شېئىر ئەسلىگە، شائىر ئۆزىگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ(ئەكبەر نىياز پەتتارى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-31 07:35:06

شېئىر ئەسلىگە، شائىر ئۆزىگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇئەكبەر نىياز پەتتارى شېئىر ئوتتەك قىزغىن ھېسسىيات بىلەن ئوبرازلىق تەپەككۇرغا تايىنىپ، ھەقىقەت ۋە ھايات ھېكمەتلىرىنى ئادەملەرگە كۆرسىتىپ بېرىدى...

    شېئىر ئەسلىگە، شائىر ئۆزىگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ
    ئەكبەر نىياز پەتتارى



       شېئىر ئوتتەك قىزغىن ھېسسىيات بىلەن ئوبرازلىق تەپەككۇرغا تايىنىپ، ھەقىقەت ۋە ھايات ھېكمەتلىرىنى ئادەملەرگە كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئالاھىدە تىل سەنئىتى . بۇ ھەقتە بىلىنىسكىمۇ«شائىر ئوبراز ئارقىلىق پىكىر قىلىدۇ، ئۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ بەرمەيدۇ، بەلكى ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . شائىرنىڭ كۆڭلىدە ئىدىيە ئەمەس، ئوبراز گەۋدىلىنىدۇ، ئوبراز تۈپەيلىدىن ئىدىيىنى كۆرەلەيدۇ» دەپ، خەلقىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر ئوت يۈرەك شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ «شېئىر ھېكمەتنى بايان قىلىشى كېرەك» دەپ توغرا كۆرسەتكەن . دېمەك، شېئىرغا بېرىلگەن يۇقىرىقى تەبىرلەردىن مەلۇمكى، شېئىر ھېكمەتنى بايان قىلىدىغان تىل سەنئىتىدۇر . ھېكمەت-چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرگە، گۈزەل تىلغا، ئاشۇ بالاغەتلىك تىل دولقۇنلىرى مەۋجىدىكى پەقەت پىركامىل ئادەملەردىلا بولۇشقا تېگىشلىك پاكىز ھېسسىياتقا تويۇنمىغان يېزىلمىلارنى شېئىر، بۇ خىل«شېئىر»لارنى يازغۇچىلارنى شائىر دەپ ئاتاش مۇمكىن ئەمەس.
    شېئىر ھەققىدىكى يۇقىرىقى پىكىر، كۆرسەتمىلەرنى بويلاپ ئىلگىرىلىگەندە، شېئىر يەنە ئىنسانلار ئېرىشىش بىلەن يوقىتىش ئارىلىقىدا قىلغان سۆيۈنۈش ۋە خۇرسىنىشلارنىڭ ئوخشىمىغان ماكان، زاماندا تىنىمسىز داۋام ئېتىشى بولۇپ، ئەسلىدە يىراق كەلمىشتە ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى تۈپەيلى جەننەتتىن مەھرۇم قېلىپ پانىي دۇنياغا قەدەم قويغان چاغدىلا شېئىرمۇ تەڭ پەيدا بولغان . بىز-ئىنسانلار ئەنە شۇ پاجىئەدىن ئىبرەت ئالماي يۈرگەن دەقىقىلەردە، تەڭرى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئەلچىسى شېئىر ئارقىلىق قۇلىقىمىزغا پىچىرلاپ قويدى . ئەمەلىيەتتە ھازىر بىزنىڭ «شېئىر» يېزىشىمىز دەل شۇ ئەينى چاغدىكى شېئىرنى تېپىش ئۈچۈندۇر . دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى بىز شېئىرنى ئىزدەۋاتىمىز، شېئىر بىزنى چاقىرىۋاتىدۇ . ئەمما بىز شېئىرنى ئىزدەش جەريانىدا ماھىيىتىمىزنى، ئۆز - ئۆزىمىزنى يۈتتۈرۈپ قويدۇق . ئەمەلىيەتتە شېئىرنىڭ بىز ئارقىلىق ئېرىشمەكچى بولغىنى ئۆز تەبىئىتىگە قايتىش، بىزنىڭ شېئىر ئارقىلىق ئىزدەۋاتقىنىمىز ئۆزىمىز . شېئىر ۋە شېئىر ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇرراق پىكىر يۈرگۈزگەندە، شېئىر بىز بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى ھاياتىي كۈچكە باي ئىمكانىيەت . بۇ ئىمكانىيەت ئۆز نۆۋىتىدە چەكسىز بوشلۇق-تەسەۋۋۇر بولۇپ، بىزنىڭ شېئىر يېزىشىمىز يەنە مۇشۇ بوشلۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادەملەر شېئىرىي تۇيغۇغا ئىگە، ئۆز ۋۇجۇدىغا شېئىرنى يوشۇرۇپ ياتقان باشقا مەۋجۇداتلار بىلەن ھېسسىيات، قەلب ئالماشتۇرۇش، »شېئىر« ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر ئادەمدە شېئىرىي تۇيغۇ، شېئىرىي ئېلېمېنت بولىدۇ . بىراق ئۆز ۋۇجۇدىدىكى شېئىرىي تۇيغۇ ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، شېئىرىي دىتنى توغرا بايقاپ ۋە ئۇنى مۇۋاپىق تاۋلاپ، بارلىق ئادەملەرگە ئورتاق بولغان تۇيغۇلارنى نەپىس تىل ۋە شەكىل بىلەن ئىپادىلىيەلىگەنلەرلا شائىردۇر . ئەمما بۇ ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىۋېرىدىغان ئىش ئەمەس . شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ شائىر دېگەن بۇ نام شېئىر يېزىۋاتقانلارنىڭ يۈزدىن، مىڭدىن بىرىگە نېسىپ بولۇپ كەلگەن . پەقەت خەلقنىڭ، تارىخنىڭ تاسقاشلىرىدىن ئۆتەلەيدىغان شېئىرلارنى يازالىغانلارلا بۇ نامغا ئەڭ مۇناسىپتۇر.
    شائىر بىلەن كىتابخاننىڭ مۇناسىۋىتىگە كەلسەك، بۇنىڭدا شائىر يەنىلا يېتەكلىگۈچى ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك . چۈنكى بىرەر شېئىر يېزىلىپ پۈتكەندىن كېيىن، توغرىسىنى ئېيتقاندا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتورغا تەۋە بولۇش ئۇقۇمىدىن قالىدۇ . شائىر دېگەن بۇ سەلتەنەتلىك ناممۇ شېئىر يېزىۋاتقان ھەممىلا ئادەمگە، ھەممە «شائىر»غا نېسىپ بولمىغانىكەن، كىتابخانلارغا نىسبەتەن شائىرلار، بولۇپمۇ ھەقىقىي شائىرلار يەنىلا ئاز سانلىقتۇر . ئۇلار يازغان شېئىرلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئەسلى كۆپ سانلىقلارنىڭ ئەڭ پاكىز تۇيغۇلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەندۇر . مۇشۇنىڭ ئۆزىدىنلا شائىرلار كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ، كىتابخانلارنىڭ ۋەكىلى دېگەن مەنە مەلۇم بولىدۇ . ئەمما شائىر شېئىرىنى ئېلان قىلغان، ئۇنى كىتابخانلار ئالدىغا قويغانىكەن، شېئىر ئەلۋەتتە كىتابخانلارنى مەنبە، شەرت قىلىدۇ . خۇلاسە كالام: شائىر بىلەن كىتابخاننىڭ مۇناسىۋىتى-مەلۇم شەرت ئاستىدىكى يېتەكلەش، يېتەكلىنىش مۇناسىۋىتىدۇر . بۇ يەردە شېئىر يازمىغان بىلەن پىكرىنىڭ تىرەنلىكى جەھەتتە شائىرلاردىنمۇ قېلىشمايدىغان كىتابخانلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك، ئەلۋەتتە.
    شائىر، ھەقىقىي شائىر قانداق بولىدۇ؟ دېگەن بۇ سوئال جاۋاب بېرىش بەك مۈشكۈل بولغان سوئاللارنىڭ بىرى . مېنىڭچە، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى، تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا، شېئىرى بىلەن ئۆزى بىر جان، بىر تەنگە ئايلىنىپ كېتەلىگەنلەر ھەقىقىي شائىردۇر . بۇنداق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى ھەربىر مىسرادىن ئۆز خەلقىنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدى، قايغۇ - ئازابى تۆكۈلۈپ تۇرغان بولىدۇ . مۇنداق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ھامان ئۇ شېئىرغا شۇ شائىرنىڭ ئىسمى - نامى زىكرى قىلىنمىغان ھالەتتىمۇ شۇ شېئىردىن شائىرنىڭ ئۆز تىلى، ئۇسلۇبى، ئەڭ مۇھىمى، شۇ شائىر ۋەكىللىك قىلىدىغان خەلقنىڭ ئومۇمىي ھالىتى روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرغان بولىدۇ . پۇشكىن، گوركى،  بايرون، چۇ يۇەن، ناۋائىي، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىقلار شېئىر ئارقىلىق ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان شائىرلار بولۇپ، ئۇلار پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ شان - شەرىپى ۋە ئىپتىخارى . شېئىر يېزىۋاتقانلار، بولۇپمۇ ئەقىدە بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقانلار ئىچىدە ئاز بىرقىسىملارنىڭ ئۆز ھاياتىدا بىر بۆلۈك ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يېزىپ، خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ھەقىقىي ئورۇن ئالغان بىر شائىر بولمىقى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ بۈيۈك ئارزۇسىدۇر . بىراق شېئىر ئىجادىيىتى دۇنيادىكى ئەڭ پو ئاتقىلى بولمايدىغان بىر تۈرلۈك ئالاھىدە ئىشنىڭ، ئەمگەكنىڭ، ئەڭ ھەقىقىي تۈردىكى يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغاندەك سەمەرىلىك قان - تەرنىڭ مەھسۇلى بولغانلىقى ئۈچۈن، پۈتكۈل ئىجادىيەت مۇساپىسىدە ئۆزى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ ئىلغار پىكىر، قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان، كىشىلەر سۆيۈپ ئوقۇيدىغان شېئىرلارنى يازالىغانلار ئانچە كۆپ بولمىغان . چۈنكى بەزىلەر ئۆمرىدە توم - توم شېئىرلارنى يازغان بىلەنمۇ شائىر دېگەن نامغا ئىگە بولالماسلىقى، ئەكسىچە بەزىلەر بىرەر پارچە شېئىرى بىلەنمۇ شائىر دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى مۇمكىن.
    بىزدە «ئادەمنىڭ ئىچىدە ئادەم بار» دېگەن ۋەزنى ئالتۇننىمۇ بېسىپ چۈشىدىغان بىر گەپ بار . مانا بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ ھەرقانداق ئادەمگە ئادەم بولماقنىڭ تولىمۇ تەسلىكىنى دائىم ئەسكەرتىپ تۇرىدىغانلىقى ئېنىق . مۇشۇ بىر جۈملە سۆز ئارقىلىق ئۆزىنى سوراقلاپ تۇرالايدىغان ئادەملەر ياكى شېئىر يېزىۋاتقانلار ئادەم بولماقنىڭ غۇرۇرلۇق، ئەقىدىلىك ئادەم بولماقنىڭ تەسلىكىنى قانچە ھېس قىلغانسېرى، شائىر بولماقنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ تەسلىكىنى تەستىقلايدۇ . نېمە ئۈچۈن؟
    ئۆتكەن ئەسىردە، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەتراپىمىزدا، دۇنيادا جۈملىدىن ئەسلىدىنلا مۇرەككەپلىك جەھەتتە سىرلىق تىلسىمغا ئوخشايدىغان ئادەملەرنىڭ روھىي دۇىياسىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى . دۇنيا مىقياسىدىن ئېيتقاندا، ئىقتىسادنىڭ بىر گەۋدىلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشى، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى، سىياسىي جەھەتتە كۆپ قۇتۇپلىشىشنىڭ روشەنلىشىشى، يادرو قوراللىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ياسىلىشى، ئۇرۇش ۋەھىمىسىنىڭ كۈچىيىشى، ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئاپەت خاراكتېردە يامرىشى، كۆز ئالدىمىزدىكى تۇرمۇشتا پۇلنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈشى، كىشىلەردە ئېتىقادنىڭ تۇترۇقسىزلىشىش، ئەقىدىنىڭ سۇسلىشىشى قاتارلىق بىرقاتار مەسىلىلەر ئەسلىدىنلا ئادەم بولماقنىڭ تەسلىكى ھەققىدىكى چۈشەنچە، ئۆلچەملەرنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇردى، يۇقىرىلاتتى . مېنىڭچە، مۇشۇنداق رېئاللىقتا يۇقىرىقى ئۆزگىرىشلەرنى، ئوچۇقراق ئېيتقاندا پاجىئەلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ بۇ ھەقتە ئويلانماي، بۇ ھەقتە ئازابلانماي ياشاۋاتقانلارنىڭ قۇرتتىن ھېچقانداق پەرقى يوق . يۇقىرىدا مەن شائىرلار ھەققىدە توختىلىپ: «شائىرلار )ئەلۋەتتە خەلققە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ھەقىقىي شائىرلار( كۆپ سانلىقلارنىڭ ۋەكىلىدۇر . ئۇلار ئادەملەر ئىچىدىكى ئىلغارلىق تۇغىنى ئېگىز كۆتەرگەن بىرقەدەر ئۆزگىچە ئادەملەردۇر» دېگەنىدىم . ئەمدى بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئوچۇقراق ئېيتسام، ھازىرقىدەك رېئاللىقتا ئادەم بولماق تەس، شائىر بولماق تېخىمۇ تەس.
    ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتكۈم كېلۋاتىدۇكى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۆۋەندىكى ئاۋام ئارىسىدا تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، مەتبۇئاتلاردا بىرەر پارچە ماقالە ياكى مەلۇم ئاھاڭدارلىققا، قاپىيىگە ئىگە تۆت قۇر سۆز، شوئارلارنى ئېلان قىلىپ قويغانلارنىمۇ يازغۇچى - شائىر دەپ قارايدىغان قاراش ساقلىنىپ كەلدى . بۇ نۆۋىتىدە مەسئۇلىيەت، مۇھەببەت بىلەن ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى - شائىرلارغا ھاقارەت كەلتۈردى . كۆڭۈلنى تېخىمۇ غەش قىلىدىغىنى، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاز ساندىكىلەرنىڭ ئۆزىدىمۇ «داستىخىنى چوڭ بىر نان يوق» دېگەندەك داڭلىق بولۇشقا، مەشھۇر بولۇشقا ئالدىرايدىغان تۈرلۈك پۇرسەت، سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيالماستىن ئۆزىنى ئىقتىدارلىق ياش يازغۇچى، تالانتلىق شائىر دەپ ئاتىۋالىدىغان ياكى باشقىلارنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن شۇنداق ئاتاشقا مەجبۇرلايدىغان ناچار خاھىش باش كۆتۈرۈپ قالدى، ياكى «بىرى داپ چالسا، بىرى ئۇسسۇل ئويناپ» ئاۋامنى قايمۇقتۇرۇپ قويدى . ئەسلىدە مۇنداق ناملارنى يەنىلا خەلقنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بەرگىنى دۇرۇس.
    بەزى شېئىرلاردىكى ئازاب ئېڭىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە شېئىرىي پىكىرنىڭ تۇتۇقلۇقىغا قانداق قاراش كېرەك؟!
    مەلۇمكى، بۇ دۇنيادا ئادەمنىڭ ئارزۇسى ياكى ياشاش ئىستىكىنىڭ قايسى دەرىجىدە بولۇشى مەزكۇر ئادەمنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنى تۈپ يىلتىز، شەرت قىلغان . بىراق ئادەمنىڭ دۇنيادىكى ھەممىلا ئارزۇ - ئارمىنى قېنىۋەرگەن ئەمەس . ئىنسان قەلبىدىكى ئارزۇنىڭ تولۇق قانماسلىقى ھاياتنىڭ ئازابلىق بولۇش قىسمىتىنى بەلگىلىگەن ياكى ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، بۇ ئازاب ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەقدىرىدىن باشلانغان . شۇڭا، ئىنسانلارغا ھايات ھەقىقەتلىرىنى ئىسپاتلاشنى ئەمەس، كۆرسىتىپ بېرىشنى ئۆز ئوبيېكتى قىلغان شېئىر ياكى ئەدەبىيات - سەنئەتتە ئازاب ئېڭىنىڭ ئەكس ئېتىشى نورمالنى ئىش . مۇھىمى، ئازابنى قانداق شەكىلدە، قايسى دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈشتە . ئەمما نوقۇل ئازابلا يەنە شەخسنىڭ ماددىي، مەنىۋى دىشۋارچىلىقلىرى ئەكس ئەتكەن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەلقنىڭ قايغۇ - ئازابىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغان قىلچە ئۈمىد - ئىشەنچ تۇيغۇسى بولمىغان ئەسەرلەرنى ھېچكىمنىڭ ياقتۇرمايدىغانلىقى ئېنىق.
    ئادەمنىڭ بىلىش، ھېس قىلىش پسىخىكىسىدىن ئېيتقاندا، ئوچۇق، زاھىرانە تۇرغان نەرسىلەرگە بىر قېتىم قىزىقسىمۇ ئىككىنچى قېتىم قىزىقمايدۇ . شېئىر ئەبەدىيلىككە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان توختاۋسىز ئېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆز ۋۇجۇدىغا يوشۇرغان ياكى ھەربىر شېئىر ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنە مۇقىم، نىسبەتەن تۇرغۇن ھالەتتە بولماسلىقى، ئادەم شۇ شېئىرنى ھەربىر قېتىم ئوقۇغاندا يېڭىدىن يېڭى تۇيغۇلارغا، سوئاللارغا چۆمۈلۈشى، شېئىرمۇ ھېكمەت بىلەن تويۇنۇپ ئۆزىدىن ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇشى كېرەك . بىراق بۇ شەرتنى ئورۇنلايمەن دەپ شېئىرنى ھېچنېمىسىنى بىلگىلى بولمايدىغان «قاراڭغۇ جاڭگال»غا، جاۋابسىز تېپىشماققا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن، يەنە بۇنىڭدىن قورقۇپ شېئىرنى بىرلا ئوقۇغان ئادەم ھەممىنى چۈشىنىۋالىدىغان چاقىرىق، شوئار قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش زۆرۈر . ئالدىنقى يىللاردا كىتابخانلىرىمىز بۇ خىل چاقىرىقسىمان شېئىرلاردىن يەتكۈچە زېرىكتى، بىزار بولدى...
    خۇلاسە قىلغاندا، شېئىر پەيدا بولغاندىن تارتىپ، ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ دەۋرىدىكى «ئەسلى»دىن، ھەقىقىي شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىن كۆزەتكەندىمۇ ئۇلار تىنىمسىز ھالدا «ئۆزى»گە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ . شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى، بىز شېئىر يېزىش جەريانىدا «ئەسلى شېئىر»نى ۋە «ئۆزىمىز»نى تاپالايمىز.

    شېئىرلار

    تەسەللى

    قەلبىمگە چاڭ سېلىپ تۇرغىنى نېمە؟
    ئېھتىمال بىر شادلىق ياكى بىر ئازاب.
    توسقۇنسىز خىيالىم خۇددى مەست كېمە،
    دولقۇنلار باغرىدا يوقايدۇ ئۇزاپ.

    ئازابسىز ياشىماق ئازابقۇ ئاخىر،
    يوق قىلىش مۇمكىنمۇ قايغۇ - ئەلەمنى؟
    تەسەللى بولمىسا مىسرالار-شېئىر،
    باغاشلاپ ئۆتمەستىم قەغەز - قەلەمنى.

    خۇشاللىق دەملىرى قىسقا بولسىمۇ،
    چاقماقلار تەڭ كەلمەس سۈرى - لەرزىگە.
    ھەر كۈنۈم ئېيتقۇسىز دەردكە تولسىمۇ،
    مەنىلەر يۈكلىدىم ھايات ۋەزنىگە.

    ئۈمىدتىن بەزگەنلەر ئۆلۈككە ھېساب،
    تۇرمۇشتا يەنىلا مۇھەببەت، قۇت بار.
    كۈلمەكتە ئەجرىمدە گۈللەر رەڭ ياساپ،
    يۈرەككە ئېتىقاد تاشلىغان ئوت بار.

    ئەمەسمەن تەقدىرگە، قىسمەتكە رايىش،
    سىنايدۇ، تاۋلايدۇ روھىمنى ئازاب.
    بىھاجەت ئۆزگىگە غۇتۇلداش - كايىش،
    ئازابلار باغرىدا كېتىمەن ئۇزاپ...

    تەلمۈرۈش

    كەل، ئازاب باغرىمغا بىردەم چۆككىلى،
    مەنمۇ زار بولدۇم مۇڭۇمنى تۆككىلى.
    يازغىلى بولمايدۇ تاڭ مىسرا - شېئىر،
    نى زامان ئىلھام پەرىسى مۆككىلى.

    كىم مېنىڭ بەختىمگە ھامىي بىلمىدىم،
    رەقىبىم تەييار ئىشىمنى سۆككىلى.
    نەدىسەن نۆۋەر چېغىم سۆيگەن گۈلۈم،
    يا نىيەت قىلدىڭمۇ تەنھا ئۆتكىلى؟!

    ياشاش يولى

    ئۇنتۇشمۇ ئۆيىمنىڭ سىرتىدا تۇرغان،
    قورقۇپ ۋە ئاۋايلاپ ئالىمەن قەدەم.
    نېمىدۇر روھىمدا تىنماي لەڭ ئۇرغان،
    ئاھ، مېنى ئۈندىگەن بولۇشقا بەردەم؟

    سىر بولۇپ ياتىدۇ ئوتتۇز پەلەمپەي،
    شاھىدتەك ئۈمچىيىپ ئۆتكەن كۈنۈمگە.
    تۇرمۇشنىڭ غەملىرى ياساپ قانات - پەي،
    ئۇچۇرار ئەرشكە، بەلكى ئۆلۈمگە.

    بىر شادلىق تۈپەيلى بىر ئۇھ تارتىمەن،
    بۇ ئېنىق ھەر ئۇھتا دەردلەر بىھېساب.
    نامراتلىق ۋەجىنى كىمگە ئارتىمەن،
    ئالغاندا مائاشنى قىلىشىپ ھېساب؟

    قىزىمنى مەكتەپكە ئاپىرىش كېرەك،
    ئېھتىمال تەگەيدۇ يەنە مۇئەللىم.
    ئىشخانا، يوقلىما كۈتمەكتە-كۆرەك،
    لىفىتمۇ ئىشلىمەي بوپ قالدى دائىم.

    يول تاپقىن، پۇل تاپقىن دەيمەن ئۆزۈمگە،
    موھتاجلىق كۆكلەيدۇ بېدىگە ئوخشاش.
    ياش ئېلىپ گاھىدا قارا كۆزۈمگە،
    ئويلايمەن: نەقەدەر قىيىن - ھە، ياشاش؟!

    پەرىشتىدىن قورقۇش

    مەن، سەن-تۆمۈر ئۇۋۇندىسىنى،
    ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتقان،
    نېمە زادى پەرىشتە بولماي؟!

    ئاپئاق - ئاپئاق گۈللەرگە ئوخشاش،
    پەرىشتىلەر كۈلەر چېچەكلەپ،
    دوختۇرخانا - باغنىڭ ئىچىدە.
    كۈلۈمسىرەپ چاقىرىشلىرى،
    ياڭراپ تۇرار كۈندۈز - كېچىدە.

    ئوتقاش رەڭلىك كرېست بەلگىسى،
    تېلېۋىزور، گېزىتكە بېزەك،
    ئەسكە سالار ھايات - ماماتنى.
    ئاغرىپ قالغۇڭ كېلىدۇ گاھى،
    باغاش ئېتىپ سوغۇق كارىۋاتنى.

    رەستىلەردە يۈرسەڭ بەھۇزۇر،
    پەرىشتىگە قالار ئايلىنىپ،
    ئىستولبىلار، ئېلان تاختىسى.
    ئاغرىساممۇ دەيمەن ئۆزۈمگە،
    يېتىپ قالما توغرا، ياخشىسى.

    دال بولمايدۇ چۈنكى ئوكۇلغا،
    ئۆچىرەتلىك تەكشۈرۈشلەرگە،
    ئائىلەمنىڭ پۈتكۈل ئاقچىسى.
    مېنى باغقان دېھقان ئاتامنىڭ،
    يىللىق ئەجرى ئۈزۈم، پاختىسى.

    قىزىم قورقۇپ زۇكام، يۆتەلدىن،
    تومۇزدىمۇ قېلىن كىيىنىپ،
    مەكتىپىگە ماڭىدۇ قېيىداپ.
    مەن ئەركەكلىك ۋەھىمىسىدە،
    مەي ئىچمەيمەن ھەممىگە چىداپ.

    كىم بىلىدۇ ھەرقانداق جايدا،
    يۈز بېرىشى مۇمكىن ھادىسە،
    مېنى سۆرەپ دوختۇرخانىغا.
    كىرمىسىمۇ مەيلى پەرىشتە،
    چۈشلىرىمنىڭ گۈلىستانىغا.

    باھار كۆلگە قونغان ئاققۇدەك،
    پەرىشتىلەر يۈرۈيدۇ ئەگىپ،
    تۆكۈپ مېھىر، تاشلاپ قانات - پەي.
    ئۇنى قولغا ئالايچۇ دەيمەن،
    ئالالمايمەن يەنىلا ھەي - ھەي.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.