سىنارىيە توغرىسىدا ئىككى ئېغىز پاراڭ

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-03 13:11:22

سىنارىيە توغرىسىدا ئىككى ئېغىز پاراڭ ئاپتور: گۈلجەننەت مۇھەممەت سىنارىيە كىنو سىنارىيىسى، تېلېۋىزىيە سىنارىيىسى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. سىنارىيە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ سۈرەت ئەدەبىياتى، جانل...

    سىنارىيە توغرىسىدا ئىككى ئېغىز پاراڭ


    ئاپتور: گۈلجەننەت مۇھەممەت


        سىنارىيە كىنو سىنارىيىسى، تېلېۋىزىيە سىنارىيىسى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. سىنارىيە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ سۈرەت ئەدەبىياتى، جانلىق سۈرەت ئەدەبىياتى، پروتىت شەكىل، مەنزىرە تەسۋىر دېگەنلەرنى كۆز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ ھوزۇرلىنىدىغان بىر خىل ئەدەبىيات شەكلى.
      بۇ ھېكايە، پوۋېسىت، رومانلارغا ئوخشاش تۈرلۈك ئەدەبىي ژانىرلار ئىچىدە تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن، ئەڭ ئېنىق، تارقىلىشى ئەڭ تېز، ئاممىبابلىقى ئەڭ يۇقىرى بىر خىل ئەدەبىيات شەكلى بولۇپ قالدى.
    كىنو سىنارىيىسى چەتئەللەردە، بىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، باشقا ئەدەبىي ژانىرلاردىن خېلى كېيىن دۇنياغا كەلگەن ئىدى. بىراق ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى، يۈكسىلىشى، ئېلېكترون دۇنياسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش، كىنو-تېلېۋىزىيە سىنارىيىسىنى ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇردى.
      بىر كىنو ياكى تېلېۋىزىيە سىنارىيىسىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنى بىلىملىك، بىلىمسىز، قېرى، ياش دەپ ئولتۇرماي ھەممىسى ھوزۇرلىنالايدۇ، چۈشىنەلەيدۇ. ياخشى يېزىلغان بىر سىنارىيىنى بىر مىللەت كۆرۈپلا قالماسىتىن بەلكى كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، مىللەتكە، دۆلەتكە، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا ناھايىتى تېزلا تارقاپ كېتىدۇ. شۇڭا سىنارىيە مەلۇم مىللەتنى مەلۇم بىر مىللەتكە تۇنۇشتۇرۇپلا قالماي، پۈتۈن دۆلەت، پۈتۈن دۇنياغىمۇ تۇنىتىدۇ.
      بىر مىللەتنىڭ ئۆرپە-ئادەت، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، تائام مەدەنىيىتى، كىيىم-كىچەك مەدەنىيىتى، تىل مەدەنىيىتى، دىن ئىتقادى، سىياسىي ئورنى، ئىقتىسادىي سەۋىيىسى قاتارلىقلارنى ھەممىگە ناھايىتى تېزلا تۇنىتىدۇ.
    مىسال: (مىسالغا ئېلىنغانلار پەقەت بىرقانچە كىچىك يەرلەر، بەكمۇ تەپسىلىي توختالمىدىم)
      بىز كورىيە فىلىمى«يەنە بىر كۆرسەم» نى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ناھايىتى مەدەنىيەتلىكلىكى، ئەدەپلىكلىكى، يېمەك-ئىچمەكلىرىنىڭ خىللىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، يەنە كۆپ قىسىم يەرلىرىنىڭ بىزنىڭ مىللىتىمىزگە ئەخلاقىي جەھەتتىن سېلىشتۇرغاندا، بىز ئۇلاردىن كۆپ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالالايمىز.
    1.كېجۇڭنىڭ مومىسىنىڭ مۇنچىدىن كامانە يەڭ كۆينەك بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغان چىققانلىقى؛
    2.يۈنجۇنىڭ توي قىلماي تۇرۇپلا، چوڭلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلغانلىقى؛
    3.كېجۇڭنىڭ دادىسىنىڭ ئايالىنى ھاپاش قىلغانلىقى؛
    بۇ ئۇيغۇر ئەخلاقىدا تۇرمۇش ئەخلاقىغا خىلاپ، ھايا قىلماسلىقتەك قىلىقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ.


