نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | قىستۇرما | ئاساسىي مەزمۇن
قىستۇرما : باشقۇرۇش سۇپىسى
2013-يىلى08-ئاينىڭ07-كۈنى | قىستۇرما |جەمئى 1041خەت بار | 1 قىتىم كۆرۈلدى+ | 13پارچە ئىنكاس بار
يازما مۇندەرىجىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !

بۇ قېتىم سىلەرگە يەنە قىستۇرما ئېلىپ كەلدىم . ئۇنداق بولسا ، گەپنى تولا قىلماي ، مەقسەتنى ئوتتۇرغا قوياي ....

قىستۇرما ھەققىدە

قىستۇرما نامى : باشقۇرۇش سۇپىسى قىستۇرمىسى
ئېنگىلىسچە نامى : Sexy Login
قىستۇرما ئالاھىلىكى : بىلوگ يان رامكىسىغا كۆركەم ۋە قولاي بولغان كېرش ۋە تىزىملىتىش ، شۇنداقلا ئارقا بەتنى باشقۇرۇش كۆزنىكى ئورنىتىپ بېرىدۇ ، باش سۈرەت كۆرسىتىشنى قوللايدۇ . قىستۇرما تەڭشىكىدىن بىلوگىڭىزنىڭ يان سىتۇن ئۆلچىمىگە ماس ھالدىكى باشقۇرۇش سۇپىسىنى كۆرسىتەلەيسىز .
كەڭ بىلوگگىر دوستلارنىڭ تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ، مەزكۈر قىستۇرما تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى .....
تىزىملىتىشتىن ئىلگىرى

تىزىملاتقاندىن كېيىن

قىستۇرما تەڭشىكى

قىستۇرمىنى قاچىلىغاندىن كېيىنكى كۆرۈنۈش

تەڭشەك بېتى كۆرۈنۈشى

قىستۇرما تەڭشىكىنى ئۆز ئارزۇيىڭىزغا ئاساسەن تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ .

قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش

قىستۇرما چۈشۈرۈش
ھۆججەت نامى :باشقۇرۇش سۇپىسى قىستۇرمىسى
ھۆججەت سىغىمى :
يېڭىلانغان ۋاقتى :2013-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى
چۈشۈرۈش ئادرېسى:ئۇيغۇرچە
ئېنگىلىسچە

ئەسكەرتىش

قىستۇرمىنى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسلىلەر بولسا ، يازما ئاستىغا ئىنكاسىڭلارنى قالدۇرۇپ قۇيساڭلار ، بىرلىكتە ھەل قىلىش ئۈستىدە پىكىرلىشىمىز ......

كۆچمە ئۈسكۈنە ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن
بىلوگ يازمىلىرى ئىككىلىك كودى !

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 13 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :7 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :6 پارچە

    1. سارايۋەن 2013-يىلى10-ئاينىڭ23-كۈنى |  1-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      بۇ قىستۇرما ھەممە ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بىرەمدۇ قانداق :mrgreen:

      Google Chrome 32.0.1664.3Windows XP
      • مۇئەللىم 2013-يىلى10-ئاينىڭ23-كۈنى |  1-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

        بۇ قىستۇرما ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بەرمەيدۇ . ئۇنداق ھۆنىرى بولسا ، سىز جاپا تارتىپ ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرىمەن ، دەپمۇ يۈرمەيتتىڭىز …. :lol:

        Google Chrome 30.0.1599.14Windows 8.1
    2. بەگمۇراد 2013-يىلى08-ئاينىڭ26-كۈنى |  2-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز
      نەچچە ۋاقتىن بېرى سەل ئالدىراش بۇلۇپ قىلىپ بۇ يەرلەرگە ئۆتكۈدەك بۇلالمىدىم، بىلوگىڭىز ھەقىقەتەنمۇ بىلوگگىرلارنىڭ شېرىن ئۇزۇقى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش كەڭ سورۇنى ئىكەن.
      مىنىڭچە بۇ قىستۇرما بىلوگگىرلارغا ھەقىقەتەنمۇ قۇلايلىق ئىپ كەلسىمۇ شەخسەن مەن ، ئەسلىدىكى ئۇسۇلدا تىزىملىتىپ كىرىشنى سەل بىخەتەر دەپ قارىدىم.

      Firefox 23.0Ubuntu Linux
    3. پاسئان 2013-يىلى08-ئاينىڭ19-كۈنى |  3-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ياخشىمۇسىز، مۇئەللىم. مەن بۇ قىستۇرمىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن ئىدىم، چېكىنىش بۇيرۇقىنى بەرگەندە نورمال چېكىندى. بىراق قايتا «كىرىش»نى بېسىپ كىرمەكچى بولسام ھېچقانداق ئىنكاس يوق. كىرگىلى بولمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمىدۇ؟

      Internet Explorer 8.0Windows XP
      • مۇئەللىم 2013-يىلى08-ئاينىڭ20-كۈنى |  1-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

        مەن سېنىغاندا نۇرمال بولغاچقا ، مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ، تارقاتقان ئىدىم ، قارىغاندا قىستۇرمىدىن يەنىلا ئۆزىمىز قوراشتۇرغان كود ياخشى ئوخشايدۇ …..

        Internet Explorer 9.0Windows 7
    4. ئاتەش يۈرەك 2013-يىلى08-ئاينىڭ15-كۈنى |  4-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم . مەن قىستۇرمىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم ئەمما يان سىتوندا كۆرۈنمىدى باشقۇرۇش سۇپىسى

      Google Chrome 28.0.1500.71Windows XP
      • مۇئەللىم 2013-يىلى08-ئاينىڭ15-كۈنى |  1-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

        ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ئاتەشجان ، بىلوگىمغا باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ، قىستۇرمىنى قاچىلىسىڭىزلا ، بىلوگ يان رامكىسىدا كۆرۈنمەيدۇ ، قىستۇرمىنى قاچىلىغاندىن كېيىن ، قوزغىتىسىز ، ئاندىن كېيىن ؛ «كۆرۈنۈش تىزىملىكى –كىچىك قورال»غا كېرىپ ، باشقۇرۇش سۇپىسى قىستۇرمىسى كىچىك قورالىنى كۆرسەتمەكچى بولغان ئورۇنغا سۆرەپ ئەكىرىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ . :mrgreen:

        Google Chrome 28.0.1500.72Windows 8
      • ئاتەش يۈرەك 2013-يىلى08-ئاينىڭ15-كۈنى |  1-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

        رەھمەت سىزگە يان سىتوندا كۆرۈندى ئەمما خەتلىرى نورمال ئەمەس باش سۆرەتنى قىستۇرمىدىن تەھرىرلەپ ئۆزگرتكىلى بولامدۇ . تەلىم بەرسىڭىز

        Google Chrome 28.0.1500.71Windows XP
        • مۇئەللىم 2013-يىلى08-ئاينىڭ15-كۈنى |  2-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

          خەتلىرىنى نۇرمال كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز ، ئاشۇ قىستۇرمىنىڭ پاسۇن ھۆججىتىدىكى(sexy-login/style.css) يېزىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئادرسىنى بىلوگ بوشلۇقىڭىزدىكى يېزىق ھۆججىتى ئادرىسىغا ئۆزگەرتسىڭىزلا ئىش تامام ، ئەمما باش سۈرەتنى بۇ قىستۇرما ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ …..

          Google Chrome 28.0.1500.72Windows 8
    5. تەشنايى 2013-يىلى08-ئاينىڭ09-كۈنى |  5-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم، مۇئەللىم! روزا ھېيىتلىرىغا مۇبارەك بولغاي… تەنلىرى ساق، ئائىلىلىرى ات – خۇراملىق بولغاي!

      Internet Explorer 6.0Windows XP
      • مۇئەللىم 2013-يىلى08-ئاينىڭ10-كۈنى |  1-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

        ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، تەشنايى ئېنىم ، سىزنىڭ ئۇلۇغ روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، ئۇرۇق-تۇغقان ، دوست-بۇرادەرلىرىڭىزنىڭ تېنى ساغلام ، ئىش-ئوقەتلىرى يۈرۈشلۈك بولسۇن . …

        Google Chrome 25.0.1364.172Windows 8
    6. ئۇيغۇرجان 2013-يىلى08-ئاينىڭ07-كۈنى |  6-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      نورمال ئەمەس ،كىرىش دىگەن كۇنۇپكىنى باسقاندىن كېيىن ئىنكاس يوق !
      مۇئەللىم بلوگىغىمۇ تىزىملىتالمىدىم!

      Google Chrome 22.0.1229.94Windows XP
      • مۇئەللىم 2013-يىلى08-ئاينىڭ10-كۈنى |  1-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

        تور كۆرگۈ ئالماشتۇرۇپ سېناڭ ، سىز مۇئەللىم بىلوگىغا ئاللىقاچان بىر قانچە نامدا تىزىملاتقان ، ئىشلەتكەن ئېلخەت تەكرار بولۇپ قالغان ياكى قالمىغانلىقىغا دىققەت قىلدىڭىزمۇ ؟ ئەگەر سىزدە مەسىلە بولمىسا ، ئېنگىلىسچىسىنى چۈشۈرۈپ سېناپ بېقىڭ ……

        Google Chrome 25.0.1364.172Windows 8

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !