» نىڭ ئۆزگىچە تەدبىرىDell

يوللىغۇچى : rukiya يوللىغان ۋاقىت : 2015-07-30 18:36:34

1984 – يىلى قۇرۇلغان «Dell» شىركىتى ئامېرىكىنىڭ تىكساس ئىشىتاتىدىكى روڭدروك شەھىرىگە باش ئىشتاب تەسىس قىلىپ، ئائىلە سايمانلىرى ۋە ئىشخانا كومپىيۇتېرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەندە، بىراقلا ،PDA يۇمشاق دىتال، خەت بېسىش ماشىنىسىغىمۇ يۈرۈش قىلغانىدى. بىراق ھە د

    » نىڭ ئۆزگىچە تەدبىرىDell«
     
    1984 – يىلى قۇرۇلغان «Dell» شىركىتى ئامېرىكىنىڭ تىكساس ئىشىتاتىدىكى روڭدروك شەھىرىگە باش ئىشتاب تەسىس قىلىپ، ئائىلە سايمانلىرى ۋە ئىشخانا كومپىيۇتېرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەندە، بىراقلا ،PDA يۇمشاق دىتال، خەت بېسىش ماشىنىسىغىمۇ يۈرۈش قىلغانىدى. بىراق ھە دېگەندىلا IBM، «كومپاك» قاتارلىق باي ۋە تېخنىكا سەۋىيەسى يۇقىرى شىركەتلەرنىڭ بازاردىن سىقىپ چىقىرىش بېسمىغا دۇچار بولدى، ئەمما ئالتە يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ پېيى بازاردىن كىردى. شۇنداق قىلىپ «Dell» شىركىتى باش كۆتۈردى، ئەلۋەتتە بۇ كارامەتنىڭ يارىتىلىشىغا ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە تىجارەت ئۇسۇلى تۈرتكە بولدى.
    «Dell» نىڭ ئۆزگىچە تىجارەت ئۇسۇلىنىڭ نېگىزى خېرىداردىن زكاز قوبۇل قىلىش ئىدى، يەنە ئۇلار خاتىرە كومپىيۇتېرنى خېرىدارنىڭ تەلىپى بويىچە ياسىدى، شۇنداقتىمۇ يىلدا نەچچە مىڭ كومپىيۇتېرنى قولدىن چىقاردى؛ بۇ ئۇسۇلنىڭ نېگىزى تېزلىكتە بولۇپ، شىركەت خېرىدارنىڭ زاكىزىنى قوبۇل قىلىپ 36 سائەت ئىچىدە كومپىيۇتېر خېرىدارنىڭ قولىغا يەتتى. بۇ تېزلىككە يېتىش ئۈچۈن ئۇلار ئۆزگىچە تەدبىر قوللاندى، بىز پەقەت «فورد» ماشىنسازلىق گۇرۇھىنى مىسالغا ئالساقلا، بۇ ئۇسۇلنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.
    «Dell» شىركىتى «فورد» ماشىنسازلىق شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقاندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا ئارخىپ تۇرغۇزدى، ئاندىن ھەر بىر ئىش ھالقىسىدىكى خىزمەتچىگە ئوخشىمىغان تىپتا كومپىيۇتېر ياساپ بەردى، چۈنكى ئۇلار بۇ شىركەتنىڭ زاكىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان، قايسى ئورۇندىكى خىزمەتچىگە قانداق كومپىيۇتېر لازىملىقىنى پەرەز قىلىپ، قاتتىق ۋە يۇمشاق دىتاللارنى تېز سۈرئەتتە قۇراشتۇرۇپ، تېز سۈرئەتتە ، مال يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ خىل ئۆلچەملەشكەن مەشغۇلات لىنىيەسى «Dell» شىركىتىنى تۆۋەن تەننەرخ بىلەن ئەلا مۇلازىمەتنى يولغا قويۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، يەنى زاكازغا مال ئىشلەش ئۇسۇلى بۇ شىركەتكە كەسكىن رىقابەتتە ئۈستۈن كېلىش پۇرسىتى بەردى.
    زاكازغا بېقىپ مال ئىشلەش ئۇسۇلى خېرىدارنىڭ تەلىپىنى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇسۇلنى قوللانماقچى بولغان كارخانىلار چوقۇم خېرىدارنىڭ ئادەت ۋە قىزىقىشىغا ئائىت ماتېرىياللارنى توپلاپ، كارخانىنىڭ ماتېرىيال ئامبىرىنى قۇرمىسا بولمايدۇ، چۈنكى زاكازغا قاراپ مەھسۇلات ئىشلەيدىغان كارخانىلار ماتېرىيال ئامبىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بېشىنى تاشقا ئۇرغان بىلەنمۇ مۇددىئاسىغا يېتەلمەيدۇ.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تەدبىر شىركەت