خىجىل قىلدى. ماقالە ماۋزۇسىدىكى «بوۋاي» دېگەن سۆزدىن خۇرسەن بولدۇم. لېكىن «يازىدىغان» دېگەن سۆز «يازغان» دەپ ئېلىنغان بولسا، مەن ئۆزۈمنى قەرزدار ھېس قىلمايتتىم.
       مۇھەببەت  پۈتۈن ھاياتلىقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا ياشاپ كېلىۋاتقان يېڭىلمەس قۇدرەت، ئۆچمەس ئوت. دۇنيادا ئۇنىڭدىن خالىي يۈرەكنى تاپقىلى بولمايدۇ. مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتىنى يازغۇچى، شائىرلارلا ئەمەس، بەلكى ساۋاتسىز دېھقانلارمۇ ئۆز ناخشىلىرىدا كۈيلەيدۇ. مەسىلەن، «روزىلەم» ناخشىسىدىكى قوشاقلارنى بىرەر شائىر ياكى قوشاقچى توقۇپ بەرمىگەن.
    مەن ئۆمرۈمدە مۇھەببەت تېمىسىدا شېئىر يازماي ئالەمدىن ئۆتكەن شائىرنى ئاڭلىماپتىمەن. مېنىڭمۇ بارلىق شېئىرلىرىمنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى مۇھەببەت تېمىسى ئىگىلەيدۇ. 1990-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە يازغان مۇھەببەت لىرىكىلىرىمنى ئوقۇغان بەزى خېنىملار مېنى «ھېسسىياتتا ئاداشقان قېرى» دېيىشتى. مەن ئۇلارغا «مۇھەببەتكە شېئىرمۇ ئامراق» دېگەن شېئىرىم بىلەن جاۋاب بەردىم («تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1997-يىل 11-سانىدا). يېقىندىن بۇيان  بۇ تېمىنى ئۇنتۇپ كەتكەنىدىم. ماقالە ماۋزۇسىدىكى «يازىدىغان» دېگەن سۆزنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۇنتۇلغان كەچمىشلىرىمنى ئەسلەپ، ئۇخلىغان ھېسسىياتىمنى ئويغىتىپ، ئارۇز ۋەزنىنىڭ رەمەل ۋە ھەزەج بەھرلىرىدە بىرنەچچە غەزەل يېزىپ باقتىم. قەرز ھېسابىغا يېزىلغان بۇ غەزەللەرنىڭ لىرىكا سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈلگەن-كۆتۈرۈلمىگەنلىكىنى مەغپىرەتلىك ئوقۇرمەنلىرىم كۆڭلىدە باھالىۋالغاي.
    ھۆرمەت بىلەن: غەزەلخان بوۋاي.

    يانفون بىلەن ئۇچرىشىش

    ئوڭغا ئايلانماي چۈشۈم يۈرگەندە مەن ئارمان بىلەن،
    سايرىدى يانفون يۈرەكنى ئوينىتىپ خەندان بىلەن.

     ياخشىمۇسىز؟ دەپ سېغىنغان قەلبىمىز سۆز باشلىدى،
    يۈز كۆرۈشتۇق، ۋاھ ئەجەب، يانفوندىكى ئېكران بىلەن.

    ئۇ دېدى: بەند قىلدىڭىز شېرىن خىيالىم ئەركىنى،
    مەن دېدىم: سىز چۈشلىرىمگە كىرىسىز ئېھسان بىلەن.

    ئۇ دېدى: ناخشامغا مەپتۇن رادىئو دولقۇنلىرى،
    مەن دېدىم: ئاڭلاپ ھۇزۇرلاندىم سەھەت، دەرمان بىلەن.

    ئۇ دېدى: كۆردۈم تىياتىر سىزنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ،
    مەن دېدىم: يازدىم شېئىرلار مۇڭدىشىپ جانان بىلەن.

    ئۇ دېدى: مەن داستىخان سالساممۇ سىز داخىل ئەمەس،
    مەن دېدىم: داخىل بولارمەن بىر ئەمەس، مىڭ جان بىلەن.

    ئۇ دېدى: گۆشنان ئېتىپ شۇ تاپتا سىزنى چىللىدىم،
    مەن دېدىم: ھەمداستىخان بولدۇم ماڭا سۇلتان بىلەن.

    توختىتىپ سۆھبەتنى بىز، ساقلىق تىلەشتۇق ئىككىمىز،
    ئىككى ئۆيدە ئىككى قەلب تولغان ئىدى مېھمان بىلەن.

    ئارىمىز ئايدىن يىراقراق، كۆڭلىمىز قالتىس يېقىن،
    ئۇچرىشىپ يانفون بىلەن بىز، ئۆتمىدۇق ھىجران بىلەن.

    يېشىمنى سورىماڭ

    ئۇچرىشىپ قالساق، ماڭا ئىللىق قارايسىز ھەر قېتىم،
    نەچچە ياشقا كىردىڭىز سىز، دەپ سورايسىز ھەر قېتىم.

    نېمىگە ھاجەت بولۇپ قالغاندۇ ئەرلەرنىڭ يېشى،
    بىلمىدىم، دەپ بەرمىسەم جىندەك مارايسىز ھەر قېتىم.

    مەن يېشىمنى سانىماي غەمسىز ياشاۋەردىم، قاراڭ،
    شۇڭا بىلمەيمەن دېسەم، كايىپ جورايسىز ھەر قېتىم.

    مەنمۇ سىزدىن سورىمايمەن، سىزمۇ مەندىن سورىماڭ،
    مەن ئۈچۈن مۇنداق سوئال مۈشكۈل، قۇلايسىز ھەر قېتىم.

    ئوخشىمايدۇ ياش بىلەن جۇشقۇن كۆڭۈلنىڭ ياشلىقى،
    يەتسىڭىز گەپ تەكتىگە، شۇنداق يارايسىز ھەر قېتىم.

    ئۆمۈر ئالبومىنى ئاچتىم

    خىيالىمنى نوقۇپ تاڭنىڭ ساباسى،
    چۈشۈمنى قەتلى قىلدى دىلرەباسى.

    كۆزۈمنى ئاچقىنىم گويا تەۋەللۇت،
    مېنى تەبرىكلىدى ئىقبال نىداسى.

    ئۆمۈر ئالبومىنى ئاچتىم خىيالەن،
    كۆرۈندى ياشلىقىمنىڭ ھەننىۋاسى.

    سالام قىلدى بۇ يەردە بىر قىزىل گۈل،
    ئۇنىڭدىن تاپقىنىم ھىجران داۋاسى.

    نەزەر سالدى ئۇ يەردە بىر نادامەت،
    دېمەك بۇ قىلمىشىمنىڭ مۇپتىلاسى.

    قەدەم باسقانلىقىم ئىرپان بېغىغا،
    دىلىم يورۇقلۇقىنىڭ رەھنەماسى.

    رىياسىز كەچمىشىم خالىي گۇناھتىن،
    مېنى گاھ ئاسرىدى سۆيگۈ دۇئاسى.

    مۇھەببەت ئەھلىگە پەيۋەندە بولماق
    شېئىر مىسرالىرىمنىڭ مۇددىئاسى.

    مۇھەببەتنىڭ ئېقىن دەريالىرى كۆپ،
    پەقىر ھەممە ئېقىننىڭ جان پىداسى.

    ئەدەپلەپ بىناۋالىقنى مۇھەببەت،
    كۆڭۈل خانەمنى يورۇتتى زىياسى.

    دېدى: تەشنا مۇھەببەتكە ھاياتلىق،
    ياشانغانلىق  ئەمەس سۆيگۈ جازاسى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.