ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
نۆۋەتتە بىر قىسىم بىلوگگىرلارنىڭ كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق ، ئېلاندىن خالىي ، سۈزۈك قويۇش ئۈنۈمىگە ئىگە قويغۇچنى ئۆز بىلوگىغا ئورنىتىش سادالىرى ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىدى . پىقىر خەنچە ماتىرىياللارنى كۆرۈش ۋە ئۆز بىلوگىمدا سىناش ئارقىلىق ، بۇ قويغۇچنى ئۇسلۇبقا قېتىۋەتتىم . تۆۋەندە مەزكۇر قويغۇچنى ئۇسلۇبقا قېتىش جەرياننى كەڭ بىلوگگىر دوستلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن .
تەييارلىق خىزمەت
1. ckplayer نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى تۆۋەندىكى ئادرستىن چۈشۈرۈپ ، بولاقتىن يېشىپ ، بىلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇب مۇندەرىجىسىگە يۈكلەڭ .
2. ckplayer ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى ckplayer.xml ھۆججىتىنى تەھرىرلىگۈچتە ئېچىپ ، تۆۋەندىكى قۇرنى ئۆزگەرتىڭ :
{p->1}{b->1}{s->2}{l->}{r->}{t->}{f->http: //بىلوگ نامىڭىز/wp-content/themes/ئۇسلۇبىڭىز ھۆججەت قىسقۇچ نامى/ckplayer/video.php?url=[$pat]}
3. تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇب فونېكىسىيە ھۆججىتىنىڭ (functions.php) ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدىكى ?> نىڭ ئۇستىگىلا چاپلاپ ، ساقلاپ چىكىنىڭ :
- //ckplayerقويغۇچ كودى
- add_shortcode("ckplayer","ipc_ckplayer");function ipc_ckplayer( $atts, $content=null ) {return '';}
ئەسكەرتىش
1. فىلىم قىستۇرماقچى بولسىڭىز ، تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق قىستۇرۇڭ (قىستۇرۇلغان كود ئىجرا بولىۋىلىش سەۋەبلىك ، كودنىڭ رەسىم شەكلى بېرىلدى ) :
2. قويغۇچنىڭ باشقا سىزگە يارىغان كۆركەم كۆرۈنمە يۈز قىستۇرمىلىرى بولسا ، تەۋسىيە قىلىڭ ، مۇئەللىم بىلوگى ئارقىلىق ئورتاقلىشىمىز .
3. قويغۇچنىڭ مۇئەللىم بىلوگىدىكى كۆرىنىش ئۈنۈمى :
2014-يىلى 06-ئاينىڭ 11-كۈنى 7:59 چۈشتىن كېيىن تەخىت
ننىىممااننددااقق ققىىللىىددۇۇ ؟؟ ئئىىننككااسس ييااززسساامم خخەەتت ئئىىككككىى چچىىققىىۋۋااللددىىيياا؟؟
2014-يىلى 05-ئاينىڭ 13-كۈنى 8:23 چۈشتىن بۇرۇن ئورۇندۇق
ھەجەپ تەستە ئىچىلدا مۇئەللىم بىلوگى
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 29-كۈنى 12:08 چۈشتىن بۇرۇن پەگاھ
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇئەللىمكا ،كۆرسەتكەنلىرى بويىچە قىلسام دىگەندەك بۇ قويغۇچ قاچىلاندى،لىكىن ۋىدىئونى قويالمىدى،نىمە ئىشتۇ ؟加载失败دەمدۇ نىمە ؟بىر يول كۆرسەتسىلە بوپتىكەن.
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 29-كۈنى 8:41 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@ئىشقىيار «加载失败» نىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ، 2-باسقۇچتىكى ckplayer.xml ئىچىدىكى ئادرېسنىڭ توغرا قويۇلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدىكەن . ئىككىنچى باسقۇچنى يەنە بىر تەكشۈرۈپ باقامسىز ؟
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 29-كۈنى 9:59 چۈشتىن بۇرۇن 2-قاتار
@مۇئەللىم بولىدۇ،مەن يەنە بىر ئىزدىنەي.رەھمەت مۇئەللىمكا.
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:21 چۈشتىن كېيىن 4-قەۋەت
تىلفۇنغا ماس ھالدا ئۆزگەرمەمدىغاندۇ مۇئەللىم كا … بولسا تىلفۇن ئۇسلۇبىدا شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزگەرسە تىخىمۇ ياخشىتى …
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 29-كۈنى 8:42 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@سالىھ بىگ ھازىر شۇ توغۇرلۇق ئىزدىنىپ كېتىپ بارىمەن ….
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 28-كۈنى 7:52 چۈشتىن كېيىن 5-قەۋەت
ئاشىق 2 تىلفۇندا قويۇلمىدىغۇ؟
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 29-كۈنى 8:44 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@بەھرام خەنزۇ چە مەزمۇندىكى يازمىلاردا دېيىلىشىچە ، html5 قوللايدىغان تور كۆرگۈ قاچىلانغان تېلېفۇنلاردا قويۇلارمىشلەر ……