قاباھەت رومانى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

يوللىغۇچى : ...yasir يوللىغان ۋاقىت : 2008-10-21 17:14:00

《قاباھەت》رومانى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى مەن يېقىندا تۆھپىكار يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان يېڭى رومانى 《قاباھەت》نى زور قىزىقىش...

    《قاباھەت》رومانى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە


        ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى

        مەن يېقىندا تۆھپىكار يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان يېڭى رومانى 《قاباھەت》نى زور قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. شۈبھىسىزكى، بۇ رومان بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە بىر قىسىم پەسكەش، رەزىل ئادەملەرنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، تۇتقۇن قىلىنىپ ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى قارا گۇرۇھلارغا سېتىۋېتىلگەن نارەسىدە بالىلىرىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە بېغىشلانغان تۇنجى يىرىك ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، رومان ئىجادىيىتىمىزدىكى چوڭ بوشلۇقتىن بىرنى تولدۇردى. بۇ ئەسەر بىر قاتار بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ.
       20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن باشلاپ پۇلغا بولغان تونۇشىمىزدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، يەنى 30يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان پۇل ۋە پۇلدارلارنى كەمسىتىش، خارلاش دەۋرى ئاخىرلىشىپ، ‹‹10مىڭ يۈەنلىك ئائىلە››لەرنى تەشۋىق قىلىش، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش تەكىتلەندى. بۇنىڭ بىلەن ھەر مىللەت خەلقى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئەقىل – پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، پۇل تېپىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا باشلىدى. بىر قىسىم يىراقنى كۆرەر تىجارەتچىلەر ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ پۇل تېپىشقا يۈزلەنسە، يەنە بىر قىسمى قوشنا دۆلەتلەر، ھەتتا ياۋروپاغىچە بېرىپ، دۇنياۋى ‹‹پۇل جېڭى››گە قاتناشتى. بىزدىنمۇ كۆپلەپ مىليونېرلار بارلىققا كېلىشكە باشلىدى.
        بۇ يىللاردا خەلقىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ھالال ئەمگەك، ھالال تىجارەت ۋە سانائەت كارخانىسىغا تايىنىپ پۇل تاپقان بولسىمۇ، ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى ئېتىقاد، قانۇن، ئەخلاقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ھالال بىلەن ھارامنى ئارىلاشتۇرۇپ، پۇل تېپىشتا ۋاسىتە تاللىمىدى. توغرا يول بىلەن پۇل تاپقان ئەزىمەتلەر يۇرت خەلقى ئۈچۈن تىللاردا داستان بولغۇدەك ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ ئالقىشقا سازاۋەر بولغان بولسا، ئىنسانىي غۇرۇرىدىن پۇلنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان بىر قىسىم نائەھلىلەر ھارام مەنپەئەتنى دەپ نارەسىدە بالىلىرىمىزنى ئالداپ، تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى قارا گۇرۇھلارغا سېتىپ ‹‹ئادەم سودىسى›› قىلدى... ئۇلارنىڭ ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، پۈتكۈل جەمئىيەتكە قارا گۇرۇھلارنىڭ ماھىيىتىنى بىلدۈرۈش ئەدەبىياتىمىز ھەم ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئالدىغا قويۇلغىلى 20 – 30 يىل بولغان مەسىلە ئىدى. نېمە ئۈچۈن تا بۈگۈنگىچە بۇ تېمىنى بىرەر يازغۇچىمىز يورۇتۇپ بېرەلمىدى؟ بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار: بىرى، قارا كۈچلەرنىڭ پائالىيەت، ئالاقە دائىرىسى كەڭ، چىگىش ۋە مۇرەككەپ. يەنە بىرى، ئۇلار يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىدۇ، پېيىگە چۈشكەنلەرنىڭ پېيىنى قىرقىشتىن يانمايدۇ!
       يازغۇچى ئەخەت تۇردى ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››نىڭ 2005 – يىللىق ئىيۇل سانلىرىغا ئۇلاپ بېرىلگەن ‹‹ئاياللار قايان – تەقدىرىڭ قايان››ناملىق ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بىر ئىزىدا ئولتۇرالماي قالدى («قاباھەت»نى قانداق يازدىم؟ –«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 2008 – يىللىق 26 – ئىيۇن سانىغا قاراڭ.)
