ئەدەبىياتقا ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەر

يوللىغۇچى : AsatAmat يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-19 16:18:00

ئەدەبىياتقا ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەرئەسئەت ئەمەت (1) ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىيلىقى. بۇ يازغۇچىنىڭ جەمىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىگە ئالاقىدار مەسىلە بولۇپ بۇ ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئەستايىدىل يازغۇ...

    ئەدەبىياتقا ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەر
    ئەسئەت ئەمەت

      (1) ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىيلىقى.
       بۇ يازغۇچىنىڭ جەمىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىگە ئالاقىدار مەسىلە بولۇپ بۇ ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئەستايىدىل يازغۇچىسى ھازىرلاش زۆرۇر بولغان موھىم شەرتلەرنىڭ بىرى. چۇنكى يازغۇچى ئۆز رىئاللىقىدىكى مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرسا، ھەتتا ھالقىلىق مەسىلىلەرگە كۆڭۇل بولمىسە بىز ئۇنىڭ ئەستايىدىللىقىدىن گۇمانلىنىشقا ھەقلىق. بىر يازغۇچى يېزىقچىلىقىدا ياكى جەمىيەتتە نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كىلىپ تۇرىدۇ. بىز كۆپ ھالدا يازغۇچىنىڭ ۋىجدانى بولۇشى كېرەك دەيمىز. تەرەققى تاپقان ئەللەرمۇ مۇشۇنداق تونۇشتا. بەلكى تەرەققى قىلمىغان خەلقلەردە يازغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ چوڭراق بولىدۇ. بىز غەرپتە ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىشتا قايسى يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلارغا باشقىلاردىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلدى دىگەن مەسىلە كۆپ ھالدا ھەل قىلغۇچ ئۆلچەم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىتىمىز. تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇق ئۇلۇغ يازغۇچىلارنىڭ بىرى. لىكىن ئۇنىڭ ئامىرىكا ياكى لاتىن ئامىرىكىسىدىكى نۇرغۇن ئۇلۇغ يازغۇچىلاردىن ئۈستۈن تۇرغىدەك ئالاھىدە تالانتى بارمۇ؟ بۇنىڭغا دۇنيانىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدە «بار » دەيدىغان نوپۇز ئىگىسىدىن قانچىسى چىقار؟ ئەمما ئۇنىڭدەك غەيرەت- شىجائەتلىك، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئۇنىڭدەك دادىل يۈزلەنگەن يازغۇچىلار بەك ساناقلىق بولۇشى مۇمكىن. پامۇقنىڭ مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىكى ئېلان قىلىنغاندا بېيجىڭ سىفەن داشۆسىنىڭ پىروفىسسورى جاۋ يوڭ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەر قېتىم جوڭگولۇق قايسىدۇ يازغۇچىنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭلۇقىغا دائىر گەپ ئاڭلىسام بۇنىڭدىن گۇمانلىنىمەن. ئۇلارنىڭ ئەسىرىنىلا كۆرسەڭ يامان ئەمەس. لىكىن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى بىز ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتنىڭ سىرتىدىكى ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق». گىرمانىيەلىك جوڭگوشۇناس كۇبىن«جوڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ جۇرئىتى يوق، جەمىيەت مەسىلىلىرىگە قۇلىقىنى يوپۇرىۋالىدۇ» دەپ تەنقىت قىلىدۇ.
    ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ مەسىلىلىرىگە كەلسەك بۇ ھەقتە بىرنەرسە دىيىش بەلكى قۇرۇق ئېغىز ئۇپرىتىش بولۇشى مۇمكىن. چۇنكى بىزدە زىيالىلىقنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنىڭ يىتىلىشىنى يەنە ئۇزۇن ۋاقىت كۈتۇشكە توغرا كىلىدۇ. بىزنىڭ مۇتلەق كۆپ يازغۇچىلىرىمىز «قۇچقاچ گوشىمۇ گوش» دەيدىغان ئۇششاق نەپلەرنىمۇ قولدىن بەرمەسلىك دەۋرىدە تۇرىۋاتىدۇ. مەسىلەن: بىز ئۇزۇندىن بۇيان نۇرغۇن داڭلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئازراق نەپ ئۈچۇن بىرەر كۆمۇر كاننىڭ، مەلۇم خۇسۇسىي دوختۇرخانىنىڭ، مەلۇم سېرىكچىنىڭ، ۋاسكىتبولچىنىڭ، پۇتبولچىنىڭ، داۋازنىڭ كەتمىنىنى چېپىپ يازغان، قۇرۇق مەدھىيەلەرگە، لاپلارغا تولۇپ كەتكەن كىتاپ ياكى ماقالىلىرىنى كۆپلەپ ئۇچرىتىپ كەلدۇق. بۇ ئەلۋەتتە شۇ يازغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش. بۇنىڭغا ھەم ئۇلارنىڭ كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن دەبدەبىلىك باھانىلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ شۇ داڭدارلىرىمىز قىلىشقا تىگىشلىك ئىش ئەمەس ئىدى.
        مەن بەزىدە ھەممىگە تونۇشلۇق يازغۇچىلىرىمىزدىن بىرەرسى «مەن ئۇ رومانىمنى xx قۇۋۋەت تالقىنىنى يەپ يازغان، شۇڭا بۇ ئەسىرىم ھەممىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقتى» دەپ سالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. يازغۇچىلىرىمىز ئازراق پايدىنىڭ ئارقىسىدىن شۇنچە كۈچەپ، پايى- پىتەك بولۇپ يۇرسە، غەيرەت- شىجائەت تەلەپ قىلىدىغان ئىشلاردا قانچىلىك كېرەككە كىلەر؟. ئىشلار مۇشۇنداق بولسا پۇخرالىرىمىز ئارىسىدىكى نەپسانىيەتچىلىكلەرنى ئەيپلەشكە يۇزىمىزنى قانچىلىك ساقلاپ قالالايمىز؟. جەمىيتىمىزدە سۆز- ھەركىتىگە دىققەت قىلىدىغان، دائىملا مەنپەئەتىنى قايرىپ قويالايدىغان سەرخىللار قاتلىمىنىڭ بولۇشى جەمىيتىمىزنىڭ جىددى تەقەززاسى. يازغۇچىلىرىمىزنىڭ شۇقەدەر كۆپ ئوقۇرمەنلىرى بار ئەھۋال ئاستىدا زىيالىي سۈپىتىدە ياخشى ئۈلگە بولۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسە باشقىلار كىمدىن ئۈگىنىدۇ؟. كىشىلىرىمىزنىڭ ئېڭى قانداق ئىلگىرى باسىدۇ؟. بىر پارچە ئەسەر يېزىشنى ئېيتساق، سىز ئۇنى كۆپرەك ئەجىر قىلىپ يازسىڭىز ئالدىراپ- تىنەپ يازغاندىن ئۇتۇقلۇق چىقىشى مۇمكىن. ئەمما كۆپ ئەجىر قىلىش نۇرغۇن يازغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن زىيان تارتىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئىككى يۇز مىڭ خەتلىك بىر كىتاپنىڭ قەلەم ھەققى بىر ئورگان كادىرىنىڭ بىر ئايلىق مۇئاشىغىمۇ يەتمەيدىغان، يېزىشلا ئەمەس، ئېلان قىلغۇچىمۇ يازغۇچىنى ھالىدىن كەتكۈزىۋىتىدىغان بۇ ئىشنى ئۇلارنىڭ يەنە ئىرىنمەي قىلىۋاتقانلىقىغا بەلكىم ئاپىرىن ئېيتىشىمىز زۆرۇردۇ؟! لىكىن بىزنىڭ رىئاللىقىمىز زىيالىلارنىڭ تېخىمۇ بەكرەك پىداكارلىق كورسىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. يازغۇچىلىق ئەلۋەتتە جاھاندارچىلىقنىڭ ئىشەنچلىك يولى ئەمەس. قۇربان بىرىشنى بىلىدىغان ئادەملا بۇ ئىشقا ماس كىلىدۇ. زىيان تارتىشنى خالىمايدىغان ئادەم ئەلۋەتتە بۇ ئىشنى قىلمايدۇ. شەكسىزكى بۇ مۇنەۋۋەر ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇن شەرەپلىك تاللاشلىرىنىڭ بىرى. ئەمما بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ خاراكتىرىنى دائىملا ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ. شۇڭا بۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىشىكە توغرا كەلدى. ئەدەبىياتىمىز، مەدەنىيىتىمىز دۇچ كەلگەن نۇرغۇن كونكىرىتنى مەسىلىلەر بار. بۇ مۇشۇ كىشىلىرىمىزنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قاراشلىق. مەسىلەن: ئۇيغۇر تىلىغا تايىنىپ ياشايدىغان، ياكى يېزىقچىلىق قىلىدىغان، ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان دۇنيادا شۇقەدەر تىز ئارقىدا قېلىۋاتقان كىشىلىرىمىزگە نەشرىياتلىرىمىزنىڭ مەيلى تەرجىمە ياكى يازما بولسۇن، يىللاپ ھىچقانچە مۇنەۋۋەر كىتاپ تەقدىم قىلالماسلىقى. كىتاپخانىلارغا جاھاندارچىلىق رىسالىلىرىنىڭ پاتماي قالغانلىقى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭمۇ موھىملىقىنى ئۇنتۇپ، ئۇلاردىن ئالىدىغان نەپنىلا قوغلۇشۇپ كىتاپ چىقىرىشلار. نوپۇزلۇقلار ئەقەللى قىلالايدىغان ئىشلارنىمۇ قىلماي، نەشرىيات ساھەلىرىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكلىرىنى كۆرمەسكە سېلىش دىگەندەك. ھەر قانداق مىللەت زىيالىيسى ئالدى بىلەن خەلقنىڭ تەپەككۇرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى موھىم مەقسەت قىلىشى، بىزدەك ئارقىدا قالغان خەلقلەرنىڭ زىيالىسى تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك. بۇ يەردە ئېنىق ئېيتىش كېرەككى بۇ ھەم قانداقتۇ توسالغۇسى كۆپ ئىش ئەمەس. خەلقنىڭ ئارقىدا قېلىشىنى دۆڭگەشكە باھانا ئىزدىمەي، دۆلەتنىڭ سىياسىتى كەڭ ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بىرىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا بۇنى قىلىشىمىز كېرەك. بۇنى قىلماي يۇرۇشىمىز، بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىمىز ياكى بىپەرۋالىق قىلىشىمىز بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل قىلمىش بولۇشى مۇمكىن.
    يۇقىرىدا خەنزۇ يازغۇچىلىرىنى ئەيىپلىگەنلەر كۆپرەك ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتىنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان. يېزىقچىلىقىنى ئەيىپلىمىگەن. ھەقىقەتەنمۇ بىز جوڭگونىڭ دۇنيادا كۆپلەپ تەسىر قوزغاۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ ئۇچۇرىنى دائىم ئاڭلاپ كىلىۋاتىمىز. ئەمەلىيىتى تەلەپتىن كۆپ يىراق بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ئازراق بولسىمۇ مىسال كەلتۇرۇشكە توغرا كىلىدۇ. خەنزۇ يازغۇچىلىرى پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا دۇنيانىڭ ئەدەبىيات، مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆپلەپ خەنزۇ تىل مۇھىتىغا ئېلىپ كىرىشكە زور تەسىر كۆرسەتكەن. مۇشۇ مەدەنىيەت مۇھىتىغا ئېلىپ كىرىلگەن دۇنيانىڭ ھەرقانداق نامايەندە ئەسىرىنىڭ ئارقىسىدا مۇشۇ ئىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان بىر يازغۇچى ياكى شۇ يازغۇچىلارنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات- سەنئەت، مەدەنىيەت خادىمى بار دىسەم قارىسىغا سۆزلىگەن بولماسمەن. مۇشۇ تىرىشچانلىقلارمۇ ئۇلارنىڭ ”قۇلىقىنى يوپۇرىۋېلىش“ گۇنايىنى ئازراقمۇ يىنىكلىتەلمىگەن. ئەمما بىزنىڭ مەدەنىيەت خادىملىرىمىز، زىيالىلىرىمىز، يازغۇچىلىرىمىز مۇشۇ ئىشنى قىلىشقا تېخى بىرەر قەدەممۇ تاشلىمىغان.
    بىز دۇنياۋىي ئەسەرلەرنى ئەمەس نىسبەتەن ئۆلچەملىك ئەسەرنى يارىتالىشىمىز تېخى ناھايىتى مۇشكۇل- سەۋىيەمىز يىتەرسىز- ئەھۋالدا بولغىنىمىز ئۈچۇن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەسەرلىرىمىزدە قانداق پولارنى ئاتقىنىمىز، مىللىتىم دەپ قانداق نالە-پەرياتلارنى قىلغىنىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەتراپىمىزدىكى كونكىرىتنى ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەرگە تەسىر كۆرسىتىش، ئەدەبىيات- سەنئەت، مەدەنىيەت مۇھىتىمىزنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئادا قىلىشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى ئەدەبىياتقا قاراپ قەدەم تاشلىشىمىزغا يول ھازىرلاپ بىرىدۇ.
    لىكىن مىنى دائىم بىئارام قىلىدىغان بىر ئەھۋال بار، يەنى مۇشۇ ئىشنىمۇ قىلىشىمىزنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈللىكى. ھازىر دۆلىتىمىزدە 30 يىللىق تەرەققىيات نەتىجىلىرى تەبرىكلىنىۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى زىيادە تەكىتلەپ ھەممە ساھەنىڭ ماس قەدەملىك تەرەققى قىلىشىغا سەل قارالغانلىقى، شۇڭا نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ كىلىپ چىققانلىقى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە كەڭ تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ. ئەمما سىز بۇنى ئۆزىڭىزنىڭ گىپى قىلىپ دەپ بېقىڭ. بۇنىڭدىن نۇرغۇن تەھرىرلىرىمىزنىڭ يۇرىكى ئېغىپ كىتىشى مۇمكىن. سەۋىيەسىز مۇھەررىرلىرىمىز ھۆكۈمەتنىڭ تەشەببۇسىغا ماس كەلسىمۇ، ئۆزى ئاڭلاپ باقمىغان بىرەر مەسىلىگە ئۇچراپ قالسا بۇ يوچۇن گەپنىڭ ئارقىسىدا نىمە بارتكىن دەپ چۆچۇپ كىتىدۇ. دادىل، يېڭى نەرسىلەر، ھەتتا ئەمىلىي مەسىلىلەر ئۇلارنى ئەندىشىگە سېلىۋېتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئادەتلەنگەن يۇۋاش-يۇمشاق، ھىچنىمىگە پايدىسى بولمىسىمۇ ھىچكىمگە دەخلىسى يوق، دائىم ئۇچرايدىغان پارچە- پۇرات ئەسەرلەر بىلەن ۋەزىپىسىنى تۈگىتىشنى، ئىشلىرىنى مۇشۇنداق كۆڭۈل ئازادە، سالا- سۇلھى ۋە پەم بىلەن خاتىرجەم يۈرۈشتۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەم بۇ مۇھەررىرلەرنىڭ قوغدايدىغان نۇرغۇن كەلەمكەشلىرى بار. ئەسىرىڭىزدە ئۇلارنىڭ دوستلىرىغا ئازراقلا تىگىپ كەتكىدەك يەرنى بايقىسا ئەسىرىڭىزنىڭ قانچىلىك قىممىتى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئەسىرىڭىز تالادا قالىدۇ. «كۆپ پۇل تاپالمىساڭمۇ كۆپ دوست تۇت، ھامان ئەس قاتىدۇ.» دىگەن چىرايلىق ئۇدۇمىمىز نۇرغۇن يازغۇچى ۋە مۇھەررىرلىرىمىزنى ھەممە تۈشۈكتىن ئۆتەلەيدىغان قالتىس ئىقتىدار ئىگىسىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. شۇڭا ھەممە خىل ئادەملەر بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ قوپالايمىز. مۇشۇ ئورنىمىزنىمۇ- بۇ قانچە مۇقەددەس ئورۇن بولسىمۇ- دوست تارتىشىشنىڭ ئوبدان سورۇنىغا ئايلاندۇرۇۋەتتۇق. قولىمىزدىن ئىش كەلگەندىكىن دوستلىرىمىز كۆپ بولىدۇ. ئۇلارغا قولىمىزدىن كىلىشىچە چاپان ياپىمىز. ئۇلارنى پۈۋلەپ كۆپتۇرەلەيمىز، ئۇلارغا تىگىشلىك بولمىسىمۇ تالىشىپ، شان شەرەپلەرنى ئېلىپ بىرەلەيمىز. «يامان نىيەتلىكلەر» نىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىيالايمىز. بۇنىڭ جەمىيەتكە قانداق يامان تەسىرلەرنى ئېپ كىلىشىنى ئويلاشقا ۋاقتىمىز يوق. بىزگە مەۋھۇم خەلقتىن نەق دوست ئەۋزەل. چۇنكى خەلق بىزگە ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمەيدۇ. دوسلىرىمىز ھىچ بولمىغاندا بىرەر ۋاق تامىقىمىزنىڭ پۇلىنى تۆلىۋېتەلەيدۇ.
       بىر يازغۇچى ياكى زىيالى قانچە چوڭ ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈكسىمۇ ئۆزىنىڭ ئۈستۇن روھى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىنى قايرىپ قويۇپ بۇ خىل كىشىلەر بىلەن دوستلىشىپ، ئاندىن شۇ ئىشلىرىنى قىلىشى كېرەك. بۇنداق بولمايدىكەن سىزنىڭ باشقا تىرىشچانلىقلىرىڭىز بىكار ئاۋارىگەرچىلىك. ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرەلىگەن ياكى ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ياقالىغان ئادەمنىڭ قولىدىن قانچىلىك ئىش كەلسۇن؟. زىيالىلىق سىزنىڭ مۇتلەق كۆپ ۋاقىتلىرىڭىزدا يالغۇز قېلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. سىز شۇ يالغۇزلۇقتىلا ئۇگىنىشىڭىزنى، تەپەككۇرىڭىزنى، ئىجادىيىتىڭىزنى ئالغا باستۇرالايسىز. ئەمما بىز ھەممىمىزنىڭ باشقىلارغا داۋاملىق ئارىلىشىش قەرزىمىز بار. بۇ قەرزنى تۆلىمىسەك ئەتراپىمىزدىكىلەرنى كۆزگە ئىلمىغان بولۇپ قالىمىز. ياكى «دەردى بار» بولۇپ قالىمىز. ھەممىلا ئادەمنىڭ بۇ قەرزنى سۇيلەش ھوقۇقى بار. ھەتتا بۇ قەرزنى تۆلىمىگىنىمىز ئۈچۈن پۇرسىتى كەلسىلا ھەممىلا ئادەمنىڭ بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش، بىزنى سېسىتىش، مەنپەئەتلىرىمىزگە زىيان ئۇرۇش ھوقۇقى بار. مانا مۇشۇنداق ھىساپسىز قەرزگە بوغۇلۇشقا، ئاۋارىچىلىققا تەۋەككۇل قىلىدىغان «دەردى بار» ئادەمنىڭ چىقىشىمۇ بىزدە ئوڭاي ئەمەس. ئەمما بۇ قەرزنى تۆلەشكە باشلىغاندا ئۇ زىيالىنىڭ يالغۇز قېلىشىغا قانچىلىك پۇرسەت قالسۇن؟. ئۇنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى قانچىلىك قالسۇن؟. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى قانچىلىك ئىلگىرى باسالىسۇن؟
      نەشرىياتلىرىمىزدا بىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىمىزغا ئالاقىدار ئىشلار ھەققىدە سالماقلىق قەلەم تەۋرىتىدىغان، ياكى ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ خاراكتىرىنى، بۇ خىزمەتنىڭ مىللى مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى ھەقىقى ھىس قىلىپ، نەشرىياتنىڭ يۆنۇلۇشىگە ئازراق تەسىر كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يەتكەن تەشەببۇسكار زىيالىدىن نەچچىسى باردۇ؟ نەشرىياتلار ماڭا ئومۇمىي يۈزلۇك ھەقىقى كەسپ ئەھلىلىرى كەم بولۇش ياكى يوق بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندەك تەسىر بىرىدۇ. بىز خەنزۇ نەشرىياتلىرىدا مەخسۇس پەلسەپەگە، ئەدەبىياتقا، سىياسەتكە دىگەندەك ساھەلەرگە ئالاقىدار ناھايىتى ئىقتىدارلىق، تەشەببۇسكار، دۇنيانىڭ ئالاقىدار نەتىجىلىرىگە ئىنتايىن تىز ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلققە ئىنتايىن كۆپ نامايەندە ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىپ كىلىۋاتقان  غايەت زور يازغۇچى ياكى مۇھەررىرلەر قوشۇنىنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان پەقەت مۇشۇ ئىشنىلا قىلىپ كەلگەن. مۇشۇ ئىش ئۈچۈنلا تۇغۇلغاندەك باشتىن- ئاخىر شۇ ئورنىدا. ئۇلارنى ئىقتىساد ئېزىقتۇرۇپ بۇ ئورنىدىن ئېلىپ چىقىپ كىتەلمىگەن.  ئۇلار نامايەندە ئەسەردىن بىرنى ئۆز تىلى مۇھىتىغا ئېلىپ كىرگەندە بۇنى ئالەمشۇمۇل چوڭ ئىش دەپ،  سەبى بالىلاردەك شاتلىققا تولۇپ، ماقالىلارنى يېزىپ باشقىلارغا خوش خەۋەر يەتكۈزىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەم بۇ ئۆز خەلقى ئۈچۇن بىر ئالەمشۇمۇل ئىش بولۇپ، بۇ تىرىشچانلىقلار خەلقنىڭ تەپەككۇرىغا غايەت زور ئىلگىرلەشلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ئۇلار ئىزچىل مۇشۇنداق خوشاللىق، مەسئۇلىيەت، ئالەمشۇمۇل ئىشلار ئارىسىدا ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
        بىزنىڭ نەشرىياتلىرىمىزنى پۇتۇن دۇنيادىكى ئەڭ بىكىنمە جاي دەي دىسىڭىز كىتاپلارنىڭ ئاجايىپ- غارايىپلىقىدىن دۇنيانىڭ مەركىزىدە تۇرۇۋاتامدىكىن دەپ قالىسىز. ئەمما دۇنيانىڭ نوپۇزلۇق ئىلىم نەتىجىلىرى ئۈچۇن ھەقىقەتەن ئىشىك- دەرىزىسى مەھكەم ئىتىلگەن بىر بىكىنمە جاي. مۇھەررىرلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش چاقىرىقىنى ۋە جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى ھەقىقى مەنىسى بىلەن چۈشەنگىدەك سەۋىيەسىمۇ، نىيىتىمۇ يوقتەكلا. ئەمىلىي نەتىجىسى بولمىسىمۇ، دۇرۇس قەلبى بار مۇھەررىرلەرنى نەدىن تېپىپ، ئۇلارغا يۇقىرقى زۆرۇرىيەتلەرنى قانچىلىك چۈشەندۇرەلەيمىز؟. چەتئەللىك يازغان ئەسەرنى باسسىلا «دۇنيا ئەدەبىياتى» نىڭ ۋەزىپىسى ئادا بولىدۇ. نەشرىياتلار نۇرغۇن كىتاپلارنى چىقىرىپ تۇرسىلا ۋەزىپىسى ئادا بولىدۇ. ھەقىقى ئىش ئەھلىنىڭ بولۇش بولماسلىقىنىڭ كارى چاغلىق. بىز يېقىندىن بۇيان دۆلىمىزنىڭ داڭلىق كارخانىلىرى ئىشلەپ چىقارغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن نۇرغۇن ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ كىلىۋاتىمىز. بۇنى مۇنداق تەمسىل قىلسام بەلكىم بەزىلەر كۈلىشەر: نەشرىياتلىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى نىمە ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۇپ چىقىرار؟.
    ئەھۋال مۇشۇنداق بولغان ئىكەن يازغۇچىلار ياكى زىيالىلارنىڭ نەشرىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ يۇقىرقىدەك مۇستەھكەم، ئىگىز قورغانلىرىنى بۆسۇپ ئۆتۇپ ئۇلارغا گەپ ئۇقتۇرۇپ، جەمىيەتكە بىر ئىش قىلىپ بەرمەكچى بولۇشى ئۇخلىماي چۈش كۆرۇش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
    ئەمدى يېزىقچىلىقنىڭ ئۆزىدىكى ئىجتىمالىققا كىلەيلى: بۇ ئەدىبىي ئەسەر رىئاللىققىلا كۆڭۇل بولۇشى كىرەك دىگەننىلا ئەمەس، ھەتتا ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىگە كۆڭۇل بولۇشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بىر ئەسەرنىڭ نەتىجە قازىنالاش- قازىنالماسلىقىنى ئۇ ئەسەرنىڭ رىئاللىقنى قانچىلىك ئەكس ئەتتۇرەلىگەن- ئەتتۇرەلمىگەنلىكى بىلەنلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىگە قانچىلىك كۆڭۇل بۆلەلىگىنى بىلەنمۇ ئۆلچىنىدۇ. ئەسەر جەمىيەتنى ئەكس ئەتتۇرۇش، جەمىيەتكە تەسىر كۆرسىتىشنى بىۋاستە مەخسەت قىلمايدۇ. ئەگەر بۇ ئۇنىڭ مۇھىم مەقسىدى بولۇپ قالسا ئەڭ ياخشىسى ئۇ ئورنىنى بۇ ۋەزىپىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلىيالايدىغان كەسپلەرگە بوشۇتۇپ بەرگىنى تۇزۇك.
    بوربورگېس يېزىقچىلىق جەريانىدا ئۆز دۆلىتىدىكى ئالاقىدار نوپۇزلۇقلارنىڭ قاتتىق ئەيىپلىشىگە ئۇچرىغان، ئۇنىڭ گۇناھى ”دولەت ئىچىدىكى مەسىلىلەرگە كۆڭۇل بولمىگەن“ دىن ئىبارەت. كىشىلەرنىڭ رىئاللىققا كۆڭۇل بۆلۇش- بۆلمەسلىككە كۆز قارىشىمۇ ئوخشاش بولمىغاچقا بۇ ئۇقۇشماسلىقلار كىلىپ چىققان. لاتىن ئامىرىكىسىلىق نۇرغۇن نوپۇزلۇق يازغۇچىلار بوربورگېسنى لاتىن ئامىرىكىسىلىق ئەمەستەكلا ھىس قىلغان. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بەرگەن تەسىر ئىدى. ئۇنىڭ يازغىنىمۇ لاتىن ئامىرىكىسىنىڭ باشلامچىلىرى كارپىنتېر، خۇئان رۇلفولارنىڭ قەلىمىدىكى رىئاللىق ئىدى. بوربورگېس كىيىن دۆلىتى ئارگىنتىنا ئەدەبىياتىنىلا ئەمەس، پۇتۇن لاتىن ئامىرىكىسى ئەدەبىياتىنى ۋە رىئاللىقىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلىرىنى دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىگە ئېلىپ كىرگۇچىلەرنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇقى بولۇپ قالغان. ئەگەر ئۇنى سەنئەتكىلا كۆڭۇل بۆلگەن، سەنئەتنىڭ ئۆزىگە كۆڭۇل بولۇش بوربورگېسنىڭ خاسلىقى دىسەكمۇ بۇ ئاخىر ئۇنىڭ نەتىجە قازىنىشىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. بۇ يەردە سەنئەت بىلەن ئىجتىمائىيلىق ئايرىغىنى بولمىغىدەك بىرلىشىپ يېڭى بىر نەتىجىنى بارلىققا كەلتۇرگەن.
    گارسىيە ماركىس ئۆز ئەسەرلىرىنى «سىياسى ئەسەر» دەپ ئېنىق ئېيتىدۇ. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئوبزورچىلار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە بەكرەك كۆڭۇل بۆلگىنى يەنىلا ئەدەبىياتنىڭ ئۆزى دەپ قارايدۇ. چۇنكى لاتىن ئامىرىكىسىنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىق، مۇستەبىتلىك، ھەربىي ئىدارە قىلىش، ھۆكۇمەتسىزلىك قاتارلىق مەسىلىلىرى ئەدەبىياتنىڭ ھەل قىلىشىغا قاراشلىق ئەمەس ئىدى. ھەم لاتىن ئامىرىكىسىنىڭ بۇ رىئاللىقى دۇنيا تارىخىدىمۇ تاسادىپىلىق ئەمەس ئىدى. لىكىن گارسىيە ماركىس ئەسەرلىرى دۇنيا ئەدەبىياتى تارىخىدا بىر تاسادىپىلىق ئىدى. گەرچە بۇنىڭ ئىزنالىرى  بۇرۇن بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئورنىنى بەلگىلىگەن.
    لاتىن ئامىرىكىسىدىكى «پارتلاش ئەدەبىياتى» نىڭ يەنە بىر مۇھىم ۋەكىلى ۋارگاس لوسا لاتىن ئامىرىكىسىنىڭ دىموكراتىيەلىشىشى ئۈچۈن ئىزچىل كۈرەش قىلغان يازغۇچى. دۆلىتى پىرونىڭ پىرىزدىنت سايلىمىغا قاتناشقان. سادام ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى ئىراققا بېرىپ تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئىراق پۇخرالىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئەسەر ئېلان قىلغان. ئۇ 1999- يىلىدىكى بىر سۆھبىتىدە «مەن ئەزەلدىن ئۆزەمنى يازغۇچى دەپ كەلدىم، پۇتۇن ھۇجۇدۇم بىلەن سىياسىي ئىشلارغا كىرىشكەن چاغلىرىمدىمۇ شۇنداق» دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە لاتىن ئامىرىكىسى مەسىلىلىرى ئەڭ كەڭ ئوتتۇرغا قويۇلغان بولسىمۇ ئۇ بەدىئىيلىكنى يېزىقچىلىقنىڭ موھىم ئۆلچىمى دەپ قاراپ كەلگەن.
     ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنكى ئامىرىكا ئەدەبىياتىدا زور تەسىرگە ئىگە قارا تەنلىك يازغۇچى رالپ ئېللىسون: «بىز دائىم كىشىلەرنىڭ نارازىلىق ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەرنى ئەيىپلىگىنىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بولۇپمۇ ئامىرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ مۇشۇ خىل ئەسەرلىرىدىن. مىنىڭچە تەنقىتچىلەر بۇ يازغۇچىلارنىڭ پىشمىغان ماھارىتى، بىكىنمە، تار يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى ئەيىپلىگىنى تۇزۇك. بۇ ئەشۇ يازغۇچىلارنىڭ ئورتاق كىسىلىدۇر». دىگەندە ئەسەرنىڭ  يەنىلا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
    بىز بىر يازغۇچىنى سەنئەت ئۇنىمى سەۋەپتىن نەتىجە قازانغانمۇ دەيلى. ھەم مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇنى ئەيىپلەيلى. ئۇنداقتا بازار قوغلۇشۇپ ئەسەر يازىدىغانلارنى ئەيىپلەيدىغانغا گەپ تاپالماي قېلىشىمىز مۇمكىن. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر يازغۇچى ئەمەلىيەتتە جەمىيەتكە ئەڭ كۆڭۇل بۆلگەن يازغۇچىدۇر. چۇنكى يازغۇچىنىڭ بۇنىڭدىن مۇستەسنا نەتىجە قازىنالىشى ناتايىن. چۇنكى ئەدەبىياتنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمىگىلا زىيادە بىرىلىش جەمىيەتتىكى مەسىلىلەرگە زىيادە بىرىلشكە ئوخشاشلا ئەدەبىياتنى پۇچەكلەشتۇرىۋىتىدىغانلىقى ئۇچۇن بۇ خىل يېزىقچىلىق مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ پىرىنسىپى ئەمەس. مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ كۆڭۇل بۆلىدىغىنى ئىجتىمائىيلىق بىلەن بەدىئىيلىك زىچ بىرلەشكەن، ئايرىۋەتكىنى بولمايدىغان يېزىقچىلىق ئۈنىمى بولۇپ، بۇ ئۇزاق ئەسىرلىك ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن توغرا تاللاش، ئەڭ مۇۋاپىق بەدىئي ئۆلچەمدۇر.
     (2)ئەدەبىياتنىڭ مىللىلىكى.
    بۇنىڭ بىزگە بىرىپ كەلگەن مەنىسى- يېزىقچىلىقتا مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىش دىگەندىن ئىبارەت. بۇ يەردە ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىگىشلىك بەزى مەسىلىلەر بار. سىزنىڭ قېرىندىشىڭىزغا كۆيۈنىشىڭىز باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش بەدىلىگە كەلمەسلىگى كېرەك. چۈنكى ھەرقانداق شارائىتتا ئاقىدىغىنى ھەقنى سۆزلەشتۇر. بۇ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلمىغان يازغۇچى يېزىقچىلىقنىڭ ئەقەللى بىر شەرتىنى ھازىرلىيالمىغان بولىدۇ. باشقا مىللەتنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، ئۆز مىللىتىنى كۆپتۈرۈشلەر ئېنىقكى مەسئۇلىيەتسىز، پەسكەش ھەركەت. قۇرۇق مىللى ھىسىيات داۋراڭ قىلىنغان ئەسەرلەر پەقەت شۇ يازغۇچىنىڭ ئۆزىگىلا پايدىلىق بولۇپ، ئۇ بەلكى تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئوقۇرمەنلەرگە تايىنىپ تىگىشلىك نەپكە ئېرىشىدۇ. مايىتىدىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ كۆزلىگىنىمۇ دەل موشۇ بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنداق ئەستايىدىل بولمىغان يازمىسىدىن نۇرغۇن كىشىلەر تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشى مومكىن. مىللەتچىلىكمۇ بازارلاشقان بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇرمەنلەر مىللەتچىلىك داۋرىڭى قىلغۇچىلاردىن بەكرەك ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. مىللەتنىڭ ئەيىپىنى سۆككۈچى مىللەتنىڭ دۈشمىنى، مىللەتنى مەدھىيەلىگۈچى مىللەتنىڭ غەمگۈزارى بولۇشى ناتايىن. يازغۇچى ئەسىرىدە بەدىئى ئۈنۈم، تار-بىكىنمە قاراشلاردىن ھالقىغان ئىدىيە ھازىرلىشى كېرەك. بۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاساسى. يازغۇچى ئەگەر مۇشۇ تەلەپكە يىتىدىكەن، ئۇنىڭ ئەسىرى ئەمەلىيەتتە شۇ مىللەتنىڭمۇ مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ قالىدۇ. ھەم ئۇ ئەسەر مىللىتىنىڭ ئىشەنچىنى، سەۋىيىسىنى يوقۇرى كۆتۈرىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا يازغۇچى ئەستايىدىللا بولسا ئۇنىڭ ئەمگىكىدىن مىللىتىگە نەپ تىگىدۇ. مىللىتىنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشكىمۇ كۆپ پايدىلىق. ئەستايىدىللىق يازغۇچىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيتىنى تونۇپ يىتىشىنىڭ، نەتىجە قازىنىشىنىڭ ئاساسى.
     (3) يېزىقچىلىق ئاددى بولۇشى كېرەك.
    يېزىقچىلىقتا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم بىر مەسىلە شۇكى بىر ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى نوقۇل ئوقۇرمەنلەر ئارقىلىق ئۆلچەنمىسىمۇ ئەسەر ئوقۇرمەنلەرسىز پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. بەزى كىيىنكى مۇدىرنىزىمچىلار ماھارەتكە زىيادە كۇچەپ ئوقۇرمەنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئەھۋاللار سادىر بولغان. ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيتى ئەسەرنىڭ سۇپىتىگە ۋە ساپالىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنى قانچىلىك قوبۇل قىلالىشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك.
    بىمەنە دىراممىچىلىق ئېقىمىنىڭ باشلامچىسى يونىسكو: «شۇبھىسىزكى يېزىقچىلىق ئاددىراق بولۇشى كېرەك. ئەمما بۇ ئاناتولى فىرانىسنىڭ ‹ئوقۇرمەنلەرنى ھاماقەت ئورنىدا كۆرۇش كېرەك‘ دىگىنىدەك ئەمەس» دىگەن ئىدى. مۇدىرنىزىم ئەدەبىياتىدا ئەڭ شۆھرەتلىك يازغۇچى فولكنېر تا ھازىرغىچە گىگانت دەپ تەرپلەنسىمۇ، بوربورگېس ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئومۇميۇزلۇك ئۇچرايدىغان ماكان- زاماننى ئاستىن- ئۇستۇن قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە قۇرۇق ھۇنەر چىقىرىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرغا قويىدۇ. كىيىنكى مۇدىرنىزىمنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى روبى گىرىللى ئەسەرنىڭ شەكلەن ئامىللىرىغا كۇچەش، رەڭ بىرىش، تىلنىڭ ياكى بايان قىلىشنىڭ ئومۇملاشقان قانۇنىيەتلىرىنى بۇزۇشنىڭ ئەسەرگە ياخشى ئىستىقبال ئېلىپ كىلەلىشىنىڭ ناتايىنلىقىنى ئېيتىدۇ. گارسىيە ماركىس ئەسەر يازغاندا ئوقۇرمەنلەرنى زىرىكتۇرۇپ قويماسلىق ئۇچۇن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان يازغۇچىلار كىيىنكى مۇدىرنىزىمنىڭ باشلامچىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئەسەر ئارىسىدىكى توسالغۇلارنى يوقۇتۇشقا تىرىشقان. ھەم بۇ جەھەتتە زور ئۇتۇقلارنى قازانغان. نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرىمىز “مۇدىرنىزىم كىشىلەرنىڭ زوق ئېلىش سەۋىيەسى بىلەن ھىساپلاشمىسا كىرەك” دەپ ئويلاپ قالغان. بۇ سۆزلەرنىڭ مەلۇم ئاساسى بار. مۇدىرنىزىم ياكى كىيىنكى مۇدىرنىزىمنىڭ يۇقىرقىدەك نۇرغۇن ئاۋانگارتلىرى بۇ يىتەرسىزلىكنى يېڭىشقا تىرىشقان. يېزىقچىلىقنىڭ ئاددى، سەمىمى، ئىخچام بولۇشى تەكىتلىنىۋاتقان بۇگۇنكى كۇندە بوربورگېس ۋە گارسىيە ماركىسنىڭ شۇ قەدەر شۆھرەتلىك بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ مۇشۇ پىرىنسىپنى ھۆرمەت قىلغانلىقىدىن بولسا كېرەك. بىز نۇرغۇن ئەمەلىيەتتىن ئاددىلىق، كەمتەرلىك ۋە سەمىمىلىكنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى، لىكىن مەڭگۇ ۋاقتى ئۆتمەيدىغان، ھەممە ساھەگە ماس كىلىدىغان ئۆلچەم ۋە پەزىلەت ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
    ئەمما مۇنەۋۋەر ئەسەردىن زوق ئېلىش جەريانى خۇددى تۇغۇلغان بالىنىڭ چوڭلارنىڭ تىلىنى ئازراق چۇشىنىشتىن كۆپرەك چۇشىنىشكە قاراپ تەرەققى قىلىش جەريانىغا ئوخشايدۇ. ئۇ يازغۇچىلارنىڭ ئاددى دىگىنى نورمال سەۋىيە ھازىرلىغان كىشىلەرنى كۆزدە تۇتۇش، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئالاقىدار مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ھورمەت قىلىش ئاساسىدا يېزىقچىلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
     (4) دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىدە بولۇۋاتقان يېزىقچىلىقتىكى ئەستايىدىللىق ۋە بازار قوغلۇشۇش ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە بەزى ئەھۋاللار.
    ئەدەبىي ئەسەر يېزىقچىلىقى ساھەسىدە ئەستايىدىللىق ۋە بازار قوغلۇشۇش ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى ھازىر ئەڭ كەسكىن بىر باسقۇچقا كىردى دىيىشكە بولىدۇ. 1831- يىلى ئۇلۇغ يازغۇچى ۋە شائى گىيوتى فىرانسىيەلىك يازغۇچى ۋىكتور ھىيوگونى بازار قوغلۇشۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىپلىگەندە بۇ ئىككى خىل يېزىقچىلىقنىڭ چاك- چىگرىسى ئۇنچە ئېنىق ئەمەس ئىدى. لىكىن ھازىر دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىدە ئەستايىدىل بولۇشنىڭ بارغانسېرى قىيىنلىشىپ كىتىۋاتقانلىقى زىيالىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان چوڭ مەسىلە بولۇپ قالغان. 
    بازارلىق ئەسەر يازغۇچىلىرى نۆۋەتتە ئەستايىدىل يېزىقچىلىقنىڭ مەۋجۇتلۇق مۇھىتىغىلا ئەمەس، ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەدەنىيەت سۈپىتىگىمۇ ئېغىر خىرىس ئېلىپ كەلگەن. ئامىرىكىنىڭ ئۈچ چوڭ ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ بىرى بولغان «دۆلەتلىك كىتاپ مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ 2003- يىلىدىكى ئەھۋالىنى ئالايلى: ئامىرىكىنىڭ بازارلىق رومان شاھى سىتىفىن كىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشسە مۇكاپاتقا شەرەپ كەلتۇرەمدۇ ياكى نومۇسمۇ؟ دىگەن مۇنازىرە ئىككى ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان. ئاخىر يەنىلا نامزاتلىققا كۆرسۇتۇلگەن. سىتىفىن كىڭ يازغۇچى، مۇھەررىر ۋە نەشرىيات سودىگەرلىرىگە «مەندەك بىر ئاممىباپ يازغۇچىغا نەزەر سېلىپ قويۇڭلار. بىزنىڭ مەدەنىيەت ساھەمىزدە مىنىڭ ئەسەرلىرىمنىڭ تەڭدىشى يوق» دەپ مۇراجىئەت قىلىدۇ. سىتىفىن كىڭ بىلەن نامزاتلار قاتارىغا كىرگەن ئەستايىدىل ئايال يازغۇچى شىللېي ھاززارت«مەن ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايمەن. ئۇنىڭ ئەسىرىنى مەن ئەزەلدىن ئوقۇپ باقمىغان. ئۇنىڭكىدەك ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا ۋاقتىم يوق» دەپ ئېنىق ئېيتىپ، بۇ ھەقتە مۇخبىر زىيارىتىمۇ قوبۇل قىلىدۇ. سىتىفىن كىڭ بىلەن ئىككىسى كۈتمىگەندە «ئەدەبىياتقا زور تۆھپە قوشقان» لىقى ئۈچۇن تەڭ مۇكاپاتقا ئىرىشىپ قالىدۇ. شىللېي ھاززارت مۇكاپات سەھنىسىگە چىققاندا سىتىفىن كىڭ ۋە 900 دىن ئارتۇق مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئالدىدىلا «ئۇ قاراپ قويۇشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ... بىزنىڭ قىزىقىشىمىز ئەستايىدىل. بىزنىڭ بىۋاستە تۇيغۇمىز، ئۆزىمىزگە خاس خاراكتىرىمىز بار. مۇشۇلار بىزنىڭ نىمىنى ئوقۇشىمىزنى دەپ بىرىدۇ. » دەپ مەيدانىنى ئاشكارا ئىپادىلەيدۇ.
    ھاززارت مۇكاپاتقا ئىرىشكەن «چوڭ ئوت» رومانىنى يېزىشقا 20 نەچچە يىل سەرپ قىلغان. سىتىفىن كىڭ بولسا 20 يىل ئىچىدە 40 قا يېقىن رومان يازغان. ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمىي تىراژى 300 مىليوندىن، بۇنىڭدىن قىلغان كىرىمى 150 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. بايۋەتچىگە ئايلىنىپ كەتكەن سىتىفىن كىڭ «دۆلەتلىك كىتاپ مۇكاپاتى فوندى» نى قوللاش نامىدا مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنىڭ ئورۇن بىلىتىدىن 72 نى 72 مىڭ دوللارغا سېتىۋېلىپ جون گىراسىم، تەن ئىنمېي(جوڭگولۇق ئەۋلادى) قاتارلىق مەشھۇر بازارلىق ئەسەر يازغۇچىلىرىنى بۇ ئورۇنلارغا تەكلىپ قىلغان. مۇكاپاتلىنىشقا بۇ تىرىشچانلىقلىرىنىڭمۇ چوڭ رولى بولغان. سىتىفىن كىڭ كىيىن بۇ ئىشنى ئەسلەپ مۇخبىرلارغا «بۇ ئەدەبىيات قەسىرىگە كىرىشىمىزنىڭ بىردىن بىر ئامالى ئىدى» دەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بۇ قەسىرگە كىرگىنى نۇرغۇن ئەستايىدىل ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ نەزىرىدە بۇ قەسىرنى بۇلغاش بولۇپ قالغان ۋە ئۇنىڭغا لەنەت، تىل- ھاقارەت ھەسسىلەپ ياغقان. مۇكاپاتلاش ھەيئىتى ئەدەبىيات، مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ سىتىفىن كىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان. لىكىن تەھلىلچىلەر: « سىتىفىن كىڭنى مۇكاپاتلاش، مۇكاپاتلاش ھەيئىتىنىڭ مۇكاپاتنىڭ نوپۇزى ۋە تەسىرىنى ئاشۇرۇش نىيىتىدىن بولغان» دەپ پەرەز قىلىشقان. مەقسەتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇلار بۇ ئىشى ئۈچۈن كىڭدىن قېلىشمىغۇدەك لەنەتكە قالغان. نامايەندە ئوبزورچى خارولد بىلوم «ئۇلار ئۇنىڭ يازغان نەرسىلىرى ئىچىدە قانداقتۇ بەدىئي قىممەت، ئىستىتىك ئۈنۈم ياكى كىشىنى ئەقىلگە يىتەكلەيدىغان بىر نەرسە بار دەپ تۇرۇۋالسا بۇ پەقەتلا ئۇلارنىڭ ھاماقەتلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ» دەيدۇ. بازارلىق ئەسەر يازغۇچى گىروسمان «كىڭ ياشىسۇن!» دىگەن ماۋزۇدا ماقالا ئېلان قىلىپ«كىڭنىڭ مۇكاپاتقا ئىرىشىشى ئاتالمىش غەرپ ئەدەبىياتىنىڭ زاۋال تېپىشى بولسا، مەن شۇنداق بولسىكەن دەيمەن» دەيدۇ.
    يەنە بىر بازارلىق يازغۇچى، «خاررى پوتىر» نىڭ ئاپتورى، ئەنگىلىيەلىك ج.ك. روۋلىڭنىڭ باش كۆتۇرۇشى بۇ زىددىيەتنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۇرىدۇ. بۇ يازغۇچىنىڭ 1997-يىلىدىن 2007- يىلىگىچە يازغان يەتتە توملۇق بۇ رومانىنىڭ ئومۇمى تىراژى 400 مىليوندىن ئېشىپ، ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئۇنىڭ كاتابىنىڭ ئاخىرىنى كۈتۈپ، سەۋدايى بولۇش دەرىجىسىگە يەتكەن دىسىمۇ بولىدۇ. يېڭى بىر قىسمىنىڭ بازارغا سېلىنىشىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغان نەچچە مىڭلاپ كىشىلەر يېرىم كېچىدىن باشلاپ كىتاپخانىلارنىڭ ئالدىدا يامغۇرغا چىلىشىپ ئۆچۈرەتتە تۇرغان. يازغۇچى بۇ كىتاپتىن 794 مىلىيون دوللار كىرىم قىلىپ، ئەنگىلىيەنىڭ ئايال پادىشاھىدىنمۇ باي ئايالغا ئايلانغان.بۇ كىتاپقا ئاساسەن ئىشلەنگەن شۇ ناملىق فىلىمنىڭ بىلەت كىرىمى 35 مىليارت دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. نۇرغۇن تەھلىلچىلەر «بۇ رومان كومپىيوتېر ئويۇنىغا بىرىلىپ كەتكەن ساناقسىز كىچىك دوستلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش ئىشتىياقىنى قوزغىدى.» دەپ، بۇنى ”ئىلگىرلەش“ دەپ تەرىپلىگەن.
    ئامىرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق «خوبۇس» ژورنىلى 2005- يىلى ”ئۆزگىچە تەم“ گە ئىگە دۇنياۋى 10 مەشھۇر يازغۇچىنى باھالاپ چىققاندا سىتىفىن كىڭ 6-ئورۇننى، روۋلىڭ 9- ئورۇننى ئىگىلىگەن. داڭلىق يازغۇچى بىئات: «بۇ كىتاپتا نە ماھارەت، نە ئەستايىدىللىق يوق. بۇ كىتاپلار تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى يىتىلمىگەن ئوقۇرمەنلەرگىلا ماس كىلىدۇ» دەيدۇ. خارولد بىلوم: ««خاررى پوتىر» نىڭ كەڭ تارقىلىشى، سىتىفىن كىڭنىڭ دۆلەتلىك كىتاپ مۇكاپاتىغا ئىرىشىشى ئېنگىلىز تىلى ساھەسى ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە يۈز بەرگەن ئەڭ قورقۇنچلىق ھادىسە» دەيدۇ. ئۇ يەنە «دىنىي ئۇرۇش ئۈزۈلمىگەن بۇ دەۋرىمىزدە بىزنىڭ بىر پىرىزدىنتىمىز (كىچىك بوش) بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن بىر كىتاپنى ئاخىرىغىچە ئوقۇپ باقمىغىنىدىن ماختانغان. بىز ھازىر كىتاپ ئوقۇش تارىخىنىڭ ئەڭ ناچار بىر پەيتىدە تۇرۇۋاتىمىز. قىرائەتخانىلارمۇ بۇ ئاپەتتىن ئامان قالمىغان. بەزىلەر ماڭا «بالىلارنىڭ قايسى كىتاپنى ئوقۇشى موھىم ئەمەس. ئوقۇغىنىنىڭ ئۆزى غەنىمەت، ئۇلارنىڭ ئوقۇغىنى <خاررى پوتىر> ياكى سىتىفىن كىڭنىڭ ئەسەرلىرى بولسىمۇ» دەپ تەنبىھ بەرگەن.....«مەن نىمىنى ئوقۇشۇم كېرەك» دىگەن مەسىلە ئەمدى مەسىلە بولماي قالدى. چۈنكى كىنو- تېلېۋېزىيە دەۋرىدە كىتاپ ئوقۇغۇچىلار تۈگەي دەپ قالغان. ئەمدىكى ئەمىلىي مەسىلە «قانداق كىتاپ مىنىڭ جاپا تارتىپ ئوقۇشۇمغا ئەرزىمەيدۇ» دىگەندىن ئىبارەت. گىراسىمنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئەمدى ناچار ئەسەرلەر نامايەندە ئەسەرلەرنى سىقىپ چىقىرىدۇ. تالانتلىق ۋە تەسەۋۋۇرغا باي يازغۇچىلار ئەمەس، بەلكى ئېرىس ۋوكتەك يازغۇچىلار جەمىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ. بازارلىق ئەسەرلەر كۇنسېرى خەلق تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم قىسمىغا ئايلىنىپ. ئورنى كۇندىن- كۇنگە مۇستەھكەلەنگەن.
    2006-يىلى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى ئامىرىكا قىرائەتخانىلار جەمىيىتى «كىتاپ چەكلەش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى ئۆتكۇزۇپ، «دۇنيادىكى ئەڭ نەپرەتلىك 10 يازغۇچى» نى باھالاپ چىققان. ج. ك. روۋلىڭ بۇ  يازغۇچىلارنىڭ قاتارىدىمۇ كۆرۇنەرلىك جايدىن ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ جىنايىتى- «ئۇ تەشەببۇس قىلغان «ئالۋاستىزىم» ئۆسمۇرلەرگە ناتوغرا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن» دەپ بىكىتىلگەن. بۇ جەمىيەتنىڭ ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2000- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە تەنقىتچىلەر «خاررى پوتىر» نى مەكتەپلەر ۋە ئاممىۋىي قىرائەتخانىلارنىڭ ئىشكاۋىدىن چۇشۇرۇۋىتىشكە 3000 قېتىمدىن ئارتۇق تىرىشقان. ئۇلار بۇ كىتاپ كىشىلەرنى «ناچارلىققا ئۇندەيدۇ»، ئۆسمۇرلەرگە كۈتمىگەن ئەكس تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ دەپ قارىغان. بۇ كىتاپ ئەدەبىيات- سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ شۇنچە ئەيىپلەش سادالىرى ئىچىدىمۇ يېشى چوڭ بولسىمۇ ئەقلى ئۆسمىگەن، ئۆزىنىڭ نىمىش قىلىۋاتقىنىنىمۇ بىلمەيدىغان  قىلىقسىز بالىدەك، شۇنچە بىمالال دۇنيا مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىگىچە بېرىشنى كۆڭلىگە پۈككەندەك توختىماي ئىلگىرلىمەكتە.
    ئامىرىكا مۇتەپەككۇرلىرى ۋە ئوبزورچىلىرى تەرىپىدىن ئامىرىكىنىڭ ھازىرقى ئەڭ ئۇلۇغ يازغۇچىسى دەپ ئىتىراپ قىلىنغان نۇرمان مىللېر تەنھەركەتچىلەر بىلەن يازغۇچىلارنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەڭ ماھىر تەنھەركەتچىلەر ناھايىتى كۆپ كىرىم قىلىدۇ، چۇنكى ئۇلار قالتىس قابىلىيەتكە ئىگە. يازغۇچىلار بۇنىڭ ئەكسىچە. ئەڭ نادىر يازغۇچىلارنىڭ كىرىمى چاكىنا، ئاممىباپ ئەسەر يازغۇچىلىرىنىڭكىگە يەتمەيدۇ. چاكىنا يازغۇچىلارنىڭ ئەگرى- توقاي ۋەقەلىككە ئەھمىيەت بەرگەن ئەسەرلىرى نەشرىيات سودىگەرلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلگەن. ھازىر مۇستەقىل كىتاپ ئىدارىلىرى پايدىغىلا ئەھمىيەت بىرىدىغان كارخانىلار گوروھلىرىغا يەم بولۇپ كەتكەچكە ئەستايىدىل يازغۇچىلارنىڭ چاكىنا يازغۇچىلار بىلەن رىقابەتلىشەلىشى ئوڭاي ئەمەس».
    ئەنگىلىيەنىڭ «بوك»، فىرانسىيەنىڭ «گونكور» قاتارلىق ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپاتلىرىمۇ بەزى مەبلەغ شىركەتلىرى ۋە نەشرىيات سودىگەرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ كونتۇرۇللىقىدا ئامىرىكىنىڭ دۆلەت كىتاپ مۇكاپاتىدەك ئىشلارنى قىلىشقا باشلىغانلىقىغا دائىر مىساللارنى يەنە داۋاملىق مىسال كەلتۇرۇش ئارتۇقچە. ئىش قىلىپ ئەستايىدىل ئەسەرلەر بۇرۇن بازارلىق ئەسەرلەر بىلەن جەمىيەتتە رىقابەتلىشەلمىگەن بولسا، ئەمدى ئەدەبىياتنىڭ مۇقەددەس ئىززەت- ھۆرمىتىنى نامايەن قىلىدىغان ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىدىمۇ رىقابەتلىشەلمەسلىك خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

                                      (تۈگىدى)              

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.