ئۇماچ قازىنى

يوللىغۇچى : hellolife يوللىغان ۋاقىت : 2007-11-15 19:58:00

بىزنىڭ ئەڭ توغرا گەپنى دېيىش مەجبۇرىيىتىمىز يوق ھەم ئۇنداق ئىقتىدارىمىزمۇ يوق. تور قىرى يوق بىر ئەركىن دۇنيا بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزگە بۇنداق تەلەپنىمۇ قويمايدۇ. 70- يىللاردا تۇغۇلغان ياشلار ...

         بىزنىڭ ئەڭ توغرا گەپنى دېيىش مەجبۇرىيىتىمىز يوق ھەم ئۇنداق ئىقتىدارىمىزمۇ يوق. تور قىرى يوق بىر ئەركىن دۇنيا بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزگە بۇنداق تەلەپنىمۇ قويمايدۇ. 70- يىللاردا تۇغۇلغان ياشلار خېلى جىق ئىشلارنى كۆردۇق، كۆرمىگىنىمىزنى چوڭلاردىن ئاڭلىدۇق. ھازىر مۇنداق بىر تەرەپلىمە قاراشقا كېلىپ قالدىم: ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش جەدىۋىلىگە "ئەدەبىيات، ماتېىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە" دېگەندەك كەسىپلەرنى تولدۇرغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇ پەنلەرنى ئۆگىنىپ نەگە بارىدۇ؟ بۇ ھەقتە بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز ناھايىتى ئورۇنلۇق بىر سۇئالنى قويغان "بالام سەن ئوقۇۋاتقان بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرسەڭ نېمە بولىسەن؟" مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپ مۇدىرىم قەيسەر تۇردىنى بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى دەپ قارايمەن. ئۇ ھەر بىر ئوقۇغۇچىدا ناھايىتى مول ھاياتىي كۈچ ۋە ئىجادىي ئىقتىدارنىڭ كۆمۈلۈپ ياتقانلىقىغا ئىشىنەتتى ھەم ھېچقاچان باشقا كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش ئۆزىنى «ئوقۇغۇچىلاردىن ئالاھىدە ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر ئادەم» دەپ قارىمايتتى. ئۇ بىزگە دائىم خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «دۇنيادىكى ھەرقانداق نوپۇزلۇق قاراشتىن گۇمانلىنىشقا ۋە ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلىش» دېگەن مائارىپ ئىدىيىسىنى تەكىتلەپ تۇراتتى ۋە بىزنى رىغبەتلەندۈرۈپ:«مەن شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، ئاراڭلاردىن چوقۇم مەشھۇر ئالىملار، يازغۇچىلار چىقىدۇ. سىلەر پۈتكۈل مىللەتنىڭلا ئەمەس، ئىنسانىيەتنىڭمۇ بايلىقىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭلار مۇمكىن» دەيتتى. ئۇ بۇلارنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىمى قانداقتۇر ئۆلۈك تىرىشچانلىق ئەمەس، بەلكى «ئەستايىدىللىق ۋە پۇرسەتنى بايقاش ھەم ئۇنى چىڭ تۇتۇش» دەپ قارايتتى. ئۇ بىزگە يىغىن ئاچقاندا قانداقتۇر ئۆلۈك پرىنسىپلارنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ، ھەپتىلىك يوقلىما، تازىلىقتىن خۇلاسە قىلىپ، ئۇنى - بۇنى قوپۇرۇپ تىللاپ، تاشتەك قېتىپ كەتكەن شوئار ۋە چاقىرىقلارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ يۈرمەيتتى. بەلكى پەن تارىخى ۋە ئالىملارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى سىرلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەتتى. مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدىغىنى ئۇنىڭ پلانىك بىلەن ئېينىشتېيننىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ھېكايىلىرى.


         بىر قېتىم ئۇ بۇ ھەقتە سۆزلەپ كېلىپ ئەڭ ئاخىرىدا مەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغان بىر تەلەپپۇزدا:«... پلانىك ئون نەچچە يىلدىن كېيىن ئەسلىدە ئۆز كۆز قارىشىنىڭ توغرىلىقىنى، ئۆزىنىڭ پەن تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ بىر بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، لېكىن كېيىن باشقىلارنىڭ تەنقىدلىرىگە زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆز - ئۆزىگە ئىشىنەلمەي، ئۆز تەلىماتلىرىنىڭ توغرىلىقىدا چىڭ تۇرالماي، تەتقىقاتىنى راۋاجلاندۇرمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قاتتىق پۇشايمان قىلغان. لېكىن، بۇ چاغدا پىلانىك ياشىنىپ كۈچ - قۇۋۋىتىدىن قالغان، پەننىڭ يۈكسەك چوقىسىغا چىقىش پۇرسىتى ئاللىقاچان ئېينىشتېيىندەك كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، ياش، جاسارەتلىك ۋە ئىسيانكار ئالىملارنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ كەتكەنىدى...» دېگەن. دەرۋەقە، سىنىپىمىزدا غايىلىك ۋە تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار كۆپ ئىدى. ئاخىرى قانداق بولدى، ئارىمىزدىن تا ھازىرغىچە بىرەر ئالىم، يازغۇچى، باي ۋە ياكى ئەمەلدار چىقمىدى. پەقەتلا تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى، بىرەيلەن 3- دۇنيا ئەللىرىنىڭ بىرىدە ئوقۇۋاتىدۇ. مېنىڭ ئەڭ ئېچىنىدىغىنىم، ئەقىللىق، غايىلىك، تىرىشچان ئۈچ نەپەر ساۋاقدىشىم. ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تا ھازىرغىچە تۈزۈكرەك بىر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلمىدى. مۇندىن بىر يىل بۇرۇن بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئارىسىدىكى بىرى ماڭا "مېنى ئۈمىدسىزلىك قاپلىۋالدى" دېگەن مەزمۇندىكى ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مەن چۈچۈپ كەتتىم. چۈنكى بۇ قىز باشقىلارنى ئۈمىدسىزلىك قاپلىۋالغاندا ئۇلارنى روھلاندۇرۇپ، ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدىغان، تۇرمۇشى رېتىملىق، ئەستايىدىل، سوغۇققان بىر قىز ئىدى.


        مەن ئويلاپ قالدىم "ئەگەر ئۇمۇ ئۈمىدسىزلەنگەن بولسا، باشقا ئادەملەرگە بىر نېمە دېمەك تەس". بۇ ئۈچەيلەننى ئويلىساملا "جەمئىيەت ياشلارغا ھەقىقەتەن ئادالەتسىز، رەزىل مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ" دېگەن خۇلاسسىگە كېلىمەن. بىر نەچچە ئاي بۇرۇن بۇ قارىشىمنى قەيسەر تۇردىغا دېدىم، ئۇ ماڭا:" توغراا دەيسەن، بىزنىڭ تارقىتىش ۋاسىتىلىرىمىز، بولۇپمۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئۆسمۈرلەر پروگراممىسى ئەۋلادلارنى تەربىيلەشتە ناھايىتى چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىرى بالىلارنى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرگە چوقۇنىدىغان قىلىپ يېتەكلەش، يەنە بىرى، بالىلارنىڭ كاللىسىغا <تىرىشىپ ئۆگەنسە ياخشى ئادەم بولغىلى، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ> دېگەن خاتا قاراشنى سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت. بالىلارغا راست گەپنى قىلىش كېرەك، تىرىشچانلىق ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، بىر ئوقۇغۇچى ھەر قانچە تىرىشىپ ئۆگەنسىمۇ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى يەنىلا ناھايىتى يامان بولۇشى مۇمكىن. بۇ قانۇنىيەتلىك دۇنيا، بالىلارغا بۇنى ئېنىق دېيىش، <تىرىشىپ ئۆگەنسە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن تىرىشىش ئارقىلىقلا ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ....> دېيىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە XJTV دە شۇ ھۆكۈم خاراكتېرلىك گەپنى دەۋاتقانلار، ئاقىۋەتتە ھېچكىمنىڭ تەقدىرىگە، تىرىشىپ يامان كۈنگە قالغانلارنىڭ تەقدىرىگە مەسئۇل بولالمايدۇ" دېدى. ئۇ يەنە چاقچاق ھېسابىدا بىر گەپنى قىلدى: "ئۇكام، بەزىلەر قاچىسىغا گۆشنىڭ جىقراق چىقمايۋاتقانلىقى، تەڭ چىقمايۋاتقانلىقىدىن زارلاۋاتىدۇ، لېكىن سوغۇققانلىق بىلەن ئويلانساق، ئەگەر چۆمۈچنىڭ سېپى سەن-بىزنىڭ قولىمىزدا بولسا، گۆش تۈگۈل قاچىمۇ تېگەرمىدى بىراۋغا؟..."
        تۈنۈگۈن بىرەيلەن "ئەينى دەۋىردە كىچىك ھوقۇقدار ۋاقتىمدا تاماقنىڭ سۈيى ئۇسسۇلۇپ قالسا، ئۇ ئىشتاننى سېلىپ كاسىسىدىكى تارتۇقنى كۆرسىتىپ <كۆردۈڭمۇ ماۋۇنى، ئېشەك! مانا بۇ غوجاكاڭ چاڭجاڭنى كېسىپ ئۆتكەندە ئوق تەگكەن يەر، ئاشنىڭ قويۇقىنى ئىچەرمىزمىكىن دەپ، جاننى تىكىپ قويۇپ، ماۋۇ دۆلەتنى مىڭ بىر جاپادا ئازات قىلساق، مانا ئەمدى سەن سېرىق تۈك چۆمۈچ تۇتۇۋېلىپ ئاشنىڭ سۇيۇقىنى ئۇسسۇۋاتىسەن، ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ بۇ قازاندا؟!>؟ دەيتتى" دەپ بىر ئۇزۇن ھېكايىنى بايان قىلدى.

        بىر نەچچە يىل بۇرۇن چوڭلاردىن تارىخ ئاڭلىغىنىمدا ئۇلار ماڭا "20 نەچچە ياشلىرىمدا تۇڭگان يېغىلىقى بولدى. <تۇڭگان كەپتۇ> دېگەن بىر گەپ بىلەن مەھەللىدىكى ھەممەيلەن قاچتۇق، جاڭگالغا چىقىپ بىر گەمە كولاپ شۇ يەردە كۈن-كۈنلەپ چىقماي ياتتۇق. بەزىلىرىمىز يۇلغۇنلۇققا مۆكۈنىۋالدۇق، تۇڭگانلار كېلىپ ئۆيدىكى ئاشلىق، چارۋا-ماللارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كەتتى. <تۇڭگان كەتتى> دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ئاستا-ئاستا يۇرتقا قايتتۇق" دېگەن ئىدى. بۇ گەپنى يېقىندا يەنە ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ بۇ تارىخنى سۆزلىگەن چاغدىكى روھىي ھالىتى، چىراي ئىپادىسىگە دىققەت قىلدىم. "ئەمەتنىڭ ئۆيدە بىر موزايلىق ئىنەك باركەن، بىر كەمدە ئىنەك بوشىنىپ كېتىپ كېگىز ئورنى يەرنىڭ قونىقىنى يەپ كېتىپتۇ" دېگەن بىر ۋەقەنى بايان قىلغانغا ئوخشاشلا بىر كەيپىيات بار ئىدى. ئۇنىڭدا نە خۇرسىنىش، نە غەزەپ، نە خۇشاللىق مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. بۇ تارىخقا ئۇلىنىپ، ئوسمان قىرغىزنىڭ ئازغىنە ئادەم بىلەن قەشقەر خوتۇن-قىزلىرىنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىقى، ما نىڭ بىر نەچچە يۈز ئەسكەر بىلەن يېڭىشەھەر سېپىلىگە بېكىنىۋېلىپ، پۈتۈن سۈرۈك بىر يۇرتنى ئوڭىچە سورىغانلىقى.... دەك تارىخلار كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. "ئۇ جامائەتنىڭ ئالدىدىلا مېنى تىللاپ، ئىشتىنىنى سېلىپ كاسىسىدىكى تارتۇقنى كۆرسەتتى، ئۇ كەتمەننىڭ چۇلدىسى تەككەن يەرمۇ، يا يۇلغۇننىڭ پۇتىمىقى كىرگەن يەرمۇ، بىز بىلمىدۇق ئۇكام، ئۇ ئوق يېگەن يەر دېدى، ئوق يېسىمۇ يېگەندۇ، ئۇنىڭ ئوق يېگەن يېرىدە بىز يوق." دېدى ھېلىقى ئادەم.

       ئاتا-بۇۋىلىرىمىز بىزگە زادى نېمىلەرنى قالدۇردى؟

        يىراق تارىخ- ھۇنلار، ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە ياكى مۇ قۇرۇقلۇقى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە زادىلا قىزىقماس بولۇپ قالدىم. بىز خۇددى كلاسسىكلىرىمىزنىڭ خەلق تۈركۈملەپ قىرىلىپ، ئاچ-زارلىقتا يۈرگەن ئاشۇ دەۋرلەردە خوتۇنلارنىڭ يورغىلىشى، يار ۋەسلىگە يېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە يازغان توقام-توقام شېئىرلاردىن قانداقتۇر "زۇلمەتلىك دەۋرگە بولغان غەزەپ، يار دېگىنى ئاللاھ دېگىنى" دېگەندەك يوق نەرسىلەرنى قېزىپ، سەلتەنەتسىز ئۆتمۈشنى سەلتەنەتكە، خۇنۇك قەلەمكەشنى قەھرىمانغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشقىنىمىزدەك، يېقىنقى، ھازىرقى زامان تارىخمىزدىكى خۇنۇك سەھىپىلەرنىمۇ ئۇنداق ياكى مۇنداق شەكىلدە يالتىرىتىشقا تىرىشىمىز. بىر دېھقان "ئۇكام، موشۇ يېزىنىڭ جاپاسىنى، ئۆزۈم كۆرۈۋاتقان ئىتتىن بەتەر كۈنلەرنى ئويلىسام، ئانام مېنى شەھەرنىڭ بىر ھاجەتخانىسىغا بولسىمۇ تۇغۇپ قويغان بولسىچۇ، دەپ قالىمەن" دېگەنىدى. خۇددى شۇنىڭدەك، 20 نەچچە ياشلىق ئاتىلىرىمىز تۇڭگاندىن قېچىپ يۇلغۇنلۇققا مۆكۈنىۋالغانىكەن، تېزەك تېرىپ كىرىپ بىر يەرگە دۆۋلەپ قويسا، خۇش بولۇپ يىغلاپ كەتكەنىكەن، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئوماچ قازىنى ئالدىدا ئۇنى-بۇنى دەپ زاكۇنلىشىشقا تىلىمىز بارارمۇ؟ بەزى ئادەملەر كىشىنىڭ چىشىنى قېرىشتۇرىدۇ.

       ئەمەت ھەققىدە تازا تاتلىق غەيۋەت بولۇۋاتقان چاغدا "ھەي، بۇرادەرلەر، موشۇ گەپنى ئەمەتنىڭ ئالدىدا دېسەڭلار بولمامدۇ؟" دەپ سالىدۇ، غەيۋەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ پەيزى ئۇچىدۇ. قەلەمدارلارنىڭ بىر سورۇنىدا، بىر مۆتىۋەر: "پالانچى يازغۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش خاتا بوپتۇ" دېگەن پىكىرنى دەپتىمىش. مەن دېدىم "شۇ مۆتىۋەر نېمىشقا بۇ گەپنى تىرناقچىلىق ھوقۇقى يوق يازغۇچىلارنىڭ سورۇنىدا دېگەندۇ؟ نېمىشقا بىر تەرەپ قىلغانلارغا دېمەيدىغاندۇ؟ ئۇ مۆتىۋەرنىڭ دوبەن بەرگەن تەمتىكى تۇرسا، شۇ تەمتەكنى كۆرسەتسە ھەر قانداق بەگ-بوجاڭ بىلەن كۆرۈشەلەيتتى، ئۇدۇل كىرىپلا: "بۇ ئىش خاتا بوپتۇ، جانابلىرى ماڭا بۇ تەمتەكنى مانا موشۇنداق خاتالار ھەققىدە ئەقىل كۆرسىتەمتىكىن دەپ بەرگەن ئىدىلە، پېقىر ئۆز بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھوزۇرلىرىدىن ئادالەت تىلىگىلى كەلدىم" دېسە بولماسمىدى؟ "غىت قىسىڭ، بىز سىياسىينى ئويناپ بولالمايمىز، ئۇكام" دېگەنىدى تاھىر ھامۇت بۇلتۇر بىر ئىش ھەققىدە. يېقىندىن بۇيان، بەگ-بوجاڭ ۋە بايلارنىڭ غەيۋىتى قۇلاققا تېتىمايدىغان بوپ كەتتى. بۇ مۇنداق ئاددىي بىر لوگىكىدىن كەلگەن: ئۇلار زىيادە كۆپ جاپا ۋە بەدەل ئارقىلىق غەلبە قىلغان.

        مۇنداق زىيادە جاپا ۋە بەدەلنى تۆلىمىگەنلەر ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلسا ئاڭلىماسلىق كېرەك. ھېلىقى ھېكايىچى:"بىزمۇ يالۇجاڭ دەرياسىدىن ئۆتكەن،  ھىندىلارنى تېرى-پېرەن قىلغان، ئۇكام، لېكىن كېيىن ئاتلىق پولك يوق بولدى، قولىمىزدا لىن بياۋنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بىر كېنىشكە قالدى...." - يېقىندىن بۇيان داۋۇت ھاشىم رەھبەرلىكىدە چۇڭقۇرچاق دېھقانلىرىنىڭ كۈنى زىيادە ياخشىلىنىپ كېتىپتىمىش دەپ ئاڭلىدۇق يا ئاكا؟ - دەپ سورىدى بىرەيلەن گەپ ئارىلاپ. - شۇنداق ئۇكام، جىق ياخشى بوپ كەتتى، كەمبەغەل، تۆۋەن، ئوتتۇرا دېھقانلارمۇ كاستيۇم كىيىپ، گالىستۇك تاقايدىغان سەۋىيىگە يەتتى.....

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق