ئاھ مۇھەببەت سەن قايدا ؟!(1)

يوللىغۇچى : توغراقى يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-10 00:45:00

ئاھ مۇھەببەت سەن قايدا ؟!.(1)ۋىسالسىز بىر ئاشىقنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى .ئىختىيارسىز قولۇمغا قەلەم ئالدىم .سەرسانلىق ئىلكىدىكى ۋەيرانە كۈنلىرىمنىڭ ئازابلىق يالدامىسنى ئۈشبۇ خاتىرە ئارقىلق تورداش...

    ئاھ  مۇھەببەت   سەن  قايدا ؟!.(1)

    ۋىسالسىز  بىر  ئاشىقنىڭ  كۈندىلىك  خاتىرىسى .

     ئىختىيارسىز  قولۇمغا  قەلەم  ئالدىم .

    سەرسانلىق  ئىلكىدىكى  ۋەيرانە  كۈنلىرىمنىڭ  ئازابلىق   يالدامىسنى  ئۈشبۇ  خاتىرە  ئارقىلق   تورداشلار  بىلەن  ئورتاقلاشماقچىمەن .  نېمىشقا ؟  چۈنكى  مەن  يولۇققان  كەچمىشلەرگە  يەنە  نۇرغۇنلىغان  تورداشلىرىم  يولۇققان  ھەم  ئەگرى  توقاي  ھاياتلىق  يولىدا  تېڭىرقاپ  باققان  بولۇشى  مۇمكىن ، شۇڭا دەيمەنغۇ؟

     مەن  بىر مۇساپىر ،  كېندىك  قېنىم  تۆلگەن  ئانا  يۇرتۇمدىن  ئايرىلىپ  ئۆزۈمگە  ناتۇنۇش  بولغان ، ياق ؟ ناتۇنۇش  ئەمەس ! ماڭا  بىر  خىل  سوغۇق  تۇيغۇ  بېرىدىغان  بۇ شەھەرگە  كەلگىنىمگە  بىر  قانچە  يىل  بولدى ،  مەن  قانداق   ياشىشىم  كېرەك ؟ قانداق  ئادەم  بولۇشۇم  كېرەك ؟  كىم  ئىدىم  كىمگە  ئوخشاپ  قېلىۋاتىمەن ؟  دېگەن  سۇئاللارغا  ئېنىق  جاۋاپ  تاپالماي  ئىلگىرى  ئىشلىگەن  ھۈكۈمەت  ئورگىندىكى  خىزمىتىمدىن  ئىستىپا  بېرىپ  ئانا  يۇرتۇم ، ئۇرۇق  تۇققان  دوسىت  بۇرادەرلىرىمنى  دەت  ھەسرەتكە  قالدۇرۇپ  بۇ  شەھەرگە  چىققان  ئىدىم .شۇندىن  بىرى  مۇساپىرلىق ئىلكىدە  تەنھا  ياشاپ  كىلۋاتىمەن .ھايات  ئادەملەر  قاتارىدا  قۇۇرۇق  گەۋدەمنى  سۆرەپ  ھاياتلىق  يولىدا  كىملەرگىدۇ  نىجاتلىق  ئىزدەۋاتىمەن . 

       ھەركىتىمنىڭ  تېگىگە  ئاللىقانداق  غەيرى  مەنا ،  غەيرى  پىلان  يۇشۇرۇنغانمۇ  ئەمەس ، ھەركەت  نىشانىم  پەقەت  پاك _ سۆيگۈ  مۇھەببەتنى  قەدىرلەپ  نىگارىم  ئۈچۈن  نجاتلىق  ئىزلەش .  شۇنداقلا  كۈچلۈك  رىقابەت  ۋە  خىرىسقا  تولغان  دۇنيادا  ھەقىقىي   ئەركەكتەك  مەردانە  ياشاپ  ئۆز  ئەسلىمنى  تېپىش  ئۈچۈن  كۆرەش  قىلىش  خالاس !

    بىراق ...  ئەمدىلەتىن  ھېس  قىلۋاتىمەن ،  ئاللاھنىڭ  ساڭا  بەرگەن  ئامانىتىنى  ساق  تاپشۇرۇپ  بەرمىگۈچىلىك  تىرىك  ئادەملەر  قاتارىدا  ھەققىي  ئەركەكتەك  مەردانە  ياشاپ  جان  ساقلىماق  ئۇنچە  ئاسان  ئەمەسكەن .  نام _ ئابروي ، ھوقۇق _مەنسەپ ،  ئەمەل  تاماسىدا  ھەريان  قاتراپ  يۈرىيدىغان  كىشلەرنىڭ  كۈنلىرى  قانچىلىك  تەستۇ _ ھە !؟

    ئىنسان  بوشلۇقتىكى  مۆجىزە  ئەمەس ، بەلكى  تۇپراقتىن  يارالغان  ئىدى .  ئاخىرى  يەنە  شۇ  تۇپراق باغرىغا  كىتىپ  كېتىدىغانلىقىنى  بىلسە  ئىدى  كاشكى !...

    تولىمۇ  ئەپسۇس!... 

    كائىنات  غەمگە  بۆلەنگەن .  دىل  قەسرىمدىكى  تپتىنىچ  ئوكيان  داۋالغۇماقتا .  رەڭگارەڭ  ھايات  يىراق  بىر  جايدا  كىملەرگىدۇ  ناز  قىلىپ  كۈلمەكتە  ،

    قەلىپ  باياۋىنىمدىكى  چوڭقۇرلۇقتا   ئاجىز  بىر  نىدا  جاراڭلىماقتا .  ئاھ  مۇھەببەت  سەن  قايدا ؟!  

      ( داۋامى  بار )    

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق