تاشقاتمىغا ئايلانغان شېئىرلار(بۇغدا ئابدۇللا)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-18 00:00:00

تاشقاتمىغا ئايلانغان شېئىرلاربۇغدا ئابدۇللاقۇمۇلنىڭ قارلىق تاغلىرىدىكى تاش-گىياھلاردىن تارتىپ لوپنۇر، قاراقۇرۇمدىكى چېقىللارغىچە بولغان مەنزىللەردە بىزنى مەپتۇن قىلىپ تۇرغان تاشقاتمىلار قەد...



    تاشقاتمىغا ئايلانغان شېئىرلار
    بۇغدا ئابدۇللا

     



    قۇمۇلنىڭ قارلىق تاغلىرىدىكى تاش-گىياھلاردىن تارتىپ لوپنۇر، قاراقۇرۇمدىكى چېقىللارغىچە بولغان مەنزىللەردە بىزنى مەپتۇن قىلىپ تۇرغان تاشقاتمىلار قەدىمكى دەۋىرلەرگە مەنسۇپ بۇلۇپ، ئۇلار تەبىئەت ئۆز يۈرىكىدە ساقلاپ كېلىۋاتقان نادىر شېئىرلاردۇر.


    كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ خىل مەدەنىيەت ۋە ئەسەرلەرنى ئالدى بىلەن تەبىئەت ئويغىتىپ ئاندىن ئىنسان، شېئىرىيەتتە شائىر يارىتىدۇ.



    ئىنسانىيەت جۈملىدىن خەلقىمىزنىڭ تەبىئەت، ئالەمنى چۈشىنىش، ئېتىقاد جەھەتتە باسقان مۇساپىلىرى تولىمۇ قەدىم، ئۇزۇن، كۆپ خىل. ئەگەر بۆرە توتېمىنى دېگەندە ئۇنىڭدىن ئاۋالقى توتېملارنىڭ ئىچىگە تېخىچە يېڭى بايقىلىپ، دىققەتكە سازاۋەر بولمايۋاتقانلىرى كىشىنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ ۋە ئىزدىنىش تەلەپ قىلىدۇ. بۇ بىزنى قىزىقتۇرغان مۇھىم نوقتىلارنىڭ بىرى، جۈملىدىن ھازىرقى زامان تەپەككۈرىنىڭ ئۇلارنى چۈشىنىشى، تەھلىل قىلىشى، توغرا باھا بىرىپ ئىگدارچىلىق قىلىشى ھەم چەتتە قالدۇرماسلىقى ئەلۋەتتە زۈرۈر.



    يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى مۆجىزە، دېمەك، بىزنىڭ قىزىقىش دائىرىمىز قەدىمگە تالىق.



    شېئىرىي قېزىش ھىچقانداق ئەسۋاب-جابدۇق تەلەپ قىلمايدۇ. ئۇنىڭدا لازىم بۇلىدىغىنى يۈرەك، پۇت، كۆز، مېڭە، تەپەككۈر ۋە مۇھەببەت. بارماي، كۆرمەي بىلگىلى بولمايدۇ. تەبىئەت، تۇرمۇش ھېسىياتنى ئۇرغۇتىدىغان مەنبە.



    ئىلھامنى كېڭەيتىش كېرەك. كەڭلىك ئىچىدە سىغىمچانلىققا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ. مانا بۇ سىغىمچانلىق ئىچىدە پۈتمەس-تۈگىمەس، تەسەۋۋۇر قىلىپمۇ بولمايدىغان ۋەقەلەر يۈز بىرىپ ئۆتكەن.


    سىغىمچانلىقتىكى بەلگىلىك ئوبرازلارنى بىر تارىخىي دەۋىرنىڭ سىمۋولى دېيىش مۇمكىن. ئۇ تەبىئەت ئۆزگىرىشى ھەمدە ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ جانلىق گۇۋاھچىسى، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزمۇ يايلاق مەدەنىيىتىدىن باشلانغان.



    بىزگە قارىغاندا چوپانلار تاشقاتمىغا يېقىن. چوپانلار يۇلتۇزلارغىمۇ ئىسىم قويغان. بۇ نوقتىدا ئۇلارنى ئۇلۇغلىماي بولمايدۇ. يۇلتۇزلارمۇ ئەلۋەتتە تاشقاتما.



    توتېم ۋە تاللاش قەدىمكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ جاھالەتنى بۈسۈپ چىقىش يولىدىكى مۇھىم بىر قەدەم. ئۇ ئومۇمىيلىق ۋە خاسلىققا ئىگە، بولۇپمۇ خاسلىققا. تەكلىماكان، لوپنۇر بويلىرىدا ئاپىرىدە بولغان بۇخىل مەدەنىيەت ئۇزۇن دەۋىرلەرگە قەدەر سوزۇلدى، مۇكەممەللەشتى ۋە تاللاشتىن ئۆتتى. ئۇ تۇرمۇش، ئەمگەك، كۈرەش، نەسەب، سەنئەت، يەنە ھەمدەپنە بۇيۇملىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ كەلدى. ئاندېرىسۇن چۆچەكلىرىدىكى ساھىپجاماللارنىڭ، ئۆزلىرىدىن قانچە ئەسىرلەر بۇرۇنقى لوپنۇرلۇقلار ئەۋرىشىم رەخىتلەردىن ئىشلەپ تىككەن خانىم-قىزلارنىڭ گارمۇن قاتلىقىدەك مودا شىملىرىنى، كۆركەم پەلتولىرىنى، ئالتۇن، قاشتېشى، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ ھە دىسە «ياۋايى ئادەم» لەرنى چۈشەكەيدىغان ھەمدە ئاتالمىش «ئاخىرقى بىر لوپنۇرلۇق ئايال» دەپ سەرلەۋھە قۇيۇپ رىۋايەت توقۇيدىغان فوتو سۆرەتچىلىرى ئۈچۈنمۇ رەت قىلىپ بولالمايدىغان مەدەنىيەت.

    ئەسىرلەر داۋاملىشىپ يەنە بىر تاشقاتمىلار ئۆچمەكتە، بۇزۇلۇپ كۆزدىن غايىپ بولماقتا. ئەگەر ئۇلار شېئىرغا ئايلىنىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن بولسا مالائىكىلەرنىڭ مۇزېيىدا ساقلىنىپ، كەچۈرمىشلەر ئەينەن بايان قىلىپ بېرىلگەن بۇلاتتى.



    تەبىئەت مەيۈسلەنمەيدۇ، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى شۇنى بەلگىلىگەن. تاشقاتمىلار سۆيۈشكە، قەدىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ ھازىرقى شېئىرىي رىئاللىقىمىز.


     
    «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى2007-يىل4-سان

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.