45 يىللىق ئىجادىيەت مۇساپەم(مۇھەممەتجان راشىدىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-08 06:25:08

45 يىللىق ئىجادىيەت مۇساپەممۇھەممەتجان راشىدىنرەھبەرلەر ، قەلەمداشلار ۋە دوستلار:بۈگۈن مېنىڭ 45 يىللىق ئىجادىيەت ئەمگەكلىرىم ئۈستىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇ...

    45 يىللىق ئىجادىيەت مۇساپەم
    مۇھەممەتجان راشىدىن



    رەھبەرلەر ، قەلەمداشلار ۋە دوستلار:
    بۈگۈن مېنىڭ 45 يىللىق ئىجادىيەت ئەمگەكلىرىم ئۈستىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى  ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ.بىر شائىرنىڭ ئىجادىيەت تارىخىدىكى مۇنداق بىر شەرەپلىك كۈننىڭ ماڭىمۇ نېسىپ بولغانلىقىدىن پەيدا بولغان خۇشاللىقىمنى شۇ تاپتا مەن قانداق ئىپادە قىلىشنى بىلمەي ئولتۇرىمەن . شۇڭا ، مەن بۇ يەردە تۆت ئېغىز گەپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئەڭ ئاۋۋال ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ، ھەمدە بۇ مۇھاكىمىنى ئۇيۇشتۇرغان ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە چوڭقۇر رەھمەتلەر ئېيتىمەن!
    دۆلىتىمىز ئەدەبىيات-سەنئەت ۋەزىيىتىنىڭ ھەقىقىي ياخشىلانغانلىقىغا مۇناسىپ ھالدا مۇنداق مۇھاكىمىلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى پۈتۈن ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىمىز ئۈچۈن يەنىمۇ زور رىغبەت ، يەنىمۇ چوڭ قەدىردانلىق . ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بەلگىلىك  نەتىجە ياراتقان قەلەم ساھىبلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئورۇنلۇق ئالقىش . بۇ خىل كەڭ پۇرسەت ، شەرەپلىك مۇنبەرلەر بىزنىڭ ئۇستاز پېشۋالىرىمىز: زۇنۇن قادىرى ، نىمشېھىد ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، ئەلقەم ئەختەم ، تېيىپجان ئېلىيۇپ ، شۈكۈر يالقىن ، تۇردى سامساق ، ئەرشىدىن تاتلىق ، ئابدۇكېرىم خوجا ، ئۆمەر ئىمىن قاتارلىق ھەقىقىي تۆھپىكارلارغا مۇنداق داغدۇغىلىق نېسىپ بولغان ئەمەس . ئۇ بىر ھەسرەتلىك ئۆتمۈش . شۇڭا ، بۈگۈن مەن بۇ يەردە مەدھىيە لەۋھەلىرىنىڭ ئاشۇ ئەسلى مۇناسىپ ئىگىلىرىنى سېغىنىش ۋە ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئەسلەپ ئولتۇردۇم . مۇنداق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ داغدۇغىلىق تۇنجى نۆۋەتلىرى ئەسلىدە ئەنە شۇ مەرھۇملارغا مەنسۇپ ئىدى . نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇلار ھەققىدىكى خىياللار ئەمدى بىز ئۈچۈن ئاچچىق ئەسلىمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . بۈگۈن بىز ئۇ چاغلارغا ئوخشىمايدىغان ئازادە بىر مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز . بۇ تارىخىي پۇرسەتنىڭ ئەۋزەل خاراكتېرىنى شان-شەرەپ نەزىرىنىڭ بىزگە ئوخشاشلارغا تەگكەنلىكىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . دېمەك ، بىز ئىنسان ئەمگىكىنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۇلۇغلىنىدىغان دەۋرگە يېتىپ كەلدۇق . ئىجادىيەت تۆھپە ھېسابلىنىدىغان ، ئىجادكارلار ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىغان ئارزۇلۇق زامانلارنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم قويدۇق . ئەسلىدىن ئېيتقاندىمۇ ، پەقەت مۇشۇلا شەخسنى ئىجادكارغا ، ئىجادكارنى ئەتىۋار بايراقدارغا ئايلاندۇرىدىغان راۋان ، داغدام يول ئىدى.
    دۇنيادا ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن خۇش بولمايدىغان ھېچكىم يوق . ئىنسان — تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ياخشى گەپنىڭ خۇشتارى . ئۇ ئۆز ھايات پائالىيىتى بەدىلىگە ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن ياخشى ئىنكاسلارنى تەلەپ قىلىدۇ . ئۇنىڭغا تۇتۇلغان گۈل ، ئۇرۇلغان چاۋاك ئۇنىڭ يۈكسىلىشىدىكى ناھايىتى مۇھىم ئامىل . كىشىلەر تۆھپىسىگە بېرىلگەن ئورۇنلۇق تەرىپ ، ھەققانىي باھالار ئۇنىڭغا ئىلھامبەخش ئەتمەسلىكى ، ئۇنى خىجىل قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس . شەرەپلىك ئەمگەكلىرىنىڭ ئۆزىگە ئەرزىمەس ئەجر تۇيۇلۇپ ، ئۇنى ئوڭايسىزلاندۇرۇشى تېخىمۇ تۇرغان گەپ . بۈگۈنكى مۇھاكىمىدە مەن دەل مانا شۇنداق بولۇپ قالدىم.
    ئىلى قازاق ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 1998-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىلىدا مېنىڭ ئەسەرلىرىم بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ ، مېنىڭ شېئىرلىرىمنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئورنىنى باھالىغان ۋە مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى . مېنى شۇ چاغدىمۇ خىجىللىق باسقان . مانا بۈگۈنكىسى مۇنداق روھىي ھالەتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقى ، قەلەمداشلار مېنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيىتى جەھەتتىكى تۆككەن تەر ، سىڭدۈرگەن ئەمگەكلىرىمنى يۇقىرى باھالىدى . ئەتراپلىق شەرھلىدى . مەن ماقالا ئاپتورلىرىغا چىن قەلبىمدىن يەنە بىر قېتىم رەھمەتلەر ئېيتىمەن.
    شېئىرىيەت ماڭا ناھايىتى كىچىك چېغىمدىلا تەسىر قىلغان . تۇنجى شېئىرىمنىڭ ئېلان قىلىنغىنىغىمۇ بۇ يىل 45 يىل بولدى . دېمەك ، مېنىڭ ھاياتىمنىڭ باش-ئاخىرى تامامەن شېئىر بىلەن باغلانغان . ئاپەتلىك يىللاردىمۇ قەلەمدىن قول ئۈزمىدىم . ياش ۋاقتىمدا تاغام مېنى شېئىر ئىجادىيىتىدىن قايتۇرۇشقا كۆپ نەسىھەتلەر قىلغان بولسىمۇ ، ماڭا ئەسلا كار قىلغان ئەمەس . تاغام كۆيۈمچان ئادەم ئىدى . ئۇ شېئىرىيەتنى زاماننىڭ نازۇكلۇقى ، ھەمدە مېنىڭ تەقدىرىم بىلەن باغلايتتى . لېكىن مەن ماڭغان يولۇمدىن قايتىشقا ئۇنىمايتتىم . ئاخىرى ئۇ: «خەير ، ئامال يوق ، بۇ بىر خۇدا سالغان ئىشق بولسا كېرەك!» دەپ توختاپ قالدى . مەن شېئىر ئىشقىدا «ھۇ!» دەپ ئاشىقلارچە كېتىۋەردىم . كېيىن تاغامنىڭ ، دەۋرنىڭ نازۇك ، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىن ۋە مەن تونۇغان قەلەمنىڭ ئۆز قولۇمنى كۆيدۈرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېيتقانلىرى توغرا بولۇپ چىقتى . «مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا مەن بىھۇدە گۇناھلارغا تارتىلدىم ، چەتكە قېقىشلارغا ئۇچرىدىم ، لېكىن شائىرلىق ئىشقىنى ماڭا خۇدا سالغان ئىشق ئىكەنلىكىمۇ راست بولۇپ چىقتى . مەن شېئىردىن زادىلا كېچەلمىدىم . «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇپ تۇرۇپمۇ يەنە شېئىر يېزىپ تۇردۇم . بۇ مېنىڭ قورقۇمسىزلىقىمدىن ئەمەس ، شېئىرىيەتتىن ئىبارەت بۇ ساھىبجامالدىن كۆڭۈل ئۈزەلمەيۋاتقانلىقىمدىن بولۇۋاتقان ئىش ئىدى . ئۇ چاغلاردا قەلەمنى تاشلاش مەن ئۈچۈن ياشىمىغان بىلەن باراۋەر ئىدى.
    كېيىن ياخشى كۈنلەر نېسىپ بولۇپ ، مەن جەمئىيەتكە قايتىپ چىققىنىمدا ، شېئىر يېزىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىم ماڭا ھايات قالغىنىمدىنمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش بولۇپ تۇيۇلۇپ كەتتى . مەن يېڭىۋاشتىن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ كەتتىم . ھازىر 64 ياشقا مېڭىپتىمەن ، ھېلىغىچە يېزىۋاتىمەن . بۈگۈن بۇ شەرەپلىك سورۇننىڭ مەركىزىدە ئولتۇرغىنىممۇ ئاشۇ قەلەمنىڭ ، جۈملىدىن قەلەمگە بولغان قاتتىق ئىخلاسنىڭ شاراپىتى . دېمەك ، ئۆمرۈمنىڭ باش -ئايىغى شېئىرىيەت بىلەن باغلانغان دېگىنىمنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ!
    ئۇيغۇر شېئىرىيىتى يەنىلا كۆپنىڭ كارامىتى بىلەن كامالەتكە يېتىدۇ . شېئىرىيەتنىڭ مۇقىم مەنزىلى يوق . ھازىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىمۇ خۇددى ئۇيغۇر رومانچىلىقىغا ئوخشاش بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى . ئۇنى كىشىلەرنىڭ  نۆۋەتتىكى مەسىلىسىنى مەنىۋى ئېھتىياجغا يېتىشەلمەيۋاتقانلىقىغا قاراپلا خالىغانچە خۇنۈكلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ . شېئىرىيەتنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىغا ئۇنى ئۆتمۈشكە سېلىشتۇرماي تۇرۇپلا كەلسە-كەلمەس ھۆكۈم قىلىش ئاقىلانىلىق ئەمەس . بىزدە ھازىر نۇرغۇنلىغان پېشقەدەم ۋە ئوتتۇرا ياشلىق كۈيچىلەر بار . نۇرغۇنلىغان تالانتلىق ياشلار بايقىلىۋاتىدۇ . بىز بۇلارغا تايىنىپ ، بىزدە زور بىر شېئىرىيەت قوشۇنى بارلىققا كەلدى ، دېيەلەيمىز . بىزنىڭ شېئىرىيىتىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىدە شۈبھە يوق.
    ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە ھازىر شېئىرىيەت ئەركىن پەرۋاز قىلالايدىغان ئىمكانىيەتلەرگىلا ئەمەس ، ئوخشاش بولمىغان ئۇسلۇب ، ئوخشاش بولمىغان مېتودلاردا ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىغىمۇ قاراپ يۈزلەندى . ھەركىم ئۆزى خالىغان يوللاردا كارامىتىنى كۆرسەتمەكتە . شۇڭا خۇددى  شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ئېيتقاندەك: ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ ، بۇ ھەربىر شائىر ئۆز خاسلىقىغا ئىگە ، دېگەنلىك . قايسىبىر سورۇندا يازغۇچى ئەخەت تۇردىمۇ ئەدىبلەرنىڭ ۋىجدانىدىن ئاداشماي ، رېئاللىققا سادىق بولسىلا ، رېئال جەمئىيەت ئالقىشلايدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى . بۇ گەپلەرنىڭ دانالىقىغا ئەلۋەتتە سۇ كىرمەيدۇ.
    مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە تۇشلۇق ئىجادىيەت خاسلىقىم بار . مەن ھېلىغىچە شۇ يول بىلەن مېڭىپ كېلىۋاتىمەن . مەيلى ئىستېمال ئەدەبىياتى ، ئېستېتىك ئەدەبىيات دېگەنلەر بولسۇن ، مەن ئۇلاردا خەلق بەھرە ئالالايدىغان ، تۇرمۇشنى ھەقىقىي ئىپادە قىلالايدىغان ئالاھىدىلىكنىڭ بولۇشىنىلا ئارزۇ قىلىمەن . شۇڭا ، مەن باشقىچە تەشەببۇس ۋە نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ شېئىرىيەتكە ، ئۆزۈمگە پايدىلىقلىرىنى ئۆگەنسەم ئۆگەندىمكى ، ئۇلارنى ئاقچى ، كۆكچى دەپ كەتمىدىم.
    لېكىن ، مەن ھەرگىز ئۆز خاسلىقىدا نۇقسان ، يېتىشسىزلىكلەر يوق دېيەلمەيمەن . شائىر مۇھەممەت رەھىمنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئېقىن سۇدەك راۋان جۈملە ، پىششىق مىسرالار ماڭا ماھارەت مەنزىلى كۆرسەتسە ، ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ لىرىكىلىرىدىن شېئىرنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە دائىم دەرس ئالىمەن؛ مەرھۇم شائىر روزى سايىتنىڭ ئاجايىپ جەڭگىۋار ۋە گۈزەل شېئىرلىرى مېنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا باي خەلق شائىرى بولۇشۇمنى دەۋەت قىلىدۇ؛ شائىر قۇربان باراتنىڭ «ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز» ، شائىر بوغدا ئابدۇللانىڭ «تاغلارنى قۇچاقلاپ» ناملىق شېئىرلىرىنى ئوقۇغىنىمدا يېنىمدا غايىۋانە بىر ئاۋاز: «شېئىر دېگەننى مۇنداق يازمامسەن!» دېگەندەك قىلىدۇ . قىسقىسى ، مەن ئۆزۈم ئادەتتە: «شېئىر دېگەن كىشىنى ئىككى قەدەھ شارابتەك غۇژژىدە تۇتۇشى كېرەكقۇ!» دەپ يۈرسەممۇ ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا يېتەلمەيۋاتىمەن . يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى مەندىكى شېئىرىيەت ماھىرلىقىنىڭ يەنىلا چولتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . دېمەك ، مەن ئۈچۈن يەنىلا ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ . لېكىن ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق ، ياش بىر يەرگە بېرىپ قالدى ، بۇنىڭدىن كېيىن ئالىدىغان خامانلارنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە ئالدىن ھۆكۈم قىلماق تەس ، مەيلى قانچىلىك ۋە قايسى دەرىجىدە يازاي ، ئۆزۈمنى بۇ ئۆمرۈمدە شەرەپلىك خەلق شائىرى بولۇشقا يۈزلەندۈرەلىدىم ، دەپ ئېيتالايمەن.
    مېنىڭ ئىجادىيەت مۇساپەمدە بەزى تېمىلاردا كۆپرەك نەزەر ئاغدۇرغان خاسلىقمۇ  بار . بۇ ئۆز نۆۋىتىدە شېئىرىيەتتىكى رەڭدارلىققىمۇ ئېلىپ باردى . مېنىڭ ئانىلار تېمىسىدا كۆپ يازغانلىقىم ھېچكىمگە  سىر ئەمەس . سۆيگۈ -مۇھەببەت ھەققىدىمۇ كۆپ يازدىم . چۈنكى ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۇنىڭ قاتتىق چەكلەنگەن رايون بولۇپ قېلىش تارىخى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتتى . بۇ رايوننى تەلتۆكۈس ئازاد قىلىش كېرەك ئىدى . يەنە كېلىپ كىشىلىك مۇھەببەتنىڭ ئۆزى كارامەتلەر بىلەن تولغان بىر دۇنيا . ئۇنىڭدىكى سائادەت ۋە سەرگۈزەشتلەرنى مەڭگۈ يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ . شۇڭا مەن بۇنى يېڭىۋاشتىن يورۇتۇشقا ئەھمىيەت بەردىم.
    مەن يېڭىدىن يازغان ناخشا تېكىستلىرىمۇ ئاز بولمىدى . ناخشا تېكىستلىرىمۇ كەم دېگەندە قىرىق يىللىق قاتماللىق ئىچىدە ياشاپ كەلدى . ئۇنى كەڭ تۇرمۇشقا ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رەڭدار ھاياتىغا يۈزلەندۈرۈش لازىم ئىدى . شۇڭا ، مەن  ئۇنىمۇ ئومۇمىي ئەخلاقىي تېمىلار ئىچىدە تىرىكچىلىكنىڭ جىمى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى ئالا قويماي كېزىپ يۈرىدىغان  زىيارەتخانىغا ئايلاندۇردۇم . بۇنى خەلق قارشى ئالدى . ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا  شېئىرنىڭ تۇتقان ئورنى ناھايىتى چوڭ . خەلقلا مەۋجۇت ئىكەن ، شېئىرمۇ مەۋجۇت . خەلقىمىز تېخىمۇ گۈزەل ۋە يارقىن شېئىرلارغا موھتاج . شېئىرىيەت ئۇلارنى نۇرلۇق نىشانلارغا يېتەكلىشى ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئىنتىلىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى لازىم . ئۇلار شېئىرىيەتتىن ئۆزلىرىنىڭ قىسمەتلىك ئۆتمۈشىنىلا ئەمەس ، پارلاق ئەتىسىنىمۇ كۆرەلىشى كېرەك . شېئىرىيەت ھاللىق تۇرمۇشقا يۈزلەنگەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ شەنىگە ناخشا ئېيتىپلا قالماي ، ھېلىغىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايۋاتقان يەنە بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ ھالىغىمۇ يېتىشلىرى كېرەك . ئۇلارغا دۇنياۋى ئىلغار مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلىش ، ئوتتۇرا ئەسىر قاششاقلىقى بىلەن ئۈزۈل-كېسىل قول ئۈزۈشكە يۈزلەندۈرۈشى لازىم.
