يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدا

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-25 12:54:00

20-ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدائابدۇسالام شۈكۈر نوھ (بۇ ماقالە 《 تارىم 》ژورنىلى 2006-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان) پروزا ئىجادىيىتىدە يازغۇچىلارنىڭ ئېڭىدا يېڭىلى...

    20-ئەسىر  ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدا
    ئابدۇسالام شۈكۈر نوھ

    (بۇ ماقالە 《 تارىم 》ژورنىلى 2006-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان)


       پروزا ئىجادىيىتىدە يازغۇچىلارنىڭ ئېڭىدا يېڭىلىنىش بولغاندىلا ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىدە يۈكسىلىش مەيدانغا كېلىدۇ . بىز بۇ يەردە دەۋاتقان يۈكسىلىش دەل پروزا ئېستېتىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسىتىدۇ . 20-ئەسىر ئۇيغۇر پروزا تارىخىدىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەر ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا پروزا ئېڭىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىدىن ئىبارەت . شۇڭا 20 -ئەسىر پروزا ئېڭى تەرەققىيات تارىخىنى تەكشۈرىشىمىزمۇ پروزا ئېستېتىكىسى مەسىلىسى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ ، بىر تەرەپنى ھەل قىلىش ئىككىنچى بىر مەسىلىنى تەبىئى ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ .
    20 –ئەسىر ئۇيغۇر پروزىمىزغا نەزەر سالغىنىمىزدا يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پروزىدىن ئىبارەت بۇ ژانىرنى قانداق چۈشىنىش ۋە قانداق يېزىش مەسىلىسىدە ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى ئارقىلىق قەدەممۇ –قەدەم ئىلگىرىلىگەنلىكى ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇلارنىڭ زامانغا لايىق پروزا ئېڭىنىڭ بارغانچە مۇكەممەللەشكەن ،كېڭەيگەن ۋە چوڭقۇرلاشقان تارىخىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس .
    پروزا ئېڭى ئەلۋەتتە ، پروزىنى قانداق چۈشىنىش ۋە قانداق يېزىش مەسىلىسىدۇر . يازغۇچىلارنىڭ پروزا ژانىرىنى قانداق چۈشىنىشى ۋە ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشى بىر دەۋر پروزىسىنىڭ قىممىتى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىدىغان ياكى تۆۋەنلىۋىتىدىغان ھەم كىتاپخانلارنىڭ پروزا ئېستىتىكىسىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالقىلىق مەسىلىدۇر .
    يازغۇچىلار بىلەن كىتاپخانلارنىڭ پروزا ئېڭى قاتلاملىق ئايلىنىش قانۇنىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە يازغۇچىلار ( ئىجاد قىلغۇچىلار ) مەسىلىنىڭ مەركىزى نۇقتىسىدا تۇرىدۇ .بىر دەۋردە مەسئۇلىيەتچان ، تىرىشچان ،ئۆزىنىڭ پىكرى ۋە يۈرەك قېنىنى ئۆز مىللىتىنىڭ پروزىسى ئۈچۈن بېغىشلىيالايدىغان مىننەتسىز يازغۇچىلارنىڭ بولىشى ، مىللەتنىڭ ۋە ئەدەبىياتنىڭ بەخت – سائادىتى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئىجتىھاتى ئارقىلىق پروزا شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىلا ئىلگىرىلەپ قالماي،ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق يېڭى بىر بەدىئى دۇنيا يارىتىلىپ ، يېڭىچە بىر پروزا ئېڭى مەيدانغا كېلىدۇ .بۇ خىل ئاڭ يوشۇرۇن ۋە غۇۋا ئىپادىلىنىدىغان بولسىمۇ ناھايىتى كۆپ نۇقتىلارغا كېسىشىدۇ ۋە سىڭىپ كېتىدۇ . بىر مىللەتنىڭ يېڭى بىر خىل دۇنياقارىشى ۋە ئىدولوگىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ھىسسى يىلتىزنى دەل مانا مۇشۇ نۇقتىدىن ئىزلەشكە بولىدۇ .
    پروزا ئۇقۇمىغا بېرىلىدىغان تەبىر ئوخشىمايدۇ.چەتئەللەردىن جوڭگوغىچە بولغان ئەدەبىيات نەزىرىچىلىر ى ئورتاق ئېتىراپ قىلغان ئەنئەنىۋىي تەبىرلەرنىڭ بىرى پروزىنى چۆچەك سۆزلەش دەپ قاراش . چۆچەك ۋە پروزا ئاتالغۇلىرى ئېنگىلىز تىلىدا ئوخشاش بىر سۆز story)) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . فرانسىيەلىك ئەدەبىي تەنقىتچى ئابېر شوكۇلى ) ( 阿比尔.谢括利"پروزا نەسرى ئۇسۇلدا بايان قىلىنىدىغان مۇئەييەن ھەجىمدىكى ئويدۇرۇلغان چۆچەكتۇر " ①دەيدۇ ئەنگىلىيە يازغۇچىسى فوست ( 福斯特) بولسا ِ"ھەجىم جەھەتتىن 50مىڭ خەتتىن ئاشقان ھەرقانداق نەسرى ئەسەرنى پروزا دەپ قاراشقا بولىدۇ ②دەپ ئېيتىدۇ . مەيلى بۇ كۆزقاراشلارنىڭ ھەر خىل بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئومۇملاشقان تەبىر شۇكى "پروزا پېرسۇناژ،سيۇژىت ۋە مۇھىتنى كونكىرت تەسۋىرلەش ئارقىلىق رىئال تۇرمۇشنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەدەبىي تۈردىن ئىبارەت " ③ .پروزىنىڭ ئومۇمى خۇسۇسىيىتى ھەققىدە ۋ . گ . بېلىنىسكىي مۇنداق دىگەنىدى :" ئۇ باشقا ژانىردىكى بارلىق شېئىرىي ئامىللار بىلەن بىرلەشكەن،يەنى ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ ۋەقەلىكنى تەسۋىرلىگەندىكى ھىسسىياتىنى ئىزھار قىلىدىغان لىرىك شېئىرى تۇيغۇسىمۇ بار ، پېرسۇناژلار ئۆزىنى تېخىمۇ روشەن ۋە گەۋدىلىك ئىپادىلەيدىغان ۋاستە ------ درامما ئامىلىمۇ بار ، باشقا ژانىردىكى شېئىرلاردا مۈمكىن بولمايدىغان غايىۋانە بايان ،مۇھاكىمە ۋە ساۋاقلار ھىكايە رومانلاردا ئۆزىنىڭ قانۇنى ئورنىغا ئىگە بولىدۇ " ④بۇ پروزىنىڭ شېئىر ۋە دراممىغا قارىغاندا كۆپ دەرىجىدە ئەركىن بولىدىغانلىقى ،ئۇنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشنى تېخىمۇ كەڭ ئەكس ئەتتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .
    شەكىل ،مەزمۇن ، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ۋە تەسۋىر يوللىرىدا مۇشۇنداق كەڭ ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولغان پروزا ژانىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 20 – ئەسىردىلا مەيدانغا كېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىشى ئىجتىمائى ، تارىخى سەۋەپلەرگە ،مىللىي ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ژانىرلىرىنىڭ ئىچكى تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھەم شۇنداقلا مىللى يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسى ئۆزگىچىلىگىگە مۇناسىۋەتلىك كۆپ تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك . مېنىڭچە ،20 –ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى مەسىلىسىدە مانا مۇشۇ نۇقتىلارنى بۆسۈش ئېغىزى قىلغاندىلا ئاندىن بۇ تەتقىقاتنى ئىچكى ئورگىناللىققا ئگە قىلغىلى بولىدۇ .
    ئۇيغۇرئەدەبىياتى تارىخىغا مۇراجەت قىلغىنىمىزدا ، كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى پروزا تۈرىگە يېقىن تۇرىدىغان ، ئىزچىللىقى مۇقىم ،تارقىلىش دائىرىسى ۋە تەسىرى بىرقەدەر زور بولغان نەسرى ژانىر چۆچەك ۋە قىسسەلەر بولىشى مۈمكىن . دۇنيا ئەدەبىياتىدا ھەرقايسى مىللەتلەر پروزىچىلىقىنىڭ ئانىسى شۇ مىللەتلەرنىڭ چۆچەكلىرىدۇر . ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ۋە قىسسەلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىنىڭ ئىنكاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقنىڭ گۈزەللىك ۋە ھايات قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى رومانتىزىم بولۇپ ،زور دەرىجىدە سىموۋۇل ، جانلاندۇرۇش ، مۇبالىغە قاتارلىق ئىپادىلەش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ ، تۇرمۇش رىئاللىقىدىن ئۈزلۈكسىز يىراقلىشىپ ، ھەقىقى ۋەقە ۋە زىددىيەتلەر راۋاجىدا خاراكتىر ياراتماستىن ، بەلكى ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر زىمىنىدا ھاسىل بولغان غايىۋىي دۇنيا ۋە غايىۋىي تەلپۈنىشلەر ئىچىدە ، ياخشىلىق – يامانلىق ، گۈزەللىك – رەزىللىك ،چىنلىق -ساختىلىق قاتارلىق دىداكتىك ئۇقۇملارنى ۋەز –نەسىھەت، ئىما – ئىشارەت يولى بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن بولغاچقا ئەڭ چوڭ نەسرى بەدىئى زىمىنىمىز بولغان چۆچەكلەرمۇ پروزا ژانىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس بولالمىدى .
    يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇيغۇر نەسرى ئەدەبىياتىنىڭ ناھايىتى زور بەدىئىي زىمىنى ۋە قۇۋۋىتى بولسىمۇ لېكىن چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدە ياشاشتەك مەۋجۇت ئىجتىمائى مۇھىت ، ئۈزۈكلىككە ئىگە مەدەنىيەت ئالاقىسى پروزىدىن ئىبارەت بۇ ژانىرنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا رىئاللىىققا ئايلىنىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى .ئۇيغۇر ئەدىپلىرى تەربىيىلىنىدىغان زىمىنمۇ شېئىرىيەت ژانىرىنى ئاساس قىلغان بەدىئى دۇنيا ،ئۇلار ھەم ئەڭ كۆپ ئىمكانىيەتتە قوبۇل قىلالايدىغان يېڭى ئەدەبىيات ئېستېتىكىسىمۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتى بىلەن تومۇرداش ياكى ژانىرلار تەرەققىياتىدا ئۇنچە كۆپ پەرقلەر بولمىغان شەرق ئەدەبىياتىدىن كېلىدىغان بولغاچقا ،يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ئېستېتىكىسىدا ئۆز ئەدەبىياتىنىڭ ژانىرلار قۇرۇلىشىدا تۈپلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالايدىغان مەنئىۋى سۈپەت ھازىرلانمىغان ئىدى .
    بىر خىل ئەدەبىيات ژانىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە يەنىمۇ نۇرغۇن ئوبېكتىپ ۋە سوبېكتىپ سەۋەپلەرنىڭ رول ئوينايدىغانلىقى تەبىئى . ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق تەرەققىياتى جەريانىدا پروزىدىن ئىبارەت بۇ ژانىرنى كۆپ چۈشەكىگەن ھەتتا بەزى ئاپتورلار يىرىك پروزا ئەمگەكلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ بۇ خىل ئۇرۇنۇشلار ئىزچىللىق شەكىللەندۈرەلمىگەچكە ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەسرى ژانىرلارنىڭ ئۆزىنىڭ شەكىل ۋە مەزمۇنىدىن ھالقىپ ،سۈپەت ئۆزگىرىشى ياسىشى ناھايىتى ئۇزاق يىللارغا سوزۇلغان ئىدى . ⑤ 20 – ئەسىرنىڭ غايەت زور ئىجتىمائىلىشىشتەك ئالاھىدىلىكى بۇ ژانىرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كېلىشىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە قىلدى .
    ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى ئۆزارا ئۈگىنىش ۋە تەسىرنى چەتكە قاقمايدۇ . ئەدەبىيات تارىخىمىز 20 – ئەسىرگە قەدەم قويغاندا دۇنيا ئەدەبىيات نەمۇنىنىلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچرۇشۇشقا مۇۋەپپەق بولدى . بولۇپمۇ رۇس پررلتارىيات ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى بىلەن سوۋېت ئۇيغۇر ،تاتار قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھىكايە ،پوۋېست ،رومانلىرى خەلقىمىز ئارىسىغا تارقىلىشقا باشلىدى .1930 –يىللىرى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە كۆتىرىلگەن مەدەنىيەت – ئاقارتىش دولقۇنى ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئالاھىدە مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ ، بۇ ئەينى يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ تۇرمۇشىغا زور يۈكسىلەشلەرنى ئېلىپ كەلدى . بۇ خىل مائارىپ – مەدەنىيەتنىڭ تۈركىسىدە يېتىشىپ چىققان 20 – ئەسىرنىڭ زىيالى ،شائىر ، درامماتورگلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كىلاسسىك سەلتەنىتى بىلەن دەۋر رىئاللىقى ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن رىقابەت ۋە تەلەپنى چوڭقۇر ھىس قىلىشتى . بۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن تەڭلەشتۈرۈش ، ئەدەبىياتنى دەۋرنىڭ ،خەلقنىڭ مەنئىۋىي تەلەپلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن پروزىدىن ئىبارەت بۇ ژانىرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كېلىشىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھىس قىلدى .
    ئەڭ ئالدى بىلەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پروزىدىن ئىبارەت بۇ ژانىرنى 20 –ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كام بولسا بولمايدىغان بىر ژانىر دەپ قارىغانلىقىنى ھىس قىلىمىز . بۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم ئاۋانگارت يازغۇچىلار بىر تەرەپتىن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ بايان ئۇسۇلى ۋە پېرسۇناژلارنى تەسۋىرلەشتىكى ئارتۇقچىلىقىغا ۋارىسلىق قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن چۆچەكلىرىمىزنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق غايىۋىلەشتۈرىلىدىغان باش تېمىسىنى يېڭىلاپ ،قۇرۇلما ۋە تەسۋىر ئۇسۇللىرىدا سوۋېت رىئالىستىك پروزىسى ۋە قېرىنداش مىللەتلەر پروزىچىلىقىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوپۇل قىلىپ ،ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزنى بەدىئى چىنلىق بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ ،ئەركىن ،جانلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ۋە تەسۋىرلەش يوللىرى ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرىدىغان ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى پروزىچىلىقىمىزنى مەيدانغا كەلتۈردى .
    جەمىيەت ۋە تۇرمۇش رىئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش پروزا يازغۇچىلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى ئېڭى ئىدى . بۇ ۋاقىتتىىكى پروزا ئەسەرلىرى جەمىيەت ئۆزگىرىشى ،تەلەپلىرى ۋە ئادەملەرنىڭ جەمىيەت قوينىدىكى رىئال ئىش –ھەركەت ۋە كۈرەشلىرىگە بېغىشلانغان بولۇپ ، جەمىيەتنىڭ تاشقى پوستى ۋە ئادەملەرنىڭ تاشقى ھەركەت ھالىتى ئاساسى باش تېما ئىدى . مەسىلەن : سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «يىتىم توختى » ،« شانلىق قۇربان » ، «زامانقۇل » ، زۇنۇن قادىرنىڭ « كۈچۈككە ھۇجۇم » ،« مۇئەللىمنىڭ خېتى » ،ئابلىز نازىرىنىڭ «مۇڭلۇق ئالچۇق » ، « قادىر يامان » ، ئابلىمىت مەسئۇدىنىڭ « ساراڭ ساقايدى » ،« مەتباقى » قاتارلىق ھىكايىلىرى دەل مۇشۇنداق يېزىلغان بولۇپ ،يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنى جەمىيەت قاتلىمىدا راۋاجلاندۇرغان بولۇپ ، بۇ چاغدىكى پروزا ئەسەرلىرىنىڭ سەنئەت رولىغا قارىغاندا جەمىيەتشۇناسلىق رولى كۆرىنەرلىك ئىدى .
    بىر خىل ئەدەبىي شەكىلنىڭ ھەر خىل شەكىل ۋە مەزمۇن دائىرىسىدە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشى ۋە رىئاللىققا يېقىنلىشىشى ئۇنىڭ ماھىيەت جەھەتتە سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇيغۇر پروزا تارىخىدا بىز دەل يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ئوڭ تاناسىپ بولغان ژانىرلارنىڭ تېما ۋە باش تېما جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلىگەن ۋە كېڭەيگەن ، ئۈزلۈكسىز تۈردە رىئاللىققا يېقىنلاشقانلىقىغا دىققەت قىلىمىز . بۇ خىل ئىلگىرىلەش كۆپىنچە ئىككى خىل ھەركەت ھالىتىدە سۈپەت ئۆزگىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ . بىر خىلى ئەنئەنىۋىي تېما ۋە ئەنئەنىۋىي باش تېمىلاردىن ھالقىشتا ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ ، بۇنى زۇنۇن قادىرنىڭ ئىجادىيەت يولى ئارقىلىق كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ . ئۇنىڭ « ئىككى بارمىغىم بىلەن » ،« رودۇپاي » قاتارلىق ھىكايىلىرىدە خەلق چۆچەكلىرىنىڭ تېما ۋە باش تېما ئالاھىدىلىكى ۋە تەسىرى ناھايىتى زور ئورۇندا تۇرىدۇ . « مۇئەللىمنىڭ خېتى » ، « كۈچۈككە ھۇجۇم » ھىكايىلىرى ئارقىلىق يېتىلىۋاتقان پروزا ئېڭى بارغانچە رىئاللىققا يېقىنلىشىپ ،« ماغدۇر كەتكەندە » ھىكايىسىدە ھەقىقى يۈكسەكلىككە كۆتىرىلىدۇ . ئاپتور دەسلەپكى ھىكايىلىرىدە خەلق چۆچەكلىرىگە يانداشقان بولسىمۇ ،بارا –بارا بۇ خىل ئەندىزىدىن قۇتۇلۇپ رىئالىزىملىق مىتود ئارقىلىق ، ئۇيغۇر رىئال تۇرمۇشىنى تېما قىلىپ ، جانلىق زىددىيەتلەر توقۇنۇشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى تۇرمۇش رىئاللىقىنى قەلەمگە ئالدى . بۇنىڭ بىلەن ئەپسانە رىۋايەتلەر بوسۇغۇسىدىن قۇتۇلالماي ، باش تېما يېقىدىن رىئاللىقنىڭ ئۆزىنى ئەمەس ، كەلگۈسىنى خىيال قىلىدىغان ،بەدىئى تەسىرىگە دىداكتىك يوللار بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغان ئۇيغۇر نەسرى ئەدەبىياتىغا خاتىمە بېرىلىپ ، ھەقىقى مەنىدىكى 20 – ئەسىر پروزىسىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى جاكالاندى .
    پروزا تاشقى دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرىشنىلا ئۆزىنىڭ تەسۋىر ئوبېكتى قىلمايدۇ . ئۇ كەڭ ۋە ناھايىتى مۇكەممەل بەدىئى ئالەم بولىشى ۋە بۇ خىل بەدىئى ئالەمنى كىتاپخانلارغا تەقدىم قىلىشى كېرەك .« ماغدۇر كەتكەندە » دەل مانا مۇشۇ خىل پروزا ئېڭىنىڭ مەھسۇلىدۇر . يازغۇچى ئۆزىنىڭ پروزا ئېڭىنى ئىنسان روھى دۇنياسىنىڭ ئېستېتىك قاتلىمىدا راۋاجلاندۇرغان بولۇپ ، ترگېدىيە بۇ خىل ئېستېتىك قاتلامنىڭ ئادەتتىكىچە ھىسسى قاتلام ،ئادەتتىكىچە ھاياجانلىنىش ئەمەس ، بىر ئۇيغۇر يازغۇچىسىنىڭ زامانغا لايىق بەدىئى بالاغىتىنى شۇنداقلا قەدىمى بىر شېئىر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئەدەبىيات ئېڭىغا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان ئىچكى قۇۋۋىتىنى نامايەن قىلدى .
    ئەپسۇس ، بۇ خىل ئېستېتىك ئىزلىنىش ئىزچىللىققا ئېرىشەلمىدى .50 –يىللاردىكى ئەدەبىيات ئۈچۈن ياساپ چىقىرىلغان ھەر خىل ئۇقۇم ۋە قېلىپلار ھەم بۇنىڭغا يول قويماتتى . بۇ يىللاردا ئۇيغۇر پروزىسى دۆلىتىمىزدىكى باشقا قېرىنداش مىللەتلەر پروزا ئىجادىيىتىگە ئوخشاش ، ئىنقىلاۋى قىزغىنلىق ۋە سىياسىۋىلىكنى ، پېرسۇناژلار ئوبرازىدا باش قەھرىمان ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ، سىنىپىي كۈرەشلەرنى زىددىيەت توقۇنىشى قىلىشنى تۇتقا قىلىپ ،ئىجادىيەتتە مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىغا ئۇلىشىپ كەتتى .گەرچە زۇنۇن قادىرنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ يەنە بىر ۋەكىللىك ھىكايىسى « چېنىقىش » تا ئۆزى ياراتقان بۇرۇنقى ئېستېتېك پەللىگە يېقىنلاشقان بولسىمۇ ، باشقا پروزا ئەسەرلىرى جەمىيەت قاتلىمىدىن بۆسۈپ چىقالماي ، ھادىسىلەرنىڭ بايانى بولۇپ قالدى . بۇ ۋاقىتتىكى پروزا ئىجادىيىتىمىزدە ئوخشاش مەزمۇن ۋە شەكىلدىن ئىبارەت پروزا ئىجادىيەت قېلىپى پروزىچىلىقىمىزنى تار يولغا قىستاپ ، بەدىئى ئىجادىيەتتىكى " قايتا ئىجاد قىلىش ئېڭى " ۋە تېما ۋە باش تېمىدىكى " يېڭى بولۇش" تىن ئىبارەت ئېستېتىك تەسىر پروزا ئىجادىيىتىدىن يىراقلاشقان ئىدى .
    پروزا ئىجادىيىتى ماھىيىتىدىن ئالغاندا بىر خىل سەنئەت ئىجادىيىتۇر . ئېنىقكى ئۇ يازغۇچىلاردىن سەنئەتنىڭ ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا ، مەلۇم خىل ئېستېتىك قىممەت يارىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ . بىراق بۇ پروزىچىلىقتا ئىنقىلاپ ۋە سىياسى تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس . پروزا سەنئىتىمۇ ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ يازغۇچى مىڭىسىدىكى ئىنكاسى بولغان ئىكەن ، ئۇنداقتا ئىنقىلاپ ۋە سىياسى تۇرمۇشمۇ پروزىچىلىقتا چوقۇم ئەكس ئەتتۈرىلىشى لازىم . بىز دۇنيا ۋە خەنزۇ پروزىچىلىقىدا مانا مۇشۇ خىل تېمىلار يورۇتۇلغان نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى كۆرىمىز .ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى بۇ ئەسەرلەردە ناھايىتى ئىنچىكە بولغان سەنئەت ئۆلچىمى ئارقىلىق ئىنقىلاپ ۋە سىياسى تۇرمۇش مەزمۇنلىرى پۈتۈنلەي سەنئەتلەشتۈرىۋېتىلگەن . ئەمدى ئۇيغۇر پروزىچىلىقىمىزغا قايتىپ كەلسەك ،50 – 60 –يىللاردىكى ھىكايىلىرىمىزدىن «چېنىقىش » (زۇنۇن قادىرى ) ،« بەش تال ئوق » ، « قەشقەر گۈزىلى » (تۇردى سامساق ) قاتارلىق ساناقلىق بىرقانچە پارچە ئەسەردىن باشقىلىرىدا جەمىيەتنىڭ تاشقى ھەركەت ھالىتىنى تەسۋىرلەش ، ئىنقىلاپ ۋە سىياسى تۇرمۇشنى ئىپادىلەش ،زور دەرىجىدە ئۇقۇملاشتۇرۇش ۋە فورمۇلالاشتۇشتەك يېتەرسىزلىكلەر ساقلاندى . بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەپلەر زادى نىمىدە ؟ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ( ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ئىجتىمائى تارىخىمىزنىڭ ئاشۇ يىللاردا يازغۇچىلىرىمىزغا مەجبۇرى تېڭىلغان ، ھەقىقى بەدىئى ئىجادىيەتكە پايدىسىز بولغان سىرتقى ئامىللاردىن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىشىدۇ . مېنىڭ قارىشىمچە يۇقىرىقى سەۋەپ نۇرغۇنلىغان ئوبېكتىپ سەۋەپلەرنىڭ بىرىلا بولالىشى مۈمكىن ، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر پروزىچىلىقى تېخى ناھايىتى ياش بىر ژانىر بولۇپ ، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پروزا ئېڭى تېخى مۇكەممەللەشمىگەن،ئۇلاردا ئېستېتىك بەدىئى قىممەتنى قوغلۇشالايدىغان سەنئەت كۈچى تولۇق ھازىرلانمىغان ئىدى .
    لېكىن بۇ يىللار شەكىللەنگىنىگە ئۇزۇن بولمىغان پروزىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان چېنىقىش يىللىرى ئىدى .جوڭگو جەمىيىتىدە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ بىلەن خاراكتىرلەنگەن ئۆزگىرىشلەر توختاۋسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاشۇ يىللاردا پروزىچىلىقىمىزنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە مەلۇم كۆلەمدىكى يازغۇچىلار قوشۇنىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى⑥ ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدىن ئىبارەت مۇدھىش قارا كۈنلەردىمۇ بەزى يازغۇچىلارنىڭ بەزىدە ئاشكارە بەزىدە يوشۇرۇن ھالەتتە پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ،پروزىچىلىقىمىزنىڭ ئىپادىلەش ۋە تەسۋىرلەش سەنئىتى ئۈچۈن ھارماي ئىزدەنگەنلىكى ،بىر قىسىم يازغۇچىلىرىمىزنىڭ رىئاللىق بىلەن مەلۇم ئارىلىق ساقلاپ ،رومان ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى تەييارلىقلىرىغا كىرىشكەنلىكى بىز ئۈچۈن يەنىلا چوڭ مۇۋاپىقىيەتتۇر . ⑦
    بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ 3- دەۋرى يەنى يېڭى دەۋر باسقۇچى يازغۇچىلىرىمىز پروزا ئېڭىنىڭ پارتلاش يىللىرىدۇر . بۇ يىللار ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى ، ئىزدىنىشى ئەڭ ئاكتىپ ، پروزىچىلىقتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان يىللار بولدى . يېڭى دەۋرنىڭ " ئىدىيىنى ئازات قىلىش " تىن ئىبارەت مەنئىۋىي چاقىرىقى يازغۇچىلارغا ئەدەبىيات –سەنئەتنىڭ داغدام يولىنى كۆرسىتىپ بەردى .بۇنىڭ بىلەن يازغۇچىلىرىمىنىڭ ئەدەبىيات –سەنئەت ئېستېتىكىسىغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كىرىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىلدى . يازغۇچىلارنىڭ بۇ يىللاردىكى پروزا ئېڭىنىڭ يېڭىلىنىشى ئەڭ ئاۋۋال جەمىيەت مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئارقىلىق ئىپادىلەندى . بۇ خىل تونۇش پۈتۈن جوڭگۇ جەمىيىتى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ ،ئۇيغۇر پروزىچىلىقىمۇ جەمىيەتنى ئادەتتىكىچە بايان قىلىشتىن قۇتۇلۇپ ، سىياسى ، ئىجتىمائى ، ئېدولوگىيە ، تارىخ قاتلاملىرىغا دەسلەپكى قەدەمدە ئىچكىرلىگەن ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ مەملىكىتىمىزدە ئون يىل داۋاملىشىپ ،جەمىيىتىمىز ۋە دەۋرىمىز كىشىلىرىگە ئېلىپ كەلگەن مۇدھىش تەسىرى تەنقىد قىلىنغان " جاراھەت پروزىسى " ھادىسىسى بىلەن بىرلىشىپ كەتتى .
    " جاراھەت پروزىسى " ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ يېڭىلىنىشىدا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە . ئۇ ئەينى دەۋردىكى قاتمۇ – قات ئەدەبىيات مۇھاسىرىلىرىنى بۆسۈپ چىقىپ ، بىرقاتار مۇھىم بولغان جەمىيەت مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا تۇنجى قېتىم سوتسىيالىزىم دەۋردىكى ترگېدىيەنى بارلىققا كەلتۈردى .ئۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئىجادىيىتىنى قايتىدىن رىئالىزىملىق ئىجادىيەت يولىغا باشلاپ ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى رىئالىزىملىق پروزا ئىجادىيەت پرىنسىپلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈردى .
    ئەينى يىللىرى پروزىچىلىقىمىزدا ئىپادىلەنگەن " جاراھەت " ئېڭى پۈتۈن جوڭگو ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ ،يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشى بىلەنلا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى پروزا ئېستېتىكىسىدىكى بىرىنچى قېتىملىق سىناقنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ . يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « قەرزدار » ، « دولان ياشلىرى » قاتارلىق ھىكايىلىرى ، ئەخەت تۇردىنىڭ « مەرھابا باغۋەن » ھىكايىسى ،ئابلىمىت سابىرنىڭ « ئۇنىڭ ماكانى » ناملىق ھىكايىسى ،جالالىدىن بەھرامنىڭ بۇلبۇل بوستانىنى تاپتى » قاتارلىق ھىكايىلەر شۇ يىللاردىكى "جاراھەت ئەدەبىياتى" غا تەۋە پروزا ئەسەرلىرىدىن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . بۇ ئەسەرلەردە بىرىنچى قېتىم سوتسىيالىستىك ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئوبراز يارىتىلىپ ، ئادەمىلىكنىڭ بىيۇكىراتلىق ۋە ھەددىدىن ئارتۇق "سول " لۇشەننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىدەك ترگېدىيەلەر يېزىلىپ ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك تېمىسىنىڭ ئېچىلىشىغا يول كۆرسەتتى .
    پروزىچىلىقتا نوقۇل "جاراھەت"نى ئەكس ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت ھادىسە 70- يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئاساسەن ئاخىرلاشتى . لېكىن " جاراھەت " نى ئىپادىلەش كېيىنكى ۋاقىتتىكى پروزا ئەسەرلىرىمىزنىڭمۇ مۇھىم بولغان تېما ئالاھىدىلىكى بولۇپ ساقلىنىپ قېلىۋەردى . « ئىزلىنىش » (رومان ، زوردۇن سابىر ) ، « « ئاي يامغۇرى »(رومان ، ئەخەت تۇردى ) ،تەڭرىنىڭ ھۆكىمى » (رومان ،توختى ئايوپ ) ،« ساۋاقداشلار » ( پوۋېست ، مەمتىمىن ھوشۇر ) «زىمىن قارا ئادەملىرىڭگە » ، « قىيامەتتە قالغان سەھرا » ، « قۇملۇق تىترەۋاتىدۇ » ( پوۋېستلار ، ئەختەم ئۆمەر ) قاتارلىق ئەسەرلەر تېما جەھەتتە مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ جەمىيىتىمىزدىكى ھەر ساھە ، ھەر قاتلاملارغا قالدۇرغان ئىجتىمائى ۋە مەنئىۋىي جاراھەتلىرىنى ئېچىپ كۆرسىتىش بىلەن بىللە ، ئىجادىيەت ئېستېتىكىسى جەھەتتە " جاراھەت پروزىسى " نىڭ ئاساسلىق مەزمۇن قاتلىمى بولغان " مەسىلەلەر " نى يېزىشتىن " ئادەم " نى يېزىشقا قاراپ تەرەققى قىلىپ ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ " ئادەمشۇناسلىق " تەرەققىيات يولىدىكى بىرىنچى قېتىملىق يۇقىرى پەللىنى شەكىللەندۈردى . ئادەمشۇناسلىق ، ئەدەبىياتنىڭ رىئال تۇرمۇشنىڭ مەركىزىدىكى ئادەمنى ئەكس ئەتتۈرىشىنى كۆرسىتىدۇ يەنى ئادەمىنى تۇرمۇشنى كۈزىتىش ، تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ، ئادەمنىڭ تەقدىرى ، ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا قويۇپ تەسۋىرلەشنى ھەم بۇ نۇقتىدىن تېمىلارغا ئىچكىرىلەپ ، باشتېمىنى تاۋلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ . يۇقىرىقى ئەسەرلەردە يازغۇچىلارنىڭ پروزا ئېڭى نوقۇل بولغان "جاراھەت " قاتلىمىدىن ھالقىشنى ھاسىل قىلغان بولۇپ ، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئېستېتىك جەھەتتە پۈتۈن جوڭگو ئەدەبىياتى بىلەن تەڭ ماڭالايدىغان بەدىئى كۈچىنى نامايەن قىلدى .
    زوردۇن سابىر يېڭى دەۋر ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن يازغۇچى . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ ھوسۇللۇق ئەڭ گۈللەنگەن مەزگللىرىنىڭ بىرى بولدى . ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى رىئالىزىم ۋە رومانتىزىم بولۇپ ، ئۇنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر پروزىچىلىقى تېما ،باش تېما تەرەپلەردىن كۆپ خىللىققا قاراپ يۈزلەندى . پروزىدا ئوبراز يارىتىش ، تەسۋىر ،بايان ئۇسۇلى ،ھىسسىيات تۈسى قاتارلىق ھەرخىل مەسىلىلەردە مىللىلىشىش يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتىرىلدى .ئۇنىڭ ئىجادىيەت تېمىلىرى ھەر خىل بولۇپ ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزنىڭ بىرەرمۇ كۆزنىكى نەزەردىن ساقىت قىلىنمىغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ . ئۇ باشتىن ئاخىر ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشقان بولۇپ ، ئۆزىنىڭ سېلۇشتۇرۇش خاراكتىرىدىكى سىموۋۇل ئۇسلۇبى ، ئىپوس خاراكتىرىدىكى بايان ئۇسلۇبى ، پەلسەپە ئۇسلۇبى بىر گەۋدىلەشكەن پروزا ئۇسلۇبىنى ياراتقان ئىدى .
    زوردۇن سابىرنىڭ ئىجادىيىتىدە يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تەسىرى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇ شۇ يىللاردا يېزا تېمىسىدا « قەرزدار » ، « دولان ياشلىرى » ،« قوشنىلار » ،« جىگدىلەر پىچىرلايدۇ » ، « ئېھ ،توپىلىق يول » ،« ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە » ، « تارىم سۈيى كەينىگە ئاقمايدۇ » ، « بوش كەلمە تۇرپانلىق » قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ھىكايە پوۋېستلارنى يېزىپ ،پروزىچىلىق ئېستېتىكىسىدا ئۆزىگە خاس بولغان ئىزدىنىشلارنى ئېلىپ باردى ئۇنىڭ يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە "جاراھەت "مۇ ، " تەپەككۈر "مۇ ۋە " ئىسلاھات" مەزمۇنلىرى بار . گەرچە ئۇيغۇر پروزا تەتقىقاتىدا يازغۇچىنىڭ ھەر بىر پارچە ئەسىرىنىڭ قايسى خىل ئېقىمغا ، يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت ئېستېتىكىسىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقتا ئىكەنلىكىگە ئېنىق چەك قويۇلمىغان بولسىمۇ ،بىراق يازغۇچىنىڭ يېڭى دەۋر ئۇيغۇر پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتىي زوردۇر . زوردۇن سابىر يېڭى دەۋردە مەيدانغا كەلگەن ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان ۋە ئالاھىدە زور مۇۋاپىقىيەت قازانغان . مەسىلەن ، « ئېھ ،توپىلىق يول » يازغۇچى 80 –يىللاردا يازغان ھىكايە .مېنىڭچە تېما ئالاھىدىلىكىگە قاراپلا بۇ ھىكايىنى يېزا تېمىسىدىكى ئەسەر دەپ ئايرىۋېتىش تولىمۇ ئاددىلاشتۇرېۋېتىش بولىدۇ . بۇ ئەينى يىللاردىكى رىئالىزىمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تەپەككۈر ئەدەبىياتىنىڭ ھەم يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىسلاھات ئەدەبىياتىنىڭ ئىجادىيەت ئېستېتېتىكىسىغا لايىقلاشقان مۇنەۋۋەر بىر ئەسەر . ھىكايە گەرچە مۇھەببەت تېمىسىغا بېغىشلانغان بولسىمۇ لېكىن يازغۇچىنىڭ كۆڭۈل بولىۋاتقىنى يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتى ئېلىپ كەلگەن يېزىدىكى غايەت زور ئىجتىمائى ئۆزگىرىشلەر ۋە ۋە دىخانلارنىڭ ماددى تۇرمۇشىدىكى يۈكسىلىشلەرلا بولۇپ قالماستىن يازغۇچىنىڭ بىزنى تەپەككۈر قېلىشقا ئۈندەۋاتقىنى يۇقىرىقى ئۆزگىرىشلەر بولۇش بىلەن بىرلىكتە ،دىخانلارنىڭ مەنئىۋىي دۇنياسىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئۆزگىرىشلەر يەنى يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر دىخانلىرىدا زادى قانداق مەنئىۋىي تۇرمۇش ،قانداق روھى ھالەت ۋە مەنئىۋى پەزىلەت بولىشى كېرەكلىگىدىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلىلەر . ئەسەردە تەسۋىرلەنگىنى رىئاللىقتىكى ئاددى بىر ئادەم لېكىن بۇ ئاددى ئادەم بەدىئى ئىجادىيەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ماس ھالدا يارىتىلغان ، سىياسى – ئىجتىمائى ئۆزگىرىشلەر ئۇدۇلمۇ –ئۇدۇل بايان قىلىنماستىن مۇھەببەت ۋاستىسى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە سەنئەتلەشتۈرۈلگەن بولۇپ ، ھىكايىدىكى ھەربىر ئىش –ھەركەت ،تەپسىلات كىتاپخانلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسىگە لايىقلاشقان بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ ئېتىراپ قېلىشىغا ئېرىشكەن .
    ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى " جاراھەت " ۋە " تەپەككۈر " ئېڭى بىلەن ئېلىپ بارغان پروزا ئىجادىيىتىدە مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ خەلقىمىزنىڭ زامانىۋىلىشىش قەدىمىگە ئېلىپ كەلگەن توسالغۇ ۋە بېسىملىرىنى پاش قىلغان ھەم تەپەككۈر يۈرگۈزگەن بولسا ، بۇ ئىككى ئەدەبىيات ھادىسىسىدىن سەللا كېيىن مەيدانغا چىققان ئىسلاھات پروزىلىرى ئارقىلىق ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ ،شەھەر ۋە يېزىلاردا يۈرگىزىلىۋاتقان ئىسلاھاتنى ئىپادىلىدى . 1978- يىلى ،پارتىيەنىڭ 11 –نۆۋەتلىك 3 – ئومۇمىي يىغىنىڭ چاقىرىلىشى پارتىيىمىزنىڭ مەركىزى خىزمەت ھالقىسىنى ئەسلىدىكى سىنىپىي كۈرەشنى تۇتقا قىلىشتىن ئىقتىسادى قۇرۇلۇشقا يۆتكىدى ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى يېڭىچە روھ بىلەن قاينام –تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىسلاھات مەيدانلىرىنى ئىجادىيىتىنىڭ مەنبەسى قىلدى .ئۇيغۇر يېڭى دەۋر پروزىسىدا دەۋرنىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى ئىسلاھاتى تېما قىلىنغان ئ.ەسەرلەرمۇ مەيدانغا كەلدى . بۇ ئىسلاھات تېمىسىدىكى پروزا ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ « سىناق مەيدانىكى لەتىپە » ۋە « خەير – خوش ،توققۇز كۈنلۈك ماكان » ھىكايىلىرى ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ، بولۇپمۇ بۇ دەۋردىكى ئىسلاھات ھىكايىلىرىنىڭ ئىچىدە يازغۇچىنىڭ « خەير – خوش توققۇز كۈنلۈك ماكان » ھىكايىسى مەزمۇنۋە بەدىئى جەھەتتىكى مۇۋاپىقىيىتى بىلەن ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى نادىر ھىكىيىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى دىيىشكە بولىدۇ .
    « خەير – خوش توققۇز كۈنلۈك ماكان » ئىسلاھات –ئېچىۋېتىشقا ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن ئىجتىمائى تۇرمۇش ، ئىدىۋى –ئاڭ ، مەدەنىيەت ،پىسخىكىدىكى ئۆزگىرىش ۋە توقۇنۇشلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھىكايە . ئەسەردە باش پېرسۇناژ ياسىننىڭ مەلۇم بىر داڭلىق مېھمانخانىنىڭ جىڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىنكى توققۇز كۈنلۈك كەچۈرمىشلىرى يېزىلغان . ياسىن بۇ مېھمانخانىدا توققۇز كۈن ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئەزەلدىن ھىس قىلىپ باقمىغان بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ يەنى ئىسلاھاتنى قانداق ئېلىپ بېرىش شۇنداقلا بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئالاھىدە شارائىتتا غورۇرىنى قانداق ساقلاش مەسىلىسى . بىز بۇ يەردە ھەل قىلماقچى بولغىنىمىز ئەسەرنىڭ ئىدىۋىلىك جەھەتتىكى چوڭقۇرلۇق مەسىلىسى بولماستىن بەلكى يازغۇچىنىڭ پروزا ئېڭىنى قانداق جارى قىلدۇرغانلىقىي مەسىلىسى . ئەسەر ئېلان قىلدۇرۇلغاندىن كېيىن جەمىيەتتە ناھايىتى زور غۇلغۇلىنىڭ قوزغىلىشىدىكى سەۋەپمۇ دەل مۇشۇ يەردە بولۇپ ،يازغۇچى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىقنى سېلۇشتۇرما قىلىدىغان ياكى قۇرۇلۇش بىلەن بۇزغۇنچىلىقنى تەسۋىرلەيدىغان سىنىپىي زىددىيەت خاراكتىرىدىكى كونا قېلىپلاردىن قۇتۇلۇپ چىققان . گەرچە ئاددى بىر ھىكايە بولسىمۇ ، ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن تارتىپ ئاددى خىزمەتچىلەرگىچە تەسۋىرلىنىپ ، ئىسلاھات قوينىدىكى ھەر خىل ئىجتىمائى كۈچلەر ۋە مەزھەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە زىددىيىتى تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان . بىز ئەسەردە ئىسلاھاتچىلارنىڭ يولۇققان مۇشكۈلاتلىرى ۋە توسالغۇلىرىنى ، ئۇلارنىڭ يىتىم قالدۇرۇلغان ۋە چەتكە قېقىلغان ھالىتىنى كۆرىمىز . بۇ ئەسەرنىڭ بەدىئى تەسىر جەھەتتىكى ئۆتكۈرلىكى ۋە قاراتمىلىقى بىزگە چىخوپ ھىكايىلىرىنى ئەسلەتسە ، ئىدىۋىي مەزمۇنىدىكى چوڭقۇر بىشارەت ۋە تەخىرسىزلىك خەنزۇ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىسلاھات ھىكايىلىرىغا ماسلاشقاندەك تۇيۇلىدۇ . لېكىن ھىكايە ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ بايان ۋە ئىپادىلەش يولىدىن يىراقلاشمىغان بولۇپ ، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىۋاتقان ،ئېستېتىك ئىزدىنىشىنىڭ كۆپ خىللىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
    ئەخەت تۇردىنىڭ « خەير – خوش توققۇز كۈنلۈك ماكان » ھىكايىسى سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە كادىرلار قۇرۇلۇشى مەسىلىسىگە بېغىشلانغان بولۇپ ، ئىسلاھات دەۋرىدىكى ئەڭ نازۇك مەسىلىگە چېتىلغان ئىدى . بۇ دەۋردىكى ئىسلاھات ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى كۆپ خىل بولۇپ ، يازغۇچىلىرىمىز ئىسلاھات دەۋرىنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرىشى كۆپ خىل نۇقتۇلارغا كېسىشكەن ئىدى . مەسىلەن ، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « ئاتا » رومانى ئىسلاھات دەۋرىنىڭ يەنە بىر خىل كۆرىنىشى تەسۋىرلەنگەن ئەسەر دىيىش مۈمكىن . يازغۇچى پروزا ئېڭىنىڭ باشقا يازغۇچىلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپى شۇ يەردىكى ، ئۇ تەپەككۈرىنى ئىسلاھات دەۋرىدىكى زاۋۇت – كارخانىلارنىڭ ، يېزا – قىشلاقلارنىڭ ئىقتىسادى ئۆزگىرىشلىرى ، ياكى سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى جەريانىدىكى زىددىيەتلەرگە قاراتماستىن بەلكى سىياسى ،ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ پۈتۈن خەلقنىڭ مەنئىۋىي دۇنياسىغا ، ئېدولوگىيەسىگە ، ئەخلاقى قاراشلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى قېزىپ چىقىشقا قاراتتى . ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – 90 – يىللىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيىتى ئەڭ ئۆتكۈرلەشكەن ، مىللەت ۋە ئىللەت ھەققىدىكى تەپەككۈرى ئەڭ چوڭقۇرلاشقان يىللار ئىدى . بۇ يىللاردا ئۇيغۇر مىللىتى ھەقىقەتەن زامانىۋىي مىللەت بولۇش قەدىمىنى باشلىغان ، قايتا قۇرۇش ۋە يوقىتىشنىڭ خىرىسلىرىغا دادىللىق بىلەن يۈزلەنگەن ئىدى . زوردۇن سابىر روماندا بىر مىللەتنىڭ توغرا كەسمە يۈزى سۈپىتىدە بىر جەمەتنىڭ قېرىنداشلىق ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئوبرازلاشتۇرۇپ ، مىللەتنىڭ ئالاھىدە تارىخى دەۋردىكى مەنئىۋى دۇنياسىغا ئىچكىرىلىدى . زوردۇن سابىر قېزىپ تېگىگە يەتمەكچى بولغان بۇ دۇنيا تېخى تۇراقلاشمىغان ، ئۆزگىرىش ھالىتىدىكى مۇقىم بىر خىل مەدەنىيەت تېندىنسىيەسىنى ھاسىل قىلمىغان بولۇپ ، ئىجادىيەتتە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنىڭ بولۇشى تەبىئى ئىدى . لېكىن يازغۇچى يۇقىرىقى نۇقتىلاردا خېلىلا ئىچكىرىلىگەن بولۇپ ،بۈگۈنكى كۈندە « ئاتا » رومانى ئىسلاھات تېمىسىدىكى پروزا ئەسەرلىرىمىزنىڭ ئىچىدىكى ئۆزگىچە بىر نەتىجە بولۇپ قالدى .
    ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – 90 – يىللىرىنى مەركەز قىلىپ مەيدانغا كەلگەن ئىسلاھات ھادىسىسىگە تەۋە بولغان يېزا تېمىسىدىكى پروزا ئەسەرلىرىنىڭ تەۋەلىكىگە ئېنىق چەك قويۇش سەل مۈشكۈلرەك ھەم بۇ خىل ئەدەبىيات ھادىسىسىنى قوغلىشىپلا ئۇلارنى تۈرگە ئايرىشمۇ ئەقىلگە تازا مۇۋاپىق ئەمەس ،سەۋەبى ، بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ يېزىلاردىكى يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتلىرىنىڭ پۈتۈن كۆرىنىشلىك تەرەققىيات جەريانلىرىنى سىياسى –ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىدىيىلىرىنىڭ بىۋاستە تەسىرى قىلىپ ئەكس ئەتتۈرۈشكە ، ئىسلاھات روھىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز- ئىبارەلەرنى ئىشلىتىش ۋە ئىسلاھاتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭغان ئاۋانگارت پېرسۇنازلارنى يارىتىشقا قارىغاندا ، يەنىلا ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئەڭ ئاساسى مەسىلىلەرنى ئاساسى قاتلام رەھبىرى كادىرلارنىڭ چىرىكلىكى ، ئەنئەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئادەتلىرىنىڭ قاتمۇ قات بېسىملىرىنىڭ دىخانلىرىمىزغا ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنىڭ ئاساسى زىددىيەت ئىكەنلىكىنى ،ئىسلاھات دولقۇنلىرىنىڭ يىراق يېزىلاردا تولۇق ئەمىللىلەشمىگەنلىكى قاتارلىق سەۋەپلەرنى ھىس قىلغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ . شۇڭا ،بىز بۇ دەۋردە يارىتىلغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ ئىسلاھات دولقۇنى جەريانىدا مەيدانغا كېلىۋاتقان سىياسى – ئىجتىمائى ، ئىدىيە ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئادەملەر خاراكتىرىدىكى پەقەت قىسمەن ئىپادىلىرىنىڭ ئەكس ئەتتۈرىلىشى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ . مانا بۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى ئىسلاھات يازغۇچىلىرىنىڭ بۇ خىل تېمىدىكى ئەسەرلىرىگە قارىغاندا بۇ تېمىنى دەل نىشانغا يەتكۈزۈپ ئەكس ئەتتۈرۈپ بولالمىغانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى . شۇنداقتىمۇ يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيىتىدە رىئالىزىملىق تەپسىلات تەسۋىرىگە، تىپىك شارائىت ئىچىدە تىپىك پېرسۇناژ يارىتىشقا ئەھمىيەت بەردى . « كىچىك لەقۋا »( سەمەت دۇگايلى ، پوۋېست ) ، « لاي سۇ ئىچكەن جانلار »( ئەنۋەر مۇھەممەت ، پوۋېست ) ، «بۇ چۈش ئەمەس » ( مەمتىمىن ھوشۇر ، ھىكايە ) غا ئوخشاش يېزا تۇرمۇشىمىزنىڭ ئوخشىمىغان كۆزنەكلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن يېزا تۇرمۇشىدىكى ئەسەرلەر يەنىلا يازغۇچىلىرىمىزنىڭ دەۋر ئېقىمىغا قارۇغىلارچە ئەگەشمەستىن ، ھەقىيقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدەيدىغان پروزا ئېڭىنى نامايەن قىلدى .
    يېڭى دەۋردە " جاراھەت " ،" تەپەككۈر " ۋە " ئىسلاھات " قاتارلىق پروزا ئېقىملىرى بىلەن قاناتلانغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭى ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەينى ۋاقىتتا ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى تەلەپ قىلىۋاتقان " خاتا مەسىلىلەرنى تۈزەش " ۋە " ئىسلاھات ئېچىۋېتىش "تىن ئىبارەت ئىجتىمائى ، سىياسىي تۈزۇلمە ئىلاھاتىنىڭ چوڭ ئېقىمىدىن كەلگەن بولۇپ ، يازغۇچىلىرىمىز ئىجاد قىلىۋاتقان پروزا ئەسەرلىرىىنڭ مەدەنىيەت ئاساسى يەنىلا ئىجتىمائى –سىياسى ساھەلەر ئىدى . بىراق 50 – 60 –يىللاردىكى يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پروزا ئېڭىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ، " جاراھەت " يازغۇچىلىرى خەلقنىڭ ھەقىقى يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ ، پروزىچىلىقىمىزنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى كېڭەيتتى ،ئەدەبىياتتا چەكلەنگەن رايون دەپ قارىلىپ كەلگەن ترگېدىيەنى يېزىپ ، رىئالىزىمنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلەتتى . " تەپەككۈر " يازغۇچىلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ ، ئېستېتىك قىممەتنى نىشان قىلىپ ، كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىللە سەنئەت شەكلى ئارقىلىق "مەن " ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى تەپەككۈرنى قانات يايدۇردى .پروزا ئېستېتىكىسىدا تراگېدىيەلىك گۈزەللىككە يېقىنلىشىپ ،ئىنساننىڭ قىممىتى ۋە خەلق ئېڭى ھەققىدىكى ئويغۇنۇشنى ئىلگىرى سۈردى . " ئىسلاھات "يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭى بولسا ئەمدى ھەرگىزمۇ دۆلەت سىياسىتىنى جاكالايدىغان كاناي ئەمەس بەلكى ئۇلار يازغان پروزا ئەسەرلىرى بۇ يازغۇچىلارنىڭ سىياسى تۇرمۇشقا ئارىلىشىشتەك روھى ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى .
    باش تېما ۋە تېمىنىڭ ئىلگىرلىشىنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى پۈتۈنلەي يېڭى بولغان تېما ۋە باش تېما ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە يارىتىشتا كۆرىلىدۇ . ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ نۇقتىدىكى ئۈزلۈكسىز ئىزلىنىشى ئارقىسىدا ،شەھەر ئەدەبىياتى تېمىسى ، ئېكولوگېيىلىك تەڭپۇڭلۇق ، ئىنسانىيەت ۋە تەبىئەت ، تەن ۋە روھ مەسىلىسى ، مىللى ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن يىلتىز تېمىسى قاتارلىق ئەنئەنىۋىي پروزىچىلىقىمىزدا يوق بولغان تېمىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، بۇ جەھەتتە ئۆزدائىرىسىدىن ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ، دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ تېما يۈزلىنىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي ، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ كۈندىن كۈنگە ئۆسۈپ بېرىۋاتقان پروزا ئېڭىنىڭ مۇھىم بىر تەركىېىي قىسمى بولۇپ قالدى .
    20 –ئەسىرنىڭ 80 –يىللىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پۈتكۈل 90 –يىللاردا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئەنئەنىۋىي دۇنياقاراشتا تەپەككۈرنى ،ئىجادىيەت ماھارەتلىرىدە يېڭىلاشنى ،پروزا ئېستېتىكىسىدا چوڭقۇرلاشنى مەركەز قىلغان كۆپ مەنبەلىك ئىزدىنىشنى قانات يايدۇردى . بۇ ئالدى بىلەن پروزا تېمىلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بىلەن باشلاندى .
    بىرىنچىدىن ،بۇ ۋاقىتتا يازغۇچىلار پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى جەمىيەتنىڭ تارىخى قاتلاملىرىغا ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە ئىچكىرىلەش ئارقىلىق ئىپادىلەندى . مەسىلەن ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا بۇرۇن يېزىلغان يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەردە پەقەت خۇسۇسى مۈلۈكچىلىك ئېڭى بىلەن سوتسىيالىستىك ئىقتىسادى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ زىددىيىتىلا يېزىلىپ ، دىخانلارنىڭ روھى يەنى ئادەملىك تەلەپلىرى چەتتە قالدۇرۇلغان ئىدى . 80 –يىللارنىڭ كېيىنكى مەۋسۈمىدىكى ئەسەرلەردە دېھقانلارنىڭ ئادەملىكى نەزەرگە ئېلىنىپ ،ئۇلارنىڭ " سول "چىل سىياسەتلەرنىڭ ئاسارىتىدىكى ئەگرى –توقاي تۇرمۇشى تەسۋىرلەندى . بۇ مەزگىلدە ياش يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تېما ،قۇرۇلما ۋە ئېستېتىك گۈزەللىك نۇقتىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزا ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ .
    ئەختەم ئۆمەر 20 –ئەسىرنىڭ ئاخىرقى 20 يىلى بىلەن دەۋرلەنگەن پروزىچىلىقىمىزدا پروزا ئېستېتىكىسى ھەققىدە مۇئەييەن ئىزدىنىشلارنى ئېلىپ بارغان ياش يازغۇچى . ئۇ ئۆز پوۋېستلىرىدا ئاددى ،تۆۋەن كىشىلەرنىڭ بېكىنمە ھالەتتىكى تۇرمۇشىنى ئېچىپ بېرىشنى بىۋاستە زامان ،ماكان بىلەن باغلاپ ،تەكلىماكان روھى ۋە تىنىقلىرى بىلەن بىرىكىپ كەتكەن ،تراگېدىيەلىك گۈزەللىككە ئىگە پروزا ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرۈپ ، پروزىمىزنى زۇنۇن قادىرنىڭ خېلى يىللار ئىلگىرى يېزىلغان « ماغدۇر كەتكەندە » ھىكايىسىدە يارىتىلغان پروزا ئېڭى بىلەن ئىزچىللىققا ئىگە قىلدى . بىز ئۇيغۇر پروزا تارىخىدا زۇنۇن قادىرنىڭ « ماغدۇر كەتكەندە » ھىكايىسىنى ئەڭ دەسلەپتە پروزىنىڭ ئېستېتىكىلىق تەلەپلىرى يېقىدىن ئىزلىنىلگەن ، تراگېدىيەلىك گۈزەللىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئەسەر دەپ قارىساقمۇ ، كېيىنكى دەۋر پروزىچىلىقىمىزدا بۇ خىل ئېستېتىك گۈزەللىك تەلىۋىگە يانداشقان ئەسەرلەر يارىتىلمىغان ئىدى . شۇڭا ئەختەم ئۆمەرنىڭ پروزا ئىجادىيىتى ئۇيغۇر پروزىچىلىقى ئۈچۈن يېڭى بىر باشلىنىش ، يېڭى بىر خىل پروزا ئېستېتىكىسى ئۈچۈن بېسىلغان قەدەملەرنىڭ تۇنجىسى بولدى .
    يازغۇچىلار جەمىيەتنىڭ تارىخى قاتلاملىرىغا ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە ئىچكىرىلەشتىن ئىبارەت پروزا ئېڭى پروزا ئەسەرلىرىمىزنىڭ رەڭدارلىقىنى شەكىللەندۈرۈش بىلەن كىتاپخانلارنىڭ ئېستېتېك زوقلىنىش ئادەتلىرىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتىردى . بۇ خىل ئېستېتىك ئىزلىنىشكە بۇ دەۋردە يەنە نۇرمەھەممەت توختى ، توختى ئايوپ ، سەمەت دۇگايلى ، ئابدۇللا ساۋۇت قاتارلىق بىر تۈركۈم يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ھىكايە -پوۋېستلىرى بىلەن ياندىشىپ ، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزىنى جەمىيەتنىڭ تاشقى ھەركەت ھالىتىنىڭ بايانى بولۇش ھالىتىدىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بەردى .
    ئىككىنچىدىن ، ئىجتىمائى – تارىخى قاتلاملارنىڭ مۇئەييەن مۇھىتقا ۋە ئادەملەر خاراكتىرىغا تېڭىلغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قېزىش ۋە سەنئەتلەشتۈرۈش چوڭقۇرلاشتى .
    يازغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائى – تارىخى قاتلاملارنىڭ مۇئەييەن مۇھىتقا ۋە ئادەملەر خاراكتىرىغا تېڭىلغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قېزىش ۋە سەنئەتلەشتۈرۈش چوڭقۇرلاشتۇرىشى يىرىك پروزا ئەسەرلىرىنىڭ ئىجادىيىتىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى . پىشقەدەم يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ « ئىز » ناملىق رومانى ۋە « ئويغانغان زىمىن » ناملىق ئىككى توملۇق رومانىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ يۇقىرى ئېستېتىك سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلغان ئىدى . يازغۇچى ئۆزىنىڭ بۇ رومانلىرىدا تارىخنى ئارقا كۆرىنىش قىلىپلا قالماي ، بەلكى تارىخنى ئوبېكىتلاشتۇرۇپ ۋە سەنئەتلەشتۈرۈپ ، ئىجتىمائى تارىخى قاتلاملارنىڭ تىندۇرمىسىدىن ھاسىل بولغان مەدەنىيەت روھىنىڭ ئادەمنىڭ مەۋجۇتلىقىغا كۆرسىتىدىغان ئىجابى ۋە سەلبى تەسىرىنى كۆرسىتىپ بەردى . يەنە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ « سۇتۇق بۇغراخان » رومانى ، پەرھات جىلاننىڭ « مەھمۇت قەشقەرى » رومانى ، ئەخەت تۇردىنىڭ « ئۇنتۇلغان كىشىلەر » رومانى ، ئەختەم ئۆمەرنىڭ « يىگانە ئارال » قاتارلىق رومانلىرى بۇ جەھەتتىكى ئىزلىنىشتە مەلۇم تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىدى . زوردۇن سابىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىجادىيەت مىۋىسى بولغان ترولوگىيە « ئانا يۇرت » ئۆزىدە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بۇ خىل ئېستېتىك تەجرىبىلىرىنى جۇغلاش بىلەن بىرلىكتە يازغۇچىنىڭ تارىخ ، رىئاللىق ھەققىدىكى تەپەككۈرىنى ھەم پروزا سەنئىتى ھەققىدىكى ئېستېتىك ئېڭىنىڭ بالاغىتىنى نامايەن قىلىپ ، ئەسىر ئاخىرىدىكى ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى شەكىللەندۈردى .
    بىر دەۋردە يەككە يازغۇچىلارنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ جانلىنىشى ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدىغان ئىجادىيەت ئېستىتېكىسىنى ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ . يېڭى دەۋر ئۇيغۇر يازغۇچىسى خالىدە ئىسرائىلنىڭ بۇ دەۋردە پروزا تېمىلىرىمىزنىڭ كېڭىيىشى ۋە پروزىچىلىقىمىزنىڭ بەدىئى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن قىلغان ئەمگەكلىرىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ . ئۇ 1985 –يىلى تۇنجى ھىكايىسى « ئېھ ،ھايات » ئېلان قىلغىنىدىن باشلاپ ، ئىزچىل پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، كىتاپخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ . خالىدە ئىسرائىلنىڭ نەتىجە قازىنىشىنى ئۇنىڭ پروزىچىلىقتا ئالاھىدە نۇقتىنى تاللىغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ . بىز يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۇنىڭ مۇنداق ئىككى چوڭ تېمىنى يورۇتۇشقا پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز . بۇ تېمىلارنىڭ بىرى كەڭ ئىجتىمائى تۇرمۇش ۋە ئاياللارنىڭ ئورنى ، مۇھەببىتى ،تۇرمۇشىنى ،تەقدىرىنى تەسۋىرلەش ، يەنە بىرى كۈنسېرى سانائەتلىشىش قەدىمى تېزلىشىۋاتقان ،تاۋارلىشىۋاتقان شەھەر تۇرمۇشى ھەققىدە تەپەككۈر يۈرگۈزۈپ ، ئۇنى ئەنئەنە ۋە تەرەققىيات ، ئەخلاق ۋە نەپىس ،ئىجتىمائىلىشىش ۋە ياتلىشىشنىڭ مەنبەسى دەپ قاراپ ، زىددىيەتنىڭ مەركىزىدە يەنىلا ئادەم (ئايال ) نىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش . خالىدە ئىسرائىل ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىدە بىر خىل ئاڭلىق ھالەتتىكى ئاياللىق ئېڭىنى ئىپادىلەيدۇ ، ئۇ ئىنساننىڭ خاراكتىرى ، غورۇرى ۋە تەبىئىتىنىڭ چەكسىزلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ بەدىئى تالانتى بىلەن رەڭدار بىر سەنئەت دۇنياسىغا ئايلاندۇرالىغان يازغۇچى. خالىدە ئىسرائىلنىڭ بەدىئى دۇنياسىدا ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئاجايىپ لاتاپىتى ،غەيرەت – شىجائىتى ، غورۇر –ئەقىدىسى ،ئىنتىلىش – ئارزۇلىرى بىلەن دەۋرىمىز ئاياللىرنىڭ روھى قىياپەتلىرى ۋە ئاياللىق ئېڭىنىڭ تارىخىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .
    ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا بۇخىل ئىزلىنىشنىڭ يەنە ئەنئەنىۋىي بايان ، ئوبراز ، سيۇژېتلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگىرىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تەسىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ . مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ « ئايخان » ھىكايىسى ئىجتىمائى – تارىخى قاتلاملارنىڭ مۇئەييەن مۇھىتقا ۋە ئادەملەرگە تېڭىلغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قېزىش ۋە سەنئەتلەشتۈرۈش جەھەتتە ئۆزگىچە تەپەككۈر نۇقتىسىدىن چىقىش بىلەن بىرلىكتە ،ھىكايىچىلىقىمىزنى سەنئەتلەشتۈرۈشتە يول ئاچتى . يازغۇچى بايان ، ئوبراز ، سيۇژېت ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئۇيغۇر مىللى نەسرى ئەدەبىياتىدىكى چۆچەكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىن ئىلھام ئالغان بولۇپ ، ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلغان « ساراڭ » ، « بۇرۇت ماجراسى » ، « قىرلىق ئىستاكان » ، « ئالتۇن چىشلىق ئىت» ، « چوشقىلارغا بايرام» ، « ئىت ئېتىش » ، « قارا قورساق سەركە » قاتارلىق ھىكايىلىرىدە تېمىدا تېخىمۇ كەڭ بولغان ئىجتىمائى – تارىخى قاتلاملار كىرىش نۇقتىسى قىلىپ تاللىنىپ ئىنسان ترگېدىيەسى ، مەدەنىيەت ماڭقۇرتلىقى ،ئىنسانى غورۇر ۋە ئەخلاقى پاجىئە ، ئەنئەنە ۋە تەرەققىيات ، رىۋايەت ۋە خىيال ... قاتارلىقلارغا چېتىلىش بىلەن بىللە ،ھىكايىچىلىقىمىزنىڭ سەنئەت كۈچىنى نامايەن قىلىدىغان كۆزنەك ئەسەرلەردىن بولۇپ قالدى .
    ئۈچىنچىدىن ، يازغۇچىلىرىمىز تارىخ ، مەدەنىيەت ۋە مىللى فولۇكلۇرلۇق ئېتنىك قاتلاملارغا چوڭقۇر چۆكۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيانى بەدىئى كۈزىتىش نۇقتىسىنى پەقەت زىددىيەت –ۋەقەلەرگىلا قاراتماستىن ،ماكان –زاماننى مەركەز قىلغان پۈتۈن مىللەت مەدەنىيىتى ، تارىخى ، روھى ۋە پىسخىكىسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ ، كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ تەرەپلىك كۈزۈتىش ۋە بايان قىلىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈردى . پروزىمىزدا كۆتىرىلگەن مەدەنىيەت قاتلىمىنى بايان قىلىش ھادىسىسى پۈتۈن دۇنيا پروزىچىلىقىدىكى بۇ خىل ئېقىمدىن بەك ئارقىدا قالمىغان بولۇپ ، "يىلتىز ئىزدەش " ، "ئېكولوگېيەلىك تەڭپۇڭلۇق " ، " ئادەم ۋە تەبىئەت " كە ئوخشاش تېمىلار پروزىمىزدا مەيدانغا كەلدى .بۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى كۆتىرىلىۋاتقان پروزا ئېڭىنىڭ دەلىلى بولۇپ قالدى .
    بۇ خىل ئەسەرلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى ، يازغۇچىلار زامانىۋى ئاڭ نۇقتىسىدىن رىئاللىق ۋە تارىخقا يۈزلىنىپ ،ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۈستىدە تەپەككۈر يۈرگۈزدى ،مىللەتنىڭ روھى ۋە مەدەنىيىتىنى قايتا قۇرۇشنىڭ مۈمكىنچىلىكى ھەققىدە ئىزلىنىشلارنى ئېلىپ باردى . يازغۇچى مۇھەممەت باغراشنىڭ « ئاقساق بۇغا» ، « يۈرەكتاغ » پوۋېستلىرى ، « ئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى » ھىكايىسى ، توختى ئايوپنىڭ « مۈڭگۈز » ، « بۆشۈك » ھىكايىلىرى ،«بۆرە ئانا » رومانى ، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ « قۇم باسقان شەھەر » رومانى قاتارلىقلار مەدەنىيەت ئېقىمى ياكى يىلتىز تىپىدىكى ئەسەرلەردۇر .
    تۆتىنچىدىن ، يازغۇچىلار نىڭ ئېستېتىك ئىزلىنىشلىرى بارغانچە كېڭىيىپ ، ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا مودېرنىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ پايدىلىق تەركىپلىرى بىلەن زامانىۋى ئاڭ بىرلەشكەن ئىجادىيەت يۈزلىنىشى بارلىققا كەلدى . ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا بۇ خىل يۈزلىنىش مۇھەممەت باغراشنىڭ 1987 –يىلى «تەڭرىتاغ » زورنىلىنىڭ سىناق سانىدا ئېلان قىلىنغان « مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت » ھىكايىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ ، ئاپتور ئەسەردە ئاڭ ئېقىمىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولغان پېرسۇناژلارنىڭ پىسخىك پائالىيىتىنى ئەسەر قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسى قىلىشتەك ئىپادىلەش شەكلىنى قوللىنىپ ، ئۆزىنىڭ ئەنئەنە ۋە تەرەققىيات ، مەدەنىيەت ۋە رىقابەت ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى . بۇ مۇھەممەت باغراش پروزا ئىجادىيىتىدىكى بىر سىناق بولۇپلا قالماستىن پۈتۈن ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى بىر سىناق ئىدى . مۇھەممەت باغراشتىن كېيىن پروزا سەھنىسىگە چىققان ئەسئەت ئەمەت ، پەرھاد تۇرسۇن ،كۈرەشچان ئۆمەر ، ئەركىنجان ئەمەت ، ھۈسىيىن تاش قاتارلىق بىر تۈركۈم ياش يازغۇچىلار بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسى بولغان مودېرنىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇللىرىنىڭ نەزىرىيەسىگە تېخىمۇ چوڭقۇرلاش ۋە ئىجادىيەت ئەمىلىيىتىدە مىللى خاسلىق ۋە مىللى پىسخىك ئۆزگىچىلىكلەرگە قايتا قايتا تەدبىقلاش جەريانىدا ئۇيغۇر پروزىسىدا يېڭى بىر ھادىسە "ئىزلەنمە پروزا "چىلىقنى مەيدانغا كەلتۈردى .بۇ ياش يازغۇچىلارنىڭ " ئىزلەنمە ھىكايىلىرى " گەرچە مەزمۇن ۋە بەدىئىلىك جەھەتتە مەلۇم بىر ئېقىمغا خاس ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرەلمىگەن بولسىمۇ ،لېكىن ئۇلارنىڭ سوبېكتىپ دۇنياسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى كۆرىمىز. يازغۇچىنىڭ ئۆزىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىشى يازغۇچى مەنئىۋىي دۇنياسىنىڭ نامايەن بولىشىدىن ئىبارەت . مۇشۇ نۇقتىدىن ئىزلەنمە پروزىچىلىق " ئەسىر ئاخىرىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىدىكى يۈكسىلىشلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر .
    بۇ مەزگىلدە پروزىچىلىقىمىزدا مەيدانغاكەلگەن سېھرى رىئالىزىملىق ئەسەرلەرنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسىمۇ مودېرنىزىمدىن ئىبارەت . ئىزدىنىش روھى كۈچلۈك ياش يازغۇچى مۇھەممەت باغراش يەنىلا بۇ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى . لېكىن يازغۇچىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىزلىنىشى خېلى سالماق بولۇپ ، ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى چۆچەك ، ئەپسانە ،رىۋايەت ، داستانلارنىڭ قۇرۇلما ،سيۇژېت ، بايان ئۇسۇلى ۋە ئوبراز يارىتىش ، تەشۋىش ،يېشىم قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىچوڭقۇر تەتقىق قىلىش بىلەن سېھرى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ پايدىلىق تەركىپلىرىنى قوبول قىلدى . ئاپتورنىڭ « ئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى » ، « تۆتقۇلاق » ، « قۇياش ۋە بالا » ، «ئاداققى تاللاش » قاتارلىق ھىكايىلىرى دەل مانا مۇشۇنداق ئەنئەنىۋى قېلىپ رامكىلارغا ئېسىۋالمايدىغان پروزا ئېڭىنىڭ مەھسۇلى ئىدى . ئەختەم ئۆمەرنىڭ « تاش مۇنار »پوۋېستى ، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ « شاھ ۋە قاغا » ، « بۆرە جىلغا » ، قارا قورساق سەركە » ، « ئىت ئېتىش » قاتارلىق ھىكايىلىرىنىڭ مەلۇم تەركىپلىرىنى سېھرى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىغا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ .
    يۇقىرىقىلار 20 –ئەسىر ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ تېما ۋە باشتېمىسىنىڭ كېڭىيىشى ، پروزا ھادىسىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ، ئىجادىيەت ئۇسۇللىرىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق بىرقانچە نۇقتىلاردىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ۋېرتىكال يۆلىنىشلىك تەسۋىرىدىن ئىبارەت . بۇلاردىن باشقا پروزا تىلىنىڭ شەكىللىنىش تەرەققىياتى ، پېرسۇناژلار ئوبرازىنىڭ ئۆزگىرىش تەرەققىياتى ، ئەدەبىي ئۇسلۇپ - ئېقىملارنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ، ئەدەبىي – شەكىلنىڭ ئۆزگىرىش تەرەققىيات جەريانلىرىنى تەكشۈرۈشتىنمۇ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىش ۋە يۈكسىلىشىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ . كۆپ خىل نۇقتىلاردىن پروزا ئېڭى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، يازغۇچىلار ئېڭى نۇقتىسىدىنلا ئەمەس قوبۇل قىلىش ئېستېتىكىسى نۇقتىسىدىن كىتاپخانلارنىڭ بەدىئى زوق ۋە ئېستېتىك تەربىيە مەسىلىلىرىگىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق پروزىدىن ئىبارەت بۇ سەنئەت دۇنياسىنىڭ سېھرى كۈچىنى تېخىمۇ تولۇق ھىس قىلغىلى بولىدۇ
    ئومۇملاشتۇرغاندا ، 20 – ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭى بايقاش ، يارىتىش ئۈزلۈكسىز زورىيىش ۋە چوڭقۇرلۇشۇش جەريانى بولۇپ ، پروزىنىڭ جەمىيەت قاتلىمىدىكى رولىنى ئىگەللەشتىن ، ئىچكى مەدەنىيەت قاتلىمىنى چۈشىنىشكىچە ، رىئاللىققا ،تۇرمۇشنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرىدىن پۈتۈن قاتلاملارغا ، ئادەتتىكىچە ئەكس ئەتتۈرۈش قاتلىمىدىن بايان سەنئىتى قاتلىمىغا ، ئاددىلىقتىن مۇرەككەپلىككە ،ئوچۇقلۇقتىن غۇۋالىققىچە بولغان تەرەققىيات جەريانلىرىغا يېقىنلىشىش تارىخىدىن ئىبارەت .ئۇ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ بارغانچە يۇقىرى كۆتىرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرلىكتە يېڭى ئەسىردىكى پروزا ئىجادىيىتىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مول بولغان تەجرىبىلەرنى توپلىدى . ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭى يەنىمۇ يۈكسىلىشلەرگە مۇھتاج . يېڭى ئەسىردە تېخىمۇ يېڭى ، ھاياتىي كۈچكە تولغان پروزا ئېڭىلا پروزىچىلىقىمىزنى مەملىكىتىمىزگە ،دۇنياغا تونۇتالايدۇ .

    ئىزاھاتلار :
    ①② جىن خەن « جوڭگو بۈگۈنكى زامان پروزا تارىخى » خاڭجۇ ئونۋېرسىتى نەشرىياتى 1997 –يىل 1 – ئاي 2 – نەشرى 10 –بەت
    ③④ ئابلەت ئۆمەر قاتارلىقلار تۈزگەن « ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئاساسلىرى » شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1997 – 6 –ئاي 1- نەشرى 582- بەت
    ⑤ بۇ يەردە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆگتۈلمىش ئوغلى جانىبەگ تەرىپىدىن يېزىلغان رومان « ئۆگتۈلمىش ئوغلى جانىبەگنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى » ، ناسىر بۇرھانىدىن ئوغلى رابغوزىنىڭ « قىسسەسۇل ئەنبىيا » قاتارلىق رومانلىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ .
    ⑥ ئازات سۇلتان ، كېرىمجان ئابدۇرېھىم تۈزگەن «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى » 41 – بەتكە قارالسۇن . شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى 2002 – يىل 9 – ئاي 1- نەشرى
    ⑦ مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى دەۋرىدە قوليازما ھالىتىدە تارقالغان ئەسەرلەردىن « پۇل » ( پەرھات جىلان ) ، « مۇھەببەت لوگېكىسى » (مەخمۇت ئېلياس ) ، « قىز قەلبى » ( مەمتىمىن ھوشۇر ) قاتارلىق ھىكايىلارنى ، شۇنىڭدەك 1974 –يىلى ئېلان قىلىنغان بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومان « قىزىلتاغ باتۇرلىرى » ( قېييۇم تۇردى ) قاتارلىق ئەسەرلەر كۆزدە تۇتۇلدى .

    پايدىلانغان ماتىرىياللار :
    1. تاڭ جىنخەي ، جۇ بىن قاتارلىقلار تۈزگەن « 20 – ئەسىر جوڭگو ئەدەبىياتى ئومۇمىي تارىخى » جوڭگو نەشرىياتچىلىق گۇرۇھى شەرق نەشرىيات مەركىزى 2003- يىلى 9 –ئاي 1 –نەشرى
    2 . جىن خەن « جوڭگو بۈگۈنكى زامان پروزا تارىخى » خاڭجۇ ئونۋېرسىتى نەشرىياتى 1997 – يىل 1 – ئاي 2 – نەشرى
    3 . ئازات سۇلتان ، كېرىمجان ئابدۇرېھىم تۈزگەن «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى » شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى 2002 – يىل 9 – ئاي 1- نەشرى
    4 . ئابلەت ئۆمەر قاتارلىقلار تۈزگەن « ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئاساسلىرى » شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1997 – 6 –ئاي 1- نەشرى
    5 . شەرىپىدىن ئۆمەر « ئۇيغۇرلاردا كىلاسسىك ئەدەبىيات » شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1989 – يىل 6 – ئاي 1 – نەشرى
    شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستوتى ئەدەبىيات فاكولتېتى
    ئۆپكەم كەلىپ ئوغرادىم،
    ئارسلانلايۇ كۆكرەدىم.
    ئالىپلار باشىن توغرادىم،
    ئەمدى مەنى كىم تۇتار.
                        ____ مەھمۇد كاشغارى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.