        يېشى 65تىن ئاشقاندا ۋىجدان دەۋىتى بىلەن بۇ خەتەرلىك سەپەرگە تەۋەككۈل قىلدى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاتالمىش قارا ‹‹قوشۇن››لار كۆپرەك ھەم مەركەزلىك پائالىيەت قىلىدىغان شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن، جۇخەي، خەيكۇ، سەنيا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ جەمئىيەت تەكشۈردى. ئۇنىڭ كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى كۆپەيگەنسېرى يۈرىكى تېخىمۇ مۇجۇلدى. ئۇ ئىچكىرىدىن قايتىپ كېلىپ قەشقەرگە باردى ھەم بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ قان - قان يىغلاۋاتقان ئاتا - ئانىلار بىلەن كۆرۈشتى. شۇنىڭ بىلەن مول تۇرمۇش جۇغلانمىسى ‹‹قاباھەت››رومانىنىڭ ماتېرىيال مەنبەسى بولۇپ قالدى.
       يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئەسىرىنىڭ بېشىنى ئەمدىلا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ چاقىرىق قەغىزى كېلىشىنى ساقلاۋاتقاندا، ‹‹پۇل دېسە جېنىنى بېرىدىغان›› بۇزۇق خوتۇن ھېپىزەم بىلەن ئاشنىسى ھۈسەيىن پاقا تۇتقۇن قىلىۋالغان ‹‹يۈزى بەئەينى سۈتتە چايقالغاندەك ئاپئاق، ئەگىم قاشلىرى ئاستىدىكى چېچەن كۆزلىرى كەھرىۋادەك چاقناپ تۇرغان›› (رومان 15 – بەت) گۈزەل قىز خىسلەتنىڭ ئائىلىسى دۇچ كەلگەن پاجىئەدىن باشلايدۇ. قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ سەللىمازا ساقىيىپ كېتەلمىگەن دادىسى ئابدۇسەمەر ئاكا قىزى تۇتقۇن قىلىنىپ خەۋىرى بولمىغاندىن كېيىن، ‹‹رەڭگى بوزدەك ئاقىرىپ، ياتقان جايىدا قېتىپلا قالىدۇ›› (رومان 1 – بەت)، تېرىلغۇنىڭ دەردى بىر يىللىق، بالىنىڭ دەردى مىڭ يىللىق دېگەندەك (رومان 2 – بەت) ئانىسى توقاچخانمۇ تۈگىشىپلا كېتىدۇ، ئىنىسى سۇبات بىلەن سۆيگۈنى ئۇتۇق دوختۇرنىڭ روھىي پاجىئەسىمۇ ئۇلارنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. نەچچە كۈن ئۆتۈپ دېگەن ناتونۇش نومۇردىن تېلېفون كەلگەندىن كېيىن، ئانىسى توقاچخان ئېرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ساقچى ئىدارىسىگە بارىدۇ، كۈتۈلمىگەندە بۇ نومۇر گۇاڭجۇ تەۋەلىكىنىڭ بولۇپ چىقىدۇ. ساقچى: ‹‹گۇاڭجۇ دېگەن كاتتا شەھەر، ئۇ يەرنىڭ مۇقىم نوپۇسى سەككىز – توققۇز مىليون، كۈنلۈكى كىرىپ – چىقىدىغان ئاقما نوپۇس 1 مىليونغا يېتىدۇ. مۇنداق زور ئادەم دېڭىزى ئىچىدىن قىزىڭىزنى قانداق ئىزدەيسىز؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مۇقىم تېلېفوننىڭ نومۇرى ئەمەس، كىچىك زېرەكنىڭ نومۇرى، سەۋرى قىلىپ تۇرۇڭ، بىز قىزىڭىزنى تۇرۇۋاتقان ئورنىنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن ھەرىكەت قوللىنىمىز››، (رومان 7 - بەت) دەپ يولغا سالغاندىن كېيىن قاتتىق ئازابلىنىدۇ. ‹‹جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس›› دېگەندەك، خىزمەتكە چىققىنىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان ئۈمىدلىك ياش ئۇتۇق دوختۇر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا باقماي گۇاڭجۇغا بېرىپ خىسلەتنى تېپىش، بېشى كەتسىمۇ سۆيگىنىنى تۇتقۇنلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ. بولغۇسى قېينانا -قېيناتىسى ئۇ يىگىتنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق تەسىرلىنىپ: ‹‹سىز بىزنىڭ قىزىمىزنى دەپ كېتىۋاتىسىز، بۇ ياخشىلىقىڭىزنى ھەرقانچە قىلىپمۇ قايتۇرۇپ بولالمايمىز...›› (رومان 51 – بەت) دەپ كۆز يېشى قىلىپ، ئۇنى گۇاڭجۇغا ئۇزىتىپ قويىدۇ.
        ئۇتۇق ئىچكىرىدە مىڭ بىر مۈشكىلاتنى باشتىن كەچۈرۈپ، جان – جەھلى بىلەن خىسلەتنى ئىزدەيدۇ، ‹‹تۆمۈرنى ئوت، ئادەمنى تۇرمۇش تاۋلايدۇ›› دېگەندەك، ئەزەم چوڭ باشلىق قاتارلىق رەزىل كۈچلەر بىلەن بولغان كۆپ قېتىملىق كۈرەشتە ئۇنىڭ ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىيىدۇ، ئۇنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ھالال تىجارەت بىلەن بېيىپ باش كۆتۈرگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى، خەلق ساقچىسى ۋاڭ باۋ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. قاتتىق ھاقارەت ۋە نومۇسقا دۇچ كېلىپ ۋىجدانى ئويغانغان ھۇقۇش تاز (خالمەت)نىڭ ئەزەم چوڭغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى يۈز ئابرۇيلۇق سودىگەر يار مەمەت، خەلق ساقچىسى ۋاڭ باۋ، ئۇتۇقلارغا تاپشۇرۇشى بىلەن ‹‹قۇۋ تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنار››دېگەندەك، ئەزەم چوڭ ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەگەشكۈچىلىرى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ قانۇن تورىغا چۈشىدۇ. نەتىجىدە گۈزەللىك ۋە ھەققانىيەت رەزىللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۇتۇق بىلەن خىسلەت تېپىشىدۇ.
       يازغۇچى روماندا ئۇتۇقنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. روماننىڭ باش قىسمىدا يېڭىلا خىزمەتكە چىققان، ئاق كۆڭۈل ئۇتۇق دوختۇر خىسلەت قىزنىڭ دادىسى ئابدۇسەمەر ئاكا قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغاندا، پۈتۈن كۈچى، بارلىق تېخنىكىسىنى ئىشقا سېلىپ ئابدۇسەمەر ئاكىنى داۋالاشقا كىرىشىدۇ. خىسلەت ئۇنىڭ ياپ – ياشلا يىگىت ئىكەنلىكىگە قاراپ، دادىسىنى داۋالاپ ساقايتىشقا تازا ئىشەنچ قىلالمايدۇ، ئۇنىڭ بۇ روھىي ھالىتى روماندا مۇنداق ئىپادىلىنىدۇ.
       ـ ئوپېراتسىيىنى كىم قىلىدۇ؟ 
       ـ مەن! - دېدى ئۇتۇق ئىشەنچ بىلەن،ئوپېراتسىيىنى ئۆزۈم قىلىمەن! 
      ـ سىز...، خىسلەتنىڭ ئاۋازىدىن بۇ ياش يىگىتكە تازا ئىشەنچ قىلالمىغانلىقى سېزىلىپ تۇراتتى.›› (رومان 15 – بەت) ئابدۇسەمەر ئاكىنى داۋالاش جەريانىدا گۈزەل قىز خىسلەتكە ئۇتۇقنىڭ كۆڭلى چۈشۈپ قالىدۇ ۋە ئۇلار بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشۈپ مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولىدۇ. بۇ ئىككى ياش بۇ مەزگىلدە ھايا پەردىسى بىلەن ئۆزىنى دالدىلاپ، قويۇق شەرقچە مۇھەببەتنىڭ جەزبىدار سۈلكىتىنى نامايان قىلىدۇ، كېيىن ئۇتۇق ئابدۇسەمەر ئاكىنى يوقلاپ تۇرىدۇ، خىسلەت تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن يالغۇز ئانىسى بىلەن ئىچكىرىگە كىرىش – كىرمەسلىك ھەققىدە دە – تالاش قىلىشىدۇ، ئاخىرى ئوغلىغا گەپ يېگۈزەلمىگەن ئانا ئوغلىنىڭ گۇاڭجۇغا كىرىشىگە ماقۇل بولىدۇ. ئۇتۇق ئىشەنچ بىلەن:‹‹بۇ دېگەن جۇڭگو، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ نۇرلۇق سوتسىيالىستىك جەمئىيەت! قانۇن – تۈزۈم، ئەدلى – ئادالەت بار! ياخشىلار ھەرگىز ئۇۋاللىق تارتمايدۇ، يامانلار نەدە بولمىسۇن جاجىسىنى يەيدۇ!...›› (رومان 46 – بەت) دەيدۇ.
    بىز روماننىڭ مۇشۇ قۇرلىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا يازغۇچىمىزنىڭ ۋەتەنگە، سوتسىيالىزمغا بولغان كۈچلۈك ئەقىدىسىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمايمىز. ئاپتور ئۇتۇق ئوبرازىنى يارىتىشتا زوراۋان كۈچلەر بىلەن بولغان كۈرەشنى تۇرمۇش مەنتىقىسى بويىچە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ئۆتكۈر زىددىيەتلەر قاينىمىدا ئۇتۇق بىر نەچچە قېتىم ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ خالىس ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. ۋاقىتسىز بۇ ئالەمدىن كەتكەن ئۆسمۈر نەزەرنىڭ پاجىئەسى، ياش زىيالى ئۆركەش (يار مەمەتنىڭ ئوغلى)نىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدۇ. ئەزەم چوڭنىڭ ئاتالمىش ‹‹پادىشاھ››لىقىنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلغاندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ، بىزگە قارا كۈچلەرنىڭ قانچىلىك قەبىھ ۋاسىتە قوللانسۇن، ھامان بىر كۈنى مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئاپتور روماندا يەنە خىسلەت ئوبرازىنى يارىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىغا كىرەي دەپ قالغان بۇ قىز قىزلىق ئىپپەت – نومۇسىنى قوغداشنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغان چېغىدا ھېپىزەم ۋە ھۈسەيىن پاقا بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدۇ، ئۈرۈمچى ۋە گۇاڭجۇلاردا رەزىل، پەسكەش ئەرلەر بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلىدۇ، پۇل، ياخشى شارائىت ئۇنى ھەرگىز باش ئەگدۈرەلمەيدۇ.
       ئەزەم چوڭ زورلۇق كۈچ بىلەن ئۇنىڭ قىزلىق گۈل بەرگىلىرىنى توزۇتۇپ ئاتالمىش ‹‹خوتۇن››قىلىۋالغاندىمۇ زوراۋان، ئىپلاس ئەرلەر بىلەن بولغان ئېلىشىشنى بىر مىنۇتمۇ توختاتمايدۇ، تۇتقۇنلۇققا ئۇچرىغان بالىلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ قانۇن ۋە ئادالەتنىڭ ياردىمى بىلەن ياۋۇز ئەزەم چوڭنىڭ چاڭگىلىدىن ئامان - ئېسەن قۇتۇلىدۇ. ئاپتور خىسلەت ئوبرازىنى ياراتقاندا ئۇنىڭ بىلەن تەقدىرداش نازاكەت، گۈلجەننەت قاتارلىقلارنىڭ تەقدىرىنىمۇ يورۇتىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، قىممەت قارىشىدىكى پەرق بىزنى خىسلەتنىڭ نۇردەك يورۇق قەلبىنى تېخىمۇ ئوچۇق كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ بۇ ئىجادىي ئەمگىكى ئاتاقلىق ئوبزورچى مۇھەممەت پولات ئاكا رومانغا يېزىپ بەرگەن تەقرىزدە ئېيىتقىنىدەك: ‹‹روھىيىتىمىزنى خۇنۈكلەشتۈرىۋاتقان ھاقارەتلىك تۇرمۇشنىڭ قاراڭغۇ روجەكلىرىگە كىرىپ، ئۇنىڭدىكى ھەر خىل كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت ۋە مۇناسىۋەت يوللىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، كىشىلىرىمىزنىڭ روھىيىتىنى تەۋرىتىپ، ئۆزگىچە بەدىئىي پۇراققا ئىگە ئىجادىي روماننى يارىتىپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي بۇرچ تۇيغۇسىنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.›› (رومان 2 – بەت)
