«ھايات قايناملىرىدا » كۆرگەن- بىلگەنلىرىم

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-07 06:07:49

«ھايات قايناملىرىدا » كۆرگەن- بىلگەنلىرىم تۇردى سۇلتان ( ئىزچى ) شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2001 – يىلى 12–ئايدا نەشر قىلىنغان « ھايات قايناملىرىدا » ناملىق روماننى ئوقۇش جەر...

    «ھايات قايناملىرىدا » كۆرگەن- بىلگەنلىرىم


    تۇردى سۇلتان ( ئىزچى )

     

          شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر  نەشرىياتى تەرىپىدىن 2001 – يىلى 12–ئايدا نەشر قىلىنغان « ھايات قايناملىرىدا » ناملىق روماننى ئوقۇش جەريانىم  ئىنتايىن زوقلىنىش بىلەن قاتتىق ئەپسۇسلىنىش گىرەلىشىپ كەتكەن مۈرەككەپ بىر جەريان بولدى . مېنىڭ بۇنداق زىددىيەتلىك خىيالدا بولۇشۇم ھەرگىزمۇ ئاساسسىز ئەمەس ئىدى.  ئېنىقكى ، بۇ روماننى ئوقۇۋاتقان چاغلاردىكى زوق – مەزكۈر روماننىڭ تېما ، قۇرۇلما ، بەدىئىيلىك ، ئېستېتېك جەھەتلەردىكى بىر مۇنچە بەدىئىي مۇۋەپپىقىيەتلىرىدىن كەلگەن زوق ئىدى ، ئەپسۇسلىنىشىم شۇكى : بۇ روماننىڭ ئاپتورى ماخمۇتجان ئىسلام ئۇزۇن يىللىق بەدىئىي چېنىقىشنى باشتىن كەچۈرۈپ ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئاچچىق – چۈچۈكىنى يەتكۈچە تېتىپ پىشقان ، ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئىجادىيەت ئەمەلىيتىدىكى قىممەتلىك ئەمگەكلىرى بىلەن ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان   ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا موھىم ئورۇن تۇتقان ئەقىدىلىك يازغۇچى ، لېرىك شائىر ، يىتۈك ئەدەبىي تەرجىمان ، تېخىمۇ موھىمى ، ئۇ كۆپلىگەن ئەدىپلەرنىڭ سانسىز مۇشەققەتلەر چېكىپ روياپقا چىقارغان ئەدەبىي ئەمگەكلىرىنى ئىلمىي ، مۇۋاپىق باھالاپ ، ئۇلارنىڭ ھاردۇقىنى چىقارغان ، ئەدەبىي ئىجادىيتىگە ئىجابىي ، زۆرۈر ياردەملەرنى بېرىپ ، ئەدەبىيات گۈلىستانىدا ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە تۈرتكە بولغان ، شۇنداقلا ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ساغلام راۋاجىنىشىغا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مول ھوسۇللۇق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ، ئەدەبىي ئوبزورچى ئىدى . « ھايات قايناملىرىدا » رومانى بولسا ماخمۇتجان ئىسلامنىڭ  ئىجادىيەت ھاياتىدا موھىم ئورۇن تۇتىدىغان ، نەشىردىن چىققىلى يەتتە يىل بولغان ، قايتا – قايتا نەشىر قىلىنسىمۇ ، كىتاپخانلاردا بويۇن قىسىپ قالماستىن ، يەنىلا بازىرى ئىتتىك كىتاپلار قاتارىدىن چۈشۈپ قالمىغان ياخشى رومان ئىدى .  شۇنداق تۇرۇقلۇق ، مەزكۈر روماننىڭ مەتبۇئاتلاردا ھېلىھەم مۇۋاپىق باھاغا ئېرىشەلمەي قالغانلىقى - ئۇيغۇر ئەدەبىي ئوبزورچىلىقىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمىغانلىقى سەۋەپلىك ئەدەبىياتىمىزدا يەكۈنلەش زۆرۈر بولغان قىممەتلىك تەجرىبە – ساۋاقلارنى ئۆز سەھىپىللىرىگە سىڭدۈرگىنىچە ، باھاسىزلىقتا بويۇن قىسىپ تۇرىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ تېخىچە كۆپلىكىنى ئىسپاتلايدىغان روشەن پاكىت ئىدى . بۇنداق پاكىت ئالدىدا ، ھەر قانداق بىر ئەقىدىلىك ئەدىب ، مەسئۇلىيەتچان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ، ئېتقادلىق ئەدەبىي ئوبزورچى ، غۇرۇرلۇق ئوقۇرمەننىڭ قەلبى كىرزىس ۋە ئازاپ تۇيغۇسى ئەۋجىدە ئۆرتەنمەي ، ئەپسۇسلانماي تۇرالمايدۇ ، ئەلۋەتتە .

    روماننى ئوقۇپ بولۇپمۇ ، بۇ خىلدىكى مۈرەككەپ روھىي ھالەتتىن خېلى كۈنلەرگىچە  قۇتۇلالماي يۈردۈم . ئاخىرىدا ، تەپەككۇرۇمنىڭ  تىيىزلىكى ، پىكىرىمنىڭ چولتىلىقى ۋە قەلىمىمنىڭ جانسىزلىقى ۋەجىدىن پەيدا بولغان تۇيغۇلىرىمغا خاتىمە بېرىپ ، ئەپسۇسلىنىش ۋە ئازاپلىنىشلارغا بەرھەم بېرىش ئارزۇسىدا ، مەزكۈر رومان ھەققىدىكى ئويلىغانلىرىمنى ئوقورمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق تاپتىم .

             ۋەقەلىك قۇرۇلمىسىنىڭ ناھايىتى پۇختىلىقى ، ۋەقەلىك بىلەن ھېسيات زىچ گىرەلىشىپ كەتكەنلىكى « ھايات قايناملىرىدا » رومانىنىڭ موھىم بەدىئىي مۇۋەپپىقىيىتىنىڭ بىرىدۇر . روماننىڭ ۋەقەلىكى ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، يازغۇچىنىڭ بۇ رومانغا سىڭدۈرگەن ھېسياتى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ ، ۋەقەلىك بىلەن ھېسيات زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن ، ۋەقەلىك ھېسيات لىنيەسىنى ئاساس قىلىپ قانات يايدۇرۇلغان . ھېسيات ئۆرلىسە ، ۋەقەلىكمۇ مۇرەككەپلىشىپ ، پىرسۇناژلار خاراكتىرىمۇ مۇرەككەپلىشىپ بارغان . يازغۇچى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان تىپىك ، تاۋلانغان  تەپسىلات دېتاللىرىنى روماننىڭ سىيۇژىت قۇرۇلمىسىغا ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان . ھەر بىر ۋەقەلىكنى ئوتتورىغا قويۇش بىلەنلا ، شۇ سىيۇژىت دېتاللىرىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى پوستىغا مۇناسىۋەتلىك ھېسياتىنى بەزىدە ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋىي تېرەنلىككە ، ئەقلىي چوڭقۇرلۇققا تويۇنغان مۇلاھىزە ، يەكۈنلىرى ئارقىلىق بايانچى تىلىدىن ، بەزىدە روماندىكى پىرسۇناژلار تىلىدىن ئىپادىلەپ ، ھەر بىر دېتالنىڭ قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ماڭغان ، پىكىر – مۇلاھىزىلەرنىڭ پەلسەپىۋىيلىكىنىمۇ ۋەقەلىكلەرنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ تېرەنلەشتۈرۈپ ، يارقىنلاشتۇرۇپ ماڭغان . بولۇپمۇ ، ئۆزىنىڭ توپلىغان ھايات ھېكمەتلىرىنى ، دۇنيا قاراشلىرىنى ئۇششاق تەپسىلاتلارغا قەدەر مۇۋاپىق يوسۇندا سىڭدۈرۈپ ، ۋەقەلىكلەرنى ھېسيات يىپىغا ماھىرلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ ، رومان قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىغان . شۇڭا ،  بۇ روماندىكى ھېسيات ئېقىمى باشتىن – ئاخىر ناھايىتى يىنىك ھالەتتە دولقۇنلاپ تۇرىدۇ . يازغۇچى ھېسياتنى ۋەقەلىككە شۇنچىلىك ماھىرلىق بىلەن سىڭدۈرۈۋەتكەنكى ، رومان ۋەقەلىكنى ئوقۇش جەريانىدا ، يازغۇچىنىڭ ۋەقەلىك ۋە پىرسۇناژلارغا سىڭدۈرىۋەتكەن ھېسياتى نەپىس ، پىشقان تىلنىڭ ياردىمىدە تەبىئىي رەۋىشتە ئوقۇرمەنلەر قەلبىگە سىڭىپ ، غىدىقلاپ تۇرىدۇ .

      تېمىسىنىڭ ئەھمىيەتلىكلىكى – بۇ روماننىڭ ئېستېتېك مۇۋەپپىقىيتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرغان ھالقىلىق ئامىلدۇر . روماندا ئوتتورىغا قويۇلغان ئىددىيۋىي پىكىر ئىنتايىن رىئال ، ئىلغار ، ئەھمىيەتلىك ۋە قىممەتلىك بولۇپ ، بۈگۈنكى دەۋر كىشىللىرىمىزنىڭ  روھىنى ساغلاملاشتۇرۇشتا ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە . روماندا ئىنساننىڭ ھايات مۇساپىسىدە كۆپ دۈچ كېلىدىغان ئەخلاق ، كىشىلىك قەدىر – قىممەت ، ئۆرپ - ئادەت ، ئەدەبىيات - سەنئەت ، مۇھەببەت ، بەخت قاتارلىق مەزمۇنلار كۆپرەك سالماقنى ئىگەللىگەن . يازغۇچى ئادىمىيلىك قەدىر - قىممەتكە ، كىشىلىك پەزىلەتكە چېتىلىدىغان ئاددىي ۋەقەلىكلەردىن تارتىپ ، رايونىمىزنىڭ ، مىللىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسى ، ئىقتىسادى ، مەدەنىيتى ، ئەدەبىيات - سەنئىتى ، ئۆرپ - ئادىتى ، مەۋجۇتلۇق ھالىتىگە قەدەر ئومومىيلىق خاراكتىرىگە ئىگە بولغان ياكى ئومومىيلىق خاراكتىرىگە ئىگە بولمىسىمۇ ، مۇئەييەن ئورتاقلىققا ، ئۆزگىچە ئالاھىدلىككە ئىگە بولغان ۋەقەلىكلەرگە باغلىنىشلىق بولغان تېمىلارنى مۇۋاپىق ئورۇندا ، مۇۋاپىق رەۋېشتە ئوتتورىغا قويغان ، بۇ جەرياندا مۇنبەرنى ئۆزىلا ئىگەللىۋېلىپ ۋەزخانلىق قىلىشتىن ساقلىنىپ ، ئاۋۋال رىئال ۋەقەلىكلەر باغرىدىن مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى تونۇتقان ، ئاندىن مەۋجۇتلۇق ھالىتىنىڭ قىممىتى ، ئەھمىيتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، كېلەچەكتىن دېرەك بەرگەن . بولۇپمۇ ، مىللىتىمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي مۇساپىسىدە توپلىنىپ ، تاۋلىنىپ كەلگەن ئەنئەنىۋىي ئەۋزەللىكلىرىگە خىرىس قىلىپ ، مىللىتىمىز كىشىللىرىنىڭ بۈگۈنكى دەۋىر مەۋجۇتلىقىغا ئاھانەت كەلتۈرۈۋاتقان ، پۇلغا چوقۇنۇش ، مال -دۇنياغا ، كەيپ - ساپاغا بېرىلىش ، ئۆزىنىڭ قەدىر -قىممىتىنى تونۇيالماسلىق ۋە ئاسرىماسلىق ، ئۆز - ئۆزىنى كەمسىتىش ،  ئۆزىنى مۈكەممەللەشتۈرۈشكە ، ئۆزىنى چۈشەپ قويۇۋاتقان شەكىلسىز ، ئاسارەتلىك كىشەنلەرنى چېقىپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلالماسلىق قاتارلىقلارنى بەلگە قىلغان ئەخلاقىي بۇزۇلۇش ، خاراكتىر زەئىپلىكى ، پىسخىك تەڭپۇڭسىزلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى يورۇتۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن . يازغۇچى ھايات قايناملىرىدا تىپىرلاپ يۈرگەن ،  بىر مەزگىل تەنتەك ھېس – تۇيغۇنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغان مۇقەددەس ، ئەنئەنىۋىي ئادەتلەرنىڭ قۇلى بولغان گۇلناز ، نادانلىق  ، قاششاقلىقنىڭ قۇلى بولغان گۇلنار قاتارلىق ئۈچ قىزنىڭ سەرگۈزەشتىللىرى ئارقىلىق بۇ مەسىللەرنى ئەتراپلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن .  گەرچە ، رومان ئۆز باغرىغا سىڭدۈرگەن تېمىلار خېلى كۆپ بولسىمۇ ، لېكىن ، يازغۇچى بۇ تېمىلارنىڭ ھېچقايسىسىنى يانداپ ، سىيلاپ – سېيپاپ ئۆتۈپ كەتمىگەن . بەلكى ، ھەر قايسىسىنى ئۆز نۆۋىتىدە بەلگىلىك ۋەقەلىك ئاساسىغا ، چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلىپ يورۇتۇپ بەرگەن ھەمدە يېتەرلىك سەۋەپ – نەتىجىلىك مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ھەل قىلغان . ۋەقەلىك ئارقىلىق مەسلىنى ئوتتورىغا قويغان ، گۇلنار ، مۇقەددەس ، گۇلناز ، پەرىزات قاتارلىق پىرسۇناژلارنىڭ تىراگىدىيىلىك تۇرمۇش كارتىنىللىرى ئارقىلىق ھەر قايسى قاتلامدىكى مىللىتىمىز كىشىللىرىنىڭ مەنىۋىيتىنى مەركەز قىلغان ئەيىپ – نوقسانلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەمدە بۇ ئەيىپ - نوقسانلارنىڭ كەلتۈرگەن زىيىنى ۋە پاجىئەلىرىنى ، تىراگىدىيىلىك ئاقىۋەتلىرىنى تونۇتقان . ئارقىدىنلا ، ئۆزىنىڭ : _ دۇرۇس ، ئەيىپنى كۆرسىتىشنىڭ ئۆزى بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرلىگەنلىك ، بۇمۇ بىر باتۇرلۇق . بىراق ئەدىب كۆرسىتىپ قويۇش بىلەنلا چەكلەنسە بولمايدۇ . ئۇ خۇددى دوختور بىمارنى تەكشۈرۈپ ، دىئاگىنوز قويۇپ ، كېسەلنى ساقايتىش ئۈچۈن دورا يېزىپ بەرگەندەك ، ئەيىپ - نوقساننى تۈگىتىشنىڭ نەپ بېرىدىغان چارىسىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك . 》( « ھايات قايناملىرىدا » 265 - بەت . ) دەپ يازغىنىغا تولۇق ئەمەل قىلىپ ، مىللىتىمىز ۋۇجۇدىدىكى ئورتاق بولمىغان ، يۈزەكىي كۆرۈنۈشتىكى نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ، مەنىۋىيەتتىكى ناچارلىقلارنى - ماھىيەتلىك ئەيىپلىرىمىزنى ، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى يىلتىزىنى ، قانداق قىلغاندا ئۇلارنى تۈگەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا نېمىلەرنى تىكلىسە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن .

    باشتا قەيىت قىلغىنىمىزدەك ، روماندا گەۋدىلەندۈرۈلگەن تېمىلار خېلى كۆپ بولسىمۇ ، لېكىن ، ئادىمىيلىك قەدىر – قىممەت تېمىسى روماندا مەركىزى ھالقا بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . يازغۇچى ئادىمىيلىك قەدىر – قىممەتنىڭ ئۆلچىمى ، ئەھمىيتى ، ھاياتتا ئىگەللىگەن سالمىقى ، قەدىرسىزلىكنىڭ تىراگىدىيلىك ئاقىۋىتىنى باشتىن – ئاخىرى موھىم تۇتقا قىلغان ھەمدە ئادىمىيلىك قەدىر – قىممەتنى ساقلاش ، ئۇلۇغلاشنىڭ توغرا يوللىرىنى ، ئادىمىيلىك قەدىر – قىممەتنى نۇرلاندۇرۇشنىڭ تەدبىرلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن . بىز بۇ نوقتىنى روماندا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان گۇلناز ، مۇقەددەس ، گۇلنار ، پەرىزات ، ئۈمىدجان قادىرى ، ئەخمەتجان ، مىرئادىل قاتارلىق پىرسۇناژلارنىڭ روماندىكى سالمىقى ۋە كەچمىش قىسمەتلىرىدىن ئېنىق چۈشىنىپ يېتەلەيمىز .

    قاراڭ : روماندىكى گۇلناز ، مۇقەددەس ، گۇلنار ، پەرىزاتلار ئەسلىدە ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە غايىسىغا يارىشا ، ھاياتنىڭ ئاسايىشلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولسا بولاتتى . لىكىن ، ئۇلار ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دىشۋارچىلىقلارغا يولۇقۇپ ، ھايات قايناملىرىدا ئازاپ – ئوقوبەتلەرگە ، ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچار بولىدۇ :

    گۇلناز چېكىدىن ئاشقان فىئوداللىق نىكاھ قارىشىنىڭ ئاسارىتىدە قاپسىلىپ قېلىپ ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ ، شۇنداقلا ، يەنە خۇراپاتلىق ۋە قالاق ، ناچار ئائىلە قارىشىنىڭ ئىسكەنجىسىدە تېپىرلاپ ، روھىي بۇرۇختۇملۇققا ئەسىر بولۇپ قالىدۇ . مۇقەددەس ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ ، بىر دەملىك ئېزىتقۇ تۇيغۇنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ، ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىپ ، ھاياتنىڭ جاننى ئىكەكدەپ ، روھنى خورىتىدىغان مۈشكۈلاتلىرىغا ئۇچراپ ، ئۆزىنىڭ ياشاش ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ . ھاياتنىڭ كىشىلىك قەدىر – قىممەتنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغان ئارقا كوچىللىرىغا ھەيدىۋېتىلىدۇ . گۇلنار گەرچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ ، خىزمەت شارائىتىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ، لېكىن ، پىتنە پاسساتلارغا ئۇچراپ ، قاششاقلىقنىڭ ، نادانلىقنىڭ بەلگىللىرىدىن بولغان ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ قاتتىق خورلىشىدىن ئۆز ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ ، خاسلىقىدىن مەھرۇم قالغىلى تاس قالىدۇ .  بۇ ئۈچ قىز ھاياتنىڭ قايناملىرىدا قېقىلىپ – سوقۇلۇپ ياشاۋاتقاندا  ، تاسادىپىي پۇرسەتلەردە ئۈمىدجان قادىرى بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ قېلىپ ، ئۈمىدجان قادىرىنىڭ ياردىمى ۋە ئىلھامى بىلەن كىشىلىك قەدىر – قىممىتىنى تونۇپ يىتىدۇ ھەمدە ئەخمەتجان ، مىرئادىل ، ھېكىمجان قاتارلىق غۇرۇرلۇق ، خالىس نىيەتلىك ، ئاقكۆڭۈل ، مىللەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەقىدىلىك ئىنسانلارنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنى ئوڭشاپ ، « مۇقەددەس ئاچا – سىڭىللار مۇلازىمەت شىركىتى »نى قۇرۇپ ، ھايات مۇساپىسىدە تېگىشلىك نەتىجە يارىتىدۇ . يازغۇچى ماخمۇتجان ئىسلام يۇقىرىقىدەك سىيۇژىت دېتاللىرى ئارقىلىق ، ھاياتنىڭ تۈرلۈك – تۈمەن دىشۋارچىلىقلىرىغا ئۇچراپ ، سەرسان بولۇپ يۈرگەنلەرگە مىننەتسىز خالىس ياردەم بېرىپ ، ئۇلارغا توغرا يول ، مۇۋاپىق ياشاش پۇرسىتى بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ھەمدە روماندىكى ئاساسلىق پىرسۇناژلارنىڭ بىرى بولغان يازغۇچى ئۈمىدجان قادىرىنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق غۇرۇرلۇق ، ئېتقادلىق ، مەسئۇلىيەتچان ، پەزىلەتلىك ، ئۆز قەدىر – قىممىتىنى ساقلىيالايدىغان ۋە نۇرلاندۇرايدىغان ئادەم بولۇشنىڭ تىپىك ئۈلگىسىنى يارىتىدۇ .

    روماندىكى پەرىزات ئوبرازى تېخىمۇ ئىبرەتچانلىققا ئىگە . پەرىزات تولۇق ئوتتورا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، ئالىي مەكتەپتە بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولىدۇ . بىراق ئۇ ھاياتتىكى ناچار خاھىشلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچراپ ، ئوقۇشتىن بىزار بولىدۇ ھەمدە مۇھەببەتنىڭ ئۆتكۈنچى تۇيغۇسىغا ئالدىنىپ قېلىش سەۋەپلىك ئۆتكۈزگەن خاتالىقى تۈپەيلىدىن ئۇقۇشتىن مەھرۇم قېلىپ ، كۈتكۈچى  ، « ئۈچكە ھەمراھ بولغۇچى » بولىدۇ ، پۇل تېپىشقا بېشىچىلاپ كىرىپ كېتىدۇ . بىز ئۇنىڭ شۇ چاغلاردىكى ئوبرازىدىن پۇلغا چوقۇنۇش ، مال – دۇنياغا ، شۆھرەتپەرەسلىككە بىرىلگەن ، ئۆزىنىڭ ھايات قىممىتىگە پەرۋاسىز قارايدىغان بىر قىسىم ئازغۇن قىزلارنىڭ ھايات تىراگىدىيىسىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز . ئەمما ، يازغۇچى مۇشۇ دائىرىدىلا چەكلىنىپ قالماي ، پەرىزاتقا مۇناسىۋەتلىك سىيۇژىت لىنيىسىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرغان . قاراڭ : پەرىزات كىيىنچە مۇقەددەسنىڭ ۋاستىسى بىلەن يازغۇچى ئۈمىدجان قادىرى بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ تەسىرى ، تەربىيسى بىلەن ئويغىنىپ ، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يېتىپ ، ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن قەددىنى رۇسلاپ ، مۇقەددەس ۋە گۇلنار بىلەن بىللە شىركەت قۇرۇپ ، توغرا يولدا ھالال مېھنىتى بىلەن ياشايدۇ .

    بىز بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن قارايدىغان بولساق ، يازغۇچىنىڭ روماندىكى ئۈمىدجان قادىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن تاپتىن چىققان ، ئىپپەت ۋە ھايا تۇيغۇسى سۇسراق ، ئەخلاقىي جەھەتتىن چىرىكلەشكەن ، ئۆز خاتالىقى سەۋەبىدىن ھاياتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىغا بەنت بولغان ، قىلمىشىغا لايىق جازاغا ئۇچرىغان پەرىزاتقا روماننىڭ ئاخىرىدا مۇقەددەس ۋە گۇلنار بىلەن بىللە ياخشى شارائىت ئاتا قىلىشى ، چىقىش يولى بېرىشى روماندىكى ئەجەللىك خاتالىقتەك تۇيۇلىدۇ ھەمدە ئېڭىمىزدا مۇنداق سۇئالنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ : رىئاللىقتا 《 پەرىزات 》تەك قىز - ئاياللارغا چىقىش يولى بېرىش توغرىمۇ ؟  ئۇلار ئۆز قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تارتىپ ، ئاخىرىدا ئېچىنىشلىق ھالدا كۆز ئالدىمىزدىن يوقىلىشى كېرەكمۇ ياكى يامان يولدىن قايتۇرۇلۇپ ، مۇۋاپىق ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى كېرەكمۇ ؟ ئۇلارغا ياردەم بېرىش ياخشى ئىنسانىي پەزىلەتمۇ ياكى « يېشىل چىراق » يېقىپ بەرگەنلىكمۇ ؟

    بۇ ھەقتە يازغۇچى ماخمۇتجان ئىسلامنىڭ يەكۈنىگە نەزەر سېلىپ باقايلى :

    _ ئەمەلىيەتتە بولسا ئادەملەر يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇقتىكى ئادەم دەپ ئايرىلىدۇ ....... يورۇقلىقتىكى ئادەم ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتتىكى ئەبەدىي ئۆچمەس نۇرلار ۋە ئەڭ يېڭى مەرىپەت – مەدەنىيەت بىلەن قەلىب گۈلىستانىنى يورۇتقان كىشىلەردۇر ؛ قاراڭغۇلۇقتىكىلەر بولسا ، نادانلىق ، قاششاقلىق ، خۇراپاتلىق ئىچىدە قالغانلار ، يېڭى مەرىپەت ، مەدەنىيەت نۇرى قەلىب گۈلىستانىغا چۈشمىگەن كىشىلەردۇر . مۇنداقلارنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا ئاچىقىپ ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە يىتەكلەش ئەدىبلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۈرچىدۇر . 》 ( « ھايات قايناملىرىدا » 266 - 267 – بەتلەر . )  مانا بۇ ئەڭ توغرا جاۋاپ . ( بۇ يەردە شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇكى ، يازغۇچى ماخمۇتجان ئىسلام روماندا پەرىزاتنىڭ خاتالىقىنىڭ ماھىيتىنى ، سەۋەپ – نەتىجىلىك مۇناسىۋىتىنى قانداقتۇر باشقىچە غەرەزدە ئەمەس ، بەلكى ، روماننىڭ پۈتكۈل سەھىپىسىدە مەركىزى ئورۇندا تۇرىدىغان ئادىمىيلىك قەدىر – قىممەتنىڭ قىممەتلىكلىكى ، موھىملىقى ۋە ئۆزىنى تونۇشنىڭ زۆرۈرلىكى نوقتىسىدا تۇرۇپ يورۇتۇپ بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا چىقىش يولى بەرگەن . بۇ نوقتىدىن بىز يازغۇچىنىڭ بۇ روماندىكى پەرىزاتقا مۇناسىۋەتلىك يەكۈنىنى توغرا ھەم مۇۋاپىق دەپ قاراشقا ھەقلىقمىز ، ئەلۋەتتە . )

    ئېنىقكى : يازغۇچى روماندىكى گۇلناز ، مۇقەددەس ، گۇلنار ، پەرىزات قاتارلىقلارنىڭ تىراگىدىيىلىك ھايات مۇساپىسىدىكى تىپىك ئوبرازى ، ئۈمىدجان قادىرى ، ئەخمەتجان ، مىرئادىل قاتارلىق پىرسۇناژلارنىڭ قىممەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ھايات پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تىكلىگەن نۇرانە سىيماسى ئارقىلىق بىزگە مۇنداق بىر يەكۈن ۋە روھنى تەقدىم قىلىدۇ : كىشىلىك ھايات ئىنتايىن مۇرەككەپ ، مەنزىلى ئۇزۇن بولىدۇ ، ئىنسان ھايات مۇساپىسىدە مۈشكۈلاتلارغا يۇلۇقۇشتىن خالىي بولالمايدۇ . شۇڭا ، ئىنسان مۈشكۈلاتتىن قورقۇپ ، تېز پۈكۈپ ياشىماسلىقى كېرەك ، ئەكسىچە ، مۈشكۈلاتلارغا قارشى كۆكرەك كىرىپ چىقىپ ، ئۇنى بويسۇندۇرۇشى ، ئىزدىنىشى كېرەك . ئادەمنىڭ ھاياتى مۈشكۈللەرگە يولۇقۇش جەريانىدا ئىزدىنىش ئارقىلىق گۈزەللىككە ، قىممەتكە ئىگە بولىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئۆزىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى چۈشنىشى بەكمۇ زۆرۈر . « شەك – شۈبھىسىزكى ، ئۆز ھېس – تۇيغۇلىرىغا ، تولۇق ئېيىتقاندا ، ئۆزىگە خوجايىن بولالىغان ئادەم ئۆزىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى چۈشەنگەن ئەركىن ئادەمدۇر . بۇ ئالەمگە تۆرەلگەن ئادەم ئۈچۈن ئەركىنلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ ، ھەممىدىن قىممەتلىكتۇر . ئادەم قۇل بولماسلىقى – باشقا ئىنسانغىمۇ ، پايدا – مەنپەئەتكىمۇ ، پۇل – بايلىققىمۇ ، شان – شۆھرەتكىمۇ ، سۆيگۈ – مۇھەببەتكىمۇ قۇل بولماسلىقى كېرەك . شۇندىلا ئۇ قەدىر – قىممەتكە ئىگە بولالايدۇ ، قولىدىكى بەخت جامىنى تارىتقۇزۇپ قويمايدۇ ، بېشىدىكى تەلەي – ئامەت قۇشىنىمۇ ئۈركۈتۈۋەتمەيدۇ ......» ( « ھايات قايناملىرىدا » 343 – بەت . ) ئۆزىنى نامايەن قىلالايدۇ . ھالبۇكى ، بۇنىڭ ئاساسى دەل ئادەمنىڭ ئۆزىنى بىلىشى ۋە دۇنيانى تونۇشى ، كىشىلىك ئىززىتى ۋە ئىجتىمائىي بۈرچىنى ھېس قىلىشىدۇر . مانا بۇ مەزكۈر روماننىڭ ئېستېتېك قاتلىمىنىڭ مەركىزى ھالقىسى ، شۇنداقلا ، يازغۇچىنىڭ بىزدە يېتىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان قىممەتلىك خىسلىتىدۇر .

    روماندىكى ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ئەدىبنىڭ بۈرچى توغرىسىدىكى تېما قاتلىمىمۇ ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە .

    ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ئەدىبنىڭ بۈرچى ھەققىدىكى مەزمۇنلار مەزكۈر روماندا خېلى چوڭ سالماقنى ئىگەللەيدۇ . بىز روماننىڭ سەھىپىللرىدىن ھەم روماندىكى يارقىن نۇرانە ئوبراز ئۈمىدجان قادىرىنىڭ ھايات ئەمەلىيتىدىن شۇنى تولۇق چۈشىنەلەيمىزكى :  ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى نوقول ھالدا مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ، مەۋجۇتلۇق ھالىتىدىن زارلاش ، ئەيىپ – نوقسانلارنى كۆرسىتىپ بېرىشلا بولۇپ قالماستىن بەلكى ، ئىنسانلارغا مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى تونۇتۇش ، ئۇلارغا قەدىر – قىممەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىش ، تېخىمۇ موھىمى ، ئۇلارغا ئۆزىنى تونۇش ۋە ئۆزىنى مۈكەممەللەشتۈرۈشنىڭ توغرا ، مۇۋاپىق ھەم ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرىنى ئۆگىتىشى كېرەك . ئەدىبنىڭ ئەسىرى ھەرگىزمۇ ھەرىپ ۋە رەقەملەردىن ياسالغان كېرەكسىز ئەخلەتلەر دۆۋىسى بولۇپ قالماسلىقى ، بەلكى ،  ئوقورمەن ئەسەرنى ئوقوغاندا ، ئۆز قەلبىدە زور بىر ئويغىنىشنى – ئىرادە ، جاسارەت ، غەيرەتنى پەيدا قىلالىشى ، شۇ ئارقىلىق يېڭى ئاڭ ، يېڭى تونوش ، ئالىيجاناپ غايىگە ئىگە بولالىشى كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن ئەدىب ئۆزىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى تولۇق چۈشىنىشى ، « خەلق ، تارىخ ئالدىدىكى بۈرچىنى تونوپ ، بارلىقىنى ئەدەبىياتقا بېغىشلىيالىشى ، خەلق ، ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئىشلىيەلەيدىغان روھتىن زادىلا تايماسلىقى كېرەك . » ( « ھايات قايناملىرىدا » 262 – بەت . )  ئۇسسۇغانغا زىلال سۇ ، توڭلىغانغا يالقۇن ئوت ، مادارسىزغا كۈچ ، روھسىزغا جان بولۇش ، ھايات قايناملىرىدا دولقونلارنىڭ باغرىدا يۇلقۇنىۋاتقانلارنى كېمىگە ياكى قىرغاققا چىقىرىپ ، ھايات باياۋانلىرىدا ئېزىتقۇ ھېس – تۇيغۇلارغا ئالدىنىپ قېلىپ ، قاراڭغۇلۇققا مۇپتىلا بولۇپ قالغانلارنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا ئاچىقىپ ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە يىتەكلەش  - ئەدىبلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۈرچىدۇر . تېخىمۇ ھالقىلىق يېرى ، يازغۇچى بۇنداق قىممەتلىك يەكۈنلەرنى ئاددى ، يۈزەكىي ، بىۋاستە ئوتتورىغا قويماستىن بەلكى ، ۋەقەلىكلەر ۋە پىرسۇناژلار ئوبرازىغا بەدىئىي يول بىلەن سىڭدۈرىۋەتكەن  . ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا موھىم ئورۇن تۇتىدىغان  ، روماندىكى كەم بولسا بولمايدىغان بەدىئىي ئوبرازلارغا ئايلانغان پىرسۇناژلار - ئاق چاچلىق شائىر ، دېھقان قوشاقچى  ، ئاق پىشماق شائىر ، ئاق باش يازغۇچى قاتارلىق يازغۇچى – شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت قارىشى ۋە ئەمەلىيتى ھەققىدىكى يەكۈنلەر ۋە روماندا نامى تىلغا ئېلىنغان زۇنۇن قادىرى ، قاھار جىلىل ، زوردون سابىر قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيتى ھەققىدىكى پاكىتلار  ئارقىلىق ئۆز پىكىرىنى تېخىمۇ دەللىككە ، قىممەتكە ئىگە قىلغان . بۇ ئارقىلىق ئەدەبىياتنىڭ مۇقەددەس رولى ۋە ئەدىبلەرنىڭ ھەقىقىي بۈرچىنى يەنە بىر قېتىم سەمىمىزگە سالغان . بۇمۇ مەزكۈر روماننىڭ بىر ئۆزگىچىلىكىدۇر .

    كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى : «ھايات قايناملىرىدا » رومانى بەدىئىيلىكىنىڭ ۋە ئېستىتىك ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقى  بىلەن بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا موھىم ئورۇنغا ۋە قىممەتكە ئىگە روماندۇر .

    2008- يىل 17 – دېكابىر . قەشقەر يېڭىشەھەر


    مەنبە: يازغۇچىلار تورى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.