    دۇنيادا تۇرمۇشنى بۇرمىلىماي ، يوشۇرماي ، ئۇنىڭ ئۆز قانۇنىيەتلىرىگە سادىق ھالدا ئىپادىلەشكە مۇيەسسەر بولغان ئەدەبىياتلا ھەقىقىي ئەدەبىيات بولالايدۇ . خۇداغا شۈكۈر ، بۇ «4 كىشىلىك گۇرۇھ» دەۋرىدىكى ساختا ئەدەبىيات ۋە ساختا ئەدىب  بولۇپ قالىدىغان شەرمەندىلىكتىن قۇتۇلدۇق .
    مەن ئىجادىيەتتە  مۇنداق تەجرىبە ياكى تەسىراتلارغا ئىگە بولغاندەكمۇ تۇرىمەن . ئۇ بولسىمۇ ، ئىجادىيەتنى ئەخلاقىي تېمىلار زېمىنىدا قانات يايدۇرۇش ، رېئاللىقنى ئىجادىيەتكە مەنبە ۋە مەنزىل قىلىش ھەمدە تىرىشىپ ئۆگىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . مەن مۇشۇ يولدىن چىقماسلىقىم مۇمكىن . غۇلجا ناھىيىلىك  پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقىدا 13 يىل كەسپىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندىم . ئۇلارغا بولغان تەشەككۈرۈم تېخىمۇ زور . يازغۇچى تۇرسۇنئاي يۇنۇس «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىلقى 10-سانىغا «يۈرىكىمدىكى ئوت» ناملىق بىر ئەسلىمە يېزىپ ، بىزگە ئوخشاشلارنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان يۈرەك يالقۇنلىرىنى سۇ قۇيۇپمۇ ئۆچۈرگىلى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ناھايىتى ئورۇنلۇق توختالدى . ئەسلىمىنى دەررۇ ئۆزۈمگە تەتبىقلىدىم . شۈبھىسىزكى ، يېشىمنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقى شېئىرىيەتكە بولغان مېنىڭ يۈرىكىمدىكى ئوتنىمۇ ئۆچۈرەلمەيدۇ . مەن بۈگۈنكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن يەنىمۇ كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئىلھاملار ئالدىم . ئۇنى ھەرگىز مېنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىش ئالدىدىكى تىرىك ۋىدالىشىش پائالىيىتى ، دەپ تونۇمايمەن . مەن بۇ يىغىننىڭ رىغبىتى بىلەن تېخى نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازالىشىم مۇمكىن . يىغىندىن مەنلا ئەمەس ، يەنە نۇرغۇن ياش قەلەمداشلارمۇ نەزەرىيىۋى بىلىم ، ئەمەلىي تەجرىبە ۋە چوڭقۇر تەسىراتلارغا ئىگە بولدى . ئەدەبىيات ئەتىۋارلاندى ، شېئىرىيەت قەدىرلەندى . بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدىن باشقا ، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتچانلىق تۆھپىسىگىمۇ مەنسۇپ . ئىشىنىمەنكى ، بۇ خىل پائالىيەتلەر بۇندىن كېيىن مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتلەردىن تېخىمۇ بېيىپ بارىدۇ ، تېخىمۇ جانلىنىدۇ . رەھبەرلىككە ، قەلەمداشلارغا رەھمەت ئېيتقۇچىلار ھەرگىز بىرنەچچىمىز بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ . دېمەك ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىدا شۈبھە يوق.
    مەنمۇ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يەنىمۇ يېڭى شېئىرلارنى ۋەدە قىلىپ سۆزۈمنى تاماملايمەن.


    كۆپچىلىككە رەھمەت!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.