        ئەمما ‹‹ئاينىڭ يۈزىدىمۇ داغ بار›› دېگەندەك، بۇ ئىستىداتلىق يازغۇچىمىزنىڭ ئۇشبۇ روماندا 2004 - يىلىدىكى ياشلارنىڭ مۇھەببىتىنى تەسۋىرلىگەندە، خۇددى 18 - ، 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقىدىغان پاساھەتلىك كلاسسىك شېئىرلارنى بىر - بىرىگە ئېيتقۇزغانلىقى ئوقۇرمەنلەردە تۇرمۇش چىنلىقىغا سەل قارالدىمۇ - قانداق، دېگەن تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ. يەنە روماننىڭ 144 - بېتىگىچە ئەنۋەر ئىسىملىك بىر بالا توغرىسىدا بىرەرمۇ تەپسىلات بېرىلمەي، ئۇشتۇمتۇتلا ‹‹نېمە ئۈچۈن چوڭام، ھېيىت ئارغىماق، موللاجىغا ئوخشاش ئەسكى ئادەملەر دوزاخقا چۈشمەي، تېخى بۇ دۇنيانىڭ خوۋلۇقىنى كۆرمىگەن، ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرغان نەزەر، ئەنۋەر ۋە خىسلەتكە ئوخشاش پاك بالىلار تاشلىنىدۇ؟!...›› (رومان 144 – بەت) دەپ چۇقان كۆتۈرۈشى ئوقۇرمەنلىرىمىزدە يازغۇچىمىز بىر ئاز مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدىمۇ - قانداق دېگەن سوئالنى پەيدا قىلىدۇ.
    بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇتۇق بىلەن ئانىسى ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگدا ئۇتۇق ئانىسىغا: ‹‹
    – ھە دېسىلا بېشىمنى ئوڭشاش، سايەمنى ئىككى قىلىش توغرىسىدىلا گەپ! مەن ئالدىرىمايمەن، يەنە بىر نەچچە يىل يۈرسەممۇ مېنىڭ ساڭگىلاپ قالىدىغان بىجىقىم (ئەمچىكىم) يوققۇ!›› (رومان 47 – بەت) دەپ ئاچچىقلايدۇ.
    ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇتۇقتەك پەزىلەتلىك بىر پەرزەنت ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان، ئوقۇتقان ئانىسىغا ئۇنداق ئەدەپسىز گەپلەرنى ھەرگىز قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. ئاپتور يەنە ھېپىزەمنىڭ تىلى بىلەن: ‹‹خوتۇن كىشى دېگەن بەش تارىلىق تەمبۈرگە ئوخشايدۇ، ئۇستىنىڭ قولىغا چۈشسە بۇلبۇلدەك سايرايدۇ، نا ئۇستىنىڭ قولىغا چۈشسە ھۇۋقۇشتەك ھۇۋلايدۇ...›› (رومان 61 – بەت)دەپ يېزىپ، تۇرمۇشتا ئېغىزىمىزدىن تاسادىپىي چىقىپ كەتسىمۇ، لېكىن بەدىئىي ئەدەبىياتىمىزدا نازۇك تىل تەسۋىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان جىنسىي تۇرمۇش تەسۋىرىنى ئوچۇقلا بېرىدۇ.
    روماندىكى سەلبىي پېرسوناژلارنىڭ ئىسمىنىڭ سەت ئېلىنىشى، ئىجابىي پېرسوناژلار ئىسمىنىڭ چىرايلىق ھەم يېقىملىق ئېلىنىشى، تەبىئىيكى، بىزگە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - ، 70 - يىللىرىدىكى ئەدەبىياتىمىزدىكى ئادەت قايتا تەكرارلانغانمۇ – قانداق؟ دېگەن تەسىراتنى بېرىپ قالىدۇ. چۈنكى ئىسمى ئۇلۇغ ۋە چىرايلىق ئادەملەردىنمۇ ئەڭ رەزىل ۋە پەسكەش ئىشلارنى قىلىدىغانلار كۆپقۇ؟ئاخىرىدا مەن يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن . مەنزىل : شىنجاڭ گېزىتى

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 14:21:52]

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.