دېھقان يۈرىكى-ئۇنىڭ يۈرىكى

يوللىغۇچى : hajipzada يوللىغان ۋاقىت : 2008-07-30 19:38:00

دېھقان يۈرىكى - ئۇنىڭ يۈرىكى (روزى سايىتقا مۇۋەششەھلىك مەرسىيە) رەھىمسىز تەقدىر ئايرىدى ۋاقىتسىز بىزنى، ئەي ئۇستاز، مۇسىبەتتە تۈمەن قاقشاتتى ئوغلان، قىزنى، ئەي ئۇستاز. ئۇزۇن بولمىدى بۇ ئۆمرۈڭ،...

     

       دېھقان يۈرىكى - ئۇنىڭ يۈرىكى

    (روزى سايىتقا مۇۋەششەھلىك مەرسىيە)  

     

    رەھىمسىز تەقدىر ئايرىدى ۋاقىتسىز بىزنى، ئەي ئۇستاز،

    مۇسىبەتتە تۈمەن قاقشاتتى ئوغلان، قىزنى، ئەي ئۇستاز.

     

    ئۇزۇن بولمىدى بۇ ئۆمرۈڭ، لېكىن سەن سۆزلىگەچ ھەقنى،

    تۈمەن ياشتىن ئەزىزلەيمىز پۈكۈپ جۈپ تىزنى، ئەي ئۇستاز.

     

    زىيان - زەخمەت ئەگەر دېھقانغا يەتسە تۇرمىدىڭ چەتتە،

    چوقان سالدىڭ ھامان:« ئوڭشال زامان! تېز، تېز...» نى، ئەي ئۇستاز.

     

    ئىناۋەت تاپتىڭ ئەي ئۇستاز جاپالىق ئەجرى- مېھنەتتىن،

    سۈزۈپ توننا قارا لاينى، ئېلىپ ئەگىزنى، ئەي ئۇستاز.

     

    ساڭا ھۆرمەت ياغار سەن سۆزلىگەچ ھەقنى، يۈرەك سۆزنى،

    ۋەتەن-يۇرتنى، ئادالەتنى... تولا ئېتىزنى، ئەي ئۇستاز.

     

    ئارى راستتۇر پۈتۈن نەزمەڭ ئىشەندۈردۈڭ شۇڭا ئەلنى،

    ئىشەنگەچ ئەل ساڭا بەردى « بۈيۈك، ئېگىز...» نى، ئەي ئۇستاز.

     

    يېنىپ دېھقان ئۈچۈن ئۆتتى سېنىڭ بۇ بىر پۈتۈن ئۆمرۈڭ،

    بۇڭا كىممۇ دېيەلەيدۇ « ...ئەمەس، ھەرگىز...» نى، ئەي ئۇستاز.

     

    ئىشەن ئەل-يۇرتقا، دېھقانغا ئېغىر كەلدى قازا- ئۆلمىڭ،

    كى دېھقان قەلبىگە سانجىپ قارا بىگىزنى، ئەي ئۇستاز.

     

    تىرىكلىكتە ئەجەپ بىلمەپتىكەنمىز قەدرىڭنى، ئەمدى-

    تولۇق تازىمنى كەلتۈردۇق، ئەمەس سەككىزنى، ئەي ئۇستاز.

     

    2005-يىل مارت، شايار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.