ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بىز بۇ يازمىدىن خىلى كۈنلەر ئىلگىرى ، يەرلىك مۇلازىمىتىر قۇرىدىغان باشقا دېتاللارنىمۇ ئېلان قىلغان ئىدۇق ، ئۆزۇممۇ بۇ دېتال ئۇچراشتىن ئىلگىرى WampServer ئارقىلىق مۇلازىمىتىر قۇرۇپ ، شۇ ئارقىلىق ئۇسلۇب سىناش ۋە بېكەت گۈزەللەشتۈرۈش ئىشلىرىنى قىلغان ئىدىم .
تېخنىكا ئۆگىنەي دەپ تور ئارىلاپ كېتىپ بېرىپ ، بۇ دېتالنى ئۇچرىتىپ قالدىم ، ئىشلىتىشمۇ قولايكەن ، سىستېما قوللىشىمۇ ياخشىكەن . مۇشۇ تەرەپلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ ، بىلوگداشلار ۋە كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتدە بۇ يەرگە يوللىدىم . لازىملىقلار ئىشلەتكەيسىلەر .....
ئاۋۋال چۈشۈرۈڭ
ھۆججەت سىغىمى :36MB
يېڭىلانغان ۋاقتى :2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى
چۈشۈرۈش ئادرېسى: كۆچمە خەۋەرلىشىش
قاچىلاش باسقۇچلىرى
تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن يۆنىلىش بويىچە قاچىلاپ كېتىڭ :
قىنى سىزمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىپ بېقىڭ ، كۆرۈلگەن مەسلىلەر ۋە يولۇققان قېيىنچىلىقلار بولسا ، يازما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرسىڭىزلا ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز .
تولۇقلىما مەزمۇن (2015-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى)
بىر قىسىم دوستىلارنىڭ قاچىلىغاندىن كېيىنكى ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى سۇئاللىرىغا ئاساسەن تولۇقلاندى .
مۇلازىمىتېر قۇرىدىغان دېتاللار ناھايىتى كۆپ ، phpStudy بولسا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ، بۇ دېتالنى نورمال قاچىلاپ ، مۇشۇ يازما ئىچىدىكى قىستۇرۇلغان رەسىملەر ئىچىدىن ئاستىدىن قارىغاندا ئىككىنچى رەسىمدىكىدەك مۇلازىمېتېرنى قوزغاتقاندىن كېيىن ؛ بۇ دېتال ئاپتوماتىك قۇرغان D: دىسكا غول مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى WWW مۇندەرىجىسى ئىچىگە مۇنبەر ياكى بىلوگ سىستېمىلىرىنى قاچىلاپ ، تۆۋەندىكى ئادرېس بويىچە مەشغۇلات قىلىمىز ...
- http://localhost/wp
- ياكى
- http:// 127.0.0.1 /wp
يۇقارقى ئادرېس ئاخىرىدىكى wp بولسا WordPress قاچىلانغان مۇندەرىجە بولۇپ ، يۇقىرىقى ئادرېسلار بويىچە ، كومپىيۇتىرىمىزدا قۇرغان تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىمىز ۋە ياكى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئېلىپ بارىمىز .
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 12-كۈنى 4:26 چۈشتىن كېيىن تەخىت
كۆپتىن-كۆپ رەھمەت مۇئەللىم بۇنىمۇ بىلىۋالدىم ھەم WordPress نى يەرلىكتە سىناق قىلۋاتىمەن
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 12-كۈنى 1:18 چۈشتىن بۇرۇن ئورۇندۇق
مۇئەللىم ئالدى بىلەن رەھمەت سىزگە!
بۇنى چۈشۈرۈشنىغۇ چۇشۈردۇم لېكىن قانداق ئشلىتىشنى پەقەت بىلىلمىدىم
يەنى 127.0.0.1 مۇشۇ بەتكە چىقىمىزغۇ؟ مۇشۇ يەرگىچىلا قىلالىدىم ئەڭ ئاستىغا پارول باسىدىغان يەرلەر باكەن دىمەكچى قانداق ئشلىتىدۇ بولسا مۇشۇ توغۇرسىدا يەنى مۇشۇ دېتال ئارقىلىق تەپسىلىرەك يەرلىكتە مۇھىت قۇرۇش دەرىسى سۆزلىگەن بولسىڭىز ئالەمچە خوش بولغان بۇلاتتىم مەن يىڭى ئۆگەنگۈچى شۇڭا توغرا چۇشەنسىڭىز مەندەك بىلەلمىگەن تورداشلارمۇ بىلۋالسا رەھمەت جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 12-كۈنى 2:26 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@زۇلپىقار @زۇلپىقار يازما ئاخىرىغا تولۇقلىما مەزمۇن قالدۇرۇپ قويدۇم ، شۇ يەردىن كۆرىۋىلىڭ ، مۇئەللىم بىلوگىنى قوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر !
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 07-كۈنى 9:54 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
WordPress نى مۇشۇ يەردىن باشلاپ ئۆگىنىمەنمۇ مۇئەللىم ؟
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 02-كۈنى 12:19 چۈشتىن بۇرۇن 4-قەۋەت
بۇسىستىمىنڭ نىم ئالاھىدىلىكى با؟
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 02-كۈنى 12:31 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@ئابدۇبەگ @ئابدۇبەگ ئۆز كومپىيۇتىرىڭىزدا مۇلازىمىتېر قۇرۇپ ، بىلوگنى تورسىز مۇھىتتىمۇ ئۆز كومپىيۇتىرىڭىزدا تەتقىق قىلىسىز ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىسىز . ئادەتتە بىز ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىدىغان ۋە ئۆزگەرتىدىغانلارمۇ يەرلىك مۇلازىمېتىردا قۇرۇلغان بىلوگدىن پايدىلىنىمىز شۇ …..
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 02-كۈنى 4:14 چۈشتىن بۇرۇن 2-قاتار
@مۇئەللىم @مۇئەللىم WampServer2.1a-x32 دىن قۇلايلىقمۇ؟