شېئىر، شائىر ۋە كىتابخان مونولوگى

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-20 22:54:45

شېئىر، شائىر ۋە كىتابخان مونولوگىئاپتۇرى: ئابدۇللا تۇردى 1 مەن-سېنىڭ يۈرىكىڭ. مەن-سەن بىلەن جەمئىيەت، سەن بىلەن تەبىئەت، سەن بىلەن دىلكەشلىرىڭ ۋە رەقىبلىرىڭ، سەن بىلەن ئۆزۈڭ ئوتتۇرىسىدىكى دىئال...

     

    شېئىر، شائىر ۋە كىتابخان مونولوگى

    ئاپتۇرى: ئابدۇللا تۇردى

                 1

    مەن-سېنىڭ يۈرىكىڭ.

     

    مەن-سەن بىلەن جەمئىيەت، سەن بىلەن تەبىئەت، سەن بىلەن دىلكەشلىرىڭ ۋە رەقىبلىرىڭ، سەن بىلەن ئۆزۈڭ ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگمەن. مەن-سېنىڭ ئۆمۈر مەنزىللىرىڭدە قاچانلاردىدۇر پەيدا بولغان كەيپىيات-ھېسسىياتىڭ، كىملەر بىلەندۇر قىلغان مۇناسىۋەت-مۇئامىلەڭ، سېنى زوقلاندۇرغان مۇھىت-ھالەت، سەن كۈزەتكەن ئىنسان ۋە تەبىئەت ئېكىئولوگىيىسىمەن. مەن-سېنىڭ پۈتكۈل روھىي- ھالىتىڭ، خۇشاللىقىڭ، قايغۇڭ، ھەۋىسىڭ، يىرگىنىشىڭ، يوشۇرۇن ئېڭىڭ، ئەسلى پىسخىكاڭ، جەمئىيەت قارىشىڭ، سىياسىي قارىشىڭ، ئەخلاق قارىشىڭ، ھايات-ئۆلۈم قارىشىڭ، شۇنداقلا قىممەت قارىشىڭمەن. مەن- سەن بويسۇندۇرغان تىل ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ھېسسىياتمەن.

    مەن ھەقىقىي پاك ۋە چىن ھېسسىيات بولغانلىقىم ئۈچۈنلا، كىملەرنىڭدۇر يۈرەك تارىنى چېكەلەيمەن، كىملەرنىدۇر كۈلدۈرۈپ، كىملەرنىدۇر يىغلىتالايمەن. مەن ھەقىقىي قەلب ۋە يۈرەكتىنلا ھايات تاپالايمەن، تۇرمۇش گۈزەللىكى بىلەن قەلب گۈزەللىكىنىڭ جۇغلانمىسىدىن گۈزەللىك ئالىمەن.

    مەن-رەسىدە بولغان قىزمەن، ئەمما ياشلارغىلا مەنسۇب ئەمەس، بەلكى، بالىلارغىمۇ، ئوتتۇرا ياشلىقلارغىمۇ ۋە ياشانغانلارغىمۇ مەنسۇبمەن، پەقەت ئۇلارنىڭ كۆڭلى-قەلبى ياش بولسىلا.

    مەن-ھاياتقا ۋە سەنئەتكە بىر ئۆمۈر سادىق بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشكە ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلغانلارغا مەنسۇپمەن.

    تۇرمۇش ئۆزگىرىۋاتىدۇ، تۇرمۇش رېتىمى ۋە قۇرۇلمىسى ئۆزگىرىۋاتىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئىستېتىك قارىشى ۋە ئادىتى ھەم ئۆزگىرىۋاتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، مەنمۇ ئۆزگىرىپ ۋە يېڭىلىنىپ تۇرىمەن،
    چۈنكى شەيئىلەرنىڭ ھەرىكىتى مۇتلەق، جىملىقى نىسبىي بولىدۇ.

    مەن-شېرىن چۈشمەن...

                    2

    مەن مۇشۇ زېمىندا، مۇشۇ خەلق ئارىسىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم. شۇڭلاشقا، مۇشۇ زېمىن، مۇشۇ خەلقنى ئاساس قىلىمەن، مەيلى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز بولسۇن، مەيلى ھازىر ياكى كېيىن، ھامان مۇشۇلارنى ئاساس قىلىمەن.

    مەن رېئاللىققا، ھاياتقا، تۈنۈگۈنگە، بۈگۈنگە، كىتابخانلارغا، تاشقى دۇنياغا-جەمئىيەتكە، دەۋرداشلارغا، دۇنياغا ۋە كەلگۈسىگە يۈزلىنىمەن.

    مەن ئۆزۈمنى دەۋر ئېڭىغا ئىگە، چىنلىق، ساداقەتمەنلىك، ساپ دىللىق، گۈزەللىك ۋە سەمىمىيەتنى باغاشلايدىغان مىللىي بۇرچنى ھېس قىلالايدىغان، ۋەتەن، مىللەت، ئىسلاھات ئېڭى بولغان ئادەم قىلىپ چىقىمەن.

    مەن-ئۆزۈمنىڭ قەلبىنىلا ئەمەس، ئۆزگىلەر قەلبىنىمۇ ئىزھار قىلىمەن. خەلققە ۋەكالىتەن قەيسەرلىك بىلەن سۆزلەيمەن.

    مەن گۈزەل نەرسىلەرنىلا ئەمەس، خۇنۇك نەرسىلەرنىمۇ كۆرىمەن، گۈزەللىكتىنلا ئەمەس، رەزىللىكتىنمۇ زوقلىنىمەن.

    مەن قوبۇل قىلىمەن ھەم ۋارىسلىق قىلىمەن. ئەمما باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى مېخانىك ھالدا كۆچۈرمەيمەن، شۇنداقلا ئەجدادلار مىراسىنى مۇقەددەس ئىلاھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرمەيمەن.

    مەن كەلگۈسى ئۈچۈن ئەمەس، بۈگۈن ئۈچۈن يازىمەن، ئەمما:

    ئۆتمۈشنى ئۇنتۇمايمەن؛

    بۈگۈننى باغاشلايمەن؛

    كەلگۈسىگە يۈزلىنىمەن.

    مۇنۇ ئىككى جۈملە سۆز مېنىڭ دەستۇرۇم: «بىر شائىرنىڭ يازغىنى ئەقىلگە سىغمايدىغان نەرسىلەر بولۇپ، ئۇنى ئۆزىدىن باشقا ئادەم چۈشەنمىسە، بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر؛ ئەگەر ئۇنىڭ يازغىنى تامامەن ئەقىلگە سىغىدىغان نەرسىلەر بولۇپ، ئۇنى ھەرقانداق دۆت-كالۋالارمۇ چۈشىنەلەيدىغان بولۇپ كەتسە، بۇ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر.»(پ.نېرۇدا سۆزى)

                         3

    نۆۋەتتە، شائىرلار-

    نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ يىراق، تېخىمۇ كەڭ ساھەگە قارىتالمايۋاتىدۇ؛

    ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتتىن ئوزۇقلىنالمايۋاتىدۇ؛

    ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى يېڭىلاشقىلا ئېتىبار بېرىۋاتىدۇ؛

    گۇڭگا قىلىش ئۈچۈنلا گۇڭگا قىلىۋاتىدۇ؛

    مودا سۆز قوغلىشىۋاتىدۇ؛

    ھەقىقىي ھېسسىيات ۋە سەمىمىيەتنى تولۇق ئىپادىلىمەيۋاتىدۇ.

    يېڭى شېئىرلار(ئومۇمەن «گۇڭگا شېئىر» دېيىلىۋاتقان شېئىرلار) نۆۋەتتە يەنىلا، ئىزدىنىش، سىناق باسقۇچىدا تۇرماقتا. بۇ شېئىرلارنىڭ ئىچىدە، بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى مەزمۇن جەھەتتىن كۆپ يۆنۈلۈشلىك، ياخشى يېزىلغان، يۇقۇرى سەۋىيىلىك بىر بۆلۈك شېئىرلار بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، چۈشەنگىلى بولمايدىغان، ئاجايىپ-غارايىپ، ئىشلەتكەن ئىبارىلىرى بەكمۇ غەلىتە ۋە سىرلىق، تېپىشماققا ئوخشاش شېئىرلارمۇ بار. ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، ئاق-قارىنى ئىلغا قىلماسلىق، ئاقىلانىلىق ئەمەس. بۇ شېئىرلارنى «گۇڭگا شېئىر» دەپ ئاتاشنىڭ ئۆزىمۇ مۇۋاپىق ئەمەس.

    يىگىتلەرمۇ، قىزلارمۇ كۆڭلىگە ياققاننى تاللاۋاتىدۇ. كىشىلەر كۆڭلى خالىغان نەرسىدىن لەززەت ئىزلەۋاتىدۇ. كۆڭلى خالىغانلار بىر-بىرىگە سوۋغا تەقدىم قىلىشىۋاتىدۇ. مەجبۇرلاپ ئېلىش ياكى مەجبۇرلاپ تېگىش قىيىن، بەكمۇ قىيىن، «تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمايدۇ.» شۇنىڭغا قارىغاندا شائىرلارنىڭمۇ، تەھرىرلەرنىڭمۇ، ئوبزورچىلارنىڭمۇ، كىتابخانلارنىڭمۇ ئۆز رايى بويىچە ئىش كۆرۈشىنى ئەيىبلىگىلى بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ، خۇددى مەجبۇرلاپ ساتقىلى ياكى سېتىۋالغىلى بولمىغاندەك.

    يېزىلغان شېئىر ئۇيغۇر شېئىرى بولغانىكەن، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ھىدى-پۇرىقى بولۇشى كېرەك؛

    بۇ ھىدنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىز ھامان بىلىۋالىمىز.

    يېزىلغان شېئىر مۇشۇ دەۋردە يېزىلغانىكەن، ئۇنىڭدا مۇشۇ دەۋرنىڭ پۇرىقى بولۇشى كېرەك؛

    بۇ پۇراقنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىز ھامان بىلىۋالىمىز.

    ھازىر، بىر بۆلۈك ياش شائىرلار چەت ئەل شېئىرىيىتىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش، ئېلىپ كىرىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭدىن مەلۇم دەرىجىدە ئوزۇق ئالماقتا. بىز شېكسپىر، بايرۇن، شېللې، جېس، گىيۇتى، بۇدلېر، پۇشكىن، لېرمىنتوپ، ماياكوۋىسكى، ۋوتمان، تاگۇر، پاس... قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن يۈزەكى تونۇش ياكى ئەمدىلا ئانچە-مۇنچە تونۇشىۋاتىمىز. بۇ جەھەتتە ياش شائىرلارنىڭ غەيرىتى ۋە نىيىتىگە ئاپىرىن!

    شېئىرىيەتتە تۈرلۈك ئېقىملارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى خۇشاللىنارلىق ئەھۋال. ھەركىم ئۆز يولىدا ماڭسا، داۋاملىق ماڭغۇسى كېلىدۇ، ئۆز گۈلىنى پۇرىسا، پۇرىغۇسى كېلىدۇ، شېئىرىيەت باغچىسىمۇ رەڭدار بولىدۇ.

    مۇنۇ بىر ئابزاس سۆزنى ھەممىمىز ئېسىمىزدە تۇتايلى: «ناۋايى ئىجادىيىتى ئۆز دەۋرىدىكى ئىلغار ئىدىئولوگىيىنىڭ، ئىلىم-مەرىپەت ۋە ئىستېتىك دىتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيىلىك، يىرىك مەسئۇلى. ناۋايى تۇغۇلغان ۋە ئاساسلىق پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان ھىرات شەھىرى 14-، 15-ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان. ناۋايى ئائىلىسىمۇ مەرىپەت، ئەدەبىيات-سەنئەت ئەھلى بىلەن يېقىن ئىدى. ناۋايىنىڭ ئۆزى شۇ چاغدىكى ئەڭ بىلىملىك ئۆلىمالاردىن بىلىم ئالدى. ناۋايى ئۆزى ئېيتقان <ئۇيغۇر تىلىنىڭ چېچەن ناتىقلىرىدىن، تۈركىي سۆز ماھىرلىرىدىن بولمىش مەۋلانا سەككاكى، مەۋلانى لۇتفى>لار ئۇنىڭ ئەسىرداشلىرى ئىدى. ناۋايى پارس ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يىرىك نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان شائىر ۋە ئالىم ئابدۇراخمان جامىي بىلەن زامانداش ۋە ئۇنىڭدىن بىۋاستە تەلىم ئالغان ئىدى. ئۇ تۈركىي تىلىدا يىرىك، گۈزەل ئەسەرلىرىنى ياراتقان يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەت يۈكنەكى، لۇتفى، سەككاكى، ئاتايى قاتارلىق ئەدىپ-شائىرلارنى ئۆز ئۇستازلىرى سۈپىتىدە ھۈرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ئەدەبىي ئەنئەنىسىگە قىزغىن ۋارىسلىق قىلدى؛ شۇنىڭدەك ئەرەب، پارس ئەدەبىياتىنىمۇ ئىشتىياق بىلەن ئۆگەندى، بولۇپمۇ پارس تىلىدا يىرىك ئەسەرلەر ياراتقان فىردەۋسى، ئۆمەر ھەييام، سەئىدى، ھاپىز شىرازى، خىسراۋ دېھلەۋىي، جامىي قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پىششىق ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئۆز ئەدەبىي پائالىيىتىگە ئىجادىي تەدبىق قىلدى ۋە پارس تىلىدىمۇ شېئىر يازدى. شۇڭا ناۋايىنىڭ نامى يالغۇز تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئەرەب ۋە پارس خەلقلىرى ئارىسىدىمۇ ھۈرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ كەلدى.» ①

    شېئىرىڭلار گېزىت-ژورناللاردىنلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى بىزنىڭ قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالالىسۇن!!!

    1994-يىلى

    (بۇ ماقالە «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1994-يىللىق 4-سانىغا بېسىلغان)


    ① ت.ئېلىيېۋ نەشىرگە تەييارلىغان «غەزەللەر»دىن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.