       كورىيىدە تاماق تۈرلىرى كۆپ بولسىمۇ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك كۆپ ئەمەس. كورىيىنىڭ كىيىملىرى ھەرقانچە رەڭدار بولسىمۇ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك چىرايلىق ئەمەس. بىزنىڭ مۇشۇنداق كۆپ ئارتۇقچىلىقلىرىمىز تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى كۆپلەپ  سىنارىيە يېزىپ، كىنو-تېلېۋىزىيىلەرگە چىقىرىپ، مىللەتكە، دۆلەتكە، دۇنياغا تونۇتمايمىز؟
       ئۇيغۇر سىنارىيىسىدىكى «بوستانلىقتىكى تەنتەنە»،   «يېشىل مايسا»  دىن ھېسابلىساقمۇ، سىنارىيچىلىك تارىخىمىز 50 يىلغىمۇ يەتمەيدۇ. ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى كۆز قاراشنى توغرا قىلىپ يۈكسەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، 60-يىللاردا مەيدانغا كەلگەن «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان » ،  «ئانارخان»  دىكى ناخشىلارنى تا ھازىرغىچە ئېيتىپ كېلىۋاتىمىز. دېمەك 60-يىللاردىكى سەۋيىرىمىزدىلا توختاپ قالدۇق.
       تۆت كىشىلىك گۇرۇھ ئاغدۇرۇلغىلى 30 يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا سالغان چۈشەكمۇ بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر سىنارىيىمىزدە يەنىلا كۆپ نۇقسانلار ساقلىنىپ كەلمەكتە.
       بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئارتۇقچىلىقىمىزنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىمىز، كوممونىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ، مىللىتىمىزنىڭ گۈللەنگەن تۇرمۇش  سەۋىيىسى، پارتىيىنىڭ ئەركىن دىن سىياسىتى، ئادىل مىللىي تېرتورىيە قانۇنى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدىكى يېتەرسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن......
        بىز گۈزەل يۇرت قىياپىتى، چوڭ شەھەرلەرنىڭ گۈزەللىكى، مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاقلىق، چىرايلىقلىقى قاتارلىقلارنى يازمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىر قىسىم ئونسۇرلار بىزنى قۇرسىقى تويمايدۇ، كىيمى يىرتىق، ئۆيلىرى قىڭغىر، ئەركىنلىكى يوق دەپ كەمسىتىپ، قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، مىللەتكە، دۆلەتكە ھاقارەت كەلتۈرمەكتە. بىز ھازىرقى تۇرمۇش سەۋيىرىمىزنى ئەينەن سىنارىيىلەردە ئىپادىلىسەكلا، ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرەلەيمىز.
    ئۇنداقتا تېلېۋىزىيە سىنارىيىسى دېگەن نېمە؟
        تېلېۋىزىيە سىنارىيىسى شەكىل جەھەتتىن بىر قىسىملىق، كۆپ قىسىملىق دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. تۈر جەھەتتىن ھېكايە فىلىم، فانتازىيىلىك فىلىم، ھەجىۋىي فىلىم، ئىلمىي فناتازىيىلىك فىلىم دەپ بىر قانچە  تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.
    كىچىك سىنارىيىلەردە بىرەر ھېكايىنى، تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىپ ئىپادىلىسە، كۆپ قىسىملىق سىنارىيىلەردە، بىر قانچە پوۋېست، بىرەر رومان...بىرەر تېرولوگىيىلەرنى ئىپادىلەپ يازغىلى بولىدۇ.
    بىز ئۇيغۇرلار ھازىر  سىنارىيە يازمىدى ئەمەس يېزىۋاتىدۇ. بىراق ھەۋەسكارلار كۆپىرەك، ھەقىقىي ئەدەبىياتچىلار ساناقلىقلا.
    مەسىلەن:
     «بەڭگىلەر ماجراسى » بۇ ئەسەر كىشىگە ئازىراقمۇ ئىستىتىك زوق بېرەلمىگەن. ئاپتور قۇرۇقتىن قۇرۇق نەشىكەش مۇشۇنداق بولىدۇ  دېگەن. نەشىكەشنىڭ بۇ ئىللىتىنى تەنقىدلىگەنمۇ، ماختىغانمۇ ئېنىق ئىپادىلەپ بەرمىگەن.
     «ئۆگەي » بۇ ئەسەردە بىر ئۆگەي دادىنى يازغان. ئاپتور ئۆگەيگە ئائىت مەزمۇن تاپالمىغانمۇ، تېما دائىرىسىدىن چەتنەپ كەتكىلى  تاسلا  قالغان. 
      « باغ»، «سىرلىق تۇمان  » ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى يازغان بولسىمۇ، بۆسۈش خارەكتېرى بولمىغان.
    يەنە بىر قىسىم ئەسەرلەردە، مۇسىبەت ئىشلىرى بولمىسىمۇ، بىرىنچى كۆرۈنۈشكىلا قەۋرىستانلىقلارنى ئالغان. بىر قىسىم ئەسەرلەردە مۇشۇنداق مۇسىبەت، قەۋرىستانلىقلار ھەددىدىن زىيادە بولۇپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى ئەسەر كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن.
      يەنە كۆپ ئەسەرلىرىمىزدە ئۇيغۇر خەلقى بولسىلا ئىشەك ھارۋىسى ھەيدەيدۇ ياكى بولمىسا ئېتىزدا ساپان قوشىدۇ، تارتىدۇ دەپ ئېيتىلىدۇ، ئەجەبا بىز ئۇچالمامدۇق؟ نېمە ئۈچۈن باشقىلاردەك ئاسمانلاردا ئۇچمايمىز؟ ئېسىل-ئېسىل داچىلاردا تۇرمايمىز؟ ھە دېسىلا ئۆرۈلۈپ كېتەي دېگەن ئۆيلەر، ناھايىتى كونا يوللار كىنو فىلىملاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. ناۋادا بىز مۇشۇنداق تەرەپلەرنى مىللەتكە، دۆلەتكە، دۇنياغا كۆرسىتەمدۇق؟ بىزنىڭ ھەر ئېسىل ناھايىتى زور قىممەتكە ئىگە قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمىز، نەققاشچىلىقىمىز، ئويمىچىلىقلىرىمىزلاردا سېلىنغان ئىمارەتلىرىمىزمۇ بارغۇ؟
      بىز ئۇيغۇر مىللىتى ناھايىتىمۇ ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق، چىرايلىق، گۈزەل بىر مىللەتمىز. بىز ئۆزىمىزدىكى ھەر بىر ئارتۇقچىلىقمىزنى مۇشۇ كىنو فىلىم، سىنارىيىلەردە چىقىرىپ، پۈتۈن مىللەت، پۈتۈن دۆلەت، پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇشتۇرىشىمىز كېرەك.
     

     


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.