ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئاساسلىرى-ئىككىنچى بۆلىكى(يۈسۈپجان ياسىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-21 08:23:32

ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئاساسلىرىيۈسۈپجان ياسىنتۈركىي مىللەتلەردە ۋەتەنگە سادىق بولۇش بىلەن بىرگە سەييارە، كۆچمەن ۋە ھەرىكەتچان تۇرمۇش كەچۈرۈش بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي چۈشەن...

     



    ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئاساسلىرى
    يۈسۈپجان ياسىن


     

     

     

    تۈركىي مىللەتلەردە ۋەتەنگە سادىق بولۇش بىلەن بىرگە سەييارە، كۆچمەن ۋە ھەرىكەتچان تۇرمۇش كەچۈرۈش بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي چۈشەنچىسىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى قىلىنغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەتەن چۈشەنچىسى قانۇن ۋە ھۆرلۈك بىلەن بىرىككەن بولۇپ، بۇ ئىككى شەرتتىن مەھرۇم بولغان چاغدا ، ئۇلار يېڭى بىر يۇرت قۇرۇش ئىستىكىدە، ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلاتتى .بۇ توغرىسىدا جۇڭگو مەنبەلىرىدە « ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگوغا تەسلىم بولغان تەقدىردىمۇ ، ئۆز ۋەتىنىنى ئاسانلىقچە ئۇنۇتمايدۇ »(35) دەپ مەلۇم چۈشەنچە بېرىلگىنىدەك، جاھىزى بۇ نوقتىنى « ۋەتەن مۇھاببىتى بارلىق ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان بىر خىل ھېسياتتۇر. لىكىن، بۇ خىل ھېسيات تۈركلەردە تېخىمۇ ئۈستۈن ۋە يۈكسەكتۇر »(36) دەپ خاراكتېرلەندۈرگەن. قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم « تۈركلەر ۋەتىنىگە ناھايىتى سادىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن جان بېرىدۇ. ھېچقاچان ۋەتىنىنى ئۇنۇتمايدۇ. قەيەرگە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ، ۋەتىنىگە سادىق بولىدۇ. تۈركلەرنى باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن قىلغان ئامىل دەل مۇشۇ خۇسۇسىيەتتۇر. تۈركلەر بۇنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. » (37) دەپ تەرىپلىگەن .تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىدىغانلىقى يەنە ئىران داستانلىرىدىمۇ سۆزلىنىدۇ. ئىران داستانلىرىدا تۇمارىس ۋە شىراق قەھرىمانلىقلىرى بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە بېرىلگەن. جۇڭگو مەنبەلىرىدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار تىلغا ئېلىنىدۇ. ھۇنلارنىڭ شەرقتىكى قوشنىسى تۇڭگۇسلار ھۇن زىمىنىنىڭ بىر پارچىسىنى كىسىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا باتۇر تەڭرىقۇت « يەر – زىمىن دۆلەتنىڭ ئۇلى، نىمە دەپ بېرىۋەتكىدەكمىز »(38) دېگەن ۈە بۇ زىمىننى بېرىۋىتىشنى تەشەببۇس قىلغان ۋەزىرلەرنىڭ كاللىسىنى ئالغان. ئەسلىدە تۇڭگۇسلار بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىقنى تەشەببۇس قىلغان باتۇر ئۇلارنىڭ مۇشۇ تەلىپى ئۈچۈن ئۇرۇش قوزغاپ ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان.(39) شۇنىڭدەك، خەن سۇلالىسىمۇ ھۇنلاردىن بىر پارچە تاغلىق يەرنى سورىغاندا، ئىرىشكىنى ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ « بۇ يەر مەرھۇم ئاتامدىن مىراس قالغان زىمىن بولۇپ ، قولدىن بېرىپ قويۇش ھەددىم ئەمەس »(40) دېگەن قاتتىق ئېتىرازىدىن ئىبارەت بولغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، تۈركىي مىللەتلەردە ۋەتەن – ئۇلۇش ھۆكۈمدارنىڭ ئۆزى خالىغانچە شەخسىي مۈلۈك سۇپىتىدە ئىشلىتىدىغان زىمىن بولماستىن ، بەلكى ھۆكۈمدار تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ئاتا مىراس يادىكارلىق ھېساپلىناتتى.



    بۇ ئەھۋاللار تۈركىي مىللەتلەردە ۋەتەن قارىشى جەھەتتىن « دومىنوم » تىپى ئەمەس، بەلكى «ئىمپېرىيۇم » ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت زېمىنىنىڭ ھۆكۈمدارلار بىلەن خەلقنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئاستىدا تۇتۇلىشى ئۇلارنىڭ سىياسىي تەشكىلى – دۆلەت ناملىرىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك ، بۇنى بۇ مىلللەتلەردىكى شەخىستىن بەكرەك ۋەتەنگە ياكى سىياسىي تەشكىلگە باغلىنىدىغانلىقى مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە كۈزىتىدىغان بولساق يۇرت – ئۆلكىنىڭ تىز سۈرئەتتە ۋەتەنلىشىشىنىڭ مۈمكىن بولىدىغانلىغىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. (41)



    تۈركىي مىللەتلەرنىڭ « ھەربىي مىللەت »( جەڭگىۋار مىللەت ) سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ھەربىي ئىشلار تېخنىكىسىنىڭ يۈكسىلىشى ئۇلاردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسياتى بىلەن بىرىككەن بىر مەدەنىيەت تىپى ئىدى. جۇڭگو مەنبەلىرىدە ھۇنلار، كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىىللەتلەرنىڭ كىسەلدە ئۆلۈشنى نومۇس، ئۇرۇشتا ئۆلۈشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن . « ئورخۇن ئابىدىللىرى » دىمۇ « ئىنسان بالىسى ئۆلۈش ئۈچۈن تۆرەلگەن»(42) دېيىلىدۇ. ساسان چىچەن « تۈركلەر ئۆيدە تۇغۇلۇپ ، ئۇرۇش مەيدانىدا جان بېرىدۇ» (43) دەيدۇ. تۈركىي مىللەت تۈركىمىدە ھەر بىر ئىنسان كىچىكىدىن تارتىپلا ئوقيا ئېتىش ۋە ئات مىنىش تەربىيىسى بىلەن چوڭ بولۇپ، ماھارەتلىك بىر ئەسكەر بولۇپ يېتىلەتتى. كىيگەن كىيىملىرىمۇ تۇرمۇش ۋە ئۇرۇشقا ماس كېلىدىغان ئىككى خىل خۇسۇسىيەتتە لايىھىلەنگەن. بۇ خىل تۇرمۇش بىلەن ئۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن ھايات شەكلى قانداقتۇر بىر تاجاۋۇزچىلىق ياكى ئىستىلا چۈشەنچىسىنىڭ تۈرتكىسىدە شەكىللەنگەن بولماستىن ، بەلكى ئۆزى مەنسۇپ مىللەتنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بىخەتەرلىگىنى ، تىنچلىغىنى ۋە ھۆرلۈكىنى سىرىتنىڭ تەھلىكىسىدىن قوغداش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشتەك ساداقەت ۋە پىداكارلىق رۇھىدىن تۇغۇلغان. دېمەك ، ھەربىي كۈچنىڭ تەرەققىي قىلىشى مىللىي قوغدىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.(44) ئۇيغۇرلاردا بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان « ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈل، يۇرتۇڭ ئۈچۈن ئۆل » ، « يېتىپ قالغىچە، ئېتىپ قال » دېگەن ماقال – تەمسىللەر بۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۇرۇشلىرى تۇرك ئالىمى ئىبراھىم كافەس ئوغلى كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، تىنچلىق ۋە سۈلھىنى مەقسەت قىلغان بىر ۋاسىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە چوڭ بىرلىكتىن ئىبارەت پەلسەپىۋى چۈشەنچە يىتەكچى قىلىنغان. شۇ سەۋەپلىك تىنچلىق ۋە سۈلھىنى « ئەل » دەپ ئاتىغان تۈركىي مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ بۇ خىل ھالەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىدىغان كۈچ ئىكەنلىگىگە ئشەنگەچكە ، مىللەت ۋە دۆلەت دېگەن ئۇقۇمنىمۇ يەنە ئاشۇ « ئەل » سۆزى بىلەن ئىپادە قىلغان. دىمەك، ۋەتەن ئۈچۈن ساداقەت ۋە پىداكارلىق بىلەن ياشىغاندىلا ئاندىن تىنچ ھاياتقا، مەۋجۇتلۇق شارائىتىگە ۋە يۈكسىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشكىنى بولىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشۈنۈپ يەتكەن تۈركىي مىللەتلەر ۋەتەن دەپ ئۇرۇش مەيدانىدا جان بېرىشنى ئىدىئال ھايات تىپى قىلىپ تاللىغان ۋە بۇنىڭدىن غۇرۇر، شەرەپ، بەخت تۇيغۇسى ھېس قىلغان. ھەتتا قىز – ئاياللارمۇ مۇشۇنداق قەھرىمانلىق روھتا ياشىغان . شۇ سەۋەپلىك ئۇرۇشتا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ، نوپۇزى ھەممىدىن ئۈستۈن بولغان. مىللەت ئۇلارنىڭ ھاياتىنى تەسۋىرىي سەنئەت ۋاسىتىلىرى ( ھەيكەل، بالبال تىكلەش، قەبرە بېشىغا ئۆي، يەنى خاتىرە سارىيى سېلىپ، ئۇنىڭ تاملىرىغا قەھرىماننىڭ ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۆرىنىشلىرىنى سىزىش ) بىلەن ئوبرازلاشتۇرغان، مەڭگۈ تاش تىكلەپ قۇتلۇقلىغان ۋە ناخشا – قوشاق ، داستانلارغا قېتىپ ئەبەدىيلەشتۈرگەن. قىسقىسى، تارىخشۇناسلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەر توغرىسىدىكى « قەھرىمانلىق جاسارىتى كۈچلۈك » دېگەن سۆزلىرىدە دەل ئۇلارنىڭ « ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئۈستۈن » دېگەن ئۇقۇم ئىپادىلەنگەن.



    « ئورخۇن ئابىدىلىرى » دە ۋەتەنپەرۋەرلىك بىر خىل ئېتىقاد شەكلىدە تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئابىدىلەردە ھۇنلار دەۋرىدىن بېرى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دۆلەتلىرىگە پايتەخت بولۇپ كەلگەن ۋە ئاشۇ ئورنى بىلەن بۇ مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە مەنىۋىي ئىپتىخارلىق بازىسىغا ئايلانغان ئۆتۈكەنگە ساداقەت كۆرسىتىش ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مۇھىم ئۆلچەملىرىدىن بېرى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئۆتۈكەندىن يىراقلىشىش، ۋەتەننى تاشلاپ كېتىش دۆلەت ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت ھېساپلىنىپ، تەڭرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغان ئېغىر گۇنا سۈپىتىدە قارالغان. ئابىدىلەردە ئۆتۈكەنگە كۈچلۈك تۈردە باغلانغاندىلا مىللەتنىڭ غەم – قايغۇسىز ياشايدىغانلىقى، دۆلىتىنىڭمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنىش ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ چۈشەنچە « قۇتلۇق تاغ داستانى» نىدا تېخىمۇ قۇۋۋەتلەنگەن. بۇ داستاندا دېيىلىشىچە، دۆلەتنىڭ سائادىتى، مىللەتنىڭ بىرلىكى بىر تاغقا ، تېخىمۇ توغرىسى بىر قىياغا باغلىق دەپ قارىلىدۇ. كېيىنچە تاڭ سۇلالىسىدىن ئالغان بىر مەلىكىنىڭ تويلۇق مېلى سۈپىتىدە بۇ قىيا تاڭ سۇلالىسىغا بېرىۋىتىلىدۇ. تاڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ قىيانى پارچىلاپ جۇڭگوغا ئېلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۆلۈم ۋە قىسچىلىق يۈز بېرىدۇ. ئاخىرىدا مىللەتنىڭ بىرلىكى بوزۇلۇپ، ئۆز يۇرتىدىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.(45) شۇنىڭدەك يەنە مەنبەلەردىكى پاكىتلاردىن قارىغاندا، تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىپ قېلىش ئەڭ ئېغىر زەربە ۋە دەرت – ئەلەم ھېساپلانغان. بۇنىڭ ئازابى ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا قاتتىق تەسىر قوزغىغان. ھۇنلاردا ئالچى تېغىنى خەن سۇلالىسىغا تارتقۇزۇپ قويغاندا پەيدا بولغان ئېغىر دەرت – ئەلەم ھەستەتلىك قوشاققا ئايلانغان. بۇ بايانلاردا پەقەت مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق سورۇنى بولغان ۋەتەن تۇپرىقىنى ساقلاپ – قوغداپ تۇرالىغاندىلا ئاندىن مىللەتنىڭ سىياسىي ھاياتى ۋە گۈللىنىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولىدىغانلىغىدىن ئىبارەت بىر خىل سىياسىي – ھوقۇق چۈشەنچىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.



    ئومۇمەن قىلغاندا، تۈركىي مىللەتلەردە جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا ۋەتەن چۈشەنچىسى ۋە مۇھاببىتى ناھايىتى ئۈستۈن بولۇشتەك خاراكتېرى بىلەن ھەرقانداق بىر مىللەت تۈركىمىدىن پەرقلىق ھالدا سىياسىي ئىستىقلال – مۇستەقىللىق پىكرى بىلەن بىرگە داۋاملىشىپ ماڭغان. ئۇلار تەشكىللىك ۋە قانۇنىي ئاساستا، ئىختىيارى، ئەركىن ، ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشالىغان زىمىننى ۋەتەن دەپ ھېساپلىغان. بۇ شەرتلەر كۆرۈلمىگەن ياكى ئۇنى ساقلاپ قېلىشقا ھېچقانداق مۈمكىنچىلىك قالمىغاندا، ۋەتەننى تەرك ئېتىپ كۆچەتتى.دىمەك، تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيىتىدە ۋەتەن ئۇلارنىڭ تۇغلىرى ۋە ئال رەڭلىك بايرىقى لەپىلدەپ تۇرغان يەرلەرنى كۆرسىتەتتى. (46)



    ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنگىچە بولغان تارىخىدىن شۇنى ھېس قىلىشقا بولىدىكى ، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ياكى چېكىنىشى ، نام – شۆھرەت قازىنىشى ياكى ئۇنتۇلۇشى ئومۇمەن شۇ مىللەتنىڭ مىللىي روھىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادى 13 — ، 14 – ئەسىرلەرگىچە بولغان تارىخىدا سىياسىي- ھوقۇق چۈشەنچىسىنىڭ كۈچىيىپ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتە تەرەققىي قىلىپ ، تەسىرى ۋە نام – ئابرويىنىڭ ئاسىيادىن ھالقىپ ھەتتا ياۋروپا ۋە ئافرىقىغىمۇ تارىلىشى ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ھاياتنىڭ ھەرقانداق ساھەسىدە مىللىي روھنى يىتەكچى قىلغانلىغىدىن بولغان. ئۇنىڭدىن كىيىنكى چېكىنىش ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇشقا يۈزلىنىشىدە نۇرغۇن سەۋەپلەر بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى بەزى كىشىلەر جار سېلىۋاتقىنىدەك قانداقتۇر « يىپەك يولى » نىڭ ئۈزۈلۈپ، « دېڭىز يولى » نىڭ ئېچىلىشىغا باغلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى مۇشۇ مەزگىللەرنىڭ ئالدى – كەينىدىكى دەۋىرلەردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا مىللىي روھنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇن بولىدىغان ئامىللارنىڭ كۆرۈلىشكە ۋە كۈچۈيىشكە باشلىغانلىغىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ. بۇ توسقۇنلۇقمۇ دەل سىرىتقى مۇھىتتىن قوبۇل قىلغان تۈرلۈك ئىتىقاد شەكىللىرى ۋە ئاشۇ ئىتىقاد شەكىللىرىگە ئەگىشىپ كىرىپ كەلگەن مەدەنىيەت بەلگىرىنىڭ ئىتىبارغا ئېرىشىشىدىن بولغان .



    مەلۇمكى، تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا مىلادىدىن بۇرۇىقى دەۋىرلەردىن تارتىپلا « ئۇلۇغ تەڭرى » دېگەن مەنىدىكى « كۆك تەڭرى » نامىدا ئاتالغان بىر تەڭرىلىك ئىتىقاد شەكلى ئاساس قىلىنىپ كەلگەن. ئىسلامىيەت دەۋرىگە قەدەر ئىزچىل داۋاملاشقان بۇ دىننىڭ ئەقىدىسىدە ، ھوقۇق، قانۇن ،غۇرۇر ، ئۈستۈنلۈك، جەڭگىۋارلىق، شان – شەرەپ، ئىنسانچىلىق، جۈملىدىن مىللىي روھ تەڭرىنىڭ ئىرادىسى دەپ قارىلارتتى. ھۆكۈمدارلارمۇ بۇ ئەقىدىنى رىئال ھاياتتا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېرىشاتتى، دىمەك ،بۇ دەۋىردە مىللىي روھ بىر خىل ئىتىقاد ۋە ئەقىدىگە ئايلانغانىدى. مەلۇمكى ، دىن باشقا مەدەنىيەت بەلگىلىرىگە سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغان ئالاھىدە بىرخىل مەدەنىيەت ھادىسىسى ھىساپلىنىدۇ. دىن بىر مىللەتنىڭ روھى ھالىتى، تارىخى ۋە مەدەنىيتىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ ياكى مىللەتنىڭ ھاياتىنى قايتا قۇرىدىغان ھالەتنى پەيدا قىلالايدۇ. تارىخشۇناسلارنىڭ دەلىللىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئىھتىياجى يۈزىسىدىن كۆك تەڭرى دىنىگە يانداشتۇرۇپ ، سىرىتتىن قوبۇل قىلغان مانى ۋە بۇددا دىنلىرى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قانچىلىك دەرىجىدە مىللىي خاراكتېرگە بويسۇندۇرۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ، يەنىلا ئۇلارنىڭ مىللىي روھىنى چەكلەپ تۇرۇش رولىنى ئوينىغان . بۇ توغرىسىدا « تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى » نىڭ « قاراخانىيلار » ماددىسىدا : « بۇددىزم ۋە مانى دىنىنىڭ مىللىي خاراكتېرگە ماس كەلمەيدىغانلىغى ئاسانلا چۈشۈنىلدى. تۈركلەرنى يات مەدەنىيەتكە ئىتتىرگەن، جاھانگىرلىك خاراكتېرىنى يوقاتقان، ھەتتا ھەربىي ئۈستۈنلىكىگە ۋە تەشەببۇسكارلىق تالانتىغا زىيان يەتكۈزگەن بۇ دىنلار تۈرك جەمئىيىتىدە كرىزىس پەيدا قىلىش ، مەنىۋىي قىممەتنى ئۆزگەرتىۋېتىش بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. يەنە تۈرك دۆلىتىنىڭ سىياسىي ئالاھىدىلىگىنى ۋەيران قىلىپ ، پالەچ ھالەتكە دۇچار قىلغان» (47) دېيىلگەن. ھەقىقەتەن ئىدىقۇت ۋە كەڭسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈچلۈك سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچ تەشكىللەپ ، پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ ھېمايىسىگە ئالغان چوڭ بىر ئىمپېرىيىگە ئايلىنالماسلىقى، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل سىياسىي ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى بۇ دىنلارنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلەش رولىنى ئوينىغانلىغىدىن بولغان. شۇنداقتىمۇ بۇ دەۋىر مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ پاكىتلار بىزگە بۇ دىنلارنىڭ چەكلەپ تۇرۇش رولىنى ئوينىيالىغان بولسىمۇ، لېكىن مىللىي روھنى ۋە تارىخنى ئۇنتۇلدۇرۇرۇش دەرىجىسىگە بارالمىغانلىغىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە . شۇنىسى ئېنىقكى ، بۇددا ۋە مانى دىنىنىڭ بۇ ئىككى تارماقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات ، سەنئەت ، تەرجىمىچىلىك ۋە مىمارچىلىق تارىخىدا ياراتقان پايدىلىق– ئىجابىي تەسىرىنىڭ زورلۇقىنى ئىنكار قىلغىنى بولمايدۇ.



    بۇددا ۋە مانى دىنلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، غۇرۇر، شەرەپ، ئۈستۈنلۈك، ھەققانىيەت بىلەن ياشاشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۈگىتىدىغان، تۇلىمۇ ئەمەلىيەتچىل ۋە « ئەخلاق دىنى » بولغان ئىسلام دىنى ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارنى ئەخلاق ، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر مىللەت سۈپىتىدە بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلۇشىشىدىكى بىر ۋاسىتە ۋە سىرىتقى مەدەنىيەتنىڭ ئىستىلاسنى چەكلەپ تۇرۇشتىكى مۇھىم قوراللارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ئەمەلىيەتتىمۇ قاراخانىيلار ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئۆتكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، بۇ يېڭى ئەقىدىنى مىللىي روھقا ۋە مىللىي مەدەنىيەتكە بىرلەشتۈرۈشكە تېرىشىپ، ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن « تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتى » نىڭ بىر مۇنچە ئۇتۇقلىرىنى ياراتقان . ھەتتا ئىسلام دىنىغا ئەگىشىپ كىرىپ كەلگەن ئەرەپ – پارىس مەدەنىيىتىنىڭ باشقا بەلگىلىرىمۇ تۈرك مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قۇشۇمچىسى سۈپىتىدە يانداشتۇرۇلغان.



    ئىسلام دىنىدا ئەمەلىيەتچىل تەرەپلەردىن كۆك تەڭرى دىنى بىلەن بىردەكلىك تەشكىل قىلىدىغان ، مىللەت ۋە مىللىي روھنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەقىدىلەر بار ئىدى .ئىسلام دىنى ئىنتېرناتسىئۇنال خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ ، بۇ چوڭ بىرلىك پەقەت ئىسلام ئىتىقادى ئاساسىغا ئۇيۇشۇشنى كۆرسىتىدىغان بىرلىك ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئىسلام ئەقىدىسىدە بۇ دىننىڭ سىرتىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىمۇ ئىتىراپ قىلىنغان. شۇنداقلا « ئەگەر رەببىڭ خالىغان بولسىدى، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا ئىمان ئېيىتقان بولاتتى . شۇنداق تۇرسا سەن ھەممىسىنى مۆمىن بولسۇن دەپ مەجبۇرلامسەن» (سۈرە يۈنۈس ، 99 – ئايەت )(48)، « دىندا زورلاش يوقتۇر »( سۈرە بەقەرە ، 256 – ئايەت ) (49)، « سەن پەقەت بىر ۋەز – نەسىھەت قىلغۇچىسەن، ئۇلارغا بېسىم قىلغۇچى( ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن»(سۈرە غاشىيە، 21- 22 – ئايەتلەر )(50) دېگەن ئايەتلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلىش تەرغىپ قىلىنغان. مەلۇمكى ،ئىسلام دىنىدا ۋىجدانغا بېسىم يوق بولۇپ، ۋىجدانغا، مىللىي روھقا، تارىخقا ۋە مەدەنىيەتكە ھۆرمەت كۆرسىتىش « قۇرئان » نىڭ بۇيرىقى ئىدى. دېمەك، ئىسلام دىنى ئەقىلنىڭ ھىس قىلدۇرىشى بىلەن شەكىللەنگەن بىرلىكنى تەرغىپ قىلاتتى . بۇنىڭ مىللەتنىڭ ئويۇشۇش روھىنى كۈچەيتىشى ۋە چوڭ بىرلىگىنى شەكىللەندۈرىشى تەبىئىي ئىدى. لېكىن، ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش جەرىيانىدا بۇنى ئىجرا قىلغۇچىلار دىننىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە يات ھىسياتنى ئارىلاشتۇرىۋېلىشتىن يانمىغان. ئىسلام مۇخلىسلىرىنىڭ نەزىرى بويىنچە بولغاندا پۈتۈن ئىنسانلار « مۇسۇلمان » ۋە « كافىر» ( يات دىندىكىلەر) دەپ ئىككىلا تۈركىمگە ياكى ئىككى مىللەتكە ئايرىلاتتى . شۇ ۋەجىدىن ئىرق ، مىللەت ، تىل ، مىللىي روھ ۋە مەدەنىيەت پەرقى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئىسلام ئىتىقاتىدىلا بولسىلا ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرئۈممەت — بىر خەلق( بىر مىللەت) سۈپىتىدە قارالغان. ئىسلام ئىتىقاتىنىڭ سىرتىدىكىلەر بولسا ئەسلىدە بىر مىللەت بولسىمۇ ، غەيرى ئىنسانلار سۈپىتىدە قارىلىپ چەتكە قېقىلغان، قىرغىن قىلىنغان. نەتىجىدە قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق چۈشەنچىگە ئاساسەن، ئىسلامىيەتنىڭ سىرتىدىكى ئەجداتلار ۋە قېرىداشلار بىلەن بولغان چەك – چېگرانى ئېنىق ئايرىپ ، ئۆزىنىڭ ھاياتى، روھى ۋە مەدەنىيىتىنى قايتا تىكلىگەچكە، بۇ ھالەت تەبىئىي ھالدا تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئاساسىنىڭ ئۇنتۇلىشىدەك ھادىسىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالغان. قاراخانىيلار ئىسلام ئىتىقادى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى مىللىي سىياسەت قىلىپ تاللىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەرىيانى قانلىق كۈرەش ۋە تارىخ بىلەن مەدەنىيەتنى بىراقلا ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغاچقا ،بۇ ھالەت ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بىلەن قاراخانىيلار ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىرلىكىنى ۋۇجۇتقا چىقارمايلا قالماي، بەلكى ئۇلارنى بىر بىرىگە رەقىپ قىلىۋەتتى. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىدىن سۆز ئاچقاندا، مىللىي روھنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ، ئۇلارنى تۈركلەرنىڭ بىر تارمىقى ۋە ماھىر مەرگەنلەر دەپ ماختىسا ، دىنىي ھىسيات نوقتىسىدىن چىقىپ، ئۇلارنى ئەشەددىي كاپىر دەپ قاراپ ، قاراخانىيلارنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ يازغانلىغى بۇنىڭغا بىر مىسال بولىدۇ. دىمەك ، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشى « مىللىي شۇئار » نى يىتەكچى قىلغان ھالدا ، مىللەتنى ھىمايە قىلىش ، تارىخنى ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلمىدى. بۇنىڭ بىلەن مىللەتنىڭ پارچىلىنىپ تۇرۇش ھالىتى ئۇزاق داۋاملىشىپ ، ئۇيغۇرلانىڭ مىللىي روھىغا دەسلەپكى قەدەمدە ئېغىر دەز كەتكەن .



    بولۇپمۇ قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ ھۆكۈمدارلار ۋە زىيالىلار ئارىسىدا ئەرەپ – پارىس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى ھىمايە قىلىش كۈچىيىپ، مىللىي روھقا بولغان ساداقەت بارغانسېرى ئىتىباردىن قېلىشقا يۈزلەندى. تۈرك مەدەنىيىتىگە سەل چاغلىنىپ ، بۇ مەدەنىيەتنى ھىمايە قىلغانلار نادان، جاھىل ، مۇتەسىپ دەپ قارالدى، ھەتتا مۇشۇ ۋەجىدىن ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك بىر نام بولغان « تۈرك » سۆزىمۇ « نادان» ، « دۆت » ، « قارا قوساق» دېگەن مەنىدىمۇ ئىستىمال قىلىنىدىغان غەيرى ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىقتى. مىللىي روھنى ئويغىتىدىغان ،مىللەتكە يول كۆرسىتىدىغان، مىللەتنىڭ يۈكسىلىشىنى مەنبە بىلەن تەمىن ئىتىدىغان ئەدەبىياتتىمۇ تارىخىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرى، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئارزۇلىرى، مىللىي قەھرىمانلىرىمىز — ئۇلۇغ سىمالىرىمىز ، مىللەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان خەلقنىڭ رىئال ھالىتى ۋە ئۈمىدى ئاشۇ خەلققە چۈشۈنىشلىك تۈركىي تىل بىلەن ئىپادىلىنىپ ، روھ ۋە غۇرۇرنى ئويغىتىپ، ئۇنىڭغا كۈچ – قۇۋۋەت ئاتاقىلىپ يول كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا ، ئەرەپ — پارس ئەدەبىياتىدىكى موتىفلار ۋە ئوبرازلار ( « مىڭ بىر كىچە »، رۇستەم، جەمشىد، فەرىدۇن ، سىياۋۇش قاتارلىق) ۋە ئاشۇ ئەدەبىيات ئۇسلوبىدىكى تىمىلار سۆزلىنىپ رىئاللىقتىن يىراقلىشىپ كەتتى. يەنە كېلىپ بۇ ئەدەبىيات پارس تىلىدا يېزىلغان . تۈركىي تىلدا يېزىلغان ئەسەرلەر دىمۇ ئەرەپ – پارىس تىلىدىن كىرگەن سۆزلۈكلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ ، ئۇمۇ جانلىق تىلدىن يىراقلىشىپ كەتكەن. بۇ خىل ئەدەبىياتتىن ھەرگىزمۇ خەلقىمىزگە مەنىۋىي يىتەكچىلىك قىلىشنى كۈتكىلى بولمايتتى. بارتولدمۇ بۇ ھالەتنى « تۈركلەرگە- ئۇيغۇرلارغا ئىسلامىيەتنىڭ ۋە فارس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى شۇ دەرىجىدە كۈچلۈك بولغان ئىدىكى ، تۈركلەر- ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تارىخىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتتى» (51) دەپ سۈرەتلەيدۇ. مەدەنىيەتتىكى مۇشۇ ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن ، مىللىي روھنىڭ يۈكسەك ئىپادىسى بولغان « ئوغۇزنامە » داستانى قاراخانىيلار تەۋەسىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ساقلىنىپ قەلەمگە ئېلىندى. ئاپراسىياپ (قاراخانىيلاردا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرىدىن كېيىن ئۇنتۇلدى) ، تۇنيۇقۇق ۋە بۆگۈ قاغانغا ئائىت خاتىرىلەرمۇ مۇشۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساقلاندى.(52) بۇددا ۋە مانى دىنىنىڭ چەكلەپ تۇرۇشى بىلەن ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى قولدىن بېرىپ قويغىنىغا قارىماي ، مىللىي روھقا باغلىنىشنى داۋاملاشتۇرغان مانا شۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ۋە تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى دەۋرىنىڭ سىياسىي،ھەربىي ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مۇنبېرىدە يۇقىرى ئورۇنغا ئىرىشىپ ،ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە شەرەپ ئاتا قىلالىدى. جۈملىدىن ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئاسىيادىن ھالقىپ ياۋروپا(ئوكرائىنا ۋە لاتۋىيە) دىمۇ شۆھرەت قازانغان خەلقارالىق مەدەنىيەتكە ئايلاندۇردى. (53)



    دىمەك، قاراخانىيلارنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىدىن باشلاپ ، بۇخانلىق تەۋەسدىكى ئۇيغۇرلاردا، مىلادى 14 – ئەسىردىن باشلاپ پۈتكۈل ئۇيغۇرلاردا مىللىي روھ مىللەت خاراكتېرلىق يىتەكچى پرىنسىپ بولۇشتىن قىلىپ ، پەقەت كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا يوشۇرۇن كۈچ ھالىتىدە ساقلىنىشقا يۈزلەنگەن بىر مەنىۋىي ئامىلغا ئايلىنىپ قالدى.


    شۇنداقتىمۇ بۇ يوشۇرۇن كۈچ پات – پات مەھەللىۋىي ياكى بىرەر شەھەر دائىرىسىدە بولسىمۇ ئۆزىنى ئىپادىلەپ، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەسى ئىكەنلىگىدىن سادا بېرىپ كەلدى.

     

     

    __________________________________________________________
    پايدىلانغان ماتىرىياللار:
    (1)(7) (12) (23) (41) (46) « ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى » ، تۈركچە، 12- توم ، 2 – قىسىم ، 223- ، 227 – ،244 -، 260 – بەتلەر ، 1988 – يىلى ، ئىستانبۇل.
    (2) دۈەن ليەنچىن : « دىڭلىڭلار، تۇرالار ۋە قاڭقىللار » ، ئۇيغۇرچە،81 – ، 86 – بەتلەر ، 1997 – يىلى ، ئۈرۈمچى.
    (3) لى يەنشۇ : « شىمالىي سۇلالىلار تارىخى » ، ئۇيغۇرچە، 568 – ، 569 – بەتلەر، 2000 – يىلى ، ئۈرۈمچى .
    (4) (32) « تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى » ، تۈركچە، 33 – توم ، 147 – ، 151 – بەتلەر، 1984 – يىلى ، ئەنقەرە.
    (5)(6) بايمىرزا ھايىت : « سوۋىتلەر ئىتتىپاقىدىكى تۈركلۈكنىڭ ۋە ئىسلامىيەتنىڭ بەزى مەسىلىلىرى » ، تۈركچە، 193 – بەت، 1987 – يىلى ، ئىستانبۇل.
    (8) سىماچيەن: « تارىخىي خاتىرىلەر» ، ئۇيغۇرچە ، 1988 – يىلى ، ئۈرۈمچى.
    (9)(16) « تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى » ، تۈركچە ، 25 – توم ، 487 – بەت ، 1977-يىلى، ئەنقەرە.
    (10) ۋېي لياڭتاۋ : « قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان» ، ئۇيغۇرچە، 106 – بەت ، 2000 – يىلى ، ئۈرۈمچى .
    (11) (30) « تۈركچىلىك پرىنسىپى » ، تۈركچە ، ئىنتىرنېتتىن ئېلىنغان نۇسخا.
    (13) موللا مۇسا سايرامى : « تارىخىي ھەمىدىيە » ، ئۇيغۇرچە، 46 – ، 47 – بەتلەر، 1988 – يىلى ، بېيجىڭ.
    (14) ئابدۇلقادىر دونۇك : « تۇنجى تۈرك مىللەتچىسى چىچى تەنخۇ » ، « تۈرك دۇنياسى تارىخ ژورنىلى » ، تۈركچە، 1987 – يىلى ، 3 – سان، 44 – بەت.
    (15) « ئوغۇزنامە » ، ئۇيغۇرچە، 46 – بەت ، 1980 – يىلى ، بېيجىڭ .
    (17) ( 28) (42) « قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانمىلار » ، ئۇيغۇرچە، 80 – ، 84 – ، 85 – بەتلەر ، 1983 – يىلى ، ئۈرۈمچى.
    (18) (34) ئا. جافەر ئوغلى : « تۈرك تىلى تارىخى » ، تۈركچە، 2 – قىسىم، 18 – ، 208 – بەتلەر، 1984 – يىلى، ئىستانبۇل.
    (19) يىلماز ئۆزتۇنا : « بۈيۈك تۈركىيە تارىخى » ، تۈركچە، 2 – توم، 391 – بەت، 1977 – يىلى ، ئىستانبۇل.
    (20) (27 ) (26) (37) (44) يىلماز ئۆزتۇنا : « بۈيۈك تۈركىيە تارىخى » ، تۈركچە، 1 – توم، 50 – ، 51 – ، 95 – ، 100- ،101- ، 140 – ،141 – بەتلەر، 1977 – يىلى، ئىستانبۇل.
    (1 2) سامىخا ئايۋەردى : « تۈركلەر مۇستەملىكىچى بولمىغان »، « تۈرك دۇنياسى تارىخ ژورنىلى » ، تۈركچە، 1987 – يىلى، 11 – سان، 23 – بەت.
    (24 ) ئايدىن تانەرى : « تۈرك دۆلەت ئەنئەنىسى » ( تۈنۈگۈن – بۈگۈن ) ، تۈركچە، 11- بەت، 1981 – يىلى ،
    ( 25) (38) (39) (40) بەنگۇ : « خەننامە »، ئۇيغۇرچە، 698 – ، 778 – ، 798 – بەتلەر، 1994 – يىلى ، ئۈرۈمچى.
    (29) مۇستاپا ئۇسلۇ : « تۈرك مەدەنىيىيىتىدە نورۇز موتفى » ، « تۈرك دۇنياسى تارىخ ژورنىلى »، تۈركچە، 1987 -يىلى، 4 – سان، 22 – بەت.
    ( 31) (35) جاڭ رېنتاڭ : « تاڭ دەۋرىدىكى شەرقىي كۆك تۈركلەر ھەققىدە يېڭى ھۆججەتلەر » ، تۈركچە، 67 – ، 174 – بەتلەر، 1968- يىلى ، تەيبېي.
    (33) (45) مۇستاپا ئەرگۈن : « تۈرك مائارىپ تارىخى » ، تۈركچە، ئىنتېرنېتتىن ئېلىنغان نۇسخا.
    (22) (36) (52) ئا. زەكىي ۋەلىدى توغان : « ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش » ، تۈركچە، 100 – ، 106 — ، 168-بەتلەر ، 1 198 -يىلى، ئىستانبۇل.
    (43) ئا. زەكىي ۋەلىدى توغان: « تۈرك ۋە تاتار تارىخى » ، تاتارچە، 18 – بەت ، 1912 – يىلى ، قازان.
    (47) « تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى » ، تۈركچە ، 21 – توم ، 287 – بەت ، 1974 – يىلى ، ئەنقەرە.
    (48) (49) (50) ئىبراھىم ئاگاھ چۇبۇكچۇ : « مەدەنىيەت تارىخىمىزدا دىن » ، تۈركچە، « بەللەتەن »، 1990- يىلى، 4 – سان، 778 -بەت.
    (51) ۋ. ۋ. بارتولد ، م . ف. كۆپرۈلۈ: « ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى » ، تۈركچە، 1940 – يىلى، ئىستانبۇل.
    (53) ئا. جافەر ئوغلى : « تۈرك تىلى تارىخى » ، تۈركچە، 1 – قىسىم، 178 – بەت،1984 – يىلى ، ئەنقەرە.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.