شېئىرىيەتتىكى غۇۋالىق (ئابدۇللا تۇردى )

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-24 17:11:40

شېئىرىيەتتىكى غۇۋالىق ئابدۇللا تۇردى شېئىرىيەتتە غۇۋالىقنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. شېئىردىكى غۇۋالىق-ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى ئوچۇق-ئاشكارا، يالىڭاچلا ئوتتۇرىغا قويماستىن، شېئىرىي مۇھىت ۋ...

    شېئىرىيەتتىكى غۇۋالىق

    ئابدۇللا تۇردى

    شېئىرىيەتتە غۇۋالىقنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. شېئىردىكى غۇۋالىق-ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى ئوچۇق-ئاشكارا، يالىڭاچلا ئوتتۇرىغا قويماستىن، شېئىرىي مۇھىت ۋە شېئىرىي ئوبرازغا سىڭدۈرۈپ، يوشۇرۇن ئىپادىلەش دېگەنلىكتۇر. شۇڭا شېئىرىيەتتىكى غۇۋالىق شېئىرنىڭ بىر قەدەر چوڭقۇر ئىچكى سىغىمچانلىققا ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. كىشىلەر ئادەتتە غۇۋالىقنى شېئىرنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇب ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، بۇنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما شېئىرىي گۈزەللىكنىڭ ئالاھىدە شەكلى بولغان غۇۋالىقنى شېئىرنىڭ ئومۇمىيلىققا ئىگە ئالاھىدىلىكى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇسلۇب ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ھەرخىل بولسىمۇ، مەلۇم غۇۋالىق ئامىللىرى ئورتاق مەۋجۇد بولغان شېئىرلار ناھايىتى كۆپ.

    شېئىرىيەت نېمە ئۈچۈن غۇۋالىق ئالامەتلىرىدىن خالىي بولالمايدۇ؟ بۇنى شېئىرنىڭ ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ۋە تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن. شېئىرىيەتتە ئوبيېكتىپ ۋە سوبيېكتىپ دۇنيا تاۋلىنىپ، يۈكسەك دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئەكس ئەتتۈرىلىدۇ. شېئىرىيەتتىكى غۇۋالىق بىلەن تاۋلاش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش بىر-بىرىنى شەرت قىلغان بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندىمۇ غۇۋالىق شېئىرىيەتنىڭ ئومۇملىققا ئىگە ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

    بەزىلەر غۇۋالىقنى بەدىئىي ماھارەت مەسىلىسىگە يىغىنچاقلاپ، شېئىردا بولۇشقا تېگىشلىك تۇرمۇش تەسىراتى ۋە ئىدىيىۋى سىغىمچانلىققا سەل قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە شەكىل قوغلىشىش بىلەن بولۇپ كەتكەندە ھەقىقي شېئىرىي غۇۋالىق ياراتقىلى بولمايدۇ. شەكىل مۇرەككەپلەشتۈرۈلۈپ، «غۇۋالىق» ئىچىگە قۇرۇق ۋە خۇنۇك نەرسىلەر يوشۇرۇلغان ئاجايىپ-غارايىپ مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، زورمۇ-زور غۇۋالاشتۇرۇلغان شېئىرلاردىكى غۇۋالىقنى ھەقىقىي شېئىرىي غۇۋالىق دېگىلى بولمايدۇ.

    شېئىرىيەتتىكى غۇۋالىق تۇرمۇش ۋە ئىدىيىۋى مەزمۇننىڭ موللۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ. شېئىردا كەڭ ھەم چوڭقۇر ئىدىيىۋى سىغىمچانلىق بولغاندىلا، كىشىلەرگە چوڭقۇر ئىلھام ۋە زوق بەخش ئېتەلەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، چوڭقۇر ئىدىيىۋى مەزمۇن غۇۋالىقنىڭ ئاساسى. شائىرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتى ۋە تۇرمۇش تەسىراتىنىڭ جۇغلىنىشى شېئىرىيەتتىكى غۇۋالىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئەمما، غۇۋالىق پەيدا قىىلدىغان بەدىئىي ۋاستىلەرگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.

    ھەرقانداق شېئىرىي مەنزىرە مەلۇم كونكرېت ئوبراز ئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ ۋە ئىپادىلىنىدۇ. شېئىردا ئىپادىلەنگەن غۇۋالىق شائىرنىڭ مول ۋە رەڭدار رېئال كۆرۈنۈشلەرنى كۆپ قاتلاملىق تەسەۋۋۇر ئارقىلىق جانلاندۇرۇشى، ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىن تىپىك ئوبرازلارنى تاللاشتىكى ماھىرلىقىغا باغلىق. چۈنكى شائىر تاللىغان ئوبرازدىن شېئىردا ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان، ئەمما شائىر دېمەكچى بولغان مۇددىئانى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.

    تىل-ئىدىيىنىڭ بىۋاستە ئىپادىلىنىشى ۋە بەدىئىي ئوبراز يارىتىشتىكى ئاساسىي قورال. شۇڭلاشقا تىلنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تاۋلىنىشى غۇۋالىق يارىتىشتا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. تاۋلانغان تىل مۇنداق ئىككى شەرتنى ھازىرلىغان بولىدۇ: بىرى، ئاز سۆز ئارقىلىق كۆپ مەزمۇن ئىپادىلىنىدۇ؛ يەنە بىرى، بەدىئىي ئىپادىلەشتە مۇئەييەن چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىگە يەتكەن بولىدۇ.

    شېئىرىي ئوبرازنىڭ تاللىنىشى ۋە شېئىرىي تىلنىڭ تاۋلىنىشىدىن باشقا يەنە ئۆزگىچە بەدىئىي قۇراشتۇرۇش، مۇۋاپىق ئىپادىلەش نۇقتىسى ۋە ھەرخىل ئىپادىلەش ۋاستىلىرىمۇ غۇۋالىق پەيدا قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بولۇپمۇ سىمۋولنىڭ كۆپ قاتلاملىقى ۋە كۆپ يۆنۈلۈشلىكى شېئىرىيەتتىكى غۇۋالىققا نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    شېئىرىيەتتىكى غۇۋالىق تەبىئىي ھەم مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، «غۇۋالاشتۇرۇش ئۈچۈنلا غۇۋالاشتۇرۇش» بولۇپ قالىدۇ. غۇۋالىق دەرىجىسى شېئىردا ئىپادىلەنگەن مەزمۇنغا ماسلاشسا شېئىرنىڭ بەدىئىي قىممىتى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، مۇنداق شېئىرلار كىتابخانلارغا كۆپ تەرەپلىمە ئىستېتىك زوق بەخش ئېتىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.