شېئىرىيەتتىكى مەنىۋى مۇھىت (ئابدۇللا تۇردى )

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-24 17:13:30

شېئىرىيەتتىكى مەنىۋى مۇھىت ئابدۇللا تۇردى مەنىۋى مۇھىت ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەنگەن تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ئەسەردە ئىپادىلەنگەن لېرىك ھېسسىياتنىڭ بىرلىشىشىدىن شەكىللىنىدىغان بە...

    شېئىرىيەتتىكى مەنىۋى مۇھىت

    ئابدۇللا تۇردى

    مەنىۋى مۇھىت ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەنگەن تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ئەسەردە ئىپادىلەنگەن لېرىك ھېسسىياتنىڭ بىرلىشىشىدىن شەكىللىنىدىغان بەدئىي مەنزىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدا، بىرىنچىدىن، تۇرمۇشتىكى ئوبرازلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، سەنئەتكارلارنىڭ ھېسسىي غايىسى يارىتىلغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا، مەنىۋى مۇھىت ئادەتتە، مەنزىرە ئىچىدىكى ھېسسىيات، ھېسسىيات ئىچىدىكى مەنزىرە دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

    مەنىۋى مۇھىت ئوبيېكتىپ مەنزىرە بىلەن سوبيېكتىپ ھېسسىياتنىڭ بىرىكىشىدۇر. ئۇ، سەنئەتكارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىدىن ئالغان تەسىراتىنى بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ يېڭى بىر مۇھىت يارىتىشىدۇر.

    مەنىۋى مۇھىت ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ۋە يازغۇچىلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. تۇرمۇش ھادىسىلىرى خىلمۇخىل، رەڭگارەڭ بولغانلىقتىن بەدىئىي مۇھىت دائىرىسىمۇ چەكسىز، كۆپ خىللىققا ئىگە بولىدۇ. مەنىۋى دۇنيا بىلەن ئوبيېكتىپ مۇھىتنىڭ بىرلىشىشى جەريانىدا ھېسسىيات تەرەپكە ئېغىشمۇ، مۇھىتقا ئېغىشمۇ بولۇپ تۇرىدۇ.

    شېئىرىيەتتىكى مەنىۋى مۇھىت ئادەتتە «ئۆزلۈك مۇھىت» ۋە «ۋاستىلىك مۇھىت» دەپ ئايرىلىدۇ. «ئۆزلۈك مۇھىت» تا «مەن» ئاساس قىلىنىپ، «شەيئى» كۈزىتىلىدۇ. «ۋاستىلىك مۇھىت»تا «شەيئى» ئارقىلىق «شەيئى» كۆزىتىلىدۇ.

    شېئىردا شائىرنىڭ بىۋاستە ھېسسىياتى ۋە تەسىراتى يېزىلغاچقا، مەيلى ھېسسىيات بىلەن مەنزىرە بىرلەشسۇن ياكى شائىر ئۆز ھېسسىياتىنى مەنزىرە ئىچىگە سىڭدۈرگەن ئاساستا، مەنزىرىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى يازسۇن، ئوخشاشلا مەنىۋى مۇھىت شەكىللىنىدۇ. بىراق ئاپتور تۇرمۇشتىكى شېئىرىي دېتالنى بايقىيالمىسا ياكى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش تەسىراتىنى يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئىپادىلىيەلمىسە، باشقىلارنىڭ يازغانلىرىنى تەكرارلاپ قويسا، ئۇنداق شېئىرلاردا مەنىۋى مۇھىت شەكىللەنمەيدۇ. دېمەك، مەنىۋى مۇھىت ئاپتوردىن شائىرانە نەزەر، لېرىك ھېسسىيات ۋە بەدىئىي ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.