ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
WordPress تە قۇرۇلغان بىلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ قىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بىر قىسىم ئەخلەت ئىنكاسلار ۋە ئاپتوماتىك ساقلىنىدىغان يازما ئارگىناللىرىنىڭ ساندانغا يېزىلىۋىرىپ ، سانداننىڭ ئىجرا بولۇش ، ئوقۇش ۋە يېزىش سۈرئىتىنى ئىغىرلاشتۇرۇپ قويغانلىقىدىن دەپ قاراشقا بولىدۇ . مەيلى مۇنبەر بولسۇن ياكى بىلوگ بولسۇن ، مۇۋاپىق تەدبىر قوللانمىغاندا ، ئەخلەت ئىنكاشلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنالمايدۇ ، باھالا يېزىلىدىكەن ، ئۇ چوقۇم ساندانغا خاتىرلىنىدۇ . مۇشۇنداق بولسا ، سانداننىڭ ھەجىمى بارغانسىرى چوڭىيىپ بارىدۇ .....
بىلوگگىرلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى باش قېتىنچىلىقىنى بولسىمۇ ھەل قىلىش ئۈچۈن ، مۇئەللىم بىلوگى نۆۋەتتە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ساندان ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمىسىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم .
بىر قىسىم يېڭى ، ئىنگىلىزچە بىلمەيدىغان بىلوگگىرلارنىڭ تەمتىرەپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، قىستۇرمنىڭ ئاساسلىق جايلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندىن باشقا ، كۆزگە سەت كۆرۈنۈنىدىغان ئېلان ۋە كۆزنەكلەرنى چىقىرىپ تاشلىدىم .
قىستۇرما توغرا كەسمە يۈزى
تازلاشتىن ئىلگىرى ؛
تازلىغاندىن كېيىن ؛
ئىشلىتىش ئۇسۇلى مۇشۇنداق ئاددىي ، سىز ھىچ بولمىغاندا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بۇ قىستۇرمىنىڭ تازلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش كۇنۇپكىلىرىنى بېسىپ قويسىڭىزلا ، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يەتكەندىن سىرىت ، بىلوگىڭىزنىڭ ئېچلىش سۈرئىتىنى تىزلىتىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز ....
قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش
ھۆججەت سىغىمى :36KB
يېڭىلانغان ۋاقتى :2015-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
چۈشۈرۈش ئادرېسى:ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغىنى | ئەسلى نەشرى
ئەسكەرتىش:
قىستۇرمىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، بولاقتىن يېشىپ، wp-content/plugins مۇندەرىجىسى ئىچىگە چىقارغاندىن كېيىن، ئارقا بەتكە ئۆتۈپ، قىستۇرمىلار قاتارىدىن قوزغىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
ئەگەر ساندان تازىلاش مەشغۇلاتى قىلماقچى بولسىڭىز، تەڭشەكلەر دېگەن تىزىملىك ئىچىدىن ئېچىپ، تازىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. خاتىرجەم بۇلۇڭ، بۇ قىستۇرما پەقەت ئارتۇقچە ئەخلەت ئۇچۇرلارنى تازىلايدۇ.
ئىشلىتىش جەريانىدا بايقالغان مەسىلە ياكى يولۇققان قېيىنچىلىق بولسا ، باھا رامكىسى ئارقىلىق جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز .....
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى 4:45 چۈشتىن كېيىن تەخىت
مەنمۇ چۈشۈرۈپ مۇۋاپىقىيەتلىك ئىشلىتىۋالدىم .
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 16-كۈنى 7:56 چۈشتىن بۇرۇن ئورۇندۇق
ھازىرقى تور دىسكىللىرغا نىم بولغاندۇ ئۇف يەنە نورمال چۈشۈرگىلى بولمىدى
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 16-كۈنى 10:26 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@mehdi @mehdi نورمال ، چۈشۈرۈشكە بولدى ، ئاۋۇ 下载 دېگەن خەتنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ ، ھە …
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 15-كۈنى 7:12 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
مۇئەللىم ئاكا ئادرىسى ئۆچۈپ كىتىپتۇ
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 15-كۈنى 9:33 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@mehdi @mehdi تۈزىتىپ قويدۇم ، رەھمەت ئەسكەرتكىنىڭىزگە …
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 06-كۈنى 1:55 چۈشتىن بۇرۇن 4-قەۋەت
بەك بەلەن بولدى، ئارگىنال ھالەتتىكى يېزىلىۋاتقان يازمىلارنىمۇ يۇپتۇ.
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 05-كۈنى 8:30 چۈشتىن كېيىن 5-قەۋەت
رەھمەت ئاخىرى پۈتۈپتۇدە
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 03-كۈنى 9:39 چۈشتىن كېيىن 6-قەۋەت
ھاھاھا دىۋان…