نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | تىزىملىنىش | ئاساسىي مەزمۇن
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانغا توردا تىزىملىتىش
2014-يىلى05-ئاينىڭ16-كۈنى | تىزىملىنىش |جەمئى 1343خەت بار | 2,006 قېتىم كۆرۈلدى | 5پارچە ئىنكاس بار

نۆۋەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  ئۇنۋانغا تىزىملىتىش خىزمىتى رەسمى باشلاندى . تور ئادرسىنى ئەستە ساقلاش قولايسىز ھەم ئۇنۋانغا توردا تىزىملىتىش ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن يىڭىدىن يولغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك خىزمەت بولغانلىقى ئۈچۈن ، كەڭ كەسىپداشلار بىلەن يولۇققان مەسلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىش ۋە ئۆز ئارا ياردەملىشىپ ، بۇ خىزمەتنى ئۇتۇقلۇق تاماملاش يۈزىسىدىن بۇ تىزىملىنىش ئادرىسى تەمىنلەندى .

تىزىملىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسلىلەرگە قارىتا ، ئىنكاس شەكلىدە سۆز قالدۇرسىڭىز ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ۋە يارەمگە ئىرىشەلەيسىز .

تۆۋەندىكى ئادرس بىلەن كېرىپ تىزىملىنىڭ .

ئەسكەرتىش :
«تىزىملىتىش»--بۇ ئادرسقا كىرگەندىن كېيىن ، رەسىملىك كۆزنەكتىن بىرسى ئىچىلىپ ، سىزدىن «Silverlight»دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىشىڭىزنى ئەسكەرتىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ ئادرستىكى «Silverlight»دېتالى ئۆچۈرۈلگەنمۇ ، ئشقىلىپ چۈشۈرگىلى بولمىدى ، شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرسىنى تەمىنلەپ قويدۇم .
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ :

بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن ، بەتنى يىڭىلىسىڭىز ، بۇ دېتالنى ئەلالاشتۇرۇپ ، تىزىملىنىش توغۇرلۇق ئەسكەرتمە چىقىدۇ ، سىز جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ، بۇ دېتال ئاپتۇماتىك يىڭىلىنىپ ، تىزىملىنىش بېتى ئېچىلىدۇ .
مۇئەللىم بىلوگى سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ، سىز پەقەت ئىسمىڭىزنى ۋە ئىلخەت ئادرسىڭىزنى كىرگۈزسىڭىزلا ، ئىنكاس يازالايسىز ، تور بەت ئادرسىنى كىرگۈزۈش مۇھىم ئەمەس ، تىزىملىتىش جەريانىدە ئۇچىرىغان مەسلىلەرنى مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرسىڭىز ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئىرىشەلەيسىز ....
سىز ئۇچىرىغان ھەر قانداق مەسلىنى ئىنكاس قىلىپ قويسىڭىز ، مەن سىز ئۈچۈن تۈزۈتۈپ قويۇشقا تىرىشىمەن .

QR:  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  ئۇنۋانغا توردا تىزىملىتىش

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 5 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :3 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :2 پارچە

    1. نوقۇت 2014-يىلى05-ئاينىڭ18-كۈنى |  1-رەت جاۋاب

      ئوقۇتقۇچلارنىڭ ھەممىسى جاپاكەشلەر تۇرسا نىمشقا ئۇنداق دەرىجگە ئايرىيدۇ)

      Firefox 29.0Windows 8.1
    2. ياپراق 2014-يىلى02-ئاينىڭ16-كۈنى |  2-رەت جاۋاب

      بىز ئۇنۋان ئىلىش ئۇچۇن كومپيۇتۇردىن ،خەنزۇ تىلىدىن ئىمتھان بىرمىز.3-ئاينىڭ 29-كۇنى خەنزۇ تىلىدىن ئىمتاھان بار

      Internet Explorer 9.0Windows 7
      • مۇئەللىم 2014-يىلى02-ئاينىڭ16-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        بىز خەنزۇ تىلىدىنمۇ ۋە كومپىيۇتىردىنمۇ ئىمتىھان بەرمەيمىز ، پەقەت بىرىنچى دەرىجە ئۈچۈن ئىككى پارچە ئۇنۋان ماقالىسى ، كەسپىمىزگە ئائىت دەرس تەييارلىق ۋە سىنىپ مۇدىرلىق قوللانمىسى تەييارلىساقلا ، ئۇنۋاننى ئىمتىھانسىز بېرىدۇ ، شەرتىمىز چۈشكەن ھەر بىر ئوقۇتقۇچى مۇشۇنداق ئىمتىھانسىز ئۇنۋان ئالىدۇ . مەن قەشقەر قاغىلىقتىن ……

        Google Chrome 32.0.1700.107Windows 8.1
    3. ياپراق 2014-يىلى02-ئاينىڭ15-كۈنى |  3-رەت جاۋاب

      ئەسسەلام تورداشلار ئۇنۋان خەنزۇتىلى ئىمتاھاننىڭ پايدىلنىش ماتىريالى لازىم قەيەردىن تاپقىلى بولا

      Internet Explorer 9.0Windows 7
      • مۇئەللىم 2014-يىلى02-ئاينىڭ16-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام تورداش ، مەن ئوقۇتقۇچى بولغىلى 19يىل بولدى ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ئىمتىھانى بىكار قىلىنغىنىغىمۇ 5-6يىل بولدى . ھازىر ئۇنۋاننى ئىمتىھانسىز بېرىۋاتىدۇ . بۇ گەپنى سىزنىڭ ئىغىزىڭىزدىن ئاڭلاۋاتىمەن …….

        Google Chrome 32.0.1700.107Windows 8.1

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !