ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-07 05:22:55

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچى ھەققىدەقىسقىچە بايان1933-يىلىدىكى «ئاپرېل ئۆزگىرىشى»دىن كېيىن بىر مەزگىل يولغا قويۇلغان ...



    ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچى

     

    ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچى ھەققىدەقىسقىچە بايان1933-يىلىدىكى «ئاپرېل ئۆزگىرىشى»دىن كېيىن بىر مەزگىل يولغا قويۇلغان «ئالتە بۈيۈك سىياسەت» شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ، جۈملىدىن ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە مەتبۇئات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلغان پۇرسەتتە، بۇ ئەدەبىيات يەنە بىر يېڭى تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويدى ۋە يەنە بىر قېتىملىق گۈللىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.ئەدەبىيات تارىخىدا 1933-يىلىدىكى «12-ئاپرېل» سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن 1944-يىلى 11-ئايدا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» پارتىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەدەبىيات «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىپ بېرىشى سەۋەبىدىن ھەم گۈللىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ھەم يەنە نۇرغۇن قۇربانلارنىمۇ بەردى.ئەمما ئۆزىنىڭ رېئالىزىملىق ئالاھىدىلىكىنى،دېمۇكىراتىك، جەڭگىۋار خاراكتېرىنى يوقاتمىدى. ئىجادىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھە-تۈرلىرى بويىچە ئاز بولمىغان نەتىجە-مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى.بۇ باسقۇچتا مەمتېلى ئەپەندى،نىمشېھىت،لۇتپۇللا مۇتەللىپ، زۇنۇن قادىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم جۇشقۇن ئەدىبلەر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ،بۇ باسقۇچتىكى ئىجادىيەتنىڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتتى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى ئەدەبىيات شىنجاڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي-ئىجتىمائىي رېئاللىقى بىلەن زور دەرىجىدە باغلىنىشلىق بولدى.جىڭ شۇرېن ھاكىمەت بېشىدا تۇرغان 1928-يىلىدىن 1933-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا شىنجاڭ يەنىلا مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقتا،بېكىنمە ۋەزىيەتتە،ئىختىساد چېكىنگەن ھالەتتە تۇردى.بۇنداق ئەھۋالدا جىڭ شۇرېن ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى چېن جۇڭ،لى شاۋتيەن،جاڭ شېڭ،تاۋ مىڭيۆ قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىلغار پىكىرلىك ھەربىي،مەمۇرىي ئەمەلدارلار جىڭ شۇرېننى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىرادىسىگە كېلىپ، 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ،جىڭ شۇرېن ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ھەم جىددى يىغىن ئېچىپ،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەيئىتى،مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ليۇ ۋېنلوڭ رەئىسلىكىدىكى يېڭى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ چىقتى.بۇ كۈنلەردە نەنسەندە ما جوڭيىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان شېڭ شىسەي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن خەۋەر تاپقان ھامان دەرھال ئۈرۈمچىگە قايتىپ،ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن بېسىم ئىشلىتىپ،شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي ئەمەلدارى – دوبەن بولىۋالدى.«شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ شېڭ شىسەينىڭ 11 يىل داۋاملاشقان مىلىتارىستلىق ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىگە كىردى». ① شېڭ شىسەي شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئۆز ھاكىمىيتىنى مۇستەھكەملەش مەقسىدىدە نۇرغۇن قاتتىق – يۇمشاق ۋاستىلارنى قوللاندى. ئۇنىڭ ۋاستىلىرى ئىچىدە يالغاندىن ئىلغارلىق نىقابىغا ئورۇنۇپ،كومپارتىيە بىلەن ھامكارلىشىپ،سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن ئۆتۈپ،شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىختىسادى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان بىرقاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. شىنجاڭنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدا ناھايىتى مەشھۇر بولغان «ئالتە بۈيۈك سىياسەت»: (1) جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش؛ (2) سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن ئۆتۈش؛ (3) مىللەتلەر باراۋەر بولۇش؛ (4) پاك-دىيانەتلىك بولۇش؛ (5) تېنچلىقنى ساقلاش؛ (6) قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلاردىن تەشكىل تاپقان.گەرچە شېڭ شىسەي ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە تەشۋىقاتتا بىر خىل،ئەمەلىيەتتە بىر خىل بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بېشىدا قانلىق قىلىچىنى ئوينىتىپ،ھەرقايسى مىللەتتىن بولغان نۇرغۇنلىغان كوممۇنىستلارنى، سىياسىئونلارنى،تەرەققىيپەرۋەر زاتلارنى،مائارىپچىلارنى، ئەدىب-سەنئەتكارلارنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈپ،ئۆزىنىڭ جاللاتلىقىنى قەدەمدە بىر ئىسپاتلاپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇ كۆرۈنۈشتە يولغا قويغان «ئالتە بۈيۈك سىياسەت» شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىختىسادىي ئەھۋالىغا ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا بەلگۈلۈك دەرىجىدە ئاكتىپ تەسىرلەرنىمۇ كۆرسەتتى. «ئالتە بۈيۈك سىياسەت»نىڭ تەسىرىدە ئاممىۋى مەدەنىيەت ئىشلىرى گەۋدىلىك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.ئاممىۋى مەدەنىيەت ئىشلىرىدا 1934-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى شۆبىلىرىنىڭ رولى ناھايىتى زور بولدى.كېيىنچە، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرى قارمىقىدا مەخسۇس سەنئەت ئۆمەكلىرى ¬-«سانايى نەفىسە»لەر قۇرۇلۇپ، سەنئەت ئارقىلىق كىشىلەرنى تەربىيلەش، تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى،مانا مۇشۇ ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرى ھەم «سانايى نەفىسە»لەرنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى، جۈملىدىن درما-تىياتىرچىلىق ئىشلىرى زور تەرەققىياتلارغا ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. شۇڭا،گۈللىنىش باسقۇچىدىكى ئەدەبىياتتا، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرى بىلەن «سانايى نەفىسە»لەر ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ مەزگىلدە جۇڭگۇ كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ سىياسىي،ئىجتىمائىي، ئىختىسادىي ئەھۋالىغا ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ نىسبەتەن گەۋدىلىك بولدى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ،ئابدۇللا روزى،قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىقلار جۇڭگۇ كوممۇنىستلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەدىبلەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدا ھەرقايسى تۈر ۋە ژانېرلارغا مەنسۇپ بولغان كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى مەيدانغا چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك ھەسسىلەرنى قوشتى.شۇنداقتىمۇ، بۇ باسقۇچتىكى ئىجادىيەتتە مۇۋەپپەقىيتى،تەسىرى ئەڭ گەۋدىلىك بولغان ئەدەبىي ژانېر يەنىلا دراما بولدى.بۇ يىللاردا دراما ئىجادىيتى سەھنە سەنئىتى بىلەن ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىرلىشىپ ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇردى، درامىلارنىڭ سەھنىلەردە ئوينىلىشى بىلەن يېڭىچە زامانىۋى ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىمۇ مەيدانغا كەلدى.تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر دراماتورگلار ئىچىدە مۆمىن ئىسىملىك ياشنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.شۇ يىللاردا درما ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىپ،ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك ھەسسە قوشقان يەنە بىر مۇھىم شەخس ھىمىت ھېكىم بولدى.ئۇ مۆمىننىڭ «باتۇر ئوغلان» درامىسىنى ئوينىغانلىق ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان 1934-يىلى چۆچەكتە «ئانارخان» درامىسىنى ئوينىدى. 30- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا قۇرۇلۇپ،ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان ۋە كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشقان ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قارمىقىدىكى «سانايى نەفىسە»لەر درامىلارغا تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىدى.تېخى ناھايىتى ئاز ساندىكى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجادىيتىنى ئەمدىلا باشلىغان دراماتورگلارنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى كۈچلۈك ئېھتىياجنى قاندۇرالمايتى. بۇنداق ئەھۋالدا،بىر قىسىم ئۇيۇشمىلار ۋە سەنئەت ئۆمەكلىرى خەنزۇلار يازغان درامىلارنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى درامىلىرىنى،ھەتتا بىر قىسىم كىنولارنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئويناپ،دراماىلارغا بولغان جىددى ئېھتىياجنى قامداپ تۇردى.مۇنداقچە ئېيتقاندا، خەنزۇ درامىچىلىقى ۋە چەت ئەل درامىچىلىقى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى،شۇ يىللاردا شىنجاڭدا ئىنقىلابى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ماۋ دۈن،جاۋ دەن قاتارلىق ئەدىب-سەنئەتكارلار تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر دراماتورگلىرى ۋە ئاكتىيورلىرىنى تەربىيلەش جەھەتتە مۇناسىب ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەنىدى⑤. دراما،جۈملىدىن ئۇنىڭ سەھنىلەشتۈرۈلۈپ ئوينىلىشى بولغان تىياتىر ئەينى ۋاقىتتا كەڭ خەلق ئاممىسىنى تەربىيلەش ۋە ئۇلارغا تەشۋىق ئېلىپ بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى،ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاستە ھېساپلىناتتى. شۇنىڭ بىلەن درما-تىياتىرچىلىق ھەرىكىتى پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ گۈللەندى، ئەڭ مۇھىمى ئۇ بىر خىل ئاممىۋى مەدەنىەت ھەرىكىتىگە ئايلاندى.بۇنداق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش كۆپلىگەن دراماتورگلارنى، تىياتىر سەنئەتكارلىرىنى يېتىشتۈردى.ئەشۇ يىللاردا دراما ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىپ گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېرىشكەن دراماتورگلاردىن مۆمىن،ھىمىت ھەكىمىلەردىن باشقا يەنە لۇتپۇللا مۇتەللىپ،نىمشېھىت،زۇنۇن قادىرى،سەيپىدىن ئەزىزى، شۈكۈر يالقىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،ئەھمەد زىيائى،ئابدۇللا روزى، قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىقلار بار.ئۇلارنىڭ ئىجادىيتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا درامىچىلىقتىن ئىبارەت يېڭى بىر ئەدەبىي تۈر قايتىدىن مەيدانغا كەلدى، ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى درامىچىلىقىغا ئاساس سېلىندى،شۇنداقلا ھازىرقى زامان درامىچىلىقنىڭ يۇقۇرى سەۋىيسى يارىتىلدى.بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى تەرەققىياتىغا قوشۇلغان غايەت زور تۆھپە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوينالغان درامىلار ناھايىتى كۆپ.بۇ مەزگىلدە ئوينالغان درامىلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتورلىرى تەرىپىدىن ئىجادىي يېزىلغان درامىلاردىن باشقا يەنە خەلق داستانلىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ يېزىلغان درامىلارمۇ،خەنزۇ ئاپتۇرلىرى تەرىپىدىن ياكى چەت ئەل دراماتورگلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان درامىلار ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ،ئۆزلەشتۈرۈلۈپ يېزىلغان درامىلارمۇ، شۇنداقلا خەنزۇ،رۇس تىللىرىدىن تەرجىمە قىلىنغان درامىلارمۇ بار ئىدى.بۇنداق ھەر خىل مەنبەلەردىن كەلگەن،ھەر خىل يوللار بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان درامىلار تەبىئىي رەۋىشتە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە بىر خىل قاينام-تداشقىنلىق مەنزىرە شەكىللەندۈرۈپلا قالماستىن،بەلكى بىر ئالاھىدە مەدەنىيەت ھادىسىسى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدە ئۇيغۇر ئاپتۇرلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ھەم نىسبەتەن كۆپ ئوينالغان،تەسىرىمۇ نىسبەتەن چوڭ بولغان ئىجادىي درامىلاردىن خەمىت ھەكىمىنىڭ «ئەخمەت سەرراپ»، «شەرمەندىلەر»، «جەللىگۈر»، يانچۇقـچى» قاتارلىق درامىلىرىنى، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «سامساق ئاكام قاينايدۇ»،«كۈرەش قىزى»، «بوراندىن كېيىنكى ئاپتاپ» قاتارلىق درامىلىرىنى، زۇنۇن قادىرىنىڭ «جاھالەتنىڭ جاپاسى»، «ئۇچراشقاندا»،«پارتىزانلار ئەترىتى» قاتارلىق درامىلىرىنى،قاسىمجان قەمبىرىنىڭ «پارىخور شاڭيۇ»، «پىرىخون»،«ئالدامچى تېۋىپ»،«زەينەپكە تۆھمەت» قاتارلىق درامىلىرىنى، ئابدۇللا روزىنىڭ «ئۆگەي ئانا» قاتارلىق درامىلىرىنى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «تامچە قاندىن مىليۇن چېچەكلەر»،«چىن مودەن» (لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن ئىجادىي ھەمكارلىقتا يازغان)قاتارلىق درامىلىرىنى، ئىمىن تۇرسۇننىڭ «يېرىم جىڭ،سەككىز سەر»، «بىرىنچى تىياتىر» قاتارلىق درامىلىرىنى، ئەخمەت زىيائىنىڭ «ۋاڭ جىڭۋېي»، «رابىيە-سەئدىن» درامىلىرىنى،ئەمەت ئۆمەرنىڭ «ساۋاتسىزلىقنىڭ زىيىنى»، «پارىخور ھاكىم» قاتارلەىق درامىلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.شۈكۈر يالقىن گەرچە ئۆزى ئۆزبېك مىللىتىدىن بولسىمۇ،ئەمما ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان،شۇ يىللاردىكى ئۇيغۇر درامىلىقىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان داڭلىق دراماتورگ بولۇپ،ئۇنىڭ «ئۆلۈم»، «ئالدامچى»، «شاڭخەي كېچىسى»،«مۇھىم ھۆججەت» قاتارلىق درامىلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر سەھنىلىرىدە ئوينىلىپ،ناھايىتى چوڭ تەسىر قوزغىغان.ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدە خەلق داستان-قىسسەلىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ يېزىلغان درامىلار ئىنتايىن قارشى ئېلىنغان،ئەشۇ يىللاردا ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ئاساسىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ،نىمشېھىت،قاسىمجان قەمبىرى،ئىمىن تۇرسۇن قاتارلىق دراماتورگلار، ئەدىبلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ«غېرىپ-سەنەم»، «لەيلى-مەجنۇن»، «پەرھاد-شېرىن»،«تاھىر-زۆھرە»،«نۇزۇگۇم»، «يۈسۈپ-ئەھمەد» قاتارلىق درامىلارنى يېزىپ چىققان.بۇ درامىلار خەلققە تونۇشلۇق بولغان ۋەقە-ھېكايىلەرگە يېڭىچە ئىلغار ئىدىيە-پىكىرلەرنى سىڭدۈرۈش ۋە شۇئارقىلىق خەلقنى تەربىيلەشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەينى دەۋردە مۇھىم روللارنى ئوينىغان. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدە خەنزۇ ئاپتۇرلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان درامىلار تەرجىمە قىلىنىپ ئوينالغان. شۇ يىللاردا ئوينالغان خەنزۇ درامىلىرىدىن «كۈرەش»،«قىزىل ئارمىيە»،«تەيخاڭشەن تېغى ئېتىكىدە»، «يېڭى شىنجاڭ» قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ⑦.بۇ درامىلارنى ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدا ئىنقىلابى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان لىن جىلۇ، جاۋ دەن قاتارلىق ئەدىب-سەنئەتكارلار ئىجاد قىلغان. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدە يەنە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئوينالغان درامىلارمۇ تەرجىمە قىلىنىش،ئۆزلەشتۈرۈلۈش ئاساسىدا ئوينالغان.بۇ تۈردىكى درامىلاردىن «ئەرشىن مال ئالان»،«باي بىلەن مالاي»،«رېۋىزور»، «ئۆيلىنىش»،«تىكەنلىك گۈللەر»،«ئالدار كۇسا»،«خىيالىي تېۋىپ»، «سەۋلەت» قاتارلىقلار ئۇيغۇر سەھنىلىرىدە ئوينىلىپ،ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر سەھنىلىرىنى بېيىتىش،ئۇيغۇر درامىچىلىقىغا ئۈلگە بولۇش،شۇنداقلا خەلققە مەنىۋى زوق بېرىش جەھەتلەردە مۇھىم روللارنى ئوينىغان. بۇ يىللاردا ئۇيغۇر سەھنىلىرىدە ھەتتا شىكىسپېر،گوگول قاتارلىق دراما ئۇستازلىرىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ ئوينالغان.ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدا دراما ئىجادىيتىدىن قالسا شېئىرىيەت ئىجادىيتىمۇ گەۋدىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن.بۇ باسقۇچتا مەمتېلى ئەپەندى،نىمشېھىت،لۇتپۇللا مۇتەللىپ،مەرۇپ سەئىدى،ئايۇپ مەنسۇرى،نىياز باقى قاتارلىق شائىرلار شېئىرىيەت ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى شېئىرىيەتنىڭ تېما دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولدى.ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرىنى يوقۇتۇپ،ۋەتەننى قۇتقۇزۇش،دۇنيا فاشىزمىغا قارشى تۇرۇپ تېنچ،ئىتتىپاق ياشاشتەك چوڭ تېمىلاردىن باشقا يەنە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا،زۇلۇم - زورلۇققا قارشى تۇرۇش؛ كىشىلەرنى بىلىمسىزلىك،نادانلىقتىن، خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلۇشقا چاقىرىش،ھەر خىل ناچار ئىللەتلەرنى مەسخىرە ۋە تەنقىد قىلىش؛ئىلىم-مەرىپەت ئىگەنلەپ،ئىلىم-پەن ئارقىلىق گۈللىنىشنى تەشەببۇس قىلىش، كىشىلەرنى ئىلغارلىققا،ئىنقىلابىلىققا ۋە تەرەققىياتقا دەۋەت قىلىش قاتارلىقلار بۇ يىللاردىكى شېئىرىيەت ئىجادىيتىنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى شېئىرىيەت ئىجادىيتى قىسقا لېرىك شېئىرلارنى ئاساس قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان داستانچىلىق ئىجادىيتىنى قايتىدىن قولغا ئېلىپ، كۆرۈنەرلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن.بۇ مەزگىلدە ئىجاد قىلىنغان داستانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇپ،ۋەتەن قۇتقۇزۇشنى ئاساسلىق تېما قىلغان.«جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇشنى تېما قىلغان بەش داستان شۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر شېئىرىيەت ئىجادىيتىنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ‹مۇھەببەت ۋە نەپرەت»، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹يېڭى جۇڭگۇ گۈلىستانىغا›،ئەھمەد زىيائىنىڭ ‹تاڭ قەسىدىسى›، ئابلىز نازىرىنىڭ ‹شانلىق قۇربان›، قۇربان ئىمىننىڭ ‹قەتلىئام ۋە قۇتۇلۇش›⑧».ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدا،شېئىرىيەت ئىجادىيتىدىن باشقا يەنە ھېكايە ۋە نەسىر ئىجادىيتىمۇ دەسلەپكى قەدەمدە مەيدانغا كېلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھېكايە ۋە نەسىر بولماسلىقتەك ھالەتكە خاتىمە بېرىلدى ھەمدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي تۈر-ژانېرلارنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا زور تۆھپە بولۇپ قېتىلدى.بۇ يىللاردا لۇتپۇللا مۇتەللىپ «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق»،«ئەجەل ھودۇقۇشىدا» ۋە «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ» قاتارلىق نەسىرلەرنى يېزىپ،ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىگە ئاساس سالدى؛سەيپىدىن ئەزىزى «يېتىم توختى»،«زامانقۇل»، «مەنزىرە»،«ئاچچىق خاتىرە»، «شانلىق قۇربان» قاتارلىق ھېكايىلەرنى،ئەخمەت زىيائى «تاڭ پاجىئەسى» ناملىق ھېكايىسىنى يېزىپ،ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھېكايىچىلىقىغا ئاساس سالغان.ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچى دەل پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ،ۋەتەن قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىل بولغاچقا،ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تېمىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تېمىغا ئايلانغان.ئۇيغۇر ئەدىبلىرى بۇ تېما ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلار غا بولغان چەكسىز غەزەپ-نەپرىتىنى، ئۇلارنى يوقۇتۇپ ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئىرادىسىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەيدىغان باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق، ئىتتىپاقلىق روھىنى، شۇنداقلا گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدۋارلىق روھىنى قىزغىن مەدىھلىگەن. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تېمىسىدا يېزىلغان مۇھىم ئەسەرلەردىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگۇ» قاتارلىق شېئىرلىرى، «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» داستانى،«كۈرەش قىزى»،«بوراندىن كېيىنكى ئاپتاپ» قاتارلىق درامىلىرى،«پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىز ھالسىرايدۇ» قاتارلىق نەسىرلىرى؛ شۈكۈر يالقىننىڭ «شاڭخەي كېچىسى» ناملىق درامىسى؛ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «دولقۇنلۇق ھايات» قاتارلىق شېئىرلىرى ۋە «يېڭى جۇڭگۇ گۈلىستانىغا» ناملىق داستانى،سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «كۈرەش يولى» ناملىق درامىسى،«شانلىق قۇربان» ناملىق ھېكايىسى،ئەھمەد زىيائىنىڭ «كۆك ئاسمان،ئاق كۈن مېدالى» ناملىق داستانى، نىمشېھىتنىڭ «بۈيۈك جۇڭگۇ» ناملىق شېئىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ ئەسەرلەر يالغۇز ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تېمىسىدىكى مۇھىم ئەسەرلەر بولۇپلا قالماستىن،بەلكى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەردىن بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.بۇ باسقۇچتىكى ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن مەمتېلى توختاجى، نىمشېھىت،لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئەنۋەر ناسىرى قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە مەرۇپ سەئىدى،قاسىمجان قەمبىرى،ئابدۇللا روزى،ئىبراھىم نورۇز،ئايۇپ مەنسۇرى، خېلىل ساتتارى قاتارلىقلار بار. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا،ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ 1933-يىلىدىكى «12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى»دىن 1944-يىلى 11-ئايدا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» پارتىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تەخمىنەن 10 يىللىق گۈللىنىش باسقۇچى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنىڭ ئالاھىدە بىر دەۋرى بولۇپ، گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېرىشىتى.بۇ نەتىجىلەر رېئالىزىمنىڭ كۈچىيشى،دراما ئىجادىيتىنىڭ گۈللىنىشى، ئەدەبىي ژانېر-تۈرلەرنىڭ كۆپخىللىشىشى قاتارلىق تەرەپلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلەندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.