«ئەپلاتوننىڭ گۈرجىكى» قەيەردە؟

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-11 13:20:40

ۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، غەرب ئەدەبىياتىدىكى تۈرلۈك ئېقىملارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تونۇشتۇرۇلۇشى ۋە بىرقىسىم ئىزدىنىش روھىغا باي ئەدىبلەرنىڭ پروزا ئىجادىيىتىدە سىناق ئېلىپ بېرىشى ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنى ئويغىتىپلا قالماي كېيىنكى مەزگىل

     
    «ئەپلاتوننىڭ گۈرجىكى» قەيەردە؟
     
    (ئوبزور)
    ئائىشە قادىر
    ئەدەبىيات- مەنىۋى پاكىزلىق دېمەكتۇر.
     
    ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، غەرب ئەدەبىياتىدىكى تۈرلۈك ئېقىملارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تونۇشتۇرۇلۇشى ۋە بىرقىسىم ئىزدىنىش روھىغا باي ئەدىبلەرنىڭ پروزا ئىجادىيىتىدە سىناق ئېلىپ بېرىشى ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنى ئويغىتىپلا قالماي كېيىنكى مەزگىللەردىكى نۇرغۇن ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلارغا ئاساس بولدى. يېڭى ئاڭ، يېڭى ئەدەبىيات قارىشى، ئۆزگىچە تەپەككۇر ۋە ئىجادىيەت مېتودى بىلەن «ئەدەبىيات-ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ كىشىلەر مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى» دېگەن قاراشلارغا قايتىدىن سوئاللار تۇغۇلدى. مودېرنىزىملىق ئەدەبىيات ئېقىملىرىنىڭ ئاساسلىق  تۈرلىرىدىن بولغان ئاڭ ئېقىمى، مەۋجۇدىيەتچىلىك ئەدەبىياتى، سېھرى رېئالىزم ئەدەبىياتى ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش خاھىشىغا زور ئىلھاملارنى بەردى. بۇ خىل خاھىش كېيىنچە خېلى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، مەلۇم كۆلەم ۋە تەسىر شەكىللەندۈرۈپ، كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم بىر ئەدەبىيات ھادىسىسىگە ئايلاندى.
    پروزا ئىجادىيىتىمىزدىكى مانا مۇشۇنداق يېڭىلىق يارىتىش خاھىشىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ يېقىنقى مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە پەرھات تۇرسۇننىڭ  19-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن «ئەپلاتوننىڭ گۈرجىكى» ناملىق ھېكايىسىنى كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن. بۇ ھېكايىنى ئۇنىڭ مۇندىن يىگىرمە نەچچە يىل ئىلگىرى يازغان «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» ناملىق رومانىدىن كېيىن يازغان ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى كۈچلۈك، روشەن ئۇسلۇبقا، ئالاھىدىلىككە ئىگە، شۇنداقلا كىشلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ئەسەرلىرىدىن بىرى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئەسەر قىممەت چۈشەنچىسىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان، ئىدىيىدە مۇھىم تاللاشقا دۇچ كېلىۋاتقان، تەپەككۇردە بۇرۇلۇش دەۋرىدە تۇرىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش، ئەخلاق ۋە ئستېتىك قىممەت كۆز قاراشلىرىنى، ئىزدىنىش روھىنى ۋە تەنقىدىي روھىنى بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك يورۇتۇپ بەرگەن ئەسەردۇر.
    بىر يازغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نېمىنى  يېزىش، قانداق يېزىش توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە بىر يازغۇچىنىڭ بەدىئىي دىتىغا باھا بېرىشتە ئۇنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۇنىڭ باشقا يازغۇچىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە يول خېتى بولۇپ قالدى.
    غەرب ئەدەبىياتنىڭ تەسىرىدىن ۋە يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىجادىي روھىدىن بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر يېڭى پروزىچىلىقى ئىلگىرىكى شەكىل ئاساس بولۇشتىن ھالقىدى. «ئەپلاتوننىڭ گۈرجىكى» ناملىق ھېكايە قارىماققا تىلى ئاددىي، ھەجىمى قىسقا كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگىنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى روھ ۋە كۈچلۈك مىللىي روھتۇر. ئاپتور ئىددىيىسى ئەسەر ماۋزۇسىدىلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئەكس ئەتتۈرۈش نۇقتىسى ئۇيغۇر پىسخىكىسى بولسىمۇ، لېكىن بايان ۋە تىل ئۇسلۇبى ئۆزگىچە.
    بۇ ھېكايىنىڭ بەدىئىي جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بىرى تىل قوللىنىش جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى بولۇپ، ئاپتور تىل ئىشلىتىش جەھەتتە خاسلىقىغا ئەھمىيەت بەرگەن. باش پېرسوناژ تىپىكلىككە ئىگە قىلىنغان. ئەسەردىكى ئاساسلىق پېرسوناژ سادىق ھەققىدىكى قىسقىچە بايانلار، تەسۋىرلەر ئارقىلىق ئېلىكترونلاشقان  تور دۇنياسىنىڭ شاۋقۇنلىرىغا بەند بولغان ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى كىشلەرنىڭ مەنىۋىيىتى بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئېنىق تەسۋىرلىگەن. ھېكايىدە تىلىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش، يەنى، شېۋە سۆزلىرىنى، ئىدىئوملارنى جايىدا  قوللىنىش ئارقىلىق ئەسەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان، تىلنى تېخىمۇ جانلىقلىققا ئىگە قىلغان.
    «-ھەي خانقىز سىزمۇ بارمىتىڭىز ئۆزى؟ تىنىچلىقمۇ ئۇكام، ئىشىك تۈۋىدىلا تۇرغىنىنى قاراڭ. مۇشۇ خانقىززە نېمانچە قىزغانچاقتۇ، خۇددى ئۆتنىسىگە بېرىشىمىزدىن ئەنسىرىگەندەك، زادى ئۆيگە كىرمەيدۇ».
    بايان نۇقتىسى-ئەسەر بىرىنچى شەخس تىلىدا، تەرتىپلىك بايان بىلەن قىستۇرما باياندا يېزىلغان. بىرىنچى شەخىس تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ چىنلىقى، قايىل قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. ھەربىر دەۋردىكى ئەدەبىيات شۇ دەۋر ئىجتىمائىي ئىددىيسىنىڭ نامايەن قىلىنىشى. ھەربىر دەۋردە مەيدانغا كەلگەن ئەدەبىياتنى شۇ دەۋرنىڭ مەنىۋى روھىدىن،ئىجتىمائىي ھايات كارتىنىسىدىن، ئىنساننىڭ ئەخلاقىي ۋە ئىستېتىك قارىشىدىكى ئۆزگىرىشلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
    ئەسەرنىڭ مەزمۇنىدىن بىلىشكە بولىدۇكى، ئاپتور ئەسەرنى ئەنئەنىۋىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدىغان باشقىچە ئۇسۇل بىلەن يازغان. گەرچە ئەسەردە تەسۋىرلەنگىنى يېزىدىكى دېھقانلار تۇرمۇشى بولسىمۇ، ئەسەردە ئىپادىلىنىۋاتقىنى، ئەكس ئەتتۈرمەكچى بولغىنى قېلىپلىشىپ قالغان كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى ئەمەس، ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسى، مەنىۋىيىتىدىكى سىلكىنىش، ئويغىنىش، تەپەككۇر قىلىش. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىجتىمائىي تۇرمۇش تېما قىلىنغان، مۇھەببەت، نىكاھ قاتارلىق مەسىللەرنى چۆرىدىگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرگە تويۇنغان بۈگۈنكىدەك كۈندە «ئەپلاتۇننىڭ گۈرجىكى» دە تەسۋىرلەنگەن غايىۋىلىك بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كىشىنى ئويغا سالىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ، خىيالىي دۇنيانىڭ رېئال ھاياتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى ئەپلاتۇننىڭ گۈرجىكىدە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يارقىن نۇر بولۇپ گەۋدىلەندى. بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر يېڭى دەۋر پروزىچىلىقىدىكى بۆسۈش، 2400 يىل بۇرۇنقى ئەپلاتۇن ئىددىيسىنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا تېرىلىشى دېسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ.
    ئەسەردىكى سادىقنىڭ خىيالىدىكى گۈرجەك رېئال گۈرجەكتىن ئۈستۈن، مۇكەممەل تەسۋىرلەنگەن.
    «-ئۇلارمۇ ئەمەس، ئەكەلمىسىمۇ ئۆزى، كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن،-دېدى نەۋرە ئاكام چىرايىدا بىردىنلا پەرىشانلىق ئەكس ئەتكەن ھالدا. مانا شۇنىڭ بىلەن نەۋرە ئاكامنىڭ گۈرجىكى بۇ پانىي ئالەمدىن ئىزسىز غايىب بولدى.»
    بۇ ئاپتورنىڭ ئاڭ بىلەن ماددىنىڭ بىرلىكىنى ئايرىشتا قوللانغان ئالاھىدە ئۇسۇلى، يەنى بايان سەنئىتىنىڭ يۇقىرىلىقى. ئاپتورنىڭ تاللاپ چىققىنى تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددىي دېتاللار. ئاپتور ئاددىي دېتاللار ئارقىلىق چوڭقۇر، پەلسەپىۋىلىكى كۈچلۈك بولغان ھايات مەنتىقىسىنى يورۇتۇپ بەرگەن.
    «ھەممىدىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، گۈرجەكلەرگە ئوبدان زەن سېلىپ قارىسىڭىز، ئىگىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن..
    -ئۇكام قارا، مەن سەن بىلەن ئۆزى مىراس ئايرىشقىلى كىرمىدىم، داداڭدىن قالغان بۇ نەرسىلىرىڭنى ئۆزۈڭ ئىشلەت، ماڭا ئۆزى پەقەت ئۆزۈمنىڭلا گۈرجىكى كېرەك.»
    ئاپتور ئىپادىلەش سەنئىتىدە ھېچقانداق زورۇقمىغان، ئەسەردە قوللانغان بايان ئۇسۇلى ئەنئەنىۋىي بايان ئۇسۇلىدىن ھالقىپ چىققان. مەن، پېرسوناژلار ئىددىيسىنى بىر يىپتا باغلاپ ئىنسان ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيادىن كۆرە تەسەۋۋۇرىدىكى خىيالىي دۇنياسىنى مۈكەممەل بىلىدىغانلىقىنى سادىقنىڭ گۈرجىكى ئارقىلىق سادىققا يۈكلەپ تۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. بۇ نۇقتا يازغۇچىنىڭ بۇ ھېكايىسىدىكى يەنە بىر ئۇتۇقى.
    ئەسەردىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى، تەسۋىرلەرگە ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن. ئادەملەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن روھىي دۇنياسىدىكى بىردەكلىكنى تەسۋىرلەش، شۇ ئارقىلىق پېرسوناژلار خاراكتېرىنى يورۇتۇپ بېرىشتىكى بەدىئىي دىتى بۇ ھېكايىنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    «جىگەررەڭ شەپكىسىنى چۆكۈرۈپ كېيىۋالغان نەۋرە ئاكامنىڭ چاچلىرىنىڭ شەپكە سىرتىغا چىقىپ تۇرغان قىسمى شەپكە جىيىكىنىڭ چىڭ كېلىشى سەۋەبىدىن تىكەندەك تىكلىشىپ كەتكەنىدى.
    -ۋاي جېنىم ئۇكام ئۇرايىمباي، پۇل بۇزۇپ يېڭى گۈرجەك ئېلىپ يۈرگىنىڭنى قارا! بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟
    -سادىقانىكا، بۇ قانچىلىك ئىشتى، گۈرجىكىڭنى تاپالمىدىم، شۇڭا مۇشۇنى ئىشلىتىپ تۇرساڭ.
    -بۇ مېنىڭ گۈرجىكىم ئەمەس تۇرسا ئۇكام......»
    بۇ ئەسەر رېئالىزمنىڭ يېڭىچە يول بىلەن مەيدانغا كېلىشىنى، ئىنسان ئېڭىدىكى مەۋجۈتلۇقنى رېئاللىقنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشتا يېڭى بىر ئۇسلۇبقا بويسۇندۇرغان.
    ئەپلاتۇن: «يالغان سۆزلەش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى يالغان دېگەنلىك مەۋجۈت بولمىغان نەرسىدۇر، مەۋجۈت بولمىغان نەرسىنى مەۋجۈت بولمىغانلىقى ئۈچۈن كىشلەردە ئىپادىلەش ئېھتىياجى تۇغۇلمايدۇ، يەنى ئۇنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرمۇ مەۋجۇد ئەمەس » دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە، ھېكايىدىكى گۈرجەك سادىقنىڭ خىيالىدىكى، سادىق ئېرىشمەكچى بولغان مۇكەممەللەشكەن ماددىي ھايات. مۇشۇ نۇقتىدىن تەھلىل قىلساقمۇ يازغۇچى ئەسىرىدە ئۆلۈك تەسۋىر، ئارتۇقچە بايانلاردىن خالىي، قېلىپلاشقان ئادەت سۆزلىرىدىن ھالقىپ سادىقتىن ئىبارەت بىرلا پېرسوناژنىڭ خاراكتېرىنى ئۆز بايانى ئارقىلىق غايىۋىلەشتۈرۈپ «راست» بىلەن «يالغان» لىق، غايىۋىلىك بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرگەن. ئەسەردىكى پېرسوناژلار تەسۋىرى، ئاپتور بايانىدىن بىلىشكە بولىدۇكى، ئەسەرنى باشقا پروزا ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندەك سىيۇژىت بۆلەكلىرىگە ئايرىغۇدەك ئېنىق ۋەقەلىك يوق. ۋەقەلىك گۈرجەكنى قايتۇرۇپ بەرگىلى بېرىش، گۈرجەكنى ئىزدەشتىن ئىبارەت بىرلا تاق لىنىيە بويىچە داۋاملاشقان، سىيۇژىت بۆلەكلەرگە ئايرىپ تەھلىل قىلغۇدەك ئەمەس. بۇ پەرھات تۇرسۇن ئىجادىيىتىدىكى بۆسۈش، يېڭى بايقاش ھەم ئۆزگىچە ئۇسلۇب.
    ئەسەردىكى سادىقنى پېرسوناژلار خاراكتېرى نۇقتىسىدىن قانداق تەھلىل قىلىش كېرەك؟ دېگەن مەسىلە ئوقۇرمەنلەرنى ئويغا سالىدۇ. كۆپ ساندىكى يازغۇچىلىرىمىز «پروزا ئەسەرلەردە، ئەدەبىياتنىڭ جېنى-بەدىئىي ئوبراز يارىتىش» دېگەننى تۇتقا قىلىپ پېرسوناژلار خاراكتېرىنى، ھېس-تۇيغۇسىنى تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلىپ، پېرسوناژلار مەنىۋىيىتىگە بۆسۈپ كىرىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى كۆرۈنەرلىك بولمىغان، پروزا ئەسەرلەردىكى بۇ بوشلۇقنى پەرھات تۇرسۇن  ھېكايىدىكى سادىقنىڭ روھىي دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرىپ تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا ئېنىق ئىپادىلىگەن. سادىق خاراكتېرى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتتىكى سەلبىي پېرسوناژ ۋە ئىجابىي پېرسوناژلار قېلىپىنى بۇزۇپ تاشلىغان. يازغۇچى غايىۋىلەشتۈرگەن گۈرجەك ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى سادىققا باھا بېرىشكە ئويلاندۇرغان، سادىق خاراكتېرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە دەۋەت قىلغان. ئەدەبىياتنىڭ سەنئەتلىك قىممىتى يازغۇچىنىڭ تەسەۋۋۇرى، تەپەككۇرى ئەسەردە قوللانغان ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان.
    پەرھات تۇرسۇن «ئەپلاتۇن گۈرجىكى» ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى ئىزدىگەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئادەتلەنگەن روھىيىتىدىكى قاتماللىق، ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن روھىيتىدىكى خۇنۈكلۈك، مەنىۋىيىتى بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش قاتارلىق زىددىيەتلەرنى ئۇستىلىق بىلەن تەسۋىرلىگەن. يېزىدىكى نەۋرە ئاكا-ئۇكىنىڭ گۈرجەك ئارىيەت ئېلىش، گۈرجەك ئارىيەت بېرىپ تۇرۇشنى ئاساسىي ۋەقەلىك قىلىپ، گۈرجەكنى چۆرىدەپ يېزىلغان بۇ ھېكايىدە قارىماققا يېزا تۇرمۇشنىڭ ئاددىي تەپسىلاتلىرى تەسۋىرلەنگەندەك قىلىدۇ. مىللىي ئەدەبىياتىمىزغا قارىساق، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى مىللىي شەكىل. بىر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بىرىمۇ شۇ ئەسەرنىڭ مىللىي خاسلىققا، مىللىي ئاڭغا، مىللىي شەكىلگە ئىگە ياكى ئەمەسلىكىدە. ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئوقۇغان ئەسەرلىرىدە مىللىي تەم، مىللىي پۇراق بولمايدىغان، ئەسەر كىتابخانلارغا بەدىئىي زوق ئاتا قىلالمايدۇ.
    ئاپتورنىڭ تەسۋىرىدىكى سادىق ئىدېئاللاشقان پېرسوناژ. ئاپتور، سادىق روھيىتىدىكى ئادەت چۈشەنچىسى بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى بايانلارنى مىللىي تۇپراققا، ئەنئەنىۋىي ئادەتكە باغلاپ تەھلىل قىلغان. سادىقنىڭ روھىدا ئەكس ئەتكەن گۈرجەك ھادىسسى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيىسىدىكى ئاڭنىڭ قېلىپلىشىشى، ئۆزلۈكنى مەلۇم دائىرە، چەك–چىگرالار بىلەن چۈشەپ قويۇشى، ئاڭنىڭ كونتروللىقىدا بىر ئىزدا چۆرگىلىشى.
    سادىق ئوبرازىدا ئەكس ئەتكىنى مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي پىسخىكا ۋە مىللىي ئاڭنىڭ يۇغۇرۇلۇشى. بۇ خىل تەسۋىرلەر يازغۇچىنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىنى يېڭىلىققا ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلغان. ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىچىلىك ئوقۇرمەنلەرنى مىللەتنى قايتىدىن تونۇش، ئەجدادلارنىڭ روھىدىكى سادىققا سىڭگەن مىللىي روھنى چۈشىنىشنى بەدىئىي يول بىلەن ئىپادىلەش ئارقىلىق بەدىئىي ئىجادىيەتتىكى تاشقى دۇنيانى تەسۋىرلەشتىن ئىنسان ماھىيىتىنى روھىيىتىنى تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلغان. ئاڭ يۈكسەكلىكى، ئاڭنىڭ رېئاللىقتىن ھامان ئۈستۈن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەر ئارقىلىق كىتابخانلارنى ئويلىنىشقا يېتەكلىگەن.
    سادىقنىڭ ئىددىيىسىگە سىڭگەن مىللىي پىسخىكا، ئاڭ، تەپەككۇر، تۇرمۇش ئۇدۇمى مەنىۋى دۇنيانىڭ قۇربانىغا ئايلاندى. ئىدېئاللاشقان سادىق بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇق سادىقنى گاڭگىراتتى.
    يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن يېزىش ئۈچۈن يازماي ئەدەبىيات يولىدىكى ئۆز ئەقىدىسى ۋە مەنىۋى پاكىزلىقىنى سادىق تەسۋىرى بايانى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن.
    مەيلى ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى بولسۇن، يېزىلىش ئالاھىدىلىكى، تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى ماھىرلىقى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى بولسۇن، پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئەپلاتۇننىڭ گۈرجىكى» ناملىق ھېكايىسى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى پروزا ئەسەرلەر ئىچىدىكى چاقنىغان نۇر دېيىشكە بولىدۇ.
    مەن يۇقۇرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يېڭى پروزىچىلىققا قىزىققۇچى بىر ئوقۇرمەن سۈپىتىدە پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئەپلاتۇننىڭ گۈرجىكى» دېگەن ھېكايىسى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىمنى بىرقانچە نۇقتا بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ باقتىم. مېنىڭچە، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى ئۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار ئارقىلىق تېخىمۇ نامايەن بولىدۇ.
     
    ئاپتور: شىنجاڭ پېداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر بۈگۈنكى ھازىرقى زامان ئەدەبىيات يۆلىنىشنىڭ 2013-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى
     تەۋسىيە قىلغۇچى قاراتۇغنىڭ قارىشى: ماقالىدە نۇرغۇن سوئاللار قالدۇرۇلۇپ، بىر ھۆكۈم بىلەن ئوبزۇرچى بىر ئەسەرگە ئۆمۈرلۈك تامغا بېسىۋېتىشتىن ساقلانغان ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ قايتا تەھلىل يۈرگۈزىشىگە تەپەككۇر بوشلۇقى قالدۇرغان.
    توردىكى مەنبەسى: ئىزدىنىش مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.