ئەنئەنىنىڭ ھىممىتى ۋە قىممىتى(ئەخمەتجان خۇما)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-07 05:37:22

ئىجادىيەت-ئوبزور ئەنئەنىنىڭ ھىممىتى ۋە قىممىتى ئەخمەتجان خۇما بالىلارنىڭ ئۆستەڭ بويلىرى، دالا-قىرلار، مەھەللىلەردىكى خوشال-خورام ئويۇنلىرى، قىقاس-چۇقانلىرى، ناخشا-قوشاقلىرى ئاستا-ئاستا تار...


    ئىجادىيەت-ئوبزور



    ئەنئەنىنىڭ ھىممىتى ۋە قىممىتى
    ئەخمەتجان خۇما
     
     
     
         بالىلارنىڭ ئۆستەڭ بويلىرى، دالا-قىرلار، مەھەللىلەردىكى خوشال-خورام ئويۇنلىرى، قىقاس-چۇقانلىرى، ناخشا-قوشاقلىرى ئاستا-ئاستا تارىخقا، رىۋايەتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئادىمىلىك، سەمىمىيەت، مەردانىلىق، ئەقىل-پاراسەت..... ھەققىدە ئېيتىشىدىغان قوشاقلىرى؛ ھەر دىلغا خۇشلۇق بەخش ئېتىدىغان چۆچەكلىرى؛ كىشىنى ئاجايىپ ساماۋى تۇيغۇلارغا چۆمدۈرۈپ، باي تەسەۋۋۇرغا ئىگە قىلىدىغان ئەپسانىۋى ھىكايىلىرى كىتاپلاردىن ئورۇن ئېلىپ بالىلارنىڭ ئوقۇشىنى كۈتۈپ ياتماقتا. شۇنىڭغا ئەگىشىپ بالىلاردىكى شائىرانە ھازىرجاۋاپلىق، پالۋانلارچە چەبدەسلىك، يۇلتۇزلاردەك چاقناپ تۇرغان پاراسەت تۆت تامنىڭ ئىچىگە بەنت بولۇپ، ئاللىقانداق «ئاۋتېمەن»، يىشيۇلارغا بولغان ھەۋەسكە ئورۇن بوشاتتى. بىز بالىلارغا بەلكىم ئەشۇ «باتۇر» ۋە چېچەنلىرىنى قويۇپ تۇرۇپ ئوغۇزخان، سادىر پالۋان، سىيىت نوچى، توختاخۇن جانباز، غەنى باتۇرلارنىڭ گېپىنى قىلساق ھەيران بولغان ھەم مەنسىتمىگەن ھالدا كىم ئۇ؟ دىيشى مۈمكىن. يىشيۇنىڭ ئالدىدا نەسرىدىن ئەپەندى بوينىنى قىسىپ قېلىشى مۈمكىن.
       بىزدىمۇ «شىر پادىشاھ»تىن قىزىقارلىق ۋە  ئىنتايىن جەلپ قىلارلىق چۆچەك، مەسەللەر؛ «ئالتۇن يارۇق»تەك جىن-ئالۋاستىلارنى سۈر-توقاي قىلىدىغان ئەپسانىلەر؛ «ئىككى تېكىننىڭ ھىكايىسى»دەك گۈزەل رىۋايەتلەر بار ئىدى. كۆڭۈلنى كۆڭۈلگە ئۇلاپ قېرىنداشلىقنىڭ خاسىيىتىنى تونۇتىدىغان ئۈچ ئوغۇل ھەققىدىكى تۈگىمەس ھىكايىلىرىمىز، پاراسەت ۋە ئەقىلنىڭ دۇردانىلىرى چاقنايدىغان «ئۈژمە سايىسى» بار ئىدى. بولغاندىمۇ بەك كۆپ، بەك كۆپ ئىدى. بالىلىرىمىز بۇنى بىلمەي قېلىۋاتىدۇ. بىلىشكىمۇ قىزىقمايۋاتىدۇ. توغرىراقىنى ئېيتقاندا، بىز بالىلارغا بۇلارنى بىلدۈرۈش پەرىزىمىزنى ئادا قىلالمايۋاتىمىز. تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىكى بىز بالىلارنى تەبىئەتنىڭ كەڭ قوينىغا قويىۋېتىشنىڭ ئورنىغا سىرتقا چىقارماي ئۆيگە سولىۋېلىۋاتىمىز. بىردەم تالاغا چىقسىلا كەينىدىن قوغلاپ يۈرۈپ يەنە ئۆيگە بەنت قىلىۋېلىۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن بالىلىرىمىز سىرت بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ھالدا تەنھا پېتى ئېكران بىلەن ئاداش بولۇشقا مەجبۇر بولىۋاتىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى ۋە كەلگۈسىدىكى بالىلار تېلىۋېزور ۋە كومپىيۇتېرغا يەم بولغان ھالدا بالىلىقنىڭ غەمسىزلىك، شوخلۇقلىرىنىڭ ھەقىقى تەمىنىڭ نىمىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيلا لوڭڭىدە چوڭ بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. ئۇلار سەزمەيلا قېلىشى مۈمكىن. بۇ  ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەجەللىك بىر كەمتۈكلۈكنى ئۆمۈر بويى تۇغما كېسەلدەك كۆتىرىپ يۈرۈيدۇ.
       بالىلاردىكى تىنىمسىزلىق  ئۇلاردا ھەركەتنىڭ كۆپ بولىشىنى شەرت قىلىدۇ. ھەركەتنىڭ كۆپ بولىشى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە ھەركەت ئېنىرگىيىسى پەيدا قىلىپ ساغلام، تېز چوڭ بولىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. باشقىسىنى دىمىگەندىمۇ ھەركەتنىڭ ئازلىقىنىڭ ئۆزىلا بالىلاردا ساقلىنىپ قالىدىغان ئەڭ چوڭ ۋە ئەجەللىك كەمتۈكلۈك. بۈگۈن بالىلىرىمىزنىڭ تېلىۋېزور ئالدىدىن ئايرىلالماسلىقى ئۇلارنىڭ ھەركىتىنىڭ ئازلاپ، ئېنىرگىيە تولۇقلاشقا ۋە ئالماشتۇرۇشقا پۇرسەت بولمايۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى. ئۇلار مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ. نۇرغۇن خۇشلۇق، بالىلىق ھاياتنىڭ لەززىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆملۈك، ئىنسانى مۇناسىۋەتنىڭ نازۇك جەريانلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپ باشتىن كەچۈرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ. ئۇلار شۇ قەدەر يالغۇزكى، ئۆيگە بەنت بولغان ھالدا خۇشلۇق، خاپىلىقنى تەڭ كۆرىدىغان دوستلۇقتىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بالىلىقىمىزدا بىر قوشىقىمىز بولىدىغان:
           ئاداش، ئاداش بولايلى
           بىر نان تاپساق تەڭ يەيلى.
    دەيدىغان. شۇنداق ھېكمەتنىڭ بارلىقى ھەممىمىزگە ئايان:
             تەڭ يىگەن تەنگە سىڭەر،
          يالغۇز يىگەن يەرگە (سىڭەر)
    ھازىرقى بالىلارمۇ بىزگە ئوىشاش ئۆملۈك، ئىتتىپاقلىق ئاساسىدىكى ئاسايىشلىق ئىچىدە چوڭ بولىشى كېرەك ئىدى، ئۇلارنىڭ شۇنداق ھوقۇقى بار ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ شۇ ھوقۇقىنى بىز تارتىۋېلىۋاتىمىزمۇ قانداق؟
      بالىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان ھالدا يىگانىلىققا مەھكۇم بولۇپ ئەسلىنى ئۇنتۇشقا قاراپ گاراڭلارچە كېتىۋاتقاندا، بەلكىم مۇھەممەتجان ئابلىز بۆرىيار رەتلەپ تۈزگەن « ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى»نى كۆرۈپ قالسا چۆچەكلەردەك بىلىنىشى تۇرغانلا گەپ. چۈنكى ئۇلار مەھرۇم قالغان ئەمەسمۇ؟!
      بۈگۈنكى بالىلارنىڭ چۆچەكچى بوۋىسى، مومىسى؛ ئويۇنچى، قىزىقچى دوستلىرى يوق؛ داستانچى، ھەزىلكەش ۋە ھەييار ئەل قىزىقچىلىرى، ھاپىزلىرى تېخىمۇ يوق. ئۇلار ئۈچۈن 24 سائەت ئۇيقۇ، تاماقسىز پېتى تېلىۋېزور ياكى كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ قوچاق فىلىم كۆرۈش، ئويۇنچۇق ئويناش ئەڭ جەلپ قىلارلىق ۋە ھاياتىنىڭ لەززىتى. تېلىۋېزور بىلەن كومپىيۇتېر ئۇلارنىڭ دوستى، ئويۇنى، خۇشلىقى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆيدىن چىقماي ئېكرانغا تىكىلگەن پېتى يەككە-يىگانە ھالدا بالىلىقىنى، شوخلىقىنى، ئەقىل-پاراسىتىنى تەرەققىياتنىڭ ھاسىلاتلىرىغا تاشلاپ بېرىپ،  قاتتىق چارچىغان، ھارغان، روھسىزلانغان، ئۇيقۇسىرىغان ھالىتىدە بالىلىقىنىڭ قايسى باياۋاندا چۈشۈپ قالغىنىنى تۇيمايلا قالىدۇ. ناۋادا ئۇلاردا ئويۇن بولغىنىدا ئىدى مەھەللىلىرىمىز، ئۆيلىرىمىز، كوچا-كويلىرىمىز قايتىدىن ۋاڭ-چۇڭغا، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولار ئىدى. ئۇلاردا ئويۇن بولغىنىدا ئىدى، ئويۇن ئارقىلىق ھەركەت، ھەركەت ئارقىلىق پاراسەت، پاراسەتتىن ئىزدىنىش، ئىزدىنىشتىن تەسەۋۋۇر، تەسەۋۋۇردىن ئىجاد پەيدا بولاتتى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ھەركەت جەريانىدا ئۇلارنىڭ بوشىشىپ قالغان ئۇگا-ئۇگىلىرىغا ئىسسىق ئۆتۈپ جىسمانىيىتىلا ئەمەس روھىيىتىمۇ جانلىناتتى. ئادەمگە نىسبەتەن روھىيىتدىكى جانلىنىش ۋە جۇشقۇنلۇق ئاجايىپ جاسارەت پەيدا قىلىدىغان كۈچ. شۇنداقلا بولسا بالىلىرىمىز بىز قاتتىق خاپا بولغان ئاغرىنىۋاتقان بۈگۈنكى چۈشكۈن، ئىش خوشياقماس، تەپسە تەۋرىمەس ۋە ئېزىلەڭگۈلەردىن بولماستىن يۇلتۇزلاردەك چاچراپ تۇرىدىغان جۇشقۇن ۋە روھلۇق بولۇپ بىزنى قانائەتتىن خۇش قىلماسمىدى؟! دەرىخكى، بۇ مۈمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. بالىلار ئۇنتۇپ كەتتى، ئۇنتۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئەنئەنىدىن يىراقلاپ ئويۇن، چۆچەك، قوشاقلىرىنى؛ رىۋايەت، تېپىشماق، داستانلىرىنى ئۇنتۇپ كەتتى. بۇرۇن بالىلار ئۆزلىرى ئويۇن تەشكىللەپ ئوينىيالايىتتى، نۇرغۇن چۆچەك، قوشاق، ھەزىللەرنى بىلەتتى، توقۇيالايىتتى، بىر-بىرىگە يەتكۈزەتتى. ھازىرچۇ؟ يوق!  ئۇۇلار بىلمەيدۇ، سۆزلىيەلمەيدۇ، توقۇيالمايدۇ، تۈزەلمەيدۇ. شۇڭا زۆرۈر بولغاندا كىتاپقا مۇراجەت قىلماي ئامالى يوق. بىر ئەلگە بىر يولباشچى بولمىسا بولمىغىنىدەك بالىلارمۇ بىر دۇنيا بولۇش سۈپىتى بىلەن باشچى، يېتەكچىسى بولۇشقا مۇھتاج ھەم چوقۇم شۇنداق بولىشى كېرەك. باشچىسى بولمىغان توپ چوقۇم ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ. بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار كىچىكىدىن باشلاپ بىر كوللىكتىپ ۋە بىر باشچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىسا ئۇلاردا چېچىلاڭغۇلۇق ۋە باشباشتاقلىقنىڭ بىخلىنىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئىناقلىق ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئاساسىدىكى بىرلىكنىڭ خاسىيىتىنى تونۇپ چوڭ بولىشىغا پايدىسى بار. بالىلار شۇنداق چوڭ بولسا ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىتلەنسەك بولىدۇ. ئەكسىچە بولسا بالىلاردىن ۋايىم يىمەي تۇرالمايمىز. شۇڭا بالىلاردا بىر كوللىكتىپ، بىر يولباشچىنىڭ بولىشى بالىلارنىڭ شاتلىقى بولسا بىزنىڭ تەلىيىمىز. بۇرۇن بار ئىدى، مەھەللە-مەھەللىلەردە سەركىنىڭ كەينىدىن دۈكۈرلىشىپ ماڭغان قويلاردەك بالىلارمۇ باشچىسىنىڭ كەينىدىن ماڭاتتى. ئۇ بالىلارنى ھەر خىل ئويۇنلارغا ھەتتا جىدەل-ماجرالارغا ئۇيۇشتۇراتتى. ھېچكىم ئۇنىڭغا بويسۇنماسلىققا پېتىنالمايىتتى. چۈنكى بويسۇنمىسا يېتىم قالاتتى. بۇ توپتا سۆزمەنلەر، چەبدەسلەر، كۈچتۈنگۈرلەر، پاراسەتلىكلەر، چېچەنلەر، ھەزىلكەشلەر.... ۋاي-ۋۇي ھەممە، ھەممىسى تېپىلاتتى. سۆزمەنلەر ھىكايە-چۆچەك ئېيتسا بالىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ تۈندىن تاڭغىچە،  ئەتىگەندىن كەچكىچە ھەۋەس بىلەن ئاڭلايىتتى؛ كۈچتۈنگۈرلەر چېلىش دىگەندەك پالۋانلىق ئويۇنلىرىدا ھەممىنى يىقىتىپ غاەلىپلارچە گىدىيىپ نوچىلىق قىلاتتى؛ چېچەن ۋە پاراسەتلىكلەر ھەر خىل ئويۇنلاردا ئۆز گۇرۇپپىسىنىڭ قارشى تەرەپنى يېڭىشى ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىشەتتى؛ چەبدەسلەر ھەركەتلىك ئويۇنلاردا ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ قارشى تەرەپنى لەت ۋە ئوسال قىلاتتى. شۇڭا ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينىغاندا ئىككى تەرەپنىڭ بىردىن ۋەكىلى رامبۇتلىشىش (ئادەم تاللاش)تا نوچىلارغا نوچىلار، چېچەنلەرگە چېچەنلەر پەر كەلتۈرۈلۈپ تاللىشاتتى.  ئويۇنلاردا كېلىشەلمىسە، ئۇرۇشۇپ قالسا جايىدا بىر تەرەپ قىلالايدىغان «دېپلۇمات»لار، كېلىشتۈرگۈچىلەر، دادخاھلار بار ئىدى.  ئويۇندا رىقابەت كەسكىن بولۇپ، چۆجە-خورازلاردەك بازغىشىپ كەتكەنلەر ئويۇندىن چۈشسىلا بايىقى دۈشمەنلىكنى ئۇنتۇپ قول تۇتۇشۇپ ماڭاتتى. ئىشقىلىپ ھەر ئىشنىڭ چەك-چېگرىسى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ ۋاقتى-قەبرەلى، بەلگىلىمىسى بولاتتى. بۇلار ھەر كاللىدا ئېنىق بولۇپ بىر كىم ئۆگەتمىسىمۇ ئويۇن جەريانىدا تەبىئى ئۆگىنىپ كېتەتتى. نىمىنى قىلىش، نىمىنى قىلماسلىق ھەر كىمگە ئايان بولغاچقا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار دەرھال كۆپچىلىكنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىسا چىدىماسلىق داۋاملىق قائىدىگە بويسۇنمايدىغان يەكلىنەتتى. قائىدە دىگەن ئەنئەنىنىڭ ئۆزى شۇ. ئەنئەنە ئالدىدا ھەرقانداق كىشى بېشىنى ئەگمەسلىككە پېتىنالمايىتتى.
        ئەنئەنە بالىلار قەلبىدە مۇقەددەس ئىدى. شۇ مۇقەددەسلىك قېنى؟ بۈگۈنكى بالىلاردا شۇنداق ئەنئەنىۋى ئومۇمى ئورتاقلىق بارمۇ؟ مېنىڭچە بىزنىڭ بالىلىرىمىزدا ئورتاقلىق ۋە ئەنئەنە يوق!  ئەنئەنىنى بالىلارغا بىلدۈرۈش، ساقلاپ قېلىش زۆرۈرىيىتى بالىلار ئۈچۈن بىر قامۇس تۈزۈش تەقەززاسىنى پەيدا قىلغان بۈگۈنكى كۈندە مۇھەممەتجان ئابلىز بۆرىيار «ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى»نى مۇۋەپپىقيەتلىك تۈزۈپ چىقتى ۋە نەشر قىلدۇردى.
       «قامۇس»نىڭ نەشر قىلىنىشى تەرەققىياتنىڭ ئەنئەنىنى ئۈزلۈكسىز يالماپ يۇتىۋېتىشى  مۇقەررەرلىشىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە ئالقىشلاشقا، ئاپىرىن ئېيتىشقا تېگىشلىك خاسىيەتلىك ئەمگەك.  ئەنئەنە بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ماددى، مەنىۋى كاپالەت بولۇپ، ئەنئەنىدىن ئايرىلىپ قېلىش ياكى يوقىتىپ قويۇش ئەسلىنى ئۇنتۇغانلىق بىلەن باراۋەر. شۇنداقلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى. ئەمما تەرەققىيات ھەممىنى بىر بىرلەپ يۇتىۋېتىدۇ. بۇ مۇقەررەرلىكنى ئۆزگەرتىش مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا يوقىلىپ كېتىۋاتقان ئەنئەنە ۋە ئېغىز ئەدەبىياتى بايلىقلىرىمىزنى خاتىرىگە ئېلىش شەكلى بىلەن ساقلاش ۋە كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز. بۇ يالغۇز مەلۇم شەخس ياكى تەشكىلاتنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە بولماستىن ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ بۇرچى. مۇھەممەتجان ئابلىز بۆرىيار ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىپ، يوقىلىشقا قاراپ كېتىۋاتقان بايلىقلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ خاتىرىسىنى يازدى. ئۇ تۈزگەن «قامۇس» خۇددى پىروفىسسور ئوسمان ئىسمايىل تارىم ئەپەندى مۇئەييەنلەشتۈرگەندەك، ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى بايلىقىمىزنى ساقلاشتىكى تۇنجى مۇكەممەل ئىلمى دەستۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇشچانلىققا، پايدىلىنىشچانلىققا ئىگە بولۇپلا قالماستىن يەنە ساقلاش قىممىتى بىلەن ھەر بىر كىشىنىڭ قەدىرلەپ ساقلىشىغا ئەرزىيدۇ. ئۆگىنىش قىممىتى بىلەن بالىلارنىڭلا ئەمەس چوڭلارنىڭمۇ ئەنئەنىنى بىلىش، كېيىنكىلەرگە يەتكۈزىشى ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. تەتقىقات قىممىتى بىلەن ئەنئەنىمىز، يەر-جاي ناملىرىمىز، تىل تەرەققىياتىمىز، مەدەنىيىتىمىز، ئۆرپ-ئادىتىمىز، پىسخىكىمىز، ئەدەبىياتىمىز، مىجەز-خاراكتىمىز........ ھەققىدە قىممەتلىك تەتقىقات ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ....
      بالىلار «قامۇس»نى كۆرسە بۇرۇنقى قاينام-تاشقىنلىق، ئۆملۈك نامايان بولىدىغان ھەقىقى بالىلار تۇرمۇشىنى غۇۋا ھېس قىلىشى مۈمكىن، چوڭلار ئۆزلىرىنىڭ بالىلىقىنى، بالىلىقتىكى كەپسىزلىك، شوخلۇقلىرىنى، خوشاللىقلىرىنى سېغىنىپ ئەسكە ئېلىشى مۈمكىن؛ تەتقىقاتچىلار قىممەتلىك تارىخى ئۇچۇرلار ۋە مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى بايقىشى مۈمكىن. ئوقۇتقۇچىلار ئەنئەنە ۋە ئادىمىلىك تەربىيىسى بېرىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشقا تەرەددۇت قىلىشى مۈمكىن. بىزمۇ بالىلىرىمىزغا نىمىنى ئۆگەتمەكچى بولساق، «قامۇس»نى ۋاراقلىشىمىز مۈمكىن....
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.