ھاياتىم ۋە ئىجادىيىتىمگە تەسىر كۆرسەتكەن كىتابلار(خالىدە ئىسرائىل)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 22:41:42

ھاياتىم ۋە ئىجادىيىتىمگە تەسىر كۆرسەتكەن كىتابلارخالىدە ئىسرائىلبالىلىق قەلبىمنى تۇنجى بولۇپ ئەسىر قىلىۋالغىنى «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» بولغانىدى. مەن چۆچەك ئوقۇشقا، ئاڭلاشقا شۇنچىلىك ھېرىسم...

    ھاياتىم ۋە ئىجادىيىتىمگە تەسىر كۆرسەتكەن كىتابلار
    خالىدە ئىسرائىل


    بالىلىق قەلبىمنى تۇنجى بولۇپ ئەسىر قىلىۋالغىنى «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» بولغانىدى. مەن چۆچەك ئوقۇشقا، ئاڭلاشقا شۇنچىلىك ھېرىسمەن ئىدىم. ئاتا-ئانامنىڭ «مۇشتەك تۇرۇپ كىتاب ئوقۇشقا بۇنچە بېرىلىپ كەتسە قانداق بولىدۇ» دەپ ئەنسىرەپ كىتابلىرىمنى ئۆگزىگە تاشلىۋەتكىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە. 2-، 3-سىنىپتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئۆيىمىزگە غۇلجىدىن ئاپامنىڭ بىر ھاممىسى مېھمان بولۇپ كەلدى. پاتىمخان ئىسىملىك بۇ ھاممىمىزنىڭ چۆچەكلىرى «مىڭ بىر كېچە»دىكى شەھرىزادنىڭكىدىن كۆپ ئىدى. كۈندە كەچلىك تاماقتىن كېيىن «پاتىمخان ھامما، چۆچەك ئېيتىپ بەر» دەپ ئۇنىڭ ئېتەكلىرىگە ئېسىلاتتۇق. ئۇمۇ خۇددى شۇنداق دېيىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغاندەك كوماك چىشلىرىنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ كېتەتتى. بىز ئۇنىڭ ئاق داكا رومىلىنى قوزۇققا ئىلىپ، مەسىسىنى بەس-بەستە تارتىپ سالدۇرۇپ قوياتتۇق. ئۇ تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ چۆچەكلىرىنى باشلايتتى. «چىن تۆمۈر باتۇر»، «يېرىل تاشىم»، «يېتىم قىز»، «مۇقبىل تاش ئاتار» دېگەندەك چۆچەكلەرنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ ئېيتاتتى. ھەر قېتىم چۆچەكلەرنى ئۆزى خالىغانچە ئاز-تولا ئۆزگەرتىپ ئېيتقاچقا، بىزگە يېڭى تۇيۇلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئاھاڭى بار ئىدى. ساپ، ساددا، جانلىق سۆزلەر ئۇنىڭ لەۋلىرى ئارىسىدىن سۇدەك ئاقاتتى. «يالماۋۇز بىلەن مەختۇمسۇلانىڭ:
    — چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە بارمۇ؟
     مىسران قىلىچى قوزۇقتا بارمۇ؟
    ...
    دېگەن قوشاقلىرىنى، «يېرىل تاشىم» ھېكايىسىدىكى قىزنىڭ، سىڭلىسىنىڭ، ئۆگەي ئاكىسىنىڭ:
    — يېرىل تاشىم، يېرىل تاشىم،
    مەن قوينۇڭغا كىرىۋالاي.
    ...
    دېگەن قوشاقلىرىنى ئاجايىپ مۇڭلۇق ئاھاڭغا سېلىپ، ئاۋازىنى گاھ يالماۋۇزنىڭكىدەك،  گاھ نارەسىدە قىز بالىلارنىڭكىدەك چىقىرىپ ئېيتاتتى، ئېيتىۋېتىپ پات-پاتلا مىشىلداپ يىغلاپ كېتەتتى... ئەجدادلارنى ھاياجانغا سېلىپ كەلگەن قەدىمىي ھەم سىرلىق بىر دۇنيا ئاشۇ تەرىزدە كۆز ئالدىمىزدا جانلىنىپ، بىزنىمۇ ھاياجانغا سالاتتى، قورقۇتاتتى ھەم شادلاندۇراتتى.
    «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»نىڭ تەسىرى مەنىۋىيىتىمدە داۋاملىق ساقلىنىپ قالدى، بولۇپمۇ يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا، ئەدەبىيات جەھەتتىكى بىلىمىمنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ تەسىر تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئۇنىڭدىكى ۋەقەلىكلەر، ئوبرازلار، بەدىئىي ئۇسۇل-ۋاسىتىلەر ئاجايىپ يۈكسەك بىر پەللە سۈپىتىدە ئېڭىمدا تېخىمۇ يارقىن جۇلالىنىشقا باشلىدى.
    خەلق چۆچەكلىرىمىز خەلق قوشاقلىرىمىزغا ئوخشاشلا ئۇزاق تارىخ ۋە يىللارنىڭ تاسقىشىدىن ئۆتۈپ خەلق قەلبىدە ساقلىنىپ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس بولۇپ كەلگەن نادىر ئەسەرلەردۇر. ئۇنىڭ ۋەقەلىكى شۇنچىلىك رەڭدار، باي ۋە خىلمۇخىلكى، بىز ئۇنىڭدىن خەلقىمىز تارىخىدىكى زور ۋەقە ۋە تارىخىي شەخسلەرنىڭ غۇۋا سايىسىنى، خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمان، ئىىنتىلىشلىرىنى كۆرىمىز، كىشىنى تاڭ قالدۇرغۇدەك يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىكنىمۇ، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، ئادالەتكە، بەختكە بولغان تەلپۈنۈشنىمۇ، پاك مۇھەببەت، ھايات، ئىنسان تەقدىرى، ھۈنەر-كەسىپ، ئەدەپ-ئەخلاق ھەققىدىكى ئويلىنىشلارنىمۇ، ھايۋانلار، قۇشلار، دەل-دەرەخلەر توغرىسىدىكى چوڭقۇر ھېكمەتلەرنىمۇ ئۇچرىتىمىز. خەلقىمىز ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان چۆچەكلىرىمىز تارىختىن بۇيان دىن ياكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىدىيىۋى ئاسارەتلىرىدىن سىنىپىي مۇستەقىل ھالدا ئۆز ئالدىغا مەڭگۈلۈك گۇمانىزملىق قىممەت ياراتقان ۋە شۇ تۈپەيلى ئۆلمەي ئابىدىلەرگە ئايلىنالىغان.
    چۆچەكلىرىمىزدىكى ئوبرازلار خۇددى خەلق ئارىسىدىكى كىشىلەرگە ئوخشاش تەبىئىي، جانلىق، تىرىك. ئۇنىڭدىكى مۇبالىغە، ئوخشىتىش، سىمۋول، خىيالىي تەسەۋۋۇرلار غەربنىڭ مودېرنىزمغا تەۋە ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنى چاڭ-توزاندا قالدۇرالايدۇ. بىرلا ئەپسۇن بىلەن ئادەملەرنى ياۋايى ھايۋانغا ياكى تاشقا ئايلاندۇرۇپ قويالايدىغان جادۇگەرلەر، قان شورايدىغان يەتتە باشلىق يالماۋۇزلار، نى-نى ئىشلارنى قىلالايدىغان بارماقچىلىك بالا، باغرى تاش ئادەملەرنىڭ زۇلمىدىن ۋاككىدە يېرىلىپ پاناھسىز قىزنى باغرىغا ئالغان قورام تاش، كۈلكىلىك ھەم سۆيۈملۈك «ئۈچ ئەخمەق»، «چېچەن تاز»، «قىرىق يالغان» ئادەمگە ئوخشاش سۆزلەيدىغان، ئادەملەرگە ياردەم قىلىدىغان ھايۋانلار، قۇشلار... مانا بۇ ئىزدەنگۈچى سەيياھ ئۈچۈن خىلمۇخىل جاۋاھىراتلار بىلەن تولغان شۇنداق بىر تىلسىم دۇنياكى، ئۇ يەردە ئارزۇلىغان ھەممە نەرسىنىلا ئەمەس، ھەتتا تەسەۋۋۇرىڭىزدىن ھالقىغان نەرسىلەرنىمۇ ئۇچرىتىسىز. گەپ سىزنىڭ پاراسىتىڭىز، ھېس-تۇيغۇڭىزغا، سەمىمىي نىيەت بىلەن ئەجر سىڭدۈرىشىڭىزگە باغلىق.
    يەنە بىرى، خەلق چۆچەكلىرىنىڭ ياسالمىلىق، ئەزمىلىك، بۇزۇلۇشتىن خالىي ساپ، ساددا، گۈزەل، ئوبرازلىق تىلى، بالىلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بىز ئۈچۈنمۇ ئۆرنەكتۇر. مەن تىلنى خەلق چۆچەكلىرىدىن ئۆگەندىم دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ.
    ئۆسمۈر، ياش ۋاقىتلىرىمدا مەن يەنە «خوجا نەسىردىن ھەققىدە قىسسە» (رومان)، «چىڭگىزخان»، «كاپىتان قىزى»، «تاراس بولبا»، «ئۆلۈك جانلار»، «ئېچىلغان تىڭ»، «ياش گۋاردىيە»، «ناۋائى»، «ئاباي يولى»، «تارمار»، «ئۆتكەن كۈنلەر»، «مېھراپتىن چايان»، «ھارپا»، «ئاتا ۋە بالا»، «ئاننا كارىننا»، «دونكىخوت» قاتارلىق ئەينى يىللاردا تاپقىلى بولىدىغان كىتابلارنى تەشنالىق ۋە زوق بىلەن ئوقۇغانىدىم. كېيىنكى يىللاردا يەنە «تىنچ دون»، «تىرىلىش»، «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»، «جىنايەت ۋە جازا»، «مۇھەممەت ئاۋاق»، «چالىقۇشى»، «يۈز يىل غېرىبلىق»، «مالىمانچىلىق يىللاردىكى نازىنىن»، «ئۇرۇش تۇمانلىرى»، «ئاتامان» قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇدۇم ۋە بۇلاردىن ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات، زوق ۋە مەنىۋى ئوزۇقلۇققا ئېرىشتىم. مېنىڭچە، ئىنسانىيەت ئېتىراپ قىلغان، قەدىرلەپ كېلىۋاتقان بۇ مەنىۋى جەۋھەرلەرسىز ھەقىقىي يازغۇچى بولماق تەس.
    دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىدە ئېسىل ئەسەرلەر كۆپ، ئۇلارنىڭ بىزگە بەخش ئېتىدىغانلىرىمۇ ھەربىرىمىزنىڭ تەربىيىلىنىشىمىز، مىجەز، قىزىقىشىمىزغا يارىشا كۆپ تەرەپلىمە ۋە خىلمۇخىلدۇر. بىر يازغۇچى سۈپىتىدە تۈرگىنىۋ لىۋ. تولىستويغا قارىغاندا قەلبىمگە يېقىنراق تۇرىدۇ. «روسىيە جەمئىيىتىنىڭ ئەينىكى» دەپ تەرىپلەنگەن تولىستوي ئەسەرلىرى زور ھەجىم، تەڭداشسىز كارتىنا، زور تۈركۈمدىكى پېرسوناژلىرى، كۈچلۈك پەلسەپىۋىلىكى بىلەن مېنى قايىل قىلسىمۇ، بىر-ئىككى ئابزاس بىلەن بىرنەچچە دەۋر، بىرنەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى، بىر-ئىككى جۈملە بىلەن ساددا، ئوماق بىر قىزنىڭ قانداقلارچە تەكەببۇر، مۇز چىراي، چاكىنا، ئوتتۇرا ياشلىق ئايالغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا ئەكېلەلەيدىغان چىخوف ئەسەرلىرى ماڭا تېخىمۇ يارايدۇ. چىخوفنىڭ ھەربىر ئەسىرى ماڭا تازا تاۋلىنىپ سۇ تەركىبى ۋە باشقا تەركىبلەر چىقىرىپ تاشلانغان، قىيامىغا يەتكەن بىر قەدەھ ھاياتلىق شارابىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. روھىمنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ ۋۇجۇدۇمنى زوق-شوققا تولدۇرىدۇ. تۈرگىنىۋنىڭ «ھارپا»، «ئاتا ۋە بالا» رومانلىرى، «ئاسىيە» ناملىق پوۋېستى ۋە داڭلىق نەسرلىرىمۇ روھىي دۇنيايىمنى شۇنداق زىلزىلىگە سالغانىدى. ئۇنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە قويۇقلاندۇرۇلغان ئەسەرلىرىدىكى سەل غەلىتە مىجەزرەك كەلگەن پېرسوناژلىرى، شېئىرىي تۈسكە ۋە ماي بوياق رەسىمدەك رەڭدارلىققا ئىگە تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرى، خاراكتېر تەسۋىرلىرى زادى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. چىخوف ۋە تۈرگىنىۋلار مېنىڭ نەزىرىمدىكى تېپىلماس بەدىئىي ماھارەت ئۇستىلىرىدۇر.
    «دونكىخوت»نى مەن ھاياتىمنىڭ ھەر خىل باسقۇچلىرىدا تەكرار ئوقۇدۇم. ھەر قېتىم ئوقۇغاندا تەسىراتىم يېڭىلىنىپ، چوڭقۇرلىشىپ باردى. سىرۋانتىس «دونكىخوت»تا بىر روھىي كېسەل يېزا مۆتىۋىرى ۋە ئۇنىڭ ھاماقەت خىزمەتكارىنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئىسپانىيە جەمئىيىتىنىڭ كارتىنىسىنى سىزىپ بەرگەن. ئۇنىڭغا ئەينى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى، ئىبرەتلىك ۋەقەلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ بىر تارىخىي داستان خاراكتېرلىك ئەسەر. دۇنيادىكى ئادالەتسىزلىكنى يوقىتىشقا بەل باغلىغان دونكىخوت بىر قارىسا كۈلكىلىك، خىيالىي ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىغان روھىي كېسەل، بىر قارىسا ئەۋلىيادەك سۆزلەيدىغان كاتتا بىلىم ئىگىسى ھەم پەزىلەتلىك زات. مۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جەمئىيەت بىنورمالدەك، ئۆزلىرىنى كاتتا ھېسابلىشىپ يۈرگەن كىشىلەر ئەرزىمەس، چاكىنا ئادەملەردەك كۆرۈنىدۇ. دونكىخوت ماھىيەتتە خىيالپەرەس، قارام، تەۋەككۈلچى ئىنساننىڭ ئۆزى. ئىنسانىيەتتىن ئىبارەت بۇ دونكىخوت سېرۋانتىستىن كېيىنكى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئۆز غايىسى يولىدا تىنماي ئىزدەندى. دەريا-دەريا قانلارنى ئاقتۇرۇپ، نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىدى. ئۇنىڭ غايىسىدىكى تەڭداشسىز «مەلىكە» ئاخىر بېرىپ توبوسۇ كەنتلىك قوپال، يۈز-كۆزى ئەمگەكتىن قارىداپ، قوللىرى يېرىلىپ كەتكەن ئالغاي كۆز دولىسنىيە بولۇپ چىقامدۇ قانداق؟
    ماڭا ئۇلۇغ سېرۋانتىس قانداقتۇر بىر غايىۋى ئېگىزلىكتە ئولتۇرۇپ، قولىدىكى غاڭزىسىنى پات-پات شوراپ ئىستىھزا بىلەن قاراپ ئولتۇرغاندەك، قويۇق بۇرۇتلىرى ئاستىدىكى كۈلۈمسىرىشىنى كۈچ بىلەن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. بۇنداق مەڭگۈلۈك قىممەت يارىتىش ھەممە يازغۇچىغا نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ.
    ئانا تىلىدىن بىۋاسىتە ئەمەس، 2-ياكى 3-خىل تىلدىن ئۆتۈپ بىزنىڭ تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنغان «يۈز يىل غېرىبلىق» بىزگە سەل تۇتۇق تەسىر بەرسىمۇ، ئۇنى قولىمىزغا ئالغىنىمىزدا ئۇنىڭ تەڭداشسىز ھاياتىي كۈچىنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ھېس قىلىمىز. ئۇنىڭدىكى رىۋايەت تۈسىگە ئىگە ئاجايىپ-غارايىپ ۋەقەلەر، تۈرلۈك قىسمەتلەر بىزگە سەل يوچۇن، لېكىن يەنە قانداقتۇر تېگى-تېگىدىن تونۇشتەك، ئەتراپىمىزدا قاچانلاردىدۇر يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردەك تۇيۇلىدۇ، ھاياتنىڭ ماھىيەتلىك، مەڭگۈلۈك، ئىنسان روھىغا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆرۈنۈشلىرى ھەجىمى ئانچە چوڭ بولمىغان بۇ ئەسەرنى جاھاننامە ئەينىكىدەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلغان. بىز بۇ جاھاننامىدىن ئۆتمۈش ۋە بۈگۈن، ئەجداد ۋە ئەۋلاد، ئەركىنلىك يولىدىكى كۈرەش، مۇستەبىتلىك، ئىنساننىڭ غېرىبلىقى ۋە ياتلىشىشى... قاتارلىق ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى كۆرىمىز. بەدىئىي جەھەتتىن بۇ ئەسەر گويا سانسىز ھەيۋەتلىك، سىرلىق مېلودىيىلەردىن تەركىب تاپقان تەڭداشسىز سىمفونىيىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى چاقناق نۇقتىلار، ئۇنىڭدىكى گۈزەللىك ۋە چوقۇرلۇق ھەددى-ھېسابسىزدۇر. بىز ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى يۈرىكىمىز بىلەن سېزىمىزيۇ، تىلىمىزدا ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمىز. ئۇنىدىكى سىرلىق، غەلىتە ئىشلار بىزنى تەگسىز خىيالغا سېلىپ، ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلاندۇرىدۇ. لېكىن بىز تولاراق كۆرۈنۈشتىكى يۈزە، ساختا نەرسىلەرگە بېرىلىمىز. شۇڭا ئەسەرلىرىمىزدە چوڭقۇرلۇق ۋە مەڭگۈلۈك نەرسىلەر يېتەرسىز.
    ئاخىرىدا، توپا-چاڭ توزۇپ تۇرىدىغان ماكوندو بازىرى كونا دۇنيانىڭ ھەممە نەرسىلىرى بىلەن قەدىمىي بىر جەمەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادى — قۇيرۇقلۇق بالا بىلەن بىللە يەر شارىدىن غايىب بولىدۇ ۋە بىزگە يېڭى بىر دۇنيانىڭ بارلىققا كېلىشىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
    ئەدەبىيات بارغانچە چەتكە چىقىپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆزىنى يازغۇچى ساناپ يۈرگەنلەر قانداق قىلىشى كېرەك؟
    بۇ ھەركىمنىڭ ۋىجدانىغا باغلىق ئىش.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.