ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەزىز ئوقۇرمەن ، بىلوگىمغا باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
جاپا تارتىپ يازغان يازمىلىرىڭىز ۋە ياكى قان-تەرىڭىز سېڭگەن ئەسەرلىرىڭىزنىڭ كۆچۈرۈلمە قىلىپ ، باشقا مۇنبەر ياكى بىلوگلاردا ئېلان قىلىنىشىنى توسۇشنى خالامسىز ؟ بۇنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ يۈرەمسىز ؟!
نۆۋەتتىكى يازمىمىز wordpress قىستۇرمىلىرى توغرىسىدا بولۇپ ، بۇ يازمىدا تونۇشتۇرلىدىغىنى wordpress نىڭ بىلوگ بەتلىرىدە كۆچۈرۈشنى ۋە ئوڭ كونۇپكىنى چەكلەشكە ئىشلىتىدىغان ئەڭ ياخشى قىستۇرمىلىرىنىڭ بىرى -wordpress prevent copy paste .
قىستۇرما نامى : wordpress prevent copy paste
ئالاھىدىلىكى : JavaScript + CSS تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ ، بىلوگدىكى يازمىلارنى كۆچۈرۈشنى چەكلەش ۋە ئوڭ كونۇپكىنى چەكلەشتەك ئالاھىلىكلەرگە ئىگە . ئىشلىتىشمۇ قولاي ، يەنى سىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تۆت خىل تاللاش تۈرىنى ياقتۇرغىنىڭىز بويىچە تاللاپ ، «ساقلاش»نى بېسىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ .
مۇئەللىم بىلوگى كەڭ بىلوگگىرلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە ، بۇ قىستۇرمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقاتتى .
قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش
بۇ قىستۇرمىنى ئارقا بەت قىستۇرمىلار-يىڭىدىن قوشۇش (ئېنگىلىسچە)رامكىسىغا wordpress prevent copy paste دەپ يېزىپ ، بىۋاستە قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىزمۇ ياكى 1-چۈشۈرۈش ئورنىدىن ئۇيغۇرچىسىنى چۈشۈرۈپ ftp قورالى ئارقىلىق wp-content/plugins/ مۇندەرىجىسىگە قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ .
قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن قىستۇرمىنى قوزغىتىپ ، «تەڭشەكلەر»دېگەن تىزىملىكتىن چەكلەيدىغان تۈرلەرنى تاللاپ ساقلاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ .
ئەسكەرتىش
قىستۇرما تەڭشىكىدىكى «ئاسراش ئۇچۇرى ۋە ئۇلانمىلارنى كۆرسىتىش» دېگەن تۈردىكى تاللاشنى ئېلىۋىتىڭ ، بولمىسا بېكىتىڭىزنىڭ ئەڭ ئاستىدا بىر ئوشۇق ئۇلانما پەيدا قىلىپ قويىدۇ .....
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 09-كۈنى 4:03 چۈشتىن بۇرۇن تەخىت
بۇ ئۇسلۇپ مۇنبەرگە ماس كەلمەمدۇ ؟
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 09-كۈنى 10:36 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@مەمەتجان @مەمەتجان بۇ قىستۇرما مۇنبەرگە ماس كەلمەيدۇ ، ئەمما مۇنبەرنىڭ مۇشۇ قىستۇرمىغا ئوخشاش كۆچۈرۈشنى چەكلەش قىستۇرمىسى بار ، نۇرقۇتتا كۆرگەندەك قىلغان ئىدىم …..
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 02-كۈنى 12:18 چۈشتىن بۇرۇن ئورۇندۇق
رەھمەت كۆپ رەھمەت….
2013-يىلى 07-ئاينىڭ 26-كۈنى 9:03 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
ئېسىل قىستۇرما ئىكەنغۇ بۇ !
2013-يىلى 07-ئاينىڭ 26-كۈنى 8:26 چۈشتىن بۇرۇن 4-قەۋەت
ئۇسلۇبنىڭ تىلفۇن نۇسقىسى پىچەت چىقىپتۇ… شۇ تاپتا تىلفۇندا زىيارەت قىلىپ تىلفۇندا ئىنكاس يىزىۋاتىمەن
2013-يىلى 07-ئاينىڭ 25-كۈنى 5:08 چۈشتىن كېيىن 5-قەۋەت
ئىسىل قىستۇرما، چوقۇم ئىشلەتمەي بولمايدۇ بۇنى رەھمەت مەنمۇ چۈشۈرۈپ ئىشلىتەي
2013-يىلى 07-ئاينىڭ 25-كۈنى 7:01 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@تورسودا شۇڭا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم ئۇنى ، بولمىسا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تەۋسىيە قىلامتىم ؟