ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-07 05:19:51

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇيغۇر ئ...



    ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى
     
     
     
    ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم بىر ۋەقە بولدى، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يېڭى بىر تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويدى،شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى.ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن پەرقلىق ھالدا ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئىجتيىمائىي رېئاللىققا، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىندىن دىققەت قىلدى ۋە ئۇنى ئىجادىيەتنىڭ ئاساسلىق ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبىكتى قىلدى،شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، ئىجادىيەت ئۇسۇلى جەھەتتە رېئالىزمنى ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى قىلىپ قوللاندى،رېئال ئىجتىمائىي مەسىللەرنى ئىجادىيەتنىڭ ئاساسلىق تېمىسى قىلدى،ۋەتەن-خەلقنىڭ تەقدىرى ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى،خەلقنى ئىلىم-مەرىپەت ئىگەنلەشكە،ئاڭ-ئىدىيە جەھەتتە ئويغىنىشقا ۋە ئۆز تەقدىرىنى يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. ھازىرقى زامان ئەدىبلىرىنىڭ نەزەرىدە ئەدەبىيات­– ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى، جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش ۋە ياخشىلاشتىكى، خەلقنى ئويغۇتۇپ ئىدىيە،مەدەنىيەت جەھەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مەنىۋى كۈرەش قورالى بولدى.بۇنداق ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىيات چۈشەنچىسى ئەلۋەتتە ئىلگىرىكى دەۋرلەر ئەدەبىياتىغا سېلىشتۇرغاندا،ھەقىقەتەنمۇ يېڭىلىق ھېساپلىناتتى. دېمەك،ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ دەسلىۋىدىكى ئەدەبىيات ئىجادىيەت ئەمەلىيتىدىن تارتىپ ئەدەبىيات قاراشلىرىغىچە ئىلگىرىكى ئەدەبىياتلاردىن ھالقىپ چىققان،دەۋر تەلىپىگە ماس كېلىدىغان،مەنىۋى جەھەتتىكى كۈرەش قورالى بولغان يېڭىچە بىر ئەدەبىيات بولدى. ئەلۋەتتە،ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان،ياكى بەلگۈلۈك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن ئەدىبلەر ئاز ئەمەس. ئابدۇقادىر داموللا -ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن ۋە ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولدى.ئۇ بالدۇر ئويغانغان بىر زىيالى سۈپىتىدە ئەينى ئىلىم-پەن ئىگەنلەش،ئېسىل ئىنسانىي پەزىلەتلەرنى جارى قىلدۇرۇشقا ئوخشاش مۇناسىپ كۈرەش يوللىرى ئارقىلىق خەلقنى نادانلىقتىن، جاھالەتتىن،ھەر خىل ناچار ئىللەتلەردىن قۇتۇلدۇرۇپ،ئويغىنىشنى، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى تەشەببۇس قىلدى، شېئىرىيەت ئىجادىيتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ،شېئىرلىرىدا دېمۇكىراتىك ئىدىيلەرنى ئىپادىلىدى،ئەينى دەۋر رېئاللىقىنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ،جەمئىيەت رېئاللىقىنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى ۋە ئادەملەرنىڭ ئادەمىيلىك جەھەتتىكى بۇزۇلۇشلىرىنى تەنقىد قىلدى.بۇ خىل تەنقىد ۋە ئۇ كۆرسەتكەن جەمئىيەتنى ياخشىلاش،ئادەمىيلىك پەزىلەتنى ئۇلۇقلاش ئىدىيلىرى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ دېمۇكىراتىك ئىدىيسىنىڭ ئوبرازلىق ئىپادىلىنىشى بولدى. ئابدۇقادىر داموللا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىدىيۋى ئاساس سالغان بولسا،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بۇ ئەدەبىياتقا ئەدەبىيات ئاساسى سالدى.ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز شېئىرلىرىدا ئىلگىركىلەرنىڭ ۋە زامانداشلىرىدىنىڭ ئىجادىيتىدىن پەرقلىق ھالدا ئەينى دەۋر رېئاللىقىنى بىۋاستە،شۇنداقلا ماھىيەتلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ، زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىش،ئاڭ-ئىدىيە جەھەتتە ئويغىنىش ۋە پەن-مائارىپ جەھەتتە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش ئىدىيسىنى ھەم يەنە شۇنىڭغا مۇناسىپ نادانلىققا،زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بالدۇر ئويغانغان بىر زىيالىي سۈپىتىدە ئەينى دەۋردىكى شىنجاڭ رېئاللىقىنى سوغۇق قانلىق بىلەن كۈزەتتى ھەم چوڭقۇر تەھلىل قىلدى؛كۈزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق سىنىپىي زۇلۇم ۋە خەلقىمىزنىڭ نادانلىقى،قالاقلىقى،قاششاقلىقنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە توسالغۇ بولىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىقتى.شائىرنىڭ تېخىمۇ قىممەتلىك يېرى شۇكى،ئۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،بەلكى تەرەققىي قىلغان ئەللەر ۋە مىللەتلەر بىلەن ئۆزۈمىزنى رۇشەن سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق،زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلغاندا ۋە ئىلىم-پەن ئارقىلىق قوراللانغاندىلا ئاندىن تەرەققىي قىلىپ گۈللىنشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئۇنىڭ رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى،رېئاللىققا بولغان تەنقىدى پوزىتسىيسى، ئويغىنىشقا چاقىرغان كۈچلۈك خىتابى، شۇنداقلا ئۇ ئاساس سالغان ھازىرقى زامان شېئىرىي تىلى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگىلا ئەمەس،بەلكى تەرەققىياتىغىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىدا،يۇقارقى ئىككى ئەدىبتىن باشقا يەنە،نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت (ئۇيغۇر ئوغلى)مۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.ئۇنىڭ ئويغىنىشى،پۈتۈن مىللەتنى ئويغىتىش چۇقانىنى سېلىشى ۋە بۇ جەھەتتە ئېلىپ بارغان بىرقاتار مۇھىم پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا يېڭى بىر ئەدەبىيات دەۋرىنىڭ باشلىنىشىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. نەزەر خوجا شېئىر ۋە ھېكايە ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «يولغا چىقتىم»،«ياش ئۇيغۇرغا»،«مەزلۇم ياشلارنىڭ زارى»،«سال»، «خانتەڭرى» قاتارلىق شېئىرلارنى،«ئوماق بىلەن ئامراق» قاتارلىق ھېكايىلەرنى،«نۇزۇگۇم» ناملىق پوۋېستنى يازغان.نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن تۇنجى ئەسەرلەردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ تەرەققىي قىلىشى،دېمۇكىراتىك ئىدىيلەرنىڭ ئاساسلىق ئىدىيە بولىشى،مىللى ئاڭنىڭ ئويغىنىشى،ئەدەبىي تۈر-ژانېرلارنىڭ كۆپ خىللىشىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى مۇھىم روللارنى ئوينىغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن شۇ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىجادىيتىدە رۇشەن ھازىرقى زامان روھىنى ئىپادىلەپ ۋە يېڭىچە ئەدەبىيات يارىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيا-تىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە دەسلەپكى گۈللىنىشىگە مۇناسىپ ھەسسىلەرنى قوشقان ئەدىبلەردىن يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە قۇتلۇق شەۋقى،ئىسمايىل ھاجى،ئابدۇللا ھاپىز،ناسۇھا ئىمىن،نەمەت خەلپەت،ھاپىز ھاجى،ئارۇپ قاسىمى،ھەمرا بارات قاتارلىقلارمۇ بار. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىدا ئەدەبىيات ئىنتايىن تەرەققىي قىلدى ۋە گۈللەندى.تەخمىنەن 30 يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئەدىبلەرنىڭ سانى ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر دەۋردىكىدىن كۆپ بولدى، شۇنداقلا ئىجادىيەت مۇۋەپقىيتىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلىك بولدى.بۇ ئەدەبىياتىمىزدىمۇ يېڭىچە بىر ئويغىنىش بولىۋاتقانلىقىنىڭ رۇشەن ئىپادىسى ئىدى ئەلۋەتتە. ئۇندىن باشقا،بۇ دەۋردىكى ئەدەبىيتتا ئىجادىيەت ئۇسۇلىدىن تارتىپ،بەدەئىي ئىپادىلەش ماھارەتلىرىگىچە، ئەسەر مەزمۇنىدىن تارتىپ ئەدەبىي تىلغىچە ئىلگىرىكى ئەدەبىياتتتىن رۇشەن پەقلىق ئالاھىدىلىك شەكىللەندى.رېئالىزم ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى قىلىندى،ئەدەبىيات رېئال تۇرمۇشقا يۈزلىنىپ،ئىجتىمائىي ھاياتنى ئۆزىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبىكتى قىلدى،ئەدەبىياتنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي رولىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەندى،بەدەئىي كامالەتلەر ئەمەس بەلكى تۇرمۇش چىنلىقى، تەنقىدى روھ ۋە چاقىرىق كۈچى ئەدەبىياتنىڭ تىرىشىش نىشانى بولدى،ئەدەبىيات خەلقنىڭ نادانلىقتىن،جاھالەتتىن،خۇراپاتلىقتىن،زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش يولىدىكى دېمۇكىراتىك ھەرىكەتلىرىـنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمىغا ئايلاندى،شۇ سەۋەبتىن بۇ باسقۇچتىكى ئىجادىيەتنىڭ تېما دائىرىسى كېڭىيىپ، تېمىلار يېڭىلاندى ھەم كۆپ خىللاشتى. شۇنداقلا ئەدەبىياتتا يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ بولغان يېڭىچە ئەدەبىي تۈر ۋە شەكىللەر يارىتىلدى. قىسقىسى،بۇ باسقۇچتىكى ئەدىبلەر يېڭى بىر ئەدەبىيات يارىتىش يولىدا تىرىشىپ، شۇ دەۋرنىڭ ئەدەبىياتى بولغان ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى –يېڭى بىر زامانىۋى ئەدەبىياتنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ باسقۇچتىكى ئەدەبىيات كۈچلۈك رېئالىزىملىق خاھىشقا ئىگە بولدى،يەنى شائىرلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي مەسىللەرنى،جۈملىدىن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات- ماماتىغا بىۋاستە مۇناسىبەتلىك بولغان تېمىلارنى گەۋدىلىك ئەكس ئەتتۈردى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مانا مۇشۇ دەۋرگە كەلگەندە ئاندىن ھەقىقىي مەنىدىكى رېئالىزىملىق ئەدەبىيات يولىغا قاراپ ماڭدى.بۇ – ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى تەرەققىياتىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش بولدى ھەم مۇھىم بىر ۋەقە بولدى. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا،بۇ باسقۇچتىكى ئەدەبىيات مۇنداق بىرقانچە خىل ئاساسلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولدى. 1. بەدەئىي شەكىل،ئەدەبىي ژانېر ۋە بەدەئىي ماھارەتلەر جەھەتتە كىلاسسىك ئەدەبىياتقا ۋارسىلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇناسىبىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىپ،بىر تەرەپتىن كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى داۋاملىق ۋارسلىق قىلىشقا بولىدىغان شەكىل ئامىللىرىغا،ئۇزاق تارىخقا ۋە مول ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئىگە بولغان شېئىرىيەت ژانېرىغا ۋە يەنە شېئىرىيەتتىكى بەدەئىي ماھارەتلەرگە ئەھمىيەت بىلەن قاراشتەك خاھىشلارغا ئىجادىي ياندىشىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارسلىق قىلىندى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە دەۋرنىڭ ئەدەبىياتتىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ۋە يېڭىچە ئەدەبىياتنىڭ تەلىپىنى چىقىش قىلىپ، كۆپ تەرەپتىن ئىزدىنىلدى ۋە يېڭىلىق يارىتىلدى.ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بىز ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىلىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ يېڭىلىقلىرىنى تەڭ ئۇچرىتىمىز.بۇنداق ئالاھىدىلىك ھېساپتا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن،بەلكى بارلىق ئەدەبىيات تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيەتلىك بىر مەسىلىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.2. رېئالىزىم ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى قىلىنىپ، شۇ دەۋر رېئاللىقى چىن، ماھىيەتلىك ئەكس ئەتتۈرۈلدى.رېئالىزىم ئەدەبىياتتىكى بىر خىل ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى سۈپىتىدە،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ قەدىمدىن تارتىپلا قوللىنىلىپ كېلىنگەن ئىدى. نىزارى دەۋرىگە كەلگەندىن كېيىن،رېئالىزمنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ،رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى بارغانسېرى ئومۇملىشىپ،ئابدۇرېھىم نىزارى،موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ،موللا مۇسا سايرامى قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئىجادىيتى ئارقىلىق بىر خىل ئىجادىيەت خاھىشى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى دەۋرىگە كەلگەندە، بۇ ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرى كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى رېئالىزملىق خاھىشنى راۋاجلاندۇ رۇش بىلەن بىرگە يەنە جۇڭگۇ ۋە چەت ئەلنىڭ رېئالىزملىق ئەدەبىياتلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، رېئالىزمنى تېخىمۇ توغرا چۈشىنىپ ۋە بۇ خىل ئۇسۇلنى ئەڭ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ئەينى دەۋردىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ماھىيەتلىك ئەكس ئەتتۈردى،رېئال مەسىللەرگە كۆڭۈل بۆلدى،خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىغا،پاجىئەلىك تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. 3.ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي رولىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى،ئەدەبىيات بىر خىل قورال دەپ قارىلىپ،بۇ قورال ئارقىلىق خەلقنى ئويغىتىش،ئىلىم-مەرىپەت تارقىتىش،زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىشتەك جەڭگىۋار پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىلدى.بۇ ئالاھىدىلىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىيات چۈشەنچىسىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق،بىز نەچچە ئەسىرلىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ يېڭىدىن يېڭى بەدەئىي پەللىلەرنى كۆزلەپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز.پۈتۈن كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا،بولۇپمۇ ئىسلام مەدەنىيتى مۇھىتىدىكى كىلاسسىك شېئىرىيتىمىزدە غايىۋى تېمىلار ئاساسلىق مەزمۇن، پەلسەپىۋى-ئەخلاقى پىكىرلەر ئاساسلىق ئىدىيە،تىلدىكى پاساھەت بەدەئىي پەللە بولۇپ كەلگەنىدى،ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي رولىغا ئەھمىيەت بىلەن قاراش، يەنى ئەدەبىياتنى بىر خىل قورال دەپ قاراپ،بۇ قورال ئارقىلىق خەلقنى ئويغىتىش، ئىلىم-مەرىپەت تارقىتىش،زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىشقا چاقىرىش،ئەدەبىياتنى شۇ دەۋردىكى مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە كۆرۈش ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن يېڭىچە بىر خىل ئەدەبىيات چۈشەنچىسى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولدى. 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.