ئاكام ئەركىنجان ئەمەتنى ئەسلەيمەن(ئەسئەت ئەمەت)

يوللىغۇچى : AsatAmat يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 18:28:10

ئاكام ئەركىنجان ئەمەتنى ئەسلەيمەن ئەسئەت ئەمەت مېھىر - شەپقەتلىك، مۇلايىم ئاشۇ ئاكامنىڭ قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن «27 - مارت پاجىئەسى»گە ئۇچراپ بىزنى مەڭگۈ ئويغاتقىلى بولمايدىغان دەھشەتلىك چۈش...

    ئاكام ئەركىنجان ئەمەتنى ئەسلەيمەن
    ئەسئەت ئەمەت

     

       مېھىر - شەپقەتلىك، مۇلايىم ئاشۇ ئاكامنىڭ قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن «27 - مارت پاجىئەسى»گە ئۇچراپ بىزنى مەڭگۈ ئويغاتقىلى بولمايدىغان دەھشەتلىك چۈش ئىچىگە تاشلاپ كەتكىنىگە ئەسلا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. ئاكام ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كەم ئۇچرايدىغان ئەستايىدىل يازغۇچى ئىدى. ئائىلىدە مەسئۇلىيەتچان ئوغۇل، ئاكا ۋە ئۇستاز ئىدى. مېنىڭ بولسا قېرىندىشىم، دوستۇم، ھېچكىم ئورنىنى باسالمايدىغان پىكىردىشىم ھەم ئۇستازىم ئىدى. ئىنسانىيەت دۇنياسىدا كەم ئۇچرايدىغان بۇ ۋەھشىيلىك ئاكامنىڭ تېخى 38 ياشقا كىرمىگەن ياش ھاياتىنى ئېلىپ كەتتى. ئەگەر ئاكام داۋاملىق ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنمىغان بولسا ئۆز پەرزەنتىنى (سەككىز ياشلىق ئوغلى بابۇرجاننى) خۇددى ئۆز ئۇكىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەندەك تەربىيىلىگەن، كېسەلچان ئانىسىغا كۆيۈمچان ئوغۇللۇق مېھىر - شەپقىتىنى داۋاملىق يەتكۈزگەن، كىچىكلا دادىدىن يېتىم قالغان ئۇكىلىرىغا دادىسىنىڭ ئورنىنى بېسىپ ئائىلە باشلىقلىق يۈكىنى داۋاملىق ئۈستىگە ئالغان، يەنە  نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت بايلىقىنى بېيىتقان، تەرەققىپەرۋەر ياشلارنىڭ ۋە مېنىڭ پىكىر قىلىش ۋە يېزىش ئىستىلىمغا داۋاملىق تەسىر كۆرسەتكەن بولاتتى.
    ئاكامنىڭ ۋاپاتى ئائىلىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئەستايىدىل زىيالىيغا ئىنتايىن موھتاج ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈنمۇ زور يوقىتىش  بولدى. ئاكام 1965 - يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆيدە ئالتە بالىنىڭ چوڭى ئىدى. مەن ئاكامنى  ئاكام سۇپىدا مېنى ئەركىلىتىپ بېشىمغا بېشىنى تەگكۈزۈپ ئويناۋاتقان ھالدا تۇنجى ھېس قىلغانىدىم. ئۇ چاغدا مەن ئىككى ياشلاردا بولسام كېرەك. بىزنىڭ يېشىمىز دەل بىر يېرىم ياش پەرقلىنەتتى. ئانام ئاكامنىڭ بالىلىق دەۋرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاكاڭلار كىچىكىدىن مىجەزى تىنچ ئىدى. زادى خاپا قىلمايتتى، بۇنداق بالىدىن ئونى بولسىمۇ ئاتا - ئانىغا ھېچقانچە ئېغىرچىلىق چۈشمەيتتى. ھەر بىرىڭلار تۇغۇلغاندا ئاكاڭلار قاتتىق خۇش بولۇپ كېتەتتى. بىز خىزمەتكە چىقىپ كەتكەندە سىلەرنى مەسئۇلىيەتچان چوڭ ئادەملەردەك كۆڭۈل قويۇپ باقاتتى ھەم >ئانا ماڭا يەنە ئۇكا تۇغۇپ بەر< دەپ كىچىك تۇرۇپلا ئۇكىلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىقىنى تارتىۋاتقىنىغا قارىماي يەنە بىر ئۇكىلىق بولۇشقا تەقەززا بولاتتى.  مەن بەش بالىلىق بولغاندا ئەمدى يەنە بالىلىق بولۇشقا سالامەتلىكىم يار بەرمەيدۇ دەپ قاراپ، بولدى قىلاي دېگەندە ئاكاڭلار يەنە شۇ ئەستايىدىللىقى ۋە مۇلايىملىقى بىلەن >يەنە بىر ئۇكا تۇغۇپ بەر، بۇدۇ بىرنى تۇغۇپ بەرسەڭ سېنى ھەرگىز خاپا قىلمايمەن< دەپ يېلىنىپ ۋەدە بەرگەن. ئاكاڭلارنىڭ تەلىپىنى يەردە قويغۇم كەلمەي كىچىك ئۇكاڭلارنى تۇغقان». كىچىك ئۇكام تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇنى بېقىش ئاكامدىن ئاشمايتتى. ئاكام بىزدەك ئويۇن - تاماشاغا بېرىلمەي كۈن بويى كىچىك ئۇكامنى بوينىغا مىندۈرۈپ ھەر يەردە ئوينىتىپ يۈرەتتى. كىچىك ئۇكام ئازراق بىرنەرسە چۈشىنىدىغان بولغاندا ئاكام ئۇنىڭغا ئۆزى توقىغان ياكى دادام ئېيتىپ بەرگەن لەتىپە، چۆچەكلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ سۆزلەپ بېرەتتى. دادام ئۆلۈپ كەتكەندە بۇ كىچىك ئۇكام تۆت ياشتا بولۇپ، ئاكام ئۇنى تاكى ئالىي مەكتەپكە يولغا سالغۇچە ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيىلىگەنىدى. خۇددى دادام بىزگە قىلغاندەك ئۇكامنىڭ دەرستىن سىرت ئوقۇيدىغان كىتابىنى ئۆكسىتىپ قويمىغان ھەم ئۇكام تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىلا ئۇنى ئىنگلىز تىلى ئۆگەن دەپ ھەيدەكچىلىك قىلغان ھەم شارائىت يارىتىپ بەرگەنىدى. ئۇكامنىڭ ئوقۇشتىن ياراتقان نەتىجىسىنى (ئۇ ھازىر ماگىستىرلىق ئاسپىرانتى) ئاكامنىڭ تەربىيىسىنىڭ مەھسۇلى دېيىشكە بولىدۇ. ئاكامنىڭ شۇنچە كۆپ چۆچەك، لەتىپىلەرنى نەلەردە ئاڭلاپ ئەستە تۇتۇۋالغىنىغا ئەقلىم ھەيران بولاتتى. تېخى بۇ چۆچەكلەر تەكرارلانمايتتى. تەكرارلانسىمۇ ئالدىنقى قېتىمىغا تامامەن ئوخشىمايدىغان نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشاتتى ھەم ئۇ چۆچەكلەر شۇنداق قىزىقارلىق، ئەھمىيەتلىك ھەتتا زېھىن  سىناش تۈسىنى ئالغان بولۇپ، بىز ياكى كىچىك ئۇكام ھېچقاچان زېرىكىپ قالمايتتۇق. ئۇنىڭدەك قىزىقارلىق تەپسىلاتلارنى توقۇيالمايتتىم. مەن چۆچەك ئېيتسام ئۇكىلىرىمنىڭ چىرايىدىن زېرىكىشنى، كۆڭلۈمنى ئاياپ ئاڭلاۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋېلىشقىنىنى بايقاپ قالاتتىم - دە، چۆچىكىم تېخىمۇ قۇلاشماي قالاتتى. ئاكام ھېچقانچە كۈچىمەيلا بىمالال ئېيتىۋېرەتتى. ئاكامنىڭ بۇ خىل ھېكايە توقۇش ئىقتىدارى كىيىن يېزىقچىلىقىدا تېخىمۇ ئېنىق نامايان بولغانىدى.
       دادام خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبىدىن دائىم ئالدىراش يۈرەتتى ياكى سىرتلارغا، يېزىلارغا كېتىپ قالاتتى. ئاكام بولسا ئۆيدە ئانامنىڭ گەپ ئاڭلايدىغان ياخشى بالىسى ئىدى. كىچىكلەر چوڭلارنى دورايدىغان ئادەت بويىچە ھەممىمىز ئاكىمىزدەك بولۇشقا تىرىشاتتۇق. ئانامنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «ئۇ شۇنداق ياخشى تەربىيە كۆرگەندەك ئەدەپلىك، ھەرقانداق شارائىتتا ئۆزىنى قانداق تۇتۇشنى بىلىدىغان بالا ئىدى. بىز ئەزەلدىن ئۇنىڭغا بىر ئېغىز نەسىھەت قىلىپ باقمايتتۇق، ئۇ ھەر خىل مىجەزدىكى بالىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلەيتتى. ئۇرۇشۇپ قالمايتتى». ئاكامنىڭ بۇ خىل ئېغىر - بېسىق، ھەممىلا ئادەمگە ئورتاق قارايدىغان ئادىتى ئىجادىيىتىگە ئالاھىدە كۈچ قوشقانىدى.
       دادام ئائىلە ئىقتىسادىمىزنىڭ ناچار بولۇشىغا قارىماي ئۇيغۇر تىلىدا چىققان ھەرقانداق كىتابنى ئېلىپ بېرەتتى. ئۇ كىتابلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ چىقىدىغان يەنىلا ئاكام ئىدى. ئاندىن ئۆزى ياخشى دەپ قارىغان ئەسەرلەرنى بىزگە ئوقۇپ بېرەتتى. كىتاب ئوقۇش ئائىلىمىزنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىكنىڭ يېتىلىشىدە دادامدىن قالسىلا ئاكامنىڭ ھەسسىسى كۆپ ئىدى. ئانام بىزنىڭ «كىتاب خالتىسى» بولۇپ قېلىپ، جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشىمىزنى خالىمايتتى. شۇڭا ئانام «ئويناپ كىرىڭلار» دەپ  سىرتقا قوغلىسا بىز قىرائەتخانىغا بېرىۋالاتتۇق. قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى شۇ قىرائەتخانا شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ، كېچىلىرىمۇ داۋاملىق ئوچۇق بولاتتى. كىتابلىرى كۆپ، ئىچى ناھايىتى كەڭ، ئازادە ئىدى. ھەتتا ھازىرمۇ ئۇنداق ياخشى باشقۇرۇلغان، كىشىلەرگە ھەقىقىي نەپ بېرىدىغان قىرائەتخانا چوڭ شەھەرلەردىمۇ كەم ئۇچرايدۇ. قىرائەتخانا كىتابلىرىنى سىرتقا ئىجارىگىمۇ بېرەتتى. دادام ئالدىراشلىقىغا قارىماي بىز سېتىۋالالمىغان ياكى بۇرۇن چىققان كىتابلارنى داۋاملىق ئىجارىگە ئېلىپ بېرەتتى ۋە كېچىكتۈرمەي ئالماشتۇرۇپ بېرەتتى. ئاكام ئىككىمىزنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى شۇ قىرائەتخانىدا ئۆتكەنىدى. قىرائەتخانا تازىلىق ياكى يىغىن سەۋەبىدىن ئېچىلماي قالسا نەگە بېرىشىمىزنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالاتتۇق. مەن تاكى 1984 - يىلى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كەتكىچە كېچە - كۈندۈز بىللە ئىدۇق. ئۆيدە ئاكا - ئۇكا، سىرتتا يېقىن دوست ئىدۇق. ھەۋەسلىرىمىزمۇ، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىمىزمۇ ئوخشاش ئىدى. 1982 - يىلى 8 - ئايدا دادام  ئالەمدىن ئۆتتى. ئانام 37 يېشىدا ئالتە بالا بىلەن تۇل قالدى.  بالىلارنىڭ چوڭى ئاكام 17 ياشتا، كىچىك ئۇكام  تۆت ياشتا ئىدى. ئاكام شۇ يىلى  دادامنىڭ ئورنىغا خىزمەتكە چىقىپ ئۆينىڭ دەردىنى ئانام بىلەن تارتىشقا كىرىشتى. ئاكامنىڭ ئالىي مەكتەپتە مۇنتىزىم تەربىيە كۆرۈش ئارزۇسى بولسىمۇ دادامنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن ئالىي مەكتەپكە  قايتا ئىمتىھان بېرىش (تۇنجى يىلى ئۆتەلمىگەن، مەكتەپنىڭ نەتىجىسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن  بولۇپ قالغان) ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىپ، خۇددى چوڭلاردەك ئائىلىنى قامداش ھەلەكچىلىكىگە چۈشۈپ كەتتى. ئاكام تاكى پاجىئەگە ئۇچرىغۇچە بىرەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ مۇنتىزىم بىلىم ئاساسى ھازىرلاش نىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەنىدى. 2000 - يىلى شىئەندىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ئالاقىلىشىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمەي بارالمىغانىدى. مەن تەسەللى بېرىپ «ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغانلارمۇ جىق ئۆگەنسە سەنچىلىك ئۆگىنىدۇ» دېسەم، ئاكام «خوتۇن - بالىنىڭ، دوست - بۇرادەر ۋە زۆرۈرىيەتسىز باردى - كەلدى مۇئامىلىلەرنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىماي ئۈچ - تۆت يىل ۋاقىتنى ئۆگىنىشكە قارىتىۋالسام سەۋىيەممۇ ئۆسۈپ قالاتتى، كاللاممۇ ئارام تېپىپ قالاتتى» دېگەنىدى. ئاكام ناھىيىلىك پاختا زاۋۇتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بولۇپ، ئورنى ناھىيە سىرتىدا ئىدى. ئاكام خىزمىتى قانچە جاپالىق، ئالدىراش بولسىمۇ كىتابنى قولدىن چۈشۈرمەيتتى. كېيىن دادام خىزمەت قىلغان ئەمگەك - كادىرلار ئىدارىسىغا قاراشلىق ئەمگەك مۇلازىمەت شىركىتىگە يۆتكەپ قويۇلدى. ئاكام شۇ چاغلاردا ئۆزلۈكىدىن خەنزۇچە ئۆگىنىپ، خەنزۇچە كىتاب ئوقۇشقا كىرىشكەن ھەم خەنزۇ مەتبۇئاتلىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشقا باشلىغان غەرب پەلسەپىسىگە قىزىقىپ قالغانىدى. ئاكام ماڭا فرانسىيە پەيلاسوپى كامۇس (ئۇيغۇرچىغا كىماس دەپ تەرجىمە قىلىنغان)نىڭ «شىشفىس ئەپسانىسى» دېگەن ئەسىرىدىن ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ۋە ئۇيغۇر تىلىدا توختىماي نەشر قىلىنىپ تۇرىدىغان، ۋاقتى ئۆتكەن پىكىر قىلىش ئۇسۇلىدا يېزىلغان، ئادەمنىڭ تەپەككۇرىغا ھېچقانداق يېڭىلىق ئېلىپ كەلمەيدىغان كىتابلار دۆۋىسى ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىمغا زور ياردەم بەرگەنىدى. ئاكام يەنە سارتىر، شوپىنخائوئېر، نىتزى قاتارلىق پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيىلىرىنى تونۇشتۇرغان ماقالىلەرنى ئوقۇپ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىزدەشكە كىرىشكەن. ئۇ چاغلاردا  خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردىمۇ ئۇلارنىڭ مەخسۇس ئەسىرىنى تېپىش تەس بولۇپ، قەشقەردىن تېپىش تېخىمۇ مۈشكۈل ئىدى (بۇنداق كىتابلارنى ھازىر ناھىيىلەردىمۇ تولۇق تاپقىلى بولىدۇ. ئۆگىنىش ئىرادىسى بولسىلا شارائىت ھازىر بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى). مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن بىر تەتىلدە ئاكامغا شوپىنخائوئېرنىڭ «مۇھەببەت ۋە ھاياتنىڭ دەرد - ئەلىمى» دېگەن ئەسىرىنى، نىتزىنىڭ بىر پارچە شېئىرلار توپلىمىنى ئالغاچ بارغان. ئاكام مەن خۇددى گۆھەر ئالغاچ بارغاندەك ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ كىتابلارنى ئوقۇپ تەسىراتلارنى سۆزلەپ بېرەتتى، مۇھىم دەپ قارىغان يەرلىرىنى ئوقۇپ بېرەتتى (مەن گەرچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولساممۇ خەنزۇچە سەۋىيەم ئاكامدىن كۆپ تۆۋەن ئىدى). مەن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلاردىلا يازغۇچى بولۇش كويىدا تىمىسقىلاپ يېزىش مەشىقى قىلاتتىم، يازغانلىرىمنى ئاكامغا كۆرسەتسەم، ئاكام «ھېكايىگە ئوخشاپتۇ» دەپ قوياتتى. ھازىر ئويلىسام خىلمۇ خىل ۋەقەلەرنى قوغلىشىپ  يازغان، پىكىر ياكى يېزىش ئۇسۇلىدا ھېچقانداق ئۆزگىچىلىك يوق، ئىجادىيەت دېگىلى بولمايدىغان (ئىجادىيەت دېگەن سۆز يېڭى بولۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى) ئۇ ئەسەرلەر تولىمۇ كۈلكىلىك ئىدى. ھەتتا 1984 - يىلى يازغان، 1989 - يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدا كۈتمىگەندە ئېلان قىلىنىپ كەتكەن (بۇنداق دېيىشىم، ئۇ ئەسەرنى 1985 - يىلى ئۈرۈمچىدىكى بىر تونۇشىمىز  بىرەر ژۇرنالدا ئېلان قىلدۇرۇپ بەرمەكچى بولۇپ ئېلىپ قېلىپ تۆت يىلدىن كېيىن، مەن ئۇنتۇپ قالغاندا تۇيۇقسىز ئېلان قىلىنىپ كەتكەن) «قەلەندەرنىڭ سەدىقىسى» ناملىق ھېكايەمنى ئاكامنىڭ ياراتمىغىنى ئۈچۈن نەچچە يىل ئىچىمدە نارازى بولۇپ  يۈرگەنىدىم. ئاكامغا ئۇ ھېكايىنى ئوقۇپ بەرسەم، ئاكام «ۋەقە يازاي دېسەڭ ۋەقە دېگەن كوچىدا جىق، يولنىڭ ئاسىنىنى تېپىۋالدىڭمۇ نېمە؟» دەپ تەنە قىلغانىدى. ئاكامنىڭ بىر ئىشلارغا ئىزاھات بەرمەيدىغان ئادىتى كۆپ ھاللاردا ئارىمىزدا ئۇقۇشماسلىق كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. ئەمما كۆپ ھالدا ئۇنىڭ دېگىنى توغرا چىقاتتى. ھېچقانچە ئۆگەنمەيلا ۋەقە توقۇش، پېرسوناژ تەسۋىرلەشنىلا بىلىۋېلىپ ھېكايە، پوۋېست يېزىپ كەتكەن ھەم يازغان شۇ نەرسىلىرىمنى ھاياجان بىلەن باشقىلارغا ئوقۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالقىش ياڭرىتىشىنى تەمە قىلىپ ئۆتكۈزگەن شۇ يىللاردا ھېچقاچان ھېكايىلىرىمغا ئاكامدىن ياخشى باھاغا ئېرىشىپ باقمىغانىدىم. شۇڭىمۇ ئاكامغا كەمدىن - كەم ئەسەر ئوقۇپ بېرەتتىم. كۆپرەك ئاكامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتىم. ئىچىمدە ئاكام پەلسەپەگە قىزىقىدۇ، ئەدەبىياتتىن خەۋىرى يوق دەپ ئويلايتتىم، ئەمەلىيەتتە پەلسەپەنىڭ تۇرمۇشنى، جەمئىيەتنى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى، تۇرمۇشنى، جەمئىيەتنى چۈشەنمەي ھەقىقىي يازغۇچى بولىمەن دېيىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى يەنىلا ئاكامدىن ئۆگەنگەنىدىم. ئاكامنىڭ بىلىمى كۆزقارىشىمغا، ئىجادىيىتىمگە كۆپ تەسىر كۆرسەتكەن، ئەسەرلىرىمگە بۇرۇنقىدىن قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئاز يازىدىغان، كۆپرەك ئۆگىنىدىغان بولغانىدىم. ئاكامنى ياش زىيالىيلار ئارىسىدا غەرب مەدەنىيىتى بىلەن ئەڭ بالدۇر ئۇچراشقانلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولاتتى. ئاكام مەدەنىيىتى ئالغا كەتكەنلەرنىڭ بىلىمىنى ئۆگىنىش ئارقىلىقلا بېكىنمە، تار ھالەتتىكى يەرلىك مەدەنىيەتنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئېرىشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى خېلى بۇرۇن ھېس قىلغانىدى. ئەمما ئاكام بىر ئۆمۈر خۇددى ھېچنەرسە بىلمەيدىغان ئوقۇغۇچىدەكلا كەمتەرلىك بىلەن ئۆگەندى. بىلىمدانلىق قىلىدىغان سورۇنلاردىن ئۆزىنى تارتىپ كەلدى.
       1984 - يىلى ۋە 1985 - يىلى چوڭ سىڭلىم ئىككىمىز ئىلگىرى - كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا  ئوقۇشقا ئۆتتۇق. بۇنىڭ بىلەن ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى تېخىمۇ ئاشتى. ئانامنىڭ دېيىشىچە، تا بىز ئوقۇش پۈتتۈرگەن 1989 - يىلىغىچە ئاكام مائاشىنى ئانامغا تولۇق تاپشۇرۇپ، بىر پۇڭنىمۇ ئىسراپ قىلماي، ئۆزى يوقسۇز ياشاپ كەلگەنىكەن. ئەمما بىر قېتىممۇ مىننەت قىلىپ باقمىغان. مىننەت قىلماسلىق ئاكامنىڭ ئەڭ ياخشى پەزىلەتلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ تاكى توي قىلىپ ئۆي ئايرىغىچە ئاكامنىڭ مائاشى ھېچقاچان ئاكامنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي مۈلكى بولۇپ باققان ئەمەس ئىدى.
    بىز ئالىي مەكتەپكە كەتكەن يىلى ئائىلىمىز قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدىن ئاتۇشقا كۆچۈپ كەلگەنىدۇق. ئاكام شۇ يىلى قەشقەرلىك بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەن، ئۇلار بىر - بىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈشكەنىدى. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇلارنىڭ سۈرۈشۈپ يۈرۈشىنى ياقتۇرماي «توي قىلمىسا قىزىمىزنى ئاۋارە قىلمىسۇن» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇ چاغ ئائىلىمىز ئاتۇشقا يۆتكىلىپ، ئانام يۆتكەلگەن سىفەن مەكتەپنىڭ ئۆيى بولمىغاچقا، ئانام شەخسىي ئۆي سېلىشقا كىرىشكەن، ئانام بىلەن ئاكامنىڭ مائاشى ئۆي سېلىش ۋە سىڭلىم ئىككىمىزنى ئوقۇتۇش ۋە باشقا بەش جان بار ئائىلىنى قامداشقا يەتمەي نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلغان بولغاچقا، ئانام توي قىلىپ بېرىشكە چارىسىز قالغان، ئاكاممۇ ئانامنى خىجىل قىلمىغان، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرگەنىدى. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى شۇ يىلى قىزىنى باشقا ئائىلىگە ياتلىق قىلماقچى بولغان، قىز ئاتا - ئانىسىغا ھەرقانچە قارشىلىق كۆرسىتىپمۇ ئاتا - ئانىسىنى قايىل قىلالمىغان. ئانام كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ بۇ تۇنجى زەربىسىدىن ئاكامنى ساقلاپ قېلىشقا بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكەن، ھەرقانچە قىيىنچىلىق بولسىمۇ ئۇلارنىڭ تويىنى قىلىش نىيىتىگە كېلىپ ئەلچى بولۇپ بېرىپ نۇرغۇن ۋەدە بەرگەن، ئەمما قىزنى ئاتا - ئانىسى «قىزىمىزنى ئاتۇشقا ياتلىق قىلمايمىز، جاپا تارتىپ قالىدۇ، قىزىمىز كىچىك بولغاچ بىلەلمەيۋاتىدۇ، ئەگەر ئەركىنجاننى قەشقەرگە يۆتكەپ قويساڭلار، بۇ تويغا قوشۇلاتتۇق» دېگەن شەرتنى قويغان، ئاكام ئانامنىڭ ۋە ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە روھىي يۆلەنچۈكى (چوڭ سىڭلىم ئىككىمىز ئالىي مەكتەپتە يەنە تۆت يىل ئوقۇيتتۇق) بولۇپ، ئانامغا ھەمراھ بولمىسا بولمايتتى. شۇنداقتىمۇ ئانام دادامنىڭ خىزمەتداشلىرى ئارقىلىق يول ماڭغان، ئەمما ئاكام ئائىلە ئەھۋالىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇ ئىشنى خىيالىدا يوقتەكلا بولدى قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ ئائىلىسى قىزنى ئۆزلىرى خالىغان ئائىلىگە ياتلىق قىلىۋەتكەن. قىز شۇ چاغدا ئۆلۈۋالىمەن دەپ ماشىنىنىڭ ئالدىغىمۇ ئۆزىنى تاشلىغانىكەن.
    ئانام «ئاكاڭ بىلەن مىجەزى شۇنچە چىقىشىدىغان، ئاكاڭنىڭ بىر ئىشلارغا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان ئارتۇقچىلىقىنى ھۆرمەت قىلىدىغان، ئاجىزلىقىدىن پايدىلانمايدىغان ئۇنداق قىزدىن يەنە بىرنى كۆرمىدىم» دېگەنىدى. ئانام ئۇ قىزنى ئاكامغا ئېلىپ بېرەلمىگىنى، دەسلەپ قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى توي قىلىۋېتىش تەلىپىنى قويغاندا ئىقتىساد سەۋەبىدىن دەرھال ماقۇل دېيەلمىگىنى، بولۇپمۇ ئاكامنىڭ تاللىشىغا قاراپ ئولتۇرماي ئاكامنى قەشقەرگە يۆتكەپلا تويىنى قىلىۋەتمىگىنى ئۈچۈن ئۆزىنى كۆپ ئەيىبلىگەنىدى. ئاكام ئۇ ئىشنى ئانامنى خىجىل قىلماسلىق ئۈچۈن ئوڭايلا بولدى قىلغانىكەن، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ يىلتىزى ناھايىتى چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىز كېچىكىپ بىلگەنىدۇق. ئۇ قىز توي قىلىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇزۇن يىللارغىچە ئاكام ئۇ قىزنى يوقلاپ تۇراتتى. ئاكامنىڭ ئۇ قىزنى يوقلىشىدا باشقىچە نىيەت يوق بولۇپ قىزنىڭ بەختسىزلىكىگە تەسەللى بېرىشنى مەقسەت قىلغانىدى. شۇ ئىشتىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىر تەتىلدە ئاكام بىلەن قەشقەرگە كىرگەنىدۇق (ئاكام قەشقەرگە ئاساسەن كىتابخانىغا يېڭى كىتاب چىققان - چىقمىغىنىنى بىلىش ئۈچۈن كىرەتتى). ئاكام ئۇ قىزنى يوقلاپ ئۆتمەكچى بولدى. مەن سىرتتا ناھايىتى ئۇزۇن ساقلىدىم، ئاكام چىققاندىن كېيىن يولدا كېتىۋېتىپ ئاكامنىڭ ئۆزىنى ھەرقانچە بېسىۋېلىشقا تىرىشىپمۇ كۆز يېشىنى تۇتۇۋالالمىغىنىنى كۆرۈپ نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالغانىدىم. ئاكام ئۇ قىزنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالمىغان بولسىمۇ، ھېچقاچان ئانامغا «مەن ھەرقايسىڭ ئۈچۈن بەختىمنى قۇربان قىلغان» دەپ مىننەت قىلىپ باقمىغان. ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكى ئاكام 17 ياش چاغدىلا زىممىسىگە چۈشكەچكە تۇرمۇش غېمى ئاكامنى ھەممىمىزدىن ئېغىر - بېسىق، جىمغۇر قىلىۋەتكەنىدى. ئاكام كۆپ ئادەم بىلەن ئارىلاشماي بارلىق ۋاقتىنى كىتاب ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە قاراتقانىدى. مەن تەتىلدە ئالغاچ كەلگەن ياكى ئۆزى ئىزدەپ تاپقان كىتابلار ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئەڭ يېڭى ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەدەبىيات - سەنئىتى بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرغان. ياخشى كىتابلارنى ئوقۇيالىغىنى ئۈچۈن ئۆزىنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلغانىدى. ئاكام فرانسىيە سىمۋولىزمچى شائىرلىرىدىن بودلىر، رىمبۇ (ئۇلار دۇنيا ئەدەبىياتىغا دەۋر بۆلگۈچ تەسىر كۆرسەتكەن شائىرلار بولۇپ، ئاكام شېئىر يازمىسىمۇ ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيتتى) قاتارلىقلارنىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرىنى يادلىۋالغان، دۇنيا پروزىچىلىقىدىكى روبى - گىرىللى، ناباكوف، بورخىس، جون خوكس قاتارلىق ئەدەبىيات ئۇستازلىرىنىڭ رومانلىرى ۋە نەزەرىيە ئەسەرلىرىنى قايتا - قايتا ئوقۇغان، نۇسخا ئېلىش ئاپپاراتى يوق شۇ يىللاردا ئارىيەت ئالغان كىتابلاردىن نەچچە يۈز بەتلەپ ماتېرىياللارنى قولى بىلەن كۆچۈرۈپ خاتىرە قالدۇرغانىدى. ئاكام چارچاپ كەتكەن ياكى قولى ھېچ ئىشقا بارمىغان چاغلاردا دۇنيا كلاسسىك مۇزىكىلىرىنى ئاڭلايتتى. ئاكام 1983 - يىللاردىلا دادامدىن قالغان پاتىفون تەخسىلىرىنى پاتىفون تېپىپ كېلىپ ئاڭلاپ مۇزات، بىتخوۋىننىڭ ۋە مەن ئاڭلاپ باقمىغان مۇزىكانتلارنىڭ مۇزىكىلىرىغا ئىشتىياق باغلاپ قالغان. مۇزىكىدىن ھۇزۇرلىنىش ئاكامنىڭ ئەڭ راھەتلىك تۇرمۇشى ئىدى.
       ئاكام تۇنجى ھېكايىسىنى 1987 - يىلى ماڭا كۆرۈپ باق دەپ ئەۋەتىپ بەرگەن. ھېكايىنىڭ ماۋزۇسى «غورا تەمى» («تارىم» ژۇرنىلىدا «قايتا ئۇچراشقاندا» دېگەن نامدا ئېلان قىلىنغان) ئىدى. شۇ چاغقىچە ئاكام ماڭا بىرەر پارچە ئەسەر كۆرسىتىپ باقمىغان ھەم بىلىشىمچە تېخى ئەسەر يېزىشىمۇ مۇشۇ ئىدى. مەن يېزىشقا دەۋەت قىلسام «قاملاشمىغان بىرەر نەرسە يېزىپ سېلىپ نومۇسقا قالماي دەيمەن» دېگەنىدى. ئاكامنىڭ  بۇ خىل ئېھتىياتچانلىقى ئاكامنىڭ ئاز يېزىپ كۆپ ئۆگىنىش، ھەرقانداق ئەھۋالدا بىلىمدانلىق قىلماسلىقىنى بەلگىلىگەن. يازغانلىرىنىمۇ كۆپ پىششىقلايتتىكى، ئېلان قىلىشقا ھەرگىز ئالدىراپ كەتمەيتتى. كىملەرنىڭدۇ بىلىم سەۋىيىسى يېتىشمىسىمۇ جەمئىيەتتىكى ئەستايىدىللىق ۋە مەلۇم سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە يەڭگىللىك بىلەن  تەھلىل يۈرگۈزۈپ كەتكەن ماقالىلەرنى كۆرسە «ئۇ ھەجەپ قاپ يۈرەككەن، نومۇسقا قېلىشتىن قورقمامدىغاندۇ» دەپ ھەيران قالاتتى. ئاكام ھەممە ئىشتا نومۇسنى مۇھىم ئورۇنغا قوياتتى. ئاكامنىڭ تۇنجى ھېكايىسىدىلا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى  بايانلىرى پۇختا، ئېنىق بولغان، ئوشۇق تەپسىلات، ئارتۇق سۆز - جۈملە ياكى يەڭگىلتەكلىكتىن ساقلانغان سەنئەتكارغا خاس ئىجادىيەت ئىستىلىنى نامايان قىلغان بولۇپ، بۇ بارلىق ئەسەرلىرىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولۇپ داۋاملاشتى ھەم ئەسەرلىرى ۋاقىتسېرى يۇقىرى سىغىمچانلىققا، جەمئىيەت ۋە سەنئەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە كۈچلۈك ئەستايىدىللىققا قاراپ تەرەققىي قىلدى.
    ئاكام 1991 - يىلى يازدا ماڭا «مازار چاشقىنى» ناملىق ھېكايىسىنى كۆرۈپ باق دەپ بەرگەنىدى. ئاكام ھېكايىنى بىر يىل بۇرۇن يازغان بولسىمۇ قانداق يېزىلغىنىغا ھۆكۈم قىلالماي ئىككىلىنىپ يۈرۈپ ئاخىر ماڭا كۆرسىتىش نىيىتىگە كەلگەنىكەن. مەن ئوقۇشقا ئۈلگۈرمەيلا «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى، شائىر ئارسلاننىڭ ئاتۇشقا تۇغقان يوقلاشقا كېلىپ قايتىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ ئەسەرنى كۆرۈپ بېقىشقا بەرگەن. ئاكام مېنىڭ كۆرۈپ باقمايلا بېرىۋەتكىنىمدىن ئاغرىنغانىدى. ئاكامنىڭ داۋلىسى «ئەسەر ياخشى چىقمىغان بولسا تاسادىپىي  ئېلان قىلىنىپ كەتسە خەق يا مېنى ئەيىبلەيدۇ ياكى مەسخىرە قىلىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. مەن ئاكامنىڭ كۆپ كىتاب كۆرگەن ھەم ئۆزىنىڭ ئەستايىدىل ئىكەنلىكى ئۈچۈنلا ئەسەرنى ئىككىلەنمەيلا بېرىۋەتكەنلىكىمنى چۈشەندۈرسەم، ئاكام مېنىڭ ھەرىكىتىمنى يەنىلا ئانچە خالاپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى. شۇنداقتىمۇ ئاكامدا ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا كۆپ ئىككىلىنىۋاتقانلىقىنى سەزگەنىدىم. ئاكامنىڭ جاھاندا ياشاپ جاھاننىڭ ھېچ خوۋلىقىنى كۆرمىگەن، ئاجىز، يارامسىز قاڭقى مەمەتنىڭ مومىسىنىڭ ھوشۇقىنى  قولتۇقىغا تېڭىۋېلىپ راۋاج تاپقانلىقى ۋە مومىسىنىڭ ھېچقانچە كۈچ كەتمەيدىغان   ئۈمىدىنى ئۇنتۇپ قېلىپ مومىسىنىڭ ئەرۋاھى تەرىپىدىن يەنە تاشلىۋېتىلگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن بۇ سىرلىق ھېكايىسى خۇددى قاڭقى مەمەت قولتۇقىغا تېڭىۋالغان، پاش بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ يوشۇرۇپ يۈرگەن ئاشۇ قورقۇنچلۇق ھوشۇقتەك ئاكامنى دەككە - دۈككىگە سېلىپ قويغاندەك، بۇ ھېكايە ئېلان قىلىنىپ كەتسە قاڭقى مەمەتنىڭ ئەپتى - بەشىرىسى ئېچىلىپ قېلىپ نەس باسقان قاڭقى مەمەتكە ئۇۋال قىلىپ قويىدىغاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالغاندەك ئىدى. ئەسەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەن ئەسەرنى قايتا - قايتا ئوقۇپ ئاكامنىڭ غەيرەت - شىجائىتى، پىكىر قىلىشتىكى دادىللىقىدىن كۆپ ئىپتىخارلانغانىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئاكام يىلدا بىرقانچە ياكى نەچچە يىلدا بىرەر دېگۈدەك ئەسەر ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاكامنىڭ ئاز يېزىشىدىن كۆپ ئىچىم پۇشقانىدى. ئاكام ئائىلە شارائىتىنىڭ كىتاب ئوقۇش ۋە يېزىشقا ماس كەلمەي قالغانلىقىدىن كۆپ ئەپسۇسلانغان، ئاندىن بانكىنىڭ مۇنتىزىم ئىش تۈزۈمى قوشۇلۇپ كىتاب كۆرۈش ۋە يېزىقچىلىققا پۇرسەت ئاز چىقاتتى.
       ئەقىل - پاراسەت ۋە ئىلغار مەدەنىيەت ئاساسى ئاجىز ئۇيغۇرلار جەمئىيىتى ئىقتىسادىي ئىسلاھات يولغا قويۇلغان شارائىتتا دەل يۇقىرىقى ئاجىزلىقى سەۋەبتىن، پۇلنىڭ رولىنى زىيادە كۆپتۈرۈۋەتتى. پۇلنىڭ قىزىقتۇرىشى ھەممىنى بېسىپ كەتكەندەك قىلاتتى. ھەممىلا ئادەم قولىدىن نېمىلا كەلسۇن شۇنى نەق ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش نىيىتىگە چۈشكەن، قولىدىن كېلىدىغان ئىشى نەق پۇلغا يارىمىسا يارامسىز سانىلىدىغان، «زىيالىي  دېگەننى ئىككى تەڭگىگە سېتىۋالغىلى بولىدۇ» دېگەن سۆز ھېچكىمنى ئەجەبلەندۈرمەيدىغان بولدى. باشقا مىللەتلەردە ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ بۇنداق كەمسىتىلىشى مۇشۇ زاماندا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسە بولسا، ئۇيغۇرلاردا ئەسلىدىن شۇنداق بولۇشى كېرەكتەك كەيپىيات شەكىللەندى. زىيالىيلارنىڭ ئۆز ئىززەت - ھۆرمىتىنى ساقلاپ، خەلقنىڭ روھىي بايلىقى ۋە ئەقلىگە تەسىر كۆرسىتىشنى نىيەت قىلىپ ياشىشى كۈلكىلىك سانىلىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل نىيەتتە ياشايدىغانلار بارغانچە ئازايدى ھەم ئىقتىسادنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى نۇرغۇن سالاپەتلىك زىيالىيلارنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئاشكارىلىۋەتتى. ھەممىلا ئادەم پۇلغا بېرىلگەن مۇشۇنداق بىر جەمئىيەتتە نەق ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يوق (يەنە تېخى ئاكام ھاياتىدا يېزىقچىلىق قىلىپ قەلەم ھەققى ئېلىپ باقمىغان دېسىمۇ بولاتتى. ئاكام قەلەم ھەققىلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇكامغا ياكى داۋالىنىش خىراجىتى قىلىشىمغا بۇيرۇپ بەرگەن، ئەڭ قىيىن ئەھۋاللىرىدىمۇ بۇنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىدى). سەنئەتكارلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئادەمدىن كۆپ غەيرەت، شىجائەت ھەم مەنسىتمەسلىك ۋە تاپا - تەنە قىلىشلارغا ئالاھىدە بەرداشلىق ئىقتىدارى تەلەپ قىلاتتى، ئاكامدەك كۆڭۈل ئايايدىغان، جېدەل خالىمايدىغان ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ روھىي  ئېھتىياجى ئۈچۈن ياشىشى ۋە بۇنىڭغا كۆپلەپ ئىقتىساد، ۋاقىت ئاجرىتىشى تېخىمۇ كۆپ سىناققا دۇچ كەلگەنىدى.
       1998 - يىلى ئاكام ئۆزى بىر ئۆمۈر شۇغۇللىنىشنى نىيەت قىلغان يېزىقچىلىقىغا پۇرسەت يارىتىشتىن ئىبارەت دەۋرىمىز ئۈچۈن «ئىنتايىن ساددا بىر ئىستەك» بىلەن خىزمەت ئىستاژىنى سېتىپ خىزمەتتىن چېكىنىپ چىققان. ئاندىن تۇنجى قەدەمدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بىرىدە ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەچ قۇلىقى تىنچ ھالدا ئۈچ - تۆت يىل كىتاب كۆرۈپ، يېزىقچىلىقىنى قىلماقچى بولغان، ئاكام ماڭا «چەت ئەلدە يازغۇچىلار يىلىغا يۈزدىن ئارتۇق كىتاب ئوقۇيدىكەن. مەن بولسام يىلىغا بىرنەچچىمۇ كىتاب ئوقۇيالمايۋاتىمەن. ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان يېزىقچىلىقىمنى تاشلىۋېتەي دېسەم، مۇشۇ ئىشنى قىلساملا ئۆزۈمنى ياشاۋاتقاندەك سېزىمەن، يېشىممۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ (شۇ چاغدا 33 ياشتا ئىدى)، كەسكىنرەك  بىر چارە قىلمىسام بولمىدى» دېگەنىدى. ئەمما ئاز ئۆتمەي ئاكام قىزىقىشىغا، مىجەزىگە پۈتۈنلەي ماس كەلمەيدىغان تىجارەت يولىغا كىرىپ قالدى. ئاكام بىر قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئاتۇشقا نەچچە كۈن مال سالغان، چارچاپ ھالى قالمىغان، «بۇرۇن ئۆزۈم خالىمىغان ئىشنى بىرەر سائەت قىلىشقىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيتتىم، ھازىر قارىسام ئادەم دېگەن كۆپ چىداملىق بولىدىكەن» دېگەنىدى. ئاكام تىجارەتنى «يارامسىز» ئوبرازىنى ئۆزگەرتىش ۋە بۇنىڭدىن كېيىن خاتىرجەم يېزىقچىلىققا شارائىت يارىتىشتىن ئىبارەت مۇرەككەپ خىياللار ئىچىدە داۋاملاشتۇرغانىدى. مەن ئاكامنىڭ تىجارەتنى دەپ ئۆتكۈزۈۋېتىپ بارغان قىممەتلىك ۋاقىتلىرى ئۈچۈن كۆپ ئازابلانغانىدىم. ئاكامنىڭ  بىر ئەستايىدىل، ھەقىقىي سەنئەت ئىستىلىغا ئىگە بىر سەنئەتكارنىڭ ۋاقتى مېنىڭ نەزىرىمدە ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ ھەم ئاكاممۇ مۇشۇ خىل ۋاقىت ئىچىدىلا ھايات ئىدى. ئاكام ھەرقانچە كۆپ پۇل تاپسىمۇ بۇ پۇلنىڭ خۇشاللىقى ھەرگىزمۇ ياخشى بىر پارچە كىتاب ئوقۇاندىن، ياخشى بىر پارچە ئەسەر يازغاندىن كەلگەن خۇشاللىقنى بېسىپ كېتەلمەيتتى. كۆڭۈلچەك ئاكام تولىمۇ كۈچەپ، بەرداشلىق بېرىپ  بەش يىل تىجارەت قىلدى ھەم دەل مۇشۇ يولدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئۆز ۋاقتىدا چوڭ ئۇكام قىرغىزىستاندىن قايتقان بىر تىجارەتچىدىن ئاكامنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا ئۇ مۇنداق دېگەنىكەن: «ئاكاڭدەك بوش، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ئادەمنى مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان، ئاكاڭمۇ ئۆز خىيالىدا بۇ دۇنيادا ياشاۋېتىپتۇ». بۇ سۆزنى قىلغۇچى يېشى ئوتتۇزدىن ئاشقان، تېخىچە يېزىق ساۋاتى چىقمىغان، كۆپ پۇل تاپقان بىرى بولۇپ، ئاكام نەچچە يىلنى مۇشۇنداق پىكىر قىلىدىغان، ئىنسان قىممىتىگە بولغان تونۇشى پۈتۈنلەي ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن كىشىلەر ئارىسىدا ئۆتكۈزگەنىدى (لېكىن قولىدىن كىتاب ۋە قەلەم - قەغەز چۈشمىگەن، گەرچە بۇنىڭغا ئىنتايىن ئاز پۇرسەت چىقسىمۇ). « مەن بۇ يولغا كىرىپ جەمئىيەتكە بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ ئاشتى» دەپ ئىسراپ بولۇپ كەتكەن ۋاقىتلىرى ئۈچۈن ئۆزىگە ئاشۇنداق تەسەللى بەرگەنىدى.
       شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئاكامنىڭ «مازار چاشقىنى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى 1997 - يىللىق نەشر پىلانىغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ،  مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن  يەتتە يىلغىچە نەشردىن چىقالمىغان، ئاكام ھاياتلىقىدا بۇ كىتابىنى كۆرۈشكە شۇقەدەر تەقەززا بولغانىدى. كىتابنى ئالىقىنىغا ئېلىۋېلىپ ئاكا - ئۇكا ئىككىمىزگە ئۆزىنى تونۇتۇپ قويۇش  پۇرسىتىگە ئېرىشكەن دوستلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قولىدىكى بۇ «كوزىر»نى ئالدىراپ قولدىن چىقىرىۋېتىشكە قىيماي كەلگەنىدى. ئاكام دۇنيادىكى ئەستايىدىل يازغۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەتلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلىشقا ئۈلگۈرگەن ئاپتورلارنىڭ بىرسى ئىدى. ئۆزى قەيەردە، قانداق خەلقنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان بولسۇن ئۆزىنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشىنى يوشۇرمايدىغان ھەم كېلىپ چىقىشىدىن تانمايدىغان، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ يۇرتىغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان پەزىلىتى بويىچە كىتابنىڭ تەرجىمىھالىغا «دادىسىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئەنجانلىق ئىدى» دېگەن پاكىتنى يازغانلىقى سەۋەبتىن بەزى   دوستلىرىمىزنى بىئارام قىلىپ قويدى.  ئاكام دۇنيادىكى بارلىق ئەستايىدىل يازغۇچىلارنىڭ ئۆزى ئۆسۈپ يېتىلگەن زېمىننىڭ، ئۆزىنى پەرۋىش قىلغان خەلقنىڭ ئالدىدىكى ۋىجدانىي  مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان پەزىلىتى بويىچە ياشاپ كەلگەن،  خەلققە يۈز كېلەلمەيدىغان ھېچ ئىش قىلمىغان، ئەكسىچە مۇشۇ يۇرتنىڭ  ئەڭ ۋاپادار ئوغۇللىرىدىن قېلىشمىغۇدەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلگەنىدى.
       ئاكام ئەتراپىدىكى  ئادەملەرنىڭ تەنتەك، نادان، مەۋقەسىز، رەھىمسىز ۋە بىلەرمەنلىكىدىن قاتتىق بىزار بولغان. ساۋاتى بار، بىر ئىشنى يۈزەكى بولسىمۇ چۈشىنەلەيدىغان، بىر ئىشلارغا نورمال ئىنكاس قايتۇرالمىسىمۇ ئىشنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتمەيدىغان ئادەملەرنى مىللەتنىڭ كەم ئۇچرايدىغان بايلىقى ئىكەن، دېگەن تونۇشقا كەلگەنىدى.  ھەتتا «بىز مەدەنىيەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپتۇق، دادام بىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ تەربىيىلىگەچكە بىز جامائەتتىن كۆپ چەتنەپ كېتىپتۇق، دادام بىزنى بۇنداق تەربىيىلىمىگەن بولسا بىزگە جامائەت ئارىسىدا كۈن ئېلىش بۇنچە مۈشكۈل توختىمىغان، بىر ئىشلارنىڭ ھەق - ناھەقىنى، ئالدى - كەينىنى، ئىنسانچىلىققا ماس كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىنى، ئەقىلگە ماس كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىنى كۆپ ئويلاپ ئولتۇرماي ئۆز ئىشىمىزنى پۇختىلاپ بەھۇزۇر ياشاۋەرگەن بولاتتۇق» دەپ ئاغرىنغان چاغلىرىمۇ كۆپ بولغانىدى. لېكىن ئاكام يەنە ئۇلارنى نورمال تەربىيىلىنىش مۇھىتىغا ئېرىشەلمىگەچكە شۇنداق دەپ ئۇلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاۋارىچىلىقى ۋە روھىي بېسىمىنى قورسىقىدىن چىقىرىۋېتىشكە تىرىشاتتى ھەم شۇنداق قىلالىغانىدى. شۇڭىمۇ يېزىقچىلىقىدا ئۇلارغا چەكسىز ھېسداشلىق ئەكس ئەتكەنىدى. ئوغرى، قىمارۋاز ۋە يولدىن چىققان ئاياللارمۇ ئاكامنىڭ قەلىمى ئاستىدا رېئاللىقنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ شۇنداق بولۇپ قېلىشى ناچار تۇرمۇش ياكى تەربىيىسىز قېلىشتىن دەپ قاراپ، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلغانىدى. بىر قېتىم مەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا قوشنا ياتاقتا بىر جىنايەتچى داۋالىنىۋاتاتتى. ئۇ قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز كارىۋاتقا باغلاپ قويۇلاتتى، ساقچىلار نازارەت قىلاتتى. سالامەتلىك ئەھۋالىمۇ ناچار ئىدى. ئاكام مېنىڭ يېنىمغا كەلگەندە ئۇنىمۇ قوغۇن - تاۋۇز بىلەن يوقلاپ قوياتتى ھەم سۆھبەتلىشەتتى. لېكىن ئۇنىڭغا پەندى - نەسىھەت قىلمايتتى. «ئۇنىڭ جىنايىتىنى قانۇن سۈرۈشتۈرىدۇ، لېكىن ئۇمۇ ئادەم سۈپىتىدە قانۇن سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى بولۇۋېلىشىغا ئەمەس، بەلكى رەھىم - شەپقەت قىلىشىغا موھتاج. ھەرقانداق بىر زىيانداش ئادەمنىڭ ئاقلىغىلى بولىدىغان بىر ئارقا كۆرۈنۈشى بولىدۇ» دېگەنىدى ئاكام. ئۇ مەسىلىلەرگە شۇنداق سوغۇققان مۇئامىلە قىلاتتى. ھەرگىزمۇ تەنتەكلىك بىلەن ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتمەيتتى. ئاكامنىڭ كېيىن يازغان «دۈم يېتىپ سۇ ئىچىش» ناملىق ھېكايىسىدە بىر جىنايەتچىنىڭ ھاياتىغا كۈچلۈك ھېسداشلىق ئەكس ئەتكەن. ئۇ جىنايەتچى جەمئىيەتكە نۇرغۇن زىيان سالغان، ئۆزىمۇ ئىنتايىن مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە روھىي دۇنياسىنى ئاكام ئىنچىكە سۈرەتلەپ جىنايەتچىنى ئەيىبلەش ئاساسىمىزنى تەۋرىتىپ قويغانىدى. ئەمما ئۇلار قىلمىشى ئۈچۈن قانۇننىڭ تېگىشلىك جازاسىغا ئۇچرايدۇ. بۇ ئەلۋەتتە جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئېھتىياجى، ئاكام ھەم بۇنىمۇ ئىنكار قىلمىغان. ئاكامنىڭ بۇ ھېكايىسى ئاپتور بىلەن پېرسوناژنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەن بولۇپ، ئاكامنىڭ ئەسەردىكى سوغۇققان، ئەستايىدىل پوزىتسىيىسى مېنىڭ يېزىقچىلىقىمغا خېلى كۆپ ساۋاق بەرگەنىدى. ئەسەردە جىنايەتچى ئاخىر خوتۇنىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇ كۆپ يىل ئايالى بىلەن جەم بولۇش ئۈمىدى بىلەن تۈرمە ئازابىنى يېڭىدۇ، ئاخىر بۇ كۆپۈككە ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ تراگېدىيىلىك تەقدىرى دىلىمىزنى ئېزىدۇ، جەمئىيەتتىكى قەلبىنى زۇلمەت قاپلىغان كىشىلەرنىڭمۇ نازۇك ھېس - تۇيغۇلىرى، مېھىر - مۇھەببىتى، ئىنسانىي ئىستەكلىرى، ئىززەت - ھۆرمەت تۇيغۇسى بولىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.
     ئاكام ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان يېزىش ماھارىتى، مەزمۇن سىغىمچانلىقى ۋە چىنلىق دەرىجىسى  يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن «قۇيۇن دۆڭ» ناملىق ئەسىرىدە خەلقنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن ئاكامنىڭ يۈرىكىدىن قان تامغان دېسىمۇ بولاتتى. ئاكام بۇ ئەسىرىدە خەلقنىڭ جاراھەت قاپلىغان باغرىنى، ئۆزىنىڭ خەلق ئۈچۈن ئېزىلگەن يۈرىكىنى خۇددى قاسساپنىڭ تېرە ئۈستىگە تىزىپ قويغىنىدەكلا ئېنىق كۆرسەتكەنىدى.
       ئاكامنىڭ ئۆمرىدە يازغان ئەسەرلىرىنى خۇلاسىلىغاندا ئاكام 30 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، بىر پوۋېست، بىر ئوپېرا يازغان بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر ئاكامنىڭ ھەقىقىي سەنئەتكارغا خاس ئىستىلىنى ئەڭ ياخشى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. ئاكامنىڭ ئەسەرلىرىدە دۇنيا ئەدەبىياتىدا رېئاللىقنى ئەڭ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن ئاڭ ئېقىنى، سېھرىي رېئالىزم، بىمەنىچىلىك، قارا يۇمۇر، ھالقىما رېئالىزم قاتارلىق  يېزىقچىلىق ئۇسلۇبلىرى جانلىق قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ ھال ئاكامنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆزگىچە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىققا ۋە يۇقىرى بەدىئىي قىممەتكە ئىگە قىلغان. بۇ ئەسەرلەر ۋاقتى ئۆتكەن پىكىر قىلىش ۋە يېزىش ئۇسلۇبىغا ئادەتلىنىپ قالغان كىشىلەرگە يوچۇن تۇيۇلسىمۇ، ھەقىقىي ئەھمىيىتى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئەسەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي رېئاللىقى ئەڭ چىن ئىپادىسىنى تاپقان. ئاكامنىڭ «مازار چاشقىنى»، «مېنىڭ قۇياشىم»، «باقىنىڭ كۈنلىرى»، «ئۇ خەلقلەر»، «قاغدام»، «يەڭگىلتەك ئادەم»، «قۇيۇن دۆڭ» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئاكام شۇ قەدەر سۆيگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت خەزىنىسىگە ئالاھىدە ھۆسن قوشقۇسى.
       ئاكام ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ۋەھشىيلىكنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. بۇ ۋەقە تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار ئۆز رېئاللىقىنىڭ ئېغىر - بېسىق، ئەستايىدىل كۆزەتچىسى، ئەكس ئەتتۈرگۈچىسى ۋە تەسىر كۆرسەتكۈچىسى، ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدا دەرد - ئەھۋالىغا يەتكۈچىسى، تىلى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ بىردەكلىكى جەھەتتە ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان يازغۇچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى.
        ئاكا، سەن بۇ دۇنيادا ھەقىقىي بىر ئىنسانلىق سۈپىتىڭ بىلەن ياشىدىڭ، ئۆزۈڭ تۇتقان قەلەمگە، ئۆزۈڭ شۇغۇللانغان سەنئەتكە، سېنى پەرۋىش قىلغان خەلققە  يۈز كېلەلمەيدىغان ھېچ ئىش قىلمىدىڭ ھەم بارلىق يۈرەك قېنىڭنى  سەرپ قىلدىڭ، ئائىلىدە چوڭ ئوغۇل بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن ئانىمىزنىڭ  ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇكىلىرىڭنى پەرۋىش قىلىپ تەربىيىلەش، ئۆز پەرزەنتىڭگە  ئاتىلىق مېھرىڭنى يەتكۈزۈش ھەم تەربىيىلەش ئىشىغا ھېسابسىز زېھنىڭنى سەرپ قىلدىڭ. مۇلايىم، سىلىق - سىپايە، مەدەنىيەتلىك، تەقۋادار، نەزىرى ئۈستۈن ياشاپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىپلاس، ئەڭ ۋەھشىي  قاتىللار سادىر قىلغان دۇنيادا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان پاجىئەگە ئۇچراپ ئالەمدىن ئۆتتۈڭ. بىز سەن يوق بۇ دۇنياغا قانداق يۈزلىنىشكە، سەن ئۇچرىغان ئاشۇ دەھشەتلىك پاجىئەنى قانداق ئۇنتۇشقا  پۈتۈنلەي چارىسىز قالغان مۇشۇ پەيتتە سېنىڭ پاك، سەمىمىي ئۆتكەن ھاياتىڭ بىزگە  زور تەسەللى بېرىدۇ ۋە بىزنى سېنىڭدەك پاك، سەمىمىي ياشاشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-7-27 18:39:58]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.