سىرتقا كېڭىيىش(ئابدۇلئەھەت ھەسەن بارچۇقى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-30 23:12:09

سىرتقا كېڭىيىشئەدەبىياتىمىزنى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە تونۇشتۇرۇش يولى ھەققىدەئابدۇلئەھەت ھەسەن بارچۇقى ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ھەققىدە گېزىت-ژۇرناللاردا خېلى كۆپ ماقالىل...

    سىرتقا كېڭىيىش
    ئەدەبىياتىمىزنى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە تونۇشتۇرۇش يولى ھەققىدە
    ئابدۇلئەھەت ھەسەن بارچۇقى



       ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ھەققىدە گېزىت-ژۇرناللاردا خېلى كۆپ ماقالىلەر ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ . ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مول مېۋە بېرىپ ، ھەرقانداق دەۋرلەردىكىدىن پەرقلىق ھالدا راۋاجلانغانلىقىغا مۇنازىرە كەتمەيدۇ . «ئۆزۈڭ يەپ ، ئۆزۈڭ داڭلايسەن» دېگەن سۆز بار . ئۆزىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى قانچىلىك داڭلىساق ، داڭلىغۇدەك ئەسەرلەر سان-ساناقسىز مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ . مەسىلە ئۇنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئوقۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ ، ئۇلارنىڭ داڭلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە . ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ، پسىخىكىسى ، ياشاش ئادىتى ، مىللىي خاسلىقى ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئەدەبىيات شەكلى ئارقىلىق كەڭ خەنزۇ خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ، چوقۇم ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئىچىدىكى قوش تىللىق ئىجادىيەت بىلەن ئېلىپ بارالايدىغان ئەدىبلىرىمىزگە ئىلھام بېرىشىمىز كېرەك . غەيرەت ئاسىم ، ئەكبەر غۇلام ، ئىمىن ئەھمىدى ، گۈلنىسا جامال ، ئارزۇگۈل تۇراپ قاتارلىقلار بۇ جەھەتتە ئۈلگىلىك رول ئويناۋاتىدۇ.
    غەيرەت ئاسىم 9791-يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ھازىرغىچىلىك خەنزۇچە ئون پوۋېست ، 021 ھېكايىسى ، 03 نەچچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان . ئۇيغۇرچە ئالتە پوۋېستى ، 001دىن ئارتۇق ھېكايىسى ، 04 نەچچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان . ئۇيغۇر تىلىدا«يادىكار» ، «پەرىدە» قاتارلىق ھېكايە توپلاملىرى ،«ئالتۇن كان» ،«قىزىل ئاسمان» قاتارلىق پوۋېستلار توپلاملىرى ،«يىغلىما ئىنسان»،«ئاخىرقى ئاقسۆڭەك»،«سەرسان ھېسسىياتلار»،«يات كۆلەڭگىلەر»قاتارلىق رومانلىرى نەشر قىلىنغان . خەنزۇ تىلىدا«قۇياش ھەممىگە شاھىد»ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى نەشر قىلىنغان . 4891-يىلى«بىخ»ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھېكايىسى«ئويغانغانلار ۋە ئۇخلاۋاتقانلار»شاڭخەيدە چىقىدىغان«بىخ»ناملىق خەنزۇچە ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان . 9891-يىلى«ياشىسۇن تۇرمۇش»ناملىق پوۋېستى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن («ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 9991-يىل 5-سان 07-بەتكە قارالسۇن) . ئاتاقلىق ئوبزورچى چىن بەيجۇڭ غەيرەت ئاسىم ھېكايىلىرىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك غەربىي چېگرا رايونىدىكى كىچىك شەھەر - غۇلجىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى تېما قىلىنغان» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان ئاتاقلىق ئوبزورچى مۇھەممەت پولات نەشرگە تەييارلىغان«ساداقەت زېمىنىدا ساقلىنىدۇ»ناملىق ئوبزورلار توپلىمىنىڭ 053-بېتىگە قارالسۇن)دېيىش ئارقىلىق غەيرەت ئاسىم ھېكايىلىرىغا يۇقىرى باھا بەرگەن . يەنە خەنزۇچە«ئىلى دەرياسى»ژۇرنىلىنىڭ 8991-يىل 1-سانىدا ۋاڭ ۋېي ئوبزور ئېلان قىلىپ ، غەيرەت ئاسىمنىڭ ھېكايە ئىجادىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ، ئۇنىڭ تالانتىغا يۇقىرى باھا بەرگەن . ئۇ قوش تىللىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ، يۇقىرىقىدەك زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىگەن . شىنجاڭنى پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇتۇشقا بىر ئۈلۈش تۆھپە قوشقان . ئۇ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى . ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان ئەسەرلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالقىش تاپسا ، خەنزۇ تىلىدا يازغان ئەسەرلىرى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنى قايىل قىلىپ ، ئۇيغۇر مىللىتىگە زور شان-شەرەپلەرنى كەلتۈرمەكتە.
    ئەكبەر غۇلامنىڭ ھېكايە-پوۋېستلىرى ، شېئىر ، نەسرلىرى ۋە ئوبزورلىرى خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە يېزىقلاردا داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە . ئۇنىڭ ھازىرغىچە بىۋاسىتە خەنزۇچە يازغان«توكيو خاتىرىلىرى»ناملىق ئەسەرلىرى«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان . ئۇنىڭ«يامغۇردا قالغان سۆيگۈ» ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.
    ئىمىن ئەھمىدى ئۇيغۇرچە شېئىرلارنى ياخشى يېزىپلا قالماستىن ، بىۋاسىتە خەنزۇچە يازغان شېئىرلارنىمۇ ئالاھىدە ياخشى يازىدۇ . 8991-يىل 2-سان«مىللەتلەر ئەدەبىياتى »ژۇرنىلىدا خەنزۇچە يازغان بەش پارچە شېئىرى ئېلان قىلىنغان . خەنزۇ تەقرىزچىلىرىدىن خاۋ مىڭ ئىمىن ئەھمىدىنىڭ شېئىرلىرىغا باھا بېرىپ:«دېڭىز-ئوكيان قۇياش ماكانى ، بەلكى شۇ سەۋەبتىندۇر ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ تەقەززالىق ئىلكىدە ، ئىچى تىت-تىت بولۇپ ھېرىپ-چارچاشتىن قورقماي ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىن شەرققە قاراپ يۈگۈرۈپ ، ئۆزىنى پايانسىز دېڭىز-ئوكيانغا ئاتىغان يەنە بىر ئۇيغۇر شائىرى پەيدا بولۇپ قالدى...» دېدى . شائىر ئىمىن ئەھمىدى 0991-يىلى 8-ئايدا بېيدەيخېگە سەپەر قىلىپ قايتقاندىن كېيىن ، بىزگە«ساھىل لىرىكىلىرى» تېمىسىدىكى بىر تۈركۈم شېئىرىنى سوۋغا قىلدى . ئۇنىڭدىكى ئالتە پارچە شېئىر خۇددى ئالتە مەرۋايىتقا ئوخشاش كۆزنى قاماشتۇرۇپ ، پارقىراپ نۇر چاچتى . ئۇ دېڭىز مۇھەببىتىدىن ئىبارەت سۆيگۈ رىشتىسىگە مەھكەم باغلانغان شېئىرلار ئىدى . «ساھىل لىرىكىلىرى»ئۇنىڭ تۇنجى مەرتىۋە بىۋاسىتە خەنزۇ يېزىقىدا ئىجاد قىلغان ئەسىرى . تۇنجى قەدەمدىلا قولغا كەلگەن بۇ نەتىجە بىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ ، بىزنى خۇشال قىلىدۇ . بىزنىڭ تەبرىكلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ(«ساداقەت زېمىنىدا ساقلىنىدۇ» ناملىق  ئوبزورلار توپلىمىنىڭ 072 - 772-بەتلىرىگە قارالسۇن.)
    يۇقىرىدىكى بۇ كىتابتا ئەدەبىيات تەشكىلاتچىسى ، تالانتلىق ئوبزورچى ۋاڭ جۇڭمىڭ يەنە بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىپ ، ئىمىن ئەھمىدىنىڭ  شېئىرلىرىنى مىسرامۇ مىسرا ، كۇپلېتمۇ كۇپلېتلار بويىچە ئانالىز قىلىپ ، يۇقىرى باھالارنى بەرگەن.
    گۈلنىسا جامالنىڭ «قىزىل گۈل بىلەن بۇلبۇل» ناملىق ھېكايىسى بىۋاسىتە خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان بولۇپ ،«مىللىي يازغۇچىلار» ژۇرنىلىنىڭ 9991-يىل 1-سانىنىڭ 1-بېتىگە بېسىلىپ ، بۇ ژۇرنالغا ئالاھىدە بەدىئىي تۈس كىرگۈزگەن ، بۇ جەھەتتىكى يۇقىرى باھا شۇ ژۇرنالنىڭ«بەت بوسۇغىسى»دا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان . ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە يازغان ئەسەرلىرى«تارىم»ژۇرنىلى قاتارلىق ژۇرناللارغا ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە.
    ئارزۇگۈل تۇراپ خەنزۇ يېزىقى بىلەن ئەسەر يېزىپ«شىنجاڭ گېزىتى»، «مىللىي يازغۇچىلار» ، «غەربىي دىيار ئەدەبىياتى» ، «تەڭرىتاغ ئوبزورى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا «ئۇيغۇر ھېكايىچىلىقى توغرىسىدا» ، «نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ ھېكايىلىرىغا باھا» ، «ئەختەم ئۆمەرنىڭ ھېكايە ئىجادىيىتى» ، «يېڭى زامان ئۇيغۇر ھېكايىلىرىغا بىر نەزەر» قاتارلىق ئوبزورلارنى ئېلان قىلدۇرغان . ھازىر قوش تىللىق ئىجادىيەت - دۇنياۋى ئەدەبىيات ھادىسىسى بولۇپ قالدى . نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فرانسىيە يازغۇچىسى بېككىت ئىنگلىز تىلىدا بىرقانچە ئىلمىي ماقالىلەرنى ، ھېكايىلەر ۋە «مورفىي» ، «ۋات» ناملىق رومانلارنى يېزىپ چىققان . ئۇ فرانسۇز تىلىدا تېخىمۇ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان . ئېلىمىز تەرەققىياتىدىن قارىغاندىمۇ ، ئەدەبىياتتا قوش تىللىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئومۇملاشماقتا . خەنزۇ تىلىدىن ئىبارەت بىر مىليارد نەچچە يۈز مىليون ئاھالە ئورتاق قوللىنىۋاتقان مۇشۇنداق چوڭ تىلنى كۆۋرۈك قىلغاندا ، ئۆز ئەسەرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىتابخانلارنىڭ كۆرۈش ، ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدۇ . شۇنداقلا شىنجاڭدىن ھالقىپ ، مەملىكەتكە يۈزلىنەلەيدۇ . قىسقىسى ، دۇنياۋى يازغۇچى بولۇش يولىغا قەدەم قويالايدۇ . ئەسەرلىرى ئېلىمىزنىڭ ھەتتا دۇنيانىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى دۇردانىلاردىن بولۇپ قالىدۇ . بۇ جەھەتلەردە چىڭغىز ئايتماتوف ئۈلگە . غەيرەت ئاسىم ، ئەكبەر غۇلام ، ئىمىن ئەھمىدى ، گۈلنىسا جامال ، ئارزۇگۈل تۇراپلار مىسال بولالايدۇ.
    ئەلۋەتتە ، ئەدەبىي ئەسەر ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئانا تىل مۇھىتىدا گۈللىنىدۇ . شۇڭا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مەملىكەتكە ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە يەنىلا ئەدەبىي تەرجىمە ۋاسىتىسىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ . ئەدەبىي تەرجىمە مىللەت ئارا ياخشى ئەسەرلەرنى بايقاشتا ، ئوقۇپ مەنىۋى زوق ئېلىشتا بولمىسا بولمايدىغان بىر كۆۋرۈك . ئۇيغۇر كىتابخانلىرى لۇشۈن ئەسەرلىرىنى ، پۇشكىن ئەسەرلىرىنى ئەدەبىي تەرجىمە ئارقىلىق كۆرگەن . ھازىر ئەدەبىي تەرجىمىدە قېرىنداش مىللەت ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئانچە زور كۈچ تەلەپ قىلمىسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇر تىلىدىكى جاھان ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك ياخشى ئەسەرلەرنى ، ئۆز مەنىسىنى تولۇق ئىپادىلىگەن ئاساستا خەنزۇ تىلىغا ، بولۇپمۇ ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىنتايىن ئاجىز ھالقا بولۇپ ، بۇ ئەدەبىياتىمىزنى ئويغا سالىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى . بۇ جەھەتتە نەتىجىلەرنى يەكۈنلەپ ، پىكىرلىرىمنى كىچىك ئىككى تۈرگە بۆلۈپ ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
    1 . ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش مەسىلىسى . ئۆلكىمىز ئازاد بولغاندىن كېيىن ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تۆھپە قوشقان بىرقىسىم ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىن بەزى ئەدەبىي تەرجىمانلار ئۆزى خالىغان ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ ، خەنزۇچە گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ، يەنە بەزى ئەدەبىي تەرجىمانلار تەشكىلنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ، بەزى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ ، كەڭ خەنزۇ خەلقىگە تونۇشتۇرغان . شۇ چاغلاردىن ھازىرغىچە ، ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىشنى بىلىدىغان ۋە ئەمەلىيەتتە تۆھپە قوشقان ۋە تۆھپە قوشۇۋاتقان بىرقىسىم ئۇيغۇر تەرجىمانلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچىمەن .
    ئابدۇكېرىم خوجا - ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تەرجىمە ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى . ئۇ ئەدەبىي تەرجىمە پائالىيىتىنى 2591-يىلى ئىنقىلابىي ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشتىن باشلىغان . 6591-يىلى ئۇ تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن «ل . مۇتەللىپ شېىئىرلىرىدىن تاللانمىلار»خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى تەرىپىدىن خەنزۇچە نەشر قىلىنىپ ، خەنزۇ كىتابخانلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن . ئۇ يەنە نىمشېھىت ، ئەلقەم ئەختەم ، تېيىپجان ئېلىيوپ قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان . شۇڭا شۇ دەۋرلەردە خەنزۇ ئوقۇرمەنلىرى ۋە يازغۇچىلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ، تېيىپجان ئېلىيوپ ، ئابدۇكېرىم خوجىنى بىلىدىغانلار كۆپ ئىدى.
    غەيرەت ئاسىم ھازىرغىچە ئۇيغۇرچىدىن 03 پارچە ھېكايە ، ئىككى چوڭ تىياتىر ئەسىرى ، 02 ماقالە ، 01 پارچە شىئېرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان . مەرھۇم تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ«تۈگىمەس ناخشا»ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى بىرنەچچە ئاتاقلىق ئەدەبىي تەرجىمان ، خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇرغانىدى . غەيرەت ئاسىم ئۈچ تەرجىماننىڭ تەرجىمىسىنى ، ئۇيغۇرچە ئەسلى ئەسەرگە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ ، تەرجىمىدىكى مەنىسىنى تولۇق يەتكۈزۈپ بېرەلمەسلىك ، ئەسلى ئەسەرگە سادىق بولماسلىق ، تەرجىمە شەكلى ، ئۇسلۇبىدا كەتكۈزۈپ قويۇشتەك مەسىلىلەرنى بايقىدى . ئاخىر ئۆزى تەرجىمە قىلدى . نەتىجىدە ئۇ تەرجىمە قىلغان يېڭى نۇسخىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، كىتابخانلار غەيرەت ئاسىمنىڭ تەرجىمىسىگە يۇقىرى باھا بەردى . شۇنداقلا ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈردى .
    ئەكبەر غۇلام ئۇيغۇرچە يېزىلغان نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان . سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «ئۆمۈر داستانى» ، روزى ھوشۇرنىڭ«قەھرىماننىڭ ئوغلى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى ، ئۆزى توپلاپ ، ئۆزى رەتلەپ تەرجىمە قىلىپ چىققان چوڭ ھەجىمدىكى«دۇنياۋى نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» ناملىق كىتاب ، ئۇ يېزىش ۋە كۆرۈشكە قاتناشقان «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق كىتاب ، ئۇ تەرجىمە قىلىپ رەتلىگەن «ھېسام چاقچاقلىرى»نىڭ خەنزۇچە چىقىدىغان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ، «مىللىي يازغۇچىلار» ، «جۇڭگو غەربىي دىيار ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژۇرناللارنى ۋاراقلايدىغان بولساق ، ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمانلىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ، گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلغانلىقىغا كۆزىمىز چۈشىدۇ . 9991-يىل 5-سان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى«دا تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ «تەكلىماكان» قاتارلىق ئۈچ پارچە شېئىرى ئىمىن ئابلا تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان . 00002-يىل 2-سان «مىللىي يازغۇچىلار» ژۇرنىلىدا ئالىمجان ئىسمايىلنىڭ بىر ھېكايىسىنى بەختىيار باھاۋۇدۇن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان . 8991-يىل 2-سان«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ يۇلغۇن ھەققىدە يازغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ئىمىن ئابلا تەرىپىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان . 8991-يىل 3-سان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئەكبەر غۇلامنىڭ بىر پارچە ئەسىرى ئېلان قىلىنغان . يەنە شۇ ساندا ئا . ئۆتكۈرنىڭ «قارىغاي» ناملىق شېئىرى ئىمىن ئابلا تەرىپىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان . 0002-يىل 1-سان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا تۆمۈر داۋامەتنىڭ بىر بۆلۈك شېئىرلىرى ئەكبەر غۇلام تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان . 9991-يىل 1-سان «مىللىي يازغۇچىلار» ژۇرنىلىدا ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ بىر شېئىرى تەلئەت ئىبراھىم تىلەك تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان . 9991-يىل 6-سان«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا يەنە تۆمۈر داۋامەتنىڭ بىر بۆلۈك شېئىرلىرى ئەكبەر غۇلام تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان .
    2 . ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىىش مەسىلىسى . مېنىڭچە ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە چوقۇم ئەسەرلىرىمىزنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇشتىن قول سېلىپ ، تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنى جۇڭگودا چىقىدىغان ئىنگلىزچە «جۇڭگو ئەدەبىياتى» بولسۇن ياكى خەلقئارادىكى ئىنگلىز تىلىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق ئەدەبىي ژۇرناللاردا بولسۇن ئېلان قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئەدىبلىرىمىزنى ، ئەسەرلىرىمىزنى ئىنگلىز تىلى دۇنياسىغا تونۇتۇش . مۇنداق بولمايدىكەن ،   بىر قىسىم نادىر ئەسەرلىرىمىزنى ، تالانتلىق ئەدىبلىرىمىزنى ئۆزىمىز داڭلاپلا ئۆتۈپ كېتىمىز . بىز مىڭ داڭلىغاندىن كۆرە ، چەت ئەللىكلەر ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىمىزنى ئوقۇپ داڭلاپ ، ئوبزورلارنى ئېلان قىلسا ، شۇ ئېشىپ كېتىدۇ . دۇنياغا ھەقىقىي يۈزلىنىش شۇ بولىدۇ . نوبېل مۇكاپاتىغىمۇ پەقەت شۇ ئارقىلىق ئېرىشەلەيمىز . مەن ئىنگلىزچە «جۇڭگو ئەدەبىياتى» ئارقىلىق موڭغۇل شائىرى با . بورونبېسكو بىلەن تونۇشقان . ليۇ شاۋتاڭ ، پېڭ جەنمىڭ قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان . مەن ئىنگلىزچە «جۇڭگو ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىغا 1891-يىلىدىن بۇيان مۇشتىرى بولۇپ كېلىۋاتىمەن . گەرچە بىر قىسىم سانلىرى يوقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ، بارلىرىدىن ئاز-تولا پايدىلىنىپ كېلىۋاتىمەن . تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، ئىنگلىزچە «جۇڭگو ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 021 نەچچە دۆلەتكە تارقىلىدىكەن . دېمەك ، ئاز سانلىق مىللەت شائىرى با.بورونبېسكو ، خەنزۇ يازغۇچىلىرىدىن ليۇ شاۋتاڭ ، پېڭ جەنمىڭ قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلار ئەسەرلىرى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ، ئىنگلىزچە ژۇرنالغا بېسىلغىنى ئۈچۈنلا ، كەڭ ئىنگلىز تىلى ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشلۇق بولدى . خەنزۇلار بۇ جەھەتتە ئاجايىپ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . ئىنگلىزچە«جۇڭگو ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنى ۋاراقلايدىغان بولساق ، ۋاڭ مېڭ ، ليۇ شاۋتاڭ ، پېڭ جەنمىڭ ، فېڭ جىسەي ، يۇ دافۇ قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ سۈرەتلىرى ، تەرجىمىھالى قوشۇپ ئېلان قىلىنغان پوۋېستلىرىنى ، ھېكايىلىرىنى ، شۈ جىنسەننىڭ شېئىرلىرىنى ، جىن جاڭنىڭ مەسەللىرىنى ھەر سانىدا دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز . 3891-يىل 21-سان ئىنگلىزچە«جۇڭگو ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىغا دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى موڭغۇل شائىرى با . بورونبېسكونىڭ تۆت پارچە شېئىرى ۋە«مېنىڭ شېئىرلىرىم» ماۋزۇسى ئاستىدا ئەدەبىي ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان تەرجىمىھالى بىلەن سۆرىتى قوشۇپ بېرىلىپ ، بۇ ژۇرنالغا بەدىئىي تۈس كىرگۈزگەن . كۆرگەن كىشىنىڭ ھەۋىسى كېلىدۇ . گەرچە بۇ ئاددىي مىسال بولسىمۇ ، بۇ ھەقىقىي دۇنياغا يۈزلەنگەنلىكنىڭ قەدىمى ھېسابلىنىدۇ . بىز دۇنياغا ئەمەس ، ئۇيغۇرلارغا (شىنجاڭغا) يۈزلىنىۋاتىمىز . مەملىكەتكىمۇ تولۇق يۈزلىنەلمەيۋاتىمىز . قانداقمۇ دۇنياغا يۈزلىنىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ مۇنداق دېسەم ، ئىنگلىزچە بىلىدىغان تەرجىماننى نەدىن تاپىمىز؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىشى مۇمكىن . 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ، ئۆگەنگەننى جانلىق ئىشلىتىش خېلى راۋاج تاپتى . بۇنىڭغا ئەدەبىي تەرجىمان ئىلغارجان مەتتۇرسۇن ئىسلام مىسال بولالايدۇ . بەزىلەر چەت ئەللەردە مەخسۇس ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىپ ، دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىنى ئېلىپ قايتىپ كەلدى . «سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختاپتۇ» دېگەندەك ئۇيغۇرچىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىشقا ئەمەلىي قول سالساق ، ئىنگلىز تىلى تەرجىمانلىرى چوقۇم چىقىدۇ . گەپ شۇلارنىڭ ئىنگلىز تىلى سەۋىيىسىدىن پايدىلىنىش . شۇنداقلارنى ئىشقا قويۇش مەسىلىسى.
     مېنىڭچە ، ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى بىۋاسىتە ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلالايدىغان ئۇيغۇرلاردىن بىرقانچە كىشىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكەپ چىقىپ ياكى تەكلىپ قىلىپ ، يۇقىرى مائاش ، يۇقىرى قەلەم ھەققى بېرىپ سىناپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ، تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرى ، مەتبۇئات تەلىپىگە مۇۋاپىق كېلىپ ، ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنسا ، ئۇنداقلارنى مۇقىم ئىشلەتسە ، تاكى شۇ سەۋىيىگە يەتكىچە ئادەم تاللاپ ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىشقا داۋاملىق ئۇيۇشتۇرۇپ ، بۇ چارە-تەدبىرنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرسەك . ئىشىنىمىزكى ، «پىچاقنى بىلەۋەرسە ئۆتكۈرلەشكەندەك» ئۇيغۇرچىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىۋەرسە ، ياراملىق تەرجىمان بولۇپ چىقالايدۇ . ئەمدى يۇقىرى مائاش ، يۇقىرى قەلەم ھەققىنى كىم بېرىدۇ؟ دېگەن مەسىلە تۇغۇلۇشى مۇمكىن . «گۈلزار مۇكاپاتى»غا مەبلەغ سالغاندەك چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق يەككە كارخانىچىلارنى قولغا كەلتۈرسەك ، شۇنداقلار ئۈچ تەرەپ مەبلەغ سېلىش (ئەسەر ئاپتورى مەبلەغ سېلىش ، كارخانىچى مەبلەغ سېلىش ، ئەسەرنى ئېلان قىلغان ئىنگلىزچە ژۇرنال قەلەم ھەققى بېرىش ، بۇ ئۈچ تەرەپ چىقارغان پۇلنى تەرجىمانغا بېرىش) ئارقىلىق ، قانداق قىلساق بىر ئامال قىلىپ ، ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى ئىنگلىزچە بىلىدىغان ئەدەبىي تەرجىمانلاردىن ھەقىقىي پايدىلىنىپ ، بۇ جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلساق ، بۇ دېگەنلىك ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىنگلىزچە ئەسەر يېزىش ياكى بارلىق ئەسەرلەرنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس . ھەقىقىي تالانتلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرقانچىنى ئادەتتىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىنمۇ كەم دېگەندە بىرەر پارچىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئېلان قىلساق ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تۇنجى قەدەمنى باسقان بولىمىز . تۆۋەندە بىر قىسىم ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ، ئىنگلىزچە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغانلىقىغا تەشەككۇر ئېيتىش يۈزىسىدىن ئۇلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچىمەن .
    8991-يىلى 2-سان ئىنگلىزچە «جۇڭگو ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىغا تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ «بىر قىزنىڭ ھەسرىتى» ناملىق شېئىرى ، يەنە شۇ سانغا ئىمىن ئەھمىدىنىڭ ئىككى پارچە شېئىرى ۋاڭ چىيىڭ تەرىپىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان . شۇ سانغا يەنە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن «ئۈجمە سايىسى» ناملىق چۆچەك مۇ شەنخېڭ تەرىپىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان . 8991-يىل  1-سان ئىنگلىزچە «جۇڭگو ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىغا جۇڭگودىكى 01 مەشھۇر شائىر ھېسابلىنىدىغان شىنجاڭدىكى ئۈچ شائىرنىڭ (ئۇلار ياڭ مۇ ، جۇ تاۋ ، جاڭ دېيى) تۆت پارچە شېئىرى ، ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ «شارلار تېغى» ناملىق شېئىرى سىمۇن تەرىپىدىن ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان . 7891-يىل 3-سان ئىنگلىزچە«جۇڭگو ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىغا شىنجاڭلىق شائىر ياڭ مۇنىڭ«ئۇيغۇرلارنىڭ غۇۋا يۇمۇرلىرى»ناملىق شېئىرى سىمۇن تەرىپىدىن ئېنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان . بۇنىڭ شىنجاڭنى دۇنياغا تونۇتۇشقا خېلى زور دەرىجىدە پايدىسى بار . ياش تاجىك كارخانىچى ماھىرجاننىڭ ئىش-ئىزلىرى شەرھلەنگەن ، ئاتاقلىق يازغۇچى جۇ گۇاڭخۇا يېزىپ چىققان ئەدەبىي ئاخبارات «پامىر بۈركۈتى»ئۈچ خىل يېزىقتا بېسىلغان بىر پارچە كىتاب بولۇپ ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان . بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى شېرىن قۇربان تەرجىمە قىلغان . ئىنگلىزچىغا گۈلزار تالىپ تەرجىمە قىلغان.
    يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ، ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرگە نىسبەتلەشتۈرسەك ، تەخمىنەن مىليوندىن بىر نىسبەتنى ئىگىلىشى مۇمكىن ، يوقتىن ياخشى . بۇ بىر ياخشى باشلىنىش . ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى بىۋاسىتە ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىشنى بىلىش ، بۇ تولىمۇ ئالىيجانابلىق ئىش . بۇنىڭ ئۈچۈن ھەم ئۇيغۇرچىنى ، ھەم ئىنگلىزچىنى تولۇق بىلىشى كېرەك . ئىنگلىزلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشاش ئىمكانىيىتى يوق جايدا ، ئىنگلىز تىلىنى راۋان بىلىش تېخىمۇ قىيىن . شۇڭلاشقا ، ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇرالىغان ئىنگىلىز تىلى تەرجىمانلىرىغا قانداق مۇكاپات(يۇقىرى قەلەم ھەققى ، يۇقىرى مائاش)بەرسە ئەرزىيدۇ ، مېنىڭ تەرجىمە ئەمەلىيىتىمدىن قارىغاندا ، بۇ گۇڭ كۆتەرمەيدىغان ئەمگەك ئىكەن . شۇڭلاشقا ، ئىنگلىز تىلى تەرجىمىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەدەبىي تەرجىمانلار ئاز ئوخشايدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن تەرجىمانلارنىڭ قەلەم ھەققىگە قاراپلا تۇرماي ئەسلى ئەسەرنىڭ ئاپتورىمۇ پۇل چىقىرىپ ، شۇنىڭدەك كارخانىچىلارنىمۇ ئىمكانقەدەر قولغا كەلتۈرۈپ شۇ ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئېلان قىلدۇرۇشنى كۈندىلىك خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈپ ، ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىدا چىڭ تۇتۇشنى تەكلىپ بېرىمەن . بۇ دېگەنلىك-ئىنگلىز تىلى بىلىدىغانلاردىن ھەقىقىي پايدىلىنىپ ، ئەدەبىياتىمىزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش دېگەنلىك . بۇ يېڭى ئەسىردىكى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە . «نادان قازانغا قارايدۇ ، تەدان ئوچاققا»دېگەن گەپ بار . ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز دەپ ، ئېغىزدىلا دەپ ئەمەلىي قول سالماسلىقىمىز ، ناداننىڭ قازانغا قارىغىنىدەك بىر ئىش بولىدۇ . ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئېلان قىلىشىمىز ، تەداننىڭ ئوچاققا قارىغىنىدەك بىر ئىش بولىدۇ . ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىمۇ ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇرالىساقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە ئىمكانىيەت ياراتقان بولىمىز . ئاخىرىدا مەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ، ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ، ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرۇۋاتقان غەيرەت ئاسىم ، ئەكبەر غۇلام ، ئىمىن ئابلا ، سۇ يۇڭچىڭ ، بەختىيار باۋۇدۇن ، تەلئەت ئىبراھىم (تىلەك) ، دىلمۇرات قاتارلىق ئەدەبىي تەرجىمانلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن . شۇنداقلا تەرجىمە ئىشلىرىڭلارنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىشنى بىلىدىغان گۈلزار تالىپقىمۇ ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن . ئەدەبىي تەرجىمە راۋاج تاپسۇن . شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ھەقىقىي تۈردە دۇنياغا يۈزلەندۈرەيلى